رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
2.14...رىيال تۇرمۇشدىن
قولىدا گۈل بىر يىگىت كۆردۈم،
بايرام دەيدۇ نە سەۋەب دىسەم.
ئىچ-ئىچىمدىن ئاچچىق بىر كۈلدۈم،
ئەلمۇ بىلدى دىسەم-دىمىسەم.
نەدىكى گۈل زىمىستان چاغدا،
تېخى بۇلبۇل ياتسا ئۇيقىدا.
ئىچىلغاندۇ ھە،پارنەك باغدا،
سىزىلغاندەك رەسسام بۇيقىدا.
تەبرىكلىمەس نۇرۇزنى ئەلمۇ،
يۇرتىمىزغا كەلمەستىن باھار،
نېمە قىلسۇن سۆيگۈ-مۇھەببەت،
خۇش-پۇراقسىز گۈلدە يوق ئىزھار.
سۇراپ باقاي سەندىن ئەي يىگىت،
قانداق گۈل ئۇ فېۋرال ئىيدىكى.
بىلىپ بولدى ئاقىللار بەلكىم،
بۇ بايرامنىڭ دەل سۈنئىيلىكى.
2013...2.14....بۆرتالادا يزىلدى
رۇستەم قاراسۇ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-14 02:27 PM