مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3951|ئىنكاس: 41

سەنمۇ ئانىمۇ ؟(مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسىگە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۈگۈن ماڭمىساڭ ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31445
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12227
تۆھپە نۇمۇرى: 1511
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 02:43:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەنمۇ ئانىمۇ ؟


      -ئانا مۇختەرنىڭ تويى بولغىدەك .
      -قاچان ؟
      - ئالدىمىزدىكى شەنبە كۈنى .
      - مەن قىلدۇرۇپ بەرگەن تۇمارنى ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆرىيەلمىدىڭ ، ئوقۇتۇپ بەرگەن سامسىنىمۇ يىگۈزەلمىدىڭما ؟ سەن نىمانچە گالۋاڭ ھە ، سىڭىلىڭ جېنىدا تېگىمەن دىگىنىگە تېگەلىدى ، سەن زادى ئاتاڭنى تاتقان ، چىرايىڭ گۈلدەك بولغىنى بىلەن ئىشقىڭ يوق ، ئۇنىڭغا تېگىش خىيالىڭ بولغاندىكىن قانداقلا قىلىپ بولسىمۇ ئۇنى قېشىىڭغا ياندۇرۇپ ئەكەلسەڭ بولاتى ھۇ ئىشقى يوق لامزەللە ....
ئانا ئۇنۇڭغا يەنە قانداق تىللارنى ياغدۇردىكىن قىز ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ ئۆزىنى ئېتىپ ، بار ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ يىغلاپ تاشلىدى ، ئۇنىڭ يىغىسىغا يۈرىكى تاشتىن يارالغان ئىنسان بولمىسىلا چىداپ تۇرالمايتتى ، ئانا قانداقمۇ چىدىسۇن ، قىلىۋاتقان ئىشنى قويۇپ قىزىنىڭ يېنىغا كىردى دە قىزىنى باغرىغا باستى ، بۇلدى ياش تۆكمە مەن ساڭا مۇختەردىن ئىسل بىرسىنى تېپىپ بېرىمەن ، ئۇ سەھرالىققا نىمانچە قىلىسەن ، ساڭا كادىردىن بىرنى تېپىپ بېرىمەن قاراپ تۇرسۇنچۇ .ئانا شۇنداق قىلىپ قىزنى بەزلەپ ئوخلاتتى .
        نەچچە كۈندىن بېرى قىزنىڭ ئاپپاق يۈزلىرى تاتاراڭغۇ بولۇپ ، بىر جۇپ شەھلا كۆزلىرىدىن ھەسرەت يېغىپلا تۇراتتى .ياشلىق بوسۇغىسىغا ئەمدىلا قەدەم تاشلىغان چاغلىرىدا مۇختەر بىلەن ساۋاقداش بولدى ، ئۇنىڭ جاننى ئالىدىغان ئوتلۇق قاراشلىرى ئارىسىدىن  ئېتىلىپ چىققان سۆيگۈ ئوقيالىرىدىن ئۆزنى چەتكە ئالالمىدى ، پات – پات كىتاپلىرىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرلۇپ قالىدىغان مۇھەببەت خەتلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ھاياجانغا سېلىپ ، ئۇنى تېخىمۇ جىلۋىگەر ، تېخىمۇ نازلىق قىلىۋەتتى . ئۇ قەلبنىڭ ئەڭ مەسۈم ، ئەڭ پاكىز ،ئەڭ سۈزۈك بەتلىرىنى كېچە ئاسمىنى بېزىگەن يۇلتۇزلاردەك ئۇنىڭ رەسىملىرى بىلەن نەقىشلىگەن ئىدى .ئۇنىڭ كەڭ پىشانسى ، قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرى ، قىڭراقنىڭ بىسىدەك ئېقىپ چۈشكەن قاڭشىرى ، ياراشتۇرۇپ قويىۋالغان قاپ – قارا بۇرۇتى ، قىزبالىنىڭكىدەك قىزىل تۇرىدىغان لەۋلىرى ھەر قانداق بىر قىزنىڭ ئىشتىياقىنى قوزغىماي قالمايتتى .
       ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمىگەن مۇختەر رەنانىڭ يولىغا قاراپ يېزىدا دېھقانچىلىق قىلىپ ئاتا – ئانىسىنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئالدى . تۇققانلىرىنىڭ  كۈچى بىلەن تېخنىكوم مەكتىپىگە ئۆتكەن رەنا بۇ كىچىك ناھيە بازىرىدىن ئايرىلىپ مەركىزى شەھەرگە ئوقۇشقا يۈرۈپ كەتتى .
          ئىككى ياشنىڭ ئوتلۇق سۆيگۈسى  ۋە جۇدالىق كېچىلىرنىڭ ئۈنسىز گۇۋاچىسى بولغان سېخى ئايلار ، ھەپتىلەر ، كۈنلەر بىر – بىرىنى قوغلۇشۇپ ئۆتۈپ تۇردى .قىزنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈنچى يىلىغا قەدەم باستى ، قىز تېىخمۇ گۈزەل بولۇپ ، ھۆپپىدە ئېچىلىش ئالدىدىكى  گۈل غۇنچىسىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى ، ئۇنى كۆرگەن ھەر قانداق يىگىتنڭ بۇ غۇنچىنى ئۈزۈپ يۈرىكىدە ئېچىلدۇرغۇسى كېلەتتى . ھايا ۋە پاكلىق بىلەن تولغان مۇھەببەتلىك بېقىشلار بارا – بارا نەرە تارتىشىپ ئۇلارنى بەزەن – بەزەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ قوياتى .
        - كەل رەنا ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ، يېقىنراق كەل ، ماڭا بۇ تەتىل بىر ئەسىردە كەلگەندەك بىلىندى جۇمۇ ، ئەمدى سەن كەلدىڭ يۈرىكىم پۈتۈن بولدى . ئاتام سەل ياخشى بولسىلا ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئويدىكىلەرگە دەپ تويىمىزنى قىلىۋالساق ھە ، يىگىت شۇنداق دىگىنىچە قىزنىڭ ئىنىچكە بەللىرىدىن تۇتۇپ ئاتەشتەك لەۋلىرىنى قىزنىڭ تىترەپ تۇرغان گىلاستەك  لېۋىگە باستى . قېلىن دىدى قىز دەرھاللا ئۆزنى ئېلىپ قاچتى .گوگۇمنىڭ پەردىسى بارا – بارا قېلىنلاپ بارماقتا ئىدى ، قىز ئالدىراشقا باشلىدى .
      - ئەمدى سەنمۇ ئوقۇشنى تۈگىتىپ كەلدىڭ ، ئاتا – ئانىمىزغا ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى دەپ تويىمىزنى قىلىۋالساق ھە ؟
        - سەن دۇكان ئايرىۋالساڭ بولاتتى .ھەر راس ئايشەمگۈلدىن ئاڭلىسام سەن بىر نەۋرە تۇققىنىڭنى  ئالىدىغان بوپسەنغۇ  بۇ راسمۇ ؟
        - شۇنداق گەپنىڭ بولغىنى راس ئەمما مەن قوشۇلمىغان .
        - ۋاقتى كەلگەندە ئويۇڭدىكىلەر ئۆز ئايماقتىن چىقمايمىز دەپ تۇرۋالسا قانداق قىلىسەن ؟
        - سېنىڭ ئۆيۈڭدىكىلەرچۇ ؟ ئۇلار يات ئايماق دىمەي قوشۇلامدۇ ؟
        - مەن ئانامغا دىگەن ئانامدا گەپ يوق ، بىراق ئاتام سەل تەستە قوشۇلامىكىن ،ئەمما ئانام چىڭ تۇرۇپ بەرسە ھەل بولامىكىن .سەنمۇ ئۇزاتماي دىگىن .
نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مۇختەر ئاتا – ئانىسىنى بىللە تۇتۇپ تۇرۇپ رەنا بىلەن بولغان ئىشىنى دىدى ، كىم بىلسۇن مۇختەرنىڭ ئاتىسى زادىلا رازىلىق بەرمىدى ھاتتا ئاتا – بالىلىقتىن كېچىپ كېتىشكىلى تاس قالدى .
        - جېنىم بالام ئاتاڭنى ئۆزەڭ بىلىسەن ، ياق دىدىمۇ ئۇنىمايدۇ . ئاتا – بالىقتىن كېچىپ لەنەتگەردى بولۇپ ياشامسەن ، خوتۇن دىگەن تېپىلىدۇ ، ئاتا – ئانىنى تاپقىلى بولاتتىمۇ ؟ئانىسىنىڭ مىچىلداپ يىغلاپ دىگەن نۇرغۇن گەپلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىپمۇ قويمىدى .ئۇ تولىمۇ رايىش ، ئۇياتچان مەبۇدىسى رەنانىلا ئويلايتتى .بىرى سۆيگەن گۈلى ، بىرى ئۇلۇق ئاتىسى ئۇ ئىككى تاش ئارىسدا تازا يەنچىلدى ، ئاخىرى يەنىلا ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن ئازاپ خەنجىرىنى ئىككى مەسۇم يۈرەككە تىقىپ ، تېلىقىپ – تېلىقىپ يىغلاپ تۇرۇپ كېتىپ قالدى .
