مەن 2011-يىلى مەلۇم بىر تېمىغا ئۆز ئارزۇيىمنى يېزىپ، تورغا جاكارلىدىم، كېيىن ئۇنى پېرىنتىرلاپ، ياتاق ئۆيۈمدىكى پەردىگە چاپلاپ قويدۇم، ھەر كۈنى كۆرۈپ چىقتىم. ھەقىقەتەن ئادەمدە بىر پىلان بولمىسا ياخشى بولمايدىكەن. 2011-يىلى ئۆزۈمگە بىر يىل ئىچىدە 5تۈرلۈك پىلان لاھىيلىگەنىدىم، 3ى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاندى، بىرىگە ۋاقت يېتىشمىدى(بۇ بەلكىم باھانە)، ئەڭ مۇھىمىغا بولسا كۆڭۈل بۆلەلمىدىم.
ئەمدى 2012 كەتتى، قېپ قالغان پىلانغا يېڭى يىللىق پىلاننى قوشۇپ يەنە بەش تۈرنى قېتىۋالدىم.
ئاللا خالىسا 2013دە تاشلاپ قويماي، چوقۇم تىرىشىمەن.
1. ئۆي قەرزىنىڭ يېرىمىنى تۈگىتىمەن.
2.خىزمەت نۇمۇرىمنىڭ دەرىجىسىنى 3-دەرىجىگە چىقىرىمەن.
3.بۇ يىل ئىچىدە 15كۈن ۋاقت ئاجرىتىپ ساياھەتكە بارىمەن.
4.ھەر ئايدا ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدىغان باجنى 10% دىن كۆپەيتىپ ماڭىمەن.
.gif)
5.تاماكا تاشلاپ، سالامەتلىكىمنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.
6.ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، بالدۇر ئۇخلاپ، ئورۇنسىز چىقىملارنى توختىتىپ، باشقىچە ئادەم بولۇشقا تىرىشىمەن. يەنە تىلغا ئالمىغان باشققا ئۇششاق ئىشلارنىمۇ ۋاقتىدا ئورۇنداپ ماڭىمەن.
بۇنى تۈنۈگۈن ئۈزۈم تۈزۈپ بولغانتىم، بۇ يەردە ئاشكارىلىۋەتتىم مانا ...