مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2773|ئىنكاس: 38

دىننى ئاتالغۇغا ھۆرمەت قىلايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3437
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34039
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 07:11:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8222
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 536 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 11:24:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلاق ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن چېكى بولغان قانۇنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىنىپ، ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى ئەۋج ئېلىپ،سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى بىلەن ئىستىمال مەنىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق زىيادە چوڭىيىپ كېتىۋاتقان ئەھۋالدا بۇ قىسقا ئوبزورىڭىزنى بىرىنچىدىن،يۇرت كاتتىلىرىنى،مۆتىۋەر ئالىم-ئۆلىمالىرىمىزنى قەدىرلەش،ئەنئەنىمىزدىن ياتلاشماسلىق خاھىشىدىن چىقىپ  ئەھمىيەتلىك دەپ چۈشەنسەم،ئىككىنچىدىن،ئانا تىلغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە ئويغىتىدىغان پىكىرلەر ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپتۇ،دەپ بۇ ئاددىي ئىنكاسىم بىلەن قوللاشنى لايىق تاپتىم.   
يولۋاس راشىدىن ئەپەندىنىڭ بىر كىتابى بولىدىغان«سىتىلىستىكا ساۋادى»غۇ دەيمەن، شۇ كىتابنى تورداش دوستلارغا تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-26 11:27 PM  


كۈن ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كۈندۈز كەتكەندە،
ئاي ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كېچە يەتكەندە.

كۆيگەن يەرنىڭ  

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62805
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3479
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2011-10-30
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 01:00:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xirin-aslima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-27 01:14 AM  


بىلمىدىم مەن سۆيگەن سۆيگۈ دېگەننى، كىملەرنىڭ بەختىدىن بەرگەنسەن كېسىپ. شۇقەدەر كۆيۈشكە بۇيرىغان تەڭرىم، نە ئۈچۈن ۋىسالنى قىلمىدىڭ نىسىپ....

مەنىسىز ھايات

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6731
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6497 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 01:23:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىقى«تېلىفۇن»دىگەن ئېتۇتتىكى يۇمۇردەكلا  بوپ قاپتۇ ھە،،«رېستۇراندىن كەلمەيدىغان  بىر قىزنىڭ ئىسمى ئىبادەت» دىگەندەك.. بۇ ھەقىقەتەن دەل جايىغا يېزىلغان تېما بولۇپتۇ.ئاخبارات ئورۇنلىرى،مۇخبىرلار بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك..

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6611
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 01:43:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسى توغرىسىدا مىسرانىم ئىشتىراكچىلىرى كۈرۈشكە تىگىشلىك تەپسىلىي مەزمۇنلار مانا بۇ يەردە http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=22902

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-29 03:41 PM):
ئىملا خاتالىقى كۆرۈلىپتۇ. قۇرئان دەپ ئۇقۇشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1427
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19834
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8647 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 01:45:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەت ئەسلى ماھىيىتىنى يوقاتقاندا بىر ئەخلەتكە ئايلىنىدۇ.

قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

قەدىرلىگىن سىنى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11407
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7397 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 03:43:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تىمىنى ئىككى كېتىم يوللىدىڭىزمۇ ياكى  كۇزۇمگە شۇنداك كۇرۇنۇپ قېلىۋاتامدۇ؟.................

كۇكۇيۇن

ئىمان ھەم غورۇر بىرسى بىرسىدىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6253
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 05:21:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا بوۋىسى ھاجىملانى ھاجىم دىمىسە قاتتىق خاپا بولىدۇ بىزنىڭ قەشقەردە

ئۇيغۇرۇم ئۆزىنى تونىغاندا ئۆملەشكەندە ھەرقانداق رەقىبىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇسى !!!ئەمدى چۆچىمىسەڭ ھىچنىمەڭنى قوغدىيالماس بوپ قالىسەن ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37620
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5668
تۆھپە نۇمۇرى: 167
توردا: 1092 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2013-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 07:50:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەندىم، لىكىن ھاجىم ئاتالغۇسىغا بەرگەن ئىزاھاتتا سەل مەسىلە باركەن، بۇ ماتىرىيالنى ئوقۇپ بېقىڭ.