    مۇختەنىڭ تويىدىن كېيىن رەنا روھى چىقىپ كەتكەندەكلا يۇردى .
     خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى ، ئۇ خىزمەت ئورنىدا ئۆزى بىلەن تولۇق ئوتتردا بىللە ئوقۇغان قىزىقچى ،شوخ ساۋاقدىشى ئابدۇغېنىنى كۆردى ، ئۇنىڭ قىززىق گەپلىرىدىن ئىدارىدىكى ھەممە خىزمەدداشلىرى تېلىقىپ كۈلەتتى ، رەنامۇ ئادەم بولغاندىكى بارا – بارا كىشىلەرگە ئارلىشىپ ، گەپ – سۆزلەرگە قېتىلىدىغان بولدى ، تېخى ئابدۇغىنىنىڭ چاقچاق پاراڭلىرىغا ئۆزىمۇ بلىپ – بىلمەي كۈلۈپ تاشلايتتى .شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ساۋاقداش ئارىسىدا ساۋاقداشلىقتىن ھالقىغان يېڭىچە بىر خىل تۇيغۇ شەكىللىنىشكە باشلىدى .
رابىيەمخان قىزىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ كۆڭلى ئەمىن تاپتى .
        -ئانا بۈگۈن بىر خىزمەددىشىمىزنىڭ تويى با مەن سەل كەچرەك كېلىمەن
        - ھە بىلدىم بار قىزىم بارغىن .
        - رەنا توي تۈگىسە كەتمەي تۇرۇڭ سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ، تانسا ئويناۋاتقان ئابدۇغېنى رەناننى ئاڭلىماي قالمىسۇن دەپ قۇلىقىغا يېقىن كېلىپ ئاۋازنى سەل كۆتتۈرۈپ دىدى .
        - نىمە گەپ ئىدى ئىدى .
        - ئاۋال توي تۈگىسۇن ، ئاندى بىر ئاڭلاپ باقمامسىز .
        ئۇلار ۋەلىسپىتلىرىنى يېتىلىگىنىچە يانمۇ – يان مېڭىشىپ چوڭ يول بىلەن ماڭماي ياندىكى چىغىر يول بىلەن ناھيە بازىرىغا قاراپ يول ئالدى .
        - رەنا مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، ماڭا ھازىرلا جاۋاپ بېرىڭمۇ دىمەي ، توي قىلىىشنى ئويلىشىپ قالسىڭىز مېنىمۇ بىر ئويلاپ قويۇڭ .
        - مېنىڭ ھازىرچە توي قىلغۇم يوق ، قىلىدىغان چاغدا بىر گەپ بولسۇن .
        -مۇختەنىڭ ئىشىدىن ھەممە ساۋاقداشلار خەۋەر تاپتۇق ، ئۇنۇڭغىمۇ ئامال بولمىدى ، لېكىن بۇنۇڭلىق بىلەن توي قىلماي ئوتكىلى بولماس .
        ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ كەڭرى كەتكەن ئېتىز بويلىىرغا چىقىپ قېلىشتى ، سارغىيىپ پىشىش ئالدىدا تۇرغان بۇغداي مايسىلىرى دېڭىز دولقۇدەك تەۋرىنىپ تۇراتتى ، يان  تەرەپتىن كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئۇلار ئىككىسى دەرھاللا ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراشتى ، ياندىكى كىچىك يولدىن مۇختەر بىلەن ئايالى كۈلۈشكىنىچە ئىشەك ھارىۋىسىدا كېلىۋاتاتتى . توۋابۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمىدۇ ھە ؟ رەنا ئىككەيلەننى كۆرۈپلا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى ، ئابدۇغېنى دەرھاللا كېلىپ رەنانى يۈلەشتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى ، - سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ ھە ؟
        - ياق ھىچ ئىش يوق مەن سىزنىڭ توي تەكلىپىڭىزگە قوشۇلدۇم دەۋەتتى ئۇ ئاران ئاۋزنى چىقىرىپ .ئابدۇغېنى ئىچىدە مۇختەرگە مىڭلارچە رەھمەت ئېيتىپ رەنانى يۆلەپ ھارۋا يېنىدىن يانداپ ئۆتۈپ كەتتى .
        -ئانا شۇ چاغدا مۇختەر خوتۇنى بىلەن چىقىپ قېلىپ گاڭگىراپ قالغان ئوخشايمەن ، ماقۇل دىۋېتىپتىمەن ئەمەسمۇ .
        - ھەي بوپتۇ كىملا بولسا تەگىمىسەڭ بولماس بىرەسىگە ،بۇ بالىنى مەن كۆرەي .
        -ئانا قانداق دەيمەن ؟
        - ئىشقىلىپ بىر نىمە قىلىپ ماڭا كۆسەتمەمسەن ، مۇنداق بولسۇن ئەمىسە ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى كۆرەي .
        شۇنداق قىلىپ ئابدۇغېنى رابيەمخانغا بەكلا يېقىىپ قالدى .
        ئۇلار ئارلىشىپ قالدى ، توۋا كۆڭۈل دىگەنمۇ ئاجايىپ بولىدىكەن ، ئادەم بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ ئۇنۇڭدىن ئايرىلىپ قالسا قايتا بىرەسىنى كۆڭۈلگە سىغدۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرىنىدىكەن ئەمما ۋاقىت ھەممى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن دىسە .
        - كەچتە ھىندىستاننىڭ سەرگەردان دىگەن كىنوسى باكەن ئىككى تال بېلەت ئالدىم بىللە كۆرۈپ كېلەيلى بولامدۇ ؟ بېلەتنى ئېلىشمۇ ئاسانغا چۈشمىدى .
        -مەن ئانامغا دەپ باقاي .
        - ئەمىسە سىزنى ساقلاپ تۇراي ۋاقتىدا كېلىڭ ھە .
        ھىندىستان كىنو قىزغلىقى يۇقۇرى كۆتۈلۈلگەن ئۇ چاغلاردا مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز – يىگىتلەر قاراڭغۇ كىنوخانىدا كىنو كۆمەي ئەكسىچە ئۆزلىرى كىنو قويۇشۇپ قايتىشاتتى .
        - نېرى تۇرۇڭە ئادەم تۇرسا نىمە قىلىق بۇ ئەمدى ؟
        ئوتتەك نەپەسلەر ئاران تەستە يىراقلىشاتتى .
         كىنو تۈگەپ چىقىدىغان چاغدا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇلار قوللىرىنى چىڭ تۇتۇشۇپ قىستىلىشىپ چاپلىشىپ دىگەندەك دەرۋازا يېنىغا كەلگەندە رەنانىڭ ئايىقى يىرتىلىپ كەتتىمۇ پۇتىدىن چۇشۇپ قالدى .
        -ئاپلا ئايىقىم مېنىڭ ئايىقىم ، ئۇ پەسكە ئىڭىشمەكچى بولغاندا ئابدۇغېنى بولدى سىز جىم تۇرۇڭ ئى چەتكە چىقىپ ، ئادەم سەل بېسىققاندا ئاندىن ئىزدەيلى دەپ قىزنى چەتكىرەك تارتىپ قويۇپ ئۆزى ئادەم دېڭىزىغا كىرىپ كەتتى .ئۇ دىڭىزدىن ئاياق تاپقىلى بولاتتىمۇ .
        - تاپالىدىڭىزمۇ ؟
        - ياق تاپالمىدىم يىگىت تەرلەپ ئېقىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇ شۇنچە كۆچەپمۇ بىر پاي ئاياقنى زادىلا تاپالمىدى . ئەمدى قانداق ماڭىمەن قىز مشىلداشقا تىتىلداشقا باشلىدى .
        - ئەنسىرىمەڭ ئادەملەر سەل بېسىققاندا  چىراقمۇ ئۆچىدۇ شۇ چاغدا ماڭىلى ، سىز مېنىڭ ئايىقىمنى سورىۋالارسىز .ئادەملەر ئاساسەن تاراپ بولغاندا ئىككەيلەن قاراڭغۇ كوچىدا يىەىتنىڭ ئايىقىنى قىز كىيىپ قىزنىڭ ئۆيىگە مېڭىشتى ، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قويۇق قويۇلۇپ ، تەكشى قىرقىلغان سېدىلىكتىن شىرىقلىغان ئاۋاز كېلەتتى .تۇيۇقسىزلا سۆڭەك تالاشقان ئىككى لالما ئىت ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاۋىغىنىچە پەيدا بولدى ، قوققىنىدىن بار ئاۋازى بىلەن چىقىراپ تاشلىغان رەنا ئۆزىنى يىگىتنىڭ باغرىغا ئاتتى ، رەناننىڭ ئەنسىز ئاۋازىدىن قوققان ئىتلارمۇ بىر دەمدىلا سېدىلىككە كىرىپ غايىپ بولدى ، قىز تېخىچە يىگىتكە چاپلىشپ تۇراتتى ، گۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇرغان ئىككى يۈرەك ئۇچراشتى ، يىگىت قىزنى ئەسەبىلەيچە سۆيەتتى ، سۈڭەك تالاشقان لالما ئىتلارنىڭ قاتتىق قاۋىشى بىلەن قىزنىڭ ئەڭ سەزگۈر تۇيغۇلىرى قامال قىلىنىپ، يىگىتنىڭ تەلۋىلەرچە سۆيۈشلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى ، قاتتىق ئاغرىق بىلەن كىرگەن شىرىن سېزىم ئۇنى بوشاشتۇرۇپ قويغان ئىدى ، رەنانىڭ قىزلىق ئىپپىتى ئاشۇ سېدىلىك تۈۋىگە داق يەرگىلا تاشلاندى ،بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاچىسى بولغىدەك نە ئاي ، نە يۇلتۇز كۆرۈنمەيتتى .رەنا بۇقۇلداپ يىلغلاپ نىمە قىلارنى بىلەلمايلا قالدى .
        - مەن مەن شۇ ئۆزەمنى تۇتىۋالماي ... بەرىبىر توي قىلىمىزغۇ ..
        -يوقىلىڭ ! ئۇشۇنداق دىدى دە دەلدىگۈنۈپ قوپقىنىچە  ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى ، يىگتىمۇ ئارقىسىدىن قالماي ماڭدى ، ئۇلار قىزنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە يېرىم كېچە بولۇپ بولغان ئىدى ، قىز ئاپىسىغا ئېسىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ ھەممىنى دەۋەتتى .
        -بوغۇلۇق بوپتۇ تېزراق تويۇڭلارنى قىلىۋەتسەكلا ئىش پۇتىدۇ ،سەن غەم يىمە قالدى ىشلارنى ئۆزەم جايىغا چۈشۈرىمەن .
        بىر ئاي ئىچىدە بۇ ئىككەيلەننىڭ تويى بولىدىغانغا بېكىتىلدى ،ئەمما مۇشۇ چاغدا بولار بىلەن قېرىشقاندەك رەنانىڭ ئاتىسىنىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىپ توي كېيىنگە سۈرۈلۈپ كەتتى ، شېخىدىن ئۈزۈلگەن گۈل قانچەنغىچە خۇش پۇراق چاچالىسۇن ، يىگىت قىزدىن بارا – بارا سوۋۇشقا باشلىدى .ئۇ بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىقىنى تەستە ساقلاپ كېلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆز باغلانغان چاغدا ئايلىنىپ يۈرۈپ يارداڭلىقتىكى بىر جىگدىلىكتە رەنانى باشقا بىر ئەر بىلەن كۆرۈپ قالدى .
      ياپپىر ئادەمنى خۇدا يۆلىسە مۇشۇنداق يۆلەمدۇ نىمە دىدى دە ئىچدە بىخەۋەر تۇرغان ئىككىسىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن پېتىلا ئەرنى تىپىپ ، ئۇرۇپ ئايلاندۇرۋەتتى ، ئاندى رەنانىڭ چېچىدىن تۇتۇپ بېقىنلىرىغا نەچچىنى تىزداپ يەردە ياتقۇزىۋەتتى ، شۇ پەيلىدە رەنانىڭ ئۆيىگە بېرىپ رەنانىڭ ئاپىسىغا – قىزىڭنى جگدىلىكتە تۇتىۋالدىم ، ئىشەنمىسەڭ بېرىپ باق دەپلا كېتىپ قالدى .
        - ۋاي بېشىڭنى يەيدىغان جۇۋەينىمەك ئۆلدۇڭمۇ سەن ھاياتمۇ ؟ كۆزۈڭنى ئاچە ، بۇ كىمدى ئەمدى ھە ؟ سېنىڭ ماڭا زادى ئاراملىق بەرگىڭ يوق ، پوق يىگەن ساراڭ .
       
داۋامى بار ...

         
مەنبە : ئىجادىيەت  .

مىسرانىم موكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسىگە تەۋە .


بۈگۈن ماڭمىساڭ ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31445
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12227
تۆھپە نۇمۇرى: 1511
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 03:51:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپلا  داۋامىنى يوللاي دەپ تۇرسام تور ئۈزۈلۈپ قېلىپ يازغانلىرىمنى ساقلاشقا ئۈلگۈرمەي يۇتۇپ كەتى ، قالدىسىنى ئەتە يېزىپ يوللىمىسام بولمىدى .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muslina216 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 03:53 AM  


ياشا ھەم يەشاشقا يول قوي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29728
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 308
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 11:46:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى داۋاملشۋاتاتتى ئاخىرنى ئوقۇپ بوپ تولۇق ئنكاس يازاي خە .تىزرەك يللارسىز داۋامنى

ئادەم ياشاش ئۇچۇن ئۆلۇشى كىرەكمۇ؟ياكى ئۆلۇش ئۇچۇنلا ياششى كىرەكمۇ؟
ئبادەت ئەسلى خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش مەسچىت جەينامازدا ئەمەستۇر بۇ ئىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6999
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 11:48:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۈتۈق تىلەيمەن،ھارمىغايسىز؟

كۈيۈمچان مەلىكە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5323
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9016
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 1551 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 12:01:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ كەتتىغۇ، ئاخىرىنىڭ ياخشى چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە: نۇقسانسىز ۋە خۇلۇقسىز ئايالنىڭ بولۇشى؛ئاياللاردىكى ئەڭ قىممەتلىك ئىككى خىسلەت: ياخشى - ياماننى پەرق ئىتىش ئۇسۇلى ۋە خىجىل بولۇشتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11202
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8953
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 12:42:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى............... تازا قىززىق يەرگە كەلگەندە توك كەتكەندەك.............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88390
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 405
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2012-12-10
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 12:56:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىزقىپ ئوقۋاتسام تۈگەپ كەتتىغۇ، ئاخىر قاچان چىقار ئەمدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87293
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 777
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-11-16
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:21:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزنىڭ تەقدىرى ئېچىنىشلىق بولىدىكەندە ......ئاخىرىنى تىزرەك يوللىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .قەلىمىڭىزگە تەشەككۈر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72566
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3235
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-1-4
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:21:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىسىنى تېزىرەك كۆرۈشكە تەشنامىز

بۈگۈن مەن ئىشخانىدىكى ئۇششاق ئىشلار بىلەن ئالدىراش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63350
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1610 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2013-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:36:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ،ئاخىرىنى تىزرەك يوللارسىز.

ئادەم ئۈمىد بىلەن تۇغۇلۇپ ،ئارزۇ بىلەن ياشاپ، ئارمان بىلەن كىتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش