2 كۈندىن بۇيان بىر بۇرادىرىمنىڭ تۇيىدا بۇلۇپ دۇكانغىمۇ كىلەلمىدىم.
لىكىن بۇ قېتىمقى توينى كۈرۈپ دىلىم شۇنداق سۈيىندى. بىزدىكى توي سەۋەبىدىن بۇلىۋاتقان ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپخورلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق رىياخورلىقنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن بېسىلغان بىر قەدەم مەن ئۈچۈن شۇنداق كاتتا خۇشخەۋەر بولدى. قېنى بۇ خۇش خەۋەردىن بىرگە ھۇزۇرلىنىلى.
قاق بەلدىن گەپ باشلىسام بەلكىم چۈشۈنۈكسىز بوپ قالىدۇ. چۈنكى ھەر قايسى ئۇرۇنلارنىڭ توي قىلىش قائىدىسى ئوخشاش بولمايدۇ ئەمەسمۇ. شۇڭا بۇ قېتىم توي بولغان يەرنىڭ بۇرۇنقى قائىدىسىنى بىر سۆزلەپ ئۈتەي.
ئاتۇشنىڭ بۇرۇنقى توي قائىدىسى.
ئاتۇش گەرچە نىسپەتەن كىچىك يەر بولسىمۇ يېزا بىلەن شەھەر، يېزا بىلەن يېزا، مەھەللە بىلەن مەھەللە ئوتۇرسىدىمۇ توي قائىدە يۇسۇنى جەھەتتە پەرىق بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىمقى توي بولغان شۇ كىچىك مەھەللە توغرىسىدا توختىلىپ ئۈتىمەن. ئىلگىرى بۇ مەھەلىدە توي بەك ھەشەمەتلىك بۇلاتتى. مەيلى ئۈزى تۇنۇشقان قىز – يىگىتلەر ياكى چوڭلار تۇنۇشتۇرغان قىز يىگىتلەر بولسۇن توي قىلىشتىن بۇرۇن بىردىن كىشىنىڭ ھامىلىقىدا شەھەرگە كىرىپ كۈرۈشىدىغان. كۈرۈشۈشتىن كىيىن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بولسا قىز يىگىتكە بىر تال ئالتۇن زىننەت بۇيىمى (ئالتۇن ئۈزۈك كۆپىرەك ئېلىنىدۇ) ئېلىپ بىرىدۇ ۋە قىز بىلەن بىرگە چىققان يەڭگىسى، قىزنىڭ ئۈيىدىكى ئانىسى قاتارلىق ئايال بىر تۇقانلىرىغا لايىقىدا سوغات تەييارلاپ كىرگىزىدۇ. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۈتە ئۆتمەي يىگىتنىڭ ئۈيىدىكىلەر قىزنىڭ ئۈيىگە ئەلچىلىككە كىرىدۇ. يىگىت تەرەپتىن يەنە بىر قوي بىلەن ئالتۇن بۇيۇم (كۈپۈنچە ئۈزۈك) ئېلىپ كىرىدۇ ۋە قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىغا مىھىر ھەققى بىرىپ رازى قىلىدۇ.
قىزنىڭ ئۇقۇش ئاھۋالىغا قاراپ مىھىر ھەققىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. (ئۇقىماي ئۆيدە ئولتۇرغان قىزلارغا 1000~2000 يۇئەن ئەتىراپىدا، ئۇقۇپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان قىزلارغا 2000 ~3000 ئەتىراپىدا، خىزمىتى بار قىزلارغا 3000~5000 يۇئەنگىچە) يەنە قىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالى قاتارلاقلارمۇ بۇ مىھىر ھەققىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئىككى تۇرەپ تويغا پۈتۈشۈپ رازىلىق بىرىشكەندىن كىيىن توي خىتىگە چىقىدىغان كۈننى بىكىتىدۇ. بۇ كۈندىمۇ قىزلار بىر يەڭگىسى بىلەن بىرگە چىقىدۇ. قان تەكشۈرتۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ بۇلۇپ بازاردىن قىز ئۈچۈن ئىسىل كىيىمدىن بىرقۇر يەڭگىسىگىمۇ مۇۋاقىق بىر قۇر كىيىم ھىچ بولمىغاندا 2~3 دانە باش ياغلىق ئېلىپ بىرىدۇ. توي خىتىنى قولغا ئالغاندىن كىيىن توي كۈنىسى قىزنىڭ ئۈيدە كىتەرلىك ئۇشاق – چۈشەك يىمەكلىكلەرنى، قىزنىڭ تۇيىغا كەلگەن مىھمانلارغا تارقاتقىنى مۇۋاپىق سوغاتلىقنى ئېلىپ بىرىدۇ.
تويغا 2 كۈن قالغاندا باغاق چېيى ئۆتكىزىلىدۇ. ‹قىزلارنىڭ باغاق چېيىدىن خەۋەرسىز، شۇڭا ئوغوللارنىڭ باغاق چېيىنى سۆزلەپ ئۈتىمەن›.
باغاق چاي كۈنىسى ئوغولنىڭ يېقىن دوسلىرى ۋە مەھەللە كويلىرى كىرىپ باغاق كۈنىسىنىمۇ تويدەك قىززىتىپ ئىىكتىرونلۇق رىيالدا تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكىغا ئۇسۇل ئوينايدۇ. تۇي قىلغان ئائىلىدىن بىر قوينى سۇيۇپ گۆشتىنى پۇشۇرۇپ كەلگەن ياشلارغا تارقاتقاندىن كىيىن ئاندىن ئۇيۇن تامام بۇلىدۇ.
توي كۈنىسى يەنە بۇ قائىدىلەر تەكىراللىنىدۇ. قىزنى كۈچۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن يىگىتنى ئوتۇرغا ئېلىپ ئۇسۇل ئويناشلار 5~6 سائەت داۋاملىشىدۇ. كەچتە توي ئىگىسى يەنە نەچچە قوينى سۇيۇپ باللارغا يىگۈزىۋىتىدۇ. يەنە ئوغول تەرەپ چىللاق ئۈچۈن بۇرمۇنچە چىقىم تارتىدۇ. 1 – چىللاق،2 – چىللاق،3 – چىللاق، ….
شۇ بۇيىچە بولغاندا مېھىر ھەققى ئۈچۈ 20000 ئەكىرگەن بىر توي جامائەت ئۇزۇتۇش، ساز چالدۇرۇش، فىلىم ئىشلەش، ماشىنا بىزەش ……. قاتارلىق چىقىملار بىلەن 50000 يۇئەندىن قىممەت توختاپ كىتىدىغان ئىدى. بۇ بىر دىھقان بۇلۇپمۇ ئاتۇشتەك تېرىلغۇ يەر ئاز بولغان ئائىلىلەرگە نىسپەتەن بەكمۇ ئېغىر توي ھىساپلىناتتى.
خوش ئامدى گەپنى تۈنگۈنكى تويدىن ئاڭلايلى. بۇ بىرجۈپ ياشنىڭ ئائىلىسىدىكلەر شۇ مەھەللە بۇيىچە خېلى كۆزگە كۈرۈنگەن باي ئائىلە بۇلۇپ مېھىر ھەققى ئۈچۈن 15000 يۇئەن ئېلىپ كىرىپتۇ. يەنە توي خىتىگە چىققاندىن كىيىن بىر تال ئالتۇن ئۈزۈك سېلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپتۇ. مەيلى ئوغولنىڭ ئۈيىدىكى داسقاندا بولسۇن، ياكى قىزنىڭ ئۈيىدىكى داسقاندا بولسۇن ئاپلىسىن، ئالما، قۇغۇن، تاۋۇز، چىلان، بادام، ياڭاق تىزىلغان. بۇرۇنقىدەك مەن ئىسمىنى ئۇقمايدىغان يىيىش ئۈچۈن ئالدى – كەينىدىكى خەتلەرنى تەپسىلى ئۇقۇپ ئىككىلىنىپ تۇرىدىغان كەمپۇت، شاكىلات ….. دىگەندەكلەردىن ئەسەر يوق ئىدى.
بۇ ئىشلارغا ئەقلىم يەتمەي (ئادەتتە بايلار بەك ئۈزىنى كۆرسىتىشكە ئامراقچۇ) بىر يېقىنىمدىن بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى سۇرىدۇم. ھەمدە بۇ قېرىندىشىمنىