مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 763|ئىنكاس: 9

كۆز ئالدىمدىلا چوڭ بولغان ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۈگۈن ماڭمىساڭ ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31445
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12227
تۆھپە نۇمۇرى: 1511
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 11:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئۇ كۆز ئالدىمدىلا چوڭ بولغان ...
     ئاھۇنىڭ كۆزىدەك ئويناپ تۇرىدىغان جۈپ كۆزى ، ياساپ قويغاندەك بۇرۇنى ، ھەمىشە لەۋ سۇرۇق سۈرۈۋالغاندەك تۇرىدىغان نىپزى گىلاستەك لەۋلىرى ، قىياقتەك قاشلىرى ، بارغانسىرى كۆتتۇرىلىۋاتقان  كۆكسى ئۇنىڭ رېسىدە بولۇپ قالغانلغىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى ، توۋا ئادەم بالىسىمۇ شۇنداق چىرايلىق يارىلىپ قالدىكەن دىسە ، قىزىم بولمىغاچقىمۇ مەن ئۇنۇڭغا قەۋەتلا ئامراق مەنلا ئەمەس پۈتۈن خۇلۇم – خوشنىلارمۇ ئۇنىڭغا ئامراق  .بىز تام خوشنا ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدىشىمنىڭ خىزمىتى بەكلا ئالدىراش بولغاچقا ئۇمۇ دائىم دىگۈدەك كىرىپ باللىلارغا قارىشىپ بېرەتتى .
     - ماينۇرخان سىزگە مەسلەھەت سالغۇم كېلىۋاتىدۇ ، رەيھانگۈلنى ئامال قىلىپ ئىدارىمىزنىڭ سانىغا كىرىگۈزۈپ ئاشلىق مەكتىپىگە  ماڭدۇرساق بولاتتى ، ئۆزىڭىز بىلىسىز ئابدۇللا ئاكىڭىزنىڭ قولىدىن ئىش چىقمايدۇ ، ئا جۈيجاڭ ئۆزى قول تىقمىسا بۇ ئىش باشقا چىقمايدۇ .
    - بۇ ئوبدان مەسلەھەتكەن توختىخان ئاچا ، باشقىلار تۇلۇق ئوتترىنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە رەيھانگۈل خىزمەتكە چۈشۈپ بولىدۇ ئەمەسمۇ . تازا ياخشى گەپ بۇ مەنچىمۇ ، ئابلىز چۇقۇم ھەل قىلىپ بېرىدۇ خاتىرجەم بولايلى .تاغدىن – باغدىن سۆزلىشىپ پاشىلارغا ئىسرىق سېلىپ يۈرۈپ كۆز جىيەكلىرىمىزدىن ئۇيقۇ ماراپ بولالمىغاندا ئارام ئېلىشتۇق .شۇنداق قىلىپ خوشنامنىڭ ئاق مەرۋايىتتەك بۇ رەيھانىنى  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاشلىق مەكتىپىگە ئالدۇرالماي ۋىلايەتلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگە ئالدۇردۇق ، خوشاللىق ۋە جۇدالىق ياشلىرىمىز بىلەن ئۇزاتتۇق .خوشنىلاردىن قايسىمىز ۋىلايەتكە بېرىپ قالساق توختىخان ئاچام قىلىپ بەرگەن خالتىلارنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتمىدۇق ،يەنىلا ئاياللاردىن ئەرلەر مەرت كېلىدىكەن ئابلىز ھەر قېتىم بارغاندا ئۇنى ساۋاقداشلىرى بىلەن مىېھمان قىلىپ خوشنىدارچىقنى يەتكۈزۈپ تۇردى .
     ھاۋاسى قۇرغاق ، تۇپرىقى قاتتىق بۇ چەت يېزىدىن چىققان رەيھانگۈل ۋىلايەتكە بېرىپ تېخىمۇ ئېچىلىپ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇلۇپ ، يۈزلىرى تېخىمۇ ئاقىرىپ ئازراق سەمرىپ قاش تېشىدەك پاقىراپ كەتكەن ئىدى .ئەپلەپ سەپلەپ ئاران دىگەندە مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ كېلىۋالدى .مەكتەپ پۈتتۇرگەندىن كېيىن رەيھانگۈلنى يېزىلىق ھۆكۈمكە تەقسىم قىلدى .رەيھانگۈل مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن مەھەللىمىزگە كېلىدىغان ئوغۇللار كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىپ كەتتى .قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدىغان گەپكەن ،ئەمدى لايىق تاللاشقاكىرىشىپ كەتتۇق.  
    - ماينۇرخان ئۇكام سىزگە دىمەي كىمگە دەيمەن ، رەيھانگۈلنى ياتلىق قىلمىسام ئۆگزىلىرىمنى بالىلار ئاتقان تاش – چالمىلار تولدۇرۋەتتى .
   - ئاتا –ئانىسى ئوبدان يەر بولسا ئۇچۇرىمىز
