گۇناھ كىمدە(كۇك ھىلال)
مۇشۇ مۇنبەرگە كىرگەننىڭ ياغى ئاجايىپ بىرخىل چۈشكۈن ئىقىمنى بايقاپ كىلىۋاتىمەن.بۇ ئىقىم ئىككى خىل شاخقا ئايرىلغان،بىرى ئەرلەرنىڭ بەزىللىرى گۇناھنى ئاياللارغا ئارتىپ ئاياللار گۇناھكار دەيدىغان قاراش.يەنە بىرى بەزى ئاياللارنىڭ پۈتكۈل گۇناھنى ئەرلەرگە ئارتىدىغان قاراش.
يۇقارقى ئىككىلى قاراش كىشىنى بوشاڭلىققا،ئەخلاقىتىن ئىبارەت مەنىۋىي يۈكسەكلىكنى ئىنكار قىدىغان چۈشكۈن دۆڭگەش قارشىغا باشلايدىغان مەنىۋىي ئۆسمە.ئۆز گۇناھىنى باشقىلارغا دۆڭگەش ئۆزىگە ئۆزى تەسەللىي تىپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.پۇتكۈل قىلغىلىقنى سىز قىلىپ ئاندىن ئۇنى ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىسى بولغان كىشىگە ئاتىپ قويۇش بوشاڭلىقلا ئەمەس ئۇچچىغا چىققان نۇمۇسسىزلىقتۇر.بىز ئۆزىمىز قىلغان گۇناھلىرىنى شەيتانغا ئارتىپ نەتىجىگە ئىرىشىپ بولالماي ئەمدى گۇناھنى يەنە بىر گۇناھكارغا ئارتىش بەدىلىگە ئۆزمىزنى ئاقلىماقچى بولساق بۇ ئىنىقلا ئۆزىمىزنىڭ تىتىقسىز سەپسەتىللىرىنى بازارغا سالغانلىق بولىدۇ.
ئاللاھ ئىگەم ئەر ئاياللار ھەممىسى ئىنىقكىن تۇپراقتىن ياراتقان.ھەرگىزمۇ ئەرلەر باشقا نىمىدىن ئاياللار باشقا نىمىدىن يارالغان ئەمەس.مۇشۇ كىچىككىنى نۇقتىنىڭ ئۆزىلا ئىسلام دىنىنىڭ ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.ئەر ئاياللار باراۋەرلىكى نەزىريە جەھەتتىن جىسمانىي جەھەتتىكى پەرىقنى ئىتراپ قىلىدۇ ،ئەقلىي جەھەتتىكى پەرىقنى ئىنكار قىلىدۇ.بۇ دىگىنىمىز ئەر ئاياللار پەقەت جىسمانىي ۋە جىنسىي جەھىتتە پەرىق قىلىدۇ،ھەرگىزمۇ ئەقلىي دەرىجە جەھەتتىن پەرىق قىلمايدۇ دىگەنلىك.
ئەقلىي جەھەتتىن پەرىق قىلمايدىغان ئىككى ئوبىيكتىپ شەيئىيگە نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان ئەقلىي ئۆلچەم بەلگىلەش ئۇچچىغا چىققان بىمەنىلىك.ئوخشاش ئىككى ئەقلىي دەرىجىدىكى ئىنسان ئۆزلىرى ئۆتكۈگەن گۇناھنى بىر-بىرىگە دۆڭگىسە سىزنىڭچە بۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟مەسىلەن مەن بىر قىز بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىپ ئاخىرىدا مەن( مىنى ئازدۇرغان ئاشۇ (تۈلكە جىن)دىسەم) ئۇ قوپۇپ (مىنى ئازدۇرغان ئاشۇ غورۇرسىز ئەركەك دىسە)ئۇ چاغدا ئىيتىپ بىقىڭلار بۇ بۇزۇقچىلىقتىكى مەسئۇلىيەت كىمدە؟گۇناھ كىمدە!
كوچىغا چىقىپ كەتكەن بىرەر قىزنى ئەكەپ سورىسىڭىز نى نى ئەدەپلەردىن قالمايدىغان ناتىقلىقى بىلەن پاساھەتلىك ئىبارىلەرنى مارجاندەك تىزىپ بىر قاتار سەرگۈزەشتىلەرنى توقۇپ چىقىرىپ سىزنى شامدەك ئىرىتىۋىتىدۇ. يىغىپ بىر يەرگە ئەكەلسىڭز ئۇنى بۇزغان،ئۇنىڭ مۇشۇنداق كۈنگە قىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان بىر غورۇرسىز ئەركەك بولىدۇ خالاس.ئۇنۇڭ سۆزلىرى ئۆزىدىكى خاتالىقنى ئۇستۇلۇق بىلەن كۆمىۋەتكەن.
يەنە بىر ھاراقكەچنى ياكى .....لەرنى مىسال قىلسىڭىز ئۇلارمۇ بەزىدە بىرەر ئاشنىسىنىڭ ياكى بىرەر قىزنىڭ دامىغا چۈشۇپ كەتكىنىنى .......ھەرخىل يوللار ئارقىلىق سىزگە ئىپادىلەپ بىرىدۇ.
يىغىپ ئىتقاندا يامان يولغا كىرىپ قالغۇچى ياكى گۇناھ ئۆتكۈگۇچى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئىتراپ قىلمايدۇ .دەل مۇشۇ نۇقتىنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىشىگە سەۋەپ بولغان.
تونۇش بىلىشلەردىن ئاڭلاپ قالىمەن: پالانى ئالىي مەكتەپنىڭ قىزلىرىنى ئىچكىردىكى بايلار جۇمە كۈنى كەچتە ئايلۇپىران بىلەن ئىلىپ كەتسە يەكشەنبە كەچتە ئەكىلىپ قويىدىكەن.......ئالىي مەكتەپتىكى ئوغۇللارنى باي ئاياللار ساقلاپ جۈمە كۈنى ئىشىك ئالدىدا مىغ-مىغ تۇرۇپ كىتىدىكەن ۋاھاكازىلار...........
يۇقۇرقى بايانلارنى ئاڭلاپ ھەيران قالىمەن.ئىشەنمەي دىسەممۇ بەزىبىر رىئاللىقلار مىنى ئىشىنىشكە قىستايدۇ.مۇشۇنداق تۇترۇقسىز ئىشلارنىڭ جەمىيەتىمىزگە بولۇپمۇ مىڭ يىللار ياقى ئىسلام دىنىنى قوچاقلاپ ياتقان مىللىتمىزگە مايلىق قۇرۇتتەك چاپلىشىشى مىنى بەكلا بىئارام قىلىدۇ.ئۇنداقتا بىزنىڭ يۇقۇرقىدەك ئەخلاق كىرزىسلىرىغا يولۇقىشىمىزنىڭ سەۋەبى نىمە؟ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە چالا بۇلا تەككەن ئىقتىسادنىڭ يۇقۇندىللىرى بىزنى مۇشۇنداق ھىجايتىۋاتامدۇ؟
بىز نىمىشقا غەرىق ئۇيقۇدا ياتقاش تىتىقسىزلارچە ئۇنىڭ بۇزۇلىشىغا بۇ،بۇنىڭ بۇزىلىشىغا ئۇ دەپ جۆلۇپ يۈرىمىز؟بىز نىمىشقا بۇ خاتالىقنى مەن ئۆتكۈزدىم گۇناھ مەندە دىيەلمەيمىز؟!
توغرا ئىسلام دىنىدا ئاياللارنى قوغداش كىرەك دەپ كۆرسىتىلگەن.لىكىن ئويلاپ باقايلى بۇرۇنقى زاماندىكى ۋەزىيەت بىلەن ھازىرقى زاماندىكى ۋەزىيەت ئوخشاشمۇ؟ھازىر ئۆزىڭىز خالاپ گۇناھ ئۆتكۆزمىسىڭىز بىرسى سىزنى گۇناھ ئۆتكۈز دەپ زورلامدۇ؟
ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى 99% ئادەم گۇناھنى ئۆزى خالاپ ئۆتكۈزىدۇ.بۇنۇڭ ئىچىدىكى خاتالىقنى تونىمايدىغان بەزى تىتىقسىز سەپسەتىچىلەر ئۆزىنىڭ چۈشكۈن ئىديىلىرىنى كۈچەپ بازارغا سىلىپ سىز ۋە سىزدەك ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەيدۇ.
مىنىڭ بۇ تىمىنى يوللاشتىكى مەقسىتىم ئاللاھ ھەممىمىزگە ئەقىل ۋە توغرا خاتانى ئايرىيدىغان پەم ئاتا قىلغان.ياخشى ئەمەل قىلسىڭىز ساۋابىي ئۆزىڭىزگىلا يامان ئىش قىلسىڭىز ئۇنۇڭ يامانلىقى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇ ئۆزىڭىزگىلا. قىلساڭ بولىدۇ قىلمايسە دەپ بەلگىلىمە بىكىتىپ قۇرئاننى نازىل قىلغان.قۇرئان قانداقتۇر سىز قارىيلارچە ئوقۇيدىغان نەرسە ئەمەس.قۇرئان دىمەك قانۇن دىمەكتۇر.ئۇ ئاللاھ تەرپىدىن تۇزۈلگەن ئىنسانلارنىڭ ھەركەت ئۆلچىمى .بىز ئاللاھنىڭ قىل دىگىنىنى قىلىپ قىلما دىگىنىنى قىلمايمىز.مانا بۇ ئىتقاد.قانداقتۇر گۇناھنى قىلىپ بولۇپ ئۇنى بىرسىگە ئارتىش ئىمانسىزلىق.شۇڭا ھەممىمىز ئۆزىمىزگە ئىگە بولايلى گۇناھتىن خالىي بولايلى.قىلغىلىقنى قىلىپ بولۇپ باشقىلاردىن كۆرمەي،ئۆزىمىزدىن كۆرۇپ قىلغان ئىشىمىزغا توۋا قىلايلى!تۈزىتەيلى.
ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تىنىنى سالامەت قىلسۇن.ئەسلىي بۇ تىمىنى مۇسلىمەنىڭ ( ئۇ نېمىسىنى يوقۇتۇپ قويدى)دىگەن تىمىغا ئىنكاس سۇپىتىدە يازغان ئىدىم .ھاياجانلىنىپ بەك ئۇزۇن يىزىۋىتىپتىمەن،شۇڭا تىما سۇپىتىدە يوللۇدۇم.
ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تىنىنى سالامەت قىلسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kukhelal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-30 10:37 AM