مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: -Ruslan-

ئايالىم ۋە بالامنى قايتۇرۇپ بەر! (بۇ ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90268
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 11:29:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر دوختۇرلار بەك ئىشەنچىسىز، كۆپىنچىسى كەسىپ ئوقۇغان ئەمەس، يول ئارقىلىق كىرىۋالغانلار.

خىيالچان مەلىكە!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90969
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 804
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-2-1
ئاخىرقى: 2014-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 12:50:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇنداقلارنىڭ نالىسىنى دائىملا ئاڭلاپ تۇرىمەن ،بەزىدە ئىچىم ئاغرىپ ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىمەن ھەم قولۇمدىن كېلىشچە ياردەمدە بولىمەن ،لېكىن ھازىر بۇ جەمىيىتىمىزدە بىر ئادەمنىڭ كۈچى بىلانلا ئىشلارنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ ،ھەم بەكراق ئارتۇق سۆزلەپ قويسام باشلىقىمنىىڭ كۆزى چېچراپ چىكەتكىلى تاس قالىدۇ بەزىدە بولۇۋاتقان بەزى بىر ئادالاتسىزلىك ئىشلارنى كۆرۈپ خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىشنىمۇ ئويلاپ قالىمەن ،لېكىن مەنمۇ جان باقمىسام بولمايدۇدە...ھەيييييييي

دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزەڭگە ئۆمۈر تىلە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90701
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:14:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           بۈگۈن يەنى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8.30 دا كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مەخپىزە ۋە ئۇنىڭ قۇرسىقىدىكى 9 ئايلىق ھامىلىنىڭ كورلا قوياش نۇرى دوختۇرخانىسى، كورلا شەھەرلىك خەلىق دوختۇرخانىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلىق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاشتىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان جىسمانى زىياننى تۆلىتىش ھەققىدىكى ئەرزىگە قارىتا سوتچى ئەھمەتجان قادىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەنھا سوت تەرتىپى بويىچە سوت ئاچتى، سوتتا : 1.قۇرساقتىكى ھامىلىگە قارىتا ئۆلۈم تۆلەپ پۇلى تەلەپ قىلىشنىڭ قانۇنى ئاساسىي بارمۇ؟ 2.تۆلەم جاۋاپكارلىقنىڭ نىسپەت ئايرىمىسى مەسىلىسى، 3. روھى تۆلەم مەسىلىسى، 4.قانۇننى تەدبىقلەش قاتارلىق تۆت نوقتا ھەققىدە بەس مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى، سوت جەريانىدا تەرەپلەر ئۆزلىرىنىڭ تالاش-تارتىش بولىۋاتقان مۇشۇ تۆت نوقتىدىكى قانۇن ئاساسلىرىنى ۋە مۇنازىرە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى، قوياش نۇرى دوختۇرخانىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى سوتقا ۋاقتىدا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سوت تەرتىپى بويىچە سوتقا كىرگۈزۈلمىدى، سوت 4 سائەت داۋاملىشىپ ئاخىرلاشتى،  شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «قانۇن ۋە پۇقرا» پروگراممىسى مۇخبىرلىرى نەق مەيدان سوت جاريانىنى سۈرەتكە ئالدى. سوتنىڭ ھۆكۈمى پات ئارىدا چىقىرىلىدىغانغا بېكىتىلدى. بىز سوتنىڭ ھۆكۈمىنىڭ ئادىل، لىللا چىقىشىنى كۈتمەكتىمىز!

ئەمەلىيەت-ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىن بىر ئۆلچەم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16113
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6720
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2014-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 10:25:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قىرىندىشىمىزغا چوڭقۇر ھىسداشلىق قىلىمەن،ئىشلىرىڭىز ئو ڭوشلوق بولسۇن. بۇتىمىنى ئوقوپ چىقىپ كۈڭلۈم ئىنتايىن يىرىم بولدى.كۈڭلۈمدىكىنى دىسەم ،سىز ‹قوياش› دوختۇرخانىسىدىن  ئازراق تۈلەمگە ئىرىشەلىشىڭىز مۇمكىن،چۇنكى ئۇ  خۇسۇسىي دوختۇرخانا. قالغان ئككى دوختۇر خانىغاكەلسەك ، ئۇلار نىڭ كىسىلى بەك ئىغىر.بۇنداق كىسەللەرگە جۇڭگۇدا دورا تىپىلمايدۇ. تىپىلسىمۇ شىپا تاپمايدۇ؛
ئەگەر 2- ئاينىڭ 7- كۈنى سوت ئىچىلسا ، بۇ قىرىندىشىمىز پەقەت بىرلا نەرسىگە ئىرىشەلەيدۇ،
ئۇ بولسىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان دەۋا.  بەلكىم تورداشلار مىنى نىمىشقا مۇنداق دەيدۇ دەپ ھەيران
قىلىۋاتقان بولىشىڭلار مۇمكىن، چۈنكى مەن، ئۈزەم ياشاۋاتقان يەرنىڭ ‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگۇ›
ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمەن. . ئىشەنمىسەڭلا  دىققىتىڭلار، سوت ئىچىلىپ بولغاندىن
كىيىنكى مەزمۇندا بولسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   akpar777 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 11:06 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90701
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 01:42:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

(2013) ك ش ھ د 245-نومۇرلۇق

مەھكىمىمىز دەۋاگەرلەرنىڭ جاۋاپكارلار ئۈستىدىن قىلغان داۋالاش  ھادىسىسىدىكى زىياننى تۆلەش ماجراسى دىلوسىنى 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ، قانۇن بۇيىچە سوتچى ئەخمەتجان قادىر 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەنھا ، ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى. ھازىر بۇ دىلونى قاراپ چىقىش ئاياقلاشتى .
دەۋاگەرلەرنىڭ ئەرزىدە: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 6 ئەتراپىدا، 1-دەۋاگەرنىڭ تۇغۇش ئالدىدا تۇرغان ئايالىنىڭ تۇيۇقسىز قورسىقى ئاغرىپ كېتىپ دەۋاگەر، ئاپام ۋە قېيىنئاناملار دەرھال بىمارنى كورلا ياڭگۇاڭ دوختۇرخانىسىغا ئاپاردۇق. دوختۇرخانا توغرا دىئاگنوز قويماي خاتا داۋالاش ئېلىپ بارغاچقا، دوختۇرخانىغا مېڭىپ كىرگەن بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، دوختۇرخانا شارائېتىنىڭ ناچارلىقىنى بانا قىلىپ بىزنى شەھەرلىك دوختۇرخانىغا بېرىشنى ئېيىتىپ بىزنى چىقىرىۋەتتى، قۇتقۇزۇش ماسىنىسىمۇ ئاجراتمىدى، دوختۇرمۇ قوشۇپ بەرمىدى. بىز بىمارنى 16دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپاردۇق. دوختۇرخانا دىئاگنوز قويۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر كېسەللەرنى دوختۇرخانا يۆتكەش تۈزۈمىگە ئەمەل قىلماي، بىزنى باشقا دوختۇرخانىغا بېرىشنى ئېيتتى. بىز ئامالسىز  تاكسى كىرا قىلىپ بىمارنى 17دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە، بايىنغولىن موڭغول ئاپتونۇم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپاردۇق. لېكىن ئوبلاستلىق دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش تۈزۈمىگە ئەمەل قىلماي، بىمارنى ئىككى بۆلۈم ئارىسىدا كۆپ قېتىم يۆتكەپ، بىمار ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئېرىشەلمەي، سائەت 19 ئەتراپىدا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان 9ئايلىق بوۋاق بىلەن بىرگە ئۆلۈپ كەتتى. ۋەقەدىن كېيىن دەۋاگەر ئوبلاستلىق تىببى ئىلىم جەمىيىتىگە داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشنى ئېلتىماس قىلدۇق. تىببى ئىلىم جەمىيىتى بۇ ھادىسىنى 1-دەرىجىلىك A تۈردىكى داۋالاش ھادىسىسى دەپ بېكىتتى. بۇ قېتىمىق ھادىسە دەۋاگەرگە غايەت زور  ئازاپ ئېلىپ كەلدى.  شۇڭا «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى زىيان تۆلەم دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىت تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلەرنىڭ  جاۋاپكارلاردىن دەپنە ھەققى 19491 يۈەن، ئۆلگۈچى مەخپىزە تۇرسۇننىڭ ئۆلۈم تۆلىمى 310280 يۈەن، داۋالاش ھادىسىدە ئۆلگەن بالىنىڭ  ئۆلۈم تۆلىمى 310280 يۈەن، ئۆلگۈچى مەخپىزە تۇرسۇننىڭ قىزى دەۋاگەر سۈبھىنۇر ئىمامھەسەننىڭ بېقىلىش پۇلى 87991 يۈەن، روھى ئازاپ پۇلى 100000 يۈەن، دەپنە ئىشلىرىغا قاتناشقانلارنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققى 5194 يۈەن، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققى 1908يۈەن، قاتناش ۋە ياتاق ھەققى 4000 يۈەن، باھالاش ھەققى 2000 يۈەن، داۋالىنىش چىقىمى 2493.82 يۈەن بولۇپ جەمئى 843537.82  يۈەننى تۈلىتىپ بەرسە دەپ دەۋا قىلدى.
جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى:ئالدى بىلەن دوختۇرخانىمىز ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىمىز ئۈچۈن زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ئەپۇ سورايمىز.دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلەپلىرىدىن دەپنە ھەققى 19410 يۈەننىڭ ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا %60 تى 11646 يۈەننىڭ %20 تى 2329.20 يۈەننى ئۈستىمىزگە ئېلىشنى خالايمىز. قازا قىلغۇچىنىڭ ئۆلۈم تۆلىمى 310280 يۈەننىڭ   %60 تى 186168 يۈەننىڭ %20 تى 37233.60 يۈەننى ئۈستىمىزگە ئېلىشنى خالايمىز. ‹‹ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى››نىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تېخى تۇغۇلمىغان بوۋاقنىڭ زىيىنىنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمار دوختۇرخانىمىزغا كەلگەن ۋاقىتتىلا بوۋاقنىڭ يۈرەك سوقۇشى توختاپ بولغان. ‹‹ داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى›› نىڭ 50-ماددىسىنىڭ 8-تارمىغىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، بېقىلىش پۇلىنى ئىككى بۆلگەندە كېلىپ چىققان سوممىنىڭ %60 تىنىڭ %20 تىنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز. دەۋاگەر تەلەپ قىلغان روھىي زىياننىڭ ھىساپلىنىشى  مۇۋاپىق بولمىغان. ‹‹ داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى›› نىڭ 50-ماددىسىنىڭ 10-تارمىغىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، روھىي زىيان پۇلى ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ 2011-يىللىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرچە تۇرمۇش پۇلى ئۆلچىمى بويىچە 4 يىللىق ھىساپلىغاندا 47356 يۈەن بولىدۇ.  ‹‹ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق-تەلەپ ھوقۇقىغا چېقىلىش روھىي تۆلەم  جاۋاپكارلىقىنى  بېكىتىشكە ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەرتوغرىسىدىكى ئىزاھاتى››نىڭ 11-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، دوختۇرخانىمىز 47356 يۈەننىڭ %60 تى 27413.69 يۈەننىڭ %20 تى 5682.72 يۈەننى ئۈستىمىزگە ئېلىشنى خالايمىز. ئىشتىن قېلىش ھەققىگە قارىتا، دوختۇرخانىمىز قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە 106.35 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ئىككى ئادەمنىڭ 7 كۈنلۈك ئىشتىن قېلىش ھەققى 1488.90 يۈەنىنڭ %60 تى 893.34 يۈەننىڭ %20 تى 178.66 يۈەننى ئۈستىمىزگە ئالىمىز. دەۋاگەرنىڭ 7-تۈرلۈك دەۋا تەلىۋى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ قانۇنى ئاساسى يېتەرلىك ئەمەس. قاتناش ھەققىدىن سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن قانۇنلۇق، ئورۇنلۇق چىقىملارنىڭ %60 تىنىڭ %20 تىنى ئۈستمىىزگە ئېلىشنى خالايمىز.  باھالاش ھەققى 2000 يۈەندىن 240 يۈەن بولۇپ جەمى 45664.18  يۈەننى ئۈستىمىزگە ئېلىشىنى خالايمىز.جاۋابىمىزدىكى %60 نىڭ كېلىش مەنبەسىگە كەلسەك، ئوبلاستلىق تىببى ئىلىم جەمىيىتىنىڭ (16–2012 ) نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدا ئۈچ دوختۇرخانىنى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە دوختۇرخانىمىزنى %20 مەسئۇلىيەتنى ئۈسستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتكەن.سەۋەبى ھادىسىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا دەۋاگەر ئۆزىنىڭمۇ سەۋەنلىكى بار، شۇڭا دوختۇرخانىمىز ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۆۋەن ئۆلچىمى %60 تىنىڭ %20 تىنى ئۈستىمىزگە ئېلىشنى خالايمىز دەپ جاۋاپ بەردى.
جاۋاپكار بايىنغولىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى :ئوبلاستلىق تىببى ئىلىم جەمىيىتىنىڭ (16– 2012) نومۇرلۇق باھالاشنامىسىغا ئاساسەن، مەزكۇر دېلودىكى دەۋاگەر بىلە جاۋاپكارلار ئوتتۇرىسىدىكى مەسئۇلىيەت ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە مەسئۇلىيەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ جاۋاپكار %60مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇڭا دوختۇرخانىمىز ئومۇمى زىياننىڭ %24 = %40  × %60 بويىچى تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز.دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلەپلىرىنى دەپنە ھەققى خاتا ھىساپلانغان، 19410=2÷38820 يۈەن بولىشى كېرەك. ‹‹ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى›› نىڭ مۇناسىۋەتلىك  بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، تېخى تۇغۇلمىغان بوۋاققا ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ھىساپلانماسلىقى كېرەك. ‹‹ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق-تەلەپ ھوقۇقىغا چېقىلىش روھىي تۆلەم  جاۋاپكارلىقىنى  بېكىتىشكە ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى››نىڭ 9-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى روھىي تۆلەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.شۇڭا دەۋاگەر ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى تەلەپ قىلغان ئەھۋال ئاستىدا روھىي ئازاپ پۇلىنى يەنە تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك. ئىشتىن قېلىش ھەققى بىلەن قاتناش ھەققى  دەپنە ھەققىنىڭ قايتا ھىساپلىنىشى بولۇپ، قوللىماسلىقى كېرەك.داۋالاش ھەققىنىڭ ئەسلى مەنبەلىك داۋالىنىش چىقىمى بىلەن دوختۇرخانا مەنبەلىك داۋالىش چىقىمى ئىكەنلىكى ئېنىق ئايرىلىشى كېرەك. مەزكۇر دېلودىكى داۋالاش ھەققى ئەسلى مەنبەلىك داۋالىنىش چىقىمى بولۇپ دەۋاگەر ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
كورلا ياڭگۇاڭ دوختۇرخانىسى قانۇن بويىچە سوتقا چاقىرتىلغان بولسىمۇ سەۋەپسىز سوتقا قاتناشمىدى، يازما جاۋاپنامىمۇ تاپشۇرمىدى.
      دەۋاگەرلەر ئۆز تەشەببۇسىغا قارىتا تۈۋەندىكى دەلل-ئىسپاتلارنى تەمىنلىدى:
1. نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى بىلەن نوپۇس ئىسپاتى. دەۋاگەرلەرنىڭ ئۆلگۈچى بىلەن ئەر-ئاياللىق، ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئىسپاتلاش مەخسىتىدە تەمىنلىدى. 2-جاۋاپكار ۋە 3-جاۋاپكار ئىسپاتلىقنى ئېتىراپ قىلدى.1-جاۋاپكار سوتقا كەلمىدى، ئىسپاتلىقنى ئېتىراپ قىلدى دەپ قارىلىدۇ. مەزكۇر ئىسپاتلىقنىڭ كىلىش مەنبەسى قانونلوق، شەكلى چىن بۈلۈپ، دەۋاگەر ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولغان پاكىت بىلەن بىۋاستە باغلىنىشى بار، شۈڭا مەھكىمىمىز تەرىپدىن دېلو پاكىتىنى بېكىتىش ئاساسى قىلىپ مۇئەييەنلشتۈرۈلدى.
2.داۋالاش ھەققى تالونلىرى. دەۋاگەرنىڭ بىمارنى داۋالاش جەريانىدا چىقىم قىلغان داۋالاش ھەققىنى ئىسپاتلاش مەخسىتىدە تەمىنلىدى.2-جاۋاپكار ۋە 3-جاۋاپكار ئىسپاتلىقنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.1-جاۋاپكار سوتقا كەلمىدى، ئىسپاتلىقنى ئېتىراپ قىلدى دەپ قارىلىدۇ. مەزكۇر ئىسپاتلىقنىڭ شەكلى ۋە كېلىپ چىقىشى قانۇنلۇق، دېلو بىلەن باغلىنىشلىق، شۇڭا  مەھكىمىمىز تەرىپدىن دېلو پاكىتىنى بېكىتىش ئاساسى قىلىپ مۇئەييەنلشتۈرۈلدى.
3. قاتناش ھەققى تالونى. دەۋاگەرنىڭ بىمارنى داۋالىتىش داۋالىنىش جەريانىدا قاتناش ھەققى چىقىم قىلغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئىسپاتلاش مەخسىتىدە تەمىنلىدى.2-جاۋاپكار ۋە 3-جاۋاپكار ئىسپاتلىقنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئورۇنلۇق قىسمىنى ئاساسلىق مەسئۇلىيەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.1-جاۋاپكار سوتقا كەلمىدى، ئىسپاتلىقنى ئېتىراپ قىلدى دەپ قارىلىدۇ.مەزكۇر ئىسپاتلىقنىڭ شەكلى ۋە كېلىپ چىقىشى قانۇنلۇق، دېلو بىلەن باغلىنىشلىق، شۇڭا مەھكىمىمىز تەرىپدىن دېلو پاكىتىنى بېكىتىش ئاساسى قىلىپ مۇئەييەنلشتۈرۈلدى.
4. داۋالاش ھادىسىسى ئىلمى تېخنىكىلق باھالاشنامىسى ۋە باھالاش ھەققى تالونى. ئۈچ جاۋاپكارنىڭ ھادىسىدە ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋاپكارلىقىنى ھەمدە دەۋاگەرنىڭ باھالاش ھەققى ئۈچۈن 2000 يۈەن چىقىم قىلغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئىسپاتلاش مەخسىتىدە تەمىنلىدى . 2-جاۋاپكار ۋە 3-جاۋاپكار ئىسپاتلىقنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئاساسلىق مەسئۇلىيەت بويىچە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1-جاۋاپكار سوتقا كەلمىدى، ئىسپاتلىقنى ئېتىراپ قىلدى دەپ قارىلىدۇ.مەزكۇر ئىسپاتلىقنىڭ شەكلى ۋە كېلىپ چىقىشى قانۇنلۇق، دېلو بىلەن باغلىنىشلىق، شۇڭا  مەھكىمىمىز تەرىپدىن دېلو پاكىتىنى بېكىتىش ئاساسى قىلىپ مۇئەييەنلشتۈرۈلدى.
جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى ئۆز تەشەببۇسىغا قارىتا تۆۋەندىكى دەلل-ئىسپاتلارنى تەمىنلىدى:
1. كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلارنىڭ ئىسمىنا ئالىمىشىش تىزىملاش دەپتىرى: بىمار دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندە ھامىلە ئاللىقاچان يۈرەك سوقۇشتىن توختىغانلىقىدىن  ئىبارەت پاكىتنى ئىسپاتلاش مەخسىتىدە تەمىنلىدى. دەۋاگەر ئىسپاتلىقنى ئېتىراپ قىلمىدى. جاۋاپكار بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى ئىسپاتلىقنى ئېتىراپ قىلدى. 1-جاۋاپكار سوتقا كەلمىدى، ئىسپاتلىقنى ئېتىراپ قىلدى دەپ قارىلىدۇ. مەزكۇر ئىسپاتلىقنىڭ شەكلى ۋە كېلىپ چىقىشى قانۇنلۇق، دېلو بىلەن باغلىنىشلىق، شۇڭا مەھكىمىمىز تەرىپدىن دېلو پاكىتىنى بېكىتىش ئاساسى قىلىپ مۇئەييەنلشتۈرۈلدى.
جاۋاپكار بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى ئۆز تەشەببۇسىغا قارىتا دەلل-ئىسپات تاپشۇرمىدى.
سوتتا تەكشۈرۈپ بىكىتكەن يۇقارقى دەلل-ئىسپاتلار، دەۋاگەرلەر، جاۋاپكارلارنىڭ سوتتىكى بايانلىرى قاتارلىقلار ئاساسىدا مەھكىمىمىز مەزكۇر دىلو ھەققىدە تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى دەۋاگەر ئىمامھەسەن غۇپۇرنىڭ سەككىز ئايلىقتىن ئاشقان ھامىلدار ئايالى مەخپىزە تۇرسۇننىڭ تۇيۇقسىز قورسىقى ئاغرىپ كېتىپ، سەھەر 6 دىن ئاشقاندا جاۋاپكار كورلا ياڭگۇاڭ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان.بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقانلىقتىن، دوختۇرخانا بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بىمارنى يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشنى ئېيتقان.  دوختۇرخانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىمارنى شۇ كۈنى 16دىن 40مىنۇت ئۆتكەندە جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان. دوختۇرخانا تەكشۈرۈپ،  ھامىلە پەردىسى يىرتىلىمىغان، جىددى B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق سېستىمىغا چۈشۈرۈپ بېكىتىش كېرەك دەپ، بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە كارۋات جىددىلىكىنى ئېيتىپ، ۋاختىنچە  كارىدورغا كارۋات قوشۇپ يېتىپ تۇرۇشنى ئۇختۇرغان. بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر  Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق سېستىمىغا چۈشۈرۈشنى رەت قىلىغان ھەمدە كارىدوردا يېتىشنى خالىماي، بىمارنى ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سائەت 17:18مىنۇت ئۆتكەندە بىمارنى شەخسى ماشىنا بىلەن  ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بارغان. جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمى بىمارنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تاشقى بۆلۈم ۋە تۇغۇت بۆلۈمىدە بىمارنى داۋالاشقا ئۇختۇرغان، لېكىن بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، دەۋاگەرنىڭ ئىلتىماسى ۋە   بايىنغولىن ئوبلاستلىق  سەھىيە ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسىغا ئاساسەن، بايىنغولىن ئوبلاستلىق تىببى ئىلمى جەمئىيىتى 2012-يىلى 10 -ئاينىڭ 23-كۈنى ب.س.ب (2012-16) نومۇرلۇق داۋالاش ھادىسىسى ئىلمى تېخنىكىلىق باھالاشنامىسى چىقىرىپ، ‹ئۈچ جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىدا قانۇنغا خىلاپ پاكىت يوق، لېكىن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش مەۋجۇت. كورلا ياڭگۇاڭ دوختۇرخانىسى داۋالاش جەريانىدا كېسەللىك ئەھۋالىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلماي، خاتا باھالاش ئېلىپ بېرىپ توغرا بىر تەرەپ قىلمىغان.كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى تۇنجى دىئاگنوزغا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر كېسەللەرنى دوختۇرخانا ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلمىغان. بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى جىددى كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلماي، بىمارنى ئىككى بۆلۈم ئارىسىدا ماڭدۇرتۇپ يۈرگەن.ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ بەلگىلىمگە خىلاپ قىلمىشى بىمارنى ئۆلۈپ كېتىشىدەك ئاقىۋەتنى بىۋاستە  كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۈچ دوختۇرخانا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كورلا شەھەرلىك ياڭگۇاڭ دوختۇرخانىسى %40 مەسئۇلىيەتنى، كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى %20مەسئۇلىيەتنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى %40 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مەزكۇر ھادىسە 1-دەرىجىلىك A تىپلىق داۋالاش ھادىسىسىگە كىرىدۇ› دەپ يەكۈن چىقارغان. دەۋاگەر 2000 يۈەن باھالاش ھەققى تاپشۇرغان.
ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن  تەرەپلەر تۆلەم مەسىلىسىدە كېلىشەلمەي،  دەۋاگەر جاۋاپكارلاردىن دەپنە ھەققى 19491 يۈەن، ئۆلگۈچى مەخپىزە تۇرسۇننىڭ ئۆلۈم تۆلىمى 310280 يۈەن، داۋالاش ھادىسىدە ئۆلگەن بالىنىڭ ئۆلۈم تۆلىمى 310280يۈەن، ئۆلگۈچى مەخپىزە تۇرسۇننىڭ قىزى دەۋاگەر سۈبھىنۇر ئىمامھەسەننىڭ بېقىلىش پۇلى 87991يۈەن، روھىپي ئازاپ پۇلى 100000يۈەن، دەپنە ئىشلىرىغا قاتناشقانلارنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققى 5194يۈەن، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققى 1908 يۈەن، قاتناش ۋە ياتاق ھەققى 4000يۈەن، باھالاش ھەققى 2000 يۈەن، داۋالىنىش چىقىمى 2493.82 يۈەن بولۇپ جەمئى 843537.82يۈەننى تۈلىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ مەھكىمىمىزگە ئەرز بەرگەن.
  مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارىدى : داۋالاش ھادىسىسى داۋالاش ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ داۋالاش خادىملىرى داۋالاش پائالىيىتى جەريانىدا، داۋالاش سەھىيە باشقۇرۇش قانۇنلىرى، مەمۇرى قائىدىلەر ، تارماق نىزاملىرى ۋە داۋالاش-پەرۋىش قىلىش قائىدە-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، سەۋەنلىك بىلەن بىمارلارنىڭ جىسمانىيىتىگە دەخلى يەتكۈزۈش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى»نىڭ 54-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، بىمار داۋالاش پائالىيىتى جەريانىدا زىيانغا ئۇچراپ، داۋالاش ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تىببى خادىملىرىدا سەۋەنلىك بولسا، داۋالاش ئورگىنى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.مەزكۇر دېلودا، ئۆلگۇچى جاۋاپكار ئورۇندا داۋالانغاندىن كېيىن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا داۋالاش ھادىسىسى ماجراسى يۈز بېرىپ، بايىنغولىن ئوبلاتلىق تىببى ئىلىم جەمىيىتى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى داۋالاش ھادىسىسى تېخنىكىلىق باھالاشنامىسى چىقارغان.ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى››نى تەتبىقلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە مەسلىلەر ھەققىدىكى ئىزاھاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى»نى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھەق-تەلەپ ماجرا دېلولىرىغا، ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ، ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھەق-تەلەپ ماجرا دېلولىرىغا ، ئەينى چاغدىكى قانۇن بەلگىلىمىلەر تەتبىقىلىنىدۇ.دەۋاگەر بىلەن جاۋاپكار ئوتتۇرىسىدىكى ماجرا ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى›› يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر دېلو  ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى ›› دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە  بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك.نۆۋەتتە، دەۋاگەر بىلەن جاۋاپكار بايىنغولىن ئوبلاستلىق تىببى ئىلىم جەمىيىتى چىقارغان ب.س.ب (2012-16) نومۇرلۇق داۋالاش ھادىسىسى ئىلمى تېخنىكىلق باھالاشنامىسىغا  پىكرى يوق، شۇڭا مەزكۇر باھالاشنامىنى مەھكىمىمىز دېلو ئاساسى قىلىپ بېكىتىدۇ.«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى»نىڭ 16 -ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا،  باشقىلارنىڭ جىسمانىيىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغاندا، داۋالاش ھەققى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى، قاتناش ھەققى قاتارلىق داۋالاش ۋە ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا چىقىم قىلغان ئورۇنلۇق چىقىملارنى ھەمدە ئىشتىن قېلىپ كاملاپ كەتكەن كىرىمىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.مېيىپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، مېيىپلىق تۆلەم پۇلى ۋە مېيىپلىق ئەسۋاپ ھەققىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك، ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا دەپنە ھەققى ۋە ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.مەزكۇر دېلودا، بىمار جاۋاپكارلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، دەۋاگەرلەرنىڭ يۇقارقى تۈرلەر بويىچە جاۋاپكارلردىن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلىشى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن.
كونكىرىت تۆلەم تۈرلىرىدىن، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى زىيان تۆلەم دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىت تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ27- ماددىسىدىكى بەلگىىلمىلەرگە ئاساسلانغاندا، دەپنە ھەققى دېلو قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنىقى بىر يىللىق ئوتتۇرىچە مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئالتە ئايلىق ھىساپلىنىدۇ. دەۋاگەر تەلەپ قىلغان دەپنە ھەققىنى مەھكىمىمىز 19410 يۈەن بېكىتىدۇ، ئۆلگۈچى مەخپىزە تۇرسۇننىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى ھىساپلىشى توغرا بولغان، مەھكىمىمىز قوللايدۇ. قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ قانۇنى ئاساسى يېتەرلىك ئەمەس، مەھكىمىمىز قوللىمايدۇ، چۇنكى مەزكۈر ھامىلە تېخى توغولمىغان، شۈنداقلا ئانىنىڭ تىنىدىن ئاجىرمىغان بۈلۈپ، ھەق- تەلەپ ھەركەت، ھوقوق ئىقدىدارىغا ئىگە بۈلۈشتىن ئىبارەت سوبىكىتلىق سالاھىتىگە ئىگە ئەمەس. دەۋاگەر سۈبھىنۇر ئىمامھەسەننىڭ بېقىلىش پۇلىغا قارىتا ، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى زىيان تۆلەم دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىت تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 28-ماددىسدا، بېقىلغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلى بېقىلغۇچىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقۇتۇش دەرىجىسىگە ئاساسەن، دېلو قوبۇل قىلغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر- بازار ئاھالىلىرنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق ئىستىمال خارەكتىرلىك چىقىمى ۋە يېزا-كەنت ئاھالىلرىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش ئىستىمال چىقىمى ئۆلچىمى بويىچە ھىساپلىنىدۇ. بېقىلغۇچى قۇرامىغا يەتمىگەن بولسا، 18ياشقا كىرگىچە ھىساپلىنىدۇ. دەۋاگەر سۈبھىنۇر ئىمامھەسەننىڭ بېقىلىش پۇلىدىن  مەھكىمىمىز 88791 يۈەننى قوللايدۇ (ئادەم 2 ÷ يىل 15 × يۈەن 11839 ). ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى» نىڭ 22 -ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، باشىقلارنىڭ جىسمانىيىتىگە دەخلى-تەرزۇ قىلىپ، باشقىلارغا ئېغىر روھىي ئازاپ كەلتۈرۈپ چىقارسا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغۇچى روھىي ئازاپ تۆلەم پۇلىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. مەزكۇر دېلودا، بىمار مەخپىزە تۇرسۇن جاۋاپكارلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى قوساقتىكى ھامىلە بىلەن بىرگە ئۆلۈپ كېتىپ، دەۋاگەرلەرگە ئېغىر روھىي ئازاپ ئېلىپ كەلگەن. شۇڭا دەۋاگەرلەرنىڭ جاۋاپكارلاردىن روھىي ئازاپ ھەققىنى تەلەپ قىلىشى  ‹‹ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق-تەلەپ ھوقۇقىغا چېقىلىش روھىي تۆلەم  جاۋاپكارلىقىنى  بېكىتىشكە ئائىت بىر قانچە  مەسىلىلەر  توغرىسىدىكى ئىزاھاتى››تىكى ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى»دىكى مۈناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن، شۇڭا  روھىي ئازاپ پۇلىنى مەھكىمىمىز مۇۋاپىق بېكىتىدۇ.دەۋاگەرنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققىنى ھىساپلىشى مۇۋاپىق بولمىغان، ئىشتىن قېلىش ھەققى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىشتىن قېلىش ۋاختى ۋە كىرىم ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. مەھكىمىمىز دەۋاگەرنىڭ ئىشتن قېلىش ھەققىگە قارىتا 1488.90 يۈەننى قوللايدۇ. قاتناش ھەققى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھەمدە ئۇنىڭ زۆرۈر بولغان ھەمراھلىرىنىڭ داۋالىنىش ياكى دوختۇرخانا ئالمىشىش جەريانىدا ئەمىلىي شەكىللەنگەن چىقىمى بويىچە ھىساپلىنىدۇ؛ قاتناش ھەققى رەسمى تالوننى ئاساس قىلىدۇ، ئالاقىدار تالونلار داۋالانغان ئورۇن، ۋاقىت، ئادەم سانى ۋە قېتىم سانلىرىغا ماس كېلىشى كېرەك. دەۋاگەر  تەلەپ قىلغان قاتناش ھەققىنى مەھكىمىمىمىز قوللايدۇ. داۋالنىش ھەققى تالونلىرى داۋالاش ئورگانلىرى چىقارغان داۋالاش ھەققى تالونى ۋە بالنىسىتتا يېتىش ھەققى تالونلىرىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.مەزكۇر دېلودا، دەۋاگەر تەمىنلىگەن ئامبولاتورىيە تالونلىرىنىڭ شەكلى ۋە كېلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەھكىمىمىز بېكىتىدۇ. باھالاش ھەققىنى جاۋاپكارلار ئېتىراپ قىلىدۇ، شۇڭا مەھكىمىمىز بېكىتىدۇ.
تۆلەم جاۋاپكارلىقىغا قارىتا، باھالاش ئارقىلىق، مەزكۇر ھادىسىدە ئۈچ جاۋاپكارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشى بىمارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدەك يامان ئاقىۋەتنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇڭا %90 ئاساسلىق جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى»نىڭ 26-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىنغۇچىنىڭ زىياننىڭ كېلىپ چىقىشىدا سەۋەنلىك بولسا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يىنىكلىتىشكە بولىدۇ. ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، دەۋاگەر تەرەپنىڭمۇ كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالىتىش، داۋالاشقا ماسلىشىش جەھەتلەردە سەۋەنلىكى بار، شۇڭا %10 مەسۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
شۈنداقلا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى››نىڭ 75-ماددىسىدا دەۋالاشقۇچىلار ئەھۋالنى بايان قىلىشنى رەت قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا قارىماي دىلو پاكىتلىرىنى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن  بېكىتىۋىرىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن بۇلۇپ،  جاۋاپكار جاۋاپكار كورلا ياڭگۈاڭ دوختۇرخانىسى سوتقا قاتناشمىغاچقا، دەۋاگەرلەر بايان قىلغان پاكىتنى ئېتىراپ قىلدى دەپ قارىلىدۇ.‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى››نىڭ 144-ماددىسىدىكى ‹‹جاۋاپكارنى چاقىرىق ئۇقتۇرىشى ئارقىلىق چاقىرتسىمۇ، سەۋەپسىز سوتقا كەلمىسە ياكى سوتنىڭ رۇخسىتىسىز سوت جەريانىدا سوتتىن چىكىنسە، سىرتتىن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ››دىگەن  بەلگىلىمىگە  ئاساسەن، جاۋاپكار جاۋاپكار كورلا ياڭگۈاڭ دوختۇرخانىسىغا سىرتتىن  ھۆكۈم قىلىش كېرەك. شۈنىڭ ئۇچۇن‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى››نىڭ 7-ماددىسى، 64-ماددىسى، 75-ماددىسى، 144-ماددىسى، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى››نىڭ 119-ماددىسى، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى››نىڭ 6-ماددىسى، 16-ماددىسى، 18- ماددىسى، 22-ماددىسى، 26-ماددىسى، 54-ماددىسى، 57- ماددىسى، 58- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقى، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى زىيان تۆلەم دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىت تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ  17- ماددىسى، 19- ماددىسى، 20- ماددىسى،  22- ماددىسى، 27- ماددىسى، 28- ماددىسى، 29-ماددىسى، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا دەلىل-ئىسپاتى توغرىسىدىكى بىر نەچچە بەلگىلىمىسى»نىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم قىلىندى:
1. دەۋاگەرلەرنىڭ داۋالاش ھادىسىسى سەۋەپلىك كېلىپ چىققان زىيانلىرىدىن دەپنە ھەققى 19410 يۈەن (2÷يۈەن 38820 )، ئۆلگۈچى مەخپىزە تۇرسۇننىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلى 310280 يۈەن ( يىل 20 × يۈەن 15514 ) ، دەۋاگەر سۈبھىنۇر ئىمامھەسەننىڭ بېقىلىش پۇلى 88791 يۈەن ( ئادەم 2 ÷يىل 15 × يۈەن 11839 ) ، روھىپ تۆلەم پۇلى 50000 يۈەن، ئىشتىن قېلىش ھەققى 1488.90 يۈەن ( ئادەم 2 × كۈن 7 ×يۈەن 106.35 ) ، قاتناش ھەققى 1570 يۈەن، باھالاش ھەققى 2000 يۈەن، داۋالىنىش چىقىمى 2464.32 يۈەن بولۇپ جەمئى 476004.22  يۈەندىن ئۈچ جاۋاپكار %90 تى 428403.80 يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ، بۇنىڭدىن جاۋاپكار كورلا ياڭگۇاڭ دوختۇرخانىسى %40 تى 171361.52 يۈەننى، جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى %20 تى 85680.76 يۈەننى، جاۋاپكار بايىنغولىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى  %40 تى 171361.52 يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ، مەزكۇر ھۆكۈم كۈچكە ئىگە كۈنى دەۋاگەر ئىمامھەسەن غۇپۇر، سۈبھىنۇر ئىمامھەسەن، تۇرسۇن مەمەتئېلى، ھەبىبە مەمەتلەرگە بىر قېتىمدىلا  دەرھال تۆلەپ بەرسۇن.
2. دەۋاگەر ئىمامھەسەن غۇپۇر، سۈبھىنۇر ئىمامھەسەن، تۇرسۇن مەمەتئېلى، ھەبىبە مەمەتلەرنىڭ باشقا دەۋا تەلىۋى رەت قىلىنسۇن.
ناۋادا مەزكۇر ھۆكۈمدە بىكىتىلگەن مۆھلەت بۇيىچە پۇل بېرىم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 229-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بۇيىچە، كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلغان مەزگىلدىكى قەرز ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ قايتۇرسۇن.
دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 12235.38 يۈەندىن دەۋاگەرلەر 6021.45 يۈەننى، جاۋاپكار كورلا ياڭگۈاڭ دوختۇرخانىسى 2485.57 يۈەننى، جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى 1242.79 يۈەننى، جاۋاپكار بايىنغولىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى 2485.57 يۈەننى ئۈستىگە ئالسۇن.(دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققىنى دەۋاگەرلەر ئالدىن تۈلىگەچكە، جاۋاپكارلار ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك قىسمىنى ئاساسى مەجبۈرىيەت بىلەن بىرلىكتە دەۋاگەرلەرگە ئىجرا قىلىپ بەرسۈن.
بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە ھالدا بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارزىلىق ئەر بېرىشكە ھوقۇقلۇق.نارازىلىق ئەرز بەرگەندە نارازىلىق ئەرزنىڭ ئەسلى نۇسخىسى كۈپەيتىلمىسىدىن ئۈچ نۇسخا ۋە نارازىلىق ئەرز ھەققى ئۈچۈن 12235.38يۈەن تاپشۇرىشى كىرەك . ( نارازىلىق ئەرز ھەققى نارازىلىق ئەرز مۆھلىتى تۇشۇپ يەتتە كۈن ئىچىدە تاپشۇرىلىشى كىرەك ، مۆھلەت ئۆتكىچە تاپشۇرۇلمىسا نارازىلىق ئەرزدىن ۋاز كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

سوتچى : ئەخمەتجان قادىر
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى
پۈتۈكچى: قاسىمجان مەمەت


ئەمەلىيەت-ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىن بىر ئۆلچەم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90701
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 01:43:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         ھۆكۈم چىقىپ تەرەپلەرگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۈچ دوختۇرخانا 15 كۈن ئىچىدە ھۆكۈمگە قارىتا نارازىلىق ئەرز بەرمىدى، كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجىرا ئىدارىسى ھۆكۈمدىكى تۆلەم جاۋاپكارلىق بويىچە تۆلەم پۇلنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ دېلو ئاياقلاشتى...

ئەمەلىيەت-ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىن بىر ئۆلچەم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90701
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 03:06:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پروگراممىنى كۆرمىسىڭىز ئارماندا قالىسىز!

دوختۇرخانىنىڭ داۋالاشتىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان مەخپىزە قازا قىلدى، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى: 8 ئايلىقتىن ئاشقان ھامىلىمۇ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشقا ئۈلگۈرمەيلا مەخپىزە بىلەن تەڭ كېتىپ قالدى. ئۇنداقتا دوختۇرخانا زادى نېمە سەۋەنلىك ئۆتكۈزدى؟ ھامىلىگە ئۆلۈم تۆلەم پۇلى تەلەپ قىلىش –قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (پەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 6:40 ئۆتكەندە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلىنىڭ «قانۇن ۋە پۇقرا» پروگراممىسىدا كورلا شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇ داۋالاش ھادىسى دېلوسىنىڭ سوتلىنىش نەق مەيدان ئەھۋالى كۆرسىتىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىدۇ. ۋاقتىدا كۆرۈشكە ئالدىراڭ!!

         ئەسكەرتىش:   يېقىندا مۇنبەرلەردە «ئايالىم ۋە بالامنى قايتۇرۇپ بەر» دېگەن تېمىدا تەپسىلى خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدىم، يېقىندا مۇشۇ دېلونىڭ سوتلىنىش جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىپ مەخسۇس پروگرامما سۈپىتىدە «قانۇن ۋە پۇقرا» پروگراممىسىدا كۆرسىتىشنى لايىق تاپتۇق، بۇ پروگراممىدا مۇشۇ دېلودا غۇلغۇلا قىلىنىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىلىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋاتماي دەل ۋاقتىدا كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!!


ئەمەلىيەت-ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىن بىر ئۆلچەم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90701
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 04:18:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىققەت قىلماپسىلەردە بۇ ئۇچۇرغا!!!

ئەمەلىيەت-ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىن بىر ئۆلچەم!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش