يېتىلىۋاتقان ئەزا
بىكارچى ئەركيار يول بويىدا،كۈلەڭدە تىنىپ ياتقان بىكارچى، بارچە يۈرسە ئالدىراش،چېنىپ ياتقان بىكارچى، بامداتمۇ يوق سەھەردە قېنىپ ياتقان بىكارچى، تۇرغىن دېسە مىڭ تۈرلۈك بانە تاپقان بىكارچى، ياپياش تۇرۇپ «قۇتقۇزۇش» ئېلىپ ياتقان بىكارچى. بىكارچىنى پەس دېمەڭ، ئەخمەقلەرگە تۆرى ئۇ، دادا يۈرەر ئېڭىشىپ نۇمۇس قىلماي ئۆرە ئۇ، ساختا«غۇرۇر» بەك ئۇلۇغ،ئۆز-ئۆزىگە جۆرى ئۇ، ئۈمىد،نۇسرەت كۆمۈلگەن تىرىكلىكنىڭ گۆرى ئۇ، غەيۋەت،رەنجىش مۇڭىنى چېلىپ ياتقان بىكارچى. ئوتۇن باغلاپ باقمايدۇ بىكارچىنىڭ تانىسى، ئويۇنغا بەك چاپىدۇ ئاستىدىكى چانىسى، چىڭ يېپىشقان راھەتكە خۇددى يىلىن كانىسى، گىياھچىلىك نېپى يوق بىكار تۇغقان ئانىسى، يۇرتقا ۋابا ئىسمىغا «...چى»نى چاتقان بىكارچى. قېرىندىشىم بەرگۈم بار بىكارچىغا تەسەللى، دېيەلمەيمەن ۋە لېكىن قىلغىنىنى «ھەببەللى...»، مەندىن ئەمەس دىبو①دىن بولسا ئىدى تەرەللىي، ئۆز غېمىنى يېيىشمۇ ئادىمىيلىك ئەقەللىي، كۆيۈم نېمە چۈشەنمەي شىلتىڭ ئاتقان بىكارچى. ① دىبو ــ خەنچە ئىبارە، «تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى»مەنىسىدە. خەلق ئارىسىدا ئۆزلىشىپ قالاي دېگەن بۇ سۆز چىنلىقنى ئىپادىلەش ئېھتىياجىدىن ئېھتىيات ئاساسىدا ئىشلىتىپ قېلىندى.ئۇيغۇرچە ئاتاش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
پاش قىلىش
يىـڭى ئــەزا
باغراش كاككۇكى!!!
ئۈمىدلىك ئەزا
سۆز چەكلەندى
ئادەتتىكى ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