مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilimxumar

بىلىمخۇمار: يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇپراقتەك كەمتەر بول ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43449
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4354
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2011-6-7
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 02:30:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياراتقان  ئېگىمىز  بىزگە  ئېنىق  قىلپ  نېجىس  مىللەت  دەپ  كۆرسىتىپ  بەرگەن  قەۋىمنى  ياخشى  يامان دەپ  ئايرىپ  ،  بىر-بىرمىزنىڭ  كۆڭلىگە  ئازار  بېرىپ  نىمىمۇ  قىلامىز  .  ھەي  يەھودى  ، ھۇي  يەھودى  قېرىنداشلىرىمنى  تالاشتۇرۋىتىپسەنغۇ .

ئەللەر ياخشى بىز يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75167
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2013-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 03:04:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يۇقۇرقى «بىلىمخۇمار ئەپەندىگە ئوچۇق خەت»نى ئايرىم تېما قىلىپ مۇنبەر باش بېتىگە يوللىسام نىمىشقا تەستىقلانمايدۇ؟   مىللەت بىلەن دىن مۇناسىۋىتىنى يالغۇز دىن نوقتىسىدىن ئەمەس ئونۋېرسال نوقتىدىن ئىلمىي،كەڭ،چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرىدىغان ماقالىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى تەشەبۇس قىلىش خاتا ئەمەسقۇ؟

ئۇلۇغ غايە،قەيسەرلىك،خوشال روھى ھالەت-ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 23402
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 09:29:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alpamix:aziz يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 01:45 AM
بىلىم خۇمار ئەپەندىگە ئوچۇق خەت

ھۆرمەتلىك alpamix:aziz ئەپەندىم،

ئالدى بىلەن مەن سىزنىڭ ماڭا ئىشىنىپ، يۇقىرىقى ئىلتىماسنى سۇنغىنىڭىزغا چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن. مېن ئىجتىمائىي-پەن بىلەن شۇغۇللانمايمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېما ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كېتىدىغان ماتېرىياللارنى تېپىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا ئۆزەمنى بۇ تېما ئۈستىدە بىر نەرسە يېزىشقا مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئىجتىمائىي-پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىچىدە مۇشۇنداق تېما ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغانلار چوقۇم بار. مەن ئاشۇنداق ماقالىلارنى ئىزدەپ تاپالىغانلىرىمنى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قوياي. باشقا قېرىنداشلاردىنمۇ ئاشۇنداق قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 23402
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 09:31:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇملىشىشى

مۇختارقادىر ھۇنزادە

ئەرەبچىدە «ئەقىدە، ئىتائەت قىلىش، بويسۇنۇش» دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدىغان «ئىسلام» سۆزىنىڭ بارلىق مۇسۇلمان (ئىتىقاد قىلغۇچى) خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇتىدىغانلىقى كۆپ سانلىق كىشىلەرگە ئايان بولغېنى بىلەن، يەنە بىر قىسىم مۇسۇلمان قىرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ دىنغا قانداق قىلىپ ئىتىقاد قىلغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۆمكىن. شۇڭا مەن بۇ ماقالەمدە ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇملىشىش تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرمەكچىمەن.
مىلادى 600-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مۇھەممەت پەيغەمبەر تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن ئىسلام دىنى ئىككى ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئومۇملاشتۇرۇلدى. ئەرەب ئىسلام قوشۇنى پارس زېمىنىدىن ھالقىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەن ۋاقىتلاردا، شىنجاڭدا قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە ئىدۇقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ھاكىمىيەت مەۋجۇت ئىدى. ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بۇددا دىنىغا، ئاز بىر قىسمى زەردۇش، مانى، شامان دىنلىرىغا ئىتىقاد قىلاتتى. قەشقەر، خوتەن، كۇچا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇنلىغان بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ۋە بىلىم يۇرتلىرى بار بولۇپ، مىڭ نەچچە يىللىق بۇددا مەدەنىيەت-سەنئىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
مىلادى 930-يىلى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ 25 ياشلىق شاھزادىسى سۇتۇق تېكىن بۇتپەرەس تاغىسى، قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئۈچىنچى خانى ئوغۇلچاقنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھ بولدى. ئەسلىدە سامانىلار خانلىقىدىن كېلىپ، ئاتۇش ۋە قەشقەردە ئىسلام دىنىنى مەخپىي تارقىتىۋاتقان ئەبۇ ناسىر سامانى تاسادىبىي پۇرسەتتە 12 ياشلىق سۇتۇق تېكىننى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشنى ئۆگەتكەن ئىدى.① سۇتۇق تېكىن بۇ خىل يىڭىلىقنى تېزلا قوبۇل قىلدى ۋە مۇسۇلمان بولۇپ، جاھىل بۇددىستلارغا قارشى ئاتلانغان. ئۇ تەختكە چىققاندىن كىيىن، «سۇتۇق بۇغراخان» (ئەرەبچە ئىسمى ئابدۇلكېرىم) نامى بىلەن مەمۇرىي ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، قەشقەر، يەكەن، ئاتۇش، ئاقسۇلاردا ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇردى. مىلادى 942-، 943- يىللىرى بالاساغۇن، سۇياپ، ئىسسىقكۆل رايۇنلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان غازات ئۇرۇشى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ، ئەرەبيىستاندىن ئاقسۇغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جايلارنىڭ ئىسلاملىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى. بۇ جايلاردا بۇتلار ۋە ئىبادەتخانىلار ناھايىتى تېزلا چېقىپ تاشلانغاچقا، ئەرەب ئىسلام مىمارچىلىقىنى ئاساس قىلغان مەسجىدلەر خۇددىي يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى. ھالبۇكى، كۆپ قىسىم ئۆمرىنى «جىھاد» شۇئارى ئاستىدا ئۆتكۈزگەن سۇتۇق بۇغراخان خوتەن بۇددىستلىرىنى مەغلۇب قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالماي، مىلادى 955-يىلى قەششقەردە ئالەمدى ئۆتتى ۋە ئۆزىدىن ئىككى يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ئاتۇشتىكى قەبرىسى يېنىغا دەپىن قىلىندى.
سۇتۇق بۇغراخاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا ئىبىن ئابدۇلكېرىم (تۇڭا ئىلىگ) ئۈچ يىل، كىچىك ئوغلى سۇلايمان ئىبىن ئابدۇلكېرىم (بايتاش) 20 يىل، نەۋرىسى ئوبۇلھەسەن ئەلى ئىبىن سۇلايمان (ئارسلان تېكىن، ئەلى ئارسلانخان) 20 يىل خاقان بولدى. مىلادى 960-961-يىللىرى ئىسلام دىنى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، خوتەن بۇددىستلىرى بىلەن بولغان جەڭ يەنە داۋاملىشىپ، 998-يىلى ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئۆلىمى بىلەن كۇپايىلەندى. بۇ ھەقتە «ئەلى ئارسلانخان تەزكىرىسى» دە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەلى ئارسلانخان قوشۇنى نوقتى رەشىد، چوقتى رەشىدلەر باشچىلىقىدىكى 140 مىڭ كىشىلىك خوتەن بۇددىست قوشۇنى بىلەن قەشقەر، يەكەن ئارىلىقىدا قاتتىق جەڭ قىلدىلەر. ئىسلام قوشۇنىنى يىڭەلمىگەن بۇددىستلار چۇك-چۇك خوتۇن ھېلىسى (چۈجە ھېلىسى) نى ئىشلىتىپ، ئەلى ئارسلانخان خوجامنىڭ مۇبارەك تېنىنىڭ نامازغا ئولتۇرغاندا يۇمشايدىغانلىقىنى بىلىۋالدىلەر. بىر كۈنى قاراخانىلار قوشۇنى ناماز ئوقۇۋاتاتتى، خوتەن بۇددىستلىرى باستۇرۇپ كېلىپ، قىرغىن قىلدىلەر. ئەلى ئارسسلانخان خوجامنىڭ بېشى تېنىدىن جۇدا قىلىنغاندىن بولسىمۇ، قىلىچنى چىشلىگەن پېتى ئۇچۇپ يۈرۈپ جەڭ قىلدى، ئاخىرى دۆلەتباغقا قوندىلەر. شۇنداق قىلىپ، سەئىد ئەلى ئارسلانخان تېكىننىڭ تېنى ئۆتەڭ قارىغا، بېشى دۆلەتباغقا دەپىن قىلىندىلەر.»② بۇ تەزكىرىدە قەيت قىلىنغان «ئۆتەڭ قارا» بۈگۈنكى «ئوردام (ئوردا خېنىم)» بولۇپ، قەشقەر يىڭىشەھەر ناھىيىسى تەۋەسىدە ھېلىمۇ كۆپلىگەن ساياھەتچى، تاۋاپچىلارنى جەلپ قىلماقتا.
مىلادى 999-يىلى بۇخارادا تۇرىۋاتقان يۈسۈپ قادىرخان قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ تەختكە ئولتۇردى ۋە ئىراقلىق تۆت ئىمام (ئىمام نەسرىدىن، ئىمام مۇئىنىدىن، ئىمام زوھۇرىدىن، ئىمام قەۋمىدىن)نىڭ تۆت تۈمەن لەشكىرىنى ياردەملەشتۈرۈپ، دەرغەزەپ بىلەن خوتەنگە يۈرۈش قىلدى. قوشۇن قاغىلىق تەۋەسىگە ئۆتكەندە ئىمام مۇئىنىدىن شېھىت بولدى. خوتەننىڭ چىرا ناھيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى يېرىم ئايلىق تىركىشىشتە، قالغان ئۈچ ئىمام يەنە ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلگەن (ھازىرقى نىيە ناھيىسىدىكى“ئىماملىرىم“ دەل ئەشۇ ئىسلام ئاچقۇچىلارنىڭ زارەتگاھىدۇر) بولسىمۇ، سۇسىز، تاماقسىز قالغان ئاكا-ئۇكا بۇددىستلار (نوقتى رەشىد، چوقتى رەشىدلەر) كۇئېنلۇن تاغلىرىغا چىكىنىپ، ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن 23 يىل داۋاملاشقان خوتەننى ئىسلاملاشتۇرۇش ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. مىلادى 1006-يىلى قاراخانىلار خانلىقى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇلارنى ئىسلاملاشتۇرغاندىن كېيىن، نەزىرىنى كۇچار (كۈسەن)، تۇرپان (ئىدىقۇت) لارغا تىككەن ئىدى، ئەمما، چىڭگىزخاننىڭ موڭغۇل قوشۇنى غەرپكە بېسىپ كېلىپ، مىلادى 1214-يىلىغىچە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى ئۆزلىرىگە قاتىپ بولدى. موڭغۇللار باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا باشتىن-ئاياق ئارىلاشمىغاچقا، كۇچا، قاراشەھەر خەلقى 1225-يىلدىن 1264-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، بۇددا ئەقىدىسىدىن ئۈزىل-كېسىل ۋاز كەچتى. ئىلى رايونىدا چىڭگىزخاننىڭ 7-نەۋرىسى تۇغلۇق تۆمۈرخان 60 مىڭ ھەر مىللەت پۇخراسىنى باشلاپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، مىلادى 1391-يىلى ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى قېدىر خوجا تۇرپان خەلقىنى بۇ دىنغا بەيئەت قىلدۇردى. نەتىجىدە، قۇمۇلدىن باشقا بارلىق جايلاردا ئىسلام دىنى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى(قۇمۇل-لوپنۇر رايۇنىنىڭ ئېتىقاد ئۆزگەرتىشى 17-ئەسىردىن كېيىن بولدى).③ سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە ئومۇملاشتۇرۇشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىسلام تارىخىدا، جۈملىدىن دۇنيا ئىدېئولوگىيە تارىخىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئىسلام ئاچقان ۋاقتىدىن تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىغىچە جەمئىي 470 يىل ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، شىنجاڭ تارىخىدا كەسكىن بۇرۇلۇش ھاسىل بولغان دەۋىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋىردە ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسى بۇددا مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ (توغرىسىنى ئېيتقاندا ئون نەچچە ئەسىرلىك بۇددا سەنئىتىنى ۋەيران قىلىپ)، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. ناماز ۋە «قۇرئان» نى ئەرەبچە ئوقۇش تەلەپ قىلىنغاچقا، ئەرەب يېزىقى ۋە تىلى شۇ دەۋىر مەدەنىيىتىنىڭ روشەن ئىپادىسى بولۇپ قالدى. «قۇتادقۇ بىلىگ»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئەرەب يېزىقىدا (تىلى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە) يېزىلىشى ئۇنىڭ پولاتتەك پاكىتىدۇر.④
شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى يۇقۇرىقى ئۇزاق تارىخي جەرياننىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە پەيدا بولغان مەنبەسىگە (سەئۇدى ئەرەبىستاندىكىگە) سېلىشتۇرغاندا، تولىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىش مۆمكىن. نۆۋەتتە ساقلىنىپ تۇرىۋاتقان بىر قاتار نامۇۋاپىق ئادەتلەر ۋە ئەبجەش كۆزقاراشلار جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۇسالغۇ بولماقتا. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، تارىخقا ئىلمىي قاراپ، توغرا بولغان تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئىگە بولۇش ھەقىقەتەن مۇھىم. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغاندا چوقۇم پارتىيىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى توغرا ئىجرا قىلىپ، دىننى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىشىمىز لازىم.

ئىزاھلار:
① — ليۇ زىشياۋ: «ئۇيغۇر تارىخى». ئۇيغۇرچە 1-قىسىم، 360-بەت
② — ئابدۇلئەھەت ئابباس: «ئوردام تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى» 1994-يىللىق 1-سان.
③ — ئابدۇللا ئەخمىدى: «قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى» 1985-يىللىق 4-سان.
④ — يۈيتيەنخېڭ (ياپونىيە): «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى» ئۇيغۇرچە 168-بەت.

بۇ ماقالە «جەنۇبىي شىنجاڭ نېفىت گېزىتى» نىڭ 1994- يىل 22- ئىيۇندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.

مەنبەسى: http://www.akademiye.org/ug/?p=108

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6160
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 521 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 10:05:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alpamix:aziz يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 03:04 AM
مەن يۇقۇرقى «بىلىمخۇمار ئەپەندىگە ئوچۇق خەت»نى ئايرىم ...

سىلى دىننى  پەقەت ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى بىر  پارچە  دەپ قارايسلەنكە ھە  ؟  
ئىسلام  نەدە  سىلى نەدە توۋۋا   !!!!!!   

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

روھى قەپەزدىن چۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14548
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8287
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1099 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2013-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:12:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى

روھى قەپەزدىن چۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14548
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8287
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1099 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2013-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 12:03:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسىلە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13085
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7938 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 12:26:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدا بىلىمخۇماردەك تورداشلىرىمىز  كۆپەيسە ،ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمۈت تۇغۇلىدۇ. كاللىسى تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تەپەككۈرىنى ئۇيغۇتۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىغىڭىزغا كۆپ رەھمەت .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 12:44:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alpamix:aziz يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 01:45 AM
بىلىم خۇمار ئەپەندىگە ئوچۇق خەت

ئەسلى ئۇيغۇرلۇق بىلەن مۇسۇلمانلىقنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭساق ياخشى بولاتتى. ئۇنداقتا سىز دېگەندەك بۆلۈنۈشمۇ كېلىپ چىقمايدۇ.

ئېشەكتىن تەلىم ئالساڭ تېپىشنى ئۆگۈتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 12:51:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 09:31 AM
ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇملىشىشى

مۇختارقادىر ھۇنز ...


مەن نوقتى رەشىد ئاكا- ئۇكىلارنىڭ كۆرەش قىلىش روھىغا قايىل بولغان، ئۇلار ئەگەر مۇشۇ روھى بىلەن ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولار ئىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» دىمۇ ئۇلارنى مەسخىرە قىلماستىن ياكى چۆكۈرمەستىن تەسۋېرلىگەن ئىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 12:52 PM  


ئېشەكتىن تەلىم ئالساڭ تېپىشنى ئۆگۈتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش