پورتىمال
ھېكايە
كاللامغا تېخى بايىلا قونغان كىچىككىنە غەمنىڭ تەسىرىدىن خىيالغا چۆمۈپ كېتىپ باراتتىم،ئاياغ ئاستىمدا غىچ-غىچ قىلىپ دەسسىلىۋاتقان قارلار مېنى خىيال دېڭىزىدىن تارتىۋالماقچى بولغاندەك توختىماستىن غىچىرلايتى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق غىچ قىلغان ئاۋاز بىلەن قەدىمنى تۇيۇقسىزلا توختىتىپ قالدىم ،ئالدىمدا غايىپتىن چۈشكەندەكلا بىر پورتىمال سۇنايلىنىپ ياتاتتى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۇستىنىمۇ نىپىز بىر قەۋەت قار قاپلىغان بولۇپ ، ئەگەر سەللا دېققەت قىلمىغان بولسام يەنە بىر قېتىملىق غىچ دېگەن ئاۋاز بىلەن ئايىغىمنىڭ ئاستىغا چۆكۈپ كېتەتتىكەن ، ھىچنىمىنى ئويلىماي خوشلۇقۇمدا پورتىمالنى يانچۇقۇمغىلا سالدىم ، راست گەپنى قىلسام مېنى باياتىن بېرى خىيال دېڭىزىغا چۆمدۈرىۋاتقىنىنىڭ ھەممىسى پۇلنىڭ ئىشى بولغاچقا سۇنايلىنىپ ياتقان پۇلنى قاتلاپ يانچۇقۇمغا سالغۇچە يولۇمنى داۋام قىلىپ كېتىۋەردىم ، نېمىشقىكىن ئەمدى قارلارنىڭ غىچ-غىچ قىلىپ غىچىرلاشلىرى ئاڭلانمايتى .خۇشلۇقۇمدا پورتىمالنى يانچۇقۇمدىن ئېلىپ ئىچىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ، 300~400كويدەك پۇل ،ۋە 20نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر بالىنىڭ كىملىكى تۇراتتى.پۇلنى ئېلىۋېلىپلا پورتىمالنى بىر تامنىڭ بۇلۇڭىغا تاشلىۋەتتىم، دېمىسىمۇ ماڭا پۇلدىن باشقا نەرسىنىڭ نېمە كېرىكى ، خۇشلۇقۇمدا ئالدىمغا ئىككى قەدەم مېڭىپلا توختاپ قالدىم ،نىمىشقىكىن كۆڭلۈم توساتتىنلا تاشلىۋەتكەن پورتىمال تەرەپكە ئېغىپ قالدى، قانداق قىلىش كېرەك ؟دەقىقە ئويلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئارقامغا قايتىپ پورتىمالنى ئالغىنىمچە يانچۇققا سېلىپ يۈرۈپ كەتتىم.
ياتاققا كىرسەم ئادەممۇ يوق، چاپىنىمنى ئېرىنچەكلىك بىلەن سېلىپ يانچۇقۇمنى ئاختۇررۇشقا باشلىدىم .
-ئەستاغپۇرۇللا تاماكا تۈگەپ قاپتۇ ئەمەسمۇ.
بېشىمغا يەنە پۇلنىڭ غېمى چۈشتى ، تېخى باياتىلەتتىن ئازات بولغان كاللامنى يەنە غەم -ئەندىشە قاپلىۋالغانىدى.
- بۇ ئايلىق مائاش، كېلەر ئايغا سۈرۈلسە ،قانداق بولغىنى بۇ، كۈندە بىر ۋاخ تاماق يەپ كۈن ئوتكۈزۈش كېرەكمۇ ئەمدى، ھەي پۇل، ھەي پۇل ، ئەجەپ .............
توساتتىن يانچۇقۇمدا پۇل بارلىقىنى ئېسىمگە ئېلىپ خوشلۇقۇمدىن ۋاھ! دەۋەتتىم، شۇئان چاپىنىمنى كەيدىمدە ئۇدۇل ماگزىنغا چىقىپ تاماكىدىن بىر قاپ ئېلىپ ياتاققا قايتىپ كىردىم ، شۇ تاپتا كەيپىم شۇنداق چاغ ئىدى، باياقى ئەندىشىلىرىم نەلەرگىدۇر يوقالغان، تاماكا چەككەش كۆڭلۈمدە چوت سۇقۇشقا باشلىدىم .
-ھەنىم بولسا بايرامغا ئۈلگۈرۈپ ما پۇلنىڭمۇ تەييار بولۇپ قالغىنىنى، ئۆگۈنلۈككە دوستلار ئولتۇرۇشى دەۋاتاتتى،قانداق قىلارمەن دەپ بېشىم قېتىپ تۇرغاندا ما پۇلنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان، ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دېگەن شۇدە مانا ، ھا!ھا!ھا!
بىر كەملەردە قورسىقىمنىڭ ئېچىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم ، ھېلىمۇ كوركىراۋاتقىلى تۆت سائەتتىن ئاشتى بۇ قورساق، بەڭگى دېگەن ئاجايىپ دە، خۇمارى تۇتسا بىر قاپ تاماكىغا چىدىيالماي، تاماكا قالدۇقلىرىنى ئېلىپ چىكىپ كېتىدۇ، قورساق بىلەن پەقەت كارى يوق، ئەگەر بىر بەڭگىنىڭ يانچۇقىدا بەش سوملا پۇل قېلىپ قورساقلىرى تازا ئېچىپ كەتكەن ھەمدە خۇمارىمۇ تازا تۇتۇپ كەتكەن بولسا ئىككىلەنمەستىن ئامال قورساقنى توقلاشنىڭ ئامالىنى قىلىدىغان بەڭگىلەردىن زادى قانچىسى باردۇ؟لېكىن مېنىڭ يانچۇقۇمدا ھازىر خېلى پۇل بار ، تاماكىغىمۇ ، تاماققىمۇ يېتىدۇ، لېكىن باياتىن تاماكا ئالغىلكى چىققاچ تاماق يەپ كىرمىگەنلىكىم ئەقىلگە سىغمايدۇدە ، بولدىلا ھېلىراق چىقارمەن ...
قاچانلاردىن مۈگىدەپ قالغانلىقىمنى ئۇقمىدىم ، بىر كەمدە كۆزۈمنى ئېچىپ بېقىنىمدا بىر نەرسە باردەك ھىس قىلىپ شۇنداق قايرىشىمغا يانچۇقتىن بىر نەرسە ئۇرۇلغاندەك قىلدى ، قارىسام ھېلىقى مەن تېپىۋالغان پورتىمال ، شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن قوزغالغان قىزىقىش بىلەن پورتىمالنى يەنە بىر قېتىم ئاختۇرۇشقا باشلىدىم، يەنە پۇل چىقىپ قالار دېگەن ئۈمۈتتە شۇنچە ئاختۇرساممۇ لېكىن يەنىلا سىنىتنىڭ پۇچۇقىمۇ يوق، ئاچچىغىمدا كارۋات ئۈستىگە پىرقىرىتىپ تاشلىۋەتتىم ۋە تاماق يېيىش ئۈچۈن سىرتقا يۈرۈپ كەتتىم. دوخمۇشقا چىقىپ تۇرۇشۇمغىلا خۇددى غايىپتىن پەيدا بولغاندەك بىر نەچچە بۇرادەر،دوستلار پەيدا بوۇپ قالدى،ئەگەر ھېلىقى چاغ بولسا بۇنداقلارغا ئۇچىراپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن دېگەن بولاتتىم، لېكىن بۈگۈنكى ئەھۋال ئۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، شۇڭا مەغرۇرانە قەدەم بىلەن ئۇلارنى ئاشخانىغا باشلىدىم ...
ياتاققا كىرىپلا كۆزۈم كارۋاتتىكى پورتىمالغا چۈشتى، پورتىمالنىڭ ئىچىدە بىر كىملىك تۇراتتى، قولۇمغا ئېلىپ قاراپ باقسام يېشى مەندىن ئانچە پەرىقلەنمەيدىغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ كىملىكىكەن ، توساتتىن سىرتتىن ۋاراڭ-چۈرۈڭ ئاڭلاندى، پورتىمالنى ھاپىلا-شاپىلا يۇغۇشتۇرېۋېتىپ باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەتتىم .
-----
ئەتىسى ئىشقا ماڭغاچ توساتتىن تامغا چاپلانغان بىر ئېلانغا كۆزۈم ئىلىنىپ قالدى ، ئىسمىxx.....
بۇ ئىسىم ماڭا بىر خىل تۇنۇشتەكلا قىلاتتى، كىملىكىمنى پەملەي دەپ بولغىچە ئىشقا كەلگەن دوسلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇلار بىلەن چاقچاقلاشقىنىمىزچە خىزمەتكە يۈرۈپ كەتتۇق.
ئىشقا چۈشكەن بولساممۇ كۆڭلۈم يەنىلا ھېلىقى تامغا چاپلانغان ئېلان بىلەنلا قالغانىدى، كىملىك نۇمۇر ماڭا بىر خىل تۇنۇشتەكلا بىلىندى، ھەتتاكى ھېلىقى ئىسىمممۇ شۇ، ئەمما زە شۇ پورتىمالنى تېپىۋالغانلارغا بىرىدىغان 500كويغا قارىغاندا چۇقۇم ئىچىدە مۇھىم نەرسىسى بار بولسا كېرەك .
-توختا، بۇ ؟ھە راست بۇ نەخ ھېلىقى مەن تېپىۋالغان كىملىكتىكى نۇمۇر، ئىسىممۇ شۇ دەل ئۆزى، دېمەك بۇ كىملىكنىڭ ئېگىسى مەن تېپىۋالغان پورتىمالنىڭمۇ ئېگىسى دېگەن گەپ ،پاھ ! ئامەت كەلسە ئۈچ كەپتۇ دېگەن شۇدە مانا، مۇشۇ پورتىمالنى تېپىۋالغان كۈنلەردىن باشلاپ ئىشلىرىم ئەجەپ يۈرۈشۈپ كەتتى دېسە ...
ئۆزەمچە مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ قويدۇم، ئەمدىكى ئەس-يادىم تامدىكى ئاشۇ ئېلاندا قالغانىدى
ئېلان___xxنامىدىكى xx*****نۇمۇرلۇق كىملىك سېلىنغان بىر پورتىمال يۈتۈپ كەتتى ، تېپىۋالغۇچىلار بولسا پەقەت شۇ كىملىكنىلا بەرگەن بولسا بولاتتى، باشقا نەرسىگە پەرۋايىم پەلەك،ئەگەر باشقا نەرسىنى ئالغان بولسىمۇ سەۋەبى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.تېپىۋالغانلار بولساxxxxتېلفۇن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار.
_ ھەي! نېمىگە خىيال سۈرۈپ كەتتىڭ، كېلىپ ماڭا ياردەملىشە ئاداش ...
دوستۇمنىڭ قاتتىق ۋارقىرىشىدىن خىيال ئىچىدىن ئويغىنىپ كەتتىم ، لېكىن نېرۋامنىڭ قايسى تۇمۇرلىرىكىن ئەيتاۋۇر يەنە مېنى ئاشۇ شىرىن خىيالنى سۈرۈشكە ئۈندەيتى .ئىشتىنمۇ چۈشتۇق ،ئەسلى مەن دوستلار بىلەن بىر يەرگە بېرىش ئۈچۈن كېلىشىپ قويغانىدىم ، لېكىن شۇ پورتىمالنىڭ ئىشى مېنى بەكراق قىزىقتۇرۇپ قويغاچقا بىرە باھانە تېپىپ يالغۇز قېلىشنىڭ قازىنىنى ئاسماقچى بولدۇم ، ھېلىمۇ ياخشى تاپقان سەۋەبىم كارغا كەلگن چېغى ئۇلارمۇ بىرگە بارمىغانلىقىمنى توغرا چۈشىنىپ مەن بىلەن خوشلاشتى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئالدىراپ ياتاققا كىردىم ۋە شۇئانلا پورتىمالنى قايتىدىن ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ، ئەلۋەتتە بىر پورتىمالدىكى شۇ كىملىكنى دەپ 500بېرىدىغان ئىش بولسا چۇقۇم پورتىمالدا مۇھىم نەرسە بار دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟ ئەپسۇز شۇنچە ئاختۇرساممۇ ھىچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم.بوپتۇلا دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، تېلفۇن قىلىپ مەن تېپىۋالدىم دەپ 500كوي سۈيۈنچىنى ئېلىپ خەجلىمەيمەنمۇ دەپ ئويلىدىم ، ئۆزەمچە بۇ قىلمىىشمنىڭ سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەن بولساممۇ ئەمما بۇ قېتىم شەيتىنىم مەندىن غالىپ كەلگەنىدى، دېمىسىمۇ پورتىمالدىكى پۇللارنى خەجلىۋېلىڭ بىر، يەنە سۆيۈنچىگە ئېرىشىشنى ئويلاش....نېمە چاتىقىم كىم ئۇنى گالۋاڭلىق قىلىپ پورتىمالىنى يوقىتىپ قويسۇن دەپتۇ ، شۇلارنى ئويلاپ سىرىتقا چىقىپ كوچا تېلفۇنىدا پورتىملا ئېگىسىگە تېلفۇن قىلدىم ، ۋەي دېگەن ئاۋاز بىلەن ياش بىر بالا ناھايىتى سىلىق ئاۋاز بىلەن تېلفۇننى ئالدى، بىر قىسقىلا پاراڭلىشىپ خوشلاشتۇق، ئۇ مېنىڭ پورتىمالنى تېپىۋالغانلىقىمنى ئاڭلاپ ناھاىتى خۇش بولۇپ كەتتى، ئىككىمىزنىڭ ئارلىقىمىزمۇ ئانچە يىراق ئەمەسكەن ، مەن ئورنۇمنى دەپ بېرىپ ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم. ھايال بولمايلا 22~23ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق كەلگەن كۆزى گازىردەك كىچىككىنە دېقماققىنە كەلگەن بىر يىگىت كەلدى ، مەن ئۇنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى پەملەپ ئۇنىڭغا تۇنۇشلۇق بەردىم ، ئۇ سالىمنى ئىلىك ئېلىپلا مەندىن پورتىمالنى سورىدى، مەن يېنىمدىن چىقىرىپ ئۇنىڭغا كۆرسىتىشىمگە ئۇ قايتىدىن مەن بىلەن قىزغىن سالاملىشىشقا باشلىدى، لېكىن مېنىڭ خىيالىم يەنىلا ئاشۇ سۆيۈنچىدە قالغانىدى،مەن ئۇ يىگىتكە پورتىمالنى ئېچىپ ئىچىگە قاراپ بېقىشنى دېگەن بولساممۇ ئەمما ئۇ يىگىت ماڭا قاراپ كەسكىنلىك بىلەن ،كۆزۈڭلارغا قارىسام سەمىمىي، دۇرۈش بالىدەك تۇرىسىلەر شۇڭا ئىشەنمەسلىكىمگە يەنە ئاساسىم بارمۇ دېمەسما ، شۇنداق خىجىل بولۇپ قالدق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ۋە تاس قالدىم مەن پورتىمالدىكى پۇلنى خەجلىۋەتتىم دېگىكلى، ئەمما ئۇ گېپىنى داۋام ئەتكەچ يانچۇقىنى كولاشقا كىرىشكەندە كۆزلىرىمدىن ئوت چىكەتتى ، چۈنكى مەن ھازىرلا غايىپتىن چۈشكەندەكلا يەنە 500سومنىڭ ئېگىسى بولۇپ قالاتتىم ،ئۇ توساتىنلا يانچۇقىنى كولاشتىن توختاپ قالدى ۋەبىرخىل خىجىل بولغان قىياپەتتە
-ئاپلا كەچۈرۈڭلار،ئالدىراشچىلىقتا يانچۇقۇمغا پۇل سېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، مۇمكىن بولسا تېلفۇن نۇمۇرۇڭلارنى ياكى ئىشلەيدىغان ئورنۇڭلارنى دەپ بېرىڭلار ئەتىگىچە مەن چۇقۇم بېرىپ سىلەرگە رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن .بۈگۈن راستىنلا سەت بولدى بۇرادەر.
ئۇ شۇنداق ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە ماڭا قاراپ مېنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشۈمنى ساقلاپ تۇرماقتا ئىدى. ماقۇل دېدىم ئۇنىڭغا كەسكىن ئاھاڭدا تازا ئۇرغۇلۇق قىلىپ .
- سىلەر ماڭا شۇنچە ئىشىنىۋاتساڭلار، ئەمسە مەن سىلەرگە ئىشلەۋاتقان ئورنۇمنىڭ ئادرىسىنى دەپ بېرەي.
مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنىڭغا بىر قۇر قاراپ چىقتىم ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئالدامچىلارغا ئوخشىمايتى، ئەلۋەتتە مېنىڭ ئۇنىڭغا نېمشقا ئىشلەۋاتقان ئورنۇمنى دەپ بېرىشىمنىڭمۇ مەلۇم بىر سەۋەبى بار ئىدى .ئەگەر ئۇ ئىش ئورنۇمغا بېرىپ قالسا ئەلۋەتتە باشلىقىم بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشلىقنىڭ ئالدىدا مېنىڭ پورتىمالنى تېپىۋېلىپ يەنە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىمنى بىلسە،بەلكىم باشلىقمۇ مېنىڭ بۇ خىسلىتىمدىن تەسىرلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
مەن يەنە شىرىن ئارمانلار ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم .ياتاققا قايتىپ كىرگىنىمدە ئىككى دوستۇم بىرگە كىنو كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىكەن ، ئۇلار بىلەن سۇسقىنە ئەھۋاللىشىپ بىرگە كىنو كۆرۈشكە تەمشەلدىم ،ئەمما نىمىشقىكىن ئەتىنىڭ تېزراق كېلىشىنى ئىستەپ كىنو كۆرۈشمۇ خوش ياقمايياتىقىمغا چىقىپ خىيال سۈرگەچ ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن .
بىر كەملەردە قارىسام ھېلىقى يىگىت قېشىمغا كېلىپ 500كوينى ماڭا تۇتقۇزۇپ، مېنى باشلىقىمغا تازا ماختاپ بەردى، باشلىقمۇ مېنىڭ بۇ ئىشىمدىن تەسىرلىنىپ بۇ ئايلىق مائاشىمغا يەنە پۇل قوشۇپ بەرمەكچى بولدى. مەن پاھ دېگىنىمچە سەكرەپ كەتتىم.
_ۋايجان!
دېققەتسىزلىكتىن پۇتۇمنى كارۋاتنىڭ قىرىغا ئۇرۇۋالغان ئىدىم ،بايا كۆرگنلىرىمىنىڭ ھەممىسى چۈشۈم ئىدى، سائەتكە قارىدىم ئىشقا بېرىشىمغا يەنە تۆت سائەت بار ئىدى.خىيال ئىچىدە بۇ تاڭنىمۇ ئاتقۇزدۇم، ئەتىسى ئىشقا چۈشۈپ ھايال بولمايلا ھېلىقى يىگىتنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ىۇشلۇقۇمدا ئۇننىڭ ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشكىلى تەمشەلدىم ،ئەمما ئۇ ماڭا ھىچبىر پەرۋا قىلماستىلا مېنى يانداپلا ئۆتۈپ كەتتى، مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىراپ بولغىچە ئۇ ئۇتتۇر باشلىقنىڭ قېشىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .ئۇ باشلىق بىلەن خېلى بىر ھازا پاراڭلاشتى، بىردەمدىن كېيىن باشلىقنىڭ مېنى چاقارغان ئاۋازى ئاڭلاندى، مەن ئۆزەمنى تۈزەشتۈرۈپ باشلىقنىڭ قېشىغا بېرىشىمغا .
-قايسى كۈنى سىز بىر پورتىمال تېپىۋالغانمۇ؟
-شۇنداق
-قېنى ئۇ پورتىمال
-ئەنە ، ئىگىسى يېنىڭىزدا تۇرۇپتۇ باشلىق، تۈنۈگۈن ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردىم،شۇنداقمۇ ئاداش، ھە دېگىنە .
مەن شۇنداق دېگىنىمچە باشلىققا ئۇ يىگىتنى ئىما قىلىشقا باشلىدىم.
-بولدى ، مەن سەندىن پورتىمالنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى سورىدىم.
-شۇ چاغدا بەرگنتىمغۇ، پەقەت بىر كىملىكلا باركەنتۇق،ما يىگىتمۇ پورتىمالنى تېپىۋېلىپ بەرگەنلىكىمگەرەخمەت دېگەن
-ياق ! ئىچىدە 2000كوي نەق پۇل ۋە بىر بانكا كارتىسى بار ئىدى.
ئۇ يىگىت شۇنداق دېگىنىچە ماڭا قاراپ گۆلىيىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ بۇ ئەلپازىغا قاراپ تۇرۇپلا قاپتىمەن ، ئەجىبا مەن پورتىمالغا خاتا قارىدىممۇ ، راست گەپنى قىلسام مەن ئۇ پورتىمالنىڭ ئىچىدىن پەقەت300~400كويدەكلا پۇل ئالغانلىقىم ئېسىمدە خۇشلۇقۇمدا پورتىمالدىكى پۇلنىمۇ ساناپ باقمىغان ئىدىم.
- نەدە ، مەن تېپىۋالغاندا ئىچىدە بىر پۇڭممۇ يوق پورتىمالكەن، ئېھتىمال خەق تېپىۋېلىپ ئىچىدىكى پۇلنى ئېلىپلا پورتىمالنى تاشلىۋەتكەندە ماڭا ئۇچىراپ قالغان چېغى، ئەمدى بۇ بالاغا مەن قالدىمۇ، قاراپ تۇرۇپ يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەيمەنما،
مەن شۇنداق دېگىمچە ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ تۇردۇم.
-بولدى، سەن ئالمىساڭ نېمىگە ئۇنچە قاينايسەن، راست گەپ قىلغىن ئالساڭ ئالدىم دە.
- ئىچىدە بىر پۇڭمۇ بولمىسا نەدە تۇرۇپ ئۇ ئىككى مىڭ سومنى ئالىمەن باشلىق.
-يالغان سۆزلىمە ،ئىچىدە 3000كوي نەخ پۇل بار ئىدى.
ۋاي ما قىزىل كۆزنى ، تېخى بايا 2000كوي دەۋاتاتتىڭغۇ، مەن ئالغاندا ئىچىدە بەك بولسا 300~400كوي باركەنتۇق ، ئەسلىدە مېنى قاقتى سوقتى ....
ئاپلا دېگىنىمچە ئاغزىمنى تۇتۇپلا قالدىم.
- مانا ئاشكارلاندىڭغۇ، تېخى بايا پۇل يوقكەن داۋاتاتىڭ، باشلىق قاراڭ قول ئاستىڭىزدا مۇشۇنداق يالغانچى كىشىلەر ئىلىسە سودىڭىز قانداقمۇ يۈرۈشىدۇ، ھازىرقى باشلىقلارمۇ زە، سىرتىغا قاراپلا ئادەم ئالىدۇ.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە باشلىققا ئەزۋەيلەپلا كەتتى، باشلىقمۇ ئۇنىڭ [s:166]كوتۇلداشلىىدىن زىرىككەن چېغى،سەۋرىچانلىق بىلەن ئىشنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ ئۇ يەنىلا تەتۈرلۈك قىلىپ پورتىمالىمدا زادى2000كوي بار ئىدى ، چۇقۇم تۆلەپ بەرسۇن ، بوپتۇ بانكا كارتىسىنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتۈرمەي دەپ دۇكاننى بېشىغا كەيدى. باشلىق ئامالسىزلىقتىن ئۇنىڭغا 1500كوي بېرىپ يولغا سالدى، ئۇ كەتكەندىن كېيىن باشلىق مېنى چاقىرىپ
- ئۇكام ئۆز ئۇۋالىڭ ئۆزەڭگە، سەنمۇ كۆردۈڭ ، ئۇنىڭغا 1500كوي بېرىپ ئاران قۇتۇلدۇق، ئەمدى شۇ مەنمۇ بىر ئۆينىڭ تۇرخۇنىدىن ئىس چىقىرىۋاتقان ئادەم شۇڭا...
باشلىقنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنگەن ئىدىم ، دېمەك بۇ ئايلىق مائاشىمنىڭ ھەممىسى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەنىدى . گەپمۇ قىلماي ئۇ يەردىن ئايرىلدىم، كوچىغا چىقىپ ئۆزەمنى ئەركىن قويىۋەتتىم، شۇ تاپتا قاتتىق جىلە بولۇپ كەتكەنىدىم ، تاماكامنى چىكىپ ئاچچىقىمنى باسماقچى بولۇپ قولۇمنى شۇنداق يانچۇقۇمغا سېلىشىمغا ، قولۇمغا پورتىمالىم ئىلىنىپ قالدى، ئاچچىغىمدا قۇرۇغدىنىپ قالغان پورتىمالنى قولۇمغا ئالغىنىمچە پۇرلاپ-پۇرلاپ يىراقلارغا چۆرۈۋەتكىنىمچە يولۇمنى داۋام ئەتتىم .
ئەسەر مەزمۇنى ئاپتۇر بىلەن مۇناسىۋەتسىز
مەنبەسى:ئەپچىلەم