ناركوز ياپراقلىرى
1
ئۆيگە تىزرەك يېتىپ بىرىشنى ئويلايتتىم،ھەممە ئەزايىم لاغىلداپ تىترەيتتى.ئۆيگە قارىغاندا تالا كەڭ بولىدۇ،لىكىن شۇ تاپتا تالاغا پاتماپۋاتاتتىم،تالا مىنىڭ ئەمەس-تە.بۇ يەرنى ھەممە ئادەم تالىشاتتى،خۇددى كىشىلەر بەس-بەس بىلەن تەۋەلىك خىتىنى يانچۇقىغا سىلىپ يۈرگەندەك،ئادەملەر بىر-بىرىگە ھومىياتتى،بىر-بىرىگە قاراشقا پېتىنالمايتتى.بەزىلەر ياقىسىنى تۇتقان ھالدا يەرگە قارىغىنىچە ئىتتىك ئۆتۈشۈپ كىتەتتى.رەستىدە ئادەملەر تولا،ھەربىر ئادەم بىر مەركەز.قەدىمكىلەر يىراق يۇلتۇزلادىن كەلگەن مۇزىكىنى تىڭشاپ ھوزۇرلانغان،ھازىرقى ئادەملەر بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ يۈرۈپمۇ بىر-بىرىنىڭ ئىچىدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىيالماس بولۇپ كەتكەن.رەستىدە ئادەملەر تولا،لىكىن ھىچكىمنى تاپقىلى بولمايدۇ.شۇنداق پاتىپاراقچىلىق،كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۆيىگە ئالدىرىشىدۇ.ھاۋا شۇنداق ئوچۇق،قوياش ناھايتى ئىگىزدە.شەھەرنىڭ ئارزۇلۇق دەرەخلىرى ۋىجىك قوللىرىنى پەلەككە سوزۇپ تۇرىدۇ،قۇشلار بىلەن سىردىشىپ باقمىغان ياپراقلار ئاسفالىتتىن ئۆرلەپ چىققان ھارەتتە لاپسىيىپ كەتكەن.
ئادەملەر،نەگە بارىسىلەر؟كىمدۇر بىرى ئىتتىك ماڭىمەن دەپ يىقىلىپ كەتتى،شىمىنىڭ تىزى قىسمى يىرتىلىپ،تىزى سۈرۈلۈپ كەتتى.ئۇ ئالمان تالمان قوپۇپ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردى.مەنمۇ يۈگۈردۈم،باشقىلارمۇ يۈگۈردى.ھەممە ئادەم تەرەپ-تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.بارار يىرىمىز ئوخشاش بولمىغاچقا ،بىر بىرىمىزگە پۇتلىشاتتۇق،ئەلپازىمىزنى بۇزۇپ قاراپ قويۇشاتتۇق.نىمە ئىش بوپتۇ؟ھىچ ئىش يوق،تىپتىنىچ.ئۆگىتىلگەن قۇشلار يىشىل تىنچىلىق جەمئىيىتىگە يۈزلەنگەن.
تار بىر خالتا كوچىغا كىردىم.ئۇ دۇنيا بىلەن بۇ دۇنيا ئارلىقىدەك مەڭگۈلۈك تار كوچىمۇ نىمە؟ئىختىيارىمنى كوچىغا بەردىم.ھېچنىمىنى تاللىماسلىقىم كىرەك،چۈنكى ئىككى قاسناقتا تام،تامنىڭ ئۇ تەرىپىدە قايسى خىل دۇنيانىڭ بارلىقىنى ئويلىماسلىقىم كېرەك،باشقىلاردىن سورىسام تىخىمۇ بولمايدۇ.بىر پەيغەمبەر(بۈگۈنكى تاش دەۋرىنىڭ پەيغەمبىرى بولسا كېرەك)ئادەمگە مېڭىشتىن ئىبارەت بىرلا ئىمكانىيەت بار ،دىگەن ئىدى.ئەگەر ماڭغىلى بولمىسىچۇ؟
ـ خىيالىڭ بىلەن ماڭ،ـ دېدى ھىلىقى پەيغەمبەر.
ـ خىيال بىلەن نەگە بارغىلى بولىدۇ؟
ـ بارلىق راست ۋە يالغان نەرسىگە بارغىلى بولىدۇ.
ـ مەن ئۇنىڭغا موھتاج ئەمەس.
ـ توغرا ئۆزۈڭ موھتاج نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگىچە ماڭ.
ـ ئاندىنچۇ؟
- ئېرىشكىچە ماڭ.
-مەن ھازىرغىچە ماڭدىم ،لىكىن ھىچنىمە يوق.
-ئاۋال بىشىڭ بىلەن ماڭ،ئاندىن پۇتۇڭ بىلەن ماڭ.
ـ قورسىقىم بىلەن مىڭىپ خاتا قىلدىممۇ نىمە؟
ـ ئەگەر يەنىلا قورسىقىڭ بىلەن ماڭساڭ ئۆملىگۈچىلەر قوۋمىغا كىرىپ كىتىسەن.
پىكىر بىلەن ئۆتكەن ۋاقىت شۇنچە قىسقا،بىراق شۇ ۋاقىتتا كائىناتنى نۇرغۇن قىتىم دەۋىر قىلغىلى بولىدۇ.
ئۆي ـ ئۆزۈمگە تامامەن مەنسۇپ دۇنيا،ئۇ يەر روبىنزۇننىڭ تەنھا ئارىلىغا ئوخشايدۇ.ئىشىكىمنى ئاچتىم ـ دە ،كىردىم.ئەمدى ئارام ئېلىشىم كېرەك.ئىشىكنىڭ ئۈلگۈجەكلىرىنى مۇستەھكەم ئەتتىم،كەينىمگە چۈشكەنلەر بارمۇ –يوق ،دەپ ئەتراپنى تىڭشاپ باقتىم،ئەتراپ تىمتاس،ئىشىكنى ئوبدان تاقىدىم،خۇددى پەلتۇيۇمنىڭ تۈگمىسىنى مەھكەم ئېتىپ ،ياقىسىنى كۆتۈرۋالغاندەك.كۆڭلۈم ئازراق تىنىم تاپقاندەك بولدى.قىلغانلىرىمدىن مەمنۇن بولغاندەك بولدۇم.بۇ مەمنۇنلۇق چىرايىمغا تەپتىمۇ – يوق ،دەپ ئەينەككە قاراپ باقتىم،ئەينەكتە ئاخىرەتنىڭ پەيغەمبىرى كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى.
ـ ئاللاغا ئىشەن،لېكىن تۆگەڭنى مەھكەم باغلا!-دېدى ئۇ.
-تۈگەمنى يۈتتۈرۋەتتىم،ئى ئاللا دېدىم خورسىنىپ.
-ئادەمنىڭ مۈلكى چەكسىز،تۈگمەڭگە قارا،ئۇمۇ سىنىڭ مۈلكۈڭ،مۇراسىمغا چىرايلىق كىيىنىپ بارغىن .
ئۆيۈم نەبىيلەر خۇمارىغا ۋاسىل بولغان تۇر تىغىغا ئوخشاپ قالدى.
دىرىزىدىن قارىدىم،ئاسمان شۇنچە تىنىق بولۇپ ،قارىغانسىرى يۈكسىلىپ باراتتى.بىر تۈپ تاش ئالما دەرىخى نۇرلارنى بەكلا ياخشى كۆرسە كېرەك،ھەر بىر نوتىسى بىر يۇلتۇزنى كۆزلەپ بوينىنى سوزغانىدى.
2
ئۈستباشلىرى قىپقىزىل قانغا مىلەنگەن بىر ئادەم جەننەتنىڭ ئىشىكىگە يېقىنلاشتى.پەرىشتە سورىدى:
-توختا نىمە ئادەمسەن؟
-كۆرمىدىڭمۇ؟نائەھلىلەر مېنى شۇنداق قىلىشتى.مەن ھىچكىمگە ئازار بەرمىگەن بەندە ئەمەسمەن.ئۆمرۈمنى ئېتىكاپتا ئۆتكۈزدۈم.پانىي دۇنيا ناھەقچىلىق بىلەن تولغان.بىر نائەھلى ماڭا ئازار قىلدى،ماڭا بىھۇدە تىغ ئۇردى.بارچە قىساسنىڭ ئۆزى ئاللاغىلا خاس ،دەپ مەن باقىي دۇنيانىڭ شەپقىتىنى سېغىنىپ كەلدىم.
-توختا،سەن ئۇنىڭغا تىغ تەڭلىدىڭمۇ؟
-ياق.
-ئۇنى تىللىدىڭمۇ؟
-ياق.
-ھومايدىڭمۇ؟
-ياق
-ئىچىڭدە پىكىر قىلدىڭمۇ؟
-ياق.
-ئارقاڭغا يان ،سەن دوزاخنىڭ بەندىسى ئىكەنسەن.
-ماڭا ئۇۋال بولدى،ئاللا ماڭا ھەر ئىككى دۇنياسىنى نىسى قىلدى.
-ئۆزۈڭ ئۆزۈڭگە نىسى بوپتۇ-ۋىجدان قېنىڭغا نېىسى،پەرمان ئېسىڭگە نېسى،جەننەت قىلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا.
3
كۈن ئەۋەتتىم مەن ساڭا،
ئاي ئەۋەتتىم مەن ساڭا.
كۈنمۇ ياندى،ئايمۇ ياندى،
ھىچ خەۋەر يوقتۇر ماڭا.
ئاخىر خىتىمنىڭ ئارقىسىدىن ئۈزۈم باردىم،زېمىننىڭ چىكىگە كەلگەندە دۈپدۈگىلەك قوياش قىزىرىپ چىقۋاتاتتى.
-ئەي ،قوياش....
-بولدى،بەس.سەن ھەممىدىن بۇرۇن ئويغانغان تۇنجى ئادەمسەن.قوياشنى قوغلىغان ئادەمنىڭ ئۆزى قوياش.
قوياشنىڭ يۈزىدە كۆيمەي ياشىرىپ تۇرغان بىر ئىنشانى كۆرۈپ قالدى،ئىنشا بەئەينى ئۆگزىگە ياماشقان ھەشقىپىچەكتەك ياپيېشىل كۆرۈندى:
ئىككى دۇنيا ئىلمىگە كامىل بىر كىشى ئۆلگەندىن كىيىن جەننەت ئىشى ئالدىغا كەلدى.
پەرىشتە سورىدى:
-ئى بەندە،توختا ،سەن ئالدى بىلەن جەننەتكە كىرىشتىكى سالاھىتىڭنى ئېيتىپ بەرگىن.
-ياق،سەن ئالدى بىلەن بۇ يەرنىڭ راستىنلا جەننەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگىن،ئۇ پانىي دۇنيادىكى شۇر پىشانىلەرنىڭ ئىنتىزارلىقىدىن پۈتكەن ساي ئەمەستۇر؟
پەرىشتە تېخى جاۋاپ بېرىشكە ئۆلگۈرمەستىن ،دەرۋازا ئىچىدىن بىر ئاۋاز كەلدى:
-ئۇنى كىرگۈزۋەت،ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئادەم ئىكەن.
4
ئويغىنىپ كەتتىم.ئۈزۈمنى مىشەكتەك ھىس قىلدىم.قارىغاندا ،ئېتىلىپ بولغان بولسام كىرەك.روھ ئوققا ئوخشاش ئۆزى تەگكەن يېرىدە ئىز قالدۇرمايدۇ.
تەن –مىشەك،روھ-ئوق،مىشەك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشنىڭ ئۆزىلا ئوقتۇر.
ناشتىغا تۇتۇش قىلدىم،دېرىزەم ئۇدۇلىدىكى قوياش ھېلىقى ئەۋلىيالارنىڭ ئىنشاسى پۈتۈلگەن قۇياشنىڭ ئۆزى ئىدى.
قايناقسۇنى ئۇزۇن قايناتتىم،ئۇ تىخىمۇ قاينىشى كىرەك.زىياپەتتە ۋۇلقان يۇتۇۋالغىنىمدىمۇ چىرايىمنى پۈرۈشتۈرمەسلىكىم كىرەك.مەن ئۇنى قۇيغىنىمدا ھەممە نەرسە ئېرىپ كەتتى.
قايناقسۇغا قېنىمدىن بىر تامچە قوشۇم-دە ئۇ مىنى تونۇدى،گۈپپىدە ئىچىۋەتتىم.
1997-يىلى مارت،ئۈرۈمچى
ئاپتۇرنىڭ ‹‹يۈزىمىز ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز›› دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-1 09:53 PM