ھىچكىممۇ ئىشلىمەي چىشلىمەيدۇ.مەبلەغ سالغۇچىلار دائىم بىرەر مەھسۇلاتقا ،مۇلازىمەتكە ئېرىشسەم ياكى مەبلىغىم كۆپەيسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىدۇ. سىزنىڭمۇ بىر كىچىدىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس،ئەمىلىيەتتە ،سىز ئۆزىڭىزگە ياردەم قىلغان كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىنى ياندۇرمىسىڭىز ، ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغان بولمايسىز ؛ سىز ئىنىق نىشان تۇرغۇزغاندا ،(باشقىلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش )نىمۇ ئويلىشىڭىز كېرەك. سىز بەلكىم مىنىڭ پىكرىمگە قوشۇلۇپ ،باشقىلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ياندۇرۇشنىمۇ ئويلىشىشىڭىز مۇمكىن . بىراق كاللىدا بۇنداق خىيالنىڭ بولغىنىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى چوقۇم قەغەزگە يېزىۋىلىشىڭىز كىرەك. ئىنىق نىشانىڭىزنى يېزىۋالسىڭىز ،نىمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى تېخىمۇ ئىنىق بىلىۋالالايسىز. ئىنىق نىشاننى يېزىۋىلىش سىزگە ئىنىق نىشاننىڭ قۇدرىتىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى سىزگە ھىس قىلدۇرىدۇ.ئەگەر سىز كۆڭلىڭىزدىكى ئىنىق نىشاننى يىزىپ چىقالمىسىڭىز بۇ سىزنىڭ نىشانىڭىزغا بولغان ئىشەنچىڭىزنىڭ بوشلۇقىدىن دىرەك بىرىدۇ. سىز نىشاننى يىزىپ چىققاندىن كىيىن ،ھەر كۈنى ئاز دىگەندە بىر قىتىم ئۈنلۈك ئوقۇڭ،بۇنداق قىلغاندا سىزنىڭ نىشانغا بولغان ئىشەنچىڭىز ۋە ئىچكى كۈچىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. نىشاننى ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەندە ئىنىق نىشانىڭىزنى ئوقۇپ تۇرسىڭىز ،نىشانىڭىزنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنەلەيسىز،شۇنداق نىشانىڭىزغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقانلىقىڭىزنى ھىس قىلالايسىز . ... نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنىڭ بۇ يىللىق تۈزەپ قويغان نىشانلىرى بولىشىمۇ مۇمكىن ،يەنە بىرقىسىملىرىمىز ئويلاپمۇ باقمىغان بولىشى مۇمكىن ... ھەرقانداق ئىش پىلان تۈزگەندە ،ھەم ئۈزلۈكسىز شۇ ئىشنى قىلىش ،داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ ... مىنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان پىلانلىرىم بولغان، لىكىن ئىغىزدىلا دەپ قويۇپ نۇرغۇنلىرىنى ئەمىلىيەتتە ئىجرا قىلىپ بولالمىدىم ...شۇڭا مىسرانىمدىكى تورداشلار بىلەن بىللە ئۆزىمىزنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈشۈپ ، مۇنبەردە دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىپ يىل ئاخىرىغىچە شۇ پىلاننى ئورۇنلىيالامدۇق يوق...بىر كۆرۈپ باقماقچى .
مىنىڭ 2013 -يىللىق پىلانىم . 1. مۇشۇ يىل يازدا توي قىلىش . ( مەن بىلەن جاپادىمۇ - ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولالايدىغان قەشقەر شەھىرىدە چوڭ بولغان بىر مۇسلىمە قىز بىلەن توي قىلسام دىگەن ئۈمىدتە .چۈنكى ئاتا - ئانام شۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جاپادىمۇ - ھالاۋەتتىمۇ دىگىنىم ئۆزۈم كىچىكىمدىن ساياھەت قىلىشقا ئامراق شۇڭا مۇقىم بىر يەردە تۇرۇپ كىتىشىممۇ ناتايىن ،شۇڭا تولىراق سەپەرگە چىقىپ قىلىشىم مۇمكىن ، بەزەنلەرگە نىسبەتەن يول ئازابى( گۆر )ئازابىغا ئوخشاش بولۇپ قالغاچقا شۇنداق دېدىم ، گەرچە قاتناش قولايلىق بولسىمۇ ...) 2. پىلانىم . كورلا ، قەشقەر ، خوتەندە مەخسۇس ئىلىكتىرون ئۈسكىنىلىرىنى ساتىدىغان تارماق دۇككان ئىچىش . مىنىڭ ھازىرچە مۇشۇ بىر يىللىق چوڭ پىلانىم مۇشۇ ئىككىلا ... قىنى تورداشلار سىلەرمۇ بۇ يىللىق پىلانىڭلارنى يىزىپ باقساڭلار ...بىر يىلدىن كىيىن يانا مۇشۇ تىمىدا ئورتاقلىشىپ باقساق ... چوقۇم ئۆزۈڭلار قىلالايدىغان ھەم ئۆزۈڭلار ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارىغان ئىشىڭلارنى يىزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئۆزىنىڭ مۇقۇم نىشانى يوق ،بۇ تىمىغا چەتتىن قاتنىشىۋاتقان ،ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ - يىلتىزمۇ دەپ شۇئار توۋلاپ يۈرىۋاتقان قىرىنداشلىرىمغا: بىر ئادەمىنىڭ ، نىشانى ، پىلانى ،خىياللىرى ئۇندا ئاسان پەيدا بولۇپ قالمايدۇ ، ئۇمۇ نۇرغۇن جەريانلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئاندىن پەيدا بولىدۇ ، مەيلى چوڭ بولسۇن ،مەيلى كىچىك بولسۇن بىر نىشانى بار ئادەم ئۇ ھەرگىز ئادەتتىكىچە ئادەم ئەمەس .شۇڭا سىز ئۇ ئادەمگە قالايمىقان باھا بىرىپ شۇ نىشانىدىن توختاپ قىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالماڭ .بىر ئادەمنى مەسخىرە قىلغان ، نىشانلىرىغا توسقۇنلۇق قىلغان ئادەم ياخشى ئادەم ئەمەس ، ئۇ بىر جىنايەتچىدۇر.مىللەتنىڭ جىنايەتچىسىدۇر ....شۇڭا سىزنىڭ نىشانىڭىز بولمىسا ياكى باشقىلارغا ئاشكارلاشنى خالىمىسىڭىز ئىچىڭىزدىلا بىلىڭ ،باشقىلارغا سەمىمىي تىلەكلىرىڭىزنى تىلەڭ ... مۇمكىن بولسا بۇ تىمىدا باشقىلار بىلەن تىللىشىپ قالىدىغان ، باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتىپ قويىدىغان ئىشلاردىن ساقلانساق.قۇرۇق ئىنكاسلارنى ئامال بار يازمىساڭلار.
قىنى ئەمىسە تورداشلار نىشانىڭلارنى مىسرانىم مۇنبىرىگە پۈتۈپ قويساڭلار...
2013- يىللىق نىشانىم ...
|