مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1909|ئىنكاس: 13

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ شۆبىسى قۇرۇلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81021
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3399
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2013-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 06:14:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ «مەدەنىيەت-سەنئەت مەكتىپى شۆبىسى» قۇرۇلدى
     كەڭ مىللىي ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى تەلىپى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ شۆبسى شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت مەكتىپىدە قۇرۇلدى. بۈگۈن ئەتىگەن ئاددى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، رەسمىي سىرتقا قارىتا ئېچىۋىتىلدى.
     بۈگۈن  ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى مەۋلۈد ئىبراھىم كۇتۇپخانىنىڭ سېكىرتارى ئەركىن مۇھەممەتنى زىيارەت قىلدى. كۇتۇپخانىنىڭ سېكىرتارى ئەركىن مۇھەممەت كۇتۇپخانىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي رولى، تارماق شۆبىسى قۇرۇشنىڭ سەۋەبى ۋە ئەھمىيىتى قاتارلىق نۇقتىلاردا چۈشەنچە بېرىپ، «باش كۇتۇپخانا شەھىرىمىزنىڭ شىمالىغا يەنى جەنۇبىي بېيجىڭ يولىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن كەڭ ئاز سانلىق ئاممىسى ئۈچۈن ئەپسىز بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ كۇتۇپخانىمىزنىڭ دائىملىق ئوقۇرمەنلىرى بولغان پىشقەدەملەر، ياشانغانلار ئۈچۈن كۆپ قولايسىز بولۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كۇتۇپخانىمىزنىڭ ‹مەدەنىيەت-سەنئەت شۆبىسى› نى قۇرۇپ چىقتۇق. گەرچە بۇ تارماق كۇتۇپخانىنىڭ كۆلىمى كۆپ كىچىك، ماتېرىياللار ئاز بولسىمۇ لېكىن بىز كەڭ خەلقمىزنىڭ قوللىشى بىلەن كۇتۇپخانىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل، كېڭەيگەن، ئېلىكتېرلەشكەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز، كەڭ خەلقىمىزنىڭ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
       بۈگۈن ئەتىگەنكى ئېچىلىش مۇراسىمغا ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى، قانۇنچىلىق گېزىتى، ئىقتىساد گېزىتى، رادىيو-تېلېۋىزىيە گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەرمۇ قاتناشتى....
       كۇتۇپخانا بىر بىلىم كانى، ئىلىم خەزىنىسىدۇر.  كىتاب ـــ پەقەت كىتاب جازىسىدا تېزىقلىق تۇرىدىكەن، ئۇ بىر قەغەز دۆۋىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ قىممىىتى پەقەت ئۇنى سۈيىدىغان ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتكەندىلا ئاندىن بباھادۇر.
       شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ قۇلايلىق پۇرسەتتىن ئوبدان پايدىنىلىشىمىز كېرەك. كەڭ ئامما ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تارماق كۇتۇپخانىنى زىيارەت قىلىپ بېقىشىمىز، كۇتۇپخانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرشىمىز كېرەك  ...
   ئورنى: ئىتتىپاق يولى مەدەنىيەت-سەنئەت مەكتىپى،
     دەرۋازا ئۇدۇلىدىكى بىنا بىرىنچى قەۋەت سول تەرەپ

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 922
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10797
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 08:33:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىش بوپتۇ. رەھمەت.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن 3. ئېشەك دەرمىش: كاللام ئامان بولسىلا دېڭىزغا بېرىپ سۇ ئىچىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73338
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3454
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-1-17
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 08:38:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ، ئاممىغا قولاي بولغان مۇشۇنداق كۈتۈپخانىلار جىقراق ئىچىلسا، ھەقسىز ئىچىۋىتىش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە شارائىتى تىرىشىپ ئۆستۈرۈلسە، ئورۇنسىز چاي-ئولتۇرۇشلارغا، ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ بولۇۋاتقان ۋاقتىمىزنى كۈتۈپخانىلارغا بىرىشقا، كىتاپ كۆرۈپ مەنىۋىيتىمىزنى بىيىتىشقا سەرپ قىلساق بەك ياخشى بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89916
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 407
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2013-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 08:43:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باشقىلارغا تەبە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7757
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6493 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 08:47:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلەن ئىش بوپتۇ. دىمىسىمۇ ئۇيغۇرلار كۆپرەك جايغا ئېچىپ بىزنىڭ مەنىۋى تورمۇشىمىزنى بېيىتمامدۇ دەيمەن. يەكشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى يىكەنكۆل مەيدانى يېنىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۈتۈپخانىغا بارغان ئىدىم.ئۇيغۇرچە كىتاپلار 5-قەۋەتتە ئىكەن.ئۇ يەرگە كىتاپ كۆرگىلى بارغان ئىككى ئۇيغۇر بۇۋاينى كۆردۈم.ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ ئادەملەر يوق.دىمىسمۇ ئۇ تەرەپتە ئاساسەن خەنزۇ يولداشلار ئولتۇرىدۇ.بىزنىڭ ئادەملەر ئۆيى ئاساسەن بۇ يەردىن يىراق.خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ،خەلقنى ئويلاش دەيدۇ.ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا كۆپلەپ مۇشۇنداق مەدەنيەت ئۆيلىرىنى قۇرۇش كىرەك. ئاندىن خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان بۇلىدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 826
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 08:57:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىشكەن رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85243
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 126
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-9-20
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 09:19:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئىش بۇپتۇ!

نادان، سازاڭ- دەسسىۋىتىش كىرەك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48030
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3986
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2013-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 09:57:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايىتى بەلەن ئىش بولاپتۇ ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلەردىمۇ ئىچىلغان بولسا ياخشى بولاتتى، ياكى قەشقەر ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانىدەك كۇتۇپخانىنىڭ كىتاپ ژورنال سانىنى غولدىتىپ كۇچىنى ئاشۇرۇپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى. ماۋۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانىدىمۇ داۋاملىق مۇشۇ يولداشلار لىق ئولتۇردۇ، ئىچىمنى پۇشۇرۇپ.   

باشقىلار بىلىمىنى كۆرستەلمەي ئاۋارە، بىز مايمۇندەك ناخشا ئۇسۇل ئويناپ باشقىلارنى بەل-قوڭلىرمىزغا قايلىتالماي ئەۋارە!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7006
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1256 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 10:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى يولىمىزغا بەلگە ،دىلىمىزغا لەرزە ئېلىپ كەلگۈسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10931
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2439 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 10:22:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بولۇپتۇ .بىزنىڭ غۇلجىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسىدا بۇرۇن  كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئۇيغۇرچە كىتابلار بىرىنچى قەۋەتنىڭ  يېرىمىدا  كۆلىمى خېلى چوڭ ئىدى ،گەرچە كىچىك بالىلار كىتاب ئوقىسا «ئالمايدىغانلار چىقىپ كېتىڭلار»دەيدىغان پوزىتسىيىسى ناچار خىزمەتچىلەر بولسىمۇ بارىدىغانلار كۆپ ئىدى .بۇ يىل تەتىلدە بىر كىتاب ئالماقچى بولۇپ شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ھەيران قالدىم . ئۇيغۇرچە كىتابلار بۇرۇنقىدىن بەكلا ئازلاپ كەتكەن بولۇپ ،بىر بۇلۇڭدىكى نەچچە رەت كىتاب جازىسىغىلا  تىزىپ قويۇلۇپتۇ،شۇ چاغدا كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولغان .ھېچ بىلمىدىم ھۆكۈمەتنىڭ مېدىيىلىرىدە كۈچەپ تەشۋىقات قىلىنىۋاتقان مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بىزنىڭ يۇرتقا قايسى خىل شەكىلدە يېتىپ كەلدىكىن .ھەي ،بولسا تورخانا بىلەن قاۋاقنىڭ ئورنىغا كۈتۈپخانىدەك مەدەنىيەت ئورۇنلىرى كۆپلەپ قۇرۇلسا ياخشى بولاتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش