مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 896|ئىنكاس: 11

كىلاسسىك مەنىدىكى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىنىڭ ۋاقتى ... (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91315
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 07:58:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىلاسسىك مەنىدىكى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ قانداق؟![2]

(2) ھاياتلىقنىڭ پەيدا  بولىشى ۋە ئادىمىزاتنىڭ ئاپىرىدە بولۇشى ھەققىدىكى رەڭدا مۇھاكىمىلەر

原始的进化论是否过时(2)有关生命起源和人类的诞生的精彩学术声音

غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

                                     ئەسلى مەنبە: «بىلىم-كۈچ»ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق10- سان.

بېشى: «بىلىم-كۈچ»ژورنىلىنىڭ 2013-يىل 1-2- سان :https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98447-2-1.html

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ژورنال يۈزىدە زېيادە قىسقارتىلغان ھەم بەزى مۇھىم مەزمۇنلار ئۆزگىرىپ كەتكەن. ھەتتا ،ئەسلى تېمىدىكى"...ۋاقتى ئۆتتىمۇ قانداق؟" دېگەننىتەھىرىلىگۈچى "...ئۆتتىمۇ"دەپ قىسقارتىپ ،   تېمىنىڭ مەزمۇنىمۇ غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋىلگەن.بۇ سەۋەپلىك ئوقۇرمەنلەردە خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويماسلىقىنى ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇشۇ نۇسقا ئاساسىدا ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاپتۇردىن

جانلىقلا گېن سخېمىسىنىڭ سىزىپ چىقىلىشى ھاياتلىق سىرلىرىنى پۈتۈنلەي يېشىپ بېرەلەمدۇ؟  بۇنىسى ناتايىن . ئەسلىدە ئالىملار ھاياتلىق ئېرسىيىتىنىڭ سىرلىرىنى يىشىش توغرىسىدىكى بارلىق ئارزۇ ئۈمۈدىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك دۇنيادا ئەڭ جانلىق ۋە دەبدەبىلىك ئېلىپ بېرىلىرىۋاتقان  گېن گۇرۇپپىسى پىلانىغىلا باغلىغاندەك قىلاتتى . بىراق گېن پىلانىنىڭ رۇياتقا چىقىشى بىلەن بۇ ئارزۇ –ئۈمىدلەرنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر قىسمى كۈپۈككە ئايلاندى . گېن پىلانى تەتقىقات خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ 200خلدىن ئارتۇق جانلىقنىڭ گېن تەرتىپى ئىنىقلاپ چىقىلغان بولسىمۇ ، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن ھاياتلىقنىڭ ئېرسىيەت سىرلىرى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ كەتكىنى يوق . چۈنكى ، جانلىقلار  ئېسرىيىتىنىڭ فونىكسىيىسى ئەڭ ئاخىرىقى ھېساپتا گېن سانى ۋە گېنلارنىڭ جايلىشىش تەرتىبى بىلەنلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن ، بەلكى ئۇلارنىڭ سىفىرلىق كودى (شۇ گېنغا ۋەكىلىك قىلىدىغان ۋە ئىپادە قىلىدىغان تۈپكى بەلگە : يىلتىزى ) نى تۈزەۋاتقان ئاقسىل ياكى كودسىز RNA(non-codingRNA,ncRNA)ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ .  يەنىي :  بىر گېن  ئۆز ئىچىگە ئالغان  ئېرسي ئۇچۇرلار بىر تالاي مۈرەككەپ بىئو رېئاكسىيەلەر ئارقىلىق   ئەڭ ئاخىرىدا  مۇناسىپ  بولغان   ئاقسىل  ۋە RNAنى شەكىللەندۈرىدۇ ،  بۇ ئاقسىللار  ۋە ئالاقىدار ncRNA لار يەنە شۇ ھاياتلىق تېنىنىڭ تۈرلۈك ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ . شۇڭا ، ھاياتلىق تىلسىماتلىرىنى ھەقىقى چۈشىنىش ئۈچۈن  نۇقۇل ھالدا گېن گۇرۇپپىسىدىكى ئىشخارلىق ئاساسلارنىڭ جايلىشىش تەرتىپىنىلا چۈشۈنۈش كۇپايە قىلمايدۇ . يەنە چوقۇم ئېرسي ھاسىلات بولمىش ـــ ئاقسىل ۋە RNAنى تونۇش ھەم ئۇنى چوڭقۇر چۈشۈنىش لازىم .  شۇ سەۋەبلىك ئالىملار  ۋە تەتقىقاتچىلار نۆۋەتتە   ، ھەر خىل جانلىقلارنىڭ گېن پىلانىنى تاماملاپلا بىر ئىزدا توختاپ قالماي ، ئاقسىلنىڭ تۈزۈلىشى (قۇرۇلمىسى) ۋە فونىكسىيىسى توغرىسىدا نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا . بولۇپمۇ ، بىر پۈتۈن گېن گۇرۇپپىسى سەۋىيىسىدە تۇرۇپ  ئاقسىلنىڭ ئىپادىلىنىشى ، شۇنداقلا ئاقسىللار ئارا تەسىركۆرسىتىش رولى توغرىسىدىكى تەتقىقات بارغانسىرى كەڭ ۋە چوڭقۇر  قانات يايدۇرۇلماقتا . بۇ ھەم نۆۋەتتىكى ھاياتلىق فونىكىسىيىسى ۋە ئېرسىيەت ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ يېڭى فرۇنتىغا ئايلىنىپ قالدى .

2010-يىلى5-ئاينىڭ 20-ماي نەشىردىن چىققان ئامېرىكا « Science (ئىلىم-پەن)»ژورنىلىنىڭ 5-ئاي كىيىنكى يىرىم ئايلىق  سانىدا خەۋەر قىلىنىشچە ، ئامېرىكىلىق بىئىولوگىيە ئالىمىCraig Venter ، Hamilton Smith قاتارلىقلار يەر شارىدا تۇنجى بولۇپ سۈنئى ئۇسۇلدا بېرىكتۈرىپ(پولمىرلاپ) چىققان گېن گۇرۇپپىسى كونتىرول قىلىنىدىغان تاق ھۈجەيرىلىك  يېڭى ھاياتلىق تەنىچىسى مىكوپلازما(بۆلۈنمە ھالەتتىكى يەككە تەن؛ Mycoplasma mycoildes)نى مۇۋەپپىقىيەتەلىك ھالدا سىېنتىزلاپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. ئېيتىلىشىچە بۇ يېڭى ھاياتلىققا  ” “Synthia دەپ ئىسىم قويغان.

1859-يىلى 11-ئايدا، دارۋىننىڭ «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق ئەسىرىنىڭ نەشىر قىلىنىشى بىلەن نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى ئىنسانىيەتنىڭ مېڭىسىگە ئورناپ كەتكەن «يارىتىلىش تەلىماتى»دا تەۋرىنىش بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭغا نوقۇل ئىلىم ساھەدىكىلەرلەرلا ئىنكاس قايتۇرماستىن ھەر قايسى ساھەدىكىلەر ئوخشىمىغان ئىنكاسلاردا بولۇشتى.دەسلىۋىدە مەيلى خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغان ئىلىمدارلار ياكى باشقا دىنى ساھەدىكىلەر بولمىسۇن ،ئۇلار دارۋىن تەدرىجى ترەققىيات تەلىماتىنى«ئىنجىل»غا خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىماستىن، «ئىنجىل»دىكى ”بىركۈن “نى24سائەت دەپلا چۈشۈنىۋالماستىن، ئۇ  ”بىركۈن “نى ناھايىتى ئۇزاق بىر جەريان(ۋاقىت) دەپ تەپسىرە قىلىپ ۋە چۈشۈنۈپ تۇرۇپ،  «ئىنجىل»دىكى دۇنيانىڭ يارىتىلىشىغا دائىر مۇقەددەس بىرىنچى كۈندىكى ئىشلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ دەپ قارىدى.« دارۋىنىزىم دېگەن زادى نىمە؟» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى چارلىز ھوجې(Charles Hodge)”ئالەمنىڭ مەقسەتلىكلىكى تەلىماتى ۋە لاھىيەلىك نەزىريەسىگە تەھدىت بولىدىغىنى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى بولماستىن، ئەكسىچە تەدرىجى تەرەققىيات مىخانىزىمنىڭ تەبىئى تاللىشى؛ جانالىق تۈرلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىكتىن يۇقۇرى دەرجىلىككە قاراپ تەدرىجى تەتەققى قىلىدۇ دېگەنلەر ئىلاھى لاھىيەنى ئىنكار قىلمايدۇ ،تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەۋجۇتلۇق كۆرۈشى ، تۈرلەرنىڭ مۇھىتقا ماسلىشى ئارقىلىق بىئو ئېۋۇلوتسىيەنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشلار ئاخىرقى ھىساپتا تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇق زۆرۈيۈتىنى ئىنكار قىلىدۇ. “دەپ كۆرسەتكەنىكەن. Albright ( (赖特نىڭ 1882-يىلى نەزىردىن چىققان«ئىلىم-پەن ۋە دىن تەتقىقاتى» (Studies in Science & Religion)ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىدا ئىلىم ساھەسىدىكى ئىلىمدارلار بىلەن دىنى ساھەدىكى ئىلىمدارلار ئورتاق بىر مەۋقەدە تۇرىدىغان مېتودىكىلىق يەكۈلەش ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا تىرىشىشى كېرەك ، دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.گەرچە ئۇنىڭدا ئانچە مۇۋاپىق بولمىغان بەزى مەزمۇنلارمۇ بولسىمۇ، لىكىن ”ماھىيەتتە ئىلىم-پەن بىلەن «ئىنجىل» ئۆز ئارا زىددىيەتلىك ئەمەس، پەقەت «ئىنجىل»نىڭ خەت مەنىسى ئاددىي ۋە تار مەنىدە دوگما ھالدىلا چۈشۈنىۋىلىشلەردىن ۋاز كەچسە ۋە  «ئىنجىل»نىڭ بىرنچى باپىدىكى مەزمۇنلارنى يۇقۇرقىدەك يېڭىچە مەزمۇندارلىققا ئىگە قىلىپ تۇرۇپ تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق قىلىپ چۈشەندۈرۈلسىلا ،ئۇنى تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تەلىماتى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كېتىشتە ھىچ قانداق قىيىنچىلىق يوق.“دېگەننى ئەسكەرتىدۇ.لىكىن كىيىنكى كۈنلەردە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ،بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئۇنداق ئاددى ۋە ئاسان ياراشتۇرۇپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەممە ھىس قلىشماقتا. ئەلۋەتتە باشقا دىن مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىدىكىلەر ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى ئىلىمدارلاردىمۇ يەنە نۇرغۇن رەڭدار مۇھاكىمىلىك قاراشلار مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر بىرلەپ يەرمەڭكە قىلىپ ئولتۇرۇش زۆرۈيىتى ھەم يوق. بىراق،ئىلىم-پەن بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى غەربلىكلەرنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىلىرىدە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە تالاش –تارتىش قىلىدىغان يارقىن تېمىلاردىن بىرى ھىساپلىنىدۇ. بۇ ھەقتە كىلاسسىك پەيلاسوپلار ۋە ئىلىم-پەن پەلسەپىچىلىرى بىردەك” ئىلىم-پەن بىلەن دىن ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئەڭ قۇدىرەتلىك ئىككى ئومۇمىي كۈچ، بىراق بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاساسەن زىدىيەتلىك ھەلەتتە بولۇپ، ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ، كەلگۈسى تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسى پۈتۈنلەي ئەشۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى تەرپىدىن بەلگۈلىنىدۇ.“ دەپ قارىشىدۇ. ئىلىم-پەن تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئەمەلىيەتمۇ ھەم شۇنداق. ئالايلۇق، دارۋىن تەلىماتىدەك ئىلاھى مەۋجۇتلۇققا ئاشكارە«جەڭ ئېلان قىلىدىغان» تەلىماتلارلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئاساسى تەبىئەت پەنلىرىگە ئۇل سالغان ۋە ئالەملىك زور بىلىش مەسىلىلىرىگە يول ئاچقان كوپىرنىك،بىرونۇ، گالىلېي،كېپلىر، نىتون ،فارادى، ئېينىشتىيىن قاتارلىق كىلاسسىق ئالىملارنىڭ ئاساسى نەزىريەلىرى ۋە تەلىماتلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پاجىئەلىك قىسمەت ۋە ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى  ئۇياقتا تۇرسۇن ،ھەتتاكى  يىقىنقى زاماندىكى ئىسلام مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشلىك  ۋەتەنپەرۋەر تىببىي ئالىم، دورىگەر ،ئاستىرنوم، خىمىك، قوشۇمچە شائىر ھۈسۈيىنخان تەجەللىينىڭ ئىدىيە ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئىسلام ئېتىقادى بىلەن ئىلىم-پەن ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇشنى ئىجادى بىرلەشتۈرۈپ زاماندار ،ئىلغار مەدەنىيەتلىك مۇسۇلمانلاردىن بولۇش تەشەببۇسلىرىمۇ مۇتەئەسسىپ غوجا ئېشانلار ۋە ھاماقەت پاسىق ئەمەلدارلارنىڭ زەھەرخەندىلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلىشى،ھەتتا كىتابخانىسىگە ئوت قويۇۋىتىشى، ئۆزىنى بولسا تەقىپ قىلىش ( ئىش پائالىيەت - سۆز ھەركىتىگە چەك قويۇش ۋە قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىش)ئارقىلىق پەن –تەتقىقات ۋە ئىلىم تارقىتىش ئىشلىرىغىلا ئەمەس ، ھەتتاكى جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مەۋجۇتلىقىغىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىشتەك مۇناپىىقلارچە قىلمىشلارنىڭ قايسى بېرى ئىلىم-پەن بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىگە بېرىپ تاقالمىغان!

؟؟؟ئامېرىكا چىكاگو ئۇنۋېرسىتىدىكى Michael l.Coatesقاتارلىلاق تەتقىقاتچىلار ھازىرقى ئىنسان 300نەچچە مىليۇن يىل ئاۋالقى چوڭقۇر دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرۈيدىغان تارختىن بۇرۇنقى لەھەڭ(ئاكولا)دىن تەدرىجى تەرەققى قىلىپ ئۆزگىرىپ كەلگەن، بۇ خىل بىلىق تىكەنلىك بىلىق ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولغان ئىپتىدائى بىلىك يەر شارىدىكى ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇرىتقىلىق ئىڭەكلىك ھايۋانلارنىڭ ئورتاق ئەجداتى بولىشى مۈمكىن، دەپ كۆرسەتتى. بۇنىڭغا ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرى «Natrue (تەبىئەت) »ژورنىلىنىڭ 2012-يىلى 14-ئېيۇندىى سانىغا بىسىلدى. تەتقىقاتقىچىلار290مىليۇن يىل بۇرۇنقى باش ئېڭەك سۆڭۈكىنى  يىلنى كەينىگە ياندۇرۇپ قايتا ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھازىرقى ئومۇمۇرىتقىلىق ھايۋاناتلارنىڭ دەسلاپقى ئەزالىرى ، بۇ دېگەنلىك ئېڭەكلىك  ھايۋانلارنىڭ  تۈرلىرى بىلىقتىن تارتىپ قۇشلارغىچە، ئۆمۈلۈگۈچى ھايۋانلاردىن تارتىپ  سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ۋە ئىنسان   قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. بىزچە بۇ قىياسلارمۇ گەرچە بىر ئەپسانىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇنى يىپ ئۇچى قىلىپ تۇرۇپ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلغاندا ھاياتلىقنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر  قاتلاملىق سىرلىق ھىكمەتلىرىنى  چوڭقۇرلاپ تەتققىق قىلىشتا بەلگۈلۈك قىممىتى بولىشى مۈمكىن.

ھاياتلىق ئىلمى ساھەسى ۋە ئارخىبىئولوگلار ھازىرقى زامان ئادىمىنى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تۈركۈمى، ھەقىقى يىرتقۇچ ـ ياۋۇز ھايۋااتلار كەنجى سىنىپىدىكى ئەقىللىق ھايۋاناتلار بىلەن ئەجداتى بىر بولۇپ، 5مىليۇن يىلدىن كۆپرەك (ئورانگوتان بىلەن ئىنسانلار رەسمى ئايرىلىپ چىققانغا ئەڭ ئۇزۇن بولدى دېگۈچىلەرمۇ 6مىليۇن 500مىڭ يىل بولدى دېيىشىدۇ.) تەبىئى ئۆزگىرىش ئارقىلىق بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەن دەپ قارايدۇ.70مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىنسانلار كىيىم-كىچەك كىيىشنىمۇ بىلمەيتتى،50مىليۇن بۇرۇن گەپ قىلالمايتتى،10مىڭ يىل بۇرۇن دېھقانچىلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇپ دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرگەن، 7مىڭ 500يىل ئاۋال ئاندىن چارۋىچىلىق دەۋرىگە قەدەم باسقان،5000مىڭ يىل بۇرۇن رەسمى يېزىق شەكىللەنگەن، ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنى ئاران400يىل، سانائىتى 300يىل بۇرۇنقى ئىشلار دەپ قارىشىدۇ.

تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى تەرەپدارلىرى ئورانگوتان بىلەن ئىنسان گېن سانىنىڭ ئوخشاشلىقى بۇ نەزىريەنى ئەڭ كۈچلۈك قوللايدىغان ئىلمىي نەزىريە ۋە پاكىت دەپ قاراپ كەلگەنىدى. بىراق ئادەم ئۆز كۆز قۇلاقلىرىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگۈد رىئاللىق شۇكى، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15كۈنى نەشىردىن چىققان « Science (ئىلىم-پەن)»  ژورنىلىدا ، ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋىرسىتېتى ۋە ئامېرىكا چىكاگو  ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى بىرلىكتە ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك قالتىس بىر پەن تەتقىقات خىزمىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشتى.ئۇ بولسىمۇ ، بۇ  ئىككى داڭلىق ئۇنىۋىرسىتتىكى  ئالىملار  بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئورانگوتان گېن گۇرۇپپىسىنىڭ تولۇق خەرىتىسى(ئاتلاسىسى)نى سىزىپ چىققانىدى. ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ناھاياتى زور ئۈمىتلەرنى كۈتكەن بۇ چوڭ ئىلمىي ئەمگەك كىشىنى تاڭ قالدۇرغان؛ بۇ ھەقتە  ئوكسفورد ئۇنۋىرسىتېتىدىكىOliver  Venn ھەيرانلىق بىلەن مۇنداق دەيدۇ: ”بۇ (تەتقىقات) ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قىتىم ئۆزىنىڭ «ئەڭ يىقىن تۇغقىنى»نىڭ گېن گۇرۇپپىسىدىكى ئىرسىي ئۆزگىرىشلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ،بۇ تەتقىقاتنىڭ مەخسىدى بىز(ئىنسان)نىڭ گېنىنى قايتا گۇرۇپپىلىشى ، شۇنداقلا  تەدرىجى تەرەققىيات مىخانىزىمىنى چۈشۈنىش ئۈچۈن ئىدى. بۇ ئىھتىمال بىز ئىنسانلاردەك تۈرلەرنىڭ زادى قانداق بولۇپ شەكىللەنگەن ۋە كېلىش مەنبەسىنىڭ نىمە  ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك ئىدى. “   ئەسلىدە بۇ  ئەمگەك بىلەن مەشخۇل بولغۇچى ئالىملار ۋە باشقىلارمۇ بىردەك، كىشىنى « خۇشال»قىلغۇدەك شۇنداق «گۈزەل » بىر مەنزىرىنى ئۈمىت قىلىشقانىدى. تولىمۇ ئەپسۇس ، تەجرىبە نەتىجىسى ئۇنداق بولماي، ئادەم بىلەن ئورانگوتاننىڭ گېن گۇرۇپپىسىدا كىشىنى چۆچۈتكۈدەك زور پەرق بارلىقى ئاشكارىلاندى.

گېننى قايتا گۇرۇپپىلاش دېگىنىمىز سىپىرما ۋە تۇخۇمنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا شۇ بىر ئەجداتنىڭDNAسىنى خۇددى قارتا شىلىغاندەك«شىلاپ» ئېلىشتۇرىدىغان بىئولوگىيەلىك جەريان بولۇپ، بۇ ئاسىسى جەرياندا ئىھتىمال بارلىق ھاياتلىق شەكلىدە ئورتاق بولغان«شىلاش»جەريانى بولماسلىقى بولىشى مۈمكىن. بىز ئىھتىمال ئىرسىيەت جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئوخشاش يەككە تەن بولۇپ قىلىشىمىز مۈمكىن.بۇ جەرياندا ھىلىقى«تەبىئى تاللاش» جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى ،«ئەلالىرى ساقلىنىپ قىلىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ كېتىدىغان»،تاللاشقا پايدىلىق ئىرسىيەت ئەندىزىسى بولۇشى مۈمكىن.بۇ قىتىملىق «مەخسۇس يىقىنقى زامان ئىنسانلىرى بىلەن پىرماتلا تارىخىدىكى گېن گۇرۇپپىلىرى تەدرىجى تەرەققىيات مىخانىزىمىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى ئۈمۈد قىلغان تەتقىقات تۈرى »گە ئوكسفورد ئۇنىۋىرسىتېتى Wellcome Trust فوندى ئىنسانلار ئىسرىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى Gil McVean ، Peter Donnellyبىلەن چىكاگو  ئۇنىۋىرسىتېتى Howard Hughes تبىبىي ئىلىم تەتقىقات ئىنۇستىتوتىدىن Molly Przeworski قاتارلىقلار  بىرلىكتە رەھبەرلىق قىلغان . ئۇلار بۇ مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن 10دانە غەرىبى ئافرىقا ئورانگوتانىنىڭ بارلىق گېن گۇرۇپپىسىنىڭ تەرتىپىنى ئۆلچەپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكىDNAرەت تەرتىپىنىڭ پەرقىنى ئايرىپ چىققان.

تەتقىقاتچىلار ئورانگوتانلار گېن گۇرۇپپىسىدىكى ، ھەر مىڭ دانەDNA ئىشخار رادىكالىدا تەخمىنەن بىر ئىشخار رادىكالى پەرقلىنىدىغانلىقىنى پايقىغان. ئۇلار بۇDNA پەرقىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئورانگوتان ئەجداتىنىڭ گېن گۇرۇپپىسى ئورۇن خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان، ھەمدە بۇ خەرىتە بىلەن ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسى تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسى مودېللىرىنى سىلىشتۇرۇپ كۆرگەن. ناۋادا ھازىرقى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ،ئادەم بىلەن ئورانگوتاندا 20مىڭ ئەتراپىدا گېن بار ،بۇ گېنلار تەخمىنەن 3مىليارد 200مىليۇن ئىشخار رادىكىلاىدا پرۇگۇراممىلاشقان دېيىلسە ، ئۇنداقتا  ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇمىي گېن زەنجىرى ئىچىدە 3مىليۇن200 مىڭ دانە ئىشخار رادىكالى پەرقلىنىدۇ دېگەن گەپ.  

ئاقسىل يادرو كىسلاتاسى  قاتارلىقلار ھاياتلىق چوڭ مۇلېكۇلاسى ھەم ھاياتلىق تېنىنى تەشكىل قىلىدىغان ماددا ھەم ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بۇيرۇق فونكىسىيەلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان بىرلىك، ئادەم بەدىنى دەل ئەنەشۇلاردىن تەركىپ تاپقان نازۇك ۋە زىل-زىبالىق ،مۈرەككەپ ۋە مۈكەممەل بولغان ھاياتلىق ماشىنىسىدىن ئىبارەت. ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ ھاياتلىق ماشىنىسى مۈكەممەللىكتە شۇقەدەر ئەپچىل ۋە زىل-زىبالىقتا تەڭداشسىز ھالدا سەرەمجانلاشتۇرۇلۇپ قوراشتۇرۇلغانكى، ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ ئۆزىلا قۇرۇلمىسى نۇقسانسىز، تۈزىلىشى ئۆزگىچە مۈرەككەپ ۋە گۈزەل، فونكىسىيەسى تولۇق ھەم سىرلىق(تىلسىملىق)، مول ئىقتىدارلىق تەڭداشسىز مۇلېكۇلا ماشىنىسىدۇر.

ھاياتلىق ھىكمەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئالىملار ھەتتا بوشلۇق بىئوتېخنىكىسى تەتقىقات تۈرلىرىگىمۇ سەل قارىغىنى يوق. ھەتتا بوشلۇق پونكىتى(ISS)تەتقىقاتىغىمۇ ئەھمىيەت برىۋاتىدۇ. ISSئامېرىكىنىڭ ئالەم كىمىسى، سابىق سوۋىت ئىتتىاقىدىن قالغان «تىنچلىق ئالەم پونكىتى»ۋە ئالەم كىمىسى،جۇڭگونىڭ «خاسىيەتلىك ئالەم كىمىسى» ۋە ئىلىم-پەن تەجرىبە سۈنئى ھەمرىيى قاتارلىق بوشلۇق تەجرىبە ئەسۋاپ-ئۈسكۈنىلىرى ۋە نەچچە يۈزلىگەن ئالاقىدار پەن-تەتقىقات خادىملىرى تەتقىقات ئارقىلىق 30غايىقىن ئاقسىل، يادرو كىسلاتاسى ۋە ۋىرۇس قاتارلىق كىرىستال قۇرۇلمىلىرىنى بايقاپ ئالدى.

      ھاياتلىق چەمبېرىكى (بىئوسىفېرا)دە بىر تال چاچ ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كېىچىك جانلىقنىڭمۇ ئۆزىگە خاس يىگانە ئورنى ۋە مەستەقىل شەكلى بولۇپ، مۇتلەق بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان ئىككى جانلىق ياكى تۈرنى تېپىش مۈمكىن ئەمەس.بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى،گەرچە جانلىقلار ئېرىسيىتىنى كونتىرول قىلىدىغان ئېرسىي ماددا ـــ  DNA، يەنىي «گېن»لارنىڭ سانى ئوخشىسىمۇ ، لىكىن شۇ جانلىق ياكى تۈرنى تەشكىل قىلغۇچى گېنلارنىڭ گۇرۇپپىنىلىش  قۇرۇلمىسى ۋە شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن بولغان. دېمەك، جانلار  ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ گېن سانىنىڭ ئوخشاشلىقى شۇ جانلىقلارنىڭ   ئوخشاش بىر تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەلىللەشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بولالمايدۇ...

بىز يەنە تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابى بولمىش تەبىئەت ۋە ئۇنىڭدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ سەرخىلى ـــــ ئادەم  ۋە مۈرەككەپلىكى جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئورانگوتاننىڭ ھەر بىرىنى بىردىن كىتاب دەپ قارىساق، بۇ ئىككى كىتابنىڭ تاش مۇقاۋىسى،ئىچىدىكى يەككە سۆزلۈكلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوخشىشىپ كەتسە،  ئۇنىڭلىق بىلەنلا بۇ ئىككى كىتابنى ئوخشاش بىر كىتاب ،ئۇنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئوخشاش دەپ تۇرۇۋالساق ئەسلابولمايدۇ. چۈنكى گەرچە بۇ ئىككى كىتابتىكى نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ تۈرى ۋە تەكرارلىقىدا زور دەرىجىدە  ئوخشاشلىق بولسىمۇ، لىكىن ئۇ سۆزلەرنىڭ تىزىلىش تەرتىۋى، ئۈندەش بەلگۈسىنىڭ ئورنى قاتارلىقلارنىڭ پەرلىقلىق بولۇشى تۈپەيلىدىن، ئىپادىلىگەن جۈملە ،ئابزاس ۋە بىر پۈتۈن ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە يورۇتۇدىغان ئىدىيەسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئادىمىزاتنىڭ ئاپىرىدە بولۇشى توغرىدىكى ئىدراكى قاراشلار  ھاياتلىقنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ۋە قەيەردىن باشلانغانلىقى ، ئادىمىزاتنىڭ  قانداق ئاپىرىدە بولىشى مەسىلىسى ــــ ئىنسانىيەت ئەڭ كۆپ ئىزدەنگەن ، مۇھاكىمە ۋە ئىختىلاپمۇ ئەڭ كۆپ بولغان  ئىلىم ساھەسى بولۇپ ،  دۇنيا ئىلىم-پەن ساھىسىدە ئىزچىل ئىچىلماي كېلىۋاتقان سىر ، چۈشەندۈرۈش قىيىن  ۋە مۈرەككەپ بولغان «قىزىل چىراق رايۇنى » دەپ قارىلىپ كېلىنمەكتە . گەرچە ئالىملار  بۇ ھەقتە توختاۋسىز ئىزدەنگەن ۋە نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشپ ، نۇرغۇن قىياس(پەرەز)-تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان بولسىمۇ ، تېخىچە بۇ قاراشلارنىڭ ئىشەنچىلىك ھەم توغرا ئىكەنلىكىنى ئادەمنى مۇتلەق قايىل قىلالىغۇدەك يىتەرلىك ئىلمي پاكىتلارنى كۆرسىپ بېرەلگىنى يوق  . ناۋادا ئۇنداق بولمىسا ئىدى ، كىشىلەر ئۇنى ھەرگىزمۇ قىياس-پەرەز دەپ ئاتاشمىغان بولاتتى . قىياس(پەرەز)بولغانىكەن چوقۇم ، ئۇنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى ، يەنىلا بىر سىر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

قىچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئەمىلىيەت شۇكى. تەبىئى ئۆزگىرىش توغرىسىدا مۇھاكىمە بولغان ھامان ،ھاياتلىقنىڭ ئەسلى كىلىش مەنبەسى زادى نىمە؟ ھاياتلىق زادى قانداق پەيدا بولغان ؟ دىگەن سۇئالغا دۇچ كىلىمىز. ئىلمى ۋىجدان بىلەن ئيىتقاندا ،ھاياتلىقنىڭ كىلىش مەنبەسى يەنىلا بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا. يەنى ھاياتلىق زادى قەيەردىن كەلگەن؟قەيەرگە بارىدۇ؟ دىگەن مەسىلە چىتىلىشلىق پەن ساھەسى كەڭرى بولغان، مۇرەككەپ چۇڭقۇر قاتلاملىق  مەسىلە بولۇپ، بىرلا ئىغىز گەپ بىلەن ئاددى جاۋاپ بىرىش ئەسلا مۈمكىن بولمايدۇ. بۇ ھەقتىكى نوپۇزلۇق ھەم ئەڭ كۆپ ئىنسان ئىتىراپ قىلىۋاتقان قاراشلار يەنىلا شۇ سۇ ۋە تۇپراقتىن پەيدا بولغان ،دىگەن قاراش .ئۇنىڭدىن قالسا ھاياتلىق مىتىورىت تاشلارغا يوشۇرۇنغان بولۇپ مىتورىتلار يەر شارىغا چۈشكەندە يەر شارىغا يىتىپ كەلگەن ، يەنىي تاشقى پىلانىتلاردىن كەلگەن دىگۈچىلەرمۇ بار. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدرىسى ئىلان قىلغان بىر تۇرلۇك بايقاش « ھاياتلىق سىرىتقى ئالەمدىن كەلگەن » دېگەن پەرەزنى پاكىت بىلەن تەمىنلىدى .مەزكۇر ئالەم قاتناش ئىدارىسى مەبلەغ بىلەن ياردەم قىلغان بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ، تۇنجى قېتىم ئۇچ تۇرلۇك پاكىتنى كورسىتىپ ، مىتورىت تاشتىن «DNA  كۇبىك» ئاساسى گۇرۇپپا مالېكۇلاسى تاشقى ئالەمددىن كەلگەن بولۇپ يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ  بەلكىم تاشقى ئالەمدىن كەلگنلىكىنى كورسىتىپ بېرىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويغان .

DNA ھاياتلىقنىڭ تەشكىل قىلغۇچى ئاساسى بىرلىك بولۇپ ، تەتقىقاتچىلار نەچچە مىليارىت يىل ئىلگىرى شەكىللىنىپ يەر شارىغا سوقۇلغان مىتورىت تاشلارغا قارىتا تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ، مىتورىت تاشلاردا ناھايىتى كوپ يادرو كىسلاتاسى  ئاساسى گۇرۇپپىسى بارلىغىنى بايقىغان . ئالىملار بۇ مىتورىت تاش (陨石؛meteorites) لار بەلكىم  ھاياتلىقنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسى بىرلىكنى يەر شارىغا ئېلىپ كەلگەن دەپ قارىغان  .  بۇقېتىم بايقالغان تەركىۋىدە ئاساسى گۇرۇپپا مالىكۇلاسى بولغان مىتورىت تاشلار جەنۇبى قۇتۇپ ۋە ئوكيانىيە قىتئەسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ ،  ئۇلاردىن ئىككى تۇرلۇك ئاساسى  گۇرۇپپا يەنى گۇئانىن ۋە ئادېنىن بۇلۇپ بۇلار  DNA نىڭ ئاساسلىق   نىڭ ئاساسلىق كۇبىكچىسى .  ئوخشاشلا بايقالغان باشقا ئىككى تۇرلۇك ئاساسى گۇرۇپپا يەنى كىسانتىن ۋە ئىككىلەمچى كىسانتىن ھاياتلىق پائالىتىگە قاتناشمايدۇ .  ئۇنداقتا مىتورىت تاشلاردىكى گۇئانىن ۋە ئادېنىن يەر شارىدىن كەلگەنمۇ ؟  بۇ گۇماننى يېشىش ئۇچۇن ئالىملار ئىككى مىتورىت تاش چۇشكەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تەكشۇرۇپ ئەتراپتىكى مۇھىتتا گۇئانىن ۋە ئادېنىن نىڭ مىقتارى مىتورىت تاشتىكى مىقتارىنىڭ يۇز مىليۇندىن بىرىچىلىك ئىكەنلىگىنى  بايقىغان . بۇ خىل ئەھۋال مىتورىت تاشتىكى ئاساسى گۇرۇپپا مالېكۇلاسىنىڭ يەر شارىدىن كەلمىگەنلىكىنى چۇشەندۇرىدۇ.

بۇ بايقاشلار « ھاياتلىق سىرىتقى كائىناتتىن كەلگەن » دىگەن تەلىماتنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى يۇقۇرى كوتۇرگەن . بۇ تۈرنىڭ مەسئۇل رەھبىرى ماريلاند شىتاتى  گودېدر  (戈达德Goddard)  ئالەم بوشلىقى ئوچۇش مەركىزىدىكى مايكېل كاللاھان(迈克尔卡拉汉Michael callahan)  دوكتۇر : « يېراق قەدىمقى زاماندا مىتورىت تاش ۋە قۇيرۇغلۇق يۇلتۇز(彗星;comets) يەر شارىغا سوقۇلغاندا بىر قىسىم ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىلىمىنىتلارنى بىرگە ئېلىپ كەلگەن »  دەيدۇ . ئىلگىرىكى تەتقىقات ۋە بايقاشلار  بىر قىسىم ئالەم بوشلىقىدىن كەلگەن مىتورىت تاشلار ئىككىدىن ئۇچكىچە بولغان ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق تەشكىل قىلغۇچى تەركىپنى يەر شارىغا بىرگە ئېلىپ كەلگەنلىكى بايقالغان . بۇ  ئاممۇنېي كىسلاتاسى «مارجان» ،  « ئارقىمۇ ئارقا ئۇلاش» رولى ئويناپ ئاقسىلنى شەكىللەندۇرگەن ، ھەمدە ھۇجەررىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى قوغداش پەردىسىنىڭ تۇزۇلىشىگە ئىھتىياجلىق خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ تۇزۇلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان .  بىراق بۇ  يادرو ئاساسى گۇرۇپپىلىرى يەر شارىنىڭ تەبىئى مۇھىتىدڭمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت . شۇڭلاشقا يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ ئالەم بوشلىقىدىن كەلگەنلىكىنىڭ بىردىن بىر ئىسپاتى بولالمايدۇ ، بۇ تۈردىكى تەتقىقات ۋە نەتىجىلەر پەقەتلا « ھاياتلىق سىرىتقى ئالەمدىن كەلگەن » دەيدىغان تەلىماتنىڭ پاكىتڭدۇر خالاس .

يەنە بەزىلەر ئالەملىك چوڭ پارتىلاشتىن يەر شارى سوۋوپ تىمپىراتۇرا تۆۋەنلەپ ئالاھىدە ئىللىق ھالەتكە كەلگەندە ئىلمان دىڭىز سۈيى تەمىنلىگەن بىر خىل موھىتتا كىيىنكى مەڭگۈ قايتىلانمايدىغان بىر خىل موھىتتىكى تىمپىراتۇرا ،بىسىم شارائىتىدا سۇدىكى تۇز، ئاتمۇسفىرادىكى ھاۋا قاتارلىقلارنىڭ ئۇنۋىرسال تەسىرلىنىشى ئارقىسىدا ئالاھىدە بىرخىل بوتقا سىمان سۇيۇقلۇق ياكى لاتقاسىمان ماددىلاردىن بىر خىل جىنسى بار ماددا پەيدا بولغان ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا مىتورىت، دىڭىز-ئوكيان ،بۇلۇت قاتارلىقلارمۇ شەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ. يۇقۇرقى قاراشلار ۋە پىكىر ئىقىملىرىنى تامامەن ئاساسسىز قىياس دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئومومەن بارلىق جانلىقلاردا بار بولغان ئىلمىنىتلارنىڭ ھەر قاندىقى جانسىز موھىتتا مەۋجۇت. ئۇنىڭ ئۈستىگە جانلىق ئورگانىزىملاردىكى ھاياتى كۈچ (جان) ئەمىلىيەتتە ئاددى فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كىلىۋاتقاندەكلا ئاددى بىلىنسىمۇ مۇرەككەپلىكتە مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە مۇرەككەپ. جانلىق ئورگانىزىمنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرسى ، ئۇلار ئۆزلىگىدىن كۆپۇپ ئەۋلات قالدۇرۇش كۈچى ۋە ئەتراپىدىكى موھىتقا ماسلىشىش ھەم ئۆزگىرىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت.

   ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئەجداتىنى ئىزدەش دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ساندىكى ئىدراكىي ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەزىرتى ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ كىلۋاتقان بولسىمۇ ، ئۆزلىرىنى تېخىچە مايمۇننىڭ پۇشتى دەپ يۈرىدىغان ئەقىلى گۆدەكلەرمۇ ھىل-ھەم يوق ئەمەس . ئىنسانلار گېن تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى ئالىملارنىڭ يەنە بىر نىشانى شۇكى ، بىز (ئىنسان )جاھاندىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئالامەت ئىمتىيازغا ئىگە مەخلۇق-ئىنسان زادى قەيەردىن ئاپرىدە بولغان ؟ نەدىن  كىلىپ نەگە بارماقچى دىگەنلەرگە قاناتلەرنىلىك (ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن)  جاۋاب تېپىش كىرەك . بەزى ئالىملار 200 مىڭ يىللار ئىلگىرى ئىنسانلار ئافرىقا قىتئەسىدىكى بىر قەدىمى قەبىللەردىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ، دەپ قارىماقتا. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشچە ئادەمنىڭ گېنى بىلەن مايمۇننىڭ گېنى ئوخشاش بولۇپلا قالماستىن يەنە توخۇ ، چىۋىن نىڭكىگە ئوخشاش ، كۆممە قوناقنىڭ يىرىمىغا تەڭ ، بېلىق قاتارلىق نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ گېنىغا ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەن . مەسىلەن ئادەمنىڭ گېنى كۆممە قوناقنىڭ گېنىنىڭ يېرىمىغا تەڭ، ،توخۇنىڭكى بىلەن60%ئوخشاش، ئورانگوتان، شىنفەنزە بىلەن98.77%ئوخشاش ، چاشقاننىڭ  گېنى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.مۇبادا دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىنىڭ قىياسى بويىچە بولغاندا، نەچچە يۈز مىليون يىللار ئىلگىرى ئادەم چاشقاندىن تەدرىسى تەرققى قىلغانمىدۇ؟! ئەجابا چاشقان راستىنلا بىزنىڭ ئەجداتىمىزمىدۇ؟! مايمۇننىڭ يۈرىكى ئوڭ تەرەپتە ، ئادەمنىڭ يۈرۈگى بولسا سول تەرەپتە، ئەجەبا تەدرىجى تەرەققىيات ئارقىلىق يۈرەكلەرنىڭ ئورنىمۇ ئابدىماتىك(ئۆزلىگىدىن) ئالمىشىپ قالغانمىدۇ؟! بۇنىسى ناتايىن.ئادەم ئىرسىيىتىدە  ئىچكى فاكتورلار رولى غايەت زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ، تاشقى فاكتورلارنىڭ رولى بولسا پۈتكۈل ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىدائاران1-2% نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. دېمەك، بۇنىڭدىن ئىنساننىڭ نەسىل قوغلاش ياكى ئۆزگۈرۈشىدە تاشقى موھىتنىڭ تەسىرى ناھايىتىمۇ ئاز  بولۇپ، ئۆزگىرىش ئادەتتە  ئىنتايىن ئاز، نىسپىي ، نەسىل قوغلاش بولسا مۇتلەق ۋە كۆپ بولىدۇ.ئۆزگىرىش بولدى دىگەن تەقدىردىمۇ  پەۋقۇللادە ئەھۋالدا زاتىدىن ئېشىپ كەتكەن نەسىل قوغلاش ياكى تاسساددىبى (تۇيقسىز)ئۆزگۈرىش تۈپەلىدىن بولىدىغان ھالقىش خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ رۇشەن ئىپادىلىنىشى بىلەن تىرادىگىيەلىك تۈس ئالغان بولىدۇ.  بەزى تەتقىقات ماقالىلىرىدا بايان قىلىشچە، ئادەم بىلەن باشقا جانلىقلارنىڭ شۇنچىۋىلا زور پەرقلىرىنىڭ بولىشى ماھىيەتتە   يۇقۇرقىدەك ئىنتايىن كىچىك پەرقلەرنىڭ بولغانلىقىدىن ‹‹ئادەمنىڭ ئادەم بولىشى››نىڭ تۈپكى گېنى بولىشى مۈمكىن دەپ قارىماقتا. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە،ئۇمرۇتقىلىق ھايۋانلار ئىچىدە پەقەت ئادەم بىلەن يۇنۇس بىلىقىلا  كەينىگە ئىگىلەلەيدۇ، شۇنىڭدىن قارىغاندا ئادەم دېڭىز ئاستى سۇ جانلىقلىرىدىن تەدرىجى تەرەققى قىلىپ يۇنۇس بىلىقىغا ۋە يەنە داۋاملىق تەرەققى قىلىپ ھازىرقى ئادەمگە ئۆزگەرگەن بولىشى مۇمكىن دەپمۇ قاراشماقتا.

قىسقىسى ، بۇ ھەقتىكى قىياس ۋە تالاش-تارتىشلا نۇرغۇن. بىراق ھەممىسىنىڭ بىر تالاي ئاسالىرى ۋە تەسەۋۋۇرلىرى بولسىمۇ دەلىل ئىسپات ۋە ئىلمىي نەزەريەۋىي ئاسالىرى يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس. ئۇنداقتا ،بۈگۈنكىدەك يۇقىرى ئىقتىدارلىق تەڭداشسىز گۈزەل مەخلۇق ــ ئادەم قانداق قىلىپ؟قەيەردىن پەيدا بولۇپ قالغان؟ دىگەن سۇئاللار  كىشىلەرنى بۇ ھەقتە داۋاملىق ئىزدىنىشكە ئۈندىمەكتە .

«تەبىئەت»ژۇرنىلدا ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشچە: «  4- 6 مىليۇن يىللار ئىلگىرىى ئادەمسىمان مايمۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەۋلات قالدۇرمىغان ئىكەن(بۇ بەلكىم بىر ئىلمى ئەپسانە بولىشى مۈمكىن) ، پەقەت ئافرىقىدىكى بىر قەبىللا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ ، كىيىنچە ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ، ھازىرقى ئىنسانلارنى شەكىللەندۈرگەن »مىش ، بەلىكىم بۇ ماقالىدە دىيىلگەن ئافرىقىدىكى بىرلا قەبىلە دەل شۇ ئادەم ۋە ھايۋا قەبىلىسى بولۇشى مۇمكىنمۇ قانداق ؟ بۇ بەلكىم  گېن تەتقىقاتىنىڭ قۇشۇمچە نىشانلىردىن بىرى بولۇپ، ئىرسىيەت نۇقتىسىدىن تېخىمۇ پاكىتلىق دەل ئىزدەش بولسا كىرەك .

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بارلىق ھاياتلىق ئىلمى ئالىملىرىنىڭ بىردەك قارىشى شۇكى ،يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ ئەسلى كىلىش مەنبەسى شۇ يەر شارىدىكى ماددىلاردىن كەلگەن .ناۋادا بۇ جەھەتتە ئىختىلاپ بار دىيىلسە ،بۇ ئىختىلاپ ئەڭ دەسلەپقى ھاياتلىق زادى قانداق ھالەتتە مەيدانغا كەلگەن ؟ دىگەنگە مەركەزلەشكەن. گەرچە بۇ ھەقتە ھەر خىل ئىختىلاپلىق قىياس ۋە مۇھاكىمىلەر كۆپ بولسىمۇ، يەر شارىدىكى ھاياتلىق دەل ئۇنىڭدىكى سۇ يۈزى قىرغاقلىرىدىكى لاتقا، (توپا) يەنى بوتقاسىمان ماددىلارنىڭ بىرىكىشىدىن كەلگەن دىگەن قىياس ۋە ھۆكۈملەرلا ئەقلىيلىققا يىقىن ،ئەلۋەتتە. لىكىن بۇ ئۆزگىرىش جەريانىىدا سۇ، تۇپراق ۋە قۇياش نۇرىنىڭ موھىم رول ئوينىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش مۈمكىن. بۇ ھەم ئىنسانلارنىڭ ھامان بىر كۈنى سۈنئى ھاياتلىق (يەنى جىنى بار ماددا ) نى ياساپ چىقىش مۈمكىنچىلىكىدىن بىشارەت بىرىدۇ. دەرۋەقە  ئامېرىكا ئالىملىرى بۇ ھەقتە كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق (........) گەرچە بۇنىڭدا بەزى ھاياتلىق ئالامەتلىرى ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ بۇ ھەرگىز مۈكەممەل ھاياتلىق دەپ ئاتاشتىن كۆپ يىراق. دەرۋە، ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائى جانلىقلارنىڭ ھامان مۇئەييەن ئەجداتى بولغان دىيىلسە، بۇ چوقۇم ئىپتىدائى ھۈجەيرە بولىشى مۈمكىن. بۇ خىل ھۈجەيرە شەكىلدىكى جانلىقلارنى بىز ئىككىلەمچى ھۈجەيرەشەكلى دەپ ئاتىساق بولىدۇ. ئۇ يەنە باكتىرىيە بۇرۇما شەكىللىك باكتىرىيە ،ئۆتكۈزگۈچ تىپتىكى (......) ماشىنىغا ئوخشاش بولۇپ ئۇنىڭدا مۇئەييەن ھۈجەيرە يادروسى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈنۇپ تۇرۇپتىكى بۈگۈنكى رەڭدار ،مول ھەم سىرلىق بولغان جانلىقلار دۇنياسىنىڭ دەل ئەنە شۇ ھۈجەيرە- تاق ھۈجەيرە (يەككە ھۈجەيرە، بىر ھۈجەيرە ) ۋە ئىككىلەمچى ھۈجەيرىلەردىن ئۆزگىرىپ ئاندىن كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىقلارغا تەرەققى قىلىشتىن كەلگەنلىكى شۈبھىدىن خالى ئەقلى رەۋىشتىكى لوگىيلىق يەكۈن، ئەلۋەتتە. لىكىن ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى رىئاللىق شۇكى، ۋىگتاتىپ (ئۆسكۈچى) ئورگان ئەزالار بىلەن كۆپىيىش ( جىنسى ) ئورگانلار ھۈجەيرىلىرى قانداقسىگە مۇنداق ماس ،مۇرەككەپ ۋە قانۇنىيەتلىك ئايرىلىپ (بۆلۈنۈپ ) چىققان ؟ يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋاناتنىڭ كىلىش مەنبەسى زادى قانداق بىر جەريان ۋە نىمە ھىكمەت بار ؟ دىگەندىن ئىبارەت. ئۇندىن قالسا ئەزالار (بەدەن) دىكى قان ئايلىنىش ۋە بەدەن بوشلىقى كۆكرەك ،پۇت- قول، ئۈچەي، قورساق ۋە ئىچكى بەدەن ئەزالىرى ، ئۆسكۈچى(ۋىگتاتىپ) ئەزا بىلەن كۆپىيىش(جىنسىي) ئەزالىرى شەكىللىنىش ھەم ئۇلارنىڭ ئىش تەخسىماتى ھەم فونكىسىيە –مىخانىزىملىرى ، مىڭە ۋە بىر پۈتۈن تەپەككۇر سىستىمىسىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى ۋە مىخانىزىملىرى زادى قانداق شەكىللەنگەن ؟ ئادەمنىڭ مېڭىسى زادى قانداق پائالىيەت قىلىدۇ؟ ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن قۇماندانلىق سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ بەگدىدىكى جايلىشى قانداق؟ ئۇنىڭ ئىش پىرىنسىپىچۇ؟  دىگەندەك بىر تالاي مۇرەككەپ نازۇك مەسىللەرگە دۇچ كىلىمىز. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ مەسىللەر توغرىسىدا دارۋىن ئەمەس ئۇنىڭدىن ئەۋۋەل ۋە ئاخىرى مەيدانغا كەلگەن ھاياتلىق ئىلمى ساھەسىدىكى دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە چوڭ ئىلىمدارلارمۇ  ھەممىسى قايىل قىلالايدىغان مۇكەممەل ۋە ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمى جاۋاپنى ھازىرچە بىرەلىگەن ئەمەس. ھايۋاناتلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى تەڭشىشى ئاساسەن چوڭ مېڭى قۇماندانلىقىدىكى نىرىپ، ھورمۇن ۋە باشقا سەزگۈ ئەزالارنىڭ تەڭشەپ-تىزگىنلىشى نەتىجىسىدە ئېلىپ بېرىدىلىدىغانلىقى ھەممە بىلىدىغان ساۋات .بىراق ،يەنە بەزى كۆپ ھۆجەيرىلىك جانلىقلاردا ھۆجەيرىلەر ئارا بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك ئۇچۇر ئالاقە بولىدىغانلىقىمۇ ھەم مەلۇم. ئۇنداقتا بۇ قايسى قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ؟ ”كۆرۈنمەس ھاياتلىق “ (بۇ ئەلۋەتتە مەۋھۇم جانلىق ئەمەس ھەم ئۇنىڭدىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ.)تىمۇ ئاقسىل، يادرو كىسلاتىسى ۋە ئاقسىل قاتارلىق چوڭ مالىكۇلالىق ھۆجەيرە قۇرۇلمىلىرى مەۋجۇتمۇ يوق؟ ئۇلارمۇ باشقا كۆرۈنىدىغان ھاياتلىق(جانلىق)لارغا ئوخشاش بارلىق ئاساسى ئىقتىدار ۋە فونكىتسىيەگە ئىگىمۇ ئەمەسمۇ؟ دېگەنلەرنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

جاھاندا يەنە شۇنداق غەلىتە قىياستىكى دارۋىنىزىمچىلار باركى ئۇلار جانلىقلار دۇنياسىدا تۈر ھالقىپ تەدرىجى تەرەققى قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنىڭ نۆلگە تەڭ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىدىنمۇ ياكى جاھىللىقىدىنمۇ ئىش قىلىپ مۇنداق بىمەنە قىياسلارنىمۇ ئوتتورغا قويۇشۇپ باققان. ئادەم كۆپ مەنبەلىك بولۇپ ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئەجداتى شىمپەنزە (黑猩猩؛Chimpanzees)، سىرىق تەنلىكلەرنىڭ ئەجداتى ئورانگوتان (猩猩؛Orangutans) ،  قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەجداتى گورىللا(大猩猩؛Gorilla) بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ ياكى يىقىن  دېگەن ئۇچىغا چىققان بىمەنە ئاخمىقانە قىياسلارنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇشۇپ باققان .بىراق بۇ خىل قاراش ماڭدامدا بىر ساناقسىز تەنقىت ۋە رەددىيەگە دۇچ كىلىدۇ. ھەمدە يەنە كۆپلىگەن تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەلىرى ۋە جانلىقلار ئەمىلىيىتى بىلەنمۇ ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىنچىكە مۇھاكىمە قىلىشنىڭ قىلچە زۆرۈرىيتى يوق.

ئۆزگىرىش ئىختىيارى ، تەرتىپسىز ،قالايمىقان ،ئۇشتۇمتۇت ،توساتتىن (تاسادىپى ) ھادىسە بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇئەييەن پىلان ياكى نىشان بولمايدۇ. ئۇنداق ئىكەن بۈگۈنكى زاماندىمۇ يەنىلا بۇنداق مەخسەت –مۇددىئاسىز،قالايمىقان ، تەرتىپسىز ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئانا تەبىئەتنىڭ بۇ سىرلىق مۆجىزىسى –ئادەم ئاپىرىدە بولۇپ قالغان دېيىش چەك باسمايدۇ. بۇنى بىر قانچە تال پارچە-پۇرات تاش قاتمىلارغا ئاساسلىنىپلا دارۋىنىزىم ناھايىتى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇرەككەپ تارىخى جەريان دەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بىراق بۇنى ھازىرقى زامان ئادىمىگە تەدبىقلايدىغان بولساق تەدرىجى تەرەققىياتتىكى ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش دېگەنلەر مەخسەتلىك ئۆزگىرىش بولۇپ قالغان بولمامدۇ؟ دېگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ ۋە ئىچكى زىتلىققا ئىگە بولۇپ قالىدۇ. ئۇندىن باشقا ئادەمنىڭ ئەقىل –پاراسىتى ۋە قابىلىيتى پەقەت يىقىنقى بىر قانچە مىليۇن يىل مابەينىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرارلىق ھالدا شىددەتلىك تەرەققى قىلغان بولۇپ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ تامچە سۇغا ئوخشاش ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك زەررە ھالىتىدەدۇر.

قىسمەن كىلېچەكشۇناسلار ۋە ئىلىمدارلار  دۇنيا يڭى بىر نۆۋەتلىك ئىلىم-پەن ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا تۇرماقتا. بۇندىن ئىلگىرى ئۇدا 5نۆۋەت ئىلىم-پەن ئىنقىلابى يۈز بەردى،  يقىنقى 20-30يىل ئارىلىقىدا 6-نۆۋەتلىك ئىلىم-پەن ئىنقىلابى يۈز بېرىشى مۈمكىن، بۇ قىتىملىق ئىنقىلاب، دەل ھاياتلىق ئىلمىنى ئاساس قىلغان ھالدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە نانومىتېر تېخنىكىسى قاتارلىقلارنىڭ بېرىكىشى ئارقىسىدا يۈز بېرىشى مۈمكىن، دەپ ھۆكۈم قىلىشماقتا.ئۇنداقتا، ھاياتلىق ئىلمىي ساھەسىنى مەركەز قىلغان يېڭى نۆۋەتلىك ئىلىم-پەن ئىنقىلابى يۈز بېرىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئالدىنقى فرونتى زادى قايسى ؟ قايسى جەھەتلەردىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش زۆرۈر ؟بۇ مەسىلىلەر ھاياتلىق ئىلمى بىلگېنلىرىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ...

