سېغىنىش سۆزى ئۇ، ئاران ئۈچ بوغۇم،
تۆت بولسا ئالاركەن جاننى تېنىمدىن.
ئۈچ بوغۇم سۆزۈم بار ئاڭلامسەن نىگار،
سۆيىمەن مەن سېنى ئوتلۇق يۈرەكتىن.
كۈتكەنتىم كەلمىدى سۆيۈلۈش ماڭا ،
سۆيۈلۈش كەلمىگەچ كۈتۈشنى سۆيدۈم.
سۆيۈلۈش،كۈتۈشلەر چاقناپ تۇرسىمۇ،
ياشلىقتا ئامالسىز ھىجراننى سۆيدۈم.
كۈنلىرىم ،تۈنلىرىم كۈتمەكتە سېنى ،
سېغىنسام سىمايىڭ يۇلتۇز كۆرۈنەر .
كەلمىسەڭ ناۋادا يېنىمغا نىگار ،
قەبرىسىز سېغىنىش چىمداپ ئۆلتۈرەر.
ئۈچ بوغۇم سېغىنىش باغرىغا باستى،
كۈنلىرىم ئۆتەرمۇ يۇلتۇزنى ساناپ .
سېغىندىم ئەسلىدىم سايرىدىم كۈتتۈم،
كۆزلىرىم تېشىلدى يولۇڭغا قاراپ .
ئۈچ بوغۇم سېغىنىش ئۇيقۇ ئوغرىسى ،
قىينايدۇ ھەر كېچە ئاشىق يۈرەكنى .
بىر كەلگىن يېنىمغا نىگارىم تېز كەل ،
ئاشۇرۇپ ئەمەلگە ئارزۇ-تىلەكنى .
باغراش كاككۇكى..
2013.02.01
شەھىرى-كورلا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kakkuk11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-1 10:43 PM