مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 432|ئىنكاس: 7

قاينارى:يالغان مۇئەللىم(ساتىرا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85197
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 807
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-9-18
ئاخىرقى: 2013-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 08:15:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  يالغان مۇئەللىم
ئۆمەرجان ئەنۋەر قاينارى

ۋۇجۇدىنى ھۇرۇنلۇق چىرمىۋالغان مۇئەللىم،
<<مۇئەللىملىك تەس ئىش>>دەپ داۋراڭ سالغان مۇئەللىم،
شۇڭلاشقىمۇ نەزەردىن ساقىت بولغان مۇئەللىم،
ئالى ئۇنۋان-بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالغان مۇئەللىم،
سۆكۈشۈمگە مەجبۇرلاپ تۇرغان،يالغان مۇئەللىم.

دەرسخانىدا ئۇيالماي سېغىز چايناپ،قول قۇرۇق...
مودىللاردەك كىيىنىپ،سۇۋاپ ئۇپا-لەۋسۇرۇخ...
چۈشەندۈرمەي دەرسنى ئەستايىدىل ھەم تولۇق،
بېرىپ يەنە بىر تالاي شۇنچە<<قىيىن>>تاپشۇرۇق،
ئىشلىمىسە ئەيىبلەپ ئۇرغان،يالغان مۇئەللىم.

دەرس ئۆتمەسكە باھانە ئىزدەپ يۈرەر ھەر كۈنى،
(قورساق ئاغرىپ ئاتالمىش ئىچى سۈرەر ھەر كۈنى)
ئەيىش-ئىشرەت پەيزىنى سۈرسەم دەيدۇ كۈن-تۈنى،
چاقىرغۇزۇپ ۋە ھەتتا بىزدەك ئوقۇغۇچىنى،
خىجىل بولماستىن تاۋكا قۇرغان،يالغان مۇئەللىم.

دەرسكە كىرەر-كىرمەيلا سائىتىگە مىڭ قاراپ،
تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ چېلىنىشنى قوڭغۇراق،
قاپىقىدىن مۇز ياغار،ياغار ھەسرەت-ئىزتىراپ،
بالىلارغا نام قويار<<جىن،ئېشەك...>>دەپ ۋارقىراپ،
شۇ سەۋەبلىك قارغىشقا قالغان،يالغان مۇئەللىم.

ھەممە ئوقۇغۇچىغا تەكشى كۆزدە باقماي ھېچ،
<<ئەلا>>لارغا خوپ يېقىن<<قاپاقباش>>لار ياقماي ھېچ،
<<قاپاقباش>>نىڭ ئارزۇسى،تالانتىنى تاپماي ھېچ،
ئاڭا بولغان ھاقارەت-زەربىنى توختاتماي ھېچ،
<<كېرەكسىز>>دەپ مەسخىرە قىلغان،يالغان مۇئەللىم.

ئەمەل تۇتسا دادىسى قايسى ئوقۇغۇچىنىڭ،
<<خاقان>>قىلىپ سىنىپقا،گېپىنى گەپ قىپ شۇنىڭ،
قىپ يۇقىرى ئىمتىھان نومۇرىنى ھەم ئۇنىڭ،
نارازى بوپ<<پۇقرا>>لار دېسە:<<خاتا،قىلغىنىڭ...>>،
ئىسپات سۈيلەپ چىچاڭشىپ،تانغان،يالغان مۇئەللىم.

ھەر سائەتتە دېگۈدەك سېلىپ قويۇپ تەكرارغا،
تېلىفۇننى ئۇلايدۇ ئۇرۇق-تۇغقان،دوست-يارغا،
بەك بىمەنە تۇيۇلۇپ بۇ ئىش ساۋاقداشلارغا،
پىكىر قىلسا تەشكىلگە دەپ:<<چارە كۆر مەككارغا>>،  
<<قاراپ تۇرۇش>>دەپ تەھتىد سالغان،يالغان مۇئەللىم.

بولغاچ پۈتۈن ئەس-يادى پۇل تېپىشتا_مائاشتا،
(ھۇزۇرلىنىپ بەزمىدە رومكا-شىرە يالاشتا...)
پەرۋا قىلماس مۇشۇنداق بىزگە گۆدەك-ياۋاشقا،
ھەقلىق ئەسلى تامامەن جازالاشقا_قاماشقا،
ئۆز خەلقىگە ساختىلىق قىلغان،يالغان مۇئەللىم.  
******
بىلسەڭ بىزلەر ۋەتەننىڭ كېلەچىكى-ۋارىسى،
بولسا ۋەتەن زەر دۇتار،بىز دېگەن زىل تارىسى،
تۇتسا ئەگەر بىر كۈنى بىز بوغۇنلار نالىسى،
تۇرمىقى تەس يىقىلىپ،تېپىلماس ھېچ دارىسى،
ھوشۇڭنى تاپ،كۆزنى ئاچ،ئويغان،يالغان مۇئەللىم.  
                                   2011-يىل،دېكابىر.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaynari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 08:17 PM  


بۈگۈنكى خورلۇق_ئەتىكى ئىسيان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89409
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-1-1
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 08:55:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىمۇ ياخشى يەزىپ سىز،ئەسلى مۇشۇنداق ئىشلامۇ بادەنڭلا.اللاھ  دىن ھەممىمىز قورقايلى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 3546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23675
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 09:23:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى توغرا دەپسىز ئۇكام قاينارى،ئاشۇنداق يالغان مۇئەللىملەرگە مىنىڭمۇ ئوۋغام قايناپ تۇرۋاتاتتى.شۇڭا مەنمۇ ‹‹قوي سويسا ئۆز ئەھلى قاسساپ ياخشىراق››دىگەن ماقالامنى مۇشۇ تور بەتتە تورداشلارغا يوللىغان ئىدىم.
  بۇ پەقەت ئاشۇنداق يالغان مۇئەللىلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ خالاس. ئۇ يالغان مۇئەللىملەر مائارىپتىكى ھەقىقى
  راس مۇئەللىملەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.چۈنكى؛ مۇئەللىم ؛-مۇقەددەس قوياشقا ئوخشايدۇ،خۇددى قوياش بۈتۈن
  كائىناتنى تەركىپ ئايرىماي ھەم يورۇغلۇق ھەم ئىسسىغلىق بىلەن  تەمىللىگەنگە ئوخشاش بالىلارنى بىلىم ۋە
ئەخلاق بىلەن تمىللەيدۇ.بۇ ھەقتە سۆزلەپ قالسام گەپ جىق.بۇ يالغان مۇئەللىmلارنى ھۆكۈمەت  زورلاپ مائارىپقا
كىرگۈزۈپ قويدى.يەنى غەيرى سىپەن دىگەن يالغان نام بىلەن.
         مەن 37 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا بۇنداق يالغان مۇئەللىملەردىن سەسكىنىپ كەتكەن مەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 09:25 PM  


كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1657
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 10:19:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،ئىلھامىڭىزغا  ئاپىرىن شېئىرىڭىز قالتىس ياخشى چىقىپتۇ ، ئاينىڭ يۈزىدە  داغ بولغاندەك  ، ئاشۇنداق يالغان مۇئەللىملەر ، ئۇيغۇر مۇئارىپدا جان دىل بىلەن ئىشلەۋاتقان ئۇستازلارنىڭ  يۈزىگە چۈشكەن داغ  ،  قۇسقىدا ئومۇچىنىڭ تاينى يوق   ئارقائىشىك بىلەن كىرىپ ئورۇنلىشىپ  سائەتكە قاراپ كۈن ئۆتكۈزۈپ  ئاي توشقاندا مۇئاش ئالسىلا بولدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79886
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2013-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 10:23:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز،رەھمەت!!!  

ئانا تىلىم ئەگەر سەن ئەتە يوقالماقچى بولساڭ،مەن بۈگۈن ئۆلۈشكە رازى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 1970-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 04:08:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالغان مۇئەللىملەرنىڭ كۆپىيىشى مىللىتىمىزنىڭ قىيامىتىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1379
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 245 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 05:03:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپقا ساختىلىق ئىشلىتىلسە ، مىللەت روھى زەئىپلىشىدۇ .  

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1379
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 245 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 05:04:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپقا ساختىلىق ئىشلىتىلسە ، مىللەت روھى زەئىپلىشىدۇ .  

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش