ئوربىتىلىق ھەركىتى تەتۆر پىلانىتلاردىن ئويلىغانلىرىم
قاسىم سىدىق
2013-يىلى1-ئاينىڭ 28-كۆنى «جوڭگۇ پەن-تىخنىكا تورى »قاتارلىق بىر قانچە تور بىكەتلەر«ئاققۇ يولتۇز تۆركۆمىدە تەتۆر ئايلىنىدىغان،تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان پىلانىت بايقالدى:يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىغى 1040 يورۇقلۇق يىلى»دىگەن خەۋەر بىرىلدى.
艺术家绘制的HAT-P-7行星系统想象图
بايقىلىشىچە HAT-P-7b دەپ نام بىرىلگەن بۇ پىلانىتنىڭ ئوربىتىلىق ھەركەت يۆنۆلىشى بۇ پىلانىت چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان تورغۇن يولتۇزنىڭ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن قارمۇ-قارشى ئىكەن.بۇ پىلانت بۇ سىستىمىنىڭ 2-ئوربىتىسىدا ھەركەت قىلىدىكەن.يەنە بىر پىلانىت بولسا قوياش سىستىمىسىدىكى پىلانىتلاردەك سىستىما مەركىزىدىكى تورغۇن يۇلتۇزنىڭ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىشىغا ماس ھالدا ئوڭ ئايلىنىدىكەن.بۇ پىلانت 2008-يىلىلا بايقالغان بولۇپ ،قايتا-قايتا تەكشۆرۆپ ئانالىز قىلىپ مۇئەييەنلەشتۆرۈلگەندىن كىيىن بۇ خەۋەر ئەمدى ئېلان قىلىنىپتۇ.ئېتىلىشىچە بۇ خىل تەتۆر ئايلىنىشنىڭ سىرى-سەۋەبى تىخى مەلۆم ئەمەس ئىكەن.
باشقاماتىرياللاردىن مەلۆم بولىشىچە،تەتۆر ئايلىنىدىغان پىلانىتلار خىلى بۇرۇنلا بايقالغان.ئاستىرولۇگلار(مۇنەججىملەر،يۇلتۇزلار غا قاراپ پال سالغۇچىلار )بۇ خىل ھادىسىنى «ئۆتكەنكى بىر ئالەمدىن قەپ قالغان ئىز،بەلگە»دەپ قارايدىكەن.
مەن بۇ خىل ھادىسىنى مەلۆم مەنىدە ئېينىشتېيىن «
زامان-ماكان قاينىمى»،«
كورىللىئوس كۈچى»قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىلىكلىگىنى ئىسپاتلايدىغان ھادىسە دەپ ئويلۇدۇم.سەۋەپ،بۇ خىل«قاينام»ۋە بۇخىل «كۈچ»كەڭ دائىرىدە ئورۇنلۇق بولسا پىلانىتلار ئۇزى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۇنۆلىشىگە ماس ھالدا ،خۇددى قوياش سىستىمىسىدىكى پىلانىتلاردەك ئوڭ يۇنۆلۈشتە ھەركەت قىلغان بولاتتى.
مەن بۇ پاكىتلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، شەكىل نەزەريىسىدىكى«ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگىرى بولىدۇ.»دىگەن يەكۈننىڭ ۋە
29-تىئورمىنىڭ ئەقىلغە مۇۋاپىقلىغىنى تېخىمۇ ھىس قىلماقتىمەن.تورداشلار ئوخشىمىغان قاراشلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا.
پايدىلىنىش ماتىرياللرى:
1«
天鹅座不可思议“逆行行星”:距地1040光年»
2«
行星逆行-百度百科»
2013.1.29
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-29 05:01 PM