مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3261|ئىنكاس: 26

يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىگە يانداشقان مەسىلىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 05:47:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

481372_550496558296942_327963227_n.JPG


يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىگە يانداشقان مەسىلىلەر



(مەزكۇر ماقالەمنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان خەلقئارا ئانا تىل كۈنىگە ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن)




قىسقىچە مەزمۇنى:

مەزكۇر ماقالىدە يېڭى ئىملا قائىدىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتىكى ساقلانغان بىر قىسىم مەسىللەر ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەدبىرلەر؛يېڭى ئىملا قائىدىسىدىكى قىسمەن ئىنقسىز مەزمۇنلار ئەمىلىي مىساللار بىلەن قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتۈلدى.



ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: يېڭى ئىملا قائىدىسى، ساقلانغان مەسىلىلەر، ھەل قىلىش چارىسى



دۇنيادا تىل-يېزىقى بارلىكى مىللەتلەرنىڭ شۇ تىلنى قوللىنىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك بىر يۈرۈش قائىدە-قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە يېزىقتا ئەمەل قىلىشقا تىگىلىشلىكلىرى ئىملا قائىدىسى،تەلەپپۇزدا ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىكلىرى تەلەپپۇز قائىدىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قائىدىلەر شۇ تىلنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدا ناھايىتى موھىم رول ئوينايدۇ.

دۆلىتىمىز "ج خ ج نىڭ ئاساسىي قانۇنى"، "ج خ ج نىڭ دۆلەت بىر تۇتاش قوللىنىدىغان تىل-يېزىق قانۇنى"، " ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش نىزامنامىسى " قاتارلىق قانۇن ۋە نىزاملار ئارقىلىق پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانۇن ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.

دۆلىتىمىز كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تىل-يېزىقى بار ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلغان. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى ئىچىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى،ئاخبارات ئورۇنلىرى،مائارىپ ئورۇنلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىشلىتىلىشى ئوخشاشلا قانۇنى كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنى ئۆلچەملىك يېزىش ۋە ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىلشۇناسلار ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ،ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر يۈرۈش ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقتى.

ئۇيغۇر تىلى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا قارايدىغان بولساق، يۇقىرىقى قائىدىلەر دەسلەپتە يەككە شەخىسلەر تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ( ئەڭ دەسلەپ ئايشەم شەمشىيىۋا،ئاندىن ئىبراھىم مۇتئىي ۋە غوجەخمەت سەئىدۋاققاسوفلار تەرپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان)،بارا-بارا كوللىكتىپلىشىش ۋە مۇككەممەللىشىش يولىغا قاراپ قەدەم قويغانلىقىنى ھېس يىتەلەيمىز. 1948-يىلدىن 2009-يىلىغا كەلگۈچە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى جەمئىي سەككىز قېتىم تۈزۈلدى ۋە ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى موھىم ئۆزگىرىش ھېساپلىدۇ. 2009-يىلى يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى تۈزۈلۈپ،2010-يىلى رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. لىكىن بۇ جەرياندا بۇ قائىدىلەرگە يانداشقان بىر قىسىم مەسىلىلەر يەنىلا ساقلىنىپ،تۈزىتىلمەي،چۈشەنچە بېرىلمەي تا بۈگۈنگە كەلگۈچە داۋاملىشىپ كەلدى. مەن مەزكۇر ماقالەمدە مۇشۇ ھەقتىكى ساقلانغان بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ كونكىرىت يوللىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

1. ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلماسلىقى


مەيلى قانداقلا بىر شەيئى بولسۇن،يېڭى پەيدا بولغاندا،كىشىلەرنىڭ ئۇنى تونۇش ۋە چۈشىنىشىگە مەلۇم جەريان كېرەك.ئەگەر بۇ شەيئىنى كىشىلەرگە پاتىراق تونۇتۇش ۋە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بەزى ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئۇنى تەشۋىق قىلىشقا،تونۇشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خۇددى مەلۇم كارخانىلار يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغاندا،ھەر خىل تاراتقۇلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ئۇ مەھسۇلاتنى ئېلان شەكلى ئارقىلىق تەشۋىق قىلغانغا ئوخشايدۇ. ھازىرقى زاماندا تەشۋىقاتنىڭ كۈچىنى سەل قاراشقا بولمايدۇ.نۇرغۇن مۇرەككەپ مەسىلىلەر،يېڭى ئىدىيە ۋە چۈشەنچىلەر تەشۋىقاتنىڭ رولىغا تايىنىپ ھەل قىلىنىدۇ ياكى كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش يېڭىدىن تۈزۈلگەن "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى"مۇ ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن يېڭى بىر شەيئى ھېساپلىنىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كوممىتېتى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق كادىرلار نازارىتى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق رادىيو-كىنۇ-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە چۈشۈرگەن "ش ت ي [2002] 11-نۇمۇرلۇق ھۆججەت" نىڭ روھىغا ئاساسەن بەلگۈلەنگەن "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىدىن سىناق ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار" دا "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى_ ئۇيغۇر تىلى بىلەن دەرس ئۆتىلىدىغان ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇش تىلى.ئۇيغۇر تىلىدا خىزمەت تىلى قىلغان ئاخپارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت-مائارىپ ئورۇنلىرى، ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، پەن-تەتقىقات ئاپىراتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار چوقۇم قوللىنىلدىغان تىل ھەمدە ھەر مىللەت ئاممىسى ئالاقىلىشىشتا ئورتاق قوللىنىلدىغان تىل"① دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. يەنە يۇقىرىقى ھۆججەتتە تۆۋەندىكىدە مەزمۇنلار قەيت قىلىنغان: " ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش،ياخشى ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ ئىملا تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش_ مىللەتنىڭ ئىلگىرلىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ موھىم مەزمۇنى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى تىل-يېزىقنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى بارغانسىرى گەۋدىلەنمەكتە." دېمەك، مانا مۇشۇنداق مۇھىملىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىشنىڭ قائىدىلەر تۈزۈلۈپ ۋە لۇغەت تۈزۈپ نەشىر قىلىنىش بىلەنلا داغدۇغىسىز ئاخىرلىشىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئېچىندۇرىدۇ. يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى تۈزۈلۈپ بىر قىسىم گېزىت-ژورناللاردا قىسقا خەۋەر ۋە كىچىك ماقالىلەر يېزىلغان، تىل-يېزىق كومىتېتى بىر نەچچە قارار كۇرۇس ئېچىپ بىرەر ئىككى يۈز ئادەمنى ئاندا-ساندا تەربىيلەپ قويغاندىن باشقا خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشكە كۆڭۈل بۆلمىدى. تۆۋەنگە چۈشۈپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئاساسىي جەھەتتىن بولمىدى. تىل-يېزىق كوممىتىتى تەرىپىدىن تەربىيلەنگەن سىناق ئالغۇچىلار ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى تۆت-بەش سائەت چالا-بۇلا سۆزلەپ،ئىمتىھاننى بولىشىغا ئېلىپلا بولدى قىلدى. تىل-يېزىق كوممىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بولسا،ئىشخانىسىدا ئولتۇرۋېلىپ پۇل يىغىش ۋە ئاتالمىش كىنىشكىنىلەرنى بېجىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ،تۆۋەنگە چۈشۈپ نازارەتچىلىك  قىلىشنى ئۇنتۇپ قالدى. ھەتتا " ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىدىن سىناق ئېلىش پروگراممىسى" ناملىق كىتاپنى ( بۇ كىتاپنىڭ دەسلەپكى نەشىرى 1997-يىلى تۈزۈلگەن ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان) ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى ئاندا-ساندا تۈزىتىپ ھەتتا نەشىر ۋاقتى ۋە قانچىنچى نەشرى دېگەن ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتمەستىن،تۆۋەندىكى تەربىيلەنگۈچى كۇرسانتلارغا تارقىتىپ بېرىلدى. بۇ خىل مەسئۇلىيەتسىز قىلمىش يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى بويىچە تەربىيلەنگۈچىلەرنى تېخىمۇ گاڭگىرتىپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولدى.

بىز يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن قارارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئابزاسىغا قارايدىغان بولساق مۇنداق قۇرلارنى ئۇچىرتىمىز:" قازاق تىلى،قىرغىز تىلى،مۇڭغۇل ۋە شىبە تىللىرىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى بويىچە تەربىيەلەش سىناق ئېلىش خىزمىتى شارائىت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، قەدەممۇ قەدەم قانات يايدۇرىلىدۇ.بۇ توغرۇلۇق ئايرىم ئۇقتۇرۇش تارقىتىلمايدۇ". دېمەك،ئۇيغۇر تىلى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچىدە تۇنجى بولۇپ،مانا مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتكە ئىگە بولغان تىل ھېساپلىنىدۇ. بۇ خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش ئۇيغۇر تىلىنىڭ قېلىپششى ۋە ئۆلچەملىشىشى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم. شۇڭىلاشقا بۇ ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئەسلىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تۆۋەنگە ۋە تىل-يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىندىغان ئىدارە-ئورگانلارغا چۈشۈپ ئاۋامنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر-تەكلىپلىرىگە قۇلاق سېلىشى، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ ۋە تولۇقلاپ يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنىڭ ئومۇملىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەر ئاساسي جەھەتتىن ئىشلەنمىدى. جەمىيەتتە بۇ مەسىلىدىن خەۋەردا بولغان كىشىلەر ئارسىدا بۇ ھەقتە تالاش-تارتىش بولدى. باشقىسىنى قويۇپ، ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدىكى بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساقلا كۇپايە. تەڭرىتاغ تورى (تەڭرىتاغ تورىدىكى بۇ مۇنازىرە ئۆچۈرلۈپتۇ)  ۋە مىسرانىم تورى (https://uyghur-archive.com/misranim/thread-72461-1-1.html) دىكى بۇ ھەقتىكى بەس-مۇنازىرلەر ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارتتى.

يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى تور مۇنبەرلىرىگە يوللانغاندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلار يېڭى ئىملا قائىدىسى تۈزۈلۈپ ئىككى يىل ئۆتكىچە بۇ ئىشتىن خەۋىرىنىڭ يوقلىقىنى نېمە ئۈچۈن ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىنى تولا ئۆزگەرتىدىغانلىقى ھەققىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرە باشلاندى. يېڭى ئىملا قائىدىسىنىڭ تۈزۈلىشى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى نۇرغۇن باشقۇرغۇچىلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى. چۈنكى، بۇرۇنقى ئىملا قائىدىسىگە كۆنۈپ قالغان تورداشلار مۇنبەرلەرگە تېمىلار يوللىغاندا، كونا ئىملا قائىدىسىنى ئاساس قىلغاچقا، بۇ باشقۇرغۇچىلارغا زور خىزمەت بېسىمى ئېلىپ كەلدى. قايتا-قايتا ئەسكەرتىپمۇ، ئىملا قائىدىسىگە ئەمەل قىلماي يوللانغان تېمىلارنى ئۆچۈرۈپمۇ، يېڭى قائىدە بويچە تېمىلارنى قۇبۇل قىلالماي بىر قىسىم تور بېكەتلەر مەخسۇس ئادەم تەكلىپ قىلىپ ئىملا ساقچىسى قويۇشقا مەجبۇر بولدى. يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى ھەققىدە تور دۇنياسىدىكى بۇ خىل تالاش-تارتىشلار ئەلۋەتتە مەلۇم نوقتىدىن بولسىمۇ، ئاۋام خەلقنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىشى ۋە كۆيۈنىشىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مانا بۇ ئاۋامنىڭ يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز  قائىدىلىرى ھەققىدىكى ساداسى ئىدى. مېنىڭچە، ئۇيغۇر توردۇنياسى يولۇققان ئىملا مەسىلىلىرىگە ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ھەرقايسى گېزىت-ژورناللىرىمىزمۇ يولۇقتى. دېمەك، بۇ نوقتىدىن قارىغاندىمۇ يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرلىشى ناھايىتى زۆرۈر خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. بىز باشقا تىللارنىڭ ئەدەبىي تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش تەجىرىبىلىرىنى تەنقىدىي قۇبۇل قىلغان ئاساستا بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىمىز دېسەك ئەلۋەتتە بۇمۇ ئۇنچە قىيىنغا توختىماسلىقى مۇمكىن.

مېنىڭ قارىشىمچە،بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ:

1)ئەڭ ئالدى بىلەن يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى تەننەرقى تۆۋەن كىچىك كىتاپچە شەكىلدە نەشر قىلىپ،كەڭ ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ  ئستىمال سەۋىيىسى بىلەن يېقىنلاشتۇرۇش.

2)تېلېۋىزۇر،گېزىت-ژورنال قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،ئىملا ۋە تەلەپپۇزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش،خىزمەت ۋە ئۆگىنىش جەريانىدىكى رولىنى كونكىرىت تونۇشتۇرۇپ،كىشىلەرنىڭ قايىللىقى ۋە مايىللىقىنى قوزغاش.

3) ئىملا ۋە تەلەپپۇز تەشۋىقات ئىشلىرىغا باشلامچىلىق قىلالايدىغان قابىل كىشىلەر ئارىسىدىن تەشۋىقات ئوبراز ۋاكالەتچىسى سايلاپ چىقىش، تەشۋىقات شۇئارى بولۇش،مەخسۇس تەشۋىقات كۈنى بولۇش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

4) يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنىڭ ئاساسىي روھىنى مەكتەپتىكى دەرسلەرگە سىڭدۈرۈش،كۈندىلىك ۋە دائىملىق پائالىيەتلەرگە سىڭدۈرۈش. بۇرۇنقى ئىملا قائىدىسىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن ۋە نەشر قىلىنغان دەرسلىك كىتاپلارنىڭ ئىملاسىنى ھازىرقىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىش. مەكتەپلەردە قەرەرلىك ۋە قەرەرسىز ھالدا مەخسۇس پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش مەسىلەن،مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش،زېھىن سىناش خاراكتىرلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ئانا تىلنى سۈيۈش ۋە قەدىرلەش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش.مومكىن بولسا، يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى ئومۇملاشقىچە بۇ مەزمۇنلارنى ئادەتتىكى ۋە موھىم ئىمتىھانلارنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش لازىم.

5) تەلەپپۇز قائىدىلىرىنىڭ تېلېۋىزۇر،رادىيو قاتارلىق تارقىتش ۋاستىلىرىنىڭ ھەر قايسى پروگراممىلىرىدىكى ئىجىرا قىلىنىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش.ھەر قايسى قاتلام ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا رەھبەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملارنىڭ چوڭ-كىچىك يىغىن ۋە يىغىلىشلاردا ئۆلچەملىك تەلەپپۇز بويىچە سۆزلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،ئۇلارنىڭ باشلامچىلىق رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش لازىم.

6) مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى ياخشى ئىجىرا قىلىپ، ئىملا ۋە تەلەپپۇز بويىچە سىناق ئېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش،قاتتىق تەلەپ قويۇش. تەربىيەلىنىشكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گۇۋاھنامە ئالىدىغان "گۋاھنامە پاخاللىقى" نىڭ ئالدىنى ئېلىش. شۇ ئارقىلىق بۇ سىناقنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى نوپۇزىنى تىكلەش لازىم.

2.ئۆزگەرتىلگەن ۋە تۈزىتىلگەن نوقتىلارغا ئېنىق چۈشەنچە بىرىلمەسلىكى

بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسى 1997-يىلىدىكى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە تولۇقلاش ئاساسىدا بارلىققا كەلدى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا 1997-يىلىدىكى قائىدىلەر ئاللىقاچان تۇراقلىشىپ قالغان. بۇ كىشىلەرنىڭ يېڭى ئىملا قائىدىسىنى تېخىمۇ تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئۆزلەشتۈرۋېلىشى ئۈچۈن، بىر قىسىم ئىزاھلاش ۋە ئەسكەرتىش زۆرۈر بولغان تەرەپلەرنى ئايرىم بىر بۆلەك ياكى قوشۇمچە قاتارىدا ئەمىلىي مىساللار بىلەن بۇرۇنقىسى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنغان ئاساستا بېرىلسە تېخىمۇ قولايلىق بولاتتى. مەسىلەن: "بىرىنچى تەركىبى ئىككىنچى تەركىبىگە "مۇ " باغلىغۇچىسى ياكى "ۋە" باغلىغۇچىسىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى "ئۇ" ئارقىلىق قوشۇلغان تەركىبلەر بۇرۇنقى ئىملا قائىدىسىدە جۈپ سۆز قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ يېقىن يېزىلىدۇ"دەپ بەلگۈلەنگەن بولسا، بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسىدە،" بۇنداق سۆزلەر بىرىككەن سۆز ھېسابلىنىپ قوشۇپ يېزىلىدۇ" دەپ بەلگۈلەنگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدا "س،ش،پ،ت،خ،ف،ك" قاتارلىق جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۆزلىرىدىن كېيىن "ر،ل،م"قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلسە، بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئوتتۇرسىغا "ئى" قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: پراكتىكا،تىراكتور،كىران..." دەپ بەلگۈلەنگەن. بۇ قائىدىنىڭ بېكىتىلىشى چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرغانلىق بولۇپ،ئىملا ۋە تەلەپپۇز ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق. ئەمما،بۇ قائىدە بېكىتىلگەندىن كېيىن، بىز يەنە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەۋجۈت بولغان بوغۇم شەكىللىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگىمۇ نەزەر سېلىشىمىز كېرەك ئىدى. چۈنكى،بۇ قائىدىنىڭ بېكىتىلىشى بۇرۇنقى قائىدىلەرگە ئاساسەن بېكىتىلگەن بوغۇم شەكىللىرىدىن "BBAB,BBABB " شەكىللىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىدا مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك،يۇقىرقىدەك تەرەپلەر كەڭ ئۆگەنگۈچىلەرگە ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ۋاقتىدا باشقا دەرسلىكلەرگىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بۇ خىزمەت يەنىلا شۇ پېتى تۇرۋاتىدۇ.


3. يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنىڭ ئۆگىنىش قولايلىق ھالەتكە ئەكىلىنىپ كىشىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلمەسلىكى

يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى تىلشۇناس ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى ۋە تالاش-تارتىشلىرىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ قائىدىلەرگە تۈزىتىش ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. شۇڭىلاشقا،بۇ قائىدىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن،كىشىلەر پايدىلىنىش ۋە ئىشلىتىشكە قولايلىق كىتاپچىلار ياكى ماتىرىياللار تۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنىش كېرەك ئىدى. لېكىن، بۇ قېتىمقى يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى 2009-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى"نىڭ باش قىسمىغا بېرىلگەندىن باشقا شەكىللەردە نەشىر قىلىنمىدى. بۇ لۇغەتنىڭ تەننەرقى بىر ئاز يۇقىرى بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سېتىۋىلىش ئىمكانيىتى بولمىدى. گەرچە "ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئىملا ۋە تلەپپۇز سەۋىيەسىدىن سىناق ئېلىش پروگراممىسى" ناملىق كىتاپ نەشرى ئۆزگەرتىلمەي،تارقىتىلغان بولسىمۇ،بۇ كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن قائىدىلەر بىلەن لۇغەتنىڭ باش قىسىمىغا كىرگۈزۈلگەن قائىدىلەردە خېلىلا پەرقلەر كۆرۈلدى.  مەسىلەن:

مەزكۇر كىتابتىكى "مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ئىملاسى" دېگەن قىسىمدا "قوشما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى" دېگەن بىر مەزمۇن بار بولۇپ، بۇنىڭ دائىرسىگە بېرىككەن سۆز ۋە جۈپ سۆزلەر تەۋە قىلىنغان. ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت نۇرغۇن كىتاپلاردا "قوشما سۆز" دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۇچىرىمايدۇ. قازاق س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنىستىتوتىدىن ئا. قايداروۋ قاتارلىقلار يازغان "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ناملىق كىتاپتا بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك كۆز قاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلغان: " تۈركىي تىللاردا تا بۈگۈنگىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان، ئەڭ قىيىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان مەسىللەردىن بىرى ئادەتتىكى سۆز بېرىكمىلىرى بىلەن قوشما سۆزلەرنىڭ، قوشما سۆزلەر بىلەن بېرىككەن سۆزلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەرنى بەلگىلەش مەسىلىسىدۇر. ئەسلىدە سۆز بېرىكمىلىرى، قوشما سۆز ۋە بېرىككەن سۆزلەر مۇرەككەپ سۆز ھاسىل قىلىش جەريانىنىڭ ئىزچىل رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشىدىغان ئۈچ تەرەققىيات باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. يەنى بىرىنچى ھەم دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچى سۆز بېرىكمىلىرى، ئىككىنچى تەرەققىيات باسقۇچى-قوشما سۆزلەر، ئەمدى ئۈچىنچى ھەم ئاخىرقى تەرەققىيات باسقۇچى- بېرىككەن سۆزلەردۇر". دېمەك، بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، بېرىككەن سۆزلەرنى تېگى-تەكتىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپلا قوشما سۆزلەرگە تەۋە قىلىش ئانچە ئىلمىي بولمىغان قاراش ھېساپلىنىدۇ. يېڭى ئىملا قائىدىسىدە، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى تېرمىنلار كېيىنكى تەتقىقاتقا قالدۇرۇلغان بولۇپ، بىر قەدەر ئىلمىيلىكنى ساقلىغان. لېكىن، مەزكۇر كىتاپتا بولسا، بۇ قائىدە يەنىلا مەجبۇرىي قىستۇرۇپ قويۇلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر كىتاپنىڭ يەنە مۇشۇ " مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ئىملاسى" دېگەن قىسمىدا، يېڭى ئىملا قائىدىسىدە يوق بىر قانچە قائىدىلەر يەنىلا ساقلاپ قېلىنغان. مەسىلەن: بېرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدا "ئۈچ ياكى تۆت سۆزدىن تەركىب تاپقان بېرىككەن سۆزلەردە مۇناسىۋىتىگە قاراپ ئالدىنقى ياكى كېيىنكى ئۈچ تەركىب قوشۇپ يېزىلىدۇ (مەزكۇر كىتاپنىڭ 42-بېتىدە)" دېگەن قائىدە؛جۈپ سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدا "ئەگەر تەكرارلانغان ئىككى سۆزنىڭ بىرىنچى تەركىبى جۈملىدە ئىگە رولىدا كەلسە، ئۇلار جۈپ ھېسابلانمايدۇ(مەزكۇر كىتاپ 43-بەت)" دېگەن قائىدە؛ سانلارنىڭ ئىملاسىدا " مۆلچەر سانلار ئېھتىياجغا قاراپ، رەقەم ياكى ھەرپ بىلەن يېزىلسا بولىدۇ (مەزكۇر كىتاپ 45-بەت)" دېگەن قائىدە؛ چەتتىن تىلدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدىكى " – ېئا،-ېئو" قۇرۇلمىسىدىكى سۆزلەردە مەزكۇر ئىككى سوزۇق تاۋۇش قاتار يېزىلىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن: فېئودالىزىم، رېئاكسىيە....(مەزكۇر كىتاپ 49-بەت)" دېگەن قائىدىلەر يېڭى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىلىرىدە چىقىرۋىتىلگەن بولۇپ، بۇلار مەزكۇر كىتاپتا يەنىلا ساقلاپ قېلىنغان.بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم قائىدىلەر يېڭى ئىملا قائىدىسىدىكى قائىدىلەر ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ بولمىسىمۇ، بۇنىڭغا ئوخشاش قائىدىلەرنىڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىماسلىقى ئېنىقلا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ قايمۇقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆگەنگۈچىلەر زادى قايسى قائىدە بويچە ئىش كۆرۈشتە قايمۇقۇپ قالىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا سىناق ئېلىش پروگراممىسىغا كىرگۈزۈلگەن بىر قىسىم قائىدىلەر ئىچىدە،بولۇپمۇ بۇ قېتىم يېڭىلانغان قىسمى گەۋدىلىك بولغان سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى تومتاقلا چۈشەندۈرۈپ قويۇلغان. پېئىللارنىڭ ئىملاسى پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان.

كىشىنى ئەڭ ئېچىندۇردىغىنى سىناق ئېلىش پروگراممىسى ئىچىدە نۇرغۇن جايلاردا ئىملا خاتالىقلىرىغا يول قويۇلغان. مەسىلەن:

مەزكۇر كىتاپتا يېزىلغىنى                 توغرىسى

ئارميەدە(30-بەت)                        ئارمىيەدە

ئۈزەك(41-بەت)                            ئۆزەك

شۈجۇۋ(47-بەت)                           شۈجۇ

لى رۇيخۇەن(47-بەت)                  لى رۈيخۇەن

گوۇيۈەن(48-بەت)                      گوۋۇيۈەن

ئىستاج(48-بەت)                           ئىستاژ

ئىستودىيە(48-بەت)                      ئىستۇدىيە

خىروستال(49-بەت)                        خىرۇستال

ۋېدىيولۇق (52-بەت)                  ۋىدىيولۇق

دىبالىكتى(59-بەت)                    دىيالېكتى

تىراگىدىيە(66-بەت)                   تىراگېدىيە

مەزكۇر كىتابنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىدىغان بولساق، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىملا خاتالىقلىرى خېلى كۆپ ئۇچىرايدۇ. توغرا يېزىش قائىدىسىنى ئۆگىتىدىغان كىتاپتا بۇنىڭغا ئوخشاش خاتالىقلارنى ئەلۋەتتە ئادەتتىكى خاتالىق دەپ ئۆتكۈزۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇ ئۆز ۋاقتىدا تۈزىتىلىشى لازىم.

4. يېڭى ئىملا قائىدىسىدىكى بىر قىسىم ئېنىقسىزلىقلار يەنىلا مەۋجۈت.

يېڭى ئىملا قائىدىسى گەرچە ئالدىنقى قېتىملىق ئىملا قائىدىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە ئەتىراپلىق بولسىمۇ، بۇنڭدا بىر قىسىم ئېنىقسىزلىقلار ۋە كەم قالغان تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. بۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.

1) ئادەتتە "ئا،ئە" تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەردە مەيلى ئىسىملاردا بولسۇن،مەيلى پېئىللاردا بولسۇن، بىر بوغۇملۇق سۆزلەردىكى"ئا،ئە" تاۋۇشلىرى "ئې"غا؛ كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردىكى "ئا،ئە" تاۋۇشلىرى" ئى"غا نۆۋەتلىشىدۇ. بۇ قائىدە كۆپىنچە سۆزلەرگە ئورتاق. پېئىللارنىڭ ئىملاسىدا "ئال،بول،چال،سال،قال،كەل" پېئىللىرى مۇستەقىل مەنىدە "پ" رەۋىشداش شەكلىدە كەلگەندە، ئۇلارغا تۈسلۈك مەنە ئۈچۈن "ئال" پېئىلىنىڭ "پ" لىق رەۋىشداش شەكلى قوشۇلۇپ كەلسە،ھەر ئىككى تەركىبتىكى "لى-" ۋە "لۇ-" بوغۇملىرى چۈشۈرۈلمەي بېرىكتۈرۈپ يېزىلىدۇ. بۇ پېئىللاردىكى "ئا،ئە" تاۋۇشلىرى "ئې"غا نۆۋەتلەشكەندىن سىرت،يەنە بىرىنچى تەركىبنىڭ ئايىغىدىكى "پ" تاۋۇشىمۇ "ۋ"تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشتۈرىلىدۇ. مەسىلەن:

ئال- +ىپ+ ئال+ىپ= ئېلىۋېلىپ

بول-+ىپ+ئال+ىپ=بولىۋېلىپ

دەپ بەلگۈلەنگەن. يۇقىرقى پېئىللار يەككە-يەككە تۇرغاندا بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى "ئا" تاۋۇشىنىڭ "ئې" غا نۆۋەتلىشىش ئومۇمىي قائىدىگە ئۇيغۇن. لېكىن بۇلار بېرىكتۈرۈلگەندىن كېينمۇ، يەنىلا ئەسلا ھالىتىدە يېزىلىشى كىشىلەردە ئېنىقسىزلىق ۋە چۈشنىكسىزلىك پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىۋاتقان باشقا مىللەت كىشىلىرىگە نىسبەتەن يەنە بىر قىيىن نوقتىنى پەيدا قىلىدۇ. يېڭى ئىملا قائىدىسىدە بۇرۇن بىز دەپ ئادەتلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم قائىدىلەر بىرلىككە كەلتۈرلۈپ ئومۇمىي قائىدىگە بېقىندۇرۇلغان. ھەم بىزنىڭ توغرا يېزىش قائىدىسىنى ئىگەللىشىمىزگە قولايلىق يارىتىلغان. مېنىڭچە، يۇقىرقى قائىدىمۇ مۇشۇ قاتاردا بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا، تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە ئىلمىي بولغان بولاتتى.

2) بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسىدە تەركىبدە قوشما ئۈزۈك تاۋۇش بولغان بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئىملاسى قەتئىي تىلغا ئېلىنمىغان.

بۇ خىل سۆزلەر ئادەتتىكى يېزىقتا ئىملا خاتالىقى ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان تەركىبلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق سۆزلەر ئېيتىلىشتا تەركىبىدە "ئى" تاۋۇشى باردەك تۇيغۇ بېرىدۇ.شۇڭىلاشقا، كىشىلەر ئوڭايلا خاتا يېزىپ قويىدۇ. مەسىلەن:

خاتاسى                                        توغرىسى

خەلىق                                         خەلق

شەرىق                                         شەرق

پەرىق                                          پەرق

كەنىت                                          كەنت

قاتارلىقلاردۇر. مېنىڭچە، بۇ سۆزلەر مەخسۇس قائىدە بويىچە ئېنىق بىر ئۆلچەم بىلەن يېڭى ئىملا قائىدىسىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك ئىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىملا قائىدىسىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرلىشىغا تۈرتكە بولاتتى.

3)يېڭى ئىملا قائىدىسى ئىچىدىكى بىر قىسىم مىساللارنىڭ مەنىسىنىڭ ئېنىق ئىزاھلانماسلىقى.

يېڭى ئىملا قائىدىسى ئىچىدە بولۇپمۇ، چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدا مىسال تەرىقىسىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەر ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر بولۇپ، بۇنى ئاددىي خەلق ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. ئەسلىدە بۇ خىلدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى شۇ سۆزنىڭ ئاخىرىغا تىرناق ئىچىگە ئېلىنىپ بېرىلىسە، تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولاتتى. چۈنكى، مەنىسىنى چۈشىنەلمىگەن ئەزەلدىن ئشلىتىپ باقمىغان سۆزنى باشقىلارنىڭ توغرا يېزىشنى ئۆگىنىشى قىيىنغا توختايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنى لۇغەتلەردىن ئىزدەپ تېپىشمۇ قىيىن. مەسىلەن:

ئىسفېرا،ئىسپورا،پىتومائىن،پىتېروكارىيە،سىلانتېس،دىراۋىد،سىمولا قاتارلىق سۆزلەرنىڭ زادى قايسى ساھەدىكى ئاتالغۇلار ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل سۆزلەرنىڭ پەقەت چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنىڭ يېزىلىشىغا مىسال تەرىقىسىدىلا ئېلىنىپ قويۇلىشى، مەنىلىرىنىڭ ئىزاھلانماسلىقى كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا تەسىر يەتكۈزىشى مومكىن.

دېمەك، يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىش ۋە كىشىلەرنىڭ توغرا يېزىش، توغرا سۆزلەش جەريانىغا يىتەكچىلىك قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يالغۇز بۇ قائىدىلەرنى تۈزۈپ قويۇش بىلەنلا توختاپ قالسا ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. بۇ قائىدىلەر ھەقىقىي ئىشلىتىلىش ئورنىنى تېپىشى بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈرى تەشۋىقات- تەربىيە خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

پايدىلانغان ماتىرىياللار

1. ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق كوممىتېتى تۈزگەن، " ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى"،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2009-يىلى 9-ئاي 1-نەشىرى

2. ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق كوممىتېتى تۈزگەن، "ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىدىن سىناق ئېلىش پروگراممىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2002-يىلى 7-ئاي 1-نەشىرى،2003-يىلى 9-ئاي 2- بېسىلىشى(بۇ كىتاب مەزمۇن قىسمەن ئۆزگەرتىلسىمۇ،نەشىر نۇمۇرى ئۆزگەرتىلمىگەچكە، كىتابنىڭ كەينىدىكى يىل تەرتىپى بويىچە ئېلىندى)

3. كوللىكتىپ تۈزگەن، "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى"، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىل 1-نەشرى

4.ئا. قايداروۋ قاتارلىقلار يازغان، "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى"، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1985-يىل 8-ئاي 1-نەشرى

5.ئابدۇرۇپ پولات تەكلىماكانى، "ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى ۋە لېكسىكا تەتقىقاتى"، مىللەتلەر نەشرىياتى،2011-يىلى 4-ئاي1-نەشرى

6. ئابدۇرېھىم زۇنۇن،«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭئىملا لۇغىتى» ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىز،«خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2010 – يىللىق 1- سان

مەنبە:لوپنۇرى تور خاتىرىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-17 05:51 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 55 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 55   باھا خاتىرىسى

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2630
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1695 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 09:32:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆجىزە
ئىنكاسلىرىم ئارقىلىق ساقلىۋېلىپ ، كىيىنچە ئۇقۇي، ئىشقىلىپ لوپنۇرىنىڭ ھەر بىر تېمىسى مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ ، ھارماڭ قېرىندىشىم

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77668
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2012-3-19
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 09:44:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تور بەت يۈزىدە ئىملا تەكشۈرۈش قۇرالىنى  http://pdf-books.info دىن ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ،   تەكلىپ پىكىر بىرىڭ.  

http://pdf-books.info
توردا ئىلكىتاب تۈزۈۋېلىڭ

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20706
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2079 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 10:44:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلنىڭ ئىملا سى ۋە تەلەپپۇزى توغرا بولمىسا،تىل ئىپادىلىگەن مەزمۇندا خاتالىق كۆرۈلىدۇ.مەسىلەن؛بالىلار ھازىر
ما سومكامغا قالاپ قويە،     ئاغاچ كەت.   ---
يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىگە يانداشقان مەسىلىلەر -

ھەققىدىكى بۇ ئەمىلى مەسىلەرنى بىلىپ قويۇش  بىز ئۈچۈن پايدىلىق.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 11:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hotanboyxxx يوللىغان ۋاقتى  2013-2-17 09:44 PM
تور بەت يۈزىدە ئىملا تەكشۈرۈش قۇرالىنى  http://pdf-books.info دى ...

مەن كىرىپ سىناپ باقتىم،ناۋادا بۇ يۇمشاق دېتالىڭىز يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە تۈزۈلگەن بولسا، ناھايىتى ئېسىل ئىش بولۇپ كەتكۈدەك. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى ئىملا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىيالىغۇدەك. ھېلىمۇ بەك ياخشى بوپتۇ.تورداشلارنىڭ ئۈستىدىكى ئادېرىسقا كىرىپ سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87914
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2013-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:07:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە پايدىلىق يازما بولۇپتۇ،ئۆز تىلىمىز ئۆز يېزقىمىزنى ئۆزىمىز قوغداپ تەرەققى قىلدۇرمىساق باشقىلار بىزگە قوغداپ تەرەققى قىلىدۇرۇپ بەرمەيدۇ ئەمەسمۇ!ھە راس بۇ « پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇشنى »دېگەننى ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزدا ھەم شۇنداق دەمدۇق ياكى «خەنزۇ ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش» دەمدۇق؟مەن تازا بىلەلمەي قالدىم،بۇ جەھەتتە ھەم بىلىمىم بەكلا تۆۋەن،مۇشۇنداق سۇئال سورغانلىقىمنى كۈچۈرىڭ،پەقەت بىلىۋېلىش ئىستىكىم بار،رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mptfe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-18 12:10 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23653
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6091
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:32:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2009-يىلى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى 16 فورماتلىق قەغەزدە مەخسۇس ژۇرنالدەك تۈپلەپ بېرىلگەن تۈزىتىشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 02:35:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mptfe يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 12:07 AM
ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە پايدىلىق يازما بولۇپتۇ،ئۆز تىلى ...

مېنىڭچە «پۇتۇڭخۇا(普通话)»دېگەننى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز دېسەك مۇۋاپىق بولارمىكىن. بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇر تىلىدا «ئۈرۈمچى تەلەپپۇزى»ئۆلچەملىك تەلەپپۇز دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، خەنزۇ تىلىدا بولسا «بېيجىڭ تەلەپپۇزى».

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3650
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28616
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5171 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:31:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ئۇيغۇر يېزىقى يەنى ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىدا ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈش ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس ، ھەتتاكى بىر قىسىم مەتبۇئات ۋە تېلىۋىزيە ئىستانسسىلىرىنىڭ پىروگراممىلىرىدىمۇ بۇنداق ئىشلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ .
مەسىلەن : شىنجاڭ خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلسىڭىز ئىملا خاتالىقىنى پات پات كۆرۈپ تۇرىسىز .
تولۇق - تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مىللى كىتاپ دەرىسلىكىدىمۇ نەچچە يەردە ئېغىر ئىملا خاتالىقىنى بايقىدىم .

تولا ھاللاردا  ئى ھەرپى ئىشلىتىشكە تىگىشلىك بولمىغان جايلارغا قوشۇلۇپ قالدىكەن .
ئۇندىن باشقا ف ھەرپى بىلەن غ ئوتتۇرا ھەرىپلىرى ئالمىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپكەن .
يەنە ئو ، ئۇ ، ئۆ ، ئۈ لەرنى پەرىق ئەتمەي ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئەھۋالىمۇ جەمىيتىمىزدە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىكەن .

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1350
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 08:02:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە مىللىتىگە ۋە ئانا تىلىغا نىسبەتەن چوڭقۇر مۇھەببىتى بار كىشىدە ئىملا سەۋەنلىكى بەك ئاز كۆرۈلىدۇ .

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش