مەنمۇ بۇ خەۋەرنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ قەۋەتلا خوش بولدۇم ، بالامنى ئانا تىل يەسلىسى ، ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇشتىن ئازراق بولسىمۇ ئۈمۈت تۇغۇلدى . بالام يەسلى يېشىغا توشقۇچە ريۇنىمىزدا ئاناتىل يەسلىلىرىنىڭ قايتا قەت كۆتۈرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،ھەم ياردىمەمنى ئايىمايمەن .
ئىنكاسىمنىڭ ئاخىرىغا ھىكمەت خاتىرەمگە خاتىرلەنگەن ئۈزۈندىلەردىن يېزىپ قوياي
مەيلى قايسى تىلدا زوق ئالسا ھەركىم ،
مېنىڭ ئۆز تىلىمغا جېنىم مىڭ پىدا .
ئەگەر ئانا تىلىم يوقالسا ئەتە ،
مەن بولاي بۈگۈنلا جېنىمدىن جۇدا.
--ئبراھىم ئالىپ تىكىن
تىل مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى، ئەجداتلىرى ياراتقان مەدەنىيەتنى،ھازىرقى كىشىلىرى يارىتىۋاتقان مەدەنىيەتنى،كەلگۈسى ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۇلۇغ ئۇچۇر قانىلى.
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ ، لىكىن ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەسلىك ئىغىر جىنايەت !
تىل ئەسىرلەر داۋامىدا تىرىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتنىڭ يۈرىكى،قېنى ۋە جېنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Xaparang تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-10 03:10 AM