(تەۋسىيەم باشقۇرغۇچى بۇ تېمىنى تەۋسىيەلىك تېمىغا كىرگۈزۈپ قويغان بولسىڭىز....
ئۆچۈرۋەتمىگەيسىزلەر )
مۇشۇ تېمىنى كۆرگەندە قانداق سېزىمدە بولدىڭىز؟!
سىز مۇشۇنداق ئىشنى قىلىپ باققانمۇ؟!
مۇشۇنداق ئىشنى كۆرسىڭىز قانداق قىلىسىز؟!
..........
مانا، بۇ “تاققا- تۇققا” نى كۆرگەندىن كېيىنكى جاۋا بېرىدىغان سوئالىڭىز:
ئايروپىلانلار كېلىۋاتىدۇ،
ئىگىز ئۇچۇپ پەس بولۇپ.
بىزنىڭ يارلار كېلىۋاتىدۇ،
ئادەمنىڭ ئۆچلۈكىنى كەلتۈرۈپ....
------------------------------
ئاقتۇر بىلىگىم ئاقتۇر،
ياردىن تەلىيىم يوقتۇر.
ياردىن تەلىيىم بولسا،
خوتۇندىن تۆت بەشنى ئالاتتىم......
------------------------------
دۇتتار چېلىپ ئولتۇرسام،
خىيالىمغا سەن كەلدىڭ.
دەردىڭ بولسا ئېيت يايرىم،
بەش ئالتىمىز غەيۋەت قىلغىلى كەلدۇق......
-------------------------------
سېنىڭ مەنۇ سېنىڭ مەن،
سېنىڭ بولماي كىمنىڭ مەن.
قەشقەرنىڭ بازىرىدىن،
دوپپا ئالىمەن دەپ، سېسىق گەپ ئاڭلىۋالدىم جۇما.....
---------------------------
دۇتتارىم ئون بەش پەدە،
باش پەدە يامان يەردە.
ئوينىغىلى قويمامسەن،
ئاران بىر شىيۇ جىيا ئالغاندا.....
--------------------------
ئاسمىنىڭدا ئاي بولۇپ،
جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم.
پىيالەڭدە چاي بولۇپ،
سەكرەپ چىقىپ بوھ دەپ سېنى قورقۇتسام.....
---------------------------
دەرت ئەلەملەر كېلىدۇ،
ئوغۇل باللارنىڭ باشىگە.
سايدا تۈگمەن چۆرگىلەيدۇ،
بۇغدايلىرى بولسا ئۇن تارتىۋالامدا غوجام.....
مېنىڭ جاۋابىم:
-توۋا!- دېمەي، بىئىلاج مەن.
قىززىق...
ئۆز تىلىنىڭ قەدىرىنى قىلمىغان كىشىگە يەنە نېمە دېيىش؟!
ئۇيغۇر تىلى لوگىكىسىدا، گىرامماتىكىسىدا مۇنداق تەتى-پەتى جۈملىلەر يوق ئىدى.
تىلنى يېڭى ئۆگەنگەن بالىمۇ خېلى جايلاپ تۈزىدۇ جۈملىنى....
تىلنى شاڭخو قىلىپ، شادلىنىدىغان گەپ ئىكەن دە!
ئاھ، خۇدا! بۇلارنىڭ ھالىغا قارا.......
ئۆزىنىڭ تىلىنى ئۆزلىرى كۈلكە، شاڭخونىڭ پىلتىسى قىلىپ يۈرگەنلىرىگە، شادلنىپ كۈلگەنلىرىگە....
ئويۇن كۆرىۋاتقان باشقا مىللەتلەر كۆتىگە ئۇرۇپ، «ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق» دەپ، ناخشا توۋلىماقتا...
بىز نېمە قىلىشقا يارالغان؟!
بىز قانداق مىللەتنىڭ ئەۋلادى؟!
بوۋىلارنىڭ نەسھىتى قېنى؟!
مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ.....لار سۆز سەنئىتى بولغان بۈيۈك ئۇيغۇر تىلنىڭ مۇشۇنداق ئويۇن، كۈلكە قاتارىدا قېلىشىنى ئويلاپ كۆرگەن بولغىيمىدى؟!
يا رەببىم، بۇلارنىڭ ھالىغا- ئويۇن، كۈلكە قالمىغاندەك ئۆزىنىڭ تىلغا يەنى ئانا تىلىغا (خۇددىي ئانىسىىنىڭ چېچىنى چۇۋۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ ...)قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىگە .....ئۆزىنى ئاقلىغان تىلىغا قارا!؟
قەلەندەرنىڭ دەيدىغىنى مانا، مۇشۇ.
يەنە سۆز ئالىدىغانلار بولسا، مەن تەييار!
جاھان نەدە كېتىپ بارىدۇ؟!
بىزلەر نېمە كويدا؟!
بىر -بىرىمىزنىڭ ئەپتى -بەشىرىسىنى ئېچىپ، شاڭخو قىلىپ، مازاق قىلىپ ياشاۋېرەمدۇق؟!
ئىلىخولۇق (يۇرتۋازلىق قىلىپ باقماپتىكەنمەن)، ئىلىخولۇق (ئۇيغۇر) بۇنداق ناچار ئىشلارنى قىلمايدۇ.
قىلىدىغانلار ئۆزىڭىز بىلىڭ، بۇنى قانداقتۇر بىر رايوندىكى بۇنداق قىلمايدىغان كىشلەرنىمۇ قېتىپ «بىز» دەپ، كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى قوشماي!
بۇنى خاتا دەيدىغان تىلىڭلارنى قەلەندەرنىڭ ساپايىسىنىڭ جالدۇر-جۇلدۇرلىرى قىسىۋالسۇن...
قېنى، ئۆزىڭىزنى تىلنى ھۆرمەت قىلىدىغان، مىللەتنى ھۆرمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ بىر ئەزاسى دېيەلەمسىز....
سەت ئىش ئەمەسمۇ مۇشۇ؟!
تاققا-تۇققا، ئۆزىڭىز ياساپ ئويناڭ...
ئۇيغۇر تىلىدىن چىققان نادىر قوشاقلارنى، ناخشا تېكىستىلىرىنى بۇزۇپ ئوينىماي!
تىل- دىل دېمەكتۇر!
دىل- تىل دېمەكتۇر!
تىلنى بۇنداق بۇزغىلى تۇرساق ئەمدى...
ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزى بار! دۈشمەنلىرىمىزگە ئوت پىلتىسى يېقىپ بەرمەيلى.
تىلىمىزنى بىلىدىغان يات مىللەتتىكى بىرلىرى كۆرسە، نېمە دەر سىزچە؟!
-بۇ خەق مانا تۈگەشتى! ئۆزىدىكى قىممەتلىك نەرسىنى نىجاسەتكە تاشلاپ يۈرسە، ئاقىۋىتى نېمە بولمايتتى بۇلارنىڭ...تىلىنى ھۆرمەت قىلمىغان ئادەم مىللىتىنىڭ نېمىسىنى ھۆرمەت قىلسۇن؟! پەقەت ئۆزىنىڭ قورسىقى ئۈچۈن ياشايدىغان رىياكارلاردىن بولىدۇ، خالاس!
ئۇلار يەنە نىېملەرنى دەر-ھە؟!
بۇ بىر ماز قىلىق. ئەيمەنمەي كۈلكە، شاڭخو دېيىشلەرچۇ؟!
كۈلكە، شاڭخو قىلىدىغان باشقا ئىش يوقما؟!
قوتاندىكى قويىڭىزغا كىىيم كىيدۈرۈپ ئوينىسىڭىزمۇ شۇنداق كۈلكە چىقىدۇ.....
مېنىڭ ئانا تىلىمغا بىھۆرمەتلىك قىلغان ھەرقانداق ئادەمگە دەيدىغان گېپىم مۇشۇ!
- بۇ مېنىڭ تىلىم!
ئۇيغۇرنىڭ تىلى!
.........
بىر چىشلەم گۆش بۇ تىلىم سەنسىز...
بىر مۇردىدۇر بۇ تېنىم سەنسىز....
زۇلمەتتۇر قۇياش بولسىمۇ، سەنسىز،
ئىماندا نۇرلىنامدۇ بۇ دىلىم سەنسىز!!!
مەنبە: مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-31 01:17 AM