دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدا غۇلجىدا كىڭەش
قانتازىيە
شۈكران
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 p( G* N% I3 ^2 R+ _. I& P
1.خان يارلىقى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; f, f- l. V/ |( E5 g
چىڭگىزخاننىڭ جىددىي يارلىغىنى ئېلىپ غۇلجا شەھەر قوۋقىدىن ئاتلىق چېپىپ كىرگەن ھوشۇر قارى خەنزۇ بازىرىدىكى ئادەملەر توپىنى يېرىپ جاڭجۈن بىڭگۇەن تەرەپكە كېتىۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت تاۋاق كۆتىرىپ سەدىقە يىغىپ يۈرگەن تاڭسىڭنى بىر قامچا ئۇردى. تاڭسىڭ تۇيۇقسىز تەگگەن قامچىدىن ھودۇقۇپ قىزىل قالپىقىنى يەردىن تىرىپ سارەسىم بولغان ھالدا ھوشۇر قارىغا قارىدى. ھوشۇر قارى دەرغەزەپكە كەلگەن ھالدا:
-ھې ئاداش. ساڭا خان مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ غۇلجىدا سەدىقە يىغ دىمىگەن بولغىيتى!
-ياق غوجام.ياق.
-ئۇنداق بولسا جاڭجۈن بىڭگۇەندە يېتىپ يارلىق كۈتمەي نىمىش قىلىسەن بۇ يەردە؟
-بىكار ئۆلتۈرغىچە شاگىرتلارغا ئازىراق سەدىقە يىغغاچ باراي دىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە باجىنىڭ قارنىنى سىزمۇ بىلىسىز. ئاخشام خەنزۇ بازىرىدىكى بىر تونۇشۇمنىڭكىدە قونۇپ قالغان ئىدىم.
-ھە! تېخى مۇنداق گەپمۇ باما. شۇ چوشقىنى تېخىچە بېقىۋاتامسەن! تىز يۈگۈرۈپ بار. خاننىڭ يارلىقى بار! -ھوشۇر قارى ئاچچىقلانغان ھالدا ئاتقا قامچىدىن بىرنى سېلىپ ئۇدۇل جاڭجۈن بىڭگۇەنگە يۈرۈپ كەتتى.
ھوشۇر قارى جاڭجۈن بىڭگۇەننىڭ دەرۋازىسىغا ئاتنى مەھكەم باغلىدى. ئاندىن ئوقتەك كىرىپ:
-نەچچىنچى ياتاق!-سوردى مۇلازىمدىن.
-222 ياتاق جاناپلىرى.
-سۇڭجىياڭ، ھېسامكاملار كېلىپ بولدىمۇ؟
-تاڭسىڭ ئاخشام بۇ ياتاق قىممەتكەن دەپ تونىشىنىڭكىگە كەتكەن. ھېسامكام بايام ئۆيىگە كەتتىىغۇ دەيمەن!
-نېمىشقا ئەمدى!
-يارلىق كەلسىلا تېلفۇن قىلىۋېتىڭلار دىگەن. بېشى ئاغرىپ تۇرىمىش، شۇڭا ئايالى زېمىنىخانغا شۆگۈرۈچ ئەتتۈرۈپ ئىچىپ چىقاي دەۋاتقان.
-تېز تېلفۇن قىل! ھېلى بىكار كۆرگىلىگىڭنى كۆرىشىسەن!
-ھە بولىدۇ جاناپلىرى. ۋەي.ۋەي....
جاڭجۈن بىڭگۇەننىڭ 222-ياتىغىنى قاتتىق ئېچىپ كىرگەن ھوشۇرقارىنىڭ ھەيۋىسىدىن، سېڭايان يېتىپ خىيالغا پاتقان سۇڭجىياڭنى قورقۇپ پەسكە غۇلاپ چۈشتى.
-سۇڭجىياڭ. سەن لىياڭشەن كۆلىدىكى 108 پالىۋاننىڭ قابىل سەركەردىسى تۇرۇپ يىقىلىپ يۈرگىنىڭ نىمىسى. سەن يەنە نېمانچە مەسھۇلىيەتسىز. تۆت ئېغىز يالغان-ياۋداق گەپ قىلىپ ئۇ ئىككەيلەن بىلەن كېلىشىپ تۇرساڭ بولمامتى.
-ھەددىم ئەمەس خان ئەلچىسى جاناپلىرى. ھەددىم ئەمەس.
-نېمە دىمەكچى؟
-ئاۋۇ تاڭسىڭ دىگەن قول ئاستىدا ئۈچ قابىل سەرۋىزى بار نوچى. ئارقا سەپتە ئاۋالىك سورا بوتساتۋارى بار قوغدايدىغان. مېنىڭ گېپىمنى پەرۋايىغا ئېلىپ قويماي ئاخشاملا ياتاق ھەققىنىڭ قىممەتلىكىنى باھانە قىلىپ خەنزۇ بازىرىدىكى تونۇشىنىڭكىگە كىتىپ قالدى. ما ھېسامغا كەلسەك، ئۇنىڭغا تۆت ئېغىز ئەمەس بىر ئېغىز گەپ قىلغۇسىز نىمىكەن. ئۆز گېپىنى ئۆزىگە بومبا قىلىپ ئاتىدىكەن. ئۇنى قوغداپ پەرھات باجى، ئەكرەم سېتىۋالدى، يۈسۈپجان قېييۇم قاتارلىق بىر نەچچىسى ئايرىم ياتاق ئاچقۇزۇپ كېچىچە سۈر ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ چىقتى. چېقىلغىلى بولمايدىكەن. تۈتۈپ قېلىش ئەمەس ئەتتىگەن كۆزدىن بىر نەچچە مېنوت يوقىغىنىغا خوش بولۇپ بىردەم يېنىمنى قويدۇم تېخى.
-ھە! نېمانچە يولسۇزلۇق بۇ!
-تېخى بۇ ياتاقنىڭ پولى ماڭا ھېساپمىش-دەپ كۆزىگە ياش ئالدى سۇڭجىياڭ.
-خەپ! ھېسام خەپ!
-مەن يىغىن زالىدا ساقلاي. ئۇلار كېلىشى ھامان چىقىشالا.
-بولىدۇ.
ھوشۇر قارى يىغىن زالىدىكى ئايرىم قويۇلغان شىرەنىڭ ئۈستىدە بەدەشقاننى قۇرۇپ بىمالال ئولتۇرۇپ كۈتمەكتە ئىدى. ياتاق خىزمەتچىسى:
-ھېسامكام بىلەن تاڭسىڭلار كەپتۇ.
-تېز چاقىر!
-ھېسام، تاڭسىڭ، سۇڭجىياڭلار كىرگەي!
ئاۋۋال تاڭسىڭ،سۇڭجىياڭ كىردى. ئاندىن ھېسام لومىلدەپ دەسسەپ كىرىپ، ھوشۇر قارىنىڭ ئالدىغا تىزىلدى.
-خاندىن يارلىق!- دەپ ۋاقىرىدى ھوشۇر قارى.
-ئامىتوفو-دەپ قولىنى جۈپلىدى تاڭسىڭ
-ياشىغايلا ئىززەتلىك خان ئالىيلىرى!-دەپ تىزلاندى سۇڭجىياڭ
-ھېي بولە تىز! تازا ئولتۇرۇپ ئاڭلاي! ماڭا بىر ئورۇندۇق ئەكىرۋېتە!-دەپ مۇلازىمغا قول ئىشارە قىلدى ھېسام.
-يېقىندا ياپۇن ئېلىدە نودا يوشىخو ئېسىملىك بىر موتىھەم چىقىپ بىز مۇڭغۇللارنىڭ يۈز ئابىرويىنى دەپسەندە قىلدى. ئۇ قانداقسىگە دىياۋيۈ ئارىلىنى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنماقتا. بىز مۇڭغۇللارمۇ قىلىچ ئوينۇتۇپ پۈتۈن دۇنياغا سۈر ھەيۋىمىزنى كۆرسىتىپ، بارغانلا يەرنى ئىگىلەپ كىلىۋاتقان بولساقمۇ، ياپۇن ئىلىغا ئات چاپتۇرۇپ بېرىپ زۇمگەرلىك قىلىش مومكىن بولمىدى. شۇڭا ھەر قايسى ئەللەرگە مەخپىي يوليۇرۇق چۈشۈرۈلدى، مەخپى يوليۇرۇقنىڭ ئاساسىي مەقسىدى ئۇلاردىن بىر موۋاپىق ئەلچى تېپىپ، ياپۇن ئېلىنى بۇ قارا نىيىتىدىن ياندۇرماقلىق لازىمدور. بۇ خىزمەت ھەم جاپالىق، ھەم مۈشكۈلدۇر،ھەم شەرەپلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە نودا يوشىخونىڭ مىجازى غەلىتە، يەپ-ئىچىشى ئۆزگىچە بولۇپ، ئاساسەن سۈرلەنگەن بېلىق بىلەن ھاراققا ئامىراقمىش. ئۇ بىزنىڭ قىمىزنى ئىچمەيدىكەن. شۇڭا ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن موۋاپىق نامىزات تېپىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. سۇڭجىياڭ سەن مەڭگۈ لىياڭشەن كۆلىدە ئوغرى-قاراقچى بولۇپ ئۆتىۋەرمەيسەن! سەنمۇ خانغا ياراپ قالساڭ ئوردىدا مۇھىم خىزمەتلەرگە قويىلىسەن! تاڭسىڭ سەنمۇ ھازىر يالقۇن تاغدا ئايلىنىپ، پىشىپ يۈرگىلى 20 نەچچە كۈن بولدى. جان قىينىماي شۇ ئوردىنىڭ دىنىي خىزمەتلىرىگە قويۇلۇپ ئوردا ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، راھەت-پاراغەتتە ياشايسەن! ھېسام سەنمۇ ئوردىدىكى سەنئەتچىلەرنى ياخشى تەشكىللەپ، ئوردىدا مۇھىم خىزمەتكە قويىلىسەن! خاننى كۈلدۈرۈپ دائىم بىللە يۈرىسەن! يەپ-ئىچىشىڭ ئاساسەن خان بىلەن ئوخشاش بولىدۇ! ئۇندىن باشقا ئۇلارنىڭ قابىل سەركەردە-سەرۋازلىرىگە مۇھىم خىزمەتلەر بىرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يەنە ئالتۇن-كۆمۈش ئىنئام قىلىنىدۇ! خان شۇنداق ئەسكەرتىدۇكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئاۋۋال ئۆزلىرى ئۆز يەرلىرىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ھاراقىنى كۆپ ئىچەلەيدىغان، بېلىقنى كۆپ يىيەلەيدىغانلاردىن تاللاپ بېكىتىپ، نامىزاتلارنى قەشقەر ھېيىتكاھدا ئېلىنىدىغان سەلەي چاققاننىڭ ئېمتىھانىغا ياخشى تەييارلىق قىلدۇرىشى كېرەك. يارلىق تامام!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 O- [% v. ` g- Lداۋامى (2-سۇڭجىياڭنىڭ ياراملىق ئەلچى تاللىشى) داۋاملىق يوللىنىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; \! G0 Q5 l) A7 q
■■■■■■■■■■■■■
ئەسكەرتىش:تېمىنىڭ تۇلۇق قىسمىنى بىر يەردىن كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ:
دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدا غۇلجىدا كېڭەش
-تەھرىرلىگۈچىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-3 03:06 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) w7 I3 J5 b% H
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- f" d/ _* F! O" o