Ⅳ ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى
1. ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشكە يول قويۇلمايدۇ.
1) ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئۆز پېتى يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئات- + سا = ئاتسا (ئاسسا ئەمەس)
سات + سا = ساتسا (ساسسا ئەمەس)
ئاچ-+ قان = ئاچقان (ئاشقان ئەمەس)
قاچ- + قۇن = قاچقۇن (قاشقۇن ئەمەس)
ئىچ- + مەك = ئىچمەك (ئىشمەك ئەمەس)
چاچ- + سا = چاچسا (چاسسا ئەمەس)
توش- + سا = توشسا (توسسا ئەمەس)
قوش + سا = قوشسا (قوسسا ئەمەس)
ساق + لا = ساقلا- (ساخلا ئەمەس)
ۋاق + لىق = ۋاقلىق (ۋاخلىق ئەمەس)
كېرەك + لىك = كېرەكلىك (كېرەگلىك ئەمەس)
تۈۋرۈك + لۈك = تۈۋرۈكلۈك (تۈۋرۈگلۈك ئەمەس)
چىرايلىق + راق = چىرايلىقراق (چىرايلىغراق ئەمەس)
2) ”ق، ك، پ“ تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ”ق، ك، پ“ تاۋۇشلىرى ئىملادا ئۆز پېتى يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ياتاق + ى = ياتىقى (ياتىغى ئەمەس)
ئاتاق + ى = ئاتىقى (ئاتىغى ئەمەس)
تىلەك + ى = تىلىكى (تىلىگى ئەمەس)
پىلەك + ى = پىلىكى (پىلىگى ئەمەس)
تەكلىپ +ى = تەكلىپى (تەكلىۋى ئەمەس)
ئارخىپ + ى = ئارخىپى (ئارخىۋى ئەمەس)
2. ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى
جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقانلىرى:
باج – باجدا، باجغا، باجدىن،
تار – تاردا، تارغا، تاردىن،
ياز – يازدا، يازغا، يازدىن،
تال – تالدا، تالغا، تالدىن،
نان – ناندا، نانغا، ناندىن،
باي – بايدا، بايغا، بايدىن
دۇتار – دۇتاردا، دۇتارغا، دۇتاردىن، ... ...
تومۇز – تومۇزدا، تومۇزغا، تومۇزدىن، ... ...
قورغان – قورغاندا، قورغانغا، قورغاندىن، ... ...
مۇقام – مۇقامدا، مۇقامغا، مۇقامدىن، ... ...
تاڭلاي – تاڭلايدا، تاڭلايغا، تاڭلايدىن، ... ...
قاراۋۇل – قاراۋۇلدا، قاراۋۇلغا، قاراۋۇلدىن، ... ...
جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقانلىرى:
داپ – داپتا، داپقا، داپتى، ... ...
بەت – بەتتە، بەتكە، بەتتىن، ... ...
كەچ – كەچتە، كەچكە، كەچتىن، ... ...
شاخ – شاختا، شاخقا، شاختىن، ... ...
داس – داستا، داسقا، داستىن، ... ...
تۆش – تۆشتە، تۆشكە، تۆشتىن، ... ...
قاق – قاقتا، قاققا، قاقتىن، ... ...
تەك – تەكتە، تەككە، تەكتىن، ... ...
قۇرۇت – قۇرۇتتا، قۇرۇتقا، قۇرۇتتىن، ... ...
ئۇماچ – ئۇماچتا، ئۇماچقا، ئۇماچتىن، ... ...
نەققاش – نەققاشتا، نەققاشقا، نەققاشتىن، ... ...
كۇھىقاپ – كۇھىقاپتا، كۇھىقاپقا، كۇھىقاپتىن، ... ...
ئورۇندۇق – ئورۇندۇقتا، ئورۇندۇققا، ئورۇندۇقتىن، ... ...
ئەسكەرتىش:
①”ب، د“ ۋە ”ھ“ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر جانلىق تىلدا جاراڭسىزلاشتۇرۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنغاچقا، مۇنداق سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
ھېساب – ھېسابتا، ھېسابقا، ھېسابتىن، ھېسابى،
كىتاب – كىتابتا، كىتابقا، كىتابتىن، كىتابى،
ئىقتىساد – ئىقتىسادتا، ئىقتىسادقا، ئىقتىسادتىن، ئىقتىسادى
مۇراد – مۇرادقا، مۇرادتىن، مۇرادى،
پادىشاھ – پادىشاھتا، پادىشاھقا، پادىشاھتىن، پادىشاھى،
ئارامگاھ – ئارامگاھتا، ئارامگاھقا، ئارامگاھتىن، ئارامگاھى
②”غ، گ“ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە مۇشۇ ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ئىككى ئوخشاش جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشنى بىرلا ۋاقىتتا ئېيتىش تەلەپپۇزغا ئېغىرلىق كەلتۈرگەچكە، مۇنداق سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
باغ + قا = باغقا (باغغا ئەمەس)
تاغ + قا = تاغقا (تاغغا ئەمەس)
تۇغ + قان = تۇغقان (تۇغغان ئەمەس)
ئەگ +كەن = ئەگكەن (ئەگگەن ئەمەس)
تەگ + كەن = تەگكەن (تەگگەن ئەمەس)
بەگ +كە = بەگكە (بەگگە ئەمەس)
3. ئۈزۈك تاۋۇش ”ي“ نىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى
1) ئاخىرقى بوغۇمى ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدىكى بەزى سۆزلەرگە تەۋەلىك بىرىنچى، ئىككىنچى شەخس قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، قوشۇمچىنىڭ ئالدىدا ”ي“ تاۋۇشى كۆپىيىپ قالىدۇ ۋە ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلىدۇ. ئۈچىنچى شەخستە ھەممىسىگە ئوخشاشلا ”سى“ قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
پولۇ – پولۇيۇم، پولۇيۇڭ، پولۇسى
توخۇ – توخۇيۇم، توخۇيۇڭ، توخۇسى
چەيدۇ – چەيدۇيۇم، چەيدۇيۇڭ، چەيدۇسى
ئىملا – ئىملايىم، ئىملايىڭ، ئىملاسى
2) ”سۇ“ سۆزى تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەندە، ”ي“ تاۋۇشى كۆپىيىپ قالغاندىن باشقا ”ۇ“ تاۋۇشى ”ۈ“ گە نۆۋەتلىشىدۇ ۋە ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى ئۈچۈن ”سى“ ئەمەس بەلكى ”ى“ قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
سۇ – سۈيۈم، سۈيۈڭ، سۈيى
3) رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىدىن كىرگەن ”-ىئا، -ىئو“ قۇرۇلمىسىدىكى سۆزلەر تىلىمىزنىڭ فونېتىكىلىق قانۇنىيىتىگە بويسۇندۇرۇلۇپ، مەزكۇر ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىغا ئۈزۈك تاۋۇش ”ي“ قوشۇلىدۇ ۋە ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
پىيانىنو، رادىيو، دىيامېتىر، تىياتىر، دىيالوگ، ماتېرىيالىزم، سوتسىيالىزم، فىرازىيولوگىيە، دىيافراگما، ئاككوردىيون، دىيالېكت،
Ⅴ مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
1. تۈپ سۆز ۋە قوشۇمچىلار ئارقىلىق ياسالغان ياسالما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
تۈپ سۆز ۋە قوشۇمچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ياسالغان ياسالما سۆزلەر جۈملىدە مۇستەقىل لېكسىكىلىق بىرلىك سۈپىتىدە بىر-بىرىدىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
باھار بىلەن تەڭ پۈتكۈل كائىنات جانلىنىشقا باشلىدى.
2. بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
بىرىككەن سۆزلەر بىر لېكسىكىلىق بىرلىك ھېسابلىنىپ، ئۇنى تەشكىل قىلغان ئىككى تەركىب قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
تۆگىتاپان، توشقانقۇلاق، قىرىققۇلاق، مۈشۈكياپىلاق، سەكسەنپۇت، بۇغىئوت،
ئىشقىلىپ، جاھانكەزدى،
ئەسكەرتىش:
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قانداق بىرىكمىلەرنى بىرىككەن سۆز دەپ تونۇش مەسىلىسى تېخى نەزەرىيە جەھەتتىن ھەل بولمىدى. شۇڭا بۇنىڭغا ئالاقىدار كونكرىت مەسىلىلەردە ئۇيغۇر تىلچىلىرى ئارىسىدا ھېلىمۇ ئىختىلاپ داۋام قىلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىلىق بايلىقى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بىرىككەن سۆزلەرنى، شۇنىڭدەك بىرىككەن سۆزلۈك يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بىرىكمىلەرنى بىر گەۋدە سۈپىتىدە قوشۇپ يازغان پايدىلىق. تېخى تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان بىرىكمىلەرنى ئۇلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قاراپ كېيىنچە بىر تەرەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. بىز ھازىرچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئاساسەن قوشۇپ يېزىلىۋاتقان بىرىكمىلەرنى بىرىككەن سۆزلەر قاتارىدا مىسالغا ئالدۇق.
2) بىرىككەن سۆزلەرنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشى ھازىرغىچە كېلىۋاتقان ئادەت بويىچە يېزىلىدۇ.
ئاشقازان، سەپرائوت، قاراماي، قارادۆڭ، قاراشەھەر، .
بۇغىئوت، تۆگىتاپان، قارىمۇچ، قارىقات، بالىياتقۇ، سەللىگۈل.. .
3) بىرىنچى تەركىبى ئىككىنچى تەركىبكە ”مۇ“ باغلىغۇچىسى ياكى ”ۋە“ باغلىغۇچىسىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى ”ئۇ“ ئارقىلىق قوشۇلغان بىرىكمىلەر بىرىككەن سۆز ھېسابلىنىپ، قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
باغۇبوستان، ئەيشۇئىشرەت، دادۇپەرياد قولمۇقول،
قارىمۇقارشى، خىلمۇخىل، قاتمۇقات، ئۈستمۇئۈست
4) ئىككىنچى تەركىبى ”ب“ بىلەن باشلانغان بىرىككەن سۆزلەرنىڭ بوغۇم بېشىدىكى ”ب“ تاۋۇ- شى ”ۋ“ تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي، ئىملادا ”ب“ شەكلىدە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئونبېشى، يۈزبېشى، يۈزبېگى، مىڭبېگى، موزايبېشى، شىللىباغ، بەلباغ، پاينەكباش، قاپاقباش، يۇمشاقباش، ئۈستباش، يېڭىباشتىن، كۆكباش، كاتتىباش، ئىشتانباغ،
گۈلباغ، ئازادباغ، دۆلەتباغ، چىنىباغ، مارالبېشى، يۇلتۇزباغ، سايباغ، شامالباغ،
ئەمەتباقى، توختىباقى، ئاخۇنباي، ئابلاباقى،
5) تىلىمىزغا پارس تىلىدىن كىرگەن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلاردىن ”-باز، -بان“ بىلەن ياسالغان سۆزلەردىكى قوشۇمچىنىڭ بېشىدا كەلگەن ”ب“ تاۋۇشلىرى ئۇزۇن يىل داۋامىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ ”ۋ“ تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ ”-ۋاز، -ۋان، -ۋەن“ بولۇپ كەتكەن. پەقەت ”-باز“ شەكلى ئايرىم سۆزلەردە ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان. بۇ خىل سۆزلەرنىڭ ئىملادا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىغانلىرى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىغان ھالىتىدە، فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىمىغانلىرى ئەسلى ھالىتىدە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
دارۋاز (ئەسلى دارباز) قىمارۋاز (ئەسلى قىمارباز)
يۇرتۋاز (ئەسلى يۇرتباز) سىياسەتۋاز (ئەسلى سىياسەتباز)
باغۋەن (ئەسلى باغبان) سايىۋەن (ئەسلى سايىبان)
جانباز، خوتۇنباز، تەركىپباز، تەرەپباز، ...
6) ئىككىنچى تەركىبى لېكسىكىلىق مەنىلىرىنى يوقىتىپ مۇستەقىل قوللىنىلىشتىن قالغان ياكى لېكسىكىلىق مەنىلىرى سۇسلىشىپ، قوللىنىلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان بىرىككەن سۆزلەر قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
بالىۋاقا ( بالا-بارقا ) ،ئۆيۋاق( ئۆي-بارق )، تەڭتۇش، تەلتۆكۈس
3. جۈپ سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
1) جۈپ سۆزلەر ۋە جۈپلەنمە بىرىكمىلەرنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئاتا-ئانا توي-تۆكۈن ئات-ئۇلاغ
خۇشال-خۇرام ھارماي-تالماي ئۇزۇن-قىسقا
قاتتىق-قۇرۇق پات-پات قات-قات قەۋەت-قەۋەت
2) ئىككىنچى تەركىبى كېلىشلەر بىلەن تۈرلەنگەن تەكرارلانغان جۈپ سۆزلەر ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئارقا-ئارقىدىن زامان-زاماندىن كەينى-كەينىدىن
جاي-جايىغا جاي-جايىدا تۆپە-تۆپىسىگە
ئۆز-ئۆزىنى بىر-بىرىنىڭ دوقمۇش-دۇقمۇشتا
3) بىرىنچى تەركىبى چىقىش كېلىش بىلەن كېلىپ تەكرارلانغان سۆزلەردىن ھاسىل بولغان بىرىكمىلەر جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ، ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
كۈندىن-كۈنگە ھېلىدىن-ھېلىغا شاختىن-شاخقا
ئۆيدىن-ئۆيگە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا
4) تەكرار كەلگەن ئىككى سۆزنىڭ ھەر ئىككىسى ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەندىن سىرت يەنە كېيىنكى سۆزگە باشقا كېلىش قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئۇلار جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ، ئىككى سۆز ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
جايى-جايىدا ئورنى-ئورنىدا ۋاقتى-ۋاقتىدا
جايى-جايىغا ئورنى-ئورنىغا ئىچى-ئىچىدىن
5) تەكرار كەلگەن ئىككى سۆزنىڭ كېيىنكىسىگە ياكى ھەر ئىككىسىگە ”لااپ، لەپ“قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەر جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ، ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئاي-ئايلاپ كېچە-كېچىلەپ تۆپە-تۆپىلەپ
ئويلاپ-ئويلاپ يۈزلەپ-يۈزلەپ ئارىلاپ-ئارىلاپ
6) ئىككى تەركىبلىك ياكى تەكرار كەلگەن تەقلىد سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
تاراق-تۇرۇق پاژ-پۇژ لىغىر-لىغىر
ۋال-ۋۇل شىپ-شىپ قىمىر-قىمىر
7) ئىككىنچى تەركىبى بىرىنچى تەركىبىگە قاپىيە نۇقتىسىدىن ئۇلىنىپ كېلىپ، ئالدىنقى تەركىبنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى سۇسلاشتۇرىدىغان بىرىكمىلەر جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ، ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
نان-پان ئاش-پاش چاي-پاي تۇز-پۇز
سەل-پەل ئاز-پاز لاتا-پۇتا مايماق-سايماق
قارا-قۇرا ساراڭ-سۇرۇڭ
4. سانلارنىڭ ئىملاسى
سانلار تېكىست ئىچىدە تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە يېزىلىدۇ.
1) بىردىن ئونغىچە بولغان ساناق سانلار ئېھتىياجغا قاراپ،رەقەم ياكى ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
بىر ئادەم، بىر ساپاق ئۈزۈم، ئىككى تاۋۇز، بەش يۈەن، 6قەلەم ، 8كىشى،9قوغۇن .
2) دەرىجە سانلار رەقەم بىلەن يېزىلسا، كەينىدىن دەرىجە سان بەلگىسى ”-“ قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1-ئاي، 12-قىسىم، ”9-دېكابىر“ ۋەقەسى، مىلادىيە 480-يىلى،
3) بىر قانچە دەرىجە سان قاتار كەلگەندە، مەيلى ھەرپ بىلەن يېزىلسۇن ياكى رەقەم بىلەن يېزىلسۇن، ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كوماندا ئەزالىرى ...
1-، 2-، 3-كاماندا ئەزالىرى ....
4) سانلىق مەلۇماتلاردىكى كۆپ خانىلىق ساناق سانلار ئارىلاش يېزىلسا بولىدۇ. رەقەم بىلەن يېزىلغاندا ھەر ئۈچ خانىسىدىن كېيىن بىر تەتۈر پەش ” “ قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
154 مىڭ 630 سەر كۈمۈش 1 مىليون 600 مىڭ يۈەن
154,630 سەر كۈمۈش 1,600,000 يۈەن
5) ئاددىي كەسىر ۋە ئونلۇق كەسىرلىك سانلارنى ھەرپلىك ياكى رەقەملىك ئىپادە بىلەن يېزىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:
سەككىزدىن بەش ياكى ئوندىن يەتتە ياكى
نۆل پۈتۈن ئوندىن بىر ياكى 0.1 بىر پۈتۈن يۈزدىن ئالتە ياكى 0.06
6) بىر ئىش ياكى ۋەقەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن تاماملىنىش نۇقتىسىنى بىلدۈرىدىغان سانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنمىسا، ئوتتۇرىغا سىزىق قويۇلۇپ، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ. ئەگەر مىلادىيە يىللىرى ھېسابى بولۇپ قالسا، كىچىك سان ئوڭغا، چوڭ سان سولغا يېزىلىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقىلىرىدا چوڭ سان ئوڭغا، كىچىك سان سولغا يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
مەھمۇد كاشىغەرى (1008_1105) يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1019_1085)
مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان (1499_1551) نەۋايى (1441_1501)
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1896_1932) تاڭ سۇلالىسى (618_907)
ئارىستوتېل (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 384_324)
پىلاتون (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 427_347)
7) رىم رەقەملىرىنى سۇلالىلەر، كىتاب بابلىرى ۋە توملىرى، شۇنىڭدەك خىمىيە فورمۇلىلىرىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا رىم رەقەملىرىدىن كېيىن ھېچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:
Ⅰباب Ⅴ توم كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى
8) قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتىنى بىلدۈرىدىغان سانلار تولۇق يېزىلغاندىن كېيىن ”-يىللىق“ دېگەن سۆز قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
2007-يىللىق ئۈرۈمچى چېگرا سودا يەرمەنكىسى
2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى
9) رەقەم ۋە پىرسەنت بەلگىسى بىلەن يېزىلغان سانلاردىن كېيىن ئەگەر شەخس قوشۇمچىسى قوشۇشقا توغرا كەلسە، شەخس قوشۇمچىسى سانلارغا بىۋاسىتە ئۇلاپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
بۇ دەپتەرنىڭ 14 ى مېنىڭ، 12 سى سېنىڭ.
ۋەزىپىنىڭ %90 ى ئورۇنلاندى.
10) فورمۇلىلار، ماتېماتىكىلىق ئىپادىلەر سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
F = ma (نيۇتوننىڭ ئىككىنچى قانۇنى)
E = mr2 (ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى قانۇنى)
11) ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇرچە يېزىلسىمۇ ياكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلغان ھەرپ شەكلى بويىچە يېزىلسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:
نۇرنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ياكى نۇرنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا ㎞300000
300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان چېنىقىش زالى ياكى ㎡300 كېلىدىغان چېنىقىش زالى
12) پاراگراف بەلگىسى ساندىن كېيىن يېزىلىدۇ. پاراگراف بەلگىسىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1§ . 2§ . 3§ . 4§ . 5§ . 6§ . 7§.
Ⅵ ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
1. ”ئال-، بول-، چال-، سال-، قال-، كەل-“ پېئىللىرى ئۆتكەن زامان ۋاسىتىلىك بايان رايىنىڭ بولۇشلۇق شەكلىدە كەلسە، بۇ پېئىللارنىڭ رەۋىشداش شەكلىدىكى ”لى-“ ۋە ”لۇ-“ بوغۇملىرى چۈشۈپ قالىدۇ. ئەسلى پېئىلدىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئې“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:
ئال- + ىپ + دۇر + مەن = ئاپتىمەن، ئاپتىمىز
ئال+ ىپ + دۇر + سەن = ئاپسەن، ئاپسىز، ئاپتىلا
ئال+ ىپ + دۇر + 0 = ئاپتۇ
بول- + ۇپ + دۇر + مەن = بوپتىمەن، بوپتىمىز
بول-+ ۇپ + دۇر + سەن = بوپسەن، بوپسىز، بوپتىلا
بول+ ۇپ + دۇر + 0 = بوپتۇ
چال+ ىپ + دۇر + مەن = چاپتىمەن، چاپتىمىز
چال+ ىپ + دۇر + سەن = چاپسەن، چاپسىز، چاپتىلا
چال+ ىپ + دۇر + 0 = چاپتۇ
سال+ ىپ + دۇر + مەن = ساپتىمەن، ساپتىمىز
سال+ ىپ + دۇر + سەن = ساپسەن، ساپسىز، ساپتىلا
سال+ ىپ + دۇر + 0 = ساپتۇ
قال+ ىپ + دۇر + مەن = قاپتىمەن، قاپتىمىز
قال+ ىپ +دۇر + سەن = قاپسەن، قاپسىز، قاپتىلا
قال+ ىپ + دۇر + 0 = قاپتۇ
كەل+ىپ + دۇر + مەن- كەپتىمەن، كەپتىمىز
كەل- + ىپ + دۇر + سەن = كەپسەن، كەپسىز، كەپتىلا
كەل- + ىپ + دۇر + 0 = كەپتۇ
2. ”ئال-، بول-، چال-، سال-، قال-، كەل-“ پېئىللىرى ئۆز مەنىسىدە ”پ“ لىق رەۋىشداش شەكلىدە كېلىپ، ئۇنىڭ ئاخىرىغا يەنە مۇشۇ پېئىللار تۈسلۈك مەنە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكەن زامان ۋاسىتىلىك بايان رايى شەكلىدە ياردەمچى پېئىل ۋەزىپىسىدە كەلسە، بۇ ياردەمچى پېئىللار تەركىبىدىكى ”لى-“ ۋە ”لۇ-“ بوغۇملىرى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك چۈشۈپ قالىدۇ. ئالدىنقى پېئىلدىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
ئېلىپ ساپتىمەن
ئال + ىپ = ئېلىپ سال- + ىپ <ساپ + دۇر + مەن = ساپتىمەن
بولۇپ بوپتۇ
بول+ ۇپ = بولۇپ بول + ۇپ < بوپ+ دۇر = بوپتۇ
چېلىپ ساپتىمەن
چال + ىپ = چېلىپ سال +ىپ < ساپ + دۇر + مەن = ساپتىمەن
سېلىپ بوپتۇ
سال+ ىپ = سېلىپ بول+ ۇپ < بوپ + دۇر = بوپتۇ
قېلىپ قاپتىمەن
قال+ ىپ = قېلىپ قال- + ىپ < قاپ + دۇر + مەن = قاپتىمەن
كېلىپ قاپتىمەن
كەل+ ىپ = كېلىپ قال+ ىپ < قاپ + دۇر + مەن = قاپتىمەن
3. يۇقىرىدىكى 6 پېئىلنىڭ مۇستەقىل مەنىدە كەلگەن ”پ“ لىق رەۋىشداش شەكلىگە تۈس مەنىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلاردىن بەزىلىرى يەنە ”پ“ لىق رەۋىشداش شەكلىدە ئۇلىنىپ كەلگەندە، ھەر ئىككى پېئىلنىڭ ”پ“ لىق رەۋىشداش شەكلىدە كۆرۈل گەن ”لى- “ ۋە ”لۇ-“ بوغۇملىرى چۈشۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
ئال+ ىپ = ئېلىپ سال + ىپ = سېلىپ ---- ئېلىپ سېلىپ
بول+ ۇپ = بولۇپ بول + ۇپ = بولۇپ ---- بولۇپ بولۇپ
چال+ ىپ = چېلىپ سال + ىپ = سېلىپ ---- چېلىپ سېلىپ
سال+ىپ = سېلىپ بول + ۇپ = بولۇپ ----- سېلىپ بولۇپ
كەل+ ىپ = كېلىپ قال + ىپ = قېلىپ ----- كېلىپ قېلىپ
ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكى 6 پېئىل مۇستەقىل مەنىدە ”پ“ لىق رەۋىشداش شەكلىدە كەلگەندە، ئۇلارغا تۈسلۈك مەنە ئۈچۈن ”ئال-“ پېئىلىنىڭ ”پ“ لىق رەۋىشداش شەكلى قوشۇلۇپ كەلسە، ھەر ئىككى تەركىبتىكى ”لى-“ ۋە ”لۇ-“ بوغۇملىرى چۈشۈرۈلمەي بىرىكتۈرۈپ يېزىلىدۇ. بۇ پېئىللاردىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئې“ غا نۆۋەتلەشكەندىن سىرت يەنە بىرىنچى تەركىبنىڭ ئايىغىدىكى ”پ“ تاۋۇشىمۇ ”ۋ“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن:
ئال+ ىپ +ئال + ىپ = ئېلىۋېلىپ
بول+ۇپ + ئال +ىپ = بولۇۋېلىپ
چال+ ىپ + ئال + ىپ = چېلىۋېلىپ
سال+ ىپ + ئال + ىپ = سېلىۋېلىپ
قال+ ىپ + ئال + ىپ = قېلىۋېلىپ
كەل+ ىپ + ئال + ىپ = كېلىۋېلىپ
4. ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ ئاخىرىغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى ”ئا، ئە“ قوشۇلغاندىن كېيىن، ”ئال-“ پېئىلىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىمكانىيەت تۈسىنىڭ بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز شەكلى ئىپادىلەنسە، پېئىللارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى ”ئا“ تاۋۇشى ئۆز پېتى قالىدۇ، ”ئە“ تاۋۇشى ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
بولۇشلۇق شەكلى:
ياز + ا + ئال + ا +دۇر + مەن = يازالايمەن
ياز+ ا + ئال + ا + دۇر + سەن = يازالايسەن
ياز+ ا + ئال + ا + دۇر + 0 = يازالايدۇ
كەل+ ە + ئال + ا + دۇر + مەن = كېلەلەيمەن
كەل+ ە + ئال + ا + دۇر + سەن = كېلەلەيسەن
كەل+ ە + ئال + ا + دۇر + 0 = كېلەلەيدۇ
بولۇشسىز شەكلى:
ياز- + ا + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = يازالمايمەن
ياز- + ا + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = يازالمايسەن
ياز- + ا + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = يازالمايدۇ
كەل- + ە + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = كېلەلمەيمەن
كەل- + ە + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = كېلەلمەيسەن
كەل- + ە + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = كېلەلمەيدۇ
5. سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى ”ي“ قوشۇلغاندىن كېيىن ”ئال-“ (بۇ پېئىل تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق يىلتىز ياكى ئۆزەكلەردە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى سەۋەبىدىن ”ئەل-“ شەكلىدە كۆرۈلىدۇ.) پېئىلىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىمكانىيەت تۈسىنىڭ بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز شەكلى ئىپادىلەنسە، سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
بولۇشلۇق شەكلى
ئىشلە- + ي + ئال + ا + دۇر + مەن = ئىشلىيەلەيمەن
ئىشلە- ي + ئال+ ا +دۇر +سەن = ئىشلىيەلەيسەن
ئىشلە- + ي + ئال + ا + دۇر + 0 = ئىشلىيەلەيدۇ
ياسا- + ي + ئال + ا + دۇر+ مەن = ياسىيالايمەن
ياسا- + ي + ئال + ا+ دۇر + سەن = ياسىيالايسەن
ياسا- + ي + ئال + ا + دۇر + 0 = ياسىيالايدۇ
بولۇشسىزلىق شەكلى
ئىشلە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = ئىشلىيەلمەيمەن
ئىشلە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = ئىشلىيەلمەيسەن
ئىشلە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = ئىشلىيەلمەيدۇ
ياسا- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = ياسىيالمايمەن
ياسا- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = ياسىيالمايسەن
ياسا- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = ياسىيالمايدۇ
6. يۇقىرىدىكى قائىدە بويىچە ئىمكانىيەت تۈسىگە ئىگە بولغان بىر بوغۇملۇق ”دە-، يە-“ پېئىللىرىدىكى ”ئە“ تاۋۇشى ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
بولۇشلۇق شەكلى:
دە- + ي + ئال + ا + دۇر + مەن = دېيەلەيمەن
دە- + ي + ئال + ا + دۇر + سەن = دېيەلەيسەن
دە- + ي +ئال + ا + دۇر + 0 = دېيەلەيدۇ
يە- + ي + ئال + ا +دۇر + مەن = يېيەلەيمەن
يە- + ي + ئال + ا + دۇر + مەن = يېيەلەيسەن
يە- + ي + ئال + ا + دۇر + 0 = يېيەلەيدۇ
بولۇشسىزلىق شەكلى:
دە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = دېيەلمەيمەن
دە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = دېيەلمەيسەن
دە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = دېيەلمەيدۇ
يە- + ي + ئال + ما + ي+ دۇر+ مەن = يېيەلمەيمەن
يە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = يېيەلمەيسەن
يە- + ي + ئال + ما + ي+ دۇر + 0 = يېيەلمەيدۇ
7. ”ئوقۇ-، تونۇ-“ غا ئوخشاش ئاخىرقى بوغۇمىدا ”ئۇ“ تاۋۇشى كەلگەن پېئىللارغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى ”ي“ قوشۇلغاندىن كېيىن ”ئال-“ پېئىلىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىمكانىيەت تۈسىنى بىلدۈرسە، بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز ھەر ئىككى شەكىلدە پېئىل يىلتىزىدىكى ”ئۇ“ تاۋۇشىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مەسىلەن:
بولۇشلۇق شەكلى:
ئوقۇ- + ي + ئال + ا + دۇر + مەن = ئوقۇيالايمەن
ئوقۇ- + ي + ئال + ا + دۇر + سەن = ئوقۇيالايسەن
ئوقۇ- + ي + ئال + ا + دۇر + 0 = ئوقۇيالايدۇ
تونۇ- + ي + ئال + ا + دۇر + مەن = تونۇيالايمەن
تونۇ- + ي + ئال + ا + دۇر + سەن = تونۇيالايسەن
تونۇ- + ي + ئال + ا + دۇر + 0 = تونۇيالايدۇ
بولۇشسىزلىق شەكلى:
ئوقۇ- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = ئوقۇيالمايمەن
ئوقۇ- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = ئوقۇيالمايسەن
ئوقۇ- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = ئوقۇيالمايدۇ
تونۇ- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = تونۇيالمايمەن
تونۇ- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = تونۇيالمايسەن
تونۇ- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = تونۇيالمايدۇ
8. ”ئات-“ پېئىلى ”پ“لىق رەۋىشداشلاردىن كېيىن كېلىپ تۈسنى بىلدۈرسە، ”ئەت-“ كە ئايلىنىپ كېتىدۇ ۋە ئالدىنقى پېئىلغا قوشۇپ يېزىلىدۇ. رەۋىشداشتىكى ”پ“ تاۋۇشى ”ۋ“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
تاشلا- + پ + ئات = تاشلىۋەت
ياسا- + پ + ئات = ياسىۋەت
ئوقۇ- + پ + ئات = ئوقۇۋەت
9. ”بەر-“ پېئىلى ”ئا، ئە“ بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ تۈسنى بىلدۈرۈپ كەلسە، رەۋىشداشلاردىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىش بىلەن بىرگە پېئىلنىڭ يىلتىز ياكى ئۆزىكىدىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. شۇنىڭدەك ”بەر-“ پېئىلىدىكى ”ب“ تاۋۇشى ”ۋ“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
ياز- + ا + بەر = يېزىۋەر
قاز-+ ا + بەر = قېزىۋەر
سات- + ا + بەر = سېتىۋەر
كۆر- + ە + بەر = كۆرىۋەر
كەس- + ە + بەر = كېسىۋەر
كەت- + ە + بەر = كېتىۋەر
10. سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى ”ي“ قوشۇلغاندىن كېيىن ”بەر-“ پېئىلى قوشۇلۇپ تۈسنى بىلدۈرگەندە، مەزكۇر ”ي“ چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ پېئىللار تەركىبىدىكى ”ئا، ئە“ سوزۇق تاۋۇشلىرى ”ئى“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. ئەمما ئىككىنچى تەركىبتىكى ”ب“تاۋۇشى ”ۋ“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
دە- + ي + بەر = دەۋەر
ئىشلە- + ي + بەر = ئىشلەۋەر
ياسا- + ي + بەر = ياساۋەر
11. ”ئىدى، ئىكەن، ئىمىش“ ياردەمچى پېئىللىرى تۇرغۇن سۆزلەردىن كېيىن كەلسە، ئالدىدىكى سۆزلەردىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئىدى – كىتاب ئىدى، قىزىل ئىدى، ئالتە ئىدى، شۇنداق ئىدى،
ئىكەن – كىتاب ئىكەن، قىزىل ئىكەن، ئالتە ئىكەن، شۇنداق ئىكەن،
ئىمىش – كىتاب ئىمىش، قىزىل ئىمىش، ئالتە ئىمىش، شۇنداق ئىمىش، .
بۇ ياردەمچى پېئىللار پېئىل تىپىدىكى سۆزلەردىن كېيىن كەلسە، ئالدىدىكى تەركىبكە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئىدى – ئوقۇغانىدى، بارماقچىدى؛ يېزىۋىدى، يازارىدى، يازسىدى، ...........
ئىكەن – ئوقۇغانىكەن، ئوقۇيدىكەن؛ بارماقچىكەن؛ يېزىپتىكەن، يازسىكەن، يازىدىكەن، .......
ئىمىش – ئوقۇغانىمىش، بارماقچىمىش، يازارىمىش،
12. ”مۇ، ما، چۇ، غۇ/قۇ، ئا/ئە، زە، لا“ ئۇلانمىلىرى سۆز يىلتىزلىرىغا قوشۇپ يېزىلىدۇ. ”دە، ھە، يۇ“ ئۇلانمىلىرى ئالدىدىكى سۆزلەردىن سىزىقچە ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئالدىڭىزمۇ؟ مەنما؟ سىزچۇ؟ مەنغۇ كېلەرمەن. شۇنداققۇ دەيمەن؟
ئېيتىپ بېقىڭا؟ شۇنداق دېگىنە. سەنزە، كېلىپلا، كۆرۈپلا،...
ئۇ كەلدى-دە، ئولتۇرماي كەتتى.
شۇنداق ئويلاپسەن - دە. كۆرۈپسەن - دە. سەنمۇ يېزىپسەن - دە.
باردۇق - ھە. كۆردۇق - ھە كەتتۇق - ھە.
كەلدى - يۇ كەتتى. باردى - يۇ ئالدى.
13. ”بىلەن، ۋە، ھەم، ھەمدە، ئۈچۈن، ياكى، يا، بەلكى، چۈنكى، يەنى، ئارقىلىق، ئارقىسىدا، توغرۇلۇق، توغرىسىدا، ئەمما، بىراق، ... “ قاتارلىق ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئالدى ۋە ئارقىسىدىكى سۆزلەردىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
مەن بىلەن سەن مەن ۋە سەن مەن ھەم سەن
سېنىڭ ئۈچۈن سەن توغرۇلۇق مەن ياكى سەن
14. سۈپەتلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، سۈپەتلەرنىڭ ئاشۇرۇش دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان ”پ“ بىلەن ئاياغلاشقان تەركىبلەر سۈپەتكە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئاپئاق، ئاپئاشكارا، كۆپكۆك، سىپسىلىق، قىپقىزىل، دۇپدۇمىلاق، قاپقارا، ياپيېشىل،
Ⅶ باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
1. خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
1) خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا قوبۇل قىلىنغان ۋاقتى ئۇزۇن بولغان سۆزلەر ئۆزلەشكىنى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
گاڭپەن، سومەن، خوشاڭ، پىنتوزا، يوتازا، ...
2) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى ”zh, ch, sh, c“ تاۋۇشلىرى ئۇيغۇرچىدا ”ج، چ، ش، س“ ھەرپلىرى بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
جۇڭگو -- Zhongguo 中国
چاڭشا -- Changsha 长沙
شاڭخەي -- Shanghai 上海
ساۋساۋ -- Cao sao 曹操
3) خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەردىكى تاق يۈنمۇ a, o, i, e ھەم قوشما يۈنمۇ ang, ua, uang eng, en, ing, in لار پۇتۇڭخۇا تەلەپپۇزى بويىچە ئەينەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
زاۋېن -- zawen 杂文
بوخەي -- bohai 渤海
شېڭمۇ -- shengmu 声母
لىشىمىڭ -- lishiming 李世铭
ئېمىشەن -- emishan 鄂密山
خېنەن -- henan 河南
شىنجياڭ – xinjiang 新疆
شىڭشىڭشيا -- xingxingxia 星星峡
فاڭجېن -- fangzhen 方针
جېڭجۇ -- Zhengzhou 郑州
خۇاشيا -- huaxia 华夏
گۇاڭجۇ -- Guangzhou 广州
4) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى تاق يۈنمۇ”u“ بىلەن قوشما يۈنمۇ”uan, un“لاردىكى ”u“ نىڭ ئىملادىكى يېزىلىشى تۆۋەندىكىچە:
⑴ تاق يۈنمۇ ”u“، ”q, x, y“ تاۋۇشلىرى بىلەن كەلگەندە ”ئۈ“ يېزىلىپ، باشقىلىرىدا ”ئۇ“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
شياۋچۈ -- xiaoqu 小区
چۈجاڭ -- quzhang 区长
شۈگوجاڭ -- xuguozhang 许国璋
شۈجۇ -- Xuzhou 徐州
جياۋيۈلۇ -- jiaoyulu 焦裕禄
يۈگۇڭ -- yugong 愚公
⑵ قوشما يۈنمۇ ”un“ تەركىبىدىكى ”u“ ئۇيغۇرچىدا ”ئۈ“ يېزىلىدۇ. قوشما يۈنمۇ ”uan“، ”g, h, k“ تاۋۇشلىرى بىلەن كەلگەندە، تەركىبىدىكى ”u“ ئۇيغۇرچىدا ”ئۇ“ يېزىلىدۇ. ”g, h, k“ تاۋۇشلىرىدىن باشقىلىرىدا ”ئۈ“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
يۈنمۇ -- yunmu 韵母
لۇشۈن – luxun 鲁迅
گۇەن ۋېنجاۋ -- guanwenzhao 关文钊
جيايۈگۇەن -- jiayuguan 嘉峪关
لى رۈيخۇەن -- Li ruihuan 李瑞环
خۇەندېڭ – huandeng 幻灯
كۇەن (فامىلە) – kuan 宽
5) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى ئايرىم بوغۇم بولۇپ كەلگەن قوشما يۈنمۇ ”ou“ تەركىبىدىكى ”u“ ئۇيغۇر تىلىدا ”ۋ“ غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا ”ۋ“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئوۋ ياڭ شيۇ -- ou yangxiu 欧阳修
6) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى قوشما يۈنمۇ ”ao, iao“ دىكى ”o“ تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدىكى ”ۋ“ تاۋۇشىغا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا ”ۋ“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ماۋزېدۇڭ -- Mao zedong 毛泽东
جياۋيۈلۇ -- Jiao yulu 焦裕禄
ئاۋمېن -- ao men 奥门
ساۋساۋ -- Cao sao 曹操
7) خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ تاق يۈنمۇلىرى ئىچىدە ”o“ تاۋۇشى ئەگەر ئوچۇق بوغۇم ھالەتتە قالسا، ئۇيغۇرچىدا ”ئو“ يېزىلىدۇ. يېپىق بوغۇم ھالەتتە قالسا، ”ئۇ“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
بوخەي -- bohai 渤海
نىڭبو – Ningbo 宁波
موخې -- mohe 漠河)
پوياڭ – Poyang 鄱阳
شەندۇڭ -- shandong 山东
چۇڭچىڭ – chongqing 重庆
جۇڭخۇا -- zhonghua 中华
گۇڭشې – gongshe 公社
8) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدا ”an, ian, uan, ai, ei, uai, ui“ يۈنمۇلىرىدىكى ”a“ تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدىكى ”ئە“ تاۋۇشىغا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا ”ئە“ يېزىلىدۇ. بۇلاردىكى ئاخىرقى تاۋۇش ياكى ئۆتكۈنچى تاۋۇش بولۇپ كېلىدىغان ”i“ تاۋۇشى ئۈزۈك تاۋۇش ”ي“غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا ”ي“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
تيەنجىن -- Tianjin 天津
بېيجىڭ -- Beijing 北京
شەنخەيگۇەن -- Shanhaiguan 山海关
چاڭجياڭ -- Changjiang 长江
گۇيخۇ -- Guizhou 贵州
خۇەيخې -- Huaihe 淮河
9) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى قوشما يۈنمۇ ”uo“ ئۇيغۇرچىدا ”ئو“ ھەرپى بىلەن، ”ou“ ئۇيغۇرچىدا ”ئۇ“ ھەرپى بىلەن، ”ue“ ئۇيغۇرچىدا ”ئۆ“ ھەرپى بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
گوۋۇيۈەن -- guowuyuan 国务院
جۇ ئېنلەي -- Zhou Enlai 周恩来
يۆفېي -- Yue Fei 岳飞
جاڭ شۆلياڭ -- Zhang Xueliang 张学良
2. رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋروپا تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ، يەنى ئالدىنقىسى جاراڭسىز، كېيىنكىسى جاراڭلىق ياكى ھەر ئىككىلىسىلا جاراڭلىق ۋە ياكى ھەر ئىككىلىسىلا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
1) جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش ”س“ ياكى ”ش“ لار ئۆزىدىن كېيىن باشقا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلگەندە، سۆز بېشىغا ”ئى“ قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئىستىل، ئىسفېرا، ئىستاتىك، ئىستۇدىيە، ئىسپورا، ئىسكىرىپكا، ئىسكىلات، ئىشتاپ، ئىشتات، ئىشتانكا، ئىشكالا، ...
2) ”س، ش“ دىن باشقا ئىككى جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشىدا قاتار كەلسە، بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا ”ئى“ قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
پىتومائىن، پىتېروكارىيە، فىتور، 3) ”س، ش، پ، ت، خ، ف، ك“ قاتارلىق جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۆزلىرىدىن كېيىن ”ر، ل، م“ قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلسە، بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا ”ئى“ قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
پىراكتىكا، پىروگرامما، پىرولېتارىيات، تىراكتور، تىراگېدىيە، خىروم، خىرۇستال، خىرىستىئان، فىرانك، فىرانسۇز، سىلانېتس، سىمولا، شىلانكا، كىران، كىلاسسىك،
4) ئىككى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىرىكىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلسىمۇ، بىرىككەن ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا ”ئى“ قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
بىراخما، بىرىتىۋا، بىرليانت، بىروم، بىرونېۋىك، دىراپ، دىراما، دىراۋىد،
گىرامماتىكا، گىرام، ...
5) رۇسچە فامىلىلەردىكى ”وۋ، ېۋ، يېۋ“ قوشۇمچىلىرىدىكى ”ۋ“ تاۋۇشى ”ف“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
تۇرگېنېف لېف نىكولايېۋىچ تولستوي ھەيدەروف نېكراسوف
Ⅷ قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
1. يەككە ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويماي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ج خ ج – جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
ج ك پ – جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسى
ج خ ئى – جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى
ش ئۇ ئا ر – شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
2. بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
پارتكوم – پارتىيە كومىتېتى ئوبكوم – ئوبلاستلىق كومىتېت
تىلكوم – تىل-يېزىق كومىتېتى
3. كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ قىسقارتىلغان ھەرپىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
م . كاشىغەرى (مەھمۇد كاشىغەرى) ل . مۇتەللەپ (لوتپۇللا مۇتەللىپ)
ئا . ت . ئۆتكۈر (ئابدۇرېھىم تىلەش ئۆتكۈر) ئا . نىزارى (ئابدۇرېھىم نىزارى)
4. خەلقئارادا ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ قوللىنىش ئادەتلىنىپ كەتكەن قىسقارتىلغان سۆزلەر تىلىمىزغا قوبۇل قىلىنغاندا، خەلقئارادىكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
WTO-- دۇنيا سودا تەشكىلاتى
GDP-- ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى
BBC -- ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى
KGB -- دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى
VCD -- ۋېدىيولۇق ئوپتىكىلىق دىسكا
DVD -- سېفىرلىق ۋېدىيولۇق دىسكا
CD -- ئوپتىكىلىق دىسكا
5. خەلقئارادا ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ بوغۇم تەشكىل قىلالايدىغان سۆزلەر تىلىمىزغا قوبۇل قىلىنغاندا، ئىملادا قىسقارتىلغان لاتىن ھەرپى بويىچە يېزىشقىمۇ ياكى ئۇيغۇرچە يېزىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:
OPEC ياكى ئوپېك – نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى
SARS ياكى سارس --
AIDS ياكى ئەيدىز --
DOS ياكى دوس --
ROM ياكى روم --
RAM ياكى رام –
6. بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ناملىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ب د ت – بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى
ش ئا ئە ت – شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى
م د ب – مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى
ئو ت م – ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى
7. خەلقئارادا قىسقارتىپ يېزىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇرچە يەككە ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ يېزىلىدۇ. ئارىسىغا چېكىت قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:
س م – سانتىمېتىر
ك م – كىلومېتىر
ك ل – كىلولىتىر
ك ۋ – كىلوۋات
م گ – مىللىگرام
م م – مىللىمېتىر
Ⅸ قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى
1. قوشۇمچىلار سۆز يىلتىزىغا قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
چىراي+ لىق = چىرايلىق ئۆي + دىن = ئۆيدىن كىتاب + خانا = كىتابخانا
2. ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم ئەسلى سۈپەت سۆزلەرگە ئۆز تەلەپپۇزى بويىچە ”ي“ قوشۇپ يېزىلىدۇ. مۇنداق سۈپەتلەر ئەگەر ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنسە، سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە ئوخشاشلا ئاخىرىغا ”سى“ قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
بەدىئىي، مەنپىي، ئاددىي، مەخپىي، سەمىمىي،
ئىجابىي، ئىجابىيسى سەلبىي، سەلبىيسى تەبىئىي، تەبىئىيسى
ئالىي، ئالىيسى ئەشەددىي، ئەشەددىيسى تەپسىلىي، تەپسىلىيسى
3. پېئىللارنىڭ مەجبۇرىي دەرىجە قوشۇمچىلىرى تۆۋەندىكىچە قوشۇلىدۇ.
”ل، م، ن، ز، گ، غ، ڭ، ي“ بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا ”دۇر، دۈر“ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
چان - چاندۇر- ... قون - قوندۇر- ... بۇز - بۇزدۇر- ...
ئەز- ئەزدۈر- ... چىگ - چىگدۈر- ... تۈگ - تۈگدۈر- ...
بوغ - بوغدۇر- ... تۇغ - تۇغدۇر- ... ماڭ - ماڭدۇر- ...
توڭ - توڭدۇر- ... كۆي - كۆيدۈر- ... قوي - قويدۇر- ...
ئال – ئالدۇر- ... قال – قالدۇر- ...
ئەسكەرتىش:
تۆۋەندىكى سۆزلەر يۇقىرىدىكى قائىدىگە بويسۇنمايدۇ. مەسىلەن:
كەل - كەلتۈر- ... ئۆل - ئۆلتۈر- ... سۇن - سۇنغۇز- ... (تاماق)
تۆۋەندىكىلىرىگە ئىككى خىل قوشۇمچە قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
تام - تېمىت- ... ، تامدۇر- ... ئەم - ئېمىت- ... ، ئەمدۈر- ...
4. ”س، ق، ك، پ“ بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا ”-تۇر، -تۈر“ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئاس - ئاستۇر- ... ، باس - باستۇر- ... ، كەس - كەستۈر- ... ،
باق - باقتۇر- ... ، قاق - قاقتۇر- ... ، ياق - ياقتۇر- ... ،
چەك - چەكتۈر- ... ، بىرىك - بىرىكتۈر- ... ، زېرىك - زېرىكتۈر- ...
ياپ - ياپتۇر- ... ، قوپ - قوپتۇر- ... ، كۆپ - كۆپتۈر- ... ،
ئەسكەرتىش:
تۆۋەندىكى پېئىللار بۇ قائىدىگە بېقىنمايدۇ. بەزىلىرىگە ئىككى خىل قوشۇمچە قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
قوپ - قوپۇر- ... (تام) ، چىق - چىقار- ... ، قورق - قورقۇت- ... ،
قىس - قىسقۇز- ... (”قىستۇر“ دىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ)،
ئاق - ئېقىت- ... ، ئاقتۇر- ... ،
5. ”ش“ بىلەن ئاياغلاشقان تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرگە ”ۇر، ۈر“ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئاش - ئاشۇر تاش - تاشۇر پۇش - پۇشۇر
پىش - پىشۇر چۈش - چۈشۈر
ئەسكەرتىش:
تۆۋەندىكى پېئىللار بۇ قائىدىگە بېقىنمايدۇ. مەسىلەن:
يەش - يەشتۈر تەش - تەشتۈر ئەش - ئەشتۈر
6. ”ر“ بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق پېئىللار ھەم ”ت“ بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنى مەجبۇرىي دەرىجىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ”غۇز، قۇز، گۈز، كۈز“ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. شۇنىڭدەك ”ت، دۇر، تۇر، دۈر، تۈر“بىلەن ئىپادىلەنگەن مەجبۇرىي دەرىجىلەرنى ئىككى قاتلاملىق مەجبۇرىي دەرىجىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈنمۇ ”غۇز، قۇز، گۈز، كۈز“ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئات - ئاتقۇز- ... ، تارت - تارتقۇز- ... ، ئارت - ئارتقۇز- ... (يۈك)،
ئەۋەت - ئەۋەتكۈز- ... ، قات - قاتقۇز- ... ، يۇت - يۇتقۇز- ... ،
يەت - يەتكۈز- ... ، پۈت - پۈتكۈز- ... ،
بەر - بەرگۈز- ...، تەر - تەرگۈز- ... ،
بار - بارغۇز- ...، ھار - ھارغۇز- ... ،
ئىشلەت - ئىشلەتكۈز- ... ، ئۆچۈر - ئۆچۈرگۈز- ... ،
ئايلاندۇر - ئايلاندۇرغۇز- ... ، كەلتۈر - كەلتۈرگۈز- ... ،
كۆيدۈر - كۆيدۈرگۈز- ... ،
ئەسكەرتىش:
تۆۋەندىكى پېئىللار بۇ قائىدىگە بېقىنمايدۇ. مەسىلەن:
ئارت - ئارتتۇر- ... (ۋەزىپە)، قات - قاتۇر- ... (مۇز)،
يىت - يىتتۈر- ... (بىر نەرسىنى)، قايت - قايتۇر- ... ،
7. سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللار ۋە ”ر، ي“ بىلەن ئاياغلاشقان ئىككى بوغۇملۇق پېئىللارنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى ”ت“ قوشۇلۇپ ياسىلىدۇ. مەسىلەن:
ياسا - ياسات- ... ، جابدۇ - جابدۇت- ... ، قىزى - قىزىت- ... ،
قاپار - قاپارت- ... ، كۆكەر - كۆكەرت- ... ، چاقىر - چاقىرت- ... ،
ئازاي - ئازايت- ... ، ماكچاي - ماكچايت- ... ،
ئەسكەرتىش:
تۆۋەندىكى پېئىللار بۇ قائىدىگە بېقىنمايدۇ. مەسىلەن:
دە - دېگۈز- ... ، يۇ - يۇغۇز- ... ، يە - يېگۈز- ... ،
ئولتۇر - ئولتۇرغۇز- ... ، ئاپار - ئاپارغۇز- ... ، ئەكىر - ئەكىرگۈز- ... ،
8. ”چ“ بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى ”ئار، ئۇر، ئۈر“ قوشۇمچىلىرى قوشۇلۇپ ياسىلىدۇ. مەسىلەن:
ئاچ - ئاچۇر- ... ، قاچ - قاچۇر- ... ، كەچ - كەچۈر ... ،
ئۇچ - ئۇچۇر- ... ، ئۆچ - ئۆچۈر- ... ، كۆچ - كۆچۈر- ... ،
ئەسكەرتىش:
”چاچ-“ پېئىلى بىلەن ”پىچ-“ پېئىلى بۇ قائىدىگە بېقىنماي ”چاچتۇر-“، ”پىچتۇر-“ شەكلىدە كېلىدۇ.
”-چىچ“ ؟؟؟
Ⅹ بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىسى
1. قۇر ئاخىرىغا كېلىپ قالغان كۆپ بوغۇملۇق سۆزنىڭ شۇ قۇرغا سىغماي قالغان قىسمى كېيىنكى قۇرغا بوغۇم بويىچە كۆچۈرۈلىدۇ. بۆلۈنگەن بوغۇمنىڭ ئاخىرىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئىشلەپچىقى- تىرىش- ئوقۇ- تەرەق-
رىش چانلىق غۇچىلار قىيات
2. رەقەم بىلەن يېزىلغان ساناق سانلار قۇرنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ قالسا، ئۇلارنى پارچىلاپ ئىككى قۇرغا بۆلۈپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. مەسىلەن:
توغرىسى خاتاسى
2008-يىلى 20-
08-يىلى
336,520 جىڭ 520-
336 جىڭ
3. ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەرنى بۆلۈپ ئىككىنچى قۇرغا يېزىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن:
توغرىسى خاتاسى
ش ئۇ ئا ر نىڭ يەر مەيدانى ش ئۇ ئا-
ر نىڭ يەر مەيدانى
تۈگىدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-21 11:28 AM