«ئىلىم-پەننىڭ تاپتىن چىقىشى» ناملىق كىتابتىكى” دارۋىننىڭ ئاپشاركىسىنىڭ مەخپىيىتى“ دېگەن ماقالىدە جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاسپىرانتۇرىيەسىنىڭ دوكتورئاشتىسى خې زۇنكې  دارۋىننىڭ ئىلمىي گۇپپاڭچىسى ھۇكىسلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ: ” دارۋىنىزىمچىلاردا بىر مەھەل ئۆچمەنلىك ۋە پەس كۆرەش كەيپىياتى شەكىللىنىپ، مىللەت، دۆلەت ، سىنىپ ۋە شەخسىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل كەيپىيات ئىچىدە تەدرىجى ھالدا ئۆز ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويماقتا.ئۇ بىر ئاز پاسسىپ بولسىمۇ، كىشىلەرنى قىلچە ئويلانماستىنلا دارۋىنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ يەنە دارۋىن تەدرىجى تەرەققىياتى ھازىر بىر خۇراپاتلىققا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، دەيدۇ. ئۇ يەنە كىشىلەرنى ئىلمىي ۋىجداننى تەكىتلەپ ئۆزلۈكىنى ئىدارە قىلىپ ۋە ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، تەبىئەت دۇنياسىدىكىدەك پەقەت ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈنلا كۆرەش قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. “ ھۇكىسلى ئالەمدىن ئۆتۈپ يىرىم ئەسىردىن كىيىن ئۇنىڭ نەۋرىسى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ يۇرۇتۇپ بەردى.

ھەر قانداق جانلىق ئورگانىزىملار ئەركەك چىشى دەپ ئايرىلىدۇ، ئۇلار تۈزۈلۈش (قۇرۇلما)ۋە فونكىتسىيە جەھەتلەردىن رۇشەن پەرقلىنىدۇ.بۇ ھەرگىز دارۋىن كۆرسەتكەن ئاددىي ھالدىكى تەبىئى تاللاش ياكى جىنسىي تاللاشنىڭ نەتىجىسى بولماستىن DNA ۋە ھاياتلىق پرۇگۇراممىسىنىڭ قۇماندانلىقىدىن بولغاندۇر.

ئىزاھات: ئاپتۇر غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار،ئالى ئاگرانوم، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى ۋە كادىرلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە تەربىيەلىگەن ئىلىمگەر، جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مول ھوسۇللۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى. ئاساسلىق تەتقىقات يۆلۈنىشى: تەبىئەت پەلسەپەسى، پەنشۇناسلىق، ھاياتلىق ئىلمىي، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىيىتىۋە پەن-تېخنىكا يېزىقچىلىقى، پەن-تېخنىكا مائارىپى ۋە باشقۇرۇش،ئېكولوگىيە ۋە سىجىل تەرەققىيات ئىستىراتىگىيەسى. قوشۇمچە تىل مەدەنىيىتى ۋە دىن مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.ھازىر شىنجاڭ يېزا ئىگىىك رادىئو-تېلىۋىزە مەكتىپى قاغىلىق شۆبىسىنىڭ مۇدەرىس..




[1] بۇ ئەسەر «بىلىم-كۈچ»ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق10- سان.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilik_yar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-23 12:21 AM  


ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات .دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش ئىمان جۈملىسىدىن. تەپەككۇر  ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىقتىدار ۋە مۇھىم فونكىسىيە. ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم،بەختىمنىڭ بىر قىسمى.__   غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32249
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3402 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 09:31:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تەتقىقاتنىڭ  ئىنسانىيەتكە بىرىدىغان بىلىم قىممىتى بەك يۇقۇرى بولىدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4191
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 10:55:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91315
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 11:27:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-22 09:31 PM
مۇشۇ تەتقىقاتنىڭ  ئىنسانىيەتكە بىرىدىغان بىلىم قىممىت ...

بۇ تەتقىقاتنىڭ قىممىتىنى چۈشەنگىنىڭىزگە  رەھمەت ئەزىز قىرىندىشىم.

ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات .دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش ئىمان جۈملىسىدىن. تەپەككۇر  ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىقتىدار ۋە مۇھىم فونكىسىيە. ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم،بەختىمنىڭ بىر قىسمى.__   غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91315
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 11:33:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-22 09:31 PM
مۇشۇ تەتقىقاتنىڭ  ئىنسانىيەتكە بىرىدىغان بىلىم قىممىت ...

بۇ تەتقىقاتنىڭ  قىممىتىنىڭ نەقەدەر  يۇقۇرىلىقىنى  ھىس قىلغانلىقىڭىزغا تەشەككۇر قىرىندىشىم.

ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات .دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش ئىمان جۈملىسىدىن. تەپەككۇر  ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىقتىدار ۋە مۇھىم فونكىسىيە. ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم،بەختىمنىڭ بىر قىسمى.__   غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1358 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 04:40:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەھمەت

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13480
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5945 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 11:17:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دارۋېىننىڭ نەزەرىيىسىدە ‹‹ئادەم بىلەن ئادەمسىمان مايمۇن ئورتاق بىر ئەجداتدىن بارلىققا كەلىگەن››دىگەن كۆز قاراش بار ئىكەنۇ ئۇ ئۆزگۇرۇپ ‹‹ئادەملەر مايمۇندىن تۇرەلگەن››دىگەن خاتا كۆز قاراش بىزدە شەكىللىنىپ پەننى جەھەتتىن ئومۇمىلىشىپ قالدى.دارۋىن يۇقارقى تەلىماتنى دىمىسىمۇ قىسەسۇل ئەنبىيادا لوت ئەلەيكىسالامنىڭ قىسسىسىدە بەچچىۋازلىقنى تاشلىمىغان قەۋىم مايمۇنغا ئايلاندۇرىۋىتىلىدىغۇ!بۇلار بىلەن ئادەمنىڭ دىنادسىنى تەكشۇرسە ئەلىبەتتە ئوخشاش چىقىدىغۇ دەيمەن.بۇنىڭغا قاراپ ئادەملەر مايمۇندىن تۇرەلگەن دەپ يەكۇن چىقىرىش تۇلىمۇ كىچىك بالىلارچە قاراشمىكىن؟ئۇ گەپنى ئۆزگەرتىپ مايمۇنلار ئادەمدىن تۇرەلگەن دەپ يېزىش ھازىرقى زامانغا ماسلىشارمىكىن دەيمەنچاخچاق ھە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91586
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 03:04:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداقكۈچلۈك ئىللمىيلىكە  ئىگە،  چوڭقۇر بىلىم تەلەپ قىلىدىغان دۇنياۋىي تېما ئسۈتىدە خەلقىمىز ئىلىم سەرخىللىرىدىن ئىلىم نۇقتىسىدىن چقىپ تۇرۇپ، بۇنچىلىك سەۋىيەدە قىلىنغانئىلمىي مۇھاكىمەدىن ھەركىم سۆيۈنىدۇ ئەلۋەتتە.

تەبىئى پەن ئۈچۈن قىلىنغان ھەر بىر ئىزدىنىش پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايقاش ۋە ئۇنىڭغا يىقىنلىشىتىن دېرەك بېرىدۇ. ____ ئارىپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91586
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 10:43:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئېسىت ،ئىملاسى خاتا بوپ قاپتىغۇ .ئوڭشاپ قوياي دېسەم مەشخۇلات قىلغىلى بولمىدى دىسە.

تەبىئى پەن ئۈچۈن قىلىنغان ھەر بىر ئىزدىنىش پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايقاش ۋە ئۇنىڭغا يىقىنلىشىتىن دېرەك بېرىدۇ. ____ ئارىپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 11:44:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە  دارۋىننىڭ  نەزەريەسى  تەرەققىي  قىلغان  ئەللەردە   ئاللىبۇرۇن    ئوقۇتۇش  دەرسلىكىدىن  چىقىرۋىتىلگەن  بولسىمۇ  ،  دۆلىتىمىز  يەنىلا  شۇنى  ئېتىراپ  قىلىۋاتىدۇ  ..

ئۆچمەس  ،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش