سىڭلىمغا
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
شەرمىي-ھايا زىننىتىڭ مەڭگۈ،
ئۆز-ئۆزۈڭنى قەدىرلە سىڭلىم.
ئالتۇن قىممەت سىرلىق بولغاچقا.
لىباسىڭنى ئەزىزلە سىڭلىم.
مىللىتىمنىڭ سىمۋولى مەن دەپ،
ئەل ئالدىدا ۋەدە بەر سىڭلىم.
گۈللەر ئۈنسۇن باسقان ئىزىڭدىن،
ھالاللىققا ئەھدە بەر سىڭلىم.
زەر چېچىلسۇن ھەر-بىر سۆزۈڭدىن،
ئىپپىتىڭنى ساقلىغىن سىڭلىم،
شۇ جاپاكەش ئاتا-ئاناڭنىڭ،
ئۈمىدىنى ئاقلىغىن سىڭلىم.
بارچە دىللار سۈيۈنسۇن سەندىن،
بۇ ھەقىقى ئۇيغۇر قىزى دەپ.
ئاڭا-ھەدەڭ قۇتۇلسۇن غەمدىن،
كۆزلىرىنى قويمىغىن نەمدەپ.
اللاھ بەرسە ھەقىقى بەخت،
ھاجىتى يوق يۈرۈشنىڭ ئىزدەپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-10 08:09 PM