مىسرانىمدا بىر يىلىم
(بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغان ۋاقتىمدا قاراپ باقسام بىر يىلدىن ئېشىپتۇ.بۇ بىريىلدا مۇنبەردىن ئالغان تەسىراتىمنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلدىم)
ئەقىل يوقتا ھەرقايان يۈگرىدىممەن-چاپتىممەن،
پەرۋايىم يوق،تۇرمۇشنىڭ قاينىمىدا ئاقتىممەن،
ئۆتكەن ئۆمۈر-ئاققان سۇ، ئەمدى ئەقىل تاپتىممەن،
ئۆتكەن كۈنلەر كەينىدىن،كالېندارغا باقتىممەن،
تېزلا ئۆتۈپ كېتىپتۇ، مىسرانىمدا بىر يىلىم!
نەزەر سالسام بۇ دەمدە ، ئۆتكەن ئەشۇ يىلىمغا،
كۆرسىتىپتۇ كۆپ تەسىر، تەپەككۇرغا-ئېڭىمغا،
نۇر قوشۇپتۇ يەنىمۇ، نۇرلۇق گۈزەل تېڭىمغا،
قوشۇلۇپتۇ-سىڭىپتۇ، ئەقىل-ئىدراك قېنىمغا،
ماڭا ئەقىل بېرىپتۇ، مىسرانىمدا بىر يىلىم!
ئۆتۈپتىمەن ھەر ۋاقىت، دوستلار بىلەن سىردىشىپ،
گاھى كۈلۈپ، گاھىدا قايغۇ ئىچرە يىغلىشىپ،
زور قوشۇنغا ئەگىشىپ، گاھى چاغدا ياندىشىپ،
ئىجادىمدىن تىك داۋان،چوققىلاردىن ھەم ئېشىپ،
قېنىق رەڭگە كىرىپتۇ، مىسرانىمدا بىر يىلىم!
كۆپىيىپتۇ-ئېشىپتۇ، يېقىن دوستلار-سىرداشلار،
كېلىپ كېتىپ تۇرۇپتۇ مۇنبەرداشلار-قۇرداشلار،
ئەمما مېنىڭ كۆپەيدى-ئاغىنىلەر-ئاداشلار،
كۈن چۈشكەندە بېشىمغا، پىكىرداشلار-قاياشلار،
دوست ئۇرۇقى تېرىپتۇ، مىسرانىمدا بىر يىلىم!
ئەھمىيەتلىك ھەركۈنۈم، ئۆتتى ئۆمرۈم مەنىلىك،
گاھى ھۇشيار، گاھىدا يۈز بېرىپ بىخەستىلىك،
قول تۇتۇشۇپ تۇشمۇ-تۇش،قالدۇرۇپ كۆپ ئەستلىك،
قەلب خانەم بېزەلدى،رەڭدار گۈللۈك-كەشتىلىك،
كۆڭۈلنى شاد ئېتىپتۇ، مىسرانىمدا بىريىلىم!
ئىلھام قۇشى دەممۇ-دەم مېنى يوقلاپ ھارمىدى،
ئول پېقىرمۇ قەلەمنى تاشلىمىدى-تالمىدى،
ئىككى يۈزدەك ئەسەرنى يازدى-ئارمان قالمىدى،
دىمەڭ ئەمما، توختارمۇ، تېخى گۆھەر قازمىدى؟
مۇرادىغا يېتىپتۇ، مىسرانىمدا بىريىلىم!
نائىل بولدۇم بۇ دەمدە مۇنبەر ئارا ھۆرمەتكە،
ھۆرمەتلەيدۇ بىلگەنلەر، چىقىپ تۇرۇڭ توربەتكە،
ئوتلار ئېچىڭ زۇغۇيلۇق، ناچار خاھىش ئىللەتكە!
يېتەكلەڭچۇ،باشلاڭچۇ بىزنى داۋام رىغبەتكە،»
دىلنى-دىلغا چېتىپتۇ، مىسرانىمدا بىر يىلىم!
ياخشى ئالقىش ئالاركەن، ئۇچراپ يامان قارغىشقا،
ئەجىر قىلدىم مۇنبەرگە، نائىل بولدۇم ئالقىشقا،
ياخشىغا بوپ مەدەتكار، دەسسەتمىدىم ھۆل خىشقا،
ئەمدى ئىمكان تېپىلدى، پەللىلەردىن ھالقىشقا،
ھەردەم مەدەت تېپىپتۇ، مىسرانىمدا بىريىلىم!
كىملەر بۇندا يايرىدى،چاچراپ بۇژغۇن ئۈنچىسى؟
شۈركەندۈردى كىملەرنى، سىم-سىم يامغۇر تامچىسى،
ماختاشلاردىن ئۇيالدىم، تۆھپەم زەررە دانچىسى،
مەندىن قانچە دوست رازى،رەنجىپ قالدى قانچىسى؟
كۆڭۈل ئىزدەپ تېپىپتۇ، مىسرانىمدا بىر يىلىم!
ئىزدىنىشتە ئۆتۈپتۇ مۇنبەر ئىچرە ھاياتىم،
ئادەملىكتىن مۇكەممەل چىققاچ ئوچۇق ساۋادىم،
مۇنبەر كۆڭۈل خوشلۇقۇم، مۇنبەردە كۆڭۈل شادىم،
يۈز ئۆرىسەم ئۇنىڭدىن، بولۇر مەڭگۈ ئۇياتىم،
دىلغا يالقۇن يېقىپتۇ، مىسرانىمدا بىريىلىم!
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئۆتۈپتۇغۇ بىريىلىم،
مۇنبەر ئاتا قىلىپتۇ كاتتا شۆھرەت،زەر ئىلىم،
بۇلبۇل بولۇپ ئۈنلەيمەن،ئىجادتىن چىققاچ تىلىم،
كەڭرى ئوكيان شۇتاپتا، پايانى يوق بۇ دىلىم،
ئۆز قەدرىنى تېپىپتۇ،مىراسىنمدا بىر يىلىم!
مەنبە: ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-14 12:06 PM