ئادەتتىكى ئەزا
غەزەل(ئىلىم ھەققىدە) ئىلىم كۆپتۇر بىلىپ يەتسەڭ بۈيۈك دەستۇر قۇرئان سەندە، ئېزىپ يۈرگەن نادان ئىنسان ئىلىم ئۈچۈن زەھەرخەندە. تىنىم تاپماي كېزىپ يۈردۈڭ ھەقنى بىر تۇنماق ئۈچۈن، نە ھاجەت ئەرىشگە باقماق ئۇ يېقىن قەلىب-تەندە. ئالىم-ئۆلىما يېزىپ قامۇس پۈتۈپ قويغان ئىلىم ساۋاق، سەن ئاڭا نەزەر سالساڭ ھەق ھېكمىتى ئىلىم-پەندە. ئەقىل تاپ، ئۇيقۇڭنى ئاچ، ھايات بىرلا كېتىپ كەلمەس، بىر ئۆمۈر خار ئۆتەرسەن تىلەپ ئاش-نان كىيىپ جەندە. ھەر قاچان غاپىل بولما مەن "قالتىس مەشىھۇر ئىنسان"، بىر كېسەل ئوراپ ئالسا سەن ئاجىز غېرىپ بەندە. ئىلىم خەنجەر، دىننىڭ قالقان بولسا گەر ياۋ ئالدىدا، تىغ ئورۇپ يەكسان قىلۇر كەلسە مىڭ-مىڭ كۈشەندە. يۈسۈف ئېيتسا ئول نەزىمنى بىلىپ يەتمەس دوسىت-يارەنلەر، نەھايەت بىلىسە خالايىق مەن شۇنداق خوشال كۈندە.
مەنبە: ئۆزۈم
پاش قىلىش
يىـڭى ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