مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10161|ئىنكاس: 91

مىللىي-خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا نىمىلەرنى تونۇتتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72964
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4167
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2013-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 03:31:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غۇلجىدىكى مىللىي - خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا  نىمىلەرنى تونۇتتى ؟

   غۇلجىدىكى مىللىي - خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا  ئالدى بىلەن ئانا تىلىمىزنى،  يېزىقىمىزنى  قوغدىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ، ئانا تىلىمىزنى يېزىقىمىزنى  قوغداشنىڭ بىزنىڭ ئۇيغۇر  مائارىپىمىزنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تونۇتتى .

   غۇلجىدىكى مىللىي - خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا ، تىلنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ،  « قوش تىل » نى ئۈگۈنۈش ،  ئانا تىلغا پىششىق بولۇشتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرت ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشنىڭ زۆرۈرلىگىنى   ، مەلۈم بىر خىل تىلنى زورلاپ ئۈگۈتۈشنىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تونۇتتى .

  غۇلجىدىكى مىللىي - خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا  ،  يېنىمدىكى مەن تونۇيدىغان ھەم تونۇمايدىغان، مېنى تونۇيدىغان ھەم تونۇمايدىغان  ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ  مەن ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ،  ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ  ئۇيغۇر ئۈچۈن روھىي تەسەللى ، مەدەت ، ئېتىقاتتىن  ، جۈملىدىن مەۋجۈتلۇقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تونۇتتى .

  غۇلجىدىكى مىللىي -خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا ،  « ئايرىلغاننى ئېيىق يەر ، بۆلۈنگەننى بۆرە يەر » دىگەن خەلق ماقالىسىدىكى ھېكمەتنى ، پرىنسىپاللىق مەسىلىلەردە ئىتتىپاقلىقنىڭ نەقەدەر زور  رول ئوينايدىغانلىقىنى ، بىر توپنىڭ ئىچىدىن ، كىچىك ، كىچىك توپلارنى ئايرىپ چىقىپ كەتكەندە ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تونۇتتى .

  غۇلجىدىكى مىللىي - خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا ،ھەرقانداق مىللەت مائارىپىنىڭ  مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلىپ ، يەنە بىر مىللەتنىىڭ بېقىندى مائارىپىغا ئايلىنىپ قالغاندا تەرەققىيات يۆلىنىشىدىن چەتنەپ ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان قەۋمگە خىزمەت قىلىش ئېقتىدارىدىن بارا - بارا مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى تونۇتتى .
   
   غۇلجىدىكى مىللىي - خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا ،  ھەر بىر كىشى ، بولۇپمۇ مائارىپقا نىسبەتەن باشقۇرغۇچىدىن تارتىپ ، ئوقۇتقۇچىغىچە ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەپ ، ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ، « ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلاش » تىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدە ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مائارىپىدا  ، ئۇيغۇر مائارىپچىلىرىدا غايەت زور مەسىلە ساقلانغانلىقىنى تونۇتتى .

   غۇلجىدىكى مىللىي - خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا ، ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ قەۋمنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، مۇئاشنى ئېلىپ ، قورسىقىنىڭ توق ، كىيىمىنىڭ پۈتۈنلىكى بىلەن قانائەت تېپىپ ، « ئىتتىرىۋەتكۈسى كەلگەنلەرنڭ نەزىرىدە يەر ، تارتقۇسى كەلگەنلەرنڭ نەزىرىدە ئەر » بولۇپ يۈرۈشنىڭ نەقەدەر نومۇس « جان باقتى» لىق  ئىكەنلىكىنى تونۇتتى .

   غۇلجىدىكى مىللىي - خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا ، ئويغۇر مائارىپى بولۇپمۇ غۇلجا مائارىپى ئۈچۈن مەمۇرى رەھبەرلا ئەمەس ، كەسپىي رەھبەرنىڭ زۆرۈرلىكىنى ، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلىرىمىزنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ ، مىللىي - خەنزۇلار بىرلەشكەندىكى ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئىلمىدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلىگىنى تونۇتتى .  

   غۇلجىدىكى مىللىي - خەنزۇمەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا ، خەنزۇدىن ئىبارەت بۇ مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن تىرىشچانلىق ، ئاز گەپ قىلىش ، باشقىلارنڭ ئىشىغا ئاز ئارىلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىغا پىششىق بولۇش ، ئورۇنسىز پۇل خەجلىمەسلىك ، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ،  بېرىلگەن ۋەزىپىنى جان -دىل بىلەن ئورۇنلاشتەك پەزىلەتلەرنى ھەم بۇ پەزىلەتلەرنىڭ ئۇلارنى بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى  تونۇتتى .

   غۇلجىدىكى مىللىي _ خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا ، « قىيداش » پىسخىكىمىزنى چوقۇم ئۆزگەرتىپ ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەڭ ناچار ئاقىۋەتكىمۇ روھىي جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ ، ھەرقانداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ھۇقۇق مەنپەئەتىمىزنى ، جۈملىدىن ئانا تىلىمىزنى ، يېزىقىمىزنى قوغداشقا دائىر  ھەققانىي سادالىرىمىزنى ئاڭلىتىپ تۇرۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلىگىنى تونۇتتى .

   غۇلجىدىكى مىللىي - خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا ، ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن ، ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان  بىر قاتار ئىجدىمائى مەسىلىلەرنىڭ  قانداقتۇر ھەل قىلىش تەسلىكىدىن ئەمەس ، بەلكى شۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھاكىمىيەتنىڭ  ئىرادىسىگە ، ئارزۇسىغا ئايلىنالمىغانلىقىنى ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » دا ئاپتونومىيە قوقۇقى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى زۆرۈرلىگىنى ، بۇ ھەققانىي سادانىڭ بىر ئىككى كىشىنىڭ ياكى بىرەر توپنىڭ ساداسى بولۇپ قالماي ، بالكى بىر پۈتۈن قەۋمنىڭ ساداسى بولىشى كېرەكلىگىنى تونۇتتى .


   مەنبە : قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 06:52 PM  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ümütqilimen + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
TUMA + 300 كۆڭۈلدىكى سۆز
bexrik + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
سۈكۈت1 + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
yadikar- + 100 ھەق گەپلەر
faeza.akef + 68 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
ALIMJAN580 + 299

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 977   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80716
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3737
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-5-27
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 06:05:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بەلكىم ھىس قىلغانلىرىڭىز توغرىدۇ. بىراق ئەنە قاراڭ.
til ablat.jpg

   مەن بولسام غۇلجا مائارىپىدىكى بۇ <<ئىسلاھات>>نى بىزنىڭ بەزىبىر غوللۇق <<خەلق چاكىرى>>لىرىمىز مەركەز بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بايرىقى روشەن ھالدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگرىلەپ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى نىشان، ساۋاتسىزلىق ۋە نامراتلىقنى تۈگۈتۈپ بالدۇرراق ھاللىق سەۋىيەگە يىتىشنى پىلان قىلىپ خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ يولغا قويغان؛ <<3 تىن ئايرىلالماسلىق>> ئىددىيىسىنىڭ كونكىرىت تەدبىقلىنىشى شۇنداقلا ئازاتلىقتىن بۇيانقى 3- قىتىملىق يېزىق ئىسلاھاتى دەپ ھىس قىلدىم.
ana til.jpg
  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gadankax111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 06:43 PM  


رۇستەم قارسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 1326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37234
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 777 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 06:48:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇنۇم ھۇقۇقى بىزنىڭ شىنجاڭدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ............چۈنكى بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ يېزا ناھىيەلىرىدە بىزنىڭ دۆلىتىمىزمۇ ئۇقمايدىغان سانسىز يەرلىك سىياسەت يەرلىك قانۇنلىرمىز بار
بۇ ھەقتە سۆزلىسەم سەل قايناپ سالىمەن بۇ گەپكە مۇنۇ سۆزلەر دەلىل


...........ئۇرىدۇ گىپىدە تۇرىدۇ
..........ئۇرمايدۇ گىپىدە تۇرمايدۇ.

رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11488
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 6185 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 06:50:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈن ئادىللىق بىلەن يۇرت سۇرىسا 60يىللىق ئىبادەتكە تەڭ بۇلارمىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87194
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 583
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2012-11-14
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 07:31:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ياخشى ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9314
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6241 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 08:24:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستۇم سىزنىڭ مىللىي -خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرگەندىن كىيىنكى ،مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق مەلۇمات بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.مەنمۇ ئۈرۈمچى شەھرىدىكى  ئۇيغۇر -خەنزۇ مەكتەپلەرنى  بىرلەشتۈرگەندىن  كىيىنىكى ، ھىس قىلغانلىرىممۇ   سىزنىڭكى بىلەن  تامامەن ئوخشاپ كىتىدۇ.مەن ئويلايمەن ،بىز چوقۇم كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ ،ئانا تىلمىزنى قوغداش بىلەن بىرگە، ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇق -مەجبۇريىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىشىمىز كىرەك.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 08:35:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى  2013-1-16 06:50 PM
بىر كۈن ئادىللىق بىلەن يۇرت سۇرىسا 60يىللىق ئىبادەتكە ت ...

مىش پىش نىمە  ئۇ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89409
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-1-1
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 08:36:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇستەم.ئاكىمىزتوغرادەيدۇ،ھەرقايسى.ئۇرۇللانىڭ.ئۆزئالدىغا.قانۇنى.باكەن؟


بۇنىچۈىشەنگەن.ئادەم.بىلىۋالىدۇ..........؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 08:36:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇ كۇنلەر ئاخىرى كەپ قاپتۇ ھە ؟ قېرېنداشلا!!!!

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89110
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 187
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 08:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
...........ئۇرىدۇ گىپىدە تۇرىدۇ
..........ئۇرمايدۇ گىپىدە تۇرمايدۇ.
بوۋامدىن كۆپ ئاڭلايتىم بۇ سۆزلەرنى.

يۈرىكىمگە تۇتاشقان ئوتتا دۇنيانى كۆيدۈرىۋېتىمەن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش