مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Hislet

تاماكا ھەققىدە ...بىلىۋىلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85062
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-9-14
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 05:48:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا چېكىدىغانلار كورسە چوقۇم  تاماكىدىن ئوزىنى تارتار،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90816
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 12:56:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلارنىڭ تاربىيا  ىلىشىنى سورايمان

خىيالچان مەلىكە!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90969
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 450
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-2-1
ئاخىرقى: 2013-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 05:07:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر تاماكا چەكمەيدىغان ئوغۇللاردىن تاماكا چىكىدىغىنى جىق ...ھە.....

دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزەڭگە ئۆمۈر تىلە!

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1714
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9581
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 05:18:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىم نى كۆرۇپ ...................نىمىگە نىمىسى يەتمەي تاماكا چىكىدىغاندۇ شۇلار
نىم پايدىسى تاماكاچەككەننىڭ زىينى بار لىكىن پايدىسى يوق.

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17552
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 07:49:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكىنىڭ تارىخى


1492 – يىلى ئىسپانىيلىك دېڭىزچى كۇلۇمبو ئامېركا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغاندا كۇبالىق يەرلىك ئاھالىكلەرنىڭ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراۋاتقانلىقىنى كېمىدىكى ئىككى ماتۇرۇس كۆرگەن، ئىككى ماتۇرۇسنىڭ بىرى ئىسنى شوراپ باققان، بۇ تاماكا چەككەن تۇنجى ياۋرۇپالىق ھېسابلىندۇ، ئىسپانىيگە قايتقاندىن كىيىن، ئۇ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراپ يۈرگەن، بۇنى كۆرگەن قوشنىلىرى قاتتىق ھەيران قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا جىن چاپلىشۋاپتۇ دەپ قاراپ ئۇنى دىننى سوتنىڭ تۈرمىسىگە قامىتىۋەتكەن.

1496 – يىلى تاماكا ئۇرۇقى ئىسپانىيگە تارقىلىپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى قاتارىدا تېرىلغان.

1518- يىلى ئىسپانىيەلىك ئىكىسپىدىتسىيچىلەر ئازىتاكلار ۋە مايالىقلارنىڭ قۇرۇق قۇمۇش نەيچىسى بىلەن تاماكا چېكىۋاتقانلقىنى كۆرگەن، ئېكىسپىدىتيىچىلەرمۇ ئۇلاردىن ئېلىپ چىكىپ باققان. بۇ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق تاماكا تىلەپ چىكىش ھىسابلىنىدۇ.

1530- يىلى ئىسپانىيەلىكلەر ھاياتىدا تاماكا تېرىغان.

1560- يىلى فىرانسىيەنىڭ پورتىگالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يان نىكوتىن تاماكىنى فىرانسىيەگە ئېلىپ كېلىپ كېسەل داۋالاشقا ئىشلەتكەن ھەم خانىشنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايىتقان. نىكوتىننىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، خېمىيە ئالىملىرى كۆك تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىغا « نىكوتىن » دەپ ئىسىم قويغان. شۇندىن كىيىن كۆك تاماكا فىرانسىيەدە تېرىلىشقا باشلىغان.

1575- يىلى كۆك تاماكا فىلىپىندىن جۇڭگۇغا كىرگەن.

1595- يىلى ئەنگىليەلىك دورىگەر ئالىملىرى يازغان « تاماكا ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە قىممىتى بار كۆز قاراش» دېگەن ئەسەردە تاماكنىڭ ئادەم بەدىنگە زىيىنى بارلىقى كۆرسىتىلگەن ھەم ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان.

1600- يىلى كۆك تاماكا لاۋاندا ( خۇش پۇراق ئۈسۈملۈك) بىلەن ئارلاشتۇرلۇپ لوندوندىكى ھەشەمەتلىك چىركاۋلارنىڭ ئەتىرى قاتارىدا ئىشلىتىلگەن.

1612- يىلى لوندوندىكى تاماكا سودىگەرلىرنىڭ ئوتتۇرا ئامىركىدىكى جامىستوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يوھان رولفېي شىمالى ئامىركىدىكى ۋېرگىنىينىڭ جىمىس دىگەن بازىردا دۇنيادىكى تۇنجى تۈركۈم سودا قىلىندىغان تاماكا تېرىغان ھەمدە ئەنگىليەگە 10 توننا يۆتكىگەن. شۇ يىلى ئامىركىدا تاماكا سىناق تەرەقىسىدە تېرىلغان.

1616- يىلدىن 1627- يىلغىچە كۆك تاماكا بىر قانچە يولدىن مەملىكىتىمىزگە كىرىشكە باشلىغان، يەنى فىلىپىندىن تەيۋەن، فۇجىيەنگە، ۋېيتنامدىن گۇاڭدۇڭغا، ياپۇنيىدىن چاۋشىيەن ئارقىلىق لىياۋدۇڭ يېرىم ئارىلغا، روسيەدىن شىنجاڭغا كىرگەن.

1639- يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى پەرمان چۈشۈرۈپ تاماكىنى چەكىلگەن ھەمدە تاماكا چەككەنلەرنى ئۈلۈمگە بۇيرىغان.

1666- يىلى ئەنگىليەدە گېزىتقا تاماكا ئېلانى بېسىلغان.

1799- يىلى ناپالىئون تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئەنقەرە شەھرىنى قوغداۋاتقان بىر توپ تۈركىيە ئەسكەرلىرنىڭ چىلىمى توپ ئۇقىدا پارتىلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار مىلتىق دورىسىنى تۇتاشتۇردىغان قەغەزدە تاماكا ئوراپ چەككەن، بۇنىڭ بىلەن تاماكىنى قەغەز بىلەن ئوراپ چىكىش دۇنياغا كەلگەن.

1825- يىلى شىۋىتسارىيەلىك خېمىيە ئالىمى ئا. پىكتې تۇنجى بۇلۇپ كۆك تاماكا تەركىبىدىن تاماكا ئىشقارى نىكوتىننى ئاجىرتىۋالغان.

1881- يىلى كۈنىگە 120 تال تاماكا ئورىيالايدىغان ماشنا پاتنىت ھۇقۇقىغا ئىرىشكەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاماكا ئوراش پۈتۈنلەي قول بىلەن قىلناتتى. `1900- يىلغا كەلگەندە تاماكىنىڭ ماركىسى 160 تىن ئېشىپ كەتتى.

1902- يىلى تاماكا چېكىشكە قارشى تۇنجى تەشۋىقات كىتابى « تاماكا زىيىننى يۇقىتىش ھەركىتى » ئەنگىليەدە نەشىر قىلىندى.

1927- يىلى ئەنگىليەلىك دوختۇر تايلور كوت تېببى ژورنالدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۆزى بىلىدىغان ئۆپكە راكغا گىرىپتار بولغان بارلىق بىمارلارنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى.

1941- يىلى 2- دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە ئامېركا زۇڭتۇڭى روزىۋېلىت تاماكىنىڭ ئاساسى زىرائەت قاتارىغا كىرگۈزىلدىغانلىقىنى، تاماكا تېرىغۇچىلارنىڭ ھەربى سەپكە قاتنىشىش مەجبۇريىتىنى كەينىگە سۈرۈشكە بۇلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1948- يىلى « ئامرىكا تىببى جەميىتى ژۇرنىلى » دا، « پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا، تاماكا جىددىيلەشكەن روھى ھالەتنى پەسەيتىدۇ، تاماكا چىكىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق » دىيىلدى.

1955- يىلى ئامېركا قوشما شىتات سودا كومتىتى تاماكا ئېلانلىردا سالامەتلىككە پايدىلىق دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى چەكىلىدى.

1957- يىلى ئامېركا راك كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى بىر تەتقىقات گورۇپىسى قۇردى. بۇ گورۇپپا مۇنداق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى: تاماكا چېكىش بىلەن ئۆپكە راكى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.

1966- يىلدىن باشلاپ تاماكا قېپىغا « دىققەت: تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن خەت بېسىلدى.

1967- يىلى نيۇ يۇرۇكتا تۇنجى قېتىملىق « تاماكا ۋە سالامەتلىك » خەلقارا يىغىنى ئېچىلدى، شۇنىڭدىن كىيىن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يۈكسەلدۈرلۈپ، تاماكا تاشلاش خىزمىتى كۈچەيتىلدى.

1980- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ باش ئىش بىجۈرگۈچىسى دوكتۇر مالۇر1980- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىكىتىش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە « سىزگە تاماكا كېرەكمۇ ياكى سالامەتلىكمۇ، ئۆزىڭىز تاللاڭ » پائاليىتىنى قانات يايدۇردى.

1983- يىلى ئامىركا ھەر يىلى تاماكا چىكىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 300 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

1987- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى دۇنياۋى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىككىتى ھەمدە بۇ كۈنى تاماكا چەكمەسلىكنى ۋە تاماكا سېىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

1989- يىلى ئامېركا سەھىيە ئىدارىسى بىر قېتىملىق دوكىلاتىدا، تاماكا چېكىدىىغانلارنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش ئېھتىماللىقى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن 15 ھەسسە يۇقۇرى دەپ كۆرسەتتى.


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17552
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 07:49:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكىنىڭ جۇڭگۇغا كىرىشى

ئىنسانلارنىڭ تاماكا چېكىۋاتقانلىقىغا 500 يىلدىن ئاشتى. تاماكا ئامېركا قىتئەسىدىن چىققان، ئەڭ بۇرۇن بايقالغان جاي تاباگ ئارىلى بۇلۇپ، تاماكىنىڭ ئىسمى مۇشۇ ئارالنىڭ نامى بىلەن ئىنگلىزچە « Tabag» دەپ ئاتالغان. ئەڭ بۇرۇن ئامىركا قىتئەسىگە بارغان ياۋرۇپالىقلار تاماكىنى ياۋرۇپاغا ئېلىپ كەلگەن، ياۋرۇپادىن ئاسىياغا تارقالغان. تارىخى كىتابكاردا خاتىرلىنىشچە، تاماكا مىڭ سۇلالىسى، يەنى 1573- 1619- يىللىرى جۇڭگۇغا تارقالغان. دېمەك، تاماكىنىڭ جۇڭگۇغا كېرگىنىگە پەقەت 400 يىللا بولغان بولىسىمۇ، جۇڭگۇدا ئۇمۇملىششى ئىنتايىن تىز بولغان، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىردا چەت ئەل تاماكىسى ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركۈملەپ كىرگەن، ئارقىدىن چەت ئەل سودىگەرلىلىرى جۇڭگۇدا تاماكا زاۋۇتلىرنى قۇرغان، ئازاتلىقتىن كىيىن جۇڭگۇنىڭ تاماكا سانائىتى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، ھازىر دۇنيا بۇيچە 1- ئۇرۇنغا چىققان.


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17552
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 07:51:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسە ، قان تومۇرى ئاسان زەھەرلىنىدۇ
تاماكا چېكىش قان تومۇرىدا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى . سالامەتلىكىڭىز ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ ، كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسىڭىز قان تومۇرىڭىز زەھەرلىنىپ ، بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ . ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ 50 نەچچە يىللىق تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، كۈندە 20 تالدىن كۆپرەك تاماكا چەككەندە ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ، ئۈچ ھەسسە ئاشىدىكەن ؛ يەنە باشقا تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، تۈنىگەندە تاماكا چەكسە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى نورمال ۋاقىتتىكىدىن سەككىز ھەسسە ئاشۇرىۋېتىدىكەن .
ھەرىكەت ئاز بولسا قان تومۇرىدىكى ئەخلەت كۆپىيىدۇ . ئادەمنىڭ تۆۋەنكى مۈچىسىمۇ ناھايتى ناھايتى مۇھىم ، ئەمما كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ھەمىشە سەل قارايدۇ . مېڭە قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭكىدىن ئىككى –ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ ؛ تۆۋەنكى مۈچ قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، بۇ ئېھتىماللىق تۆت ھەسسىگە يېتىدۇ . نورمال ئادەمنىڭ ھەر كىۋادىرات مىللىمېتىر تېرىسىدە 600 تال قىلدام تومۇر بولۇپ ، ئادەتتە ئاران 100–200 ىلا ئېچىلىدۇ ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە ، تېخىمۇ كۆپ قىلدام قان تومۇر ئېچىلىپ ، مىكرو قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ . ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلمىغاندا ، قان تومۇرىدىكى ئەخلەت تەدرىجى كۆپىيىپ ، بوتقىسىمان داغ پارچىلىرى بولۇپ شەكىللىنىدۇ ، يەنە قىلدام قان تومۇرنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12184
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 447 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 04:53:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
- تاماكا چىكىشنىڭ بالىلىرىڭىزنىڭ تۇغۇلما گېن مىراسىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟

- سىزنىڭ تاماكا چېكىشىڭىز سەۋەبىدىن بالىلىرىڭىز يۇقتۇرۇۋالغان ۋەيرانچىلىقتىن ئاسانلا قۇتۇلىدۇ دەپ ئويلامسىز؟

- بالىلىرىڭىزغا ناچار ۋە پەس ئىشلاردا ئەمەس، بەلكى ياخشى ۋە گۈزەل ئەخلاقتا ئۆلگە بولىشىڭىز كېرەك ئەمەسمىدى؟

- باللىرىڭىزنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن سىزگە بېرىلگەن ئامانەت ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئالدىدا سوئال - سوراق قىلىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەمسىىز؟
بۇ قۇرلار ھەققىدە ئويلىنىپ باقەيلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hislet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-6 04:54 PM  


ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83654
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3786
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 04:59:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sirlikmalika يوللىغان ۋاقتى  2013-2-3 07:01 PM
ۋاي خۇدايىم ئاۋۇ ئۈستىدىكى رەسىمنى كۆرۈپ تاسلا قالدىم  ...

قىزلامۇ چىكىدىكەن   شۇڭا قىزلامۇ كۆرسە بولىدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39686
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4275
تۆھپە نۇمۇرى: 635
توردا: 1086 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:10:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئېچىپلا رەسىمگە قاراپ قورقۇپ كەتتىم، تاماكا چەككۈچىلەر ئوبدان كۆرسە بولغىدەك ماۋۇ تېمىنى.


ئۈمىد پەرقلەندۈرەر بىزنى شەيتاندىن، ئۈمدسىز شەيتانمىش بىنەسەپ جاندىن. مەڭگۈ قارا زۇلمەتتە قالماس بۇ ۋەتەن، ئۈمدنى ئۈزمىگىن سەن سۈبھى تاڭدىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش