رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
(مەندە گۇناھ يوق)
بەزى نادان قار چاپلىما مەندە گۇناھ يوق،
ياراتتىڭ سەن ئىگەمدۇر سەن باشقا ئىلاھ يوق.
گۇناھقا سەن سەۋەب دىمە ئەقىل سېنىڭدە،
گەر خەجلىسەڭ ياق دىيىشكە مەندە ئىلاج يوق.
باشقىلارغا يامان دىدىڭ ئەيبىڭنى يىپىپ،
پاكىز ئىدىم مەينەت قىلدىڭ ھارامغا قىتىپ.
قۇل بولاي دەپ ئارزۇ قىلغان ۋىجدان ئالدىدا،
تاللىۋالدىڭ قۇللۇقنى سەن ۋىجداننى سىتىپ.
يارلىشىمدىن تاپشۇرۇلغان ئىنسان مەيلىگە،
داۋا يوقتۇر مەندە لېكىن نادان بەندىگە.
مېنى يامان دېگەنلەرگە بولسۇن جاۋابىم،
مەن ئوينايمەن پەقەت ئۇسۇل،چالغان پەدىگە.
تۆھمەت قىلدىڭ سېنى ۋىجدان قىلغاندا سۇراق،
بولۇپ قالدى ،مايماق قولۇڭ خەجلىمەس چۇلاق.
ئەللەر مېنى نېمە دىسە مەيلى دەۋەرسۇن،
مەن گۇناھسىز مەھبۇس يانچۇق مەن ئۈچۈن سۇلاق.
ئۈلگە قىلساڭ ئەزىزلىدى مېنى تالايلار،
ئەل قەلبىدىن ئۇرۇن ئالدى ھەم شۇنداق بايلار.
بۇزۇپ چاچساڭ بەتخەج بولۇپ يوقسۇزلۇق سېنى،
يوقلاپ كىلەر يېشىڭ ئىقىپ تولغۇسى سايلار.
مەن سەۋەبلىك كۈلۈپ باققان ساڭا ئامەتلەر،
قەدىرلىمەي چىرمىۋالدى سېنى ئىشرەتلەر.
ئۆز گۆرۈڭنى ئۆز قولۇڭدا كولاپ تۇرۇقلۇق،
گۇناھىڭغا مېنى شىرىك قىلما نامەرتلەر.
رۇستەم قاراسۇ .........ئاتۇش
كىچىڭىز
بۆرتالادا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-6 07:00 PM