|
|
|
|
ئايالىم ۋە بالامنى قايتۇرۇپ بەر!
ئابلىكىم مۇھەممەت يادىكار
(بۇ ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقە، ئادەملەرنىڭ ئىسمى ھەقىقىي ئېلىندى. باشقا تور بەتلەرگە يۆتكىمەكچى بولسىڭىز ئاپتورنىڭ ۋە ئېلان قىلىنغان تور بەتنىڭ نامىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ!)
ئىمام ھەسەن ئايالىنىڭ كۈندىن -كۈنگە يوغىناپ كېتىۋاتقان قورسىقىنى كۆرۈپ، ئىككىنچى پەرزەنتىنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولىدىغانلىقىغا ئاز كۈن قالغانلىقىدىن ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولسا، ئايالى مەخپىزاتمۇ ئۆزىنىڭ بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولۇپ، قورسىقىنى سىلاپ ئىچىدە بالىغا نېمىلەرنىدۇر غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ بېرىپ، مىيىغىدا كۈلۈپ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپلا يۈرەتتى، قۇلۇم - قوشنىلىرى بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىدىن ئۇيان - بۇيان ئۆتسە تولىمۇ سۆيۈنۈش ئىلكىدە قارىشىپ قالاتتى ھەم: «بۇ چوكاننىڭ مېڭىشلىرىدىن ئوغۇل تۇغىدىغاندەك قىلىدۇ...ياق، قىز تۇغىدۇ، قۇرسىقى ئۇزۇنچاق تۇرمامدۇ» دەپ كۇسۇرلىشىپمۇ قوياتتى...
2012 - يىلى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچ، ئىمام ھەسەن ئىشتىن بالدۇرلا يېنىپ، بازاردىن گۆش - تۇخۇم ۋە كۆكتاتلارنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتى - دە، ئۆز قولى بىلەن ئايالى مەخپىزەتكە تاماق ئېتىپ بەردى. تاماقتىن كېيىن چۈچۈك تىللىرى ئەمدى چىققان 3 ياشلىق قىزىنىڭ تاتلىق گەپلىرىنى ئاڭلىغاچ تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى.
- خوتۇن، سېنى قوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئايالىڭ قىز تۇغىدۇ دەيدۇ، سەن بۇ قېتىم راستلا قىز تۇغۇپ قالارسەنمۇ؟! - دېدى ئىمام ھەسەن كىرىسلوغا يۆلىنىپ تورۇسقا قاراپ.
- ياق، مەن تىۋىپقا تومۇر تۇتقۇزدۇم، تىۋىپ ماڭا تومۇرىڭىز جانلىق سوققىنىغا قارىغاندا ئوغۇل تۇغىدىغاندەك قىلىسىز - دېدى، مەن چوقۇم ئوغۇل تۇغىمەن - دېدى مەخپىزەت ئىمام ھەسەنگە كىچىك بالىلاردەك ئەركىلەپ تۇرۇپ.
- تىۋىپنىڭمۇ گېپىگە ئىشىنەمسەن؟ ئۇلار نېمىنى بىلىدۇ، ئەتە بېرىپ دوختۇرخانىدا ب تىپلىق تەكشۈرۈشتە تەكشۈرتىپ باقامدۇق - يا؟ - دېدى ئىمام ھەسەن مەخپىزەتنىڭ چىشىغا تېگىپ.
- نەدىكى گەپنى قىلىپ چىشىمغا تىگىدىكەنسىز، دوختۇرلارنىڭ بېشى ئونمۇ؟ ئۇنداق قىلىدىغان بولسا ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئىشتىن قوغلايدۇ.
- قانداقلا بولمىسۇن مېنىڭ پەرىزىمچە سەن چوقۇم قىز تۇغىسەن، ئاخشام چۈشۈمدىمۇ ئايان بولدى.
- ياق، ئوغۇل تۇغىمەن.
- قىز تۇغىسەن.
- ئوغۇل تۇغىمەن، ئوغۇل!
- .......
ئەر - خوتۇن ئىككەيلەن مۇشۇنداق تالاش - تارتىشلار ئىچىدە يېرىم تاڭ بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەي قالغانىدى...ئىمام ھەسەن ئايالىنىڭ چارچاپ قالماسلىقىنى ئويلىدى بولغاي:
- ھەي قەدىرلىكىم، مەيلى نېمىلا تۇغقىن، خۇدايىمنىڭ بەرگىنى شۇ، قىز بولسۇن، ئوغۇل بولسۇن ھەممىسى بالىمىزغۇ؟! بولدى ئۆزەڭنى ئاسرا، بالىمىز تۇغۇلۇپ ساڭا ئوخشاش ئۇرۇشقاق بولۇپ قالمىسۇن؟! - دېگىنىچە يوتقامغا بېشىنى يۈركەپ ئۇيقىغا كەتتى... مەخپىزەتمۇ تاتلىق ئۇيقىدا ياتقان قىزىغا قاراپ، ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بەرسەم ئىككىسى ھەمراھ بولۇپ چوڭ بولسا... دېگەن نۇرغۇن خىياللارنى سۈرۈپ ئۇيقىغا كەتتى.
6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تاڭ سەھەردە، مەخپىزەت قورسىقىنىڭ قاتتىق ئاغرىپ كېتىشى بىلەن ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇردى، ئۇ ئاخشام يېگەن تاماقلار زىيان قىلغان چېغى دەپ ئويلىدى - دە، ھاجەتخانىغا كىردى. لېكىن ئاغرىق يەنە پەسەيمىدى، ئۇ، تولغىقىم بالدۇر باشلانغان ئوخشايدۇ، چىداپ باقسام ئاغرىق توختاپ قالىدىغۇ دەپ ئويلىدى - دە، ئىمام ھەسەننى تاتلىق ئۇيقىدىن ئويغاتقۇسى كەلمىدى. بىر سائەت ئۆتتى، ئىككى سائەتمۇ ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن بۇ تۇتقان ئاچچىق تولغاق مەخپىزەتنى چىداۋغۇسىز قىينىغان ئىدى، ئۇ مېھمانخانىدىكى كىرىسلودىن ياتاق ئۆيگە ئۆمىلىگىنىچە بېرىپ ئىمامنى ئويغاتتى.
- نېمىش بولدۇڭ قەدىرلىكىم، ۋاي خۇدايىم، زادى نېمىش بولدى؟! - دەپ مەخپىزەتنى يۆلەپ كارىۋاتقا ئولتۇرغۇزدى ئىمام جىددىلەشكەن ھالدا.
- تاڭ ئېتىشتىن ئۈچ سائەت ئىلگىرى سانجىق تۇتۇپ ئارام بەرمىدى، سىزنى شېرىن ئۇيقىدىن ئويغاتقۇم كەلمىدى ئىمام، مەن تۇغۇپ قويىدىغاندەك قىلىمەن، سىز دەرھال قوشنىلارنىڭكىگە چىقىپ ئادەم چاقىرىپ كەلمىسىڭىز بولمىغىدەك - دېدى مەخپىزەت تۆۋەن ئاۋازدا ئىڭراپ تۇرۇپ.
- ياق قەدىرلىكىم، سىزنى مەن ئۆيىمىزگە ئەڭ يېقىن بولغان «قۇياش» دوختۇرخانىسىغا ئاپىراي - دېدى - دە، ئوقتەك يۈگۈرۈپ يولغا چىقىپ كىرا ماشىنىسىدىن بىرنى توستى.
«قۇياش» دوختۇرخانىسى كورلا شەھىرىنىڭ بوستان كوچىسىغا جايلاشقان، خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى، داۋالاش مۇھىتى يامان ئەمەس، ئەسلىھەلىرىمۇ خېلى مۇكەممەل دوختۇرخانا بولۇپ، يىراق - يېقىندىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالىناتتى. ئىمام ھەسەن مەخپىزەتنى كىرا ماشىنىسى بىلەن بۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى، دوختۇرلار ئادەتتىكى تەرتىپلەر بويىچە تەكشۈرۈشنى باشلىدى ۋە ئاغرىقنى پەسەيتىش تىپىدىكى ئاسما ئوكۇل سېلىپ قويدى، ئاغرىقنىڭ دەستىدىن مەخپىزەت يۈرەكنى ئەزگىدەك چىرقىرايتى، پىشانىسىدىن تامچىلاپ تەر تۆكۈلەتتى، دەسلەپكى دىياگنۇزدا: 1. مۇدەتتىن بۇرۇن تۇغۇش ئېھتىمالى بار؛ 2. بالىياتقۇ يارىسى؛ 3. سىزىك قوشۇمچە سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى دەپ يەكۈن چىقىرىلدى ھەم تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈشىدىن: جىددى خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى دەپ گۇمانلاندى. لېكىن 9 - چېسلا چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا «قۇياش» دوختۇرخانىسى مەخپىزەتكە ئاسما ئوكۇل سېلىشتىن باشقا ھېچقانداق داۋالاش تەدبىرلىرى قوللانمىدى، چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1 دە، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ بەرگەن قاننىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى كېلىشى بىلەن، مەخپىزەتكە: جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى قوشۇمچە يېرىلىش ئېھتىماللىقى بار، ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىپ بولمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دوختۇرخانا رەھبەرلىكىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن دەرھال يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەش كېرەك، دەپ يەكۈن چىقىرىپ بەردى.
ئىمام ھەسەن دەرھال ماشىنا بىلەن مەخپىزەتنى كورلا شەھەرلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىغا چۈشتىن كېيىن سائەت 2:41 ئەتراپىدا يۆتكەپ كەلدى، ئۇ كۈنى شەنبە بولغاچقا، دوختۇرلارمۇ ئانچە كۆڭۈلشىمىگەندەك «قۇياش» دوختۇرخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئادەتتىكى تەكشۈرۈشلەرگە ئوخشاش تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ: «بالنىتسىدا كارىۋات قالمىدى، كارىدورغا كارىۋات راسلاپ بەرسەك، شۇ كارىۋاتتا يېتىپ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ داۋالىساق» دېگەن تەكلىپنى بەردى. ئادەم ئۆلەي دەۋاتسا ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ داۋالايمىز دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ئىمامنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچتى - دە، مەخپىزەتنى ئېلىپ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا قاراپ جىددىي يول ئالدى. مەخپىزەتنىڭ: «ئىمام! مەن بولالمىدىم، مېنى تېز قۇتقۇزۇڭلار!» دېگەن نالىسى ئىمامنىڭ يۈرىكىنى پىچاق سانجىغاندەك قىينايتى. ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى مەخپىزەتنى بالدۇر دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئىدى، شۇ ۋەجىدىن شوپۇرغىمۇ توڭ تىگىۋەتتى... ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا يېرىم سائەت ئىچىدە ئاران يېتىپ باردى، بۇ يەردىمۇ جىددى قۇتقۇزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنىلا ئالدىنقى ئىككى دوختۇرخانىغا ئوخشاش ئۇ تۆشۈككە، بۇ تۆشۈككە تولا يۆتكەپ، مەخپىزەتنىڭ ھالىنى قويمىدى، مەخپىزەت ئاغرىقنىڭ دەستىدىن نەچچە ئۆلۈپ، نەچچە تىرىلدى. دوختۇرلار بىر سائەت نېمە قىلغىنىنى بىلمەي قاتراپ يۈرۈپ ئاران دېگىدەك مەخپىزەتنى تۇغۇت بۆلۈمىگە يۆتكەپ، مۇتەخەسىسىسلەر بىرلەشمە دىياگنوز يىغىنى ئېچىپ، داۋالاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندا، مەخپىزەتنىڭ نەپىسى قىيىنلىشىپ، يۈرەك سوقۇشى توختايلا دەپ قالغان ئىدى. بۇ ھالنى سەزگەن دوختۇرلار مەخپىزەتنى ئاران دېگەندە سائەت 4:20 ئۆتكەندە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يۆتكىدى، مەخپىزەت ئاغرىق دەستىدىن ئېڭىرىغان ھالدا كۆزىنى مىڭ تەستە ئېچىپ، ھالسىزلىنىپ ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قوياي دېگەن ئېرى ئىمامغا قارىدى، ئۇ ئىمامدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىغا كۆزى يەتتىمۇ قانداق، ئىچىدە: «ئۇماق قىزىم ئانىسىز قالىدىغان بولدى، ئۇنىڭغا ياخشى قاراڭ، سىزگە ئوغۇل تۇغۇپ بېرەلمىگۈدەكمەن، مېنى كەچۈرۈڭ» دېگەندەك ئاغزىنى تىترىتىپ بىر نېمىلەرنى دېدى ۋە مەڭزىگە ياش تامچىلىرى سىرىلغان ھالدا كۆزىنى يۇمغان پېتى جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئېلىپ كېتىلدى...
40 مىنۇتتىن كېيىن، يەنى سائەت 5 تە مەخپىزەت ۋە ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ تىنىقى توختىدى... ئىمام نېمە قىلارىنى بىلمەي قاققان قوزۇقتەك ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى، ئۇنىڭ سۈيۈملۈك ھەمراھى، قەدىردان دوستى، تېخى نەچچە سائەتنىڭ ئالدىدا كۈلۈمسىرەپ خۇش چاخچاقلىرى بىلەن ئۆزىگە بودەك بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرمەكچى بولغان مېھرىبان ئايالى ئۇنى تاشلاپ كەتتى. ئۇ بۇ زەربىگە قانداقمۇ چىدىسۇن؟!
–ئاھ خۇدا، مەن قانداق قىلىمەن، ئالدىڭدا نېمە گۇناھ قىلغاندىمەن، مەخپىزەت!!! - دەپ ئەتراپىغا قاراپ توۋلىدى، لېكىن ھېچقانداق سادا يوق ئىدى...
مەخپىزەت ۋە ئۇنىڭ قۇرسىقىدىكى بالىسى بىرگە دەپنە قىلىندى، ئۇنىڭ ئوغۇل تۇغۇش ئارزۇسىنى اللە ئۇ ئالەمدە مۇرادىغا يەتكۈزسۇن!! ئىمام مەخپىزەتنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ياخشى ئۇزاتتى، ئادەمدە جان بولسا ئۈمىد بار دېگەندەك، ئايالىدىن قالغان قىزىنى ياخشى بېقىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلىمەكتە. لېكىن، مەخپىزەتنىڭ ئۆلۈمى مۇشۇنداقلا ئاخىرلىشامدۇ؟! ئىلىم - پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ساپمۇساق بىر ئادەمنىڭ، ياق! ئىككى ئادەمنىڭ ئون نەچچە سائەت تەدبىر قوللانماي ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ئاشۇ دوختۇرخانىلارنى بوش قويۇۋېتىشكە بولامدۇ؟! شۇ دوختۇرخانىلار تېگىشلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكقۇ؟! بۇ مەسىلىدە ئەل ئىچىدە نۇرغۇن ئوخشىمىغان تالاش - تارتىشلار بولدى، بەزىلەر: اللە نىڭ بىرلىكىگە تەن بېرەيلى، مەخپىزەت اللە غا يېقىن بولغاچقا ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كەتتى، تۆۋبە قىلىڭلار، روھىغا دۇئا قىلىڭلار، دېيىشسە، يەنە بەزىلەر: سەۋەب قىلسا سېۋەتتە سۇ توختايدۇ دەپتىكەن، مەخپىزەتنىڭ قىزى ھايات، ئۇنىڭغا ئىقتىساد كېتىدۇ، شۇڭا دوختۇرخانىلارنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، دېيىشتى. زادى قايسى يولدا مېڭىش كېرەك؟
مەرھۇم مەخپىزەتنىڭ ئاچىسى ھەلىمە تۇرسۇن پىكىر يوللىرى ئوچۇق، قانۇندىن ئازدۇر - كۆپتۇر خەۋىرى بار قىز بولۇپ، مەخپىزەتنىڭ ئۈچ نەزىرىدىن كېيىنلا بۇ ئىشتىن چاتاق چىقىدىغانلىقىنى، ۋاقىت ئۇزارسا دوختۇرخانىلارنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىشلارنى قىلىۋالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، دەرھال بۇ ئۈچ دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئەينى چاغدىكى داۋالىنىش، قۇتقۇزۇش جەريانى خاتىرىلەنگەن «كېسەل تارىخى» ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋالدى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن مۇتەخەسىسىسلىرىگە كۆرسەتتى. قانۇن خادىملىرى بۇ دېلودا چوقۇم قانۇن بويىچە ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈرلۈكى، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرگە ئىبرەت بېرىش، دوختۇرخانىلارنىڭ مۇشۇنداق ئىشلاردا قانداق قىلىشنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەلىمە تۇرسۇن 2012 - يىل 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى بارلىق ماتېرىياللارنى ئېلىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە ئىدارىسىگە ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش جەريانىدا زادى داۋالاش ھادىسە جاۋابكارلىقى بار - يوقلۇقىنى باھالاپ بېكىتىپ بېرىشىگە ئىلتىماس سۇندى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە ئىدارىسى ھەلىمە تۇرسۇننىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق داۋالاش ھادىسىلىرىنى تېخنىكىلىق باھالاپ - بېكىتىش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باھالاشنامە چىقىرىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلدى. 2012 - يىل 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق داۋالاش ھادىسلىرىنى تېخنىكىلىق باھالاپ - بېكىتىش ئىلمىي جەمئىيىتى تېببىي مۇتەخەسىسىسلەر باھالاش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ: «ھادىسىدىكى ئۈچ دوختۇرخانىدا مەخپىزەتنى داۋالاش جاريانىدا، گەرچە دوختۇرخانىلار ئۆتەشكە تېگىشلىك داۋالاش مەجبۇرىيىتى ۋە ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن قائىدىگە خىلاپ قىلمىش مەۋجۇت. ئېغىر كېسەكللىكلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە كېسەل ئەھۋالىنى مۆلچەرلەش، تەدبىر قوللىنىش، دورا - ئوكۇل ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ۋاقتىدا ئىجرا قىلمىغان، تونۇش يېتەرلىك ئەمەس، دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپ - بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغان، بولۇپمۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانماي، ئىككى بۆلۈم ئوتتۇرىسىدا بىمارنى ئۇزاق ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ، ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېمەك بۇ ھادىسە 1 - قاتلام A دەرىجىلىك داۋالاش ھادىسىسى بولۇپ، ئۈچ دوختۇرخانا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك، يەنى: كورلا شەھەرلىك «قۇياش» دوختۇرخانىسى جاۋابكارلىقنىڭ %40 ىنى، كورلا شەھەرلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسى جاۋابكارلىقنىڭ %20 ىنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى جاۋابكارلىقنىڭ %40 ىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك» دەپ بېكىتىشنامە چىقاردى. ھەلىمە تۇرسۇن مۇشۇ قارارغا ئاساسەن، كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە يۇقىرىقى داۋالاش ھادىسىسىدىن كېلىپ چىققان بارلىق تۆلەم جاۋابكارلىقنى ئۈچ دوختۇرخانا ئۈستىگە ئالسۇن دەپ ئەرز سۇندى...
خوش! 18 - مەزگىلىدە، سىياسىي تۈزۈلمە ۋە ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى، شۇنىڭدەك ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغىنى بولدى، دېمەك پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش، ئەدلىيە ئادىللىقنى ياقلاش - ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئەقلى - ھوشى دۇرۇس بولغان خەلق سودىيەسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتى. نىڭ روھى ئاساسىي قاتلامدا ئۆز ئورنىنى تاپالامدۇ؟! ياكى ھەقىقىي، ئادىل ئىجراسى بولامدۇ؟! بۇ ئاۋامنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلق شۇ سودىيەلىرىمىزگە بەرگەن قانۇن ئادىللىقتىن ئىبارەت شۇ شەمشەرنى جايىدا ئىشلىتەلەمدۇ - يوق دېگەن مەسىلە، ھەلىمە تۇرسۇن سىڭلىسى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا خەلققە بەرگەن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشكە ئاتلاندى، مانا بۇ خەلقنىڭ قانۇندىن ئىبارەت مۇقەددەس قورالنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئاتلانغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، غەيرەتلىك بولۇڭ ھەلىمە، ھوقۇقىڭىزنى قانۇن چوقۇم قوغدايدۇ، ئەرزىڭىزنى تۇتقان شۇ جاپاكەش سودىيەلەر سىزنى چوقۇم نائۈمىدتە قويمايدۇ، ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ سىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىڭىزنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرماقتا!
سىزگە ئاقيول تىلەيمىز!!
ئاپتور: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا -Ruslan- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-28 11:28 PM
|
|
|
|
|
|