گۈلۈم
گۈلۈم ، بەلكىم ئاشۇتىكەنلىرىڭنى قالدۇرۇپ كېتىشىنى رۋا كۆرگەنسەن ، چۈنكى سەن مېنىڭ ئالدىمدائېچىلالمىدىڭ ، ئېچىلالمايتىڭ ! نىمىشقىلىقى ماڭا شۇنچە ئېنىق بولسىمۇ بىراق بۇرىئاللىقنى قۇبۇل قىلالىغىدەك جۈرئەت شىجائەت مەندە يوق ئىدى . يوق ئىدىلا ئەمەس ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ئىدى . چۈنكى سېنى ياخشى كۆرەتتىم !
گۈلۈم ، تىكەنلىرىڭ ماڭاشۇنچىلىك شىرىن بىر ئازاپنى ھېس قىلدۇرماقتا ، ئۇ ئازاپنىڭ شىرىنلىكىدىن مەست بولماقتا ئىدىم ، ئامال يوق . چۈنكى سەن ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسلىمىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تىكەنگە مۇجەسسەملەنگەن شىرىن ئازاپ خالاس . ئاشۇ شىرىن ئازاپلارلاماڭا ھەمراھ !
گۈلۈم ، بۇلبۇل بولۇپ ساڭاقونغاندىن بېرى ھەې بىر سەھەردە سەن ئۈچۈن بىر قوشاق توقۇدۇم . ياپرىقىڭدىكى ھەربىر شەبنەمگە بىردىن مىسرا توقۇدۇم ، بىراق مېنى شۇنچە ئازاپلىق ھېسلارغا قالدۇرۇپ كېتىدىغىنىڭنى ئويلىمىغاندىمەن . ماڭا ئاشۇ تىكەنلەرنى قالدۇرۇپ كېتىدىغىنىڭنى بىلگەن بولسام تىكەنلىرىڭ ئۈچۈنمۇ بىر نەچچە مىسرا قېتىپ قوياركەنمەن !
گۈلۈم ، ھەر تاڭداتىكەنلىرىڭ ئۈچۈن ، ئاشۇ شەبنەم قونماس بولغان ياپراقلىرىڭ ئۈچۈن مىسراتوقۇغۇنىمدا ئۆزۈمنى شۇنچە غېرىپ ، شۇنچە مىسكىن ھېس قىلىمەن . چۈنكى مەن ئازاپ ئۈستىگە يارالغان بۇلبۇل بولماسلىقىم كېرەك ئىدى . مېنىڭمۇ كېپىنەك بولغۇم بار ،ھەر بىر غۇنچىنىڭ رۇخسارىدىن ، ھەر بىر گۈلنىڭ پۇرقىدىن ھوزۇرلانغۇم بار ! بىراق گۈلۈم . مەن سەن ئۈچۈن يارالغان بۇلبۇل ! بىر ئۆمۈر سېنى كۈيلەپ ئۆتكۈم بار !
گۈلۈم ، سېنىڭ غۇنچىلىشىڭ باشقا بىر بۇلبۇل ئۈچۈن بولغان ئىكەن ، شۇ ۋاقىتتا نىمشقا مەن ئويلاپ كۆرمىگەندىمەن ؟ شۇنچىلىك گولكەنمەن ! ئويلاپ باق ! مەن ئۈچۈن غۇنچىلىيالمىغان ئىكەنسەن ، نە سەۋەب مەن ئۈچۈن ئېچىلغۇدەكسەن ؟ غۇنچلغىنىڭنى كۆرمىگەن ئىكەنمەن يەنە نىمە ئۈچۈن ئېچىلىشىڭنى كۈتىمەن !
گۈلۈم ، پۇشايمان قىلمايمەن ھەم پۇشايمان قىلىشنىمۇ ئويلاپ كۆرمۈدۈم . چۈنكى مەن سېنىڭ ئاشۇ خۇش پۇراق گۈلۈڭگە، سەبىي غۇنچەڭگە ئېرشەلمىگەن بولسام ، مىسكىن ياپرىقىڭغا ، ئازاپلىق تىكىنىڭگەئېرىشتىم . بىر مەزگىل مەن ئۈچۈن كۈلۈپ بەردىڭ . كۈلكەڭ مەن ئۈچۈن تاڭدىكى چۈش ئىدى . ئەزەلدىن قېشمىدا ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنەلمەيتتىم ، چۈنكى مەن سەن ئۈچۈن سايرىسام ، سەن ئۈچۈن شادلانسام ، سەن باشقا بىر بۇلبۇل ئۈچۈن مەيۈسلىنەتتىڭ ، باشقا بىر بۇلبۇلنى ياد ئېتىپ سېغناتتىڭ !
گۈلۈم ، سېنىڭ ماڭا گۈلۈڭنى كۆرسەتمەسلىكىڭنى بىلىمەن . شېخىڭدا تۇرۇپ سايرىساممۇ بۇ سايراشلىرىمنىڭ ساڭا ئاڭلانمايدىغىنىنى ، كۆز ئالدىڭدا ئۇچۇپ يۈرسەممۇ سېنىڭ كۆرمەسلىكڭنى بىلىمەن .بىراق گۈلۈم ، سېنى بىر ئۆمۈر ياد ئېتىمەن، شېخىڭدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتتا ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن . چۈنكى سەن ماڭائاشۇ تىكەننىڭ نىمىلىكنى ھېس قىلدۇردۇڭ !
گۈلۈم ، غېرىپسىنغان ياپرىقىڭدىكى تۇنجى تامچە شەبنەمنى ئۆزۈم ساڭا سوۋغا قلىپ كەتمەكچى بولۋاتىمەن !بەلكىم شۇ ياپرىقىڭ ئۆمرىدە بۇنچىلىك بۇنچىلىك سۈزۈك شەبنەمنى كۆرمىگەن بولىشى مۇمكىن ! چۈنكى ئۇ شەبنەم مېنىڭ پاك سۆيگۈمنىڭ يېشى !
گۈلۈم ، كەتتىم ، ماڭاقالدۇرغان تىكەنلىرىڭنى ساڭا قالدۇرۇپ ، ياپراقلىرىڭدىكى مەيۈسلۈك غېرىپلىقنى ئۆزۈم بىلەن بىرگە ئېلىپ ، ئاشۇ تىكەنلىرىڭ بىلەن باشقىلارنى ئازاپلاش بەدلىگ ەئۆزۈڭنى قوغداشنى ئۈگەن ! سېنى بىر ئۆمۈر ياد ئېتىپ
قاناتسىز، ئاۋازسىز بۇلبۇلۇڭ !
كۈي
ئۇنتۇلغان جىسمىمن ىرەڭگە چىلاپ تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن ، ئۇنتۇلغان تېنىمدىن تۆكۈلۈپ تۇرغىنى ھەسرەت !پەقەتلا ھەسرەت خالاس ! مەن ئەشۇ ھەسرەت بىلەن تىرىلىمەن ، تىتىرەپ تۇرغان جىسمىمنى ئاشۇ ھەسرەت بىلەن يارتىمەن . چۈنكى مەن ئەشۇ ھەسرەتكە بېرلگەن ئەڭ چوڭ سوۋغات مۇھەببەت !
روھلىرىمنى پاكلاش ئۈچۈن مىسرالىرىڭغا چۈمۈلەي ، مەن ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت بىرلا مىسرا پۈتۈپ قوي !ئەشۇ مىسرادىن مەن ھەممىنى توناي ، ھەممىنى بىلەي ، ھەممىنى ئۇقاي !
زەئىپ بەدەنگە بېسىلغان ئاشۇ قاپقارا تامغاڭ يۈرۈگۈمگىچە پاتۇرۇلغان ، ئاشۇ قارا قوللۇرۇڭ كانيىمغا يۆگەشكىنىچە نەپسىمنى سىققان . تامغاڭنى ئۆچۈرمە ، مەيلى ئۇ تامغا قارابولسۇن ، قوللۇرۇڭنى بوشاتما ، مەيلى نەپسىم سىقىلسۇن ، مەن ئاشۇ قارا تامغاڭ ۋەنەپەس سىقىلىشلاردىن سېنىڭ بارلىقىڭنى ھېس قىلاي . مېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلما !
مەست بولغان بەدىنمنى رومكىغا يېرىم چىلاپ قويۇپ ئۆزۈمنى ئىزلىمەكتىمەن ، مەسلىكىم يېشىلمەستىنلا يەنەقايتا-قايتا مەست بولاتتىم ، مېنى مەست قىلىۋاتقىنى مۇھەببەتنىڭ ئازابى ،مۇھەببەتنىڭ ئۈمۈدى ئىدى . چۈنكى ئىچىۋاتقىنىم مەست قىلمايدىغان ھاراق !!!
ھەممە ئۆزگەرگەن .ئالىكساندىر دەۋرىدە چىققان قوياش بۈگۈنمۇ چىقتى ، ئەتىمۇ چىقىدۇ . پىرئەۋىن دەۋرىدە ياسالغان ئەلئېھرام بۈگۈنگىچەسىرلىق پېتى قېلىپ قالدى . بىلەمسەن ،ئاشۇ ئالىكساندىر دەۋرىدىكى قوياشتەك ئۆزگەرمىگەن، ساڭا ئەلئېھرامدەك سىر پېتى قېلىپ قالىدىغان بىر نەرسە بار ، ئۇ يۈرۈگۈم ، ساڭابولغان سۆيگۈم !
ھەممە نەرسىگە شۇنچەقىزىقىش بىلەن قاراۋاتقان كۆزلىرىمدىن سەبىيلىك ، ساددىلىق چىقىپ تۇرسىمۇ ،پەرۋاسىزلا تېپىككە ئېرىشكەن جانسىز يۈرۈگۈمگە ئېچنىپ يىغلىدىم ، كېچە-كېچەيىلغلىدىم . يەنە ئاشۇ كۆزلىرىمگە پەرۋاسىزلىق توننى كىيگەندە سېنىڭمۇ ئاشۇنداق جانسىز يۈرۈگۈڭنى كۆردۈم ، بىراق كۆزلىرىڭدا سەبىيلىك ، ساددىلىق ئەمەس ، بېشەملىك، ھىيلىگەرلىك چىقىپ تۇراتتى . كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمغىنىمچە جانسىز شۇ يۈرگۈڭنى پەرۋاسىزلىق بىلەن ئەمەس ، بەلكى غەزەپ نەپرەت بىلەن تېپىۋەتتىم !
سەنسىز غېرىپ ئەمەسمەن ، ئايرىلساممۇ چىدايمەن ، سۆزلىرىڭگە ئىشىنىپ ساداقەتمۇ كۈتمەيمەن ، ئەشۇساداقەت مەندە قالسۇن ! ئەمما خارلانغان ئاشۇ يۈرگۈمنى ئېلىپ كەت ! مېنى مەيلى مەجبۇر قىل ، مەيلى قاتتىق تەگ ! مەن گۈل شېخى ئەمەسمەن ، ساڭا ئىگىلمەيمەن !كەتكىن ! ئەمدى نىمە دەي ! پەقەت سېنى سۆيەتتىم ! غېرىپ كۆڭلۈمگەھەمراھ بولغىنى مۇشۇ مۇڭ ، مۇشۇ كۈي !