شەخسىيەتسىز مۇھەببەت
بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا نۇرغۇنلىغان مۇھەببەت بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر خىل مۇھەببەت باركى،ئۇ شۇنچىلىك ئىللىق،شۇنچىلىك شېرىن.ئۇ تېخى شەخسىيەتسىز بولۇپ،بېرىشنى خالايىدىكىن،ھەرگىزمۇ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ.ئۇ بولسىمۇ سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ بىز پەرزەنتلىرىگە بولغان مۇھەببىتى.
بىز بالىلار كىچىكلىكىمىزدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپە- يلىدىنمۇ،ئىشقىلىپ بەزى چاغدا كەپسىزلىك قىلىپ،ئاتا-ئانىمىزنى ئورۇنسىز قاقشىتىپ قويدىكەنمىز.تېخى بەزىدە ئۇلارنى چۈشەنمەي،ئۇلارنى بىزگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دەپ ئاغرىندىكەنمىز.
كۈنلەر ئۆتىدىكەن،ئايلار ئۆتىدىكەن،ئايلار كەينىدىن يىللاربىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋېرىدىكەن.ئەينى ۋاقىتتا تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ئوينىغان بىزمۇ چوڭ بولۇپ،ئاتا-ئانا بولىدىكەنمىز.شۇچاغدىلا،ئانىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن ياشلىقىنى قۇربان قىلغانلىقىنى،دادىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قىرانلىق كۈچىنى سەرپ قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يىتىمىزئىكەن.ئۇ چاغدا، بىزمۇ :بالام ،جىنىم بالام،دەپپەرزەنت ئۈچۈن بارلىقىمىزنى بېغىشلاپ،ئاتا-ئانىمىزنى يوقلاشقا ئاز ۋاقىت ئاجىرىتىمىزئىكەن.بەلكىم،ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان:مەن كۆيەرمەن بالامغا،بالام كۆيەر بالىسىغا،دېگەن ھېكىمەتلىك سۆزنىڭمەنىسى شۇ بولسا كېرەك.ئەجابا بىز بىر ئۆمۈر ئاتا-ئانالىرىمىزنى:بالام بىزگە جاۋاب قايتۇردى،دەپ رازى قىلالمامدۇق؟!
ھېلىمۇ ئېسىمدە،ھەر قېتىم يېڭى مەۋسۇم باشلىنىپ،قولۇمغامەكتەپنىڭ مۇكاپات قىلىپ بەرگەن:ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى،دېگەنتەقدىرنامىنى كۆتۈرۈپ كەلگىنىمدە،ئاتا-ئانامنىڭ چېھرىدە ئۆزگىچەسۆيۈنۈش ھېسسىيات جىلۋىلىنەتتى،شۇنداقلا مېنى ئىللىق باغرىغا بېسىپ،پىشانەمگە سۆيەتتى....يەنە،مەن ئاغرىپ قالغاندا ،خۇددى ئۆزلىرىنىڭ تېنى ئاغرىپ قالغاندەك پاي-پىتەك بولۇپ كېتىشەتتى .ھەتتا،كېچە-كىچىلەپيىنىمدا ھەمراھ بولۇپ،ماڭا قارايتتى.
......يۇقىرىقىدەك نۇرغۇن ئەسلىمىلەرنى ئويلاپ كۆرگەندىن كېيىنچۈشەندىمكى،بىز ئۆگىنىشتە ،ياكى كەسىپتە ئۇتۇق قازانغاندا،بىزدىنمۇ بەكرەك خۇشال بولىدىغىنى بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزئىكەن.ئۇلار بىز ئېرىشكەن ئازغىنە نەتىجىلىرىمىزنى ئۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى دەپ قارايدىكەن.ئۇلارغا ئەڭ كېرەك بولغىنى بىزنىڭ پۇلىمىز بولماستىن،بەلكى :ئاپا،دادا ياخشى تۇردۇڭلارمۇ ؟ ياكى:ئاپا،دادا بىز يىنىڭلارغا بارىمىز.ۋەياكى:ئاپا،دادا سالامەت بولۇڭلار، دېگەن ئاددىي ئەمما چىن يۈرەكتىن چىققان سۆزلىرىمىزئىكەن.
ئۇلادىن ھەر قېتىم:ئاپا،دادا سىلەر بەخىتلىكمۇ؟دەپ سورىساق،ئۇلار
ھەر قاچان :جىنىم بالام،سىلەر بەخىتلىك بولساڭلار،ئەنەشۇ بىزنىڭ بەختىمىز.دەپ جاۋاب بېرىدىكەن.ھەتتا تىنىقلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىدىمۇ ،مەيلى پەرزەنت قانداق بولسۇن،پەرزەنتلىرىنىڭ ئىنسابىۋەبەختىنى تىلەپ،ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىكەن.ئىشقىلىپ،ئۇلارنىڭقەلبىدىكى بەخىت-خۇشاللىقنىڭ ھەممىسى بالىلىرىغا بېغىشلانغانىكەن.شۇنىڭغامەن،تېخى ھوشۇنى تاپالمايۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ سەمىگە شۇنى سالماقچىمەن:پەرزەنت،قۇلىقىڭىز بىلەن ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىغا يوشۇرۇنغان ئاۋازنىڭ ھەرۋاقىت زادى كىم ئۈچۈن سوقۇۋاتقانلىقىنى پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن ئاڭلاب بېقىڭ .شۇچاغداھەممىنىى چۈشنىسىز ....پەقەتلا باي بولۇش كويىدا ئالدىراش بولۇپ كەتكەن پەرزەنت،سىزنىڭمۇ ھەر ۋاقىت سەمىڭىزدە بولسۇنكى،ھەممىمىز بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن ،يەنە ئوخشاشلا يالىڭاچ كېتىمىز.ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دۇئاسى سىز ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق .ھېيىت-بايراملاردا،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىدە،ئۇلارنى يوقلاشنى،ئۇلارنى مۇبارەكلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.ئۇلارنى يالغۇز قويماڭ.ئۇلارمۇ كۆيىنىشكە،ئىللىقلىققا موھتاج.ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ئىللىق مۇھەببىتىڭىز بىلەن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ،ئۇلارنى قەدىرلەڭ.چۈنكى،ھاياتلىقنى سىزگەئۇلار بەرگەن.ئۇلار سىزنى مەڭگۈ سۆيگۈچىلەردۇر....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-9 11:07 AM