   - مەنمۇ شۇنداق قىلامەن دىگەن ، لېكىن بالا ، مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم تېخى ئوقۇۋاتسا مەن توي قىلغىلى خىجىل بولمامدىمەن دەپ تۇرۋېلىۋاتمامدۇ . مەنچە ئاۋال بالىنى ئىدارىگە يۆتكەپ چىقىۋالغان بولساق ياخشى بولاتتى ، سىز بىلمىدىڭىز ئىككى ئايلىق مائاشىنى دېھقانلارنىڭ پاراق پۇلىغا سېلىپ بەردى .
   - مۇنداقمۇ ئىش با دەڭە ،مەن ئابلىزغا دەي  بىر ئامال قىلىپ يۈتكىسۇن .
نەچچە ئوغلاق – پاقلان گۆشلىرىنى باشلىقلارنىڭ ئۆيىگە كەچلىرى كۆتۈرۈپ كىرىپ يۈرۈپ رەيھانگۈلنى ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ ئۇن زااۋۇتىغا يۆتكەپ چىقتۇق .
   توۋا دەيمەن بىر كارخانا دىگەنمۇ ئاجايىپ بولىدىكەن ، ھەپتىنىڭ ئاخرى بولسىلا ھاردۇق چىقىرىمىز دەپ كوللىكتىپ تاماق يىسە ،ھەر ئايدا ئايلىق خىزمەتلەردىن خۇلاسسە قىلىمىز دەپ كوللىكتىپ تاماق يەيدىكەن .بىر ۋاقىلىق تامىقىغىلا نەچچە مىڭ سومنى سۇدەك ئېقىتىۋېتىدىكەن ، پات – پاتلا ئېلىپ تۇرغان مۇكاپاتىچۇ تېخې ، بىز ئوقۇتقۇچىلار نىمانچە قىينىلىپ ئالىمىز دەيمەن مۇشۇ ئايلىقنى .
   مەن ئابلىز  بىلەن چوڭلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن توي قىلغان ،ئەسلى ئابلىزنىڭ ۋەدىلىشىپ قويغان قىز دوستى باكەن ،ئەمما ئىككى ئائىلىنىڭ كونا ئاداۋىتى بولغاچ ھەر ئىككىلا تەرەپ قوشۇلماي قاتتىق قارشىلىق قىلىپ تۇرۋالغاچقا بۇ بىر جۈپ ياش مۇرادىغا يىتەلمەي قالغان ئىكەن ،چوڭلارنىڭ قاتتىق تۇرۇشى بىلەن ئىككىمىز توي قىلدۇق ، نىكاھ دىگەن بىر پارچە ئوت بىلەن چۈشىدىغان ئوخشايدۇ مەن ئابلىزنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم . ئارقا –ئارقىدىن ئىككى ئوغۇل تۇغۇلۇپ مېنى تولىمۇ بەخت تۇيۇسىغا باشلىدى . ئامما مەندىكى بۇ بەخت پەقەت ماڭىلا مەنسۇپ ئىدى ، مەن بارلىق مىھرىم بىلەن قۇرۇپ چىقىۋاتقان بۇ بوستانلىقىمدا كۆپ ھاللاردا ئۆزەملا قالاتتىم . سەۋەبى ئابلىز تېخىچە ئۇ قىزنى ئۇنتىيالمىغان بولسا كېرەك .مەن ئۇنى سۆيگەندىكىن ئاستا – ئاستا ئۇنىڭ مۇھەببەتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىقىمنى ئاتىدىم ، ئۇنى ئۆتمۈش قوينىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ قەلىب بوستانلىقىغا سۆيگۈ ئۇرۇقلىمىنى تېرىش تاماسىدا تىنىمسىز كۈرەشتە يۈرۈپتىمەن ، كىم بىلسۇن ئۇنىڭ  مەن جاپا تارتىپ تۇمان ھالىتىگە كەلگەن ئۆتمۈشى يېڭى ھايات بىلەن بېزىلەپ ، مەن ئۆزەم ئۈچۈن  ھازىرلىغان قەلب بوستانلىقىغا يېڭىچە بىر نوتىنى پەپىلەپ ئوستۇرگىنىنى ...
  - نىمىش قىلىۋاتىسىز ماينۇر ئاچا ؟ مەنمۇ قىلىشىپ بېرەيمۇ ؟
  - كېلىڭە ئولتۇرۇڭ نىمىش قىلاتتىم قىشنىڭ تەييارلىقى بولمامدۇ ،يوتقان –كۆپىلەرنى ئاپتاپقا بىر سېلىپ ، كىرلىكلىرىنى يۇغان تىكىپ جاي –جايغا تىكىپ جايلاشتۇرۋالاي دەپ شۇ .
  -تىكىىشىپ بېرىڭە ئەمىسە كىرنى تولا يۇيۇپ قوللىرىممۇ ئاغرىپ ھىچ بىر نەرسە تۇتقۇزمايۋاتىدۇ ،ھە ئېلىڭە ما يىڭنىنى ،سىز ئۇ بېشىدىن تىكىپ كېلىڭ،تىكىپ بولسام بىر دەم يېتىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ .
  -ۋاي ئانامەي سىز يىڭنە تۇتۇپ باقمغانمۇ ؟ قانداق تىكىش بۇ ئەمدى، يائاللا يائاللا بىرە ئىش قىلشىنى ئۆگۈنۈپ قويۇڭ، ئەرگە تەگكەندىمۇ ئاپىڭىز قىلىپ بەرمەس،سىزدەك كىرلىك تىككەننى ئۆمرۈمدە مەن كۆمەپتىكەنمەن، بولدى ئۆزەملا تىكەي سىز ماڭا مۇزدەك سۇ ئەپچىقىپ بېرىڭە، رەيھان كۈلۈپ كېتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيدىكى ھېجىر تۇڭدىن بىر چىنە سۇ ئېلىپ چىقتى.
  ئۇنى ئۇنداقكەن ، بۇنى بۇنداقكەن دەپ يۈرۈپ ئاخىرى رەيھانگۈلنى بازار باشقۇرۇش ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان يالقۇن ئىسىملىك يىگىتكە ياتلىق قىلىدىغان بولدۇق، مېنىڭ قىزىمنى ياتلىق قىلىدىغاندەك پاي – پېتەك بولۇپ يۈرۈپ قىزنى كۆچۈرگىلى كەلگەنلەر بىلەن يىگىتنىڭ ئۆيىگە كەلدىم، مېنىڭ بۇ خوشنام بىلەن بىۋاستە تۇققاندارچىلىقىم يوق ئەمما بىز تولىمۇ يېقىن ئۆتكەچكە رابىگۈلنىڭ ئانىسىنىڭ يالۋۇرۇشى بىلەن يەڭگىلەر قاتارىدا يىگىتنىڭ ئۆيىگە كەلدىم.كاللام قۇپ – قۇرۇق ،توۋا دەيمەن ئىچىمدە بۇ قىزبالا نەلەردە يۈرۈپ ، كىملەرگە بەردىكىنە ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى ،ئامانەتكە خىيانەت بۇنۇڭدىن چوڭ بولماس، قانداق جايلاشتۇرامەن ھە بۇ ئىشنى...تەشۋىلىنەتتىم ، خۇددى خىيالىمنى بىرسى بىلۋالغاندەك ئەتراپىمغا ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ چىقتىم ، شۇ دەقىقە رەيھانگۈل بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئۇچرىشپ قالدى،ئۇنىڭ ئۈمۈد بىلەن تولغان كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپلا تۇراتتى .مەن رەيھانگۈلنى سىرتقا چىقشقا ئىشارەت قىلدىم، نەزىرىمدىكى بۇ گۈزەل قىز خۇنىكلىشىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۈگۈن كېچىدىكى بۇ ئۆتكەلدىن سالامەت ئۆتۈپ كەتمىسەك بولمايتى ئەلۋەتتە،ئىككىمىز ھاجەت قىلشنى باھانە قىلىپ باغ ئىچىگە جايلاشتۇرۇلغان ھاجەتخانىغا چىقتۇق .
  - قانداق جايلاشتۇرامىز ؟ توختىخان ئاچاممۇ سەل بۇرۇنراق دىمەپتىكەن بۇنى ماڭا ،ئامال قىلىپ زادىلا چاندۇرمايلى، سىز ئاۋال ئاپىڭىز بەرگەن نېشىدىن بەك ئاز سېلىپ چاينى ئىچۈرۈڭ، مەن ياندىكى ئۆيدە ياتاي  ، ئىش تۈگىگەندە سىز ياتماي تۇيدۇرماي قېشىمغا چىقىڭ مەن لاتىنى سىزگە بېرەي .
  بىز شۇنداق مەسلەھەتلەشتۇق، شۇنداق قىلمايمۇ نىمە ئامال ھە .
  قىز بىلەن يىگىت ئۇلار ئۈچۈن ياساپ قويۇلغان ھوجىرا ئۆيگە كىرگۈزۈلدى ،يەڭگىلەر بولسا ياندىكى ئۆيگە جايلاشتۇرۇلغان ئىكەن، ھەممە ئەتىگەندىن بېرى مېھمان كۈتۈپ ھېرى – چارچىغاچقىمىكىن ياتا –ياتمايلا ئويقۇغا كەتتى،پەقەت مەنلا قاچان ئۇرۇش چىقاكىن دەپ يۈرەك ئالدىلىق بىلەن ئىچكىركى ئۆينى تىڭشايمەن، ھەر خىل ئۇسۇلدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان رەسۋاچىلىقنى خىيال قىلىمەن،توۋا ئادەمنى چۈشەنمەك ئەجەپ تەسكىنا، بۇلارنىڭ يامانلىقىنى مېنىڭ ئادەت كۆرىدىغان ۋاقتىمنى قانداق بىلگەندۇ ؟ ئەسلى بۇ يەرگە مەن زادىلا كەلمىسەم بولاتتىكەن ، مەن يە بىۋاستە تۇققىنى بولمىسام نىمىشقىمۇ كېلىمەن زەدى ھە ؟ تالاي سۇئاللار مېنى گاڭىرىتىپلا قويدى،ئۆزەمنى ئېغىر گۇنا ئۆتكۈزىۋاتقاندەك سېزىپ توي كېچىسىنى ئۆتكۈزۋەتقان قىزدىن بەكرەك تولغىنىپ يېتىۋاتىمەن ،ھاسراپ ھۆمىدەشلەر ، يەڭگىل ئىڭراشلاردىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي شىپىلداپ رەيھانگۈل قېشىمغا چىقتى .
  -يالقۇن ئۇخلاپ قالدى ،نېشە كۈچنى كۆرسەتتى بەلكى بەك بىلەلمدى ،سىز تەييارلىغان نەرسە  قېنى دىدى رەيھانگۈل قولىدىكى يالقۇننىڭ ئانىسى بەرگەن لاتىنى ماڭا ئۇزىتىپ تۇرۇپ،مەن لاتنى پەم بىلەن ئىچىمگە سېلىپ بۇ ئېغىر گۇناھنىڭ مەڭگۈلۈك شاھىدى بولۇپ ئادەت كۆرگەندىكى قان بىلەن قىزلىق قېنى تەييارلاپ بەردىم ...
   ھايات بىر خىل رېتىمدا داۋام ئەتمەكتە ، قۇياش ھەر سەھەر كۈلۈپ چىقسۇن ۋە ياكى چىقىمىسۇن  ھەر كۈندىكى قەدىمىمىز بىزنى ماماتلىق نوختىسىغا يېقىنلاشتۇرىدىكەن . رەيھانگۈلنى ياتلىق قىلۋەتكەندىن كېيىن مەھەللىمىزدە ئاۋات بازار بازارچىلاردىن ئايرلىپ سۈكۈتكە چۆمگەندەك جىمجىتلىق قارار تاپتى. باللىرىممۇ بارا - بار چوڭ بولۇپ مېنىڭ ئۇلار بىلەن ھەپىلىشىدىغان ۋاقتىم قىسقىراپ قالدى، ئايال كىشى بالا كىچىك ۋاقتىدا بالام ئۆيۈم دەپلا ياشايدىكەنمىز، باللار چوڭ بولغاندا بولسا گۇڭۇر - مۇڭۇر ئولتۇرغىمىز كېلىپ قالىدىكەن، بۇنداق چاغلاردا مەن كۆپۈنچە پوپايكا توقۇش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزەتتىم، خىياللىرىم ئابلىزدا ئەمما ئۇنىڭ مەن بىلەن ئانچە كارى يوق ئىدى، مەن ئارزۇ قىلغان تۇرمۇش مۇشۇمىدۇ دەپ قالىمەن، بىراق ئۇنىڭ ھامان ئويگە قايتىپ كىرىشىنى كۈتەتتىم، مەن ئاۋالقىدەكلا بارلىق مېھرىم بىلەن بۇ تۇرمۇشىمدىن زارلىماي ئۆيىمىزنى  تۇتۇپ كېلىۋەردىم، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئىدارىدىن بولامدۇ ياكى باشقا ئولتۇرىشىلرى بولامدۇ بەك كۆپ ئىچىپ كەتمەي ئانچە كەچمۇ قالمايدىغان ئادەم يېقىندىن بېرى كۆپ ئىچىدىغان، كەچ قالىدىغان، ھەتتا مەن بىلەن تاينى يوق ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئورۇشۇپ مېنى ئۇرىدىغان يامان خۇي چىققىلى تۇردى، مەن باللىرىمنى ئويلاپ ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىمنى ئىچىمگە سېلىپ بىرەسىگە بۇ توغرىدا چىش يېرىپ بىر نىمە دىمەي يۈرەۋەدىم، بارا- بارا يۈز- كۆزلىرىمگە كۆك چۈشىدىغان بولدى، بىر ئۇچۇم بىر ئۇچۇمدىن چۈشكەن قۇممۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگشىپ بىر كۆلنى تىندۇرۋېتەلەيدىكەن، مەن بۇنداق سۈكۈت قىلىپ يۈرىۋېرىشكە تاقەت قىلالماي بۇ كۆڭۈلسىز تۇرمۇشنىڭ سەۋەبىنى ئىزلەشكە كىرىشتىم، مەن ئەينەك ئالدىغان كېلىپ ئۇزاق قاراپ تۇردۇم، قارسام قارسام ئابلىزغا ماس كەلمەيدىغان بىر يېرىم يوقتەكلا بىلىندى، قاچانلاردىكى بىر كىتاپ ئارىسىدىن تېپىۋالغان ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستىنىڭ  رەسىمنى ئەينەك ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ سېلىشتۇرۇپ باقتىم، كۆڭۈل ئەجەپ بولىدىكەن دىسە ئۇنىڭ نەرىگە شۇنچىلىك كۆيگەن بولغىيىدى ؟ بەلكى ئابلىزنىڭ كۆزىدە ئۇ پەرىدۇ...
     يازلىق تەتىلنىڭ مەلۈم بىر كۈنى باللارنى ئېلىپ ئاپاملارنىڭ ئۆيىگە كەلدىم، نىمىشقىدۇر داۋاملىق ئاپامنىڭ ئۆيىگە كەلسەم شۇنچىلىك قاتتىق ئۇخلاپ كېتىمەن، بۇ ئادىتىمنى ئۇلار بىلگەچكە  ئامال با ئۇخىۋالسۇن دەپ ھىچ قايسىسى مېنى ئاۋارا قىلمايدۇ، ئۇ كۈنىمۇ مەن شۇنداق قاتتىق ئوخلاپ كېتىپتىمەن، بالىلار ئۆستەڭگە سۇغا چۇشۈپ  قايتاشىدا كىچىك بالامنىڭ پۈتىغا يوغان ئەينەك پارچسى كىرىپ كېتىپتۇ، ئەتراپىدا تاڭغىدەك نەرسە بولىغاچ چوڭ بالام ئۇكىسىنى يۈدۈپ قايتۈرۈپ كەپتۇ، ئاپام بالىنىڭ چىراينىڭ سارغىيىپ كەتكننى كۆرۈپ قوقۇپ كېتىپ مېنى ئامالسىز ئويغۇتىىپتۇ.
   -ماينۇر بالام تۈرە .
    مەن تەستە كۆزلىرىمنى ئېچىپ ئاپامغا قاردىم.
   -تۈرە ئادىلجاننىڭ پۇتىغا ئەينەك كىرىپ كېتىپتۇ، يارا ئېغىزى خېلى باكەن، ئاتاڭ ھارىۋىنى جايلىغىلى تۇردى، شىپاخانىغا ئېىپ چىقىپ تاڭدۇرايلى.
بالىنىڭ پۇتىدىن قان ساقىپ تۈراتتى، يۈرىكىم ئېقىپ كەتتى، ئۆيدىكىلەر تەمتىرەپ تۇرغاندا ئۆزەمنى بېسىۋالاي دىمىسەم يىغلاپ تاشلىشىم مۇمكىن ئىدى،شىپاخانىغا ئېلىپ چىقتۇق، دوختۇر بالىنىڭ پۇتىدا قېلىپ قالغان ئەينەك پارچىسىنى ئېلىپ تاڭدى، بىز شىپاخانىدىن ئۇدۇللا ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق ، ئابلىز بۇ كۈنىمۇ كەچ قايتىپ كەلدى، ئۇ ئېغىر مەس ئىدى.
ئۇنى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇخلاتتىم دە ئاستا پۇتۇمنى ئۇچىدا دەسسەپ بالىلار ياتقان ئۆيگە چىقىتىم بالىلار بىر ئوبدان ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى، ئازراق ئۇسسۇلۇق ئىچىۋېلىپ ياتاق ئۆيگە كىردىم، قاراڭغۇدا سىپىلاشتۇرۇپ ئاستا يېتىۋالدىم، تېخى كۆزۈم ئىلىنماستا ئابلىز تاققا - تۇققا سۆزلەشكە باشلىدى.
    -قۇيە ئاناڭنى مەن يەنە ئىچىمەن... رەيھان كەتمە ...رەيھان كەتمە رەيھان ...
رەيھان دىگەن كىمدۇ ئەمدى ؟ ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستىنى ئىسمى جەمىلە ئىدىغۇ ؟ يۇرىكىم قارتلا قىلىپ قالدى، بۇ مۇمكىنمۇ ؟ ساراڭ بوپسەن ماينۇر دىدىم ئىچىمدە، قايسى چاغدا ئۇخلاپ قالدىمكىن چۈشلىرىممۇ قالايمىقان.
  - ئاپا ئۇكام قىززىپ قالغاندەك قىلىدۇ، كىرىپ قاراپ باقە. سەھەردە ناشتىلىق تەييارلاي تۇرسام چوڭ ئوغلۇم ئارمان ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەلدى، مەن دەرھال بالىنىڭ قېشىغا كىردىم بالا راسلا قىزىپ قالغان ئىدى، ئابلىز تېخى ئۇخلاۋاتاتتى .
  - بالام بولە سەن چىقىپ ئاتاڭنى ئويغاتقىنا، بالا چىقىپ كەتتى دەرھاللا قايتىپ كىردى .
  -سە ئۆزەڭ ئويغاتقىنا ئاپا مەن چاقىرساممۇ ئويغانمىدى.
- ئابلىز ، ئابلىز تۈرىڭە ئادىلجان قىزىپ قالدى، بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپپىرايلى.
  - نىمە بوپتۇ ؟
  - تۈنۈگۈن ئاپاملارنىڭ ئۆيىگە كىرگەن، شۇ يەردە سوغا چۈشۈپ ئويناپتىكەن، قايتاشىدا پۇتىنى ئەينەك تىلىۋېتىىپتىكەن، يېزىلىق شىپاخانىدا تاڭدۇرغان ئىدۇق.
  - ھە يوغان ئىش چىقىرشىپ ماڭا قاراپ تۇرۇشقانسەن ئەمدى، ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە بىر قانىسەن تېخى سەن ...
  - توۋا نىمە دىگىنىڭىز بۇ ئەمدى؟
  - بولدى ، بولدى ماڭا دەس بەمىسەڭمۇ بىلىمەن نىمە دەيدىغىنىڭنى... ئۇ شۇنداق دىگەچ كىيىملىرىنى كىيىپ بالىنى كۆتتۈردى، مەن ئارقىسىدىن ماڭدىم.
  - ئاپلا ئەينەك پارچىسى ئىچىدە قالغاندەك تۇرىدۇ، ئوپىراسيە قىلايلى دىدى بالىنى تەكشۈرگەن دوختۇر، شۇنداق قىلىپ بالىنىڭ پۇتىنى ئوپىراسيە قىلدۇردۇق، دوختۇرخانىدىن چىققىچىلىك بولغان ئارلىقتا خوشنام توختىخان ئاچا كۆپ ياردەملەردە بولدى، بۇ ئايال غۇلجىلىق بولۇپ ئاشلىق ئىدارىسىدىكىلەرنى غولجىغا ساياھەتكە ئېلىپ چىققان چاغدا ئابدۇللا ئاكام بۇ چىرايلىق چوككانى بىر كۆرۈپ ، كۆيۈپ قېلىپ نەچچە ئاي مەھەللىسىدە يېتىۋېلىپ  ئاتا- ئانىسى قوشۇلمىغاچقا مىڭ بىر مۇشاقەتتە بىر كېچسى ئېپ قېچىپ كەپتىكەن، بۇ يەردە تۇققىنى يوق بولغاچقىمىكىن خوشنىلار بىلەن تولىمۇ چىقىشىپ ئۆتىدۇ، بولۇپمۇ مەن بىلەن بەكلا يېقىن.
ئۇ كۆز ئالدىمدىلا چوڭ بولغان ئىدى ...
  -بالام سەن ئۇكاڭغا قاراپ تۇر مەن ئۆيگە چىقىپ كەچلىك تاماق قىلىپ كىرەي بولامدۇ؟
  -ماقۇل ئاپا، ئىككىسى تەڭلا شۇنداق دىيشىپ ياتاقتا قېپ قالدى، مەن تېز - تېز قەدەم بىلەن ئويگە ماڭدىم، ئىدارنىڭ دەرۋازىسىدىن كېرىۋېتىپ ئابلىز بىلەن بىزنىڭ رەيھانگۈلنىڭ قىزغىن پاراڭلىشپ ئىشخانا بىناسىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم لېكىن كېتىۋەردىم،تاماق پىشىقاندىن كېيىن ئابلىزغا تېلفۇن قىلدىم .
  - ئابلىز كەچلىك تاماق پىشتى.
  - مەن ھازىر چىقالمايمەن، ئەتە ۋىلايەتكە يوللايغان ماتىريال بار جددى پۈتتۈرمىسەم بولمايدۇ، سەن ئۆزەڭ يەپ بالىلارغا قاراۋەرگىن.
  - تاماق يىۋېلىپ قىلسىڭىزمۇ بولماسمىدى ؟
  - بايام ئىدارىنىڭ ئاشخانىسىدىن يىگەن، مېنى ئاۋارە قىلمىغىن ھە،بولمىسا كېچىچە ئىشلەپ قالىمەن.
  - ماقۇل، دىدىم دەرھال تاماقنى ئېلىۋېلىپ دوختۇرخانىغا چىقىپ كەتتىم.مەن دوختۇرخانىغا چىققاندا سىڭلىم بىلەن ئاپاممۇ چىققان ئىكەن، ئۇلار بىلەن ئۇنى - بۇنى دىيىشىپ مىڭ تەسلىكتە ئاپامنى ئۆيدە ياتىغانغا كۆندۈرۈپ ئۇلارنى ئۆيگە باشلاپ چىقتىم بىراق مەن تاماق ئېلىپ چىققۈچە ئالدىراشچىلىقتا ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئۆيگە قويۇپ قويۇپ ئىشىكنى قۇلۇپلىۋېتىپتىمەن، ئامالسىز ئابلىزنىڭ ئىشىخانىسىغا ئۆينىڭ ئاچقۇچىغا چىقتىم. ئىشخانىنىڭ ئىچىدىن گۈدۈڭ - گۈدۈڭ ئاۋاز ئاڭلنىپ تۇراتتى.
    -قېلىن ئىشىڭىزنى قىلىڭە.
    - بىز تۈگەيمىز، ئىش ئېشىپ قالىدۇ،ياشلىق قالمايدۇ رەيھانىم كېلە يېقىنراق كېلە سەن نىمانچە چىرايلىق ھە ...
ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتقان قوللىرىم تىترەپ، ئىشخانا چوگىلەۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى، قانداق قىلىش كېرەك ؟ كىرەيمۇ كىرمەيمۇ ؟...


كىرىش بىلەن كىرمەسلىك ئارىسىدىكى بۇ مۇساپە ماڭا  پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندىنمۇ مۈشكۈل كېلىۋاتاتتى، كىرمىسەم مەۋجۇتلۇلۇق يوقايدۇ، كىرسەم بەلكى مۇجۇلىۋتقان  يۈرىكىم ئاچچىق قىسمەتلەرنىڭ ياغۇنچاقلىرىدى ئېزلىپ ئۇندەك چېچىلىش تۇرغان گەپ، ئەگەر مەن كىرگەندىكى مەۋجۇتلۇقمۇ ماڭا نىمىلەرنى بېرەلەيدۇ؟ مەن ئارزۇ قىلغان بەختنىمۇ؟ بۇ ناتايىن...
مەن ئاپامنى ئويلاپ ئاستا ئارقامغا ياندىم، مەنچە بۈگۈنكىسى باشلىنىشى ئەمەس، ئاپامنىڭ بۇ سەتچىلىكنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمىدىم، مەن ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن كۆز قارچۇقلىرىمغا دەۋرەپ كەلگەن ھەسرەت دولقۇنلىرىنى ئامال بار چىداملىق بىلەن توساپ ئاپامنى ئۆيىگە  كىرگۈزۋەتمەكچى بولدۇ.
- بالام ئەجەپ ئۇزاپ كەتتىڭ ئابلىز يوقمىكەن ؟
- ئىشخانىسىدا يوق ئىكەن تاپالمىدىم ئاپا شۇڭا ھايالداپ قالدىم .
- بالام قويغىنا مەن ھېلىمۇ سىڭلىڭ بىلەن ئۆيگە كىرىپ كېتەيلى، ئاتاڭ يالغۇز قالمىسۇن، سەن بالىنىڭ قېشىغا كىرىگىن ئابلىزمۇ پەيدا بولار .
- ئاپا قانداق كىرىپ كېتىسىلەر بۇ كەچتە ؟
- ما بالىنى بىزچۇ بۇ يوللارنى قۇچاقتا بالا كۆتتۈرۈپمۇ ماڭغان، نىمە دەيدىغاندۇ ئادەمنى قېرى چاغلاپ تۇرىسەن  ھە . قاتناش بولمىغاچ ئاپام سىڭلىم بىلەن ئۈچ كىلومىتېر يىراقلىققا پىيادە مېڭىپ كەتتى، مېنىڭ ئۇ ئىشلارغا نىمە ھەپسىلىم بولسۇن كاللامدا مىڭ ھەرە غۇڭۇلداپ مېنى ئارامسىزلاندۇرۇپ قويىۋاتاتتى، ئەجەبا ئالدىقنى يىلى مەن تاياق يەپ يۈزۈم كۆكۈرۈپ قالغاندا ئاپامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپ 10 كۈن تۈرۈپ چىققان ئىدىم، كەچتە ئابلىزنىڭ يوتقان - كۆرپىلىرىنى سالغىچە ئۇنىڭ كۆپىسىنىڭ كىرلىكىنىڭ باشقىچە تىكىلگىنى كۆرۈدۇم دە شۇ ئانلا ئابلىزدىن ـ كىرلىككە نىمە بولدى دەپ سورسام، ئۇ مەس بوپ قېلىپ قوسىۋېتىپتىمەن سەن يوق چاغدا، شۇڭا يۈيۈپ مۇشۇنداقلا جايلاپ قويغان شۇ دىدى، مەن ئارتۇقچە گۈمان قىلمىدىم، ئەمما كىرلىكنىڭ تىكىلىشى رەيھانگۈلنىڭ ھېلىقى چاغدىكى تىكىشى بىلەن ئوخشاش ئىدى ،  ئۇ كىرلىكنى رەيھانگۈل تىككەن بولغىيمىدى ؟... تالاي سۇئاللار مېنى بەكلا بىئارام قىلىۋاتاتتى، سەن نىمە ئۈچۈن ئىشىخانىغا كىرمەيسەن ؟ نىمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىسەن؟سەن نىمىدىن شۇنچە قوقىسەن ؟مۇشۇنداق پۇرسەت ساڭا ئەمدى كېلەمۇ؟ سەن بىر ئۆمۈر بەختسىز ياشىماقچىمۇ ؟... تۇرە ئورنىڭدىن ئۇلارنى رەسۋا قىل، تۇز بەرگەن قاپاقنى رەيھان چاققاندىكىن، سەن بۇنداق سۈكۈتتە يۈرىۋەرسەڭ سېنى ھىچ كىم كۆزگە ئىلمايدۇ، بېشىڭغا كەلگەنى كۆمەمسەن ....
مەن بىر خىل غايۋانە كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە دوختۇرخاندىن ئۇچقاندەك مېڭىپ ئۇدۇل ئابلىزنىڭ ئىشىخانىسى ئالدىغا كەلدىم دە بار كۈچۈمنى قولۇمغا مەركەزلەشتۇرۇپ ئىشىكنى قاتتىق ئۇردۇم، ئىشىك تاقاقلىق ئىدى، ئىچىدىن ھىچ شەپە يوق، ئۇلار چىقىپ كەتتىمۇ بىلەلمىدىم، بىر ھازا ئۇرۇپ ئىشىكنى ئاچىدىغان ئادەم بولمىغاندىكىن ئامالسىز ئارقامغا ياندىم دوختۇرخانىغا كەلدىم .
- نەلەردە يۈرىسەن بۇنچە كەچتە ؟
- مەن شۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئۆيدە قويۇپ چىقىپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ قېشىڭىزدىن ئاچقۇچنى ئالاي دەپ بارغان ئاپام بار ئىدى بايا ، ئەسلى قونۇپ قالماقچى بولغان لېكىن سىزنى تاپالماي ئۇلار كىرىپ كەتتى.
- تېلفۇن قىلساڭ بولمامتى ؟
- قىلدىم مۇلازىمەت رايۇندا ئەمەس دىدى .
- ھە بىر يەرلىرى بېسىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دە . ئارمان ماڭە بىز ئۆيگە چىقىپ ئارام ئالايلى، مەن سەل چارچاپ قالدىم.ئۇ شۇنداق دەپ ئارماننى ئېلىۋېلىپ چىقىپ كەتتى ئابلىز .
مەن كېچىچە كىرپىك قاقمىدىم ، قانداقمۇ ئۇخلاي ، 10 نەچچە يىلدىن بېرى مەن بالا ئۈچۈن نىمە جاپالارنى تارتمىدىم ، ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشىپ قالامەن دەپ نىمە خورلۇقلارنى كۆرمىدىم، مۇنۇ يۆگىكىدە بۈزۈلغان رەيھان دىگەننىڭ يۈزى نىمىدۇ ھە ؟ توختا توختا بۇنىڭ تويى بولغاندا ئابلىز بەكلا كۇچىغان ئىدى، مەن قانداق يەڭگە بولىمەن، بامايىمەن دىسەم، باغانغا بى يەرلىرىڭ چۈشۈپ قالامتى، سېنى تۇققىنىدەك كۆرۈپ يەڭگە بولۇپ بېرىڭ  دەۋاتسا نىمانداق قىلىسەن ؟
ئەجەبا ... شۇنداقمىدۇ ...
مەن ئېلىشىپ قالايلا دىدىم ، ئالدىنقى قېتىم ئىشىكنى ئېچىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن بىر مەزگىل ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يەپلا يۈردۈم، بالاممۇ ساقىيىپ بالنىستىن چىقتى، تەتىلمۇ توشتى تۇرمۇش مۇساپەمدىكى كەچ كۈز شامماللىرى بارا - بارا ئاينىپ يۈركىمنىڭ بېغىشلىرىدا قىرو توڭلىتىشقا باشلىدى،مەن ئۆزەمنى تېخىمۇ تەمكىن تۇتۇپ پەرۋاسىز ھالەتكە ئۆتتۈم، بىراق بۇ بەكلا تەس كەلدى. ئايال كىشىنىڭ ئاشنىسىنى سىرتتا مىڭ ئادەم بېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېرى بىلەرمىش، يېقىندىن بېرى رەيھانگۈلنىڭ ئېرى ئسىمىنى بىلمىگەن نامەلۇم بىر ئەردىن كۈنلەپ ئۇنى ئۇرۇپ يۈرەمىش خوشنامنىڭ دىيىشىچە، دىمەك مىڭ ئادەم ئاڭلاپ بوپتۇ دە دىدىم ئەمما ئارتۇق گەپ سۆز قىلمىدىم، خوشنامنىڭ كىيوئوغلى  ئايالنى كۈنلەپ يۈرگەن كۈنلەردە 8- مارت خانىم - قىزلار بايرمى كەلدى، بۇ بايرامنى ھەر قايسى ئىدارە ئورۇنلاردىن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاياللاغا بىر كۈنلۈك دەم ئېلىش بەردى، مەن ئىدارىدىن ئورۇنلاشتۇرغان تاماققىمۇ باماي،بالىلارغا مەكتەپتىن قايتقاندا ئاپامنىڭ ئۆيىگە بېرىڭلار دەپ قويۇپ ئايرىم بىر ئۆيگە كىرىپ راسا قېنىپ ئوخلىدىم .
ئەتىسى سەھەردە ئىشقا كەلدىم، ھەممىسى ماڭا قاراپ بىر نىمىلەرنى كۈسۈرلاشقاندەك قىلىشتى، يېقىن ئۆتىدىغان خىزمەددىشىم ئاسىيەنىڭ قېشىغا كىردىم، ئۇ مېنى كۆرۈپلا ؛
- ئاخشام سەن نەگە كەتكەن ؟
- ساڭا دىمەپتىمەن ھە، ئاپامنىڭ ئۆيىگە كېرىپ قونۇپ چىقتىم، نىمە ئىش بولدى ؟
-ئاخشام ھېلىقى خوشناڭنىڭ قىزى رەيھاننىڭ ئېرى چاتاق چىقىپتۇ، ئاڭلىسام ئۆزى ئابلىز بىلەن رەيھاننى تۇتىۋېلىپتىمىش،ئىشنىڭ جەيانىنى ئازراق ئاڭلىدىم، ئاشلىق ئىدارىسىىدىن ئاياللار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بېرپتىكەن، خوتۇنلىرى بايرام ئۆتكۈزگەن بىر نەچچە ئەر بىر بولۇپ ياۋا ئۆدەك كاۋاپخانىسىدا ئولتۇرۇپتۇ، بىلىسەنغۇ ھېلىقى ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ ئارقا تەرىىپىدىكى، ئۇ يەردە ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان يالقۇن ئايرىمخاننىڭ دەرىزىسىىن بىر چاغدا ئېرىڭ بىلەن رەيھاننى كۆرۈپ قاپتىمىش، شۇنىڭ بىلەن دوسلىرىغا مەن تەرەت قىلىپ كىرەي دەپ چىقىپ ئۇدۇل ئىشخانا بىناسىغا چىقىىپتىمىش،ئۇلار ئالدىراپ ئىشىكنىمۇ ئەتمەي قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ تۇرغاندا يالقۇن كىرىپ قاپتىمىش، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولىغا چىققان نەرسىلەرنى ئېتىپ ئېرىڭنىڭ يۈزىنى يېرىۋېتىپتىمىش ، ئىككى ئەر تۇتۇشۇپ قالدىمىكىن ئارلىقتا رەيھان قېچىپ كەتكەنمىش، ئۇنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ يېتىشىۋېلىپ ئۇنى تازا ئۇرۇپ قولدىن يېتىلىگىنىچە ئاپىسنىڭ ئۆيىگە ئاپپىرىپ قىزىڭ مىڭ تالاق، ئون مىڭ تالاق دەپ مەھەللەڭلەرنى  بېشىغا كىيىپتىمىش، خەقلەر سېنى كۆرمىگەچ سېنى يامانلاپ قالغان چېغى دەپتىمىش ...
- توۋا خودانىڭ بەندىسىنى رەسۋا قىلغۇسى كەلسە ھەر سەۋەپ بىلەن رەسۋا قىلىدىكەن ئاسىيە، مەنمۇ بىلىپ قالغىلى خېلى بولغان ئۆزەم بىلەتتىم ئىچكەنلىرىم قان - يىرىڭ مېنىڭ ، ئويلاپ قويدۇم باللارنى ئۆزەم ئېلىپ ئۇنىڭدىن ئاجرىشىمەن ، مەن بەكلا چارچىدىم ، شۇنداق دىدىم دە ئاسىيەگە ئېسىلىپ تازا يىغلىۋالدىم، مېنىڭ دەرسىمنى باشقا بىر خانىم ئۆتۈپ چىقىپتۇ.مەن ئىشتىن چۈشۈپمۇ ئۆيۈمگە زادىلا بارغۇم كەلمىدى ئەمما بوينىمنى باغلىغاندەك باردىم، چۈنكى مەن بۇ رىئاللىقتىن ھامان قېچىپ قوتۇللالمايتتىم دە ...
- ھە ئويۇن ياخشى خولاسسە بېرىپتۇ ھە؟ دىدىم ئۇنىڭ چىرايىغىمۇ قارىماي، بالىلارنى چاقىرىم يېنىمدا ئولتۇرغۇزۇپ تۇرۇپ، باللىرىم مەن ئاتاڭلاردىن ئاجراشماقچى، سىلەرمۇ چوڭ بولدۇڭلار، سىلەر ئۈچۈن مەن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، مەن بەكلا چارچىدىم.
- ئۇنداق قىلىش كەتمەيدۇ ، بالىلارنى ئويلاپ قوي دىدى ئابلىز .
- ئاپام بىزنى ئويلىغان چاغدا سەن بىزنى بىرەر قېتىم ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ باشقىسىنى دىمەي سەن ھە دىسىلا ئاپامنى ئۇرىسەن، تىللايسەن، ھېلىقى قانجۇققا بولسا ئۈزۈك ئېلىپمۇ بەردىڭ مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟ ئاپامنى ئاياپ مەن ساڭا گەپ قىلمىدىم ئەمما مەنمۇ 16 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدىم سەن ئىككى بۈزۈقنى ئاداشلىرىم ئاياغ ئورماندا كۆرۈپ قاپتىكەن دىدى چوڭ ئوغلۇم ....
- بولدى سۆزلىمە بالام دىدىم بالىنىڭ ئاغىزىنى ئېتىپ تۇرۇپ .
- ئاپا سەن ئارلاشما خەق نىمە دەيىدۇ بىلەمسەن ؟ ئۇ قانجۇقنىڭ چوڭ قىزىنى ئاتامنى تاپقان دەيدىكەن .
ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالمىغان ئابلىز بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە تۇرۇپلا قالدى . بىز ئاجراشتۇق، بۇ قېتىم مەن ھىچ كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلمىدىم بەلكى پىكىرىمدە چىڭ تۇردۇم، خوشنام يىغلاپ كىرىپ مەندىن ئەپۇ سورىغان بولدى . رەيھاننىمۇ ئېرى قويۇپ بېرىپتۇ، ئۇنىڭىغا چوڭ قىزىنى بېرىپ ئوغلىنى ئۆزى ئېلىپ قاپتۇ، مېنىڭ ئىككىلا بالام مەن بىلەن كېتىمىز دەپ تۇرۋالدى سوتتا بالىلار ئانام بىلەن تۇرىمىز دەپ تۇرۋالغاچقا ماڭا بۇيرىدى ئابلىزنى  باللارغا تۇرمۇش پۇلى تۆلەيسەن دەپ ھۆكۈم چىقاردى . مەكتەپتىن بىر ئېغىز سىنىپنى بىزگە ئاجرىتىپ بەردى، باللىرىم بىلەن شۇ سىنىپنى ئىككىگە بۆلۈپ ئۆي قىلىپ جايلىۋالدۇق. ئۇزاق ئۆتمەي رەيھاننىڭ ئاتىسى ئەلەمگە چىدىمىغاچ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ قالغانمىش ...


مەنبە  : ئىجادىيەت .








ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 01:33:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.......... نىەم ئشى بۇ ئەمدى نىمە ھاجىتى دەيمەن ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى بىلەن توي قىلسا ئەمەلىي ئەھۋالنى دىسە  بولممادۇ بۇنداق يالغانچىلىق قىلغىچە ،  مەن ئويلايممەن  ھازىرقى جەمىيەتتتە قىشلىرىمىزنىڭ 100 دەن 10  دە قىزلىقى  بامىكى بوممىسا ۋاي تاڭ قۇمۇ


ئەگەر ئۇ قىز  مىنى چىن يۇرىكىدىن سۆيسە مەنمۇ سۆيسەم ئۇنىڭ  بۇ گۇناھىنى كەچۈرۋېتىىشم مۇمكى ئىىدى

راست سۆزلىسەڭ گې

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16348
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7788
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 238 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 01:41:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3547
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 02:35:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەھمەت   ياخشى چىقىپتۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1958
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 03:50:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز ، مەن  تېخى  بېشىنى ئۇقۇۋېتىپ ھەقىقى يۈز بەرگەن ۋەقە ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن ، لىكىن بۇ سىزنىڭ  ئىجادىيتىڭىزئىكەن ئەمەسمۇ

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ھەر ۋاقىت ئالغا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9633
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 04:03:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىبىر ئەر- ئاياللار توي قىلىشتىن بۇرۇن پەقەت نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا توي قىلامدىكىن دەيمەن،  توي قىلپ بولغاندىن كېيىن بىر- ئىككى يىل ئۆي تۇتا تۇتمايلا ئۇرۇش- جېدەل، ئاجراشقان، تېخى ئۆي- مۈلۈكنى تالىشىپ سوتلاشقان...  ئۆز پۇچتىدىن بولغان پەرزەتلەرنى بېقىشنى تەس كۆرۈپ بىر- بىرگە ئىشتىرشىۋاتقان ياكى تالىشىۋاتقان... تالىشىپ ئالغان تەغدىردە  ئايال بولسا ئەردىن بېقىش ھەققى تەلەپ قىلغان،  ئەر دىگەن لاتىۋەل  شۇ بېقىش ھەققىنىمۇ بەرمەسلىكنىڭ قازىنىنى ئاسقان.....  

بۇ جاھان بىز ئۈچۈن  بىر ئۆتەڭ خالاس...   

www.qirah.com چىراغ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 1970-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 11:17:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز .

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18788
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5986 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 06:09:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
amarjan133 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-13 02:35 AM
تېمىڭىزغا رەھمەت   ياخشى چىقىپتۇ!

ئادەم بەك ئاقكۆڭۇل بۇلۇپ كەتسىمۇ بولمايدىكەن ،مىنىڭمۇ دوسلىرىمنىڭ ئىچىدىن شۇنداق بىرسى چىقىپ قالدى.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6893
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 33982
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3018 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 11:00:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
توشقانمۇ ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى ئوت -چۆپلەرنى يىمەيدىكەن ،بىراق بىر قىسىم نەپسى يامان،نومۇسسىز كىشلىەرنىڭ توشقانچلىىكمۇ ئەقلى يوقلىقىغا ياكى  ئەقلىنىڭ نەپسى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكىىگە  ھەيرانمەن،بىرچاغلاردا سىڭىلسى ئاچىسىنىڭ ئېرىنى بۇزۇپ،ئاچىسىنىڭ بىر بالىسىنى يېتىم قىلىپ توي قىلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەم ھەيران قالغان،ھەم نەپرەتلەنگەن ئىدىم.......

ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرىلىشى،پېرۇناژلارنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرى ياخشى تەسۋىرلىنىپتۇ، تۇرمۇش چىنلىقى قەلىمىڭىز ئاستىدا تېخىمۇ  جايىدا ئىپادىسىنى تېپىپتۇ....

ئاخىرىسىدا ئا رەيھان دېگەن نومۇسسىز بىلەن ئابلىز دېگەن ئېشەك توي قىلىپ قالارمۇ....؟

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

بۈگۈن ماڭمىساڭ ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31445
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12227
تۆھپە نۇمۇرى: 1511
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 11:17:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-2-13 11:00 PM
توشقانمۇ ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى ئوت -چۆپلەرنى يىمەيدىكە ...

ياق دوستۇم ئۇلار توي قىلالمىغان ئىكەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش