|
|
|
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۆھتىرەم قېرىنداشلار !
بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقتىن كىين تور ئارقىلىق روھىيتىڭىزگە ئوزۇق ئىزدەپ كىرگەن دەقىقىلەردە ، زەمزەم كەبى تامچاڭلارغا تەشنا بۇلۇپ تۇرغان ياش بىر ئانىنىڭ قىيىنچىلىق ۋە ئازاپ ، قورۇنۇش ۋە تەلمۈرۈش ئىلىكىدە ھەممىزنىڭ چىن كۆڭلىدىن ئېيتىلغان ئېزگۈ تىلىكى شۇنداقلا ماددى جەھەتتىكى ياردىمىگە تەشنا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپىسىز !!!
بۇ ياش ئانا ، ئەينى يىللىرى تۇلىمۇ چىرايلىق ، كۆيۈمچان ، قەيسەر ، ۋاپادار ، تىمەن ئىدى ، باھار كېلىشى بىلەن ئېتىز-ئېرىقلاردا يولدىشى بىلەن گۈسۈلدىتىپ كەتمەن چاپسا ، قىشتا كالا-قوي قۇتانلاردا ، تۇنۇر باشلىرىدا ، ھويلا-ئاراملاردا ئىشلەپ ھارمايتتى ، ئۇنىڭ ئىشچانلىقى ، قەيسەرلىكى ، ۋاپادار-كۈيۈمچانلىقى ھەممىنى قايىل قىلاتتى . تەرىپىنى قىلىۋاتقان بۇ ئايال غۇلجا شەھەر پەنجىم يېزا يىڭى مەھەللە كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق خاناگۈل رېھىم بۇلۇپ ، ھالال تەرى ئارقىلىق يارىتىۋاتقان بەختلىك ئائىلىسىگە 2006-يىلى كۆز تەككەندەك بۇ قەيسەر ئانىنىڭ پۇت-قوللىرى سىقىراپ ، بېشى قىيىپ ، ماغدۇرسىزلىنىپ يېشىدىن بۇرۇن قېرىشقا باشلىدى ..... دەسلەپ ئۆزىدىكى ئالەمەتلەرنى چارچاشتىن بولغان دەپ قارىغان بۇ ساددا ئانا ، بىر مەزگىل ئائىلىسىدە كۈتۈنگەن بولسىمۇ تېنى بارغانسىرى ئاجىزلاشقا ، ھەتتا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى ، شۇنداقتىمۇ ئۇ ، بۇ رىئاللىققا چىمپۈتكۈسى كەلمەي ئېرى ۋە بالىلىرىنىڭ چوڭراق دۇختۇرخانىدا بېسىپ داۋالىنىش تەكلىپىنى ئىزچىل كەينىگە سۈرۈپ كەلدى ، چۈنكى ئىككى بالىسى ، يولدىشى ئۇنىڭغا مۇھتاج ئىدى ، ئەڭ مۇھىمى قول-ئېلىكىدە داۋالانغۇدەك ئىقىتىساد يوق ئىدى ، كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى 2007-يىلى يىل ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ قايتا-قايتا ئۈتۈنۈشى ئارقىلىق غۇلجا ناھىيە ۋە غۇلجا شەھەر قاتارلىق جايلاردا داۋالىنىپ يۈردى ، ئەينى چاغدا خاناگۈلگە ئېنىق قىلىپ ئاستا خاراكتىلىك بۆرەك ياللۇغى ، بۆرەك ئاجىزلىق ، بۆرەك يىگىلەش ....قاتارلىق دىئاگنوزلار قۇيۇلۇپ مۇتىزىم دۇختۇرخانىلاردا بېسىپ داۋالىنىش تەكلىپى بېرىلگەن بولسىمۇ ئىقتىساد يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن داۋالىنىش كاپالەتكە ئىگە بۇلالمىدى ، ھەريىلى قاتتىق ئاغرىغاندا ۋە ياكى ئازغىنە دېھقانلىق يېرىدىن كىرگەن كىرىمىگە تايىنىپ بەش يىلدىن بۇيان ئەسلىدىنلا قىيىنچىلىققا ياشاپ كېلىۋاتقان خاناگۈل ئائىلىسى تېخىمۇ غۇربەتلىشىپ كەتتى، شۇنداق كۈنلەردىمۇ غۇرۇرلۇق ئانا -خاناگۈلنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ ياردىمىدىن باشقا ،جەمىيئەتتىكى تېخىمۇ كۆپ ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ ئالدىغا ياردەم تەلەپ قىلىپ بېرىشتىن ئويالدى .
يۇقارقى ئەھۋاللاردىن خىزمەتدىشىم ئارقىلىق خەۋەر تاپتىم ، خىزمەتدىشىمنىڭ ئايالى خاناگۈل تۇرۇشلۇق كەنت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ، شۇنداقلا خاناگۈلگە ئىزچىل ياردەم بېرىپ كىلىۋىتىپتۇ ، بۇنى ئاڭلاپ بىزنىڭ ئىدارىدىكى مىللى كادىرلار ھەرىكەتكە كېلىپ قۇربى يىتىدىغان دائىرە ئىچىدە ياردەم بەرمەكچى بۇلىۋاتىدۇ ، كۆپنىڭ كۈچى كۆپ ، تاما-تاما كۆل بۇلار دېگەندەك ، بۇ ياش ئانىغا ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ تىخىمۇ كۆپىيشىنى مەقسەت قىلىپ ئارىسالدى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بۇ مۇراجىئەتنامىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ ئاشۇ ئازغىنە ياردىمىڭىز ياش بىر ئانىنىڭ ئىقتسىادى يۈكى ۋە غەم-ئەندىشىسىنى يېنىكىلىتىشكە تامامەن يېتىدۇ ، چۈنكى دىيارىمىزدىكى10مىليونغا يىقىن ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئىچىدە ، 1مىليون كىشىنى تورغا چىقىدۇ دەپ ھېساپلىسىاق ، شۇ 1مىليۇن كىشى ئىچىدىن 10مىڭ كىشى 1يۈەندىن يىغىش قىلسا 10مىڭ يۈەن ، خاناگۈلنىڭ ئايدا 2قېتىم قان تازلىتىشى ئۈچۈن ئاز0تۇلا ياردىمى بۇلۇپ قالسا ھەممىزگە ئاللانىڭ رەھمىتى بۇلۇپ قالا !
6222023006006088045
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-10 01:26 PM
|
|
|
|
|
|