ئىزتىراپلار
ئەركيار
«ۋاي بۇرۇقتۇم،ۋاي زورۇقتۇم،...» ــ ئېغىر تىنىپ،
بىر پەرىزات ئىشكنى سىرتقا ئېچىۋەتتى.
نۇمۇس تۇغقان گۈزەللىكلەرگۆرگە يېنىپ،
پاسىق قۇيۇن سۈزۈك سۇنى«ئىچىۋەتتى».
ئادەت بولدى ئەرگە تېگىش ئەردىن چىقىپ،
سول كۆز ئوڭنى«پاھىشە»دەپ ئېچىۋەتتى.
پاھىشىۋاز قازىغا ئاق پاھىشىلەر،
يەنە جىقلار «جاھان شۇ»دەپ كېچىۋەتتى!
پەرىزاتنىڭ كۆكتە دائىم بۇلۇتى ئاق،
ئايمۇ ئۈزەر،نۇرلارتۇلۇق،دېرىزە ساق.
بۇزۇش ئۈچۈن بۇزۇق تونلار پىچىۋەتتى ـــ
گۈزەل پەرى،ئەقلىڭنى تاپ،بۇلغانما،ياق!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-4 06:38 PM