مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6724|ئىنكاس: 15

كىلاسسسك مەنىدىكى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91315
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 11:00:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىلاسسسك مەنىدىكى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ قانداق

تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى ھەققىدىكى رەڭدار مۇھاكىمىلىك قاراشلار
经典意义的进化论是否过时(1)有关进化论的精彩学术视野与讨论
غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار艾热提江•噢斯曼•笔理科雅尔 著

ئەسلى ئېلان قىلىنغان مەنبەسى:‹‹بىلىم-كۈچ››ژورنىلى 2013 -يىل -01 سان01 -بەت.
          ئاپتورنىڭ ئەسكەرتمىسى: دارۋىنىزم ـــ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە قارشى پىكىرلىك كىشىلەرمۇ ئاۋال ئۇنى ئوبدانراق تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ كۆرۈشى كېرەك، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدىكى دۇنياۋى سەۋىيەلىك پىكىر قىلغىلى ۋە ئىلمىي رەددىيە بەرگىلى بولىدۇ. بولمىسا بۇ بىر بىلىمسىزلىك ۋە زامانىۋى جاھىللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.  
                 تەبىئى ھاياتلىق بارلىق قىممەتلەر  مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاساسى ۋە تايىنىدىغان يۆلەنچۈگى ، ئادەمنىڭ بارلىق قىممەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەممىسى ھاياتلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولىدۇ . شۇڭا ھاياتلىق ئىلمىنى تەتقىق قىلىش ئەڭ ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەردىن بىرى . ـــــ ئايىم ئىسكەندەر
تىرىك ئىنساندا شۇنداق بىر ساماۋىي فونكىتسىيە ۋە ھەر زامان - ماكاندا رەخلى تەرۇزسىز بىر مەقەددەس ھوقۇق باردۇركى ، ئۇ بولسىمۇ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە ھوقۇقىدۇر.          ـــــــ قەلب خاتىرەمدىن
         

تارختىن يۇيان ئىنسانىيەتنىڭ كېلىش مەنبەسى (Human Origin) ۋە تەبىئى ئۆزگىرىش (ئېۋولۇتسىيە ؛演化؛Evolution) ھاياتلىق ئىلمى (بىئولوگىيە) تەتقىقاتىدىكى ئەڭ قىزغىن ۋە ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان قىزىق نۇقتا ھەم قىيىن تېما بولۇپ كەلدى.بۇنىڭ ئىچىدە ئادەمنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىلى ۋە پائالىيەت(ھەركەت)ئىقتىدارىنىڭ تەبىئى ئۆزگىرىش جەريانىدىكى مۇلېكۇلا مىخانىزىمى، ئاقسىلنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە فونكىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىش مىخانىزىمى،ئىرسىي كود(Genetic Code)،غول ھۈجەيرە(Stem Cells) ھەققىدىكى تەتقىقاتلار مۇھىمنىڭ مۇھىمى بولۇپ ،بۇلار ھاياتلىق ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ ئالدىنقى سىپى  ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نىشانى بولۇپ تۇرماقتا.تۆەندە بۇ ھەقتە بەزىبىر ئەھمىيەتلىك مۇھاكىمە ۋە تەتقىقات ئۇچۇرلىرىدىن بەھىر ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. بۇ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلىم-پەن جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، مېڭىمىزنى يېڭىدىن يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى نۇقتى نەزەرلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ ،بىلىم ۋە نەزىريەدە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا  پايدىلىق.
ھەر قانداق ئىلىم-پەن مۇنازىرىسىدە  ئۆز كۆز قارىشىمىزدا جاھىللارچە چىڭ تۇرۇۋىلىش، كونا ئىدىيەلەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقالماسلىق ۋەياكى ھالقىپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق ئىلىم-پەن مۇنازىرىلىرىدە ئۇتۇپ چىقىشنىڭ ئاقىلانە يولى ئەمەس. ئەكسىچە قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىنى ، تەتققاتتىكى تايىنىش ئاساسىنى چۈشۈنىپ تۇرۇپ ،  ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھەلدا ئەقلىي رەۋىشتە ئىلمىي ئاقىلانە ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىلىم-پەن ھەقىقەتلىرى ھەرگىزمۇ ئۆزلىگىدىن ئاشكارىلانماستىن مۇھاكىمە ۋە تەتقىقات قانچىكى چوڭقۇرلاشقانسىرى شۇنچە ئايدىڭلىشىپ بارىدۇ. مەلۇم خىل نەزىريە،ئىدىيە ،پىكىر ئېقىمىغا ئىشەنگۈچى ياكى ئۇنىڭ ھىمايېچىلىرى قارشى پىكىردىكىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەمەلىيەتتە ،ئۇ بىر ئىلىمدىكى پاراسەتسىزلىك ،ئاجىز ، چولتىلىق ۋە جاھىللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەكسىچە قارشى پىكىرلەرگە ئەستايىدىل قۇلاق سىلىپ، ئۇلارنىڭ مەيدانى، ئاساسى ئىدىيەسى ، تۈپكى قاراشلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئىنچىكە تولۇق چۈشۈپ تۇرۇپ پىكىر قىلغاندىلا ئاندىن قارشى پىكىردىكىلەرگە ئۈنۈملۈك ئىلمىي رەددىيە بېرىپ ،ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ ،ئىلمىي جاسارىتى ، ئىلمىي پەزىلىتى ۋە پاراسىتىنى ھەقىقى نامايەندە قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا بىز كىم ۋە قانداق قاراشتىكى ئىلىمدار ۋە مۇھاكىمە ئىشتىراكچىسى بولمايلى، ئاۋال قارشى تەرەپنىڭ مەيدانى ،مۇھاكە كوردىناتى ۋە نەزەريە ئاساسىنى چۈشۈنىۋىلپ، نىترال ۋە بىتەرەپ مەيدان، لىللا ئىلمىي پوزىتسىيەدە تۇرۇپ باراۋەر ،ئىناق دوستانە بولغان ئىلىم-پەن تىلى بىلەن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا سىلىق سىپايە مۇھاكىمە ئىلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.مانا بۇ ئەتراپلىق تەربىيە كۆرگەن كۈچلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە مۇھىتىدا تاۋلىنىپ- پىشىپ يىتىلگەن ،كۆپنى كۆرگەن بىر لاياقەتلىك مەسئۇلىيەتچان ئىلىمداردا بولۇشقا تىگىشلىك ئىسىل خىسلەت، پاراسەت ۋە ئىلمىي پەزىلەتتۇر.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، «تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسى » بىلەن «يارىتىلىش نەزەريەسى » ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى. بىراق كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ تالاش تارتىشنى دىندارلار بىلەن دەھرىي(دىندىن مۇستەسنا؛世俗)لەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىشتىنلا ئىبارەت دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەقتە مۇنازىرە بولسىلا مۇنازىرىنىڭ بارلىق ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ بىر تالاي قاراشلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىدۇ.دىندارلار ياكى دىنى ئېتىقاد ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنى قاراش ۋە ئىدىيەلىرىنى تايىنىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ ئۆز دەلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا ،يەنە نۇرغۇنلىغان دەھرىي كىشىلەر، ئاتىزىمچى(ئىلاھسىزلىق تەرەپدارلىرى؛无神论)، دارۋىنىزىمچىلار ئۆزلىرىنىڭ «ئىلاھسىز دىن(无神宗教) »لىرىنى بازارغا سىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بازارغا سىلىۋاتقان ئىلاھسىز دىن ئەنئەنىۋىي دىنغا قارىغاندا بۈگۈنكى دەۋىرگە تېخىمۇ بەكرەك ماس كېلىدۇ دەپ قارايدۇ.ئاز بولمىغان دارۋىنىزىمچىلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ دىنى ئېتىقادى بار، ھەتتاكى ئۇلار تولىمۇ سادىق بولغان ئىخلاسمەن ئېتىقادچىلاردىندۇر.مەسىلەن ئامېرىكىلىق بىئولوگ  Ken Miller  رىم خىرىستىيان دىنى پاپسىغا بەيئەت قىلىدىغان ئىخلاسمەن مۇرد.ئۇ ھەتتا «دارۋېننىڭ پەرۋەردىگارىنى ئىزدىشى(Finding Darwin’s God)»دېگەن كىتابنى يازغان.يەنە بەزى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان ئىلاھسىزلىق نەزەريەسىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى ئوخشاشلا غەيرى دارۋېنىزىمچى ياكى «كەنجى دارۋېنىزىمچى»لاردىن ئىكەنلىكى مەلۇم.
  لاھىيە ۋە تاساددىبىيلىق مەسىلىسىدىن نۇرغۇن كىشىلەر «تاساددىبىي پەيدا بولۇپ قالغان»مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان ئالەم قارىشى ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ بايقىشى دەپ قارايدۇ.يەنى مۇدىرنېزىمچىلار ئالەم مەڭگۈ توختاۋسىز ھەركەت قىلىپ تۇرىدىغان ئاتۇمنىڭ ئۆزلىكسىز بېرىكىپ ۋە پارچىلىنىپ،كونىسى بىلەن يېڭىسى بېرىكىپ پۈتۈنلەي يىپ- يېڭى دۇنيانى شەكىللەندۈرۈپ ئايلىنىۋاتقان جەريان دەپ قارايدۇ. شەكىل نەزەريەسى تەتقىقاتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە يىتەكچى ئالىمى قاسىم سىدىق «ئالەم دەۋرىيلىككە ئىگە ،ئالدىنقى بىر دەۋىرنىڭ ئاخىرلىشىشى كىيىنكى يېڭى بىر دەۋرىيلىكنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايدۇ ۋە شەكىل ئۇقۇمىنى ھاياتلىق ئىلمىگە ئېلىپ كىرىش ئىنتايىن زۆرۈر، ئىنسانلار ئېرسىيىتى ۋە گېن قۇرلمىسىنى تەرتىپ ۋە پروگۇرامما نۇقتىسىدىنلا ئەمەس شەكىل نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك »دەپ قارايدۇ.
21-ئەسىردىكى ئىلىم-پەن ئالەمنى بىر« بۈيۈك لاھىيە»دىنمۇ ئىنتايىن مۈرەككەپ ۋە نەفىس بولغان« كاتتا ئىجادىيەت» بولۇپ،خۇددى «ئىنجىل» ۋە «قۇرئان» قاتارلىق ساماۋىي كىتابلاردا تەسۋىرلەنگەنگە ئوخشاپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. 1978-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبىArno Penzias چوڭ پارتىلاشنىڭ ئىسپاتىنى تېپىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلغان بولسىمۇ تاپالمىغان.كىيىن ئۇ«نېۋيورك ۋاقتى گېزىتى»دە  يازغان بىر ماقالىسىدە:”مېنىڭ قولۇمدىكى چوڭ پارتىلاشقا ئالاقىدار ئەڭ مۈكەممەل سانلىق قىممەتلەر دەل ئالدىن ھۆكۈم قىلىۋالغاندەكلا بولۇپ، ئۇ خۇددى مۇسا ئېيتقاندەك، ئىنجىلدا تەسۋىرلەنگەندەكلا خۇلاسىگە كېلىپ قالدىم. “ دەپ يازىدۇ. ئېنگىلىس تىلى مەدەنىيىتىدە «دارۋىنىزىم»،«دارۋىن تەلىماتى» دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە تەبىئى ئۆزگىرىش(Evolution ؛演化)بولۇپ، بۇ ئادەتتىكى  كىشىلەر ئېڭىدىكى تەدرىجى تەرەققىيات(进化;Evolve)نەزەريەسى بىلەن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدىغان ئۇقۇم دەپ قارىلىپ كېلىنمەكتە . بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئىلمىي مەنىسى ۋە پەلسەپىۋىي مەنىسىنى تازا ئىنىق چۈشۈنىپ كەتمىگنلىكتىن ئارالاشتۇرۇپ قويۇدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ خاتالىقى بولماستىن دەسلەپكى تەرجىمە ۋە مۇشۇ ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ سەۋەنلىكى.بۇ ھەقتىدىكى بىلىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، تەدرىجى تەرەققىيات ھاياتلىق ئىلمىسى فىزىكا ۋە خىمىيەگە ئوخشاش مىقدارلاشتۇرۇلغان ھاياتلىق ئىلمىنىڭ تېئورمىلىرى ئارقىلىق يەشكىلى ۋە يەتكىلى بولىدىغان ، ئىنىق ھەم چۈشۈنىشلىك بولغان گۈزەل ئىلىم-پەن مەنزىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلىشى كېرەك. بۈگۈنكى ئىنسانلارغا كېرەك بولىۋاتقىنى كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئىسپاتلاش ۋە دەلىللەش ئەسلا مۈمكىن بولمايدىغان ،قايتىلىنىش مۈمكىنچىلىكى نۆلگە تەڭ بولغانلىقتىن قايىل قىلارلىقىنى يوقۇتۇپ قويغان  ئىپتىدائى دارۋىنىزىم تەلىماتى بولماستىن،كۈچلۈك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە، مول سانلىق قىممەتلەر ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان لوگىيكا ۋە پەلسەپە جەھەتتىن نۇقسانسىز ئىلمىيلىق ۋە ئەقلىيلىققا تېخىمۇ يىقىن بولغان ئىلغار ۋە زاماندار ئىدىيە؛تەجرىبە ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدۇر.بۇنداق بىر ئىدىيە ۋە ئىلمىي نەزەريە مەيدانغا كەلمىگەن ئەھۋالدا كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھەر قاچان گۇمانلىنىشقا ھەقلىق.
