hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 01:17 AM
تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ قالىدىغان بولدۇم.
ht ...
بۇ دىگەن سىستىما تەڭشىلىش. باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىسىز. يوللانغان ھەم تەستىقلانغان تىمىلارنى ۋاختىغا قاراپ سىستىما تەڭشەيدۇ.
ئوتتۇردىكى ئەڭ يىڭى ئىنكاس تىما بولسا قايسى تىمىغا ئەڭ يىڭى ئىنكاس چۈشسە يەنى مىسرانىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى يوللانغان ئىنكاسلىق تىما بىشىغا يۆتكىلىدۇ.
مەسلەن مەن مۇشۇ ئىنكاسىمنى يوللىدىم، شۇنىڭ بىلەن تىمىڭىز يىڭى ئىنكاس تىمىنىڭ ئۈستىگە چىقتى. قاچانكى باشقا بىرە تىمىغا مىنىڭ مۇشۇ تىمىدىكى مۇشۇ ئىنكاسىمدىن كىيىن ئىنكاس چۈشسە شۇ تىما ئۈستىگە چىقىدۇ.
ئىشەنمىسىڭىز بىرە تىمىغا ئىنكاس يىزىپ بىقىڭ. شۇ تىما يىڭى ئىنكاس تىمىلار قاتارىنىڭ بىشىغا چىقىدۇ.ئاۋۇ ناخشا تىمىللىرى بولسا توختىماي ئىنكاس چۈشىۋەرگەچكە ئۈستىدە تۇرىۋەرگەندەك كۆرىنىدۇ.
يىڭى تىمىلار قاتارىنى بولسا يوللانغان ھەم تەستىقلانغان ۋاختىغا قارىسىڭىز چۈشىنىسىز.
ئاۋات تىما بولسا چىكىلىش سانىغا قاراپ تەڭشىلىدۇ.
تىمىلارنىڭ ئورۇن تەرتىپىنى ئەزەلدىن باشقۇرغۇچىلار ئورۇنلاشتۇرمايدۇ. ھەم ئۇنداق قىلسىمۇ بولمايدۇ.
بىر يىڭى تىما تەستىقلانسا يىڭى تىمىلارنىڭ ئۈستىگە چىقىدۇ. بۇرۇنقىللىرى بولسا بىر قەدەم پەسكە چۈشىدۇ. بىرنەچچە تىما بىرلا ۋاقىتتا تەڭ تەستىقلانسا قايسىسى ئەڭ كىيىن يوللانغان بولسا شۇ ئۈستىگە چىقىدۇ. يوللىنىش ۋاقتى بىلەن تەستىقلىنىش ۋاقتى بەلگىلەيدۇ. سىستىما تەڭشەيدۇ.
خىلى ئۇزۇن باشقۇرغۇچىلىق قىلغان ھۆكۈمرانمۇ مۈجمەل جاۋاب بىرىپتۇ . بىكاردىن بىكار ئەزالارنى پەسكەش مۇناپىق دەپ تىللاپتۇ. كۆرمىگەن ئادەمنى مۇناپىق، بىرەسىگەن يامانلىق قىلغىنىنى بىلمەي تۇرۇپ پەسكەش دىيىش ئاسان گەپمۇ؟
توردا ئادەم تىللاش ئەڭ ئاسان دە بەزىلەرگە. 9 ياشلىق بالىمۇ 40 ياشلىق بەردەم ئادەمنى تىللاپ پوسكايتىۋىتەلەيدۇ توردا. چۈنكى توردا تىللاشقا كۈچ كەتمەيدۇ دە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-27 02:52 PM