ئى تاماكا چەككۈچى قېرىنداشلىرىم:
تاماكا چەككۈچى قېرىنداشلىرىمدىن تۈۋەندىكى سۇئاللارنى سورايمەن ۋە چىن قەلبىدىن سەمىمى ھالدا جاۋاب بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
- تاماكا چىكىشنىڭ بالىلىرىڭىزنىڭ تۇغۇلما گېن مىراسىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟
- سىزنىڭ تاماكا چېكىشىڭىز سەۋەبىدىن بالىلىرىڭىز يۇقتۇرۇۋالغان ۋەيرانچىلىقتىن ئاسانلا قۇتۇلىدۇ دەپ ئويلامسىز؟
- بالىلىرىڭىزغا ناچار ۋە پەس ئىشلاردا ئەمەس، بەلكى ياخشى ۋە گۈزەل ئەخلاقتا ئۆلگە بولىشىڭىز كېرەك ئەمەسمىدى؟
- باللىرىڭىزنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن سىزگە بېرىلگەن ئامانەت ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئالدىدا سوئال - سوراق قىلىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەمسىز؟
- ئاللاھ تەرىپىدىن سىزگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتنى زايا قىلىۋەتكىنىڭىز ئۈچۈن ئاللاھغا نېمە دەپ جاۋاب بىرىسىز؟ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ھەممىڭلار پادىچىدۇرسىلەر، ھەممىڭلار ئۆزەڭلارنىڭ پادىسىدىن جاۋاپكاردۇرسىلەر ». [11]
دېگەن سۆزى ئارقىلىق ھەممىمىزنىڭ پادىچى ئىكەنلىكىنى ۋە پادىمىزدىن مەسئۇل ئىكەنلىكىمىزنى ئۆگەتكەن ئەمەسمىدى؟
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.[12]
ئەگەر بالىڭىز ئاتا سىز نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىسىز؟ تاماكا ياخشى ئادەتمۇ ؟ مەنمۇ چەكسەم بۇلامدۇ؟ دەپ سورىسا نېمە دەپ جاۋاب بىرىسىز؟
تاماكىنىڭ نىجىسلىقى بەدەنگە، ئەقىلگە، مالغا، جەمئىيەتكە ۋە ئەخلاققا زىيانلىق بولغانلىقى سەۋەبىدىن مەكروھ ئەمەس، بەلكى ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن ئۇمۇمى ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ھاراملىقى ھەممىگە مەلۇمدۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ : «ئۇ، ئۇلارنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ» [1]
يۇقىرىدىكى ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە، يېمەك - ئىچمەكلەردىن پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىپ نىجىس ۋە نا پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
جۈملىدىن ھېچقانداق بىر كىشى تاماكىنى پاك دەپ ھۆكۈم قىلمىغانلىقى، ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن تاماكا ۋە باشقا چېكىملىكلەر يۇقىرىدىكى ئايەتتە زىكرى قىلىنغان نىجىس نەرسىلەرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى: تاماكىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھەممە تۈرى، يەنى چايناش ياكى چىكىش بولسۇن ھەممىسى ھارامدۇر. تاماكا چەككۈچىلەر دەرھال تەۋبە قىلىشى كېرەك.
ئەمما بۇرۇنقى ئالىملار ۋە پىقھىشۇناسلارنىڭ تاماكا ھەققىدىكى ئىختىلاپلىرى، تاماكىنىڭ ھاراملىقىغا كەلتۈرۈلگەن دەلىللەردە بولماستىن، بەلكى تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ھەققىدە بولغان. ۋەھالەنكى، تاماكىنىڭ زىيىنىنى ئىسپاتلاپ چىقىش ئالىملار ۋە پىقھىشۇناسلارنىڭ ئىشى ئەمەس بەلكى دوختۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىدى.
لېكىن ھازىرقى ئەسىردە تاماكىنىڭ ئىنساننىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق نەرسە ئىكەنلىكى مۇتەخەسسىس دوختۇرلار تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىپ پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىندى. ھەتتا تاماكا قېپىنىڭ ئۈستىگىمۇ «تاماكا سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق، تاماكا سىزنى ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن ئۆلتۈرىدىغان قاتىل» دېگەن مەزمۇندا ئاگاھلاندۇرۇش يېزىلىدۇ.
بارلىق ئالىملار ئىنسانغا زىيانلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ ھاراملىقىغا ئىتتىپاق كەلگەن بولۇپ جۈملىدىن تاماكىمۇ ھارامدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « ئىسلامدا باشقىلارغا سەۋەپسىز زىيان سېلىش ۋە ماڭا زىيان سالدى دەپ ئاشۇرۇپ زىيان سېلىشمۇ يوق». دېگەن.[2]
دېمەك: يۇقىرىقى دەلىللەرگە ئاساسەن تاماكىنىڭ ھاراملىقىغا شەك پەيدا قىلىدىغان ياكى مەكروھ دەپ قارايدىغانلار ئۈچۈن ھېچقانداق چىقىش يولى يوقتۇر.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! تۆۋەندە بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان بەڭگىلەرنىڭ تېخىمۇ بەكراق قانائەتلىنىپ تاماكا چېكىشنى تاشلىغۇسى دېگەن ئۈمىد بىلەن بەزى ئالىملارنىڭ تاماكا ھەققىدە بەرگەن پەتىۋالىرىنى نەقىل قىلىپ كەلتۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
مىسىر پەتىۋا ھەيئىتىنىڭ تاماكا ھەققىدە بەرگەن پەتىۋاسى:
مىسىر پەتىۋا ھەيئىتى ھىجرىيە 1420 – يىلى جامادىيەل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 25 – كۈنى تاماكىنىڭ قەتئى ھاراملىقىغا دائىر پەتىۋا چىقارغان بولۇپ پەتىۋادا مۇنداق دېيىلگەن: تاماكا چېكىشنىڭ ئىسراپخورلۇق ۋە مالنى بوزۇپ چېچىش ئىكەنلىكىدىن باشقا يەنە ئىنسانلارغا زىيانلىق ماددا ئىكەنلىكى ھازىرقى زامان تىببى مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلانغانلىقى ۋە قۇرئان كەرىمدىكى، «سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار.[3] دېگەن ئايەتكە ئاساسەن تاماكا قەتئى ھارامدۇر.
- تاماكا چېكىش ھەققىدە دوكتور يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ بەرگەن پەتىۋاسى:
دوكتور يۈسۈپ قەرداۋى پەتىۋاسىدا، تاماكىنىڭ پاسكىنا ۋە ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق نەرسىلەر قاتارىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامدا ھارام قىلىنغان نەرسىلەر قاتارىدىن سانىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە تۆۋەندىكىدەك دەلىللەرنى كەلتۈرگەن.
1- قۇرئان كەرىمدىكى: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار».[4]
2- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئىسلامدا باشقىلارغا سەۋەپسىز زىيان سېلىش يوق ۋە ماڭا زىيان سالدى دەپ ئاشۇرۇپ زىيان سېلىشمۇ يوق».[5] دېگەن ھەدىسى.
دوكتور قەرداۋى تاماكىنىڭ ھاراملىقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ ئىقتسادىي زىيان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئەئراف سۈرىسىدىكى «ئىسراپ قىلماڭلار، اﷲ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ» دېگەن ئايەتنى دەلىل كەلتۈرۈپ ، تاماكىغا ئىقتىساد سەرپ قىلىشنىڭ، ئىقتىسادنى ئىسراپ قىلىش ۋە بۇزۇپ چېچىش، ئۆزىنىڭ نەپسىنى دەپ ئائىلە ۋە ئەۋلادلارنىڭ رىزقىغا زۇمىگەرلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تاماكىنىڭ ئىسلام ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىنسانلار ئۈچۈن جان تىكىپ قوغداش زۈرۈر بولغان بەش مۇھىم نەرسە دەپ بىكىتىلگەن دىن، جان، ئەقىل، نەسىل ۋە ئىقتىسادتىن ئىبارەت زۆرۈرىيەتلەرگە قارىتا ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرلىرىنىمۇ ئالاھدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستان مۇفتىسى بىن باز رەھىمەھۇللاھغا كۆرە: تاماكا ھاراملىقتا خۇددى ھاراققا ئوخشاش بولۇپ، چېكىش ۋە سېتىشمۇ ھاراققا ئوخشاشلا ھارامدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تاماكا چەككۈچى ۋە ساتقۇچىلار ئاللاھغا ھەقىقى تەۋبە قىلىشى ۋە ئىككىنچى بۇ گۇناھقا قايتماسلىققا بەل باغلىشى كېرەك.
يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىدىن شەيخ ئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ تاماكا ۋە شىشە چىكىشنىڭ ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكى تىببى ئىلىملەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن ھارام دەپ قارايدىغان بولۇپ، تۈۋەندىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى دەلىل كەلتۈرگەن.
1- «سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار». [6]
2- ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار)[7]
3- ماللىرىڭلارنى ئەخمەقلەرگە تۇتقۇزۇپ قويماڭلار)[8]
ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتتە ماللىرىمىزنى ئەخمەقلەرگە تۇتقۇزۇشتىن توسقان. چۈنكى ئەخمەقلەرگە مال تۇتقۇزۇلسا، ئۇلار ئۇ مالنى بىھۇدە بۇزۇپ چاچىدۇ. جۈملىدىن تاماكا ۋە شىشىگە ئوخشاش چىكىملىكلەرگە مال سەرپ قىلىشمۇ مالنى بۇزۇپ چېچېش قاتارىغا كىرىدۇ.
تاماكا ۋە باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش:
قېنى بەزى كىشىلەرگە ئوخشاش: تاماكا چېكىش ھارام ئەمەس مەكروھ دەيلى. ئۇنداقتا تاماكا چەككۈچىلەر باشقىلارغا يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە نېمە؟ دەپ جاۋاب بىرىدۇ.
چۈنكى، تېببىي مۇتەخەسسىسلەر تاماكىنىڭ يۈرەك ئېغىشى، ئۆپكە كېسىلى، قىزىل تومۇرىنىڭ قېتىپ قېلىشى، بوغما ئۈچەي ياللۇغى، ئانگىنا، ئاشقازان كېسىلى، جىنسىي ئاجىزلىق ۋە باشقىمۇ كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققاندىن باشقا، ئەتىراپىدىكى كىشىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:. «اﷲ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلار (يەنى اﷲ ۋە رەسۇلۇللاھ يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغانلار) نى اﷲ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييار لايدۇ . مۆمىنلەر ۋە مۆمىنلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بۆھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ».[9]
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مۆمىن بولالمايدۇ، اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مۆمىن بولالمايدۇ، اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى مۆمىن بولالمايدۇ« دېدى، كىم ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »ئۇنىڭ يامان قىلىقلىرىدىن قوشنىلىرى خاتىرجەم بولالمىغان كىشى« دېدى.[10]
تەرجىمە قىلغۇچى ئابدۇلئەھەد ئۇجات.
[1] سۈرە ئەئراف 157-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[2] ئىبنى ماجە رىۋايىتى
[3] سۈرە نىسا 29- ئايەت
[4] سۈرە نىسا 29- ئايەت
[5] ئىبنى ماجە رىۋايىتى
[6] سۈرە نىسا 29- ئايەت.
[7] سۈرە بەقەرە 195- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[8] سۈرە نىسا 5- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[9] سۈرە ئەھزاپ 57-58- ئايەتلەر.
[10] بۇخارى رىۋايىت.
[11] بۇخارى رىۋايىتى
[12] . سۈرە مۆئمىنۇن 8- ئايەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Hislet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-3 05:44 PM