چېسلا: 2011-09- 30
سۇئال نومۇرى: 670
«ھاجىم» ئاتالغۇسىنىڭ دىنى ئاساسى توغرىسىدا


سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز !دىيارىمىزدا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى «ھاجىم» دەپ ئاتايدىغان، ئومۇملاشقان بىر ئادەت بار. ئەمما، مەيلى مۇھەممەد ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياكى ساھابە كىراملەر بولسۇن، ئۇنداق ئاتالمىغان ئىكەن. سوئالىم شۇكى، ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلغانلارنى «ھاجىم» دەپ ئاتاشنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ -يوق؟ ئاساسى بولسا تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى قانداق؟

جاۋاب:



ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم



بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

ھەج ئىبادىتى ئىسلامدىكى بەش ئاساسلىق ئىبادەتنىڭ بىرى بولۇپ، ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلىپ ناشايان ئىشلارنى (جىنسى ئالاقە قىلىشنى) ۋە گۇناھ ئىشلارنى سادىر قىلماي ھەجنى تاماملىسا، خۇددى ئانىسى تۇغقان كۈندىكىدەك، (گۇناھدىن پاك) ھالەتكە قايتىدۇ».(سەھىھەين: بۇخارى 1521-ھەدىس. مۇسلىم 1350-ھەدىس)

ھەج ئىبادىتىنى قىلىشقا مۇيەسسەر بولغانلارنى ھاجىم دەپ ئاتاش بىز ئۇيغۇرلاردا بولسۇن، باشقا تۈركى مىللەتلەردە بولسۇن، شام ۋە مىسىر قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدە بولسۇن، ئافرىقىدىكى دۆلەتلەردە بولسۇن ئاساسەن دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدىكى ئومۇم مۇسۇلمانلاردا كەڭ تارقالغان بىر ئادەت بولۇپ، بۇ سۆز ھەج قىلغان شۇ كىشىنى ئىززەتلەشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەھەتتىن بۇ سۆزنى ئىشلىتىش مۇباھ بولىدۇ. بۇنىڭدا يا ھاراملىق يا مەكروھلۇق بولمايدۇ.

ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياكى ساھابە كىراملىرى بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلەتمىگەن. بىر-بىرىنى ئۆز ئىسمى ياكى كۇنيىتى بىلەن چاقىرىشقان. لېكىن ئىشلەتمىگەنلىكى ئىشلەتسە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشىغان ناملارنى مىسالغا ئالساق مەسىلەن: مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى دەپ ئاتاشمۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ياكى 1-خەلىپىسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدا ئىشلىتىلمىگەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدا قوللىنىلغان.

قارى دېگەن نام رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابە كىراملار دەۋرىدىلا ئىشلىتىشكە باشلىغان.

ئاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قارىيلار دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ئۆمەكنى ئەۋەتكەندە، ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىرەر نەرسىگە ئۇلارغا قايغۇرغاندەك قايغۇرۇپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ بىر ئاي بامدات نامىزىدا قۇنۇت ئوقۇغان ۋە: «ئۇسەييە قەبىلىسى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلدى!» دېگەن.(سەھىھەين: بۇخارى: 6394-ھەدىس. مۇسلىم 667-ھەدىس)

ساھابىلاردىن يەنە سەئد ئىبنى ئۇبەيدە (ئەبۇ زەيد) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك قارى دەپ تونۇلغانلار بار. تابىئىي ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر يەتتە قىرائەت ئىماملىرىمۇ بار.

شەيخۇل ئىسلام دېگەندەك، ياكى شەيخ پالانى دېگەندەك ناملارنى ئەسرى سائادەتتە ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ كېيىنچە مۇسۇلمانلار ئىشلەتكەن.

ئىمام دېگەن سۆز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە مەسجىد ۋە باشقا جايلاردا نامازغا ئىمامەتچىلىكتىن كەلگەن بولسىمۇ كېيىنچە تۆت مەزھەب ئىماملىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان باشقىلارغا ئىلىم ۋە پەزىلەتتە ئۆرنەك بولىدىغان، ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ بولغان، تەسىرى چوڭ ئالىملارغا ئىشلىتىلگەن.

ئۇنداق بولىدىكەن ھاجىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ناملارنى ئىشلىتىش دىندا يېڭىدىن بىر نەرسە پەيدا قىلغان دائىرىگە كىرمەستىن، بەزى شەخسلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تونۇۋېلىش ياكى ئىززەتلەشنى كۆرسىتىدىغان ئادەت، تارىخى ئەنئەنە، مۇسۇلمانچە پۇراق.

لېكىن ھەج ئىبادىتى باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاش ئىخلاس تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، ھەج قىلغان كىشى بۇ كاتتا ئىبادەتنى باشقىلار ئۇنى ھاجىم دەپ ھۆرمەتلىشى ئۈچۈن ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرويلۇق كىشىلەر قاتارىدىن بولۇش ئۈچۈن ياكى ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشىرىسىنى يۆگەش ئۈچۈن ياكى ھاجىم دېگەن نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا قۇللۇق قىلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئورۇندىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغان كىشى بۇ ئىبادىتىنىڭ مۇكاپاتىنى پەقەتلا ئاللاھدىن كۈتىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: (ھالبۇكى ئۇلار دىيننى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقىلا ۋە يەنە نامازنى جايىدا ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلغان، ئەنە شۇلار توغرا دىندۇر.)(بەييىنە سۈرىسى 5-ئايەت.)

يەنە مۇنداق دەيدۇ: (كىمكى رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئىش قىلسۇن، رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن)(كەھف سۈرىسى ئاخىرقى ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

بۇنىڭغا ئاساسەن باشقىلار مېنى ھاجىم دېسۇن دەپ شۇ مەقسەتتە ھەج قىلىدىغان كىشى ئاللاھقا تولۇق ئىخلاس بىلەن ھەج قىلمىغان بولىدۇ.

بەلكى تېخى رىياخورلۇق ياكى نام ئۈچۈن قىلىنغان بۇ ئىبادەت كىشىنى دوزاخقا تاشلىتىدۇ. جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: (كىمىكى پەقەت دۇنياۋى ھاياتنى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ-زىننىتىنى خالايدىكەن، ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئۇ يەردە ئۇلارغا تولۇق بېرىمىز، ئۇلار ئۇيەردە كەم بېرىلمەيدۇ. ئەنە ئاشۇلار ئاخىرەتتە ئۇلارغا دوزاختىن باشقا نەرسە يوق كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ ئۇيەردە قىلغان ئىشلىرى بىكار بولۇپ كەتتى، ئۇلار بىكار ئىشلارنى قىلىشقان ئىدى.)(ھۇد سۈرىسى 15-16-ئايەتلەر.)

ھەدىستە كېلىشىچە: قىيامەت كۈنى ئەڭ دەسلەپ قىلىپ ھۆكۈم قىلىنىدىغان شېھىت، قارى ۋە سېخى باي قاتارلىق رىياكەر ئۈچ كىشىنىڭ بىرىنچىسىگە ئاللاھ تائالا: كىشىلەر جەسۇر دېسۇن دەپ ئۇرۇشقان ئىدىڭ، شۇنداق دېيىلىپ بولدى، دەيدۇ، ئاندىن بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ ئۇ دۈم ھالەتتە سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئىلىم ئۆگىنىپ، ئىلىم ئوقۇتۇپ قۇرئان ئوقۇغان كىشىگە: لېكىن سەن ئالىم دېيىلسۇن دەپ ئىلىم ئالغان، قارى دېيىلسۇن دەپ قۇرئان ئوقۇغان، شۇنداق دېيىلىپ بولدى، دەيدۇ، ئاندىن بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ ئۇ دۈم ھالەتتە سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. سېخىلىق قىلغان بايغا: لېكىن سېخى دېيىلسۇن دەپ شۇنداق قىلغان، شۇنداق دېيىلىپ بولدى، دەيدۇ، ئاندىن بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ ئۇ دۈم ھالەتتە سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ.(سەھىھى مۇسلىم: 1905-ھەدىس)

دېمەك يۇقىرىقى ئايەت-ھەدىستىن ھاجىم دېيىلسۇن دەپ ھاجىم دېگەن نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەج قىلىشنىڭ ئىخلاسقا تاقىشىدىغانلىقى، ئاقىۋىتى يامان بولىدىغانلىقى چىقىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان كىشى ھەجىنىڭ ساۋابىنى ئاللاھدىن كۈتۈشى، ھاجىم دېمەي قالسا خاپا بوپ كەتمەسلىكى، پەرۋا قىلماسلىقى لازىم.

نىيىتىنى خالىس قىلىپ ھەج قىلغاندىن كېيىن باشقىلار ئۇنى جەمئىيەتتىكى ئادەت بويىچە ھاجىم دەپ ئىززەتلەپ چاقىرغان ئەھۋالدا بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھاجەتسىز. چۈنكى نىيەتلەرنى ئاللاھ بىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ شۇنداق چاقىرىشى بىلەن بۇنىڭ نىيىتى خالىس ئەمەس بولۇپ قالمايدۇ.

بەلكى ھاجىم دېگەن بۇ سۆز ئۇنى ئۆمۈر بويى شۇ نامغا لايىق يۈرۈش-تۇرۇشقا، ھەج قىلىشقا ۋە ئىسلام ئەخلاقى بىلەن زىننەتلىنىشتە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشقا، ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىنى تاشلاپ يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم قويۇشقا چاقىرىپ تۇرغاندەك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇرۇن بەزىبىر گۇناھلارنى قىلىپ سالغانلار ئەرافاتتا تۇرۇپ مەغپىرەت تىلەپ ھاجىم بولۇش نېمىتىگە مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن نورمال تۇرمۇشقا قايتقان چاغدا شۇ گۇناھلارنى قىلىپ سالسا تېخىمۇ ئەيىبلىك بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.



پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2012-3-23




ئۈمۈدۋارغا ئۈمۈد يار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73757
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4150
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 240 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 09:59:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش