مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 275|ئىنكاس: 2

بىر ئانىنىڭ ئىلتىجاسى ( داۋامى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر يىگىتلىر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21563
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 752
توردا: 3675 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2013-2-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ئولۇغ ئاللانىڭ سالىمى يەتسۇن ، مەن ئىلگىرى مىسرانىم ۋە باغداش مۇنبەرلىرىدە << بىر ئانىنىڭ ئىلتىجاسى >> ناملىق يازمام ئارقىلىق ئۇزۇن مەزگىللىك كىسەللىك ئازابىنى تارتقان ھەم تارتىۋاتقان ، مۇھتاجلىق ۋە كىسەللىك ئازابىدا قىلدەك تولغىنىۋاتقان بىر ياش ئانىنىڭ ئىلتىجاسىنى تورداشلارغا يەتكۈزگەن ئىدىم ، بۇ جەرياندا دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاق كۆڭۈل ، ساخاۋەتلىك كىشلىرىمىز ئۆز كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىپ بۇ ئانىغا ئاز-تۇلا ياردەم قىپتۇ ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئانا ئۆزىگە ياردەم قىلغان بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمىتىنى يەتكۈزۈپ قۇيۇشنى ھاۋالە قىلدى ، شۇ ئاجىزەگە ياردەم قۇلىنى سۇنغان بارلىق قېرىنداشلارغا ئولۇغ ئاللانىڭ رەھمىتى بولسۇن ، ئىش-ئوقەتلىرى بەرىكەتلىك ، ئائىلىسى بەختلىك بولسۇن ! نۆۋەتتە بۇ ئانىغا جەمىيئەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن ئەۋەتىلگەن ياردەم 1000(مىڭ يۈەن)گە يىقىن بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن بىر قېرىندىشىمىز 700(يەتتە يۈز يۈەن )ئەۋەتىپتۇ ،   بۇ پۇللار بىۋاستە شۇ ئاجىزەنىڭ بانكا ھىساباتىغا كىرىپتۇ ۋە قان تازىلاش ۋە خىمىيىلىك داۋلاش ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىپتۇ ، قان تازىلاش ۋە خىمىيىلىك داۋالاشنىڭ داۋالاش چىقىمى كۆپ ۋە قەرەللىك داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاجىزەنىڭ داۋالىنىشى يەنىلا تۇختاپ قىلۋىتىپتۇ ، شۇڭا بۇ قېتىم يەنە بىر قېتىم تورداشلارنى بۇ ئاجىزەگە ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىپ قۇيۇشىنى مەقسەت قىلىپ ، بۇ تېمىنى مىسرانىم مۇنبىرىگە يەنە بىر قېتىم  ئەۋەتتىم ، ياردەم قىلىشنى خالىغۇچىلار تۈۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق تەپسلى ئەھۋالنى كۆرسەڭلار بۇلىدۇ https://uyghur-archive.com/misranim/thread-96074-1-1.html، ئولۇغ ئاللا ھەممىزگە رەھمەت قىلسۇن !
  بۇ ئاجىزە ئۈچۈن ياردەم قىلايلى ، ئاللا يۇلىدا دۇئا قىلىپ قۇيايلى !
ئالاقىلىشىىش تېلىفۇن نۇمۇرى : 4252944-0999
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurboys تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-12 12:51 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89292
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن مۇشۇنداق ئېغىر كېسەللەر يەنە شۇ نامىراتلارنى تاپىدىكەن.يا پۇل بولمىغان يا....تولا كۆردۈم مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ خۇدا يا شىپالىق بەرمىدى يا ئامىنىتىنى ئالمىدى دىگەنلىكىنى....ئاللاھىم ئاسانچىلىق بىرەر بۇ قېرىندىشىمىزغىمۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90922
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 191
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەشۇنداق قىيىنچىلىقلارغا،ئامالسىزلىققا ئۇچۇراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلاي دىسە ئۆز ئىچىمىزدىنمۇ ياردەم قىلالايدىغانلار كۆپ لىكىن،،،بەزى بايلار پۇلنى بەك چوڭ بىلگەنلىكتىن ياردەم قىلغۇسى كەلمەيدىكەن،،بىزدەك نامراتلار ياردەم قىلايلى دىسەكمۇ يا پۇل بولمىسا،،،،،ھەي....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش