مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 68596|ئىنكاس: 25

دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدا غۇلجىدا كىڭەش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 07:02:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدا غۇلجىدا كىڭەش

قانتازىيە

شۈكران


1.خان يارلىقى


       چىڭگىزخاننىڭ جىددىي يارلىغىنى ئېلىپ غۇلجا شەھەر قوۋقىدىن ئاتلىق چېپىپ كىرگەن ھوشۇر قارى خەنزۇ بازىرىدىكى ئادەملەر توپىنى يېرىپ جاڭجۈن بىڭگۇەن تەرەپكە كېتىۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت تاۋاق كۆتىرىپ سەدىقە يىغىپ يۈرگەن تاڭسىڭنى بىر قامچا ئۇردى. تاڭسىڭ تۇيۇقسىز تەگگەن قامچىدىن ھودۇقۇپ قىزىل قالپىقىنى  يەردىن تىرىپ سارەسىم بولغان ھالدا ھوشۇر قارىغا قارىدى. ھوشۇر قارى دەرغەزەپكە كەلگەن ھالدا:

-ھې ئاداش. ساڭا خان مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ غۇلجىدا سەدىقە يىغ دىمىگەن بولغىيتى!

-ياق غوجام.ياق.

-ئۇنداق بولسا جاڭجۈن بىڭگۇەندە يېتىپ يارلىق كۈتمەي نىمىش قىلىسەن بۇ يەردە؟

-بىكار ئۆلتۈرغىچە شاگىرتلارغا ئازىراق سەدىقە يىغغاچ باراي دىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە باجىنىڭ قارنىنى سىزمۇ بىلىسىز. ئاخشام خەنزۇ بازىرىدىكى بىر تونۇشۇمنىڭكىدە قونۇپ قالغان ئىدىم.

-ھە! تېخى مۇنداق گەپمۇ باما. شۇ چوشقىنى تېخىچە بېقىۋاتامسەن! تىز يۈگۈرۈپ بار. خاننىڭ يارلىقى بار! -ھوشۇر قارى ئاچچىقلانغان ھالدا ئاتقا قامچىدىن بىرنى سېلىپ ئۇدۇل جاڭجۈن بىڭگۇەنگە يۈرۈپ كەتتى.

       ھوشۇر قارى جاڭجۈن بىڭگۇەننىڭ دەرۋازىسىغا ئاتنى مەھكەم باغلىدى. ئاندىن ئوقتەك كىرىپ:

-نەچچىنچى ياتاق!-سوردى مۇلازىمدىن.

-222 ياتاق جاناپلىرى.

-سۇڭجىياڭ، ھېسامكاملار كېلىپ بولدىمۇ؟

-تاڭسىڭ ئاخشام بۇ ياتاق قىممەتكەن دەپ تونىشىنىڭكىگە كەتكەن. ھېسامكام بايام ئۆيىگە كەتتىىغۇ دەيمەن!

-نېمىشقا ئەمدى!

-يارلىق كەلسىلا تېلفۇن قىلىۋېتىڭلار دىگەن. بېشى ئاغرىپ تۇرىمىش، شۇڭا ئايالى زېمىنىخانغا  شۆگۈرۈچ ئەتتۈرۈپ ئىچىپ چىقاي دەۋاتقان.

-تېز تېلفۇن قىل! ھېلى بىكار كۆرگىلىگىڭنى كۆرىشىسەن!

-ھە بولىدۇ جاناپلىرى. ۋەي.ۋەي....

         جاڭجۈن بىڭگۇەننىڭ 222-ياتىغىنى قاتتىق ئېچىپ كىرگەن ھوشۇرقارىنىڭ ھەيۋىسىدىن، سېڭايان يېتىپ خىيالغا پاتقان سۇڭجىياڭنى قورقۇپ پەسكە غۇلاپ چۈشتى.

-سۇڭجىياڭ. سەن لىياڭشەن كۆلىدىكى 108 پالىۋاننىڭ قابىل سەركەردىسى تۇرۇپ يىقىلىپ يۈرگىنىڭ نىمىسى. سەن يەنە نېمانچە مەسھۇلىيەتسىز. تۆت ئېغىز يالغان-ياۋداق گەپ قىلىپ ئۇ ئىككەيلەن بىلەن كېلىشىپ تۇرساڭ بولمامتى.

-ھەددىم ئەمەس خان ئەلچىسى جاناپلىرى. ھەددىم ئەمەس.

-نېمە دىمەكچى؟

-ئاۋۇ تاڭسىڭ دىگەن قول ئاستىدا ئۈچ قابىل سەرۋىزى بار نوچى. ئارقا سەپتە ئاۋالىك سورا بوتساتۋارى بار قوغدايدىغان. مېنىڭ گېپىمنى پەرۋايىغا ئېلىپ قويماي ئاخشاملا ياتاق ھەققىنىڭ قىممەتلىكىنى باھانە قىلىپ خەنزۇ بازىرىدىكى تونۇشىنىڭكىگە كىتىپ قالدى. ما ھېسامغا كەلسەك، ئۇنىڭغا تۆت ئېغىز ئەمەس بىر ئېغىز گەپ قىلغۇسىز نىمىكەن. ئۆز گېپىنى ئۆزىگە بومبا قىلىپ ئاتىدىكەن. ئۇنى قوغداپ پەرھات باجى، ئەكرەم سېتىۋالدى، يۈسۈپجان قېييۇم قاتارلىق بىر نەچچىسى ئايرىم ياتاق ئاچقۇزۇپ كېچىچە سۈر ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ چىقتى. چېقىلغىلى بولمايدىكەن. تۈتۈپ قېلىش ئەمەس ئەتتىگەن كۆزدىن بىر نەچچە مېنوت يوقىغىنىغا خوش بولۇپ بىردەم يېنىمنى قويدۇم تېخى.

-ھە! نېمانچە يولسۇزلۇق بۇ!

-تېخى بۇ ياتاقنىڭ پولى ماڭا ھېساپمىش-دەپ كۆزىگە ياش ئالدى سۇڭجىياڭ.

-خەپ! ھېسام خەپ!

-مەن  يىغىن زالىدا ساقلاي. ئۇلار كېلىشى ھامان چىقىشالا.

-بولىدۇ.

       ھوشۇر قارى يىغىن زالىدىكى ئايرىم قويۇلغان شىرەنىڭ ئۈستىدە بەدەشقاننى قۇرۇپ بىمالال ئولتۇرۇپ كۈتمەكتە ئىدى. ياتاق خىزمەتچىسى:

-ھېسامكام  بىلەن تاڭسىڭلار كەپتۇ.

-تېز چاقىر!

-ھېسام، تاڭسىڭ، سۇڭجىياڭلار كىرگەي!

          ئاۋۋال  تاڭسىڭ،سۇڭجىياڭ كىردى. ئاندىن ھېسام لومىلدەپ دەسسەپ كىرىپ، ھوشۇر قارىنىڭ ئالدىغا تىزىلدى.

-خاندىن يارلىق!- دەپ ۋاقىرىدى ھوشۇر قارى.

-ئامىتوفو-دەپ قولىنى جۈپلىدى تاڭسىڭ

-ياشىغايلا ئىززەتلىك خان ئالىيلىرى!-دەپ تىزلاندى سۇڭجىياڭ

-ھېي بولە تىز!  تازا ئولتۇرۇپ ئاڭلاي! ماڭا بىر ئورۇندۇق ئەكىرۋېتە!-دەپ مۇلازىمغا قول ئىشارە قىلدى ھېسام.

        -يېقىندا ياپۇن ئېلىدە نودا يوشىخو ئېسىملىك بىر موتىھەم چىقىپ بىز مۇڭغۇللارنىڭ يۈز ئابىرويىنى دەپسەندە قىلدى. ئۇ قانداقسىگە دىياۋيۈ ئارىلىنى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنماقتا. بىز مۇڭغۇللارمۇ قىلىچ ئوينۇتۇپ پۈتۈن دۇنياغا سۈر ھەيۋىمىزنى كۆرسىتىپ، بارغانلا يەرنى ئىگىلەپ كىلىۋاتقان بولساقمۇ، ياپۇن ئىلىغا ئات چاپتۇرۇپ بېرىپ زۇمگەرلىك قىلىش مومكىن بولمىدى. شۇڭا ھەر قايسى ئەللەرگە مەخپىي يوليۇرۇق چۈشۈرۈلدى، مەخپى يوليۇرۇقنىڭ ئاساسىي مەقسىدى ئۇلاردىن بىر موۋاپىق ئەلچى تېپىپ، ياپۇن ئېلىنى بۇ قارا نىيىتىدىن ياندۇرماقلىق لازىمدور. بۇ خىزمەت ھەم جاپالىق، ھەم مۈشكۈلدۇر،ھەم شەرەپلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە نودا يوشىخونىڭ مىجازى غەلىتە، يەپ-ئىچىشى ئۆزگىچە بولۇپ، ئاساسەن سۈرلەنگەن بېلىق بىلەن ھاراققا ئامىراقمىش. ئۇ بىزنىڭ قىمىزنى ئىچمەيدىكەن. شۇڭا ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن موۋاپىق نامىزات تېپىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. سۇڭجىياڭ سەن مەڭگۈ لىياڭشەن كۆلىدە ئوغرى-قاراقچى بولۇپ ئۆتىۋەرمەيسەن! سەنمۇ خانغا ياراپ قالساڭ ئوردىدا مۇھىم خىزمەتلەرگە قويىلىسەن! تاڭسىڭ سەنمۇ ھازىر يالقۇن تاغدا ئايلىنىپ، پىشىپ يۈرگىلى 20 نەچچە كۈن بولدى. جان قىينىماي شۇ ئوردىنىڭ دىنىي خىزمەتلىرىگە قويۇلۇپ ئوردا ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، راھەت-پاراغەتتە ياشايسەن! ھېسام سەنمۇ ئوردىدىكى سەنئەتچىلەرنى ياخشى تەشكىللەپ، ئوردىدا مۇھىم خىزمەتكە قويىلىسەن! خاننى كۈلدۈرۈپ دائىم بىللە يۈرىسەن! يەپ-ئىچىشىڭ ئاساسەن خان بىلەن ئوخشاش بولىدۇ! ئۇندىن باشقا ئۇلارنىڭ قابىل سەركەردە-سەرۋازلىرىگە مۇھىم خىزمەتلەر بىرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يەنە ئالتۇن-كۆمۈش ئىنئام قىلىنىدۇ!  خان شۇنداق ئەسكەرتىدۇكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئاۋۋال ئۆزلىرى ئۆز يەرلىرىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ھاراقىنى كۆپ ئىچەلەيدىغان، بېلىقنى كۆپ يىيەلەيدىغانلاردىن تاللاپ بېكىتىپ، نامىزاتلارنى قەشقەر ھېيىتكاھدا ئېلىنىدىغان سەلەي چاققاننىڭ ئېمتىھانىغا ياخشى تەييارلىق قىلدۇرىشى كېرەك. يارلىق تامام!


داۋامى (2-سۇڭجىياڭنىڭ ياراملىق ئەلچى تاللىشى)  داۋاملىق يوللىنىدۇ.


■■■■■■■■■■■■■

ئەسكەرتىش:تېمىنىڭ تۇلۇق قىسمىنى بىر يەردىن كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ:

دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدا غۇلجىدا كېڭەش

-تەھرىرلىگۈچىدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-3 03:06 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nurluk28 + 126 ماختاشقا تېگىشلىك
ayyamguri + 500 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 626   باھا خاتىرىسى

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 02:55:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-سۇڭجىياڭنىڭ ياراملىق ئەلچى تاللىشى

     سۇڭجىياڭ لىياڭشەن كۆلىدىكى 108 ئەزمەتكە ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن غۇلجىدىكى خاندىن كەلگەن يارلىقنى نۇسخلىتىش ئۈچۈن ھوشۇر قارىغا كۆپ پۇل خەجلىدى.سۇڭجىياڭنىڭ ھېسام بىلەن ئۆيىنىڭ يېنىنى نەچچە ئايلىنىپ خەلق مەيدانى(ياشلار مەيدانى)دا يۈرگەن ھەم رەسىمگە چۈشكەن بولسىمۇ، بىرەر پىيالا سىن چېيىنى ئىچەلمەي ھېسامغا خەجلىگەن پۇللىرىغا سەل ئىچى ئاغرىدى. ئىچىدە بۇ ئەنتىمنى لىياڭشەنگە تەكلىپ قىلىپ ئېلۋالىمەن دەپ قاراپ خاننىڭ دانا يارلىقىنى قولتۇققا قىسىپ لىياڭشەنگە قاراپ يول ئالدى.

    لىياڭشەن ئەزمەتلىرى سۇڭجىياڭنىڭ يىتىپ كەلگەنلىك خەۋرىنى ئاڭلاپ، نەچچە چاقىرىم ئالدىغا چىقىپ، داقۇ-دۇمباق چېلىشىپ غۇلجا دىيارىدىن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگەن سۇڭجىياڭنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن كۈتىۋالدى. چاۋگەي ھەزىرەت تولىمۇ بىسەرەمجان بولغان بولۇپ سۇڭجىياڭنىڭ ھېسامنىڭ قولىدىن بۇنداق سالامەت قايتىپ كىلەلىگەنلىكىنى بىر مۆجىزە دەپ ھېساۋلىدى. دىمىسىمۇ بۇ ھېسام قانداق غەلىتە ئېنسانكىنە؟ ئۇ ھىچبىر تۇتقۇن قىلمايلا سۇڭجىياڭنى سالامەت قايتۇرىشىدا چۇقۇم بىر سىر بار بولىشى مومكىن دەپ گۇمانى ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ، سۇڭجىياڭنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش ئۈچۈن ئوردىغا ئالدىردى.

    سۇڭجىياڭ ئوردىغا كىرىپلا خاننىڭ يارلىغىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئۈنلۈك ئوقىدى. دەر-غەزەپكە كەلگەن ئوردا ئەھلى قاتتىق ئۆمۈدسىزلەندى. ئەڭ ئاۋۋال لىن چوڭ ئىتىراز بىلدۈردى.

-سۇڭ ھەزىرەت بىز شۇ مۇڭغۇللارغا بەيئەت قىلماي، ئۇلارنى پەم-پاراسىتىمىز بىلەن بىتچىت قىلالايمىز. نېمىشقىمۇ ئۇلارغا ياردەم قىلغىدەكمىز. بۇ كۈچىمىزنى ساقلاپ قالساق بولاتتى. نودا يوشىخوغا كەلسەك ئۇ بىزدىن ئايرىلغان ئەلچىنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ. مەن قارشى-دەپ چىقىپ كەتتى.

-بۇ ئىشنى سوغاققانلىق بىلەن مۇزاكىرلىشىپ بىكىتەيلى-دىدى چاۋگەي ھەزىرەت. ئاڭغىچە سەۋرى قىلالمىغان قارا قۇيۇن لىكەي

-بۇ چىڭگىزخان دىگەن مەندىنمۇ قارا قوساق نېمە تۇرسا ئۇنىڭغا بەيئەت قىلامتۇق. ئۇنىڭ كاللىسىنى مۇشۇ جۈپ ئايپالتام بىلەن كېسىپلا كىلەي!-دەپ ئايپالتىسىنى ئويناتقىنىچە چىقىپ كەتتى.

     ياندا ئولتۇرغان لوجېنشىڭ، ۋۇسۇڭ قاتارلىقلار لەۋلىرىنى قاتتىق چىشلىدى. ئارىنى بىر پەس سۈكۈنات قاپلىدى. بىر ئازدىن كىيىن بۇ جىمجىتچىلىقنى ۋۇسۇڭ بۇزدى.

-قېرىنداشلار. بىز سۇڭجىياڭ ھەزىرىتىمنى دانالىغىدىن ئۆزىمىزگە باشپاناھ قىلغان. شۇنداق بولغاندىكىن ئاۋۋال دانا پىكىرىنى ئاڭلاپ ئاندىن يول ئىزلەيلى-دىدى. ھەممەيلەن سۇڭجىياڭغا قارىدى.

-تارىختىن بۇيان قەۋىملەر بىر باشپاناھ تىكلەپ ئۇنى خان قىلىپ تىكلەپ سايىسىدا تېنىچ-ئامان تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر چىڭگىزخاننىڭ كۈچى پۈتۈن دۇنيانى يۈتۋالغىدەك ھەيۋىسى بىلەن زورايدى. ئۇنى پۈتۈن خالايىق قوللدى. ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغانلار باياشاتچىلىققا ئىرىشتى. كۈنىنى خاتىرجەم قىلدى. ئۇ بىر ساۋاتسىز بولغان بىلەن ئىستىداد ئىگىسى. ئۇرۇش گېنىرالى. بىزچۇ؟ بىز خەلىقنىڭ ئاغزىدا پەقەتلا لىياڭشەن ئوغرىللىرى. قاراقچى. بۇ نامىمىزنى پەقەت خانغا بەيئەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مومكىن. خانغا كۈچ چىقىرىپ دۆلەتنى بىرلىكتە گۈللەندۈرۈش ھەر قانداق پۇقرانىڭ مەجبۇرىيتى. شۇڭا مۇشۇنداق ياخشى پەيىتتە خاننىڭ ئىشەنجىسىگە ئىرىشمەك زۆرۈردۇر. بىز ياپۇن ئېلىگە ئەلچى تاللاش ئىشىدىلا پۇرسەتنى قولغا ئالالىساق، پۈتۈن سەركەردە-سەرۋازلار خاننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئىرىشىپ ياخشى خىزمەتلەرگە قويىلىدۇ. بەخىتلىك تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ھازىرقىدەك جۆرىسىز تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇپ ئويلۇك-ئوچاقلىق بولۇپ ئەۋلات قالدۇرالايدۇ. بىزنىڭ كىيىنكى ئۆمۈت-ئارزۇلىرىمىزنى پەقەت ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىزدەك قېنى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ۋىجدانلىق ئەزمەتلەردىن ياخشى بالىلار تۇغىلىدۇ. بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىز يەنە كۆرەش قىلىشى، بۇنداق رەھىمسىز تارىخنى ئۆزگەرتىشى كېرەك! بىزگە يەنە ئەركىنلىك كېرەك! مۆكۈنۈپ بىر چەتكە چىقىۋېلىش، ئوغرى-قاراقچى ئاتىلىش بىزگە ماس كەلمەيدۇ. بىز ھازىرمۇ؟ كەلگۈسىمۇ باتۇرلارمىز! دۆلەت، مىللەت، خەلقنىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىمىز لازىم!

       كۆپ غۇلا-غۇلا، دەتالاشتىن  كىيىن بۇ پېكىر تولىمۇ دانا پىكىرلىكى ھەممەيلەننىڭ كاللىسىدىن ئۆتتى. ئەمدى ھەممەيلەن سۇڭجىياڭنىڭ ئاغزىغا قارىدى. دېمەك بېلىقنى كۆپ يەپ، ھاراق ئىچەلەيدىغان ئەزمەت تاللاش باشلاندى.

-ھۆرمەتلىك سەرۋازلىرىم! نودا يوشىخو دىگەن موتىھەم بىلەن پىكىرلىشىش ئىشى سىلەردەك ئەزمەتلەرگە قالدى. ئۆز جېنىنى 108 قېرىندىشىدىن ئايىمايدىغان، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ئەزمەت بىزنىڭ ئىچىمىزدە بار. ئۆزەڭلارنىڭ قابىلىيىتىنى تولۇق نامايەن قىلىپ، ياپۇن ئېلىگە يول ئالىدىغان ئىشىنى شەرەپلىك خىزمەت ئورنىدا بىلىپ، ياراملىق ئەلچى تاللاش ئىشىغا بارلىق كۈچۈڭلارنى چىقىرىشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن!

      پۈتۈن لىياڭشەن كۆلىنى زىلزىلگە سالغان سۇڭجىياڭنىڭ ئۈنى بېسىقماي تۇرۇپلا كورا-كورىلارغا قاچىلانغان سۈرلەنگەن بېلىق، ئاپقۇر-ئاپقۇرلاردا مەي-ھاراقلار كەلتۈرۈلدى. يەپ-ئىچىش باشلاندى. ئاقىۋەت پۈتۈن پالىۋان مەس بولۇپ يېتىپ كەتتى. بىر بۇلۇڭدا ئاپقۇر بوشىتىۋاتقان ۋۇسۇڭ بىلەن مەس يېتىۋېلىپ سۈرلەنگەن بېلىقنى ئاغزىغا تىقىۋاتقان لىكۈيلا قالدى. سۇڭجىياڭ بىلەن چاۋگەي بۇ ئىككى پالىۋاننىڭ ئىستىداتىدىن سۆيۈندى. كۆزلىگەن نىشانلىرىنىڭ بۇلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۆمۈد قىلىشىپ، ئۇلارغا خان ئەلچىسى ئوردىنىنى بىرىپ قەشقەردىكى خان ئەلچىسىنىڭ تاللىنىش بىرەسمىي يىغىنى قاتنىشىشقا تەرەددۈت قىلىشىپ، ئىكەيلەننى ئەتىسى ئەتتىگەندە چاچ-ساقاللىرىنى ياستىپ كىرىشكە يولغا سالدى. ھەممەيلەن ۋۇسۇڭ بىلەن لىكۈيگە ئۆمۈد نەزىرى بىلەن قاراشتى. بۇ ياخشى ئىش ئۈچۈن ياخشى كۈن تاللاندى. ھاۋا ئوچۇق، ئاي تولغان كۈن تاللاپ بىكىتىلىپ، سۇڭجىياڭ، ۋۇسۇڭ، لىكۈيلەر پۈتۈن لىياڭشەندىكى قېرىنداشلىرى بىلەن يىغا-زارا، ئۆمد-ئارزۇلار بىلەن خوشلىشىپ، داقۇ-دۇمباق سادالىرى ئىچىدە قەشقەر دىيارىغا يۈرۈپ كەتتى.

داۋامى (3-تاڭسىڭنڭ ئەلچى تاللىشى) داۋاملىق يوللىنىدۇ.


شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 07:15:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3-تاڭسىڭنىڭ ئەلچى تاللىشى

      تاڭسىڭ بۇ مۈشكۈل خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقمىسا بولمايتى. ئۇنىڭ ھوشۇر قارىغا خەجلەپ ئۇ يارلىقنى نۇسخىلاشقا نەدىمۇ پۇلى بولسۇن! يورغا قەدەملىرى بىلەن تەمتىلەپ مېڭىپ غۇلجا دىيارىدىن تۇرپان ئوت ماكانى خۇيەنسەنگە(يالقۇن تاغ)قا 5 كۈندە ئاران باردى. ھېرىپ-ئېچىپ بارسا جۇباجى تاپا قىلىشقا باشلىدى.

-ھە.ھە. ئۇستاز. نەگىمۇ بارلا. غۇلجىدا ياخشى يىمەكلىكلەر بەك كۆپمىش. ئالغاچ كەلگەنلا.

-يائاللا باجى. شۇ ھەممىسى سېنىڭ غېمىڭ.

-ھە.ھە. دائىم بىر گەپنىڭ ئىككىسى بولا بولماي شۇنداق دەيلا. مەن سىلىگە زادى نېمە قىلدىم.

-ھەي چوشقا. گەپنى تەتۈر چۈشەنمە. شۇ سېنىڭ غېمىڭنى قىلىمەن دەپ ئاۋۇ خان ئەلچىسى ھوشۇر قارىدىن بىر قامچا يىدىم. كۆرە مانا ماۋۇ قامچا ئىزىنى-دەپ مۈرىسىنى ئاچتى تاڭسىڭ.

-ھە.ھە. بۇ ھوشۇر قارى بىكاردىنلا ئادەم قامچىلىغىدەك قانچىلىك نېمە ئۇ! ئۇنى ئۆزەم تۈتۈپ كىلىپ سىلىگە تازىم قىلدۇرىمەن. چىقاسىلا ئاۋۋال تاماقنى. قوسقىمنى توقلىۋالاي!

-قېنى ۋۇكوڭ بىلەن شاسىڭ؟ كەلسە بىرگە يەڭلا-دەپ غۇلجىنىڭ يوغان مومىسىدىن بىرنى ئالدى تاڭسىڭ.

-ھە.ھە. مۇشۇ بىر مومىنى شولار كىلە دەپ ساقلامدىم-دەپ ئاغزىغا تىقتى باجى. ئۇ موما ئەمدى چايناي دىگىچە گېلىدىن غورتتىدە ئۆتۈپ كەتتى-ھە. ھە. قېنى ھېلىقى موما ئەمدى يەي دىسەم-دەپ ئەتىراپنى ئىزلەشكە باشلىدى باجى.

-ھې چوشقا! ئالدىرماي يە! ئۆلەپ بەمە يەنە. قېنى ۋۇكۇڭ بىلەن شاسىڭ؟

-ھە.ھە. سىلە دائىم شۇ ۋۇكۇڭ بىلەن شاسىڭنى ئېغىزلىرىدىن چۈشۈرمەيلا. زادى مېنى ئويلاپمۇ قويمايلا ئۇستاز.

-باجى. مەن سېنى شۇنداق ئەتىۋارلايمەنغۇ-دەپ ئالداشقا تىرىشتى تاڭسىڭ. چۈنكى ئۇنى ئالدىماي بولامدۇ؟ قارىسا ئاۋۇ ئىككى شاگىرتى يوق. بولسىمۇ خاننىڭ يارلىغىغا قۇلاقمۇ سالمايدۇ. تېخى مەي-ھاراق دىسە بېشى ئاغرىيدۇ. يىيىشىمۇ باجىغا يەتمەيدۇ. خاننىڭ چۈشۈرگەن يارلىغىدا ھاراقنى كۆپ ئېچەلىشى، بېلىقنى كۆپ يىيەلىشى كېرەك دىيىلگەن ئەمەسمىدى-باجى راس سەندىن سورايدىغان بىر ئىش باتى. سەن بېلىق يىيەلەمسەن؟

-ھە.ھە.ھا ھا ھا ئۇستاز. مۇشۇنداق ياخشى نەرسە ئەكىلىپلا -دە! ئەكەلسىلە، چىقاسىلا ئۇلارنى ساقلىماي! بەرىبىر بېلىقنى ئۇ ئىككىسى يىمەيدۇ.

-سەن نېمە بىلىسەن ئۇلارنىڭ  بېلىق يىمەيدىغانلىغىنى؟

-ھە.ھە. ئا... قىزىق گەپ قىلىدىكەنلا ئۇستاز. راھىپمۇ بېلىق يەمدۇ؟

-ئەمىسە سەن نېمە؟

-ھە.ھە. مەن چوشقا. ياق.ياق. مەنمۇ راھىپ. مەنمۇ بېلىق يىمەيمەن راس!

-مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس باجى. سەن يىسەڭ بولىدۇ.

-ھە.ھە. ياق. مەنمۇ يىمەيمەن.

-باجى سەن يە.

-ھە.ھە. ئۇنداقتا چىقاماملا؟

-شۇ. ھازىر يوق. ئىكەيلەن دەريا تېپىپ بېلىق تۇتايلى!

-ھە.ھە ئا...بۇ يەردە نېمە دەريا بولسۇن ئۇستاز. ھەممىلا يەردە كارىز باكەن. كارىزدا بېلىق نېمە قىلسۇن! ئۇنداقتا بىز كەينىمىزگە يانايلى!

-ۋۇكوڭ بىلەن شاسىڭچۇ؟

-ھە.ھە. ئۇلار ئەخمەق ئەمەس ئۇستاز چاتمىنى سۇغا تاشلاپ قويۇپ ئولتاغىنى.

-ئۇنداقتا سەن ئاخماقما ئولتاغىنى؟

-ھە.ھە. مەن تۇتامتىم ئۇستاز. كەچكىچە ھە.ھە.ھە.ھە دەپ يۈرسەن بېلىق ئۈركۈپ كىلەمتى. سېلە تۇتالا. مەن خام-خالتا يەپ بىرەمەن.

-ئالە شەرىڭنى! مەن تۈتىمەن. سەن يەيسەن.

-ھە.ھە. شۇنداق بولا ئۇستاز.

-ئۇنداقتا مۇنداق بىر ئىش بار. ئاڭلا. يېقىندا نودا يوشىخو دەيدىغان بىر نېمە ياپۇن ئېلىنىڭ باشلىقلىق تەختىگە ئولتۇرۇپلا دىياۋيۈ ئارىلىنى ئىگىلىۋېلىشتەك قارا قولىنى ئىلىمىزغىچە سوزۇپتۇ. بۇ قارا نىيەت ئىنساننى موڭغۇل شاھى چېڭگىزخانغا ئەل بولۇشقا زورلاپ بەيئەت قىلماقلىق كېرەك. ياكى ھىچ بولمىسا بۇ نودا يوشىخو دىگەن ئەبلەخنى دىياۋيۈ ئارىلىنى ئىگىلەشتەك قارا نىيىتىدىن ياندۇرماقلىق كېرەك. ئۇ كىشى سۈرلەنگەن بېلىق بىلەن ھاراق ئىچىشكە ئامراقكەن. سەنمۇ بېلىق يىيىشنى بىلىسەن. ئىپى كەلسە قوساق ئۈچۈن ھاراقتىنمۇ يانمايسەن. دېمەك بۇ خىزمەت ساڭا ناھايىتى باپ كىلىدۇ. بۇ ھەم خىزمەت كۆرسىتىشنىڭ تازا ئوبدان پەيتى. بۇ خىزمەتنى ياخشى بىجىرىپ نودا يوشىخونى گەپكە كىرگۈزەلىسەڭ چېڭگىزخان بىزگە كۆپ ئالتۇن-كۆمۈش، يېمەك-ئىچمەك تەييارلاپ بىرىدۇ. مېنى خانلىق دىنى ئىشلار خىزمىتىگە قويىدۇ. سىلەرنى ئوردا خىزمىتىگە قويۇپ كېنەزلەردىن ئۆيلەپ قويىدۇ. يەنە تارتۇقلاپ قىلمىغىنى قالمايدۇ. لەشكەرلەرگە سانغۇن قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ مائاشلىق كادىر قىلىش ئېھتىمالىنىمۇ كۆڭۈلدىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. مەيلى قانداق خىزمەتكە قويۇلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر مۇنداق نوم ئالىمەن دەپ قەدەمدە بىر جاپاغا ئۇچىراپ ئاچ-يالىڭاچ يۈرمەيمىز. شۇ ۋەج ۋۇكۇڭ، شاسىڭلارنىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سېنى ئەلچىلىككە تاللىسام قانداق. بولامدۇ-يا!

-ھە.ھە. بولىدۇ ئۇستاز. يەيدىغان يە بولسا بېرىۋىرىمەن. نېمە ئۇ خىزمەت دىگەن. نودا يوشىخونى گەپكە كىرگۈزۈش دىگەن قانچىلىك ئىشتى.

-قانداق ئەپچىل چارەڭ بار؟

-ھە.ھە. ھىچنېمە يوق قاقاس ئارالنى تالىشىپ نېمە قىلىسەن بېشىڭغا پىت سېلىپ. چېڭگىزخاننىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرمەي بېلىقىڭنى يەپ، ھارىغىڭنى ئىچ! دەيمەن

-تازا ئوبدان چارىكەن. ئەمىسە قەشقەرگە ئاتلىنايلى. ھېلى ۋۇكوڭ بىلەن شاسىڭ كەلسە ئىشنى بۇزىدۇ.

-ھە.ھە. قەشقەردە نېمە بار؟

-قەشقەردە ئېلىنىدىغان خان ئەلچىسىنى تاللاش ئېمتىھانى بار. شۇنىڭدا تاللىنالىساڭ ئاندىن ياپۇنغا بارىسەن!

-ھە.ھە. يەيدىغان نەرسە بامۇ ئۇ قەشقەر دىگەندە؟

-باجى.باجى.ھەي باجى. بارلىق ھۇنەرۋەن قەشقەردىن چىقىدۇ .  ئۇ يەردە ھەممە يېمەكلىك بەك ئوخشايدۇ. ھەم ئەرزانچىلىق. سەدىقە ئېھسانمۇ بەك كۆپ. كۆرگەنلىكى ئادەمگە قول تەڭلىسەڭ ساڭا پۇل-يېمەكلىكتەك نەرسىلەرنى بىرىۋىرىدۇ.قۇرۇق قول قايتۇرمايدۇ.  ئادەملىرى بەش ناماز. ھېيىتكاھ دەيدىغان بىر يىرى بار. ئۇ يەردە ھېچ ئىش قىلماي سەدىقە-ئېھسان يىغىپ ئولتۇرساڭمۇ بىر يىلدا قەسىر سالالايسەن!قەسىر!

-ھە.ھە. ئەمىسە ئۇ يەردىن كەلمەي ياشايلى ئۇستاز. شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالايلى ئۇستاز.

-ھە بولىدۇ باجى بولىدۇ. ئاۋۋال بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيلى-ھە!

-ھە.ھە. ماقۇل.

     تاڭسىڭ ئالداپ-سىيلاپ باجىنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، ۋۇكوڭ، شاسىڭلارنى تاشلاپ قەشقەر دىيارىغا قاراپ يول ئالدى.

داۋامى (3-ھېسامكامنىڭ غۇلجىدىن ئەلچى تاللىشى) داۋاملىق يوللىنىدۇ!


شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 11:43:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2013-1-21 10:00 PM
ئشقىلىپ كەتتىمۇ . بولدى قايتىپ كەلمەيدۇ .

بۇ ئىنكاسنىڭ ناھايىتى جېنى بار. توغرا دۆلەت قۇدىرەت تاپسا، دۆلەتلەردە ئىللىقلىق بولسا قول ئاستىدىكى زېمىن قولدىن كەتمەي ئەكسىنچە كۆپىيىشى مومكىن. ئاۋۋال دۆلىتىمىزنى قۇدىرەت تاپقۇزۇپ زېمىنلىرىمىزنى قايتۇرۋالساق مېنىڭچىمۇ مەيدىمىزنى كۆتىرىپ تۇرۇپ ئېتىشساق ئېتىشىپ، تىپىشسەك تىپىشىپ زېمىن پۈتۈنلىكىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۋالالايمىز. ئەتىراپىمىزدىكى جېنىنى باقالمىغان كىچىك دۆلەتلەرنى يۈتۋالالايمىز. ھەچ بولمىسا بېقىندۇرالايمىز.

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 11:56:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىمدىن ئىلتىجا قىلىدىغىنمى شۇكى: ماڭا جىددىي غۇلجىدىكى ھايات ئاتاقلىق چاخچاقچىللىرىمىزنىڭ ئىسىمى لازىم بولۇپ قالدى. بىلىدىغانلىرىڭلارنى تېما ئاستىغا يوللاپ بەرسەڭلار. قانچا تېز بولسا شۇنچە ياخشى. مەن ھازىر شۇنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتىمەن.

پەرھات ؟، يۈسۈپجان قېييۇم، ئەكبەر سېتىۋالدى، ھېبى ؟ ، ئەبەي ؟، مۇساجان ؟ ، يەنىچۇ؟

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 07:42:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4-قىسمى تازا قىزىۋاتىدۇ. ئەمما چاخچاقچىلارنىڭ ئىسمى يىتەرلىك ئەمەس! تورداشلارنىڭ ياردىمىنى ئايىغانلىغى ئۇلارنىڭ ئىچىنىڭ تارلىغىدىن دېرەك بىرىدۇ. بىلىپ تۇرۇپ دەپ بەرمەسلىك ياخشى تورداش ئەمەس! ئەمىلىي كۈچىنى ئايىغانلارمۇ ياخشى يولداش ئەمەس! دۇنيا ياردەمگە مۇھتاج! ئادەملەرمۇ بىر-بىرىگە بېقىنىپ تۇرۇپ(تىۋىنىپ تۇرۇپ) ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. خام ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەش ھەم ئورتاق پىكىر يۇرگۈزۈش ئارقىلىق دىياۋيۈ ئارىلىنى قولغا كەلتۈرۈيلى! شۇڭا تىزدىن ماڭا ئاتاقلىق چاخچاقچىللىرىمىزنىڭ ئىسىملىرى كېرەك!

