مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: alsihat

تويدىكى ئىسراپچىلىققا قارشى تۇنجى قەدەم! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

!!!افۇرقان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 593 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 04:54:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر  بىزنىڭ قىلىۋاتقان تويلىرىمىز  بىر  مۇسۇلماننىڭ  تويىغا  قەتئىي ئوخشىمايدۇ! ئىسلامنىڭ تويغا قويغان شەرئىي  ئۆلچەملىرىگە  قىلچە  بويسۇنمىغان !تويدا نىكاھ  ئوقۇش ئىسلام  دىنىنىڭ   ئىشى  ، توي  كۆينىكى كىيىش ۋە باشقا ئىسلام چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بولسا  ،خىرىستىئانلارنىڭ ۋە جاھالىيەت دەۋرىدىكى  ئىسلامغا  كىرىشتىن بۇرۇنقى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ  ئادىتى ! ئىمام ۋە  گۇۋاھچىلار ئالدىدا  نىكاھ ئوقۇتىشىڭىز  سىزنىڭ مۇسۇلمان  ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئىپادىسى  !ئەمما  نىكاھنى  ئوقۇتۇپ  بوپ  چىقىپلا  ،  ئىسلامنىڭ  ئەڭ  قاتتىق  چەكلىگەن  ئىشلىرىنى قىلشىڭىز  ، ئىسلامغاقىلىنغان
ھۆرمەتسىزلىك ۋە  سەل قاراش  ، ئىمان  ئاجىزلىقى بولماي نىمە؟  ئەگەر  ئىسلامغا ئۇيغۇن توي قىلامىسىڭىز  ،  ئىسلام سىرتىغا بىراقلا چىقىپ  كىتىپ خالىغانچە  توي  قىلىڭ  !
چۈنكى  ئاللاھ  ئىسلامغا ئۇيغۇن بولمىغان نىكاھنى  قىلچە  قۇبۇل  قىلمايدۇ!   
شۇنى  ئۇنۇتمايلىكى  كىمىكى  پەيغەمبەر ۋە ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنىنىڭ سىرتىدا  مىللىي  قائىدە  ئاتا بوۋامدىن قالغان ئادەتتىكەن دەپ توي قىلسا توي قىلغان  ئىككى ياش  ئوتتۇرىسىدا  نەچچە ئونمىڭنى خەجلەپ  تويىنى قىپ  قويغان بىلەن  ئارىدىكى  نىكاھنى  ئاللاھ  ۋە  ئىسلام  قىلچە ئىتراپ قىلمايدۇ  !يەنى  ئۇلار  نىكاھسىز  ئىككى  نامەھرەم كەبى  بىر ئۆيدە زىنا  ئىچىدە  ياشاۋىرىدۇ  ! ئىسلام نىمىنى چەكلىگەن بولسا  ھازىر  تويىمىزدا  شۇنىڭ  ھەممىسى  بار  !ئىسلام چەكلىگەن بىدئەت ۋە خۇراپاتلىقنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تويلىرىدىن تىپىلىدۇ  ! يەنە تىخى بەزى بەدبەخلەر ئىسلامنى بىدئەتچى  خۇراپاتچى  دىنغا  چىقىرىدۇ !  نومۇس  قىلايلى  !  ئاشۇ  ئاق  رەڭلىك  ئەۋرەتنىڭ يىرىمىنىمۇ  ياپالمايدىغان  توي كۆڭلىكىنى  كىيگەن  ۋە پەيدا قىلغان غەرىبلىكلەر   ھوشىنى تىپىپ  ئىسلامغا كىرىپ   ،  شۇ  بەدبەخلەرچە   قىلىقلىرىدىن  نومۇس  قىلىۋاتسا  بىز  نومۇس  قىلماي مۇسۇلمان تۇرۇپ قايسى كىملىكىمىز  بىلەن ئۇلار خاتاكەن دەپ  تاشلىغاننى     قىلىمىز  !            
مۇشۇ  توينى ئىسلامغا  زىت قىلىشىغا  يول قويغان  ھەممىسى  تەڭ گۇناھقا شىرىك  بولىدۇ  !
شۇڭا  كەڭ  ئاتا ئانىلار ۋە   ياشلار مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئىكەنسىز  مۇسۇلماندەك توي قىلىڭ  !
ئارتۇق سۆزلەپ  قويغان بولسام   ،       ئىنكاسىم  ئۆچۈرۈلسۇن!      

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 05:12 PM  


تىرىشچانلىق بىزدىن ، مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش