خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ قەيەردە؟
ھازىرقى مەكتەپلىرىمىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ھە دېسىلا«خەلق رازى بولغان مائارىپ بەرپا قىلايلى» دەپ جار سالماقتا. ئوقۇتقۇچىلار چوڭ يىغىنىدىمۇ شۇنداق دەيدۇ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدىمۇ شۇنداق دەيدۇ، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش چوڭ يىغىنىدىمۇ شۇنداق دەيدۇ، خۇددى ھەقىقى مائارىپنىڭ ئەنگۈشتەرىنى تېپىۋالغاندەكلا. ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىز كىشىلەر، كۆپ يىللاردىن بېرى كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىغان جۇڭگۇ مائارپىدا ئۈمىد پەيدا بولدى، ھەقىقىي مەنىدى مائارىپقا قايتتى دەپ ئويلاپ قېلىشتى.
بىراق، مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇگۈنكى «خەلق رازى بولغان مائارىپ» دېگىنى، باشلانغۇچ مەكتەپ، سەن بالىلارنى نۇقتىلىق تولۇقسىز مەكتەپكە ئۆتكۈزۈشۈڭ كېرەك؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، سەن بالىلارنى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكۈزۈشۈڭ كېرەك؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، سەن بالىلارنى ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈزۈشۈڭ كېرەك، دىگەندىنلا ئىبارەت. ئەلۋەتتە، ئاخىرقى مەقسىتى، بالىلارغا ياخشى خىزمەت تېپىپ بېرىشتىن ئىبارەت. بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ پەقەتلا، خەلققە نېمە كېرەك بولسا، بىزنىڭ مائارىپمىز شۇنى بېرىدۇ. بىراق، خەلق نېمىگە ئېھتىياجلىق؟ خەلقنىڭ مائارىپقا بولغان چۈشەنچىسى توغرىمۇ يوق؟ بەلكىم ھېچكىم ئولاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە، قايسى مەكتەپنىڭ قانداق مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى، نېمىنى پىكىر قىلىشىنىڭمۇ ھېچنىمىگە دال بولالمايدۇ. سەۋەبى، مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتا مۇستەقىللىقى يوق، ھەممىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ. شۇڭا، جۇڭگۇدا، ئالىي مەكتەپمۇ، ئوتتۇرا مەكتەپمۇ،ھەممىسى ئوخشاش، ھېچقانداق خاس ئالاھىدىلىكى يوق، بار دېيىلسىمۇ، «ھەممە ئادەمنى ئوخشاش قېلىپتا تەربىيەلەپ چىقىش»، بىر خىلدىكى ئادەم قىلىپ چىقىشتىنلا ئىبارەت بولىۋاتىدۇ. مەسىلەن، مەكتەپنىڭمۇ خالايىققا جاكارلايدىغان شۇئارىمۇ كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرغۇدەكلا ئاجايىپ داغىدۇغىلىق: «بارلىقىمىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقى ئۈچۈن». دىيىلگەن گەپنىڭ ئۆزىدىنلا كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، مائارىپنىڭ خاراكتىرىگە تازا ماس كەلگەن: يەنى، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىك تەرەققىي قىلدۇرپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقىي ئادەمگە ئايلاندۇرۇش. بىراق، مەن، «بارلىق» دىگەن بۇ سۆز، ھەقىقىي مەنىدىكى بارلىق دىگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، پەقەت يۇقىرىلىتىپ ئوقۇتۇش دەپ قارايمەن. گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دىگەندە، بارلىقىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشى ئۈچۈن، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشى ئۈچۈن، ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقى ئۈچۈن، دىگەنلىكتىن ئىبارەت. بەزى مەكتەپلەر ھەتتا مۇشۇنىمۇ قىلالمايۋاتىدۇ. مەسىلەن، بەزى جايلاردا، بەزى مەكتەپلەر ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، دائېم بارلىق ئاماللارنى قىلىپ، ئۆرلەپ ئوقۇشتىن ئۈمىد يوق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن قايتۇرۇۋىتىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئىنتايىن چىرايلىق ئات قويىۋالغان، يەنى: ئوقۇغۇچىنىڭ مۇۋاپىق چىقىش يولىنى تېپىشى ئۈچۈن دەپ؛ ئەمەلىيەتتە، بۇ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، يۇقىرى چۈشۈرۈپ بەرگەن ئوقۇتۇش كۆرسەتكۈچىگە يېتەلمەسلىكىدىن بولغان. قارىغاندا، ئېغىزدا بارلىقىمىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن دېگىنى، ئەمەلىيەتتە بارلىقىمىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ماسلىشىشىمىز ئۈچۈن، دېگىنى. شۇڭا مەن قايسى بىر مەكتەپنىڭ «خاس مائارىپ بەرپا قىلىمىز»، «مائارىپتىكى داڭدار ماركىنى يارىتىمىز» دىگەندەك تەشۋىقات لوزۇنكىلىرىنى كۆرگىنىمدە، قايسى بىر مائارىپ تارمىقىنىڭ «بىر مەكتەپ، بىر سۈپەت» دىگەن شۇئارىنى كۆرگىمىندە، ھەممىسىنى قالايمىقان جۆيلىگەنلىك دەپ قارايمەن. مەكتەپ قۇرۇشنىڭ مەقسىدى پەقەت يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇتۇش تۇرسا، خاسلىقتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن! ئاتالمىش خاسلىق دىگەنلىك، ئۆزىنىمۇ، خەقنىمۇ ئالدايدىغان ئويۇندىنلا ئىبارەت خالاس. مەن ئويلايمەن، مائارىپ قاچان جەمئىيەتكە خۇشامەت قىلمىسا، ھوقوققا خۇشامەت قىلمىسا، مائارىپ ئاندىن خاسلىققا ئىگە بولالايدۇ.
ھازىر، كىشىلەر تەنقىد قىلىپ، جۇڭگۇنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى ھەقىقىي ئالىي مەكتەپ ئەمەس، بەلكى يامۇلنىڭ دەرۋازى بىلەن پەرقى يوق، مەمۇرىيلىشىپ كېتىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر، ئىلىم- پەننىڭ تەسر كۈچى ھوقوقنىڭ تەسىر كۈچىدىن ئاجىز دېيىشمەكتە. مېنىڭچە، پەقەت ئالىي مائارىپلا ئەمەس، بارلىق مەكتەپلەرنىڭ ھەمممىسى ئوخشاش، پەقەت شۇ ئالىي مائارىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلىپ قىلالايدۇ خالاس، دەپ قارايمەن. نۆۋەتتە، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلىپ قىلىۋاتقىنى، جەنۇب پەن- تېخنىكا ئۇنۋىرسىتىتى بولوپ، مەكتەپ مۇدىرى جۇ چىڭشى جۇڭگۇ مائارىپنىڭ توسۇقلىرىنى بۇزۇپ تاشلاشقا تېرىشىپ، شىنجېندا بىر «ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان»، ھەقىقىي خاسلىققا ئىگە مەكتەپ قۇرۇپ چىقماقچى ئىدى، بىراق، يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مائارىپ تارماقلىرى تۈرلۈك قىسماقلارنى قۇرۇپ، ئۇنى چۈشەپ قويدى، ئۇنى «كىشەن» بىلەن ئۇسسۇل ئويناتماقچى بولدى. ئەڭ يامان قىسماق بولسا، «قانۇن بويىچە مەكتەپ قۇرۇش»تۇر. باشقىلار«قانۇن بويىچە مەكتەپ قۇرۇش» نى قانداق چۈشىنىدۇ، مەن بۇنى بىلمەيمەن، مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇ، پەقەتلا مەكتەپنىڭ بارلىق ھەركىتى دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىغا، سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق، چوقۇم دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىمتىھان تۈزۈملىرىگە بويسۇنۇش دىگەنلىكتىن ئىبارەت. قانۇنغا چوقۇم رىئايە قىلىش كېرەك، بىراق، بىر دۆلەتنىڭ مائارىپقا قالدۇرغان بوشلۇقى بەك تار بولسا، ياخشى مائارىپ بەرپا قىلغىلى بولامدۇ؟ ياخشى مائارىپ بەرپا قىلماي، خەلقنى رازى قىلىمەن دېيىش، ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدىغانلىق.
ھازىر، خەلق مائارىپتىن نارازى بولىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئۈمىدسىزلەندى. جۇ چىڭشى ئەپەندىمۇ رازى بولمىغان ئىدى، ئەگەر، جۇ ئەپەندى رازى بولغان بولسا، جەنۇپ پەن- تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن جاپا چېكىپ يۈرمەيتتى. پىراففىسۇر چىيەن ۋېنجۇڭمۇ:«جۇڭگۇنىڭ مائارىپى تەرەققىي قىلىپ ھازىرغىچە پۈتۈن بەدەنلىرىنى كېسەل چىرماپ كەتتى، ھەتتا قۇتقۇزۇشقىمۇ ئامال قالمىدى» دىگەن ئېدى. ئەلۋەتتە، نارازى بولىدىغانلارمۇ بار، مەسىلەن، جۇڭگۇنىڭ بايلىرى، ئەمەلدارلىرى، چەتئەلگە چوقۇنغانلىقىدىنمۇ، ياكى ئۆز دۆلىتىنىڭ مائارىپدىن ئۈزۈل كېسىل ئۈمۈدىنى ئۈزدىمىكىن، ئىش قىلىپ، ئۇلار بار ئاماللار بىلەن پەرزەنتلىرىنى چەتئەلگە ئەۋەتىپ ئوقۇتىۋاتىدۇ. ئەگەر، بايلار، ئەمەلدارلار ۋە زىيالىيلار ئۆز دۆلىتىنىڭ مائارىپىغا ئىشەنمىسە، ئۇنداقتا، بۇ، بىر دۆلەتنىڭ مائارىپنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
مەن ئىزچىل جۇڭگۇنىڭ مەكتەپلىرىنىڭ تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى تاللا بازارغا بېرىپ تاۋار سودىسى قىلىشنى ئويلىغانلىق بىلەن ئوخشىشىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن ئىدىم. چۈنكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئىي تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە تەبىئىي ئەقىل پاراسىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىگىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارمۇ قۇبۇل قىلىنغۇچىلارنىڭ بىلىمى، پەزىلىتىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن كارى يوق، پەقەت قۇبۇل قىلىنغۇچىنىڭ قانداق پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغىلا قارايدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئاشۇ ئالىي مەكتەپلەردە تەبىئىي تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە تەبىئىي ئەقىل پاراسىتى تەرەققىي قىلدۇرغانلار ئەكىسچە غەيرى تۈردىكىلەرگە، غەيرى تىپلارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، كەينىدىكىلىرى ئانچە مۇنچە تەجرىبە، ساۋاققا ئىگە بولوپ، ياشاش ئۈچۈنلا ئوقۇيدىغان بولۇشتى. ئۆتكەندە، سابىق گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى جۇرۇڭجى:«ئەگەر سىز مائارىپقا زور كۈچ سەرىپ قىلمىسىڭىز، نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر پايدا-مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان بولوپ كەتتى» دېگەن ئىدى. نىمە دىگەن توغرا ئېيتىلغان سۆز ھە!
شۇڭا مەن، مائارىپىمىزنىڭ ھەقىقىي تۈردە «بارلىقىمىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقى ئۈچۈن» بولۇشىنى، مائارىپنىڭ ئازراق توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى، مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە كۆپرەك بوشلۇق بېرىلىشىنى، مائارىپنىڭ «ھەقىقىي مەنىسىگە»، ئەسلى ماھىيىتىگە، يەنى، ئادەم تەربىيەلەيدىغان مائارىپقا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ، ماڭا يۈز ياشقا كىرگە جوۋ يوۋگۇاڭنىڭ بىر گېپىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دىگەن ئىدى: «ھەممە ئادەم ئەسلىدىنلا تەبىئىي بولغان تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە تەبىئىي ئەقىل- پاراسەتكە ئىگە، مائارىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئىي تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرىدۇ ۋە قوزغىتىدۇ.سىرتتىن قۇبۇل قىلغان بىلىم چەكلىك بولىدۇ، بىراق، قوزغىتىلغان تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئەقىل- پاراسىتىنىڭ كۈچى پۈتمەس تۈگىمەس بولىدۇ. تەلىم- تەربىيە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم،
ئۆزلۈكىدىن بىلىم ئېلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگىلى، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئەڭ مۇھىم. ئىلگىرى دۆلىتىمىز سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇسلۇبىنى قوللانغان، بىرتەرەپلىمە ھالدا تەربىيەلىگەن، چوقۇنۇشقىلا رىغبەتلەندۈرۈپ، پىكىر يۈرگۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرمىگەن، ئوقۇغۇچىلارنى كاللاش ئىشلەتمەيدىغان قۇرال قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان، بۇ، زور كەمچىلىك».
گېگىل(گىرمانىيەلىك پەيلاسوپ، 1770—1831) مۇنداق دەيدۇ: «بىر مىللەتتە ئاسمانغا دىققەت قىلىدىغانلار بولسا، ئاندىن ئۇلاردا ئۈمىد بولىدۇ؛ بىر مىللەت پەقەت پۇتىنىڭ ئاستىدىكى ئىشلارغىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ». مائارىپ، ئەگەر پەقەتلا «پۇتىنىڭ ئاستىدىكى ئىشلارغىلا كۆڭۈل بۆلسە»، كۆزى پەقەت مەنپەئەتنىلا كۆرسە، مەمۇرىي تارماقلارنىڭ چىرايىغا قاراپلا ئىش تۇتسا، ئۇنداقتا ئىستىقبالى بولمايدۇ، خەلقنى ھەقىقىي رازىمۇ قىلالمايدۇ. شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، پەقەت مائارىپ مەنپەئەتتىن يىراقراق تۇرالىسا، ھوقوققا ئازراق خۇشامەت قىلسا، ئادەم قەلبىنىڭ چۇڭقۇر يېرىگە ماڭالىسا ئاندىن ئۇ ئەسلى ماھىيىتىگە قايتالىشى مۇمكىن.
لو كۇەنخەي ئىمزالىقىدىكى بۇ مۇلاھىزە«فىليەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى» 2011- يىل 9- ئايلىق سانىغا بېسىلغان.
ياۋائات تەرجىمىسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yawaat0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-16 05:44 PM