دارۋىن ئۆز تەلىماتى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى بىئولوگىيەلىك تەبىئى ئۆزگىرىش(EvolutionـBio) ھەققىدە ئىنقىلاپ قوزغاپ،بىر قىسىم ئىلمىي گۇمانىزىمچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ھەۋەسكار ھەم تەتقىقاتچىلارنى جەلىپ قىلىپ ،ھاياتلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى مىسلىسىز ئىلگىرى سۈرۈگەن بولسىمۇ، ئۇ ھەتتا ئىنساننىڭ ئەقلى ئىقتىدارىمۇ تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى دېگەننى ئىما قىلىپ ئۆتكەن.ۋاھالەنكى¬تا¬ بۈگۈنگە قەدەر ئىنسان ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە قايىل قىلارلىق دەلىللەر يىتەرلىك ئەمەس.
يىرىم ئەسىردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئىلىمدارلار جانلىقلار ياكى بارلىق جانلىقلارنىڭ مۇھىم شەكىل ئالامەتلىرى ئەمەلىيەتتە تاساددىبي ئۆزگىرىش ۋە تەبىئى تاللىنىشتىن كەلگەن دەپ قاراپ ، ھەممىنى دارۋىننىڭ ئىدىيەسى بويىچە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى.ئۇلار ھەتتاكى قۇشلارنىڭ چىرايلىق تۇمشۇقلىرى ، ئاتنىڭ تۇيىقى ، توزنىڭ نەپىس قانىتى ،گۈزەل ۋە ئوماق كېپىنەكلەر،شۇنداقلا بارلىق جانلىقلارنىڭ يەر شارىدىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇلارنىڭ دەۋرىيلىكى قاتارلىق ھادىسىلەرنىمۇ دارۋىن ئىدىيەسىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى. ھەتتاكى بىر قىسىم ئىلىمدارلار تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز پائالىيەت(ھەركەت)لىرىگىمۇ دارۋىن نەزىريەسىنى تەققاسلاپ-تەدبىقلاپ چۈشەندۈرۈپ كەلدى. ھەتتا مەلۇم مەنىدىن ئىنساننىڭ تېنى ۋە ۋۇجۇدۇدىكى بارلىق ئىش- ھەركەت، ئوي -خىيال،ئىدىيە- پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇ چىتىلمايدىغان ھىچقانداق ساھە يوقتەكلا ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى.
20-ئەسىرنىڭ50-يىللرىدىن بۇيانقى ئىلىم-پەن مىسلىسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، جانلىق ئورگانىزىملار تېنىنىڭ مەلۇم مالېكۇلاسىنىڭ شەكلى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ ئالالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى.تەدرىجى ۋە ئۆزلىكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش،ساناقسىز تەجرىبە- تەتقىقاتلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن جانلىقلار مولېكۇلا قۇرۇلمىسىنى بايقاپ ئالدى. بۇ بايقاشلار بارلىق جانلىق ئورگانىزىملارنىڭ ئاساسى مولېكۇلادىن تۈزۈلگەن ئەزالار ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئىنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.
بارلىق جانلىق ئورگانىزىملارنىڭ ھەممىسى راستىنلا دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىگە تامامەن ماس كېلەمدۇ؟!بۇنىسى ناتايىن. بىراق بىر قىسىم تاراتقۇلار كىشىلەرنىڭ تىنچ نىرۋىلىرىنى ئەنە شۇنداق غىدىقلاش كۈچىگە ئىگە ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشقا ماھىر بولسا،يەنە بىر قىسىم ئىلىمدارلار(بولۇپمۇ ھەتتا قىلچە تەبىئى پەن ئاساسى ساۋادى بولمىغان غەيرى تەبىئى پەن خادىملىرى)ئۆزلىرىنىڭ بەزى قىياس – تەتقىقاتلىرى ۋە ئادەتتىكىچە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا دارۋىن تەلىماتنىڭ مەلۇم تەرەپلىرى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈپ«زور ئۈنۈم»گە ئېرىشىشكە ھەۋەس قېلىشىدۇ.بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ «ئىلىم-پەندىكى مۇدا قوغلىشىشى» بولسا كېرەك! دەل شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئادەتتىكى كىشىلەر بۇخىل ئۇچۇرلارنىڭ زادى راست ياكى يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ بولالمايلا ئۆتۈپ كېتىشمەكتە.لىكىن بۇنداق ئەھۋالدا ئەستايىدىل ۋە سەمىمىي ئىلىمدارلار ،ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا بولغان چەكسىز مەسئۇلىيەتچانلىق روھى ۋە ئىلمىي، مىھرى مېتودى بىلەن ھاياتلىق ئىلمى تارىخىنى ئەسلەپ، بارلىق ئۇچۇرلارنى كەينىگە ياندۇرۇپ ئىنچىكە سىلىشتۇرۇپ  تەتقىق قىلىپ دەلىللەپ كۆرۈشى، ئالەملىك نەزەر ، دۇنياۋىي سەۋىيەدە تۇرۇپ ئەقلىي رەۋىشتە تەەپەككۇر قىلىپ كۆرۈشكە تىگىشلىك ،ئەلۋەتتە.
ئەمەلىيەتتە، دارۋىن تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىدە نۇرغۇن يوچۇق ۋە پارادوكىسلىق(زىتلىق ۋە ئىختىلاپلىق) مەسىلىلەر مەۋجۇت .بىزنىڭچە بۇ يوچۇقلارنى ھازىرقى زامان بىئولوگلىرىنىڭ قاراش ۋە تەييار(مەلۇم) بىلىملىرى بىلەن ياماپ كەتكىلى، پارادوكىسلىق  مەسىلىلەرنىڭ  ھەممىسىنى چۈشەندۈرۈپ  ھەل قىلىپ كەتكىلى ۋە ئۇلارنى ئىلمىي جىپسىلاپ، ئىزچىللىقا ئىگە قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن جانلىقلارنىڭ تېنى ئۆز تېنىنىڭ شەكلى ،قۇرۇلمىسى  ئارقىلىق شەكىللەنگەن. يەنى ئۆز تېنىدىكى مۈرەككەپ سىستېمىلار ئارقىلىق شەكىللەنگەنكى،ھەرگىزمۇ تەبىئى تاللىنىشنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. دارۋىن نەزىريەسى توغرىمۇ -خاتا؟ بۇ نەزىريە بارلىق جانلىقلارغا تەدبىقلاشقا ماس كېلەمدۇ يوق؟ كۆپۈنچە ئىدراكى ئادەملەر ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھەم بىلىشىدۇ. لىكىن بۇ دارۋىننىڭ خاتالىقى بولماستىن ئەينى ۋاقىتتىكى دارۋىننىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ئاساسى سەۋىيەسى ،پەن تەتقىقات شارائىتى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن دارۋىن پەقەت ھەقىقەتنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىنلا كۆرەلىگەن،دېمەي تۇرالمايمىز.   ئىلىم-پەن تارىخىدىن قارايدىغان بولساق بارلىق ئىلىم-پەن نەزىريەلىرى قىياس بىلەن باشلىنىپ تەجرىبە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ۋە ئاندىن مۈكەممەل ئىلمىي نەزىريەسى سىستېمىسى بولۇپ شەكىللىنەلەيدۇكى، پەقەت دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىلا قىياس بىلەن باشلىنىپ قىياس بىلەن ئاخىرلىشىۋاتىدۇ. بۇ ھال بەلكىم يەنە خىلى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا كېرەك.
ھازىرقى زامان ئېكولوگىيە ئىلمىنىڭ ئۇرۇقداشلىق ۋە ئوزۇقلۇق زەنجىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەتققاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،جانلىقلار تەدرىجى تەرەققىاتى جەريانىدا مەيلى تۈرلۈك تەرەققىيات(تۈرلەر ئارا ياكى تۈر ئىچى تەرەققىيات) بولمىسۇن ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يەنە ئۆز ئارا تايىنىش، ھەمكارلىق ،ئىلگىرى سۈرۈش-تولۇقلاش ۋە چەكلەشتەك مۈرەككەپ گارمۇنىيەلىك مۇناسىۋەت ۋە مىخانىزىم مەۋجۇت.كىشىلەر يەنە ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئارقىلىق، جانلىقلار ھەقىقەتەنمۇ تۈر ئىچىدە تەدرىجى تەرەققى(种内进化؛小进化) قىلسىمۇ ،لىكىن تۈر ھالقىپ تەدرىجى تەرەققى قىلىش (种间进化؛跨种进化؛ 大进化؛超种进化)نىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنىمۇ بىلىپ يەتمەكتە.
دارۋىن تەلىماتىدىكى مەۋجۇتلۇق رىقابىتى ۋە تەبئى تاللىنىشتا: ‹‹ماسلىشالىغانلىرى ئامان قىلىپ، ماسلىشالمىغانلىرى ھالەك بولىدۇ.» ،«ئەلالىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ كېتىدۇ.»دەيدىغان ئىدىيە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى ئەركىن رىقابەت ئىدىيەسى بىلەن جىپسىلىشىپ قالغانلىقتىن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە Huxleyدەك ئىلمىي گۇپپاڭچىلار ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى پرۇلتايىات ئىنقىلابىنىڭ پىشىۋالىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن ناھايىتى تىزلا پەن ۋە كەسىپ دائىرسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ دۇنيا چوڭ ئىلىم مۇنبېرىدىن ئورۇن ئېلىشقا ۋە يىتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈپ قىلىشىغا سەۋەپ بولغان . ھەتتا ئېنگىلىسمۇ«دارۋىننىڭ نەزەرەسىدىكى مەۋجۇتلۇق رىقابىتى تەلىماتىدا بۇرژىئازىيىچە سىنىپىنىڭ ئىقتىساد ئىلمىدىكى رىقابەت تەلىماتى، شۇنداقلا مالتۇسنىڭ نوپۇس تەلىماتنى ئىجتىمائى جەمئىيەتتن ھاياتلىق ئىلمى ساھەسىگە يۆتكەپ ئەكىرگەن.»دەپ قارىغان.دېمەك، دارۋىننىڭ تەلىماتىدا ھاياتلىق ئىلمىدىن سىرت يەنە، بەلگۈلۈك ئىژتىمائى ، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى فاكتور (ئامىل)لىرىمۇ يوق ئەمەس. ناتسىسلار گېرمانىيىسى دارۋىننىڭ تەلىماتىنى پەردازلاپ، «تەبىئى تاللىنىش»تىكى مەۋجۇتلۇق كۆرۈشىنى «ئىجتىمائى تاللىنىش»تىكى مەۋجۇتلۇق كۆرۈشىگە تەدبىقلىۋىلىپ، ئۇنى مىللەتچىلىك-ئىرقىچىلىقنىڭ،  ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ نەزېريەۋىي ئاساسى قىلدى.بۇ مەزگىلدە ئۇرۇش ۋە قانلىق قىرغىنچىلىقلاردىن بىزار بولغان نۇرغۇن كىشىلەر گېرمانىيە مەدەنىيىتىگە  ”دارۋىنىزىم “نىڭ ماركىسىنى چاپلاپ، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىلەن دارۋىنىزىمغا قارشى تۇرۇشنىڭ كەڭ بىرلىك سېپىنى شەكىللەندۈردى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سوتسىيال دارۋىزىنىمچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازى ۋە كەسىپتىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىنى ئىتىكا ۋە ئەخلاق ساھەسىگىمۇ كەڭەيتىشتى.ئۇلارچە بۇنداق قىلسا تەسىر دائىرىسى كېڭىيىپ،ئىناۋىتى ئۆسۈپ، جەمئىيەت ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشقىلى بولسا كېرەك.بىراق ئۇلار ئازغانىدى.20-ئەسىر بوسۇغىسىدا ، مىندىلنىڭ كۆك پۇرچاقنى شالغۇتلاشتۇرۇپ سورت يىتۈشتۈرۈش تەجرىبە نەتىجىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن مىندىل ئىرسىيەت تەلىماتى دەسلىۋىدە دارۋىن تەلىماتىىنى قوللىماستىن ئەكسىچە، دارۋىنىزىمغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىش نەزىريەسىنى كۈچلۈك قوللىدى. ئۇنىڭغا لامارىكىزىمچىلارنىڭ«ھاياتلىقنىڭ ئۆزىدە  نىشان بولىدۇ،ئۇ نىشان ئۆزىنىڭ تەبئى ئۆزگىرىشىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ،ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ خىرىسىغا نىسبەتەن تاللاپ تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.»دەيدىغان ئىدىيەلىرى ۋە توساتتىن ئۆزگىرىش نەزىريەسىنىڭ قوش قاتلاملىق زەربىسىگە دۇچار بولدى.
تەبىئى پەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەسكى،ئۇ تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابى بولمىش تەبىئىەتنىڭ تىلى ؛ شۇڭا ئۇ  تەبئى ھەم چىنلىق،دەلىل-ئىسپاتلار ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە بارلىققا كەلگەن؛ ئۇنىڭ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي تۈپ قانۇنلۇق ھەم قانۇنىيەتلىك خاراكتىرى ،مۇقىم ۋە تۇراقلىق ھالدىكى يىتەكچىلىك ئەھمىيىتكە ئىگە بولغانلىقىدىن ئىنسان ئۇنى قانچىكى ئىچكىرلەپ ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغانسىرى ئادەمنىڭ ئەقلىنى شۇنچە بىلەپ، روھىنى پاك ھەم جەسۇر ، قەلبىنى ھۆر ، پىكىرىنى ئۆتكۈر قىلىپلا قالماستىن ،ئادەمنى شۇنچە راستچىل ،سەمىمىي –ساداقەتمەن، ۋاپادار ۋە ئالىجاناب قىلىپ، ھىلە-مىكىر ۋە نەيرەڭۋازلىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ،ئادەمدىكى  ئۆزى ئۈچۈنلا باش قاتۇرىدىغان شەخسىيەتچى «ئۆزلۈك»(自我؛Ego) كىشەنلىرىىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ،ئالەملىك نەزەر، ئىنسانىي بىرلىك-بۈيۈكلىك ۋە دۇنياۋىي سەۋىيەدە تۇرۇپ تەپەككۇر –تەتقىقات ۋە ئىش ھەركەت قىلىدىغان «ئۆگلۈك»(超越自我؛真实的我؛超我؛创新性人精؛Pass ego ؛Real ego؛ Oglǜk)ئىنسان بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ھەم يىتەكلەيدۇ. بىراق، دارۋىننى بۇجەھەتتە  ئۆزى تەتقىق قىلغان تەبىئى پەنگە يۈز كېلەلەيدۇ دەپ كېسىپ ئېيتىشقا ئاساسىمىز يىتەرسىز.( شۇ مۇناسىۋەتتە ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى جېنىنىڭ بارىچە ئۆزلۈك داۋرىڭى قىلىۋاتقان بىر قىسىم  ئەدىب ۋە جەميەتشۇناسلارغا شۇنداق نىدا قىلغۇمىز كېلىدۇكى، ئۆزلۈك ئۇ ئادەمنىڭ ئىتنۇگىرافىيەلىك ھالىتىدىكى تۆۋەنكى باسقۇچتىكى دەسلەپكى ئۇقۇم ھەم ئادەمدە ئۆزىنى تونۇپ ئۆزلۈكدىن ھالقىش مۇساپىسىدە بىسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان بىر تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئىپتىدائى ۋە ئۆتكۈنچى جەريان . يۈكسەك مەدەنىيەتلىك يۇقۇرى قاتلىمى ۋە ئالى باسقۇچىغا ئۆتكەن ئادەملەر ئۈچۈن، ئۇ تولىمۇ پەس ۋە پاسسىپ  ئۇقۇم. ئۆزلۈكنىڭ ئالى باسقۇچى بولسا ئۆگلۈكتۇر.بىر قىسىم ئۆزلۈك داۋرىڭى قىلىۋاتقنلار بۇنى ھىس قىلىشتى بولغاي،ئۇنى«ئالى ئۆزلۈك»،«يۈكسەك ئۆزلۈك»،«ئۆزلۈكنىڭ يۇقۇرى قاتلىمى»دەپمۇ ئاتاپ باقتى-يۇ، يەنىلا «ئۆگلۈك»دېگەندەك تازا جايىغا چۈشمىگەنلىكىنى ھىس قىلىشىپ گاڭگىراپ تۇرماقتا. ئەمەلىيەتتە ، ئۆزلۈك زىيادە تەكىتلەنسە ئاقىۋەتتە شەخسىيەتچىلىك، تار مەنىدىكى مىللەتچىلىك -ئىرقىچىلىق، تەپرىقىچىلىق، قورۇقچىلىق،  گۇروھۋازلىق ، بۆلگۈنچىلىك، ھەتتاكى ئۇرۇش ۋە قايلايمىقانچىلىققا،ئىزىش ۋە ئىكىسپالاتسىيەگە ئىدىۋىي مەنبە ،نەزىريەۋىي ئاساس ۋە مەنىۋىي ماياك بوپ قالىدۇ. شۇڭا ئۆزلۈكنى تونۇپ-ھىس قىلىپ ئۆتۈشلا كۇپايېكى، ھەرگىزمۇ كۈچەپ تەكىتلەشكە، ئۆزلۈك داۋرىڭى قىلىشقا بولسا تېخىمۇ ئەرزىمەيدۇ.) ئەلۋەتتە ، دارۋىن ئۆزىمۇ جانلىقلار تەدرىجى تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ۋە ئۇنىڭ نازۇك ھالقىلىرىنى ئىنىق ئىگەللەپ كېتەلمىگەنلىكتىن ، ئۇنىڭ نەزەريەسىدە ئاسانلىقچە ئاغدۇرۇۋىتىكىلى ھەم ئىسپاتلىغىلىمۇ بولمايدىغان ھۆكۈم ۋە ئەقلىي خۇلاسىدىن باشقا نۇرغۇن چەك باسمايدىغان قىياسلارمۇ يوق ئەمەس. ھەتتا بەزى قىياسلىرى لوگىيلىكىلىق تەپتىش ۋە تەجرىبىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئىچىنىشلىق رىئاللىق يەنە بىر دەلىل بولالايدۇ؛ دارۋىن ئۇ بىر غەيرى بىئولوگ بولغانلىقتىن ،ئۆزىمۇ يىقىن تۇغقانلار ئارا نىكاھلىنىشنىڭ ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ ئىغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى قىلچە بىلمىگەندە، ئۆزىدىن بىر ياش چوڭ نەۋرە ئاچىسى ئىما خىنىم بىلەن توي قىلغان. قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان بۇ تويدىن كىيىن ھاياتلىق تىرادىگىيەسى يۈز بېرىپ، گەرچە دارۋىن ئون پەرزەنتلىك بولغان بولسىمۇ ھىچ قايسىسى ئەۋلات قالدۇرالمىغان. شۇنىڭ بىلەن دارۋىن نەسەبى ئۈزۈلۈپ قىلىشتەك زور پاجىئە يۈز بەرگەن. بۇ ھەقتە كەمنە «قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان توي ۋە ھاياتلىق تىرادىگىيەسىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان نەسەب» سەرلەۋىلىك ماقالەمدە مەخسۇس توختالغانمەن.شۇڭا باشقا تەپسىلاتلارنى تەكرارلاشنى خالىمىدىم.
دارۋىن تەلىماتىدىكى ئاساسى پەرەز ۋە قىياسلا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ئالىملار ئۇنىڭ نەزەريەسىدىكى«كېسەل»نى بايقىغان بولسىمۇ ،بۇ مەسىلىلەرگە كۆپ دىققەت قىلمىغانلىتنن  ئانچە ئىرەن قىلمىغان.بۇنىڭ سەۋەبى ئالىملار بۇ مەسىلىلەرمۇ ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇستىرىدا «شىرتتىدە قىلىپ كېسىۋەتكەن»دەك تەل-تۆكۈس «ھەل بولىدۇ (يوقاپ) كېتىدۇ» دەپ ئويلىغانىدى. مەسىلەن:دارۋىن مىكراسكوپ ئاستىدىكى جانلىقلار دۇنياسى پەقەتلار ئاددىي« مىۋە ئۇيۇتىسى(果冻)»ياكى كىرىستالسىمان نەرسە بولۇپ، تاساددىبىي پۇرسەتتە ناھايىتى ئاسانلا شەكىللىنىپ قالغان دەپ قاراپ ئىغىر خاتالاشقان. خاتالاشقاندىمۇ  بەكمۇ چوڭ ۋە ئالاھىدە ئىغىر خاتالاشقانىدى.20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىردا ھازىرقى زامان ھاياتلىق ئىلمىسىنىڭ ئاپىرىدە بولىشىغا ئەگىشىپ، ئالىملار ھۈجەيرىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ۋە ئىنچىكە كۈزۈتۈش ئارقلىق دارۋىننىڭ خاتالىقىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىشكە باشلىدى. ئەمەلىيەت شۇكى ،مىكراسكوپ ئاستىدىكى ھاياتلىق دۇنياسىنىڭ مۈرەككەپلىكى مىكراسكوپ سىرتىدىكى(ئۈستىدىكى)دۇنيانىڭ مۈرەككەپلىكىدىن ھەرگىز قىلىشمايدۇ. پەقەت دارۋىن ئېيتقان تىئورمىدىكى تاساددىبىيلىق مۇشۇنچىۋالا مۈرەككەپ ،نازۇك - زىل ۋە نەپىس بولغان مول ئىقتىدارلىق رەڭدار ھەم«قۇدىرەتلىك»ھۈجەيرىنى ئىختىرا قىلدى دېيىش ئادەم تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ ،قىلچە ئەقلىگە سىغمايدۇ. ئەڭ كىچىك دەپ قارالغان ھۈجەيرىلەرمۇ  ئۇنداق«ئاددىي»،«كىچىك» بولمايدۇ ۋە ناھايىتى مۈرەككەپ بولىدۇ. باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ ،ھۈجەيرىنى«ئىنتايىن ئاددى»دەپ تۇرايلىك،ئۇ ئەڭ ئاددى ھۈجەيرىمۇ يىتەرلىك دەرىجىدە ئىنتايىن مۈرەككەپ بولىدۇ ۋە پەقەت شۇنچىۋالا مۈرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاندىن ھايات كۆچۈرۈپ ياشىيالايدۇ.شۇنداقلا بارلىق ئەڭ نازۇك ۋە زىل-زىبالىق، ئەپچىل ، مۈرەككەپ ھىساپلىنىدىغان كۆپۈيۈپ-ئەۋلات قالدۇرۇش ، ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىش جەريانلىرىمۇ دەل شۇ ئاددىي ھۈجەيرىدە  تاماملىنىدۇ.
دارۋىنىزىمنىڭ ھاياتلىق ئىلمى كىلاسسىك ئەندىزە ۋەئىپتىدائى نەزىريە بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قىلىشىنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ مودىرنىزىمچىلارنىڭ بىرخىل (دىنى)ئىدىۋىي تۈۋرىكى بولۇپ قالغانلىقىدا.لىكىن قانداقلا بولمىسۇن دارۋىننىڭ نەزىريەسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن دەلىللەرنى ئەقىل كۆزى ۋە تەنقىدى نەزەر بىلەن ئىنچىكە كۈزۈتۈپ ئانالىز قىلىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ ياكى قاتتىق ئىلمىي تەنقىد ۋە تەپتىشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى ھەققىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بۈگۈنكى بىرقىسىم ئەللەردە سىياسى مادارا پەيدا  قىلماقتا.چۈنكى ھۆكۈمەت قارمىغىدىكى مەكتەپلەردە پەقەت دارۋىن ئەندىزىسى بويىچىلا ئوقۇتۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى باشقا نەزىريە ۋە يېڭى، ئۆزگىچە قاراشلار بىلەن ئۇچۇرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشى «ئوت ئۈستىگە ماي چاچقاندەك»، «ئاينى ئېتەك بىلەن يىپىشتەك » ئىش بولماقتا.يەنە كېلىپ،ھەتتا بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دارۋىن تەلىماتىدىكى ھەممىگە ئايان بەزى گۇمانلىق نۇقتىلىرىنى مۇھاكىمىلىك سۆزلەپ ئۆتۈپ كېتىشىگىمۇ رۇخسەت قىلماسلىقى، تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىنى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى مودىرنىزىمچىلارنىڭ كىشىگە ئېيتالمايدىغان ئالاھىدە بىرخىل دىنىغا ئايلىنىپ  قالغانلىقىدا. يەنە كېلىپ دارۋىنىزىم ئەنەشۇ مودىرنىزىمچىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان مەركىزى ئىدىيەسى ھىساپلىنىدۇ.ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى(BBC) ۋە«سىھرى كۈچ(Glamour)»ژورنىلى ئېلىپ بارغان بىر قانچە قىتىملىق ئەل رايى سىناشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككىلى خىل نەزىريەگە تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە يارىتىلىش نەزىريەسىنىمۇ تەڭ ئوقۇتۇشنى قوللايدىغانلار سانى ئايرىم ئايرىم ھالدا 83-89%، 74%ۋە 76%بولغان. «يارىتىلىش » ياكى «ئەقلىي لاھىيە » نەزىريەسى بولمىسۇن ئۇلار ماھىيەتتە ھاياتلىقنىڭ كېلىش مەنبەسىنى باشقا نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈش تەرەپدارلىرىنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى بولۇپ،بۇ دارۋىن تەدرىجى تەرەققىيات تەلىماتى ئىدىيەسى بىلەن زىتلىققا ئىگە ؛ بۇ ئاساسلىقى ھاياتلىقنى مۈرەككەپلىكتە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە مۈرەككەپ بولىدۇ،مەسىلەن:بىر يۈرۈش مۈكەممەل بولغان DNA (دى ئىن ئا)ياساش بۇيرىقى،شۇ DNA نىڭ مەخپى شىفىرى بىلەن ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. يارىتىلىش نەزىريەسى ئىدىيەسى ئىلىم-پەن ساھەسىگە ئېلىپ كېرىلسە، ھازىرقى ئىلىم-پەننىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەرگە بولغان قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە توغرا كېلىشى مۈمكىن، ئەلۋەتتە. چۈنكى بۇ نەزىريەنىڭ تەشەببۇسچىلىرى ھاياتلىق ھادىسىلىرىنى ئاللىقانداقتۇر «توساتتىن ئۆزگۈرۈش» ، «تەبىئى تاللاش»، «مەۋجۇتلۇق رىقابىتى» دېگەنلەر بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرمەستىن،ئەھمىيەتلىك «ئەقلىي لاھىيە»،« چىرتىيۇژ»،«ئىرىسىي پروگۇرامما» دېگەنلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ھەممىگە ماس كېلىدىغان ئادەتتىكى قانۇنىيەتلىك بىشارەت ۋە ئەسكەرتمە-تەلىماتلارغا ئېرىشىشنى ئۈمىت ۋە تەشەببۇس قىلىدۇ. دارۋىنىزىمچىلار ۋە بىر قىسىم دەھرىيلەر بولسا بۇنى ئاددىيلا بىدئەت ياكى خۇراپاتلىق دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنى«لاھىيەسىز ئەندىزە»ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ، ئەنەشۇ ئاتالمىش «قالايمىقان –تەرتىپسىز»،«قانۇنىيەتسىز» تەبىئى تاللاش مىخانىزىمى ۋە پۇرسەت تېئورمىلىرىدىن ھاياتلىقنىڭ تېگى مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ بارلىق سىرلىرىنى يەشمەكچى بولىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە «تاساددىبيلىق» دېگەن بىز ئىنسانلار تىگىگە يىتەلمىگەن ياكى سەۋەبىنى بىلەمىگەن تىلسىملىق مەسىلىلەرگە قارىتا ئىجات قىلىۋالغان بىر يۈكسەك مەنىدىكى مەۋھۇم ئۇقۇم ؛ تاساددىبىيلىقنىڭ ئۆزى شەيئىلەر تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلىقىدىكى يۈكسەك قانۇنىيەت ۋە ئىلمىيلىككە قارىتىلغان بولۇپ،«تاساددىبيلىق»نى تاساددىبىي بايقاپ قىلىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. بۇنىڭغا چوڭقۇر ، ئەتراپلىق بىلىم،كۈچلۈك كۈزۈتۈش ئىقتىدارى ۋە تەجرىبە ئىسپاتى كېرەك بولىدۇ.تەبىئەت دۇنياسىدا جۈملىدىن تەبىئەت پەنلىرىدە تاسادىبيلىق ياكى تاسادىبىي توغرا كېلىپ قىلىش، سىمىتىرىيەسىزلىك(ماس كەلمەسلىك)ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.ناۋادا مەۋجۇت دېيىلسە چوقۇمكى مەلۇم بىر ھالقىدا چاتاق چىققان ياكى مەسىلە(خاتالىق)كۆرۈلگەن بولىدۇ.
ئىلىم-پەن بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىنسانمۇ دەل رىئال ئىژتىمائى دۇنيادا ياشايدىغان بولغانلىقتىن ئىلىم-پەننىڭ ئۆزىمۇ ئاڭغا تايىنىدىغان بولىدۇ. خۇددى ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى ئېۋىن(Erwin Schrodinger)تونۇپ يەتكنىدەك فىزىكىدىكى بارلىق نەزەريەلەرنىڭ ھەممىسى سەزگۈ ئەزالارنىڭ بىلىپ يەتكىنىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم-پەندە تەرەققىيات ۋە ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز چەكسىز چىگىرسىز ئالەم ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇرەككەپ ئادەمگە ئالاقىدار زور بىلىش مەسىلىرى ئاللىبۇرۇن ئادەتتىكى ئىلىم-پەننىڭ چۈشۈنىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا تەپەككۇر ئوربىتىمىز ۋە كۈزۈتۈش بۇلۇڭىمىزنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ يېڭىچە ئالەملىك قاراش زاماندار ئاڭ بىلەن ئۆزىمىزدىن ھالقىپ تۇرۇپ تەپەككۇر-تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ۋاھالەنكى ئىنساننىڭ تەپەككۇر سەزگۈسى لوگىيكىدىن غالىپ كەلگەندە چۈشۈنۈش ۋە قارىغۇلارچە چۈشۈنىۋىلىش ياكى ئىلمىي نەزىريەلەرگە بولغان مەھكۇملۇق ، روھى بەخشەندىلىكتىن قۇتۇلۇپ، سىىپى ئۆزىدىن ئەسلى ئىجادىيەت ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئادەمنىڭ تىل ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى راستىنلا تەبىئى تاللىنىشنىڭ مەھسۇلىمۇ ؟ ھازىرچە بۇنى تولۇق ئىسپاتلىيالايدىغان بىرەر يېڭى نەزىريە ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق. ھەتتا تەبىئى تاللاش نەزىريەسىنىڭ تۇنجى بايقۇغۇچىلىرىدىن بولمىش ۋاللاس(Alfred Wallace)1869-يىلى دارۋىنغا يازغان خېتىدە كېسىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئىنساننىڭ تەپەككۇرى ۋە چوڭ مېڭىسى  تەبىئى تاللىنىشنىڭ مەھسۇلى بولىشى مۈمكىن ئەمەس،چۈنكى ئىپتىدائى ئادەمنىڭ مېڭىسى بىلەن ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ مېڭىسى ئوخشاش چوڭلۇقتا، بىراق ئىپتىدائى ئادەملەر ئابىستىراكىت تەپەككۇر قىلالمايدۇ...».
دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريىسى بويىچە بولغاندا،  ئالى دەرىجىلىك ھايۋانلار تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلاردىن ، ئادەم مايمۇندىن تەردىجى تەرەققى قىلىپ ئۆزگىرىپ كەلگەن دەپ قارىلىدۇ . بۇ قاراش قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ ، لىكىن يەنىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ بىر مۇنچە  نىمە ئۈچۇن ؟ ۋە سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى  بويىچە  لوگىيكىلىق  تەپەككۇر- تەپتىش  ۋە ئەقلىي خۇلاسە قىلىپ كۆرىدىغان بولساق ، داۋرىن نەزەريىسى كىشىلەرگە ئەڭ ئاخىرقى مۈكەممەل ھەم نۇقسانسىز  توغرا جاۋابنى بىرەلىگەن ئەمەس . ھاياتلىق ئىلمى دارۋىندىن بۇيانمۇ ھەرگىز بىر ئىزدا توختاپ قالغىنى يوق . خۇسۇسەن تەدرىجى تەرەقىيات مىخانىزىمى ، مودىلى ، رتىمى ، بىرلىكى ، قاتلاملىقى ، ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلىك ئامىل قاتارلىقلاردىمۇ تېخىمۇ كۆپلىگەن پىكىر ئېقىمى ۋە ئىلمىي مەزھەپلەرنى شەكىللەندۈردى .
گەرچە ئاناتومىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئادەم تاشقى قۇرۇلمىسى بىلەن شىنفەنزە -ئورانگوتانلارنىڭ سىياقىدا خىلى نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بولسىمۇ ، بۇ ھىچ بولمىغاندا بۇلار بىر تۈر ۋە پۈتۈنلەي بىر ئائىلىگە تەۋە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئاددىسى  شاتۇتا جىندا ئادەم نىمە دېسە شۇنى دەلەيدۇيۇ، بەزى ئالىملار مايمۇننى زۇۋانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نەچچە يىل تىرىشقان ،ھەتتا ئىلغار-زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن گەپ قىلىشنى ئۆگۈتىپ باققان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ئادەمدەك زۇۋان چىقمىغان. دارۋىن دېگەن بۇ ئىسىم تەبىئى ئۆزگىرىش بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھەرگىز كىشىلەر ئويلىغىنىدەك ئۇنداق ئاددىي ۋە ئاسان ئىش ئەمەس. چۈنكى ھازىرقى زامان ھاياتلىق ئىلمى دارۋىن زامانىسىدىكىدەك ئۇنداق ئاددىي ھەم ئىپتىدائى ئىلىم بولماستىن ،دارۋىن زامانىسىدىكىدىن مىسلىسىز دەرىجىدە تەرەققى قىلدى. شۇڭا ئۇنى بىر قانچە تال تولۇق بولمىغان پارچە-پۇرات تاش قاتمىلىرىغىلا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئادەم بىلەن مايمۇن«ئۇرۇغ-تۇغقان» ،ئۇلار بىر جەمەئەتىن دېيىش ئىلىم-پەن لوگىيكىسى ۋە ھازىرقى زامان ھاياتلىق ئىلمىنىڭ، شۇنداقلا باشقا ئالاقىدار پەنلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىلەنمۇ ئانچە ماس كەلمەيدۇ.ئوخشاش كاربون(C)ئېلىمېنىتىدىن تۈزۈلگەن ئالماس ، گىرافىت ، كۆمۈر كۈيىسى قاتارلىق كاربوننىڭ ئاللىتىرۇپىك ماددىلىرى خىمىيە پېنىدە ئوخشاشلا بىرخىل ماددا دەپ قارالسىمۇ، لىكىن پەقەت ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىلىنىش شەكلى ئوخشىمىغانلىقتىن فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىدە غايەت زور پەرقلەر شەكىللەندۈرگەن.ھاياتلىق ھادىسىلىرىمۇ فىزىكىلىق مۇناسىۋەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقتىن بۇخىل فىزىكىلىق پەرقنىڭ ھاياتلىق مۇلېكۇلالىرىنىڭ فونكىتسىيەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. دەرۋەقە، ئادەم بىلەن مايمۇننىڭ گېن سانىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىغا قاراپلا ئۇلارنى ئوخشاش بىر  تۈرگە تەۋە دەپ تۇرۇۋىلىشمۇ ئوخشاشلا ئىلىم-پەن مەنتىقىسىگە مۇخالىپ كېلىدۇ. مەسىلەن: ئادەمنىڭ گېن سانى مايمۇننىڭكى بىلەن ئوخشىشىپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە توخۇ ، چاشقان، پىل، چوشقا ، چۈجگىن ئوت، كۆممە قوناق، چىۋىن، مىۋە قۇرۇتى، قۇمۇش قاتارلىقلارنىڭ گېن سانى بىلەنمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق ئۇلارنى ئادەم بىلەن بىر تۈرگە تەۋە دېيىش ئاقمايدۇ ھەم ئەقىلغىمۇ سىغمايدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە  ئادەم بىلەن ئورانگوتاندا ئورتاق بار بولغان  ئاقسىللار ئىچىدە%80تىدە پەرق بار، بۇ شۇ ئاقسىلنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىنۇ كىسلاتىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوخشىمايدۇ ،دېگەن گەپ. بۇ دېگەنلىك ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىدا ئىنىقلانغان 20مىڭچە گېننىڭ 16مىڭدىن كۆپرەكى ئورانگوتاننىڭ گېن تەرتىپىگە ئوخشىمايدۇ دېگەننى چۈشەندۈرىدۇ.ئادەم بىلەن ئورانگوتاننىڭ گېن جەھەتتىكى پەرقى نۇقۇل ھالدىكى سان جەھتتىكى پەرقلا بولماستىن، تەرتىپ  - پراگرامما، شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى ماھىيەتلىك پەرقلەر ھەم  سىستېما ئىچىدىكى قۇرۇلما خاراكتىرلىك پەرقمۇ مەۋجۇت. بۇ پەرقلەر يەنە بەزى گېنلارنىڭ بار يوقلىقىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. كونكىرتنى قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەم تېنىدە  دائىم ئىپادىلىنىپ كېلىۋاتقان 1400دانە يېڭى گېن ئورانگوتان تېىنىدە ئەسلا ئىپادىلەنمىگەن.يەنىي ئادەمدىكى %6گېن ئورانگوتاندا يوق. تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلغاندا ،ئادەم بىلەن ئورانگوتاننىڭ پەقەت گېن سانىلا ئوخشاش بولغاندىن باشقا، ئۇ گېنلارنىڭ گۇرۇپپىلىنىش (پرۇگۇراممىلىنىش)رەت تەرتىپى ۋە قۇرۇلمىسىمۇ ئوخشىمايدۇ؛ئادەمنىڭ گېن زەنجىرى قىسقا ، ۋاكوم ۋە ئەخلەت گېنلارمۇ ئازراق؛ مايمۇننىڭ بولسا ئۇزۇن، ۋاكوم ۋە ئەخلەت گېنلار(ھازىرچە ئىنىق فونكىتسىيەسى ۋە رولى بارلىقى تېخى نامەلۇم گېنلار) كۆپ . بۇخىل رىئاللىق ئادەم بىلەن مايمۇندىن ئىبارەت بۇ ئىككى تۈرنىڭ گېن سانى گەرچە ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، ئۇلارنىڭ گېن قۇرۇلمىسى شەكلى ، گۇرۇپپىلىنىش(تەشكىللىنىش) ھالىتى، تەرتىپى ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك ئاساسەن ئوخشاش مىقتاردىكى گېنلارنىڭ ئوخشمىغان رەت تەرتىپ بويىچە، ئوخشىمايدىغان ھالەتتىكى گۇرۇپپىلىنىش شەكىلدىكى تۈزۈلىشى ، ئۇ گېنلارنى ئوخشىمىغان مەزمۇن ۋە فونكىتسىيەگە ئىگە قىلىپ، ئىنسان بىلەن مايمۇن، شۇنداقلا يەنە گېن سانى ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇرغۇن باشقا ھايۋانلارنىڭ تۈر تەۋەلىكى ، ئەقلىي ئىقتىدارى،ھازىرقى مورفولوگىيەسى، ئاناتومىيەسى، فىزىلوگىيەلىك خۇسۇسىيەت ئالامەتلىرى جەھەتتىكى بىر تالاي ئاسمان زىمىندەك زور ھەم روشەن پەرقلەرگە  بىۋاستە سەۋەپ بولغاندۇر. بۇنىڭدىن مەلۇمكى جانلىقلارنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ ئىرسىيىتىنى بەلگۈلەيدىغان گېنلار سانى بەلگۈلىمەستىن شۇ گېنلارنىڭ پرۇگراممىلىنىش( گۇرۇپپۇلىنىش) شەكلى بەلگۈلەيدۇ دېگەن ئەقلىي خۇلاسىە چىقىرىش مۈمكىن. بۇنىڭدىن قارىغاندا ھاياتلىق ئىلمىلىك شەكىل ئۇقۇمىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. شەكىل ئالامەتلەرنىڭ ئىرسىيەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان گېرمانىيەلىك زولوگئىيە پروفېسسورى ئوگوست ۋېسمان (1834.1.17.-1914.11.5  August Weismann;)  22ئەۋلات چاشقان ئىچىدىكى 1592جۇپ چاشقاننىڭ قۇيرىقىنى كېسىۋەتىپ چىتىشتۇرغاندىن كىيىنمۇ ، كىيىنكى ئەۋلادىدىنىڭ ئوخشاشلا قۇيرۇقى بار تۇغۇلغان.بۇنداق تەجرىبىدىن غىدىقى كەلگەن ئىدراكى ئادەملەر مۇنداق مونولوگ قىلىشىدۇكى: بىر تال  مەڭ ، كىچىككىنە سەپكۈن چاغلىق مىكرو شەكىل ئالامەتلەرمۇ ئىنتايىن كۈچلىك نەسىل قوغلاش(ئىرسىيەتچانلىق)كۈچىكە ئىگە تۇرسا ، كىملەر شۇ بىچچارە مايمۇنلار چىمەن تاغدىكى  دەرەخلەردىن سەكرەپ چۈشۈپ ئادەمگە ئۆزگىرىدىغان چاغدا  ئۇنىڭ ئۇزۇن ھەم يوغان قۇيرىقىنى« مەڭگۈ ئۆسمەيدىغان»قىلىپ كېسىۋەتكەن بولغۇيتى ھە! تېخى ئۇنىڭ كۆرۈمسىز ھەم ماناق بۇرۇنلىرىنى شەكىل تۈزەش ئاپۇراتسىيەسى قىلىپ، قاڭشار چىقىرىپ قويۇشلىرىغا قارىمامدىغان!
ئۇندىن باشقا ، يۇقۇرقىلارنى دارۋىننىڭ قىياسى بويىچە تەققاسلاپ ئانالىز قىلىپ كۆرۈدىغان بولساق ، ئادەم بىلەن مايمۇنلار ئوتتۇرىسىدا زادىلا ئۇلىغىلى بولمايدىغان «كەمتۈك (ئۈزۈك)ھالقىلار»مەۋجۇت بولۇپ، بۇ كەمتۈك ھالقىلارنى ئۇلاش(جىپسىلاپ)  تەدرىجى تەرەققىياتنى سىجىل (ئىزچىل)داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن  بۇ كەمتۈكلۈكلەرگە تەۋە بولغان ھەم ئۇنى دارۋىن تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى بىلەن چۈشەندۈرۈپ  بېرەلەيدىغان ئىسپاتنى تىپىشقا ۋە ياكى دارۋىننىڭ نەزىريەسىدىكى جىپسىلاشمايدىغان ۋاقىت(يىلنامە)تەرتىپىنى قايتىدىن دارۋىننىڭ قارىشىنى قوللايدىغان قىلىپ يېڭى باشتىن يېزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئىلىم-پەندە «قوش ئۆلچەم قويۇش»،«ھەقىقەتنى ئۆزى ئۈچۈن ئىگىپ پايدىلىنىش»تەك  قىلمىش ئىلمىي تەنتەكلىك، پاراسەتسىزلىك ۋە پەزىلەتسىزلىك بولۇپ،بۇنى بۈگۈنكى زامان ھاياتلىق ئىلمىنىڭ غورۇرى ۋە ۋىجدانى ئەسلا كۆتۈرەلمەيدۇ.
جاڭ زېڭىيى ئەپەندىمنىڭ تەھلىلى بويىچە ئېيتقاندا، ئامېرىكىدىكى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىگە قارشى ھەركەت پەقەتلا ئىلىم-پەن بىلەن دىننىڭ توقۇنۇشىنىڭ ئىپادىسىلا ئەمەس. ئۇنى ئاددى ھالدا نادان بىلىمسىزلەرنىڭ ئىلىم-پەنگە قارشى ھەركىتى دەپ يەكۈن چىقىرىشقىمۇ بولمايدۇ.شۇڭا ئۇنى ئوخشىمىغان ئىلمى قاراش ياكى ئىلىم-پەن چەك چىگىرىسى ئۆلچىمىدىكىلەرنىڭ ،شۇنداقلا ئالاھىدە ئىجتىمائى ،سىياسى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىكىلەرنىڭ بىۋاستە ئىدىيە توقۇنۇشى دەپ چۈشۈنىش كېرەك. بىز يەنە شۇنىمۇ بىلىشىمىز كېرەككى، دارۋىننىڭ نەزىريەسى مول ئىجتىمائى مەنالارغىمۇ ئىگە بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ھەرخىل ھەر نۇسقا ئىشلىرىغا «نەزىريەۋىي قالقان» ۋە«ئىلمىي دەستەك»قىلىشقا ئادەتلىنىپ كېتىشتى.يەنە شۇنداقلا ئۇ تەبىئى ھالدا ئوخشىمىغان چۈشۈنىش ۋە مەيداندىكى كىشىلەرنى قارشىلاشتۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتلىق ئىلمىلىك باراۋەرلىكى ئاق تەنلىك ئىلىمدارلارنىڭ ئىجتىمائى ئورنىغا نىسبەتەن بىرخىل خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتقاندەك تەسىر بېرىپ قويغانلىقتىن،بىر قىسىم ئاق تەنلىك ئىلىمدارلار چىكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىل ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ كىشەنلىشى بىلەن ئۆزى تەۋە بولغان ئىرقىدىكىلەر تۈر توپىنىڭ ئىژتىمائى ئۈستۈنلىكىنى دەپ ئىلىم-پەن ھەقىقەتلىرىنى ئاستىن ئۈستىن قىلىۋىتىشكە ئۇرۇنۇش ھادىسىسىمۇ قىسمەن يوق ئەمەس.مۇنازىرە ۋە تالاش تارتىش كۆپۈيىۋاتقان شارائىتتا،يەنە بىر قىسىم «سۇنى لىيىتىپ بىلىق تۇتۇش»قا ئامراق كىشىلەر بۇ مۇنازىرىگە ئارىلىشىپ گۇپپاڭچىلىق قىلىپ، مۇھاكىمىنى  قالايمىقان قىلىدىغان ھەرخىل ساختا ئىلىم-پەن ۋە ساختا ئىلىمدارلار ھادىسىلىرىمۇ مەۋجۇت،ئەلۋەتتە. تەدرىجى  تەرەققىيات نەزەريەسىگە رەددىيە بىرىپ  يارىتىلىز نەزەريەسىنى قوللايدىغان Levin ئىسىملىك بىرسى :«ئالدى بىلەن، ھاياتلىقنىڭ بىردىن بىر يىگانىلىكى تۈپەيلىدىن بىز ھاياتلىقنىڭ نىمىلىكىنى ئىنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمىز ھەم ھىچكىممۇ تەجرىبەخانىدا بىرەر ھاياتلىقنى رەسمىي بارلىققا كەلتۈرەلىگىنى يوق. ئاندىن  مۈرەككەپ ئورگانىك تەنىچىلەرنىڭ ھەممىسى كومبىريان(مۇز)دەرۋىدە توساتتىن  بىراقلا پەيدا بولۇپ قالغانلىقى پاكىت .  ئۈچۈنچىدىن ،تاش قاتما خاتىرلىرىدە ئۆتكۈنچە ھالەتلەر كەم ، ئۈزۈكلۈك ھەم كەم ھالقىلار كۆپ . تۆتۈنچى ، نەچچە مىليۇن دوللارلىق سەرخىل ئۈسكۈنىلىرىگە ئىگە ئىلغار تەجرىبەخانىلارنىڭ بىرەسى ھايۋاناتلارنىڭ بىرەر تۈرىنى باشقا بىرەر تۈرگە ئۆزگەرتەلىگىنى يوق. »دەيدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ھىچ بولمىغاندا  ھازىرچە دارۋىن تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىگە ئىشىنىشكە ئاساسىمىز يىتەرلىك ئەمەس. مەشھۇر ئاستىرنوم Fred Hoyle كالىفورنىيە تەبىئى پەنلەر سانائەت پەنلىرى ئىنوستېتوتىدا سۆزلىگەن بىر قىتىملىق نۇتقىدا:« ئاددى جانلىقلار كىچىك مالېكۇلىسىدىن تەرەققى قىلىپ ھازىرقىدەك ئالى دەرىجىلىك ھايۋانغا ئۆزگىرىش ئۈچۈن ئالەمنىڭ ئون مىليارت يىللىق يېشىمۇ يەتمەيدۇ.» دەيدۇ.بۇنىڭدىن قارىغاندا،«تەدرىجى تەرەققىيات ياكى توساتتىن ئۆزگىرىش بولمىسۇن’ تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ئالاقىدار ئاچقۇچلۇق ئامىللارنى ‘ ئىھتىمال مەڭگۈ قۇلاقتا ئاڭلاپ ،كىتابتا كۆرەلىشىمىز بىراق مەڭگۈ ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەسلىكىمىز مۈمكىن.»
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسى سىخىمىسىنى ئىنىقلاش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلىشى ۋە تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ،ھاياتلىق ئىلمى گېن گۇرۇپپىسى دەۋرىنىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ زور دەرىجىدە قىزىقىشىنى قوزغىدى ھەمدە ھاياتلىقنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئاپىرىدە بولۇش جەريانىدىكى تەتقىقاتنىڭ كەلگۈسى ئۈمۈدىنى گېن تەتقىقاتىغا باغلىدى.لىكىن گېن ئاتلاسى سىزىپ چىقىلىپ ،كۆپلىگەن خىروماسۇمادىكى گېنلارنىڭ ئاساسلىق فونكىتسىيەسى دەسلەپكى قەدەمدە ئىنىقلانغان بولسىمۇ ،بىراق گېننىڭ ھاياتلىق ئىلمىلىك فونكىتسىيەسى زادى نىمە دېگەننى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش پەقەت چاشقان تەقلىدى تەتقىقاتدىكى ھۈجەيرە سەۋىيەسىدە تۇرماقتا.ئۇندىن باشقا،ئادەم بىلەن ئورانگوتان-شىنفەنزە ۋە چاشقان گەرچە  پىرماتىك(Primates؛بىر قەدەر ئەقىللىك ھىساپلىنىدىغان) سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا تەۋە بولسىمۇ ،لىكىن ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى پەرق  ئاسمان زېمىندەك غايەت زور بولغانلىقى ۋە تەجرىبە جەھەتتىكى تۈرلۈك مۈشكىلاتلار ھەم ھەرخىل چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن، تەجرىبە ۋە تەتقىقاتتا بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىلگىرلەش يوق دىيەرلىك.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى  تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تامامەن مۇكەممەل بىلىش دەپ ئېيتىشقا ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ناۋادا  بۇندىن كىيىنكى تەتقىقاتتا يېڭى بۆسۈش بولۇشنى قولغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز  ئىنسان بىلەن تېخىمۇ «يىقىن تۇغققاندارچىلىق»مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولغان باشقا پىرماتىك ھايۋانلار ئۈستىدە بىۋاستە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولسا كېرەك! ئالىملارHGP (ئىنسانلار گېن تەتقىقاتى پىلانى) ئارقىلىق ئىنسانلار گېنىنى ئۈزىل-كىسىل ئىنىقلاپ چىقىشنى  ئارزۇ قىلىشقان بولسىمۇ ، ھاياتلىق سىرلىرىنىڭ ھەمىسىنى پۈتۈنلەي  گېن پىلانى تەتقىقاتىدىن ئىبارەت بۇ «ساماۋىي كىتاب»(天书,Double Dutch) قا پۈتۈلگەنلىكىنى ، ھاياتلىق ھىكمەتلىرىنىڭ نۇرغۇن سىرلىرى«ئېغىز ئىچىش تەس»(有口难言)بولغان تىلسىملىق تەرەپلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىشنى ئۇنتىمىدى.  ۋاھالەنكى، ئىنسانلارنىڭ گېن ئاتلاسىدىن ئىبارەت بۇ «ساماۋىي كىتاب»مۇ ئىھتىمال ئۆزلىكسىز تۈزىتىلىپ تۇرىشى؛ئۇ يەنە كۆپخىللىق ، مۈرەككەپلىك ، تاساددىبىيلىق ، ئۆزگىرىشچانلىقلارغا ئىگە  بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا شۇ  ھاياتلىق ساھەسىدىكى  ئەنۇشۇ «ساماۋىي كىتاب»قا پۈتىلگەن مۇقەددەس پىروگىراممىلاردىن ھالقىپ كېتەلمىسە كېرەك! ( داۋامى بار)





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilik_yar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 01:21 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-2-8 04:22 PM):
تپەزىلەتلىك ئوقۇرمەن ېمىنى تولۇق ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يازغايسىز!

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-2-8 04:24 PM):
پەزىلەتلىك ئوقۇرمەن  تېمىنى تولۇق ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يازغايسىز! رەھمەت.

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-11-23 12:10 AM):
داۋامى:https://uyghur-archive.com/misranim/forum.ph ... p;extra=#pid1731651

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-11-25 10:05 PM):
بۇ تېمىنىڭ داۋامى:https://uyghur-archive.com/misranim/thread-114427-1-1.html

ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات .دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش ئىمان جۈملىسىدىن. تەپەككۇر  ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىقتىدار ۋە مۇھىم فونكىسىيە. ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم،بەختىمنىڭ بىر قىسمى.__   غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76939
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:29:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 05:15 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91315
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:45:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مۆھتىرەم  پەزىلەت ۋە پاراسەتلىك ئوقۇرمەن ، «تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى» 150نەچچە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكى تالاش-تارتىش ۋە ئىختىلاپ ئەڭ كۆپ بولغان قىزىق تېما ۋە شۇنداقلا ئىلىم-پەندىكى «قىزىل چىراق رايونى» دەپ قارىلىپ كەلدى ۋە شۇۋەجىدىن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىلىمدارلار بۇ تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى.  سەۋەبى بۇ بەكلا چوڭ ھەم نازۇك تېما بولغاچقا ئاخىرى چىقماسلىقى ياكى قاتمال مۇھاكىمە ھادىسى كۆرۈلۈشتىن ئەنسىرىگەن بولىشى تەبىئى. لىكىن شۇنداقتىمۇ كەمىنە بىر بىئولوگىيە ئىلمى ھەۋەسكارى بولۇش سۈپۈتىم بىلەن بۇ تېما ھەققىدە تەپەككۇر-تەتقىقات قىلۋاتقىنىمغا20يىلدىن ئاشتى. شۇڭا بۇ ھەقتىكى تەسىرات ۋە ئىلھاملىرىمنى كەسىپ ئەھلى ۋە بۇ تېمىغا قىزىدىغان تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشى مەقسىتىدە مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان نۇسقىسى ئاساسىدا بۇ سەھىپىگە يوللاپ قويدۇم. مەقسەت ئالىقانداقتۇر مۇكاپاتقا ئېرىشنى ئارزۇ قىلىش بولماستىن، ئاۋامنىڭ ھەر قانداق ئىلىمدىن ئىمانىي ئىلھام ئېلىپ، توسالغۇسىز تەپەككۇر قىلىشىغا ئىلھام ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئىلىم-پەن جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىش، ئاۋامنىڭ ئىلىم-پەن  ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئىلىم-پەن روھى يىتىلدۈرۈش ،ئىلمىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ھەر قانداق ئىشقا ھىس ھاياجان بىلەن ئەمەس ئەقىل ئىدراك ۋە ئىلمىي پوزىتسىيەدە سوغۇق قانلىق بىلەن مۇائامىلە قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىش بىلەن بىر چاغدا، تەبىئى پەندىكى  بۇنداق دۇنياۋىي چوڭ مۇھاكىمە-مۇنازىرە تېمىلاردا خەلقىمىزنىڭمۇ  مۇئەييەن پىكىر -ئىنكاسلىرى بولۇشنى  كۆزدە تۇتۇپ، يۈزەكى ۋە تور مۇھىتى كۆتۈرەلىگۈدەك بەزى قاراش ۋە مۇھاكىمىلىك پىكىرلەرنى يوللاپ قويدۇم.تورداشلارنىڭ ئىلمىي ئىناق دوستانە كەيپىاتتا مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشىنى، ئىلمىي قىممىتى بولمىغان ئەھمىيەتسىز ،ئىلمىي ئىناقلىققا ۋە مۇھاكىمە-مۇنازىرە ئىستىلىغا يات بولغان ناچار ئىنكاسلارنى يوللاشتىن كۆرە يەنىمۇ  ئىلگىرلىگەن ھالدىكى سۈكۈناتلىق تەپەككۇر قىلىپ كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.رەھمەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilik_yar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 04:44 PM  


ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات .دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش ئىمان جۈملىسىدىن. تەپەككۇر  ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىقتىدار ۋە مۇھىم فونكىسىيە. ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم،بەختىمنىڭ بىر قىسمى.__   غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 02:05:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانا باشلىنىپتۇدە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 08:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ مۇشۇنداق تېمىلارغا بەك قىزىقىمەن ، ئەمما سەۋىيەم چەكلىك ، ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن . بىلىم سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 08:02:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تېما مۇكاپاتلانمىسا قانداق تېما مۇكاپاتلىنار ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 08:02:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماسلىشالىغانلىرى ھايات قالىدۇ ،
ماسلىشالمىغانلىرى ھالاك بولىدۇ ... بۇ ھازىرمۇ مودا بولىۋاتقان نەزەرىيە ...

شىرئەلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91315
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 06:40:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىرئەلى يوللىغان ۋاقتى  2013-2-11 08:02 PM
ماسلىشالىغانلىرى ھايات قالىدۇ ،
ماسلىشالمىغانلىرى ھا ...


تولۇمۇ ئەپسۇس بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى جەمئىيەتتىكى ، يەنى  ئىژتىمائى تۇرمۇشتىكى  «ماسلىشىش» بولماستىن،  تەبىئەتتىكى«ماسلىشىش».   قارىغاندا بۇ ئىنكاسچىمىزنىڭ  ئانا تىل مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى ئىلمىي مۇاھاكىمىلىك ئەسەرلەرنىمۇ ئوقۇپ چۈشۈنىش ئىقتىدارى  ئاجىز بولۇپلا قالماستىن، تەبىئەت پەنلىرىگە دائىر ئاساسى بىلىملىرىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىش بىھاجەت ئىكەندە. بۇي بەلكىم مېنىڭ ئاناتىلدا ئىپەدىلەش سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولسا كېرەك.
تەۋسىيەمەن ماقالىنى ئەقىل كۆزىڭىز ۋە مىھرى مېتود بىلەن قايتا ئوقۇپ چىقىڭدە! شۇندىلا تونۇشىڭىز ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilik_yar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-12 06:50 PM  


ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات .دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش ئىمان جۈملىسىدىن. تەپەككۇر  ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىقتىدار ۋە مۇھىم فونكىسىيە. ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم،بەختىمنىڭ بىر قىسمى.__   غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 11:30:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Bilik_yar يوللىغان ۋاقتى  2013-2-12 06:40 PM
تولۇمۇ ئەپسۇس بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى جەمئىيەتتىكى ،  ...

ھە ، بولىدۇ ... كۆرسەتمىڭىزگە رەھمەت ... لېكىن ئىملاغا دىققەت قىلىڭ ...؟

شىرئەلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88361
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 07:59:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملىق تەشنا بىز..................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش