ساڭا ئۆچ بولۇپ كەتمەكچى ئىدىم،ساڭا ئۆچ بولۇپ كەتتىم دەپ ئويلىغان ئىدىم،بىراق بۇ ئۆز -ئۆزۈمنى ئالداش ئىكەن بۇ،ساڭا يۈرىكىمدىن ئۆچ بولالماپتىمەن،سېنى يۈرىكىمدىن چىقىرۋەتتىم دەپ ئويلاپتىكەنمەن، چىن يۈرەكتىن سۆيگەن بىرسىنى يۈرەكتىن چىقىرىۋېتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن بىلسەم....! بىز داۋاملىق بارىدىغان، بىرگە يۈرگەن ،قەدەم ئىزىمىز ،سۆيگۈ ھىدىمىز قالغان باغچىلاردىكى مۇھاببىتىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان گۈللەر سولىشىشقا باشلاپتۇ .بەزىلىرىنىڭ بەرگىلىرى يەرگە تۆكۈلۈپتۇ،گۈللەرگە قاراپ مىسكىن يۈرىكىم تېخىمۇ ھەسرەتلەندى. كۆز ياشلىرىم ئىچىدە سومكامدىكى كىچىك ئەينەكنى ئېلىپ غۇۋالاشقان كۆزلىرىم بىلەن چىرايىمغا قارىدىم،نېمىسىنى ئېيتاي، يۈزۈم غازان كەبى سارغىيىپ، چىرايىم گۈلدىنمۇ بەتتەر سولىشىشقا باشلاپتۇ....!
ئارزۇلۇرۇم ئايلاندى چۈشكە، سۆيگۈ بېغىم قالدى قاغجىراپ. ھەسرەتلەرگە يەم بولدى يۈرەك، پاك سۆيگۈممۇ قالدى ھالسىراپ.
كۈكۈم –تالقان بولغاچ ئەقىدەم، چىرايلىرىم زەپىران بولدى. ئەسلىمىگە ئايلاندى ھەممە، يۈرەكلەرگە مىڭ سەۋدا تولدى.
راستىنى ئېيتسام،سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمدىن ئۆكۈنمەيمەن،مېنى شۇنچە سەۋدالارغا سالغىنىڭدىن رەنجىسەممۇ،بىراق ھېلىھەم سېنى ياخشى كۆرىمەن،قانداق قىلاي ئەمدى بۇ كۆڭلۈمگە!كۆڭۈل دېگەن شۇنداق نەرسىكەن..! ئۆز ۋاقتىدا سەنمۇ مېنى ئاجايىپ بىر ئىشتىياق بىلەن،ئاجايىپ بىر مۇھاببەت بىلەن سۆيگەن ئىدىڭ،‹‹سەنسىز ياشىيالمايمەن!....سەن مېنىڭ گۈلۈم....!سەندىن باشقا ھېچبىرى قەلبىمنى ئىگىلىيەلمەيدۇ!....››دېگەن شېرىن مۇھاببەتلىك سۆزلىرىڭىنى ئۇنتاي دېسەممۇ كاللامدا پىرقىرۇغۇچتەك چۆرگىلەۋاتسا قاندق قىلاي ئەمدى...!
‹‹سېنى يىغلاتقان كىشى سېنىڭ سۆيىشىڭگە ئەرزىمەيدۇ››دېيىشىدىكەن بەزىلەر،‹‹بىر قىز ياكى بىر يىگىت ئۈچۈن ‹ئاھ –ۋاھ ئۇرۇپ ياش تۆككەنلەر دۇنيادىكى بىرىچى ئەخمەق››دېيىشىدىكەن يەنە بىر قىسىملار،بەلكىم ئۇلار سۆيگۈنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىپ باقمىغانلار بولىشى مۈمكىن ۋە ياكى ‹‹ئىچىدە روزا تۇتۇپ تېشىدا ھېيت››ئوينايدىغانلار بولىشىمۇ مۈمكىن....! مەيلى،سەن مېنى ئۇنتۇپ كەت ياكى ئەسلەپ تۇر،مەن سېنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم...!... <<سەن نېمە دېگەن ئەخمەق،ئۇ سېنى نېمە كويلارغا سالمىدى،ئۇنىڭ ساڭا ئېلىپ ئازابتىن باشقىسى بولمىدى،شۇنداق تۇرسىمۇ يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكەمسەن ؟ئۇنتىياملىدىم دەپ ئاھلار ئۇرۇپ يۈرەمسەن بىچارە >>دەيدۇ كۆڭلۈم تۇرۇپ -تۇرۇپلا، بىراق بۇنىڭ كۆڭلۈمنىڭ چىن سۆزى ئەمەسلىكىنى سېزىۋالىمەن تۆكىلىۋاتقان كۆز ياشلىرىمدىن.....! ئۆزۈمنى ئۇنتۇشقا زورلاپ ،ئۆزۈمنى ئۆزۈم قىيناپ نە قىلاي...! ئۇنتارمەن بىر كۈنلەردە،ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغۇ.... خەير ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ...!
ئازابلارنى تاشلاي يىراققا، بۇ كۈنلەرمۇ كېتىدۇ ئۆتۈپ. ئايلار ئۆتۈپ،يىللار ئۆتكەندە، سېنى شۇندا كېتەرمەن ئۇنتۇپ.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
تېمىنى تېما ئىگىسى بىلەن باغلىۋالماڭ.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-14 12:31 PM
|