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 05:19:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4-ھېسامكامنىڭ غۇلجىدىن ئەلچى تاللىشى

     غۇلجا ياشلار مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ ھەممەيلەن بىر-بىرىسىگە خەۋەر قىلىشىپ، خاننىڭ ئەلچى تاللاش ئىشىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆز ھاياتى بىلەن ھېساۋلاشماي، ھېسامكامنىڭ ئاۋازىغا ئاۋاز قوشۇپ ئەلچىلىككە تاللىنىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس دەپ كىلىشكەن ئىدى. مەيداندىكى مۇساجان تۆگەنىڭ دۇكىنى بار تەرەپكە مۇساجان مۇشۇ پۇرساتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ دۇكىنىنى ئىلان قىلدۇرۋېلىشنى مەخسەت قىلدىمۇ چوڭ بىر خان سەھنىسى ھازىرلاپ، دۇكىنىدىكى ئوتقاشتەك قول ھۈنىرى قىلىنغان گىلەملەرنى سېلىپ، يۇقىرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇللىرىنى چېتىپ، پۈتۈنلەي ئىلىكتىرلەشكەن سەھنە ياساپ ھېسامكامغا مەدەت تىلىگەن بولۇپ، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ راسلىۋالغان ئىدى. سافا تولىمۇ يۇمشاق بولۇپ سەھنىدىكىلەرنىڭ تولۇق كىلىشىنى كۈتىۋاتقان ھېسامكامغا خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك ياراشقان بولۇپ خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى. قىزىقچى ھېبى ئىككى تال چوكىنى كۆتىرىۋېلىپ، ئۆزىگە پەرلەشكىدەك چاخچاقچى ئىزلەۋاتاتتى.  ئاتاقلىق چاخچاقچى پەرھات(باجى) بىر باققالنىڭ پىچىۋاتقان كۆك بەھرى قوغۇنىنى قاساپ-قاساپ يەپ ئۆزىنىڭ بەدەن تېمپۇراتۇرسىنى تەڭشەۋاتاتتى.  ئەكرەم سېتىۋالدى مۇساجاننىڭ قويۇپ قويغان چوڭ ئىكرانىدا ھەدەپ كونا يۇمۇررلىرىنى سۆزلەپ تېخىچە كۆرمىگەن مومايلار بىلەن قولىغى ئاڭلىمايدىغان گاڭسا-جىسا كىشىلەرنى كۈلدۈرۋاتاتتى. يۈسۈپجان قېييۇم نەخ مەيداندا شېئىرىي چاخچاق يازىمەن دەپ بالىسى بىلەن قېرىنداش تالىشىپ ئۇرىشىۋاتاتتى. ئەبەي مۇزىكا-سەنئەت ئانسامبۇلى تىكتۇرۇپ بەرگەن خې ئەمىرنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، مەپىسى بىلەن ھېسامكامنى سوكۇلداپ يۈگىرەپ (گەرچە ھېسامكامنىڭ  ئۆيى يېقىن بولسىمۇ كىشىلەرگە ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن)سۆرەپ ئەكەلگەن ھالىتىنى ئەسلەپ، خىرە كۈلۈمسىرەپ ھېسامكامنىڭ بېخرامان ئۇخلىشىغا ياستۇق بولۇپ بېرىۋاتاتتى. تۇغام موداۋەن بۇ پۇرساتتىن پايدىلىنىپ سەھنىنىڭ يان تەرىپىدە تېكەستىن كەلگەنلەرنى ئاخماق قىلىپ قىزىقچىلىق قىلىپ ئۆرىمە ئېلىپ پۇل تېپىۋاتاتتى. قالغان چاخچاقچىلار مۇشۇ يىغىلغان ياخشى پۇرسەتتە ئاتاقلىق چاخچاقچىمىز تۇداخۇننىڭ قەبرىسىگە چىقىپ كۆرۈشۈپ كىلەيلى دەپ قەبرىستانلىققا چىقىپ كەتكەن ئىدى. كۆپ ساندىكى تاماشبىن ۋە ئەلچىخۇمارلار تۇداخۇننىڭ ۋاپاتىغا ئېچىنىپ پات-پات كۆز يېشى قىلىپ قويۇپ، تېزىراق ھېسامكامنىڭ ئويغۇنۇپ يارلىق مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشمەكتە ئىدى. مەيداندىكى غولا-غولانىڭ كۆپلىكىدىن ئاساسەن بىرسى بىرسىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىغىنىمۇ ئاڭلىماي، ھەممەيلەن ئاغزىغا كەلگەن چاخچاقلىرىنى ئېيتىشىپ، چاخچىقى تۈگىشى بىلەن تەڭ ۋاقىراپ كۈلۈپ مەيداننى بېشىغا كىيىشمەكتە ئىدى. بۇنداق يوقرى ئاۋازلارغا كۆنۈپ كەتكەن ھېسامكام خورىكىنىڭ مېكروفىنغا چېتىقلىقلىغىنى بىلمەيتى. بۇ مۇساجاننىڭ دانا ئەقلى بولۇپ شۇنداق قىلمىغاندا ھېسامكامنىڭ يېقىملىق خورىكىدىن بۇنداق ۋاراڭ-چۇرۇڭدا كېممۇ ھوزۇر ئالالايدۇ دەيسىز! خورەك تىڭشايدىغانلار پۈتۈن ھوجۇدى بىلەن قولاقلىرىنى چاخچاقلاردىن ئېپقېچىپ، ياڭراتقۇ تەرەپكە سۇزۇشۇپ ئاڭلىشىۋاتاتتى. مۇنداق مۈرەككەپ ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن مۇساجان تۆگە ئېگىز بوي بەستى بىلەن سەھنىگە پۇلاڭشىپ چىقتى-دە، ھېسامكامنىڭ ئالدىدىكى مېكروفىننى ئېلىپ، تولىمۇ تۆۋەن ئاۋازدا ھىچكىم ئاڭلىمىغىدەك ۋاقىراپ بىر نېمە  دىگەن ئىدى سەھنە تېمتاس بولۇپ كەتتى. بىر ئازدىن كىيىن كىشىلەر يۇقرى ئاۋازنى تۆۋەن ئاۋاز بېسىپ چۈشىدىغانلىغىدەك ھەقىقەتنى بىلىپ يېتىشتى. ئاڭغىچە قەۋرىستانلىقتىن كىلىدىغانلارمۇ كېلىپ بولغان بولۇپ پەقەت ھېسامكامنىڭ ئويغۇنىشىنى كۈتمەكتىن باشقا ئىش قالمىغان ئىدى. بۇنداق تېمتاسچىلىققا كۆنمىگەن ھېسامكامنىڭ ئۇيقىسىمۇ ئېچىلىپ كەتتى. تېخى ئابايلا ھېچكىشى يوق سەھنىنىڭ بىراقلا بۇنچە تولۇپ كەتكەنلىكىدىن زىيادە خوش بولۇپ كىتىپ، مۇساجاننىڭ قولىدىكى مېكروفىننى تارتىۋېلىپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ۋاقىراشقا باشلىدى.
-ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزىز غۇلجا ئىلىدىكى سەنئەتخۇمار، چاخچاقخۇمار، مەنسەپخۇمار خەلىقىم ئامانمۇ سىلەر! كەمىنە ھېسام قۇرباندىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام! -مەيداندا گۇلدىراس-سادا ئەكىسئەتتى-بۈگۈن سىلەرنى بۇ يەرگە چاقىرىتىشىمىدا،  ئۈزۈندىن بىرى تولىمۇ ئولۇغ ھەم شەرەپلىك بىر ئىش مېنى قىيناپ كەلمەكتە. غۇلجا دىيارى ياپيېشىل ھەم كۆرگەم زېمىن. بۇ يەرگە ئۇلۇغلارنىڭمۇ كۆزى چۈشكەن! بۇ يەردىن كەچمەك ئاسانمۇ ئەمەس! يېقىندا چېڭگىزخان ساياق ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ، قىلىچ-قامچىللىرىنى ئوينۇتۇپ دىيارىمىزغا تەھدىت سېلىپ، ياپۇن ئېلىغا بىر ئەلچى ئىۋەتىپ، دىياۋيۈ ئارىلىنى قايتۇرۇپ كىلىشىمىزنى ئۆتۈنمەكتە. دىياۋيۈ ئارىلى بولسا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر قاقاس تاغ. غۇلجا بولسا بىر باغ. دىيارىمىزنى جان پىدالىق بىلەن قوغداش ئۈچۈن سىلەرگە تاينىمەن! ياپۇن ئېلىدا بىر قىزىل كۆز باشلىق بوپتىمىش. ئۇنىڭ ئىسمى نودا يوشىخو بولۇپ ئارتۇقچىلىغى بېلىق يىيىش بىلەن ھاراق ئىچىشكەن. ئەمما دىيارىمىزدىن تا بۇگۈنگچە كۆپ يېمەكلىك يىيەلەيدىغانلار بىلەن ھاراق ئىچەلەيدىغانلار تونۇلۇپ باققان ئەمەس. خالمۇرات ئۆمەرنى قىرلىق ئىستىكاندا ئېچىپتۇ دەپ ئاڭلاپ خوش بولۇپ سۈرۈشتۈرسەم، ئۇ ھاراق بولماي سۇ بولۇپ چىقتى. مۇڭغۇلكۆرەدە بىرەيلەن بىر قوينى يېۋىتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ ئاتايىن ئادەم ئېۋەتىپ ئەكەلدۈرۈپ، يېرىم تەخسە بېلىق قورۇتۇپ ئەكەلدۈرۈپ يىيىشكە ئۈندىسەم، ئۇنىڭ بېلىقنى كۆرسە قۇسۇدىغان خۇيى بار بولۇپ چىقتى. دەڭلار قېنى! بۇ كىشىلەرنى ياپۇنغا ئېۋەتسەك بولامدۇ؟-مەيداندا يەنە غولا-غولا باشلىنىپ كەتتى-خەپشۈك! ئادەم گەپ قىلىۋاتسا ساقالغا چاڭگا تىزغان قايسىڭ؟- مەيدان يەنە تېنىچلاندى-شۇڭا ئاراڭلاردا نودا يوشىخو دىگەن قىزىل كۆزگە تاقابىل تۇرالىغىدەك ئىقتىدار ئىگىسى بارمۇ-يوق!-مەيداندىن ‹يوق،يوق.....› دىگەن ئەكىس سادا خېلى ئۇزۇنغىچە بېسىقمىدى. خېلى ئۇزۇندىن كىيىن بۇ جىمجىتلىق بۇزۇلدى.
-نەشە چەكسە ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىقاتتىم-دەپ سەھنىگە ئېتىلىپ چىقتى پەرھات
-سودا-سېتىق توغرىسىدا مۇنازىرلەشسە ئۆزەم باراتتىم. پىچكە چۈلى مال باتى شۇ گۇيلارغا ساتىدىغان-دەپ غەزەپلەندى مۇساجان.
-ياپۇنچە بىلمەيمەن. ئورۇسچە پاراڭلىشىشنى بىلەمدىكەن ئۇ قىزىل كۆز-دەپ شەپكىسىنى سەھنىگە تاشلاپ، ئاندىن شەپكىسىگە ئەگىشىپ چىقتى توغان موداۋەن.
-گاڭنام ئۇسۇلىنى ئويناشسا ئۆزەملە بىر تەرەپ قىلاتتىم، نودا  دىگەن قىزىل كۆزنى-دىدى ھېبى ھېجاراپ.
-رەدىيو، ھېلىقى ئۈنئالغۇنى دوراشسا مەنلا باراي بولدى-دىدى ئەكرەم سېتىۋالدى.
-شېئىرىي چاخچاقتا ئۇتۇشسا ئۆزەملا ئۇتۇپ قەلەندەر قىلىۋىتەي. ھېي نودا، ئىككى ئېشەك ئېلىپ بودا، تۆمۈرخان بىلەن قىلما جودا، ساڭىمۇ بىرەر خۇدا دەپ يۈرۈپچۇ-دەپ سەھنىگە بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقتى يۈسۈپجان قېييۇم.
-قانچىلىك نېمىكەن ئۇ نودا يوشىخو دىگەن. چاخچاق ئېيتىشىشنى بىلەمدىكەن. ئۇندا چۆل تالىشىپ يۈرگەن گۇيلارغا ئۆزەمنىلا قويىۋېتىڭلار بولدى-دەپ مەيدە قېقىپ چىقتى ھەمىراجان دىگەن ئاۋاق چاخچاقچى.
-ئەبەي قېنى؟-دەپ ۋاقىرىدى ھېسامكام. ھېسامكام قوپۇپ كەتكەندىن كېيىن ئاران ئۇخلىغان ئەبەي بۇ غىژ_غىژ بوغۇق ۋاقىرىغان ئاۋازدىن قورقۇپ سافادىن چاچراپ تۇرۇپ بېرىپ ھېسامكامنىڭ قولىدىكى مېكروفىننى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.
-شۇنىڭ بىلەن مۇڭغۇللار بىلەن ئۇيغۇرلار، خەنزۇلار بىلەن ياپۇنلار پېتىشماي تەڭرى تېغىدا قوي بېقىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىككى ئايغىر سېتىۋاپتۇ. ئۇ ئايغىرلارنى ئەمدى سوياي دەۋاتسا تۈۋىدىن ھوشۇر تاز قوپقاندەكلا بىر توشقان يۈگىرەپ قېچىپتۇ. ئىت ئۇ توشقاننى قوغلاي دەپ دەريا بويىدا سۇنى چالاپشىتىپ ئىچىۋاتسا، سۇدىن چىرايلىق ئالتۇن بېلىق چىقىپتۇ. ئۇ ئالتۇن بېلىققا زوقلىنىپ قاراپ قالغان نودا يوشىخو: بولدى مەن گۇناھكار، نېمىشقىمۇ پارخۇتلارنى كۆلگە سېلىشقا بۇيرۇيمەن! شۇ پېتىپ قالاتتى. ماتۇرۇسلارغا دەڭلار تاققا چىقىپ قويلارنى باقسۇن بولمىسا ئۇيغۇرلار ئايغىرلىرىنى سېتىپ بەرمەيدىكەن. ئەگەر دىياۋيۈ ئارىلىغا ئوت-چۆپ چىقىپ قالسا مۇڭغۇللار ئاتلىرىنى بېقىپ كىتىشى مومكىن. شۇڭا تۆت-بەش مېنانى ئادەم دەسسىمايدىغان سۇنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭلار! كىيىن بىز قايتىپ قالساق قورساق تويغۇزۇشقا پايدىسى تىگىپ قالىدۇ. دەپ سويىلىۋاتقان ئايغىرنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ بىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سۇ يۈزى تۆۋەنلەپ ئالتۇن بېلىق لايغا چىقىپ قاپتۇ. تۇمشۇقىنى بىلەپ كەلگەن ئالا قاغا ئۆزىنى تاغقا ئۇرۇپ، لاچىننىڭ ھەيۋىسىدىن ئامان قاپتۇ. ئەمما ئۇ ئۆلۈپ كىتىپتۇ-دەپ يىغا-زارىغا چۈشتى ئەبەي.
-بارىكاللا! بارىكاللا! ئەبەي. يارايدۇ. بولدى قالغانلىرىڭلارنىمۇ بولدى قىلاي! ئەبەي ئەلچىلىككە تاللاندى. مۇشۇ سەۋيەسى بىلەن نودا دىگەن قىزىل كۆزنىڭ ئەدىۋىنى ئەبەي بىرەلەيدۇ!-دەپ ئالقىشلىدى ھېسام.
       مەيداندا ئالقىش سادالىرى خېلى چاققىچە ئۈزۈلمىدى. گۇلدىراس-سادالارنىڭ ھەممىسى ئەبەينىڭ قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. ھېسامكام ناھايىتى رازىمەنلىك بىلەن ئەبەيگە خې ئەمىرنىڭ تونىنى سېلىۋەتمەسلىككە بۇيرۇپ، ئەتە تەييارلىق قىلىشىنى، قەشقەر دىيارىغا ئېمتىھانغا بارىدىغانلىغىنى دىۋېتىپ سەھنىدىن ئايرىلدى. مەپىنى سۆرەيدىغان ئادەم قالمىغان ئىدى. چۈنكى ئەبەي مۇساجانغا خالىدە ئىمامنىڭ ‹لەيلىمۇ-لەي› دىگەن ناخشىسىغا بىر ئوينىۋالمىسا قايىتمايدىغانلىغىنى ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نۈسىرەت قازىنىپ قايتىپ كىلىشىگە تۆۋەندىكىلەردىن مەدەت تىلەپ دۇئا قىلىپ قويىشىنى ئۆتۈندى. مۇساجان كۆزىگە خۇشاللىق يېشى ئالغان ھالدا ئەبەينىڭ ئاخىرىقى تەلىۋىنى ئورۇنلاپ بەردى. ئەبەي قوڭىنى ئېتىپ، قولىنى ئىگىپ شۇنداق ئوينىدىكى شۇ ئوينىشىدا ئەتىسى ھېسامكام بىلەن قەشقەر ئېلىغا يول ئالدى.

(5-ياقۇپ بەگنىڭ بەگلەرنى قوبۇل قىلىشى)


شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 06:28:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5-ياقۇپ بەگنىڭ بەگلەرنى قوبۇل قىلىشى


      چىڭگىزخاننىڭ مەلۇماتنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ياقۇپبەگ تولىمۇ ساراسىم بولدى. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئەلچىلەرنى تاللاشقا سەلەي چاققاننىڭ بەلگىلەنگەنلىكى تازا ياخشى خەۋەر بولمىدى. ئەمما قانداقلىكى بولمىسۇن ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر خىزمەتكار بولغانلىقىدىن ئۇنىڭغا گەپ يىگۈزۈپ بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىمەي بولمايتى. ئۇزۇن يىللىق كۆرەش ھاياتىغا نىسبەتەن ئويلىنىش قىلغىنىدا ،ئۆزىنىڭ ئۆزبىك ئىلىدىن قەشقەرگە كىرىپ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىشىمۇ ئاسانغا توختىمىغان ئىدى. ھاكىمىيەت دىگەن ھۇل دىمەكتۇر. شۇڭا چېڭگىزخان بۇنى باھانە قىلىپ قەشقەرگە چىل كۆزىنى تىكىپ، قىلىچلىرىنى ئوينۇتۇپ كەلمىگەن بىلەن ئېلىۋاتقان ئاشلىق، ئالتۇن كۆمۈشلىرى ھەددە ھېساپسىز ئىدى. تېخى پات-پات قىز-چوكانلارنىڭ غەلۋىسىنى قىلىپ قىيناشلىرى ئۇنىڭ سىرتىدا ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەىس-يادى سۇڭجىياڭنى قانداق كۈتىۋېلىشتىلا قالدى. چۈنكى كۈنلەر ئۆتۈپ سۇڭجىياڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشى ئېنىق ئىدى. سۇڭجىياڭدا ئىستىداتلىق قوشۇن بار، سەركەردىللىرىگە ھېچ باتۇر تەڭ ئەمەس ئىدى. تاڭسىڭچۇ؟ ياقۇپبەگنىڭ نەزىرىدە ئىككى-ئۈچ ھايۋاننى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈيتى. ھېسام بولسا بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ، قەلبىدە شۇملۇق يوق تۈزلا سەئەتخۇمار ئادەم بولۇپ ئەنسىرەش بىھاجەت ئىدى. ياقۇپبەگنىڭ سۇڭجىياڭنى كۈتىۋېلىش ھەم ئۇنىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغۇسى بار، لىكىن چىڭگىزخاننىڭ بىكىتكەن ئېمتىھان ئالغۇچىللىرى تولىمۇ رەھىمسىز بولۇپ ئادىللىقنى ياقىلايتى. سىيىت نوچى ‹يەپ-ئىچىش ئىمتىھانى›غا، نەسىردىن ئەپەندى يەكەندىن تەكلىپ قىلىنىپ كىلىنگەن بولۇپ ‹ئەدىبىيات-سەنئەت ئېمتىھانى›غا، سەلەي چاققان ئېنىقلا ‹ئەمەلىي سۆھبەت ئېمتىھانى›غا بەلگىلىنىپ بولغان ئىدى. ھەم چىڭگىزخان ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ مۇقۇملاشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئۇ شۇنداق ۋەسۋەسە ئىچىدە سۇڭجىياڭلارنى ئونسۇ ئىلىغىچە ئالدىغا چىقىپ، ئەيىش-ئىشىرەت پايتەختى بولغان ئۇچتۇرپاندا كۈتىۋېلىش زىياپىتى بىرىشنى تايىن تاپتى. ۋە سىيىت نوچىغا:

-سىيىت نوچى. سەن يامبۇ مېھمانسارىيى خۇجايىننىڭ جىپ ماشىنىسىنى سوراپ كىر! بەرمىسە ئىجارە ئال! بىللە ئونسۇغا بارىمىز-دىدى.

-ماي قاچىلىۋالامدۇق-يا-دىدى سېيىت نوچى يانچۇقىنىڭ قۇرۇقلىغىنى ئىشارە قىلىپ.

-راس! بايلار دىگەن پولغا ئامىراق بولىدۇ. ماينى چۈشۈرۋېلىشتىن يانمايدۇ. چىقىپ يولۋاسخاننىڭ چاي دۇكىنىدىن جىقىراق پول ئېلىۋال!

-بولىدۇ!-چىقىپ كەتتى سىيىت نوچى.

-نەسىردىن ئەپەندىم. سەن 100 نەپەر بالا تېپىپ ئۇلارنى خەنزۇچە ياسانغۇزۇپ كىر. ئۇلارنىڭ يېرىمى قىزلار، يېرىمى ئوغوللار بولسۇن! ئۇلارنىڭ قولىغا قىزلارغا يەلپۈگۈچ ياستىڭلار، رەڭگى قىزىل بولسۇن! ئوغوللارغا داقۇ-دۇمباق،جاڭ بىلەن ئۇزۇن سۇناي ياسىتىپ، ئېتى ياخشى چاپىدىغان مەپىچىلەرنى تېپىپ يولغا چىقىڭلار. مەنزىل ئونسۇ!

-پەرمەن بەردارمەن ھۆرمەتلىك دانا ياقۇپبەگ ھەزرەتلىرى-دەپ چىقىپ كەتتى نەسىردىن ئەپەندى.

-سەلەي چاققان. سەن ئاتلىق ئاۋۋال بېرىپ ئۇچتۇرپانغا بېرىپ ھەرقايسى توقاللارغا يەتكۈز يۇرۇتتىكى يېشى 18كە توشقان قىزلاردىن چىرايلىقلىرىنى سەپلەپ كۈتىۋېلىشقا ھازۇرلانسۇن! ياقۇپبەگ ئۇچتۇرپانغا كىلىدۇ -دە! ئاندىن ئونسۇغا بېرىپ بىزنى كۈتىۋېلىشقا تاماق-ياتاق تەييارلا!

-بولىدۇ. ئەمما ھەزرەتلىرى ئۇ يەردە يات مىللەت كىشىللىرى يوققۇ؟

-بولىۋىرىدۇ. سەن ۋەزىپىنى ئىجىرا قىلىشنى بىل!

-ھەددىم ئەمەس ھەزرەتلىرى-سەلەي چاققان نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ئېشىكىنى سوراشتىن ئويۇلۇپ، خاننىڭ شاش ئېتىنى ئەپچىقىپ مېنىپ يولغا راۋان بولدى.

        سىيىت نوچىنىڭ پىراۋىسى سۇڭجىياڭ خان بولۇپ قالسا چىقىدىغاندەك ماشىنىنى توپا يولدا تولىمۇ تېز ھەيدىمەكتە. ياقۇپبەگ كىلەڭسىز قوسىغىنى ئىچىگە بىر تارتىپ بىر چىقىرىپ ياندىكى ئورۇندا ئۇخلىماقتا ئىدى.

سەلەي چاققان  ئۇچقۇر ئاتتا ئۇچتۇرپاندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەتكۈزۈپ بولۇپ، ئالبۇرۇن ئونسۇ دىيارىغا يېتىپ بېرىپ بىر چوڭ قازانغا بىر نەچچە قوينىڭ گۆشتىنى سېلىپ پۇشۇرتۇۋاتاتتى. نەسىردىن ئەپەندى بالىلارغا ئاللىنېمىلەرنى ئۈگۈتۈپ مەشىق قىلدۇرۋاتاتتى. ماشىنا ئۇچقاندەك كىلىپ قازاننىڭ تۆۋىگە كىلىپ توختىغاندا قازان تۆۋىدىكىلەر يوغان تۇۋاقنى ئاران يېپىپ ئۈلگۈردى. توپا-چاڭ ئەتىراپنى بىر ئالدى. ياقۇپبەگ ھەممە ياققا بىر نەزەر سالغاندىن كىيىن كۆزى نەزەر موپتىغا چۈشتى-دە ماشىنىدىن ئالدىراپ چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئامانلىق سوردى. ئۇنىڭ قارىقاش ئېلىدىكى دوستىنى تازا جايلىغانلىغىنى ماختىدى. ئاندىن تەييارلىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى. سەلەي چاققاندىن ئۈچتۈرپاندىكى خىزمەتلەرنى سۈرۈشتۈرۋىتىپ، نەسىردىن ئەپەندىمگە بالىلارنى ياخشىراق مەشىقلەندۇرىشىنى جىكىلىدى. تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار ئونسۇ شەھەر مەركىزىدىن قەن زاۋۇتىغىچە رەتلىك تىزىلدى. ئەڭ ئالدىدا سەنئەت ئۆمىكىدىكى چىرايلىق كىلىشكەن ئىككى قىز چاڭچىلە كىيىمى كىيىپ، گۈل دەستە بىلەن مەيدىسىگە تاقايدىغان ئەتىرىگۈلنى تۇتۇپ تۇرۇپ سۇڭجىياڭلارنىڭ كىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۋاتاتتى.

           يىراقتىن توپا چاڭ  كۆتىرىلىپ سۇڭجىياڭلار كۆرۈنگەندە ياقۇپبەگ كۆز ئىشارىسى قىلدى. نەسىردىن ئەپەندى ھەممە ئىشىنى شۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىدىكى گۈل سۇڭجىياڭنىڭ مەيدىسىگە تاقالدى. سۇڭجىياڭ دەستە گۈل كۆتىرىپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغاندا داقۇ-دۇمباق، جاڭ، سۇننايلار ماسلاشتۇرۇلۇپ ئوركىستىر ئۆمىكى تىزىلغان قوش لىنيەنىڭ ئوتتۇرسىدا خۇددى تويى بولغان يىگىتتەك ماڭدى. سۇڭجىياڭ ئۆزىنىڭ تۈنجى تويى بولغاندىمۇ ئۇنداق ماڭالمىغان بولۇپ، بۇ ياقۇپبەگنىڭ قىلغان شاپائىتىدىن سۆيۈنۈپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ چەكسىز خۇشال بولدى. تاڭسىڭ، ھېساملارمۇ قارا شەھرىدە سۇڭجىياڭلار بىلەن دىدارلىشىپ بىرلىكتە كەلگەن بولۇپ، سۇڭجىياڭنىڭ سايىسىدە ياقۇپبەگنىڭ ياخشى كۈتىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغىنىدىن ئىپتىخارلاندى. ۋۇسۇڭ، لىكۈي، جۇباجى، ئەبەيلەرمۇ تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ خۇشاللىقتىن بەھىرلەندى. سۇڭجىياڭ بىلەن ياقۇپبەگ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. تاڭ سىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ھېسام بىلەن ئادەتتىكىچە سالاملىشىپ قويدى. ياقۇپبەگ بىلەن سۇڭجىياڭ يېقىن مېڭىپ قىزغىن ئەھۋاللاشتى. نەزەر موپتى بېىغىدا چوڭ زىياپەت بىرىپ ئۇلارنى ئۈچتۇرپانغا يولغا سېلىپ قۇتۇلدى. ياقۇپبەگ بىلەن سۇڭجىياڭ، تاڭسىڭ، ھېساملار ئۈچتۇرپاندا قونۇپ يەپ ئىچىپ، ئەيىش-ئىشىرەت قىلىشپ، ئەتىسى قەشقەرگە بېرىپ بولىدىغانلىغىنى دەپ سىيىت نوچىنىڭ شوپۇرلىغىدا ئۈچتۇرپانغا ماڭدى. قالغانلار نەسىردىن ئەپەندى بىلەن سەلەي چاققاننىڭ رەھبەرلىگىدە قەشقەرگە يول ئالدى.

        ياقۇپبەگ ئۈچتۇرپانغا ئەزىلىدىن ھېچكىشىنى ئويناشقا تەكلىپ قىلىپ باققان ئەمەستى. لىكىن بۇ نۆۋەت بۇ قائىدىنى بۇزدى. ئۇلار ئۈچتۇرپاندا شۇنداق يايرىدىكى سۇڭجىياڭنىڭ ئىسىدە قالغىنى توققۇزبۇلاق چىقىپ نەزمە يازغانلىغى بولدى. تاڭسىڭ بۇ يەردىن چىققان ‹يەتتە قىزلىرىم›نىڭ رىۋايىتىدىن كۆڭلىگە قورقۇنۇچ سېلىۋالدى، ھېسام سۇيۇتقىغا چىقىپ موللا شاكىرنى يوقلىدى. ئەتسى ئۇلار قەشقەرگە ئامان-ئېسەن قايىتتى.


داۋامى (6-لۈكۈي بىلەن باجىنىڭ قەشقەردىكى ئەخلاقسىزلىقلىرى) داۋاملىق يوللىنىدۇ!


شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 12:50:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
6-لىكۈي بىلەن باجىنىڭ قەشقەردىكى ئەخلاقسىزلىقلىرى
       ياقۇپبەگلەرمۇ ئامان ئېسەن قەشقەرگە كېلىۋېلىپ سۇڭجىياڭنى قانداق ياخشى كۈتۈپ رازى قىلىش خىيالىنى قىلىۋاتقاندا، لىكۈي سۇڭجىياڭنىڭ ئىناۋىتىدىن سۆيۈنۈپ تازا ئېشىشقا باشلىدى. ھەر قەدەمدە بىر جېدەل قىلسا، يىراقتا كىتىۋاتقان نازىنىلارغا ساقال تاراپ پوخورلۇق قىلاتتى. بۇ جەھەتتە ئۇ باجى بىلەن تولىمۇ چىقىشىپ قالدى. ۋۇسۇڭ بىلەن ئەبەي ئۆز پاراڭلىرى بىلەن سەلەي چاققان ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان يامبۇ مېھمانسارىيىدا ھەمسۆھبەتكە چۈشۈپ كەتتى. ياقۇپبەگ ھەر قايسى بەگلەرنى باشلاپ ھەر كۈنى ئاپپاق خۇجا مازىرىنى بىر تاۋاپ قىلىپ كىرەتتى. ھېسامكامنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەخمۇت قەشقەرى مەقبەرىسىگە چىقىش تەكلىۋى رەت قىلىنىپ، ئۇنداق سەللىلىك موللىرانىڭ قەۋرىسىنى يوقلىغاندىن ئوردا خېنىمغا بېرىپ پىر-ھەزىرەتلەرنىڭ خىسلەتلىرىنى تاماشا قىلىپ كەلگەن تۈزۈكلىكىنى ئېيتىشىپ تۇرۋالدى. دەل بۇ چاغلاردا باجى بىلەن لىكۈي چىقىپ يوللارغا پاتماي مېڭىپ ئۇچىراغانلىكى نەرسىنى بۇلاپ يەپ-ئىچىپ يۈرۈپ، يۇملاق شەھەرنى ئايلىنىپ يېمەك-ئىچمەك شەھرىگە بېرىپ قالدى. بۇ يەردە ئۇلار ياقتۇردىغان يېمەكلىكلەر تولىمۇ مول ئىدى. ئۇلار ئاۋۋال مالاچۇرخانىغا كىرىپ مالاچۇر يىدى. ئۇلار يىگەن زىخنى ساناپ بولالمىغان مالاچۇرخانا خوجايىنى ھېساۋاتنى ئەتە قىلىش ئۈچۈن ئوردىغا تالۇن كېسىپ بەردى. ياندىكى توخۇ قورداقخانىسىدىمۇ ئىچىۋەتكەن ھارىغى بىلەن سەيلىرىنىڭ ھېساۋاتىنىمۇ ئوردىغا يازدۇردى. شۇ تەرىقتە كەيپى تازا كۆتىرىلگەن باجى تازا بىر كۆڭۈل ئاچقۇسى كېلىپ پۇت يۇيدۇرۇش ئورنىغا كىرىپ باقماقچىلىغىنى ئېيىتقاندا، لىكۈي ئۇنى تازا قوللىدى. بۇ يەردىكى يېشى كىچىك كۆرىنىدىغان نازىنىن قىزلارغا ئاچ قالغان بۆرىدەك قاراپ ھۇشىنى يوقۇتۇپ قويغىدەك بولغان باجى لىكۈيگە قارۋىدى ئۇمۇ قاپقارا ساقىلىنى يانغا ئېلىپ قويۇپ تۆت-بەش ھۆر پەرىنىڭ سېيلاپ، تۇتۇپ، ئەركىلىتىشلىرىدىن قىنىغا پاتماي قەھقەھلەپ كۈلۈپ كۆڭلىنى ئېچىۋاتاتتى. بۇنداق يەرنىڭ ھوزۇرىنى كۆرۈپ باقمىغان باجى ئۆزىنى قويىۋېتىپ نەپسىنى ئېچىۋەتتى. يېرىم كىيىنىۋالغان قىزلارنىڭ كۈتىشىدىن چىققۇسى كەلمەي مۇشۇ يەردە تاڭ ئاتقۇزدى. لىكۈيمۇ تازا ئويناپ-يايرىۋالدى. ئەتىسى ئوردىنىڭ ئەزىز مېھمىنى سۈپىتىدە تالۇن كەسكۈزۈپ، خۇشال خۇرام ھالدا كوچىغا چىقتى. ئۇلار يول بويىدىكى چوڭ-چوڭ داسلارنى كۆرۈپ قالدى ۋە تازا خۇشاللاندى:-ھە.ھە . لىكۈي قارا ئاۋۇ يەردە يوغان تاۋاق تۇرىدۇ-دىدى باجى داسلارنى كۆرسۈتۈپ.-باجى ئۇنىڭدىن ئىككىنى بۇلايلى. بۇلارنىڭ بىزگە تاماق بىرىدىغان قاچىسى كىچىككەن، قارنىمىز تويمايدىكەن. بۇندىن كىيىن بىزنىڭ ئالغان تاۋقىمىزغا ئۇسۇپ بەرسۇن  دەيلى!-ھە.ھە. شۇنداق قىلايلى! ئا ئۇسىدىغان چۈمۈچتىنمۇ ئېلىۋالايلى- دەپ ساپلىقنى كۆرسەتتى باجى.-بۇلارنىڭ قازىنى كىچىككەن؟-ھە.ھە. شۇنداق. تاپقان تەگىنىنى ئادالاپ ئاۋارە بولۇپ يىگىچە كۆلگە تاشلاپ، ئاستىغا ئوت قالاپ پۇشۇرۇپ يىسە بولمامدۇ دەيمەن بۇ خەق. نېمە ئاۋارچىلىق- ھە لىكۈي-دەيتى باجى.       بۇ ئىكەيلەن شۇنداق مېڭىشىپ يۈرۈپ تۇماق بازىرىغا كىرىپ باجىنىڭ تاز بېشىنى يۆگىمەكچى بولۇپ، ھەممە تۇماقلارنى كەيگەن بولسىمۇ بىر تۇماق ئۇنىڭ يوغان تاز بېشىغا كەلمىدى. چاپان ئالسا قولى-چۈشسە پۇتى چۈشمىدى، ئاياق ئالسا ياپىلاق پۇتقا بۇيرۇتۇپ تىككۈزۇشكە توغرا كەلدى. ئاخىرى ئوردا ئالدى تەرەپتىكى بازاردىن قېيداپ يېنىپ چىقىپ، ھېيىتكاھ تەرەپكە ئوتتى. ئۇ يەردىكى مەدىكارلار ئۇلارنى خۇجايىنلار چېغى دەپ گۈررىدە ئولاشسا قورقۇپ كەتكەن لىكۈي جۈپ ئايپالتىسىنى ئېلىپ تەلۋىلىك قىلىپ بىر نەچچىسىنى چانىدى. قان ئىچىدە قالغان مەدىكارلار بىردەمدىلا قېچىپ يوقۇلۇشتى. ئالتۇن بازىرىغا كىرىپ ھۈركۈپ قېچىپ كەتكەن ئالتۇنچىلارنىڭ پۇكىيىدىن  خېنىملارغا نۇرغۇن ئالتۇن-جاۋاھىراتلارنى بۇلىدى. ھېيىتكاھتىن چىقىۋاتقان ئادەملەر توپىدىن يانداپ ئۆتۈپ ئۆستەڭبويىغا چىقىپ قېلىپ ساز-چالغۇلار دۇكىنىغا كىرىپ قېلىپ خۇشاللىنىپ كىتىشتى. باجى دۇتارنى كۆرۈپ ئاچ قالغان بۆرىدەك ئېتىلىپ بېرىپ:-ھە.ھە.لىكۈي ئۇزۇن بوپتۇ دۇتار چالمىغىلى. دۇتاردىن بىرنى تاللاپ ئېلىپ چىقىپ ھېيىتكاھنى بەك كاتتا دەيدۇ. ئالدىدا چېلىپ ئوت چىقىرىۋەتمەيلىمۇ؟-ئۇنداقتا مەن ماۋۇ قاسقاننى ئېلىۋالاي. خېلى ئاۋازى چىقىدىغان بىر نېمىكەن-دەپ يوغان داپنى ئېلىۋالدى لىكۈي.        ئەسىر ۋاختى تولىمۇ قىس بولىدۇ. كىشىلەر ئەسىرگە تۆت ھەركەت سۈننەت ناماز ئوقىۋاتسا سىرىتتىن قاتتىق چېلىنغان داپ بىلەن دۇتتارنىڭ ئاۋازى كەلدى. ھەممەيلەن ياقا چىشلىشىپ توۋا! دىيىشىۋاتقاندا باجى بىلەن لىكۈي ھەدەپ ساز چېلىشىۋاتاتتى. باجى ناخشىنى شۇنداق ئېيتىپ كەتتىكى ئۆزىنى خۇددى ئادەم يوق جاڭگالدا ھىس قىلىپ قالدى. لىكۈيمۇ داپنى شۇنداق ئۇردىكى لىياڭشەن كۆلىدە دۇمباق ئۇرغان ھالىتىنى ئەسلەپ قالدى. ئۇلار شۇ ئۆزىنى يوقاتقىنىچە چېلىشىپ مېڭىپ ئۆستەڭبويىدىكى ئاشخانىلارغا كىرىپ تاماق ئۈلگۈرتەلمىگەن ئاشپۇزۇللارنىڭ چېنە-قاچىللىرىنى چاقتى، مانتىچىلارنىڭ قاسقىنى تېپىپ ئۆرىدى، ناۋاي-سامسىچىلارنىڭ تونۇرلىرىنى چېقىۋەتتى. تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ يول ياقىللىرىدىكى باققاللارنىڭ ھارۋا-يايمىللىرىنى دەسسەپ، ئۆرۈپ، ماللىرىنى خالىغانچە يىدى، دەسسەپ بۇزۇپ كېرەكسىز قىلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ قارىسىنى كۆرگەن دۇكاندارلار دۇكاننلىرىنى تاقىشىپ شىپپىدە جىمىپ كىتىشتى. ئويۇن كۆرۈپ كەينىدىن ئەگىشىۋالغان ئۇششاق بالىلار كۈلىشەتتى. شۇ مېڭىشىدا ئايلىنىپ يولۋاسخاننىڭ چاي دۇكىنىدىكى كەتمەي جان ھەلەكچىلىكىدە تومۇر تۇتقۇزۋاتقان كىشىلەرنى كۆرۈپ، باجىنىڭ تومۇر تۇتقۇزغۇسى كەلدى.-ھە.ھە. مېنىڭ تومۇرۇمنى تۇتۇپ باقسىلا. زادى مەندە كېسەل بامىكىن؟-دىدى باجى ژۇڭلۇق قولىدىكى يېڭىنى تۈرۈپ تۇرۇپ. يولۋاسخان ئۇستام ئۇيان تۇتۇپ، بۇيان تۇتۇپ يۈرۈپ:-كېسەل كۈچ! سېلى بېگىم ئېغىزلىرى يەپ تويمايدىكەن ئاقىللىرى چىچىپ، كۆزلىرى قىزغا تويمايدىكەن قويۇپتىكەن شۇڭا پىچىپ، خۇلۇقلىرى ئەسكى يۈرۈيدىكەنلا قوڭنى ئېچىپ، ئىش - ئەمگەك قىلمايدىكەنلا جاپادىن قېچىپ. ئۆزلىرى ‹مەرەز ھايۋانى شەقىق› كېسىلىگە گىرىپتار بوپتىلا. -ھە.ھە. توغرا. تاپتى. بۇ كېسەلگە شىپا بارمۇ-سوردى باجى.-شىپاھى شۇدۇركى توڭگۈز پوقىنى سۈيدۈك بىلەن يۇغۇرۇپ تاماقنىڭ ئورنىدا ئۈچ ۋاخ يەپ بەگەيلا.-ھە.ھە. توڭگۈز دىگەن قانداق ھايۋان ئۇ! ما تازنىچۇ؟-دىدى باجى ئالدىراپ بېشىنى كۆرسىتىپ.-توڭگۈز سېلىنىڭ ياۋىللىرى. قېرىنداش كىلىلا. تازنى قۇلاقنىڭ ئۈستىگە سەللە يۆگەپ ئۇستىگە قارا مومدا 5 سانتېمىتىر ئەتىراپىدا چىڭ موملىساق سەللىمازا يوقاپ كىتىدۇ. موم ئالىدۇ.-ھە.ھە. دانا تېۋىپكەن. دانا تېۋىپكەن. شۇنداق قىلاي! سەنمۇ كۆرسىتە!_دەپ لىكۈيگە ئىشارە قىلدى.-جاناپلىرى! سېلىنىڭ يۈز-قوللىرىنى تۈك بېسىپ، كۆزلىرى يوغىناپ كىتىپتۇ. سېلى يىمەيدىغان نەرسىنى يەپ قاپلا. سىلى ‹ھەزلىكى گومۇش› دىگەن كېسەلگە مۇپتىلا بوپتىلا. بۇ كېسەلدە كۆرۈلىدىغان ئالامەت، ئاچچىقلىنىپ تۇرامماسلىق، چاخچىقى تولا بازغان ئۇرامماسلىق، ئولتۇرۋالسا تۇرالماسلىق، كۆپ تەرلەپ بولالماسلىق.- توغرا تاپتى. شىپاسى نېمە؟-دەپ قەۋەت خوش بولدى لىكۈي-شىپاھى شۇكى توپاقنىڭ قۇيرىغى، قارا ھەرىنىڭ كۆنىكى، قارا چۈمۈلىنىڭ يۈركى، ئىتنىڭ يىمەس بولىكى.-ھە! نېمە دىدىڭ؟ ئىتنىڭ نېمىسى؟        سېيىت نوچى لىكۈي بىلەن باجىنى تۈنىگۈندىن بىرى  ئىز قوغلاپ يۈرۈپ ئۆستەڭبويى يولۋاسخان ئۇستامنىڭ ئالدىدىن تېپىۋالدى. سەل كېچىككەن بولسا لىكۈي يولۋاسخان ئۇستامغا چاڭ سېلىپ قالار ئىدى. سىيىت نوچىنىڭ ھەيۋەت قامىتىدىن، ئاچچىغىدا چىڭ تۈگۈلگەن بازغاندەك مۇشتىدىن قورقۇپ كەتكەن لىكۈي بىلەن باجى خۇددى ئىگىسىنىڭ ئالدىدا قورقۇپ ئۇۋسىغا يۈگەرگەن ئىتلاردەك يامبۇ مېھمانسارىيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.
داۋامى (7- سىيىت نوچىنىڭ ئېمتىھان ئېلىشى) داۋاملىق يوللىنىدۇ!


شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4452
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84757
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 01:01:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
6-لىكۈي بىلەن باجىنىڭ قەشقەردىكى ئەخلاقسىزلىقلىرى

       ياقۇپبەگلەرمۇ ئامان ئېسەن قەشقەرگە كېلىۋېلىپ سۇڭجىياڭنى قانداق ياخشى كۈتۈپ رازى قىلىش خىيالىنى قىلىۋاتقاندا، لىكۈي سۇڭجىياڭنىڭ ئىناۋىتىدىن سۆيۈنۈپ تازا ئېشىشقا باشلىدى. ھەر قەدەمدە بىر جېدەل قىلسا، يىراقتا كىتىۋاتقان نازىنىلارغا ساقال تاراپ پوخورلۇق قىلاتتى. بۇ جەھەتتە ئۇ باجى بىلەن تولىمۇ چىقىشىپ قالدى. ۋۇسۇڭ بىلەن ئەبەي ئۆز پاراڭلىرى بىلەن سەلەي چاققان ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان يامبۇ مېھمانسارىيىدا ھەمسۆھبەتكە چۈشۈپ كەتتى. ياقۇپبەگ ھەر قايسى بەگلەرنى باشلاپ ھەر كۈنى ئاپپاق خۇجا مازىرىنى بىر تاۋاپ قىلىپ كىرەتتى. ھېسامكامنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەخمۇت قەشقەرى مەقبەرىسىگە چىقىش تەكلىۋى رەت قىلىنىپ، ئۇنداق سەللىلىك موللىرانىڭ قەۋرىسىنى يوقلىغاندىن ئوردا خېنىمغا بېرىپ پىر-ھەزىرەتلەرنىڭ خىسلەتلىرىنى تاماشا قىلىپ كەلگەن تۈزۈكلىكىنى ئېيتىشىپ تۇرۋالدى. دەل بۇ چاغلاردا باجى بىلەن لىكۈي چىقىپ يوللارغا پاتماي مېڭىپ ئۇچىراغانلىكى نەرسىنى بۇلاپ يەپ-ئىچىپ يۈرۈپ، يۇملاق شەھەرنى ئايلىنىپ يېمەك-ئىچمەك شەھرىگە بېرىپ قالدى. بۇ يەردە ئۇلار ياقتۇردىغان يېمەكلىكلەر تولىمۇ مول ئىدى. ئۇلار ئاۋۋال مالاچۇرخانىغا كىرىپ مالاچۇر يىدى. ئۇلار يىگەن زىخنى ساناپ بولالمىغان مالاچۇرخانا خوجايىنى ھېساۋاتنى ئەتە قىلىش ئۈچۈن ئوردىغا تالۇن كېسىپ بەردى. ياندىكى توخۇ قورداقخانىسىدىمۇ ئىچىۋەتكەن ھارىغى بىلەن سەيلىرىنىڭ ھېساۋاتىنىمۇ ئوردىغا يازدۇردى. شۇ تەرىقتە كەيپى تازا كۆتىرىلگەن باجى تازا بىر كۆڭۈل ئاچقۇسى كېلىپ پۇت يۇيدۇرۇش ئورنىغا كىرىپ باقماقچىلىغىنى ئېيىتقاندا، لىكۈي ئۇنى تازا قوللىدى. بۇ يەردىكى يېشى كىچىك كۆرىنىدىغان نازىنىن قىزلارغا ئاچ قالغان بۆرىدەك قاراپ ھۇشىنى يوقۇتۇپ قويغىدەك بولغان باجى لىكۈيگە قارۋىدى ئۇمۇ قاپقارا ساقىلىنى يانغا ئېلىپ قويۇپ تۆت-بەش ھۆر پەرىنىڭ سېيلاپ، تۇتۇپ، ئەركىلىتىشلىرىدىن قىنىغا پاتماي قەھقەھلەپ كۈلۈپ كۆڭلىنى ئېچىۋاتاتتى. بۇنداق يەرنىڭ ھوزۇرىنى كۆرۈپ باقمىغان باجى ئۆزىنى قويىۋېتىپ نەپسىنى ئېچىۋەتتى. يېرىم كىيىنىۋالغان قىزلارنىڭ كۈتىشىدىن چىققۇسى كەلمەي مۇشۇ يەردە تاڭ ئاتقۇزدى. لىكۈيمۇ تازا ئويناپ-يايرىۋالدى. ئەتىسى ئوردىنىڭ ئەزىز مېھمىنى سۈپىتىدە تالۇن كەسكۈزۈپ، خۇشال خۇرام ھالدا كوچىغا چىقتى. ئۇلار يول بويىدىكى چوڭ-چوڭ داسلارنى كۆرۈپ قالدى ۋە تازا خۇشاللاندى:
-ھە.ھە . لىكۈي قارا ئاۋۇ يەردە يوغان تاۋاق تۇرىدۇ-دىدى باجى داسلارنى كۆرسۈتۈپ.
-باجى ئۇنىڭدىن ئىككىنى بۇلايلى. بۇلارنىڭ بىزگە تاماق بىرىدىغان قاچىسى كىچىككەن، قارنىمىز تويمايدىكەن. بۇندىن كىيىن بىزنىڭ ئالغان تاۋقىمىزغا ئۇسۇپ بەرسۇن  دەيلى!
-ھە.ھە. شۇنداق قىلايلى! ئا ئۇسىدىغان چۈمۈچتىنمۇ ئېلىۋالايلى- دەپ ساپلىقنى كۆرسەتتى باجى.
-بۇلارنىڭ قازىنى كىچىككەن؟
-ھە.ھە. شۇنداق. تاپقان تەگىنىنى ئادالاپ ئاۋارە بولۇپ يىگىچە كۆلگە تاشلاپ، ئاستىغا ئوت قالاپ پۇشۇرۇپ يىسە بولمامدۇ دەيمەن بۇ خەق. نېمە ئاۋارچىلىق- ھە لىكۈي-دەيتى باجى.
       بۇ ئىكەيلەن شۇنداق مېڭىشىپ يۈرۈپ تۇماق بازىرىغا كىرىپ باجىنىڭ تاز بېشىنى يۆگىمەكچى بولۇپ، ھەممە تۇماقلارنى كەيگەن بولسىمۇ بىر تۇماق ئۇنىڭ يوغان تاز بېشىغا كەلمىدى. چاپان ئالسا قولى-چۈشسە پۇتى چۈشمىدى، ئاياق ئالسا ياپىلاق پۇتقا بۇيرۇتۇپ تىككۈزۇشكە توغرا كەلدى. ئاخىرى ئوردا ئالدى تەرەپتىكى بازاردىن قېيداپ يېنىپ چىقىپ، ھېيىتكاھ تەرەپكە ئوتتى. ئۇ يەردىكى مەدىكارلار ئۇلارنى خۇجايىنلار چېغى دەپ گۈررىدە ئولاشسا قورقۇپ كەتكەن لىكۈي جۈپ ئايپالتىسىنى ئېلىپ تەلۋىلىك قىلىپ بىر نەچچىسىنى چانىدى. قان ئىچىدە قالغان مەدىكارلار بىردەمدىلا قېچىپ يوقۇلۇشتى. ئالتۇن بازىرىغا كىرىپ ھۈركۈپ قېچىپ كەتكەن ئالتۇنچىلارنىڭ پۇكىيىدىن  خېنىملارغا نۇرغۇن ئالتۇن-جاۋاھىراتلارنى بۇلىدى. ھېيىتكاھتىن چىقىۋاتقان ئادەملەر توپىدىن يانداپ ئۆتۈپ ئۆستەڭبويىغا چىقىپ قېلىپ ساز-چالغۇلار دۇكىنىغا كىرىپ قېلىپ خۇشاللىنىپ كىتىشتى. باجى دۇتارنى كۆرۈپ ئاچ قالغان بۆرىدەك ئېتىلىپ بېرىپ:
-ھە.ھە.لىكۈي ئۇزۇن بوپتۇ دۇتار چالمىغىلى. دۇتاردىن بىرنى تاللاپ ئېلىپ چىقىپ ھېيىتكاھنى بەك كاتتا دەيدۇ. ئالدىدا چېلىپ ئوت چىقىرىۋەتمەيلىمۇ؟
-ئۇنداقتا مەن ماۋۇ قاسقاننى ئېلىۋالاي. خېلى ئاۋازى چىقىدىغان بىر نېمىكەن-دەپ يوغان داپنى ئېلىۋالدى لىكۈي.
        ئەسىر ۋاختى تولىمۇ قىس بولىدۇ. كىشىلەر ئەسىرگە تۆت ھەركەت سۈننەت ناماز ئوقىۋاتسا سىرىتتىن قاتتىق چېلىنغان داپ بىلەن دۇتتارنىڭ ئاۋازى كەلدى. ھەممەيلەن ياقا چىشلىشىپ توۋا! دىيىشىۋاتقاندا باجى بىلەن لىكۈي ھەدەپ ساز چېلىشىۋاتاتتى. باجى ناخشىنى شۇنداق ئېيتىپ كەتتىكى ئۆزىنى خۇددى ئادەم يوق جاڭگالدا ھىس قىلىپ قالدى. لىكۈيمۇ داپنى شۇنداق ئۇردىكى لىياڭشەن كۆلىدە دۇمباق ئۇرغان ھالىتىنى ئەسلەپ قالدى. ئۇلار شۇ ئۆزىنى يوقاتقىنىچە چېلىشىپ مېڭىپ ئۆستەڭبويىدىكى ئاشخانىلارغا كىرىپ تاماق ئۈلگۈرتەلمىگەن ئاشپۇزۇللارنىڭ چېنە-قاچىللىرىنى چاقتى، مانتىچىلارنىڭ قاسقىنى تېپىپ ئۆرىدى، ناۋاي-سامسىچىلارنىڭ تونۇرلىرىنى چېقىۋەتتى. تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ يول ياقىللىرىدىكى باققاللارنىڭ ھارۋا-يايمىللىرىنى دەسسەپ، ئۆرۈپ، ماللىرىنى خالىغانچە يىدى، دەسسەپ بۇزۇپ كېرەكسىز قىلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ قارىسىنى كۆرگەن دۇكاندارلار دۇكاننلىرىنى تاقىشىپ شىپپىدە جىمىپ كىتىشتى. ئويۇن كۆرۈپ كەينىدىن ئەگىشىۋالغان ئۇششاق بالىلار كۈلىشەتتى. شۇ مېڭىشىدا ئايلىنىپ يولۋاسخاننىڭ چاي دۇكىنىدىكى كەتمەي جان ھەلەكچىلىكىدە تومۇر تۇتقۇزۋاتقان كىشىلەرنى كۆرۈپ، باجىنىڭ تومۇر تۇتقۇزغۇسى كەلدى.
-ھە.ھە. مېنىڭ تومۇرۇمنى تۇتۇپ باقسىلا. زادى مەندە كېسەل بامىكىن؟-دىدى باجى ژۇڭلۇق قولىدىكى يېڭىنى تۈرۈپ تۇرۇپ. يولۋاسخان ئۇستام ئۇيان تۇتۇپ، بۇيان تۇتۇپ يۈرۈپ:
-كېسەل كۈچ! سېلى بېگىم ئېغىزلىرى يەپ تويمايدىكەن ئاقىللىرى چىچىپ، كۆزلىرى قىزغا تويمايدىكەن قويۇپتىكەن شۇڭا پىچىپ، خۇلۇقلىرى ئەسكى يۈرۈيدىكەنلا قوڭنى ئېچىپ، ئىش - ئەمگەك قىلمايدىكەنلا جاپادىن قېچىپ. ئۆزلىرى ‹مەرەز ھايۋانى شەقىق› كېسىلىگە گىرىپتار بوپتىلا.
-ھە.ھە. توغرا. تاپتى. بۇ كېسەلگە شىپا بارمۇ-سوردى باجى.
-شىپاھى شۇدۇركى توڭگۈز پوقىنى سۈيدۈك بىلەن يۇغۇرۇپ تاماقنىڭ ئورنىدا ئۈچ ۋاخ يەپ بەگەيلا.
-ھە.ھە. توڭگۈز دىگەن قانداق ھايۋان ئۇ! ما تازنىچۇ؟-دىدى باجى ئالدىراپ بېشىنى كۆرسىتىپ.
-توڭگۈز سېلىنىڭ ياۋىللىرى. قېرىنداش كىلىلا. تازنى قۇلاقنىڭ ئۈستىگە سەللە يۆگەپ ئۇستىگە قارا مومدا 5 سانتېمىتىر ئەتىراپىدا چىڭ موملىساق سەللىمازا يوقاپ كىتىدۇ. موم ئالىدۇ.
-ھە.ھە. دانا تېۋىپكەن. دانا تېۋىپكەن. شۇنداق قىلاي! سەنمۇ كۆرسىتە!_دەپ لىكۈيگە ئىشارە قىلدى.
-جاناپلىرى! سېلىنىڭ يۈز-قوللىرىنى تۈك بېسىپ، كۆزلىرى يوغىناپ كىتىپتۇ. سېلى يىمەيدىغان نەرسىنى يەپ قاپلا. سىلى ‹ھەزلىكى گومۇش› دىگەن كېسەلگە مۇپتىلا بوپتىلا. بۇ كېسەلدە كۆرۈلىدىغان ئالامەت، ئاچچىقلىنىپ تۇرامماسلىق، چاخچىقى تولا بازغان ئۇرامماسلىق، ئولتۇرۋالسا تۇرالماسلىق، كۆپ تەرلەپ بولالماسلىق.
- توغرا تاپتى. شىپاسى نېمە؟-دەپ قەۋەت خوش بولدى لىكۈي
-شىپاھى شۇكى توپاقنىڭ قۇيرىغى، قارا ھەرىنىڭ كۆنىكى، قارا چۈمۈلىنىڭ يۈركى، ئىتنىڭ يىمەس بولىكى.
-ھە! نېمە دىدىڭ؟ ئىتنىڭ نېمىسى؟
        سېيىت نوچى لىكۈي بىلەن باجىنى تۈنىگۈندىن بىرى  ئىز قوغلاپ يۈرۈپ ئۆستەڭبويى يولۋاسخان ئۇستامنىڭ ئالدىدىن تېپىۋالدى. سەل كېچىككەن بولسا لىكۈي يولۋاسخان ئۇستامغا چاڭ سېلىپ قالار ئىدى. سىيىت نوچىنىڭ ھەيۋەت قامىتىدىن، ئاچچىغىدا چىڭ تۈگۈلگەن بازغاندەك مۇشتىدىن قورقۇپ كەتكەن لىكۈي بىلەن باجى خۇددى ئىگىسىنىڭ ئالدىدا قورقۇپ ئۇۋسىغا يۈگەرگەن ئىتلاردەك يامبۇ مېھمانسارىيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

داۋامى (7- سىيىت نوچىنىڭ ئېمتىھان ئېلىشى) داۋاملىق يوللىنىدۇ!


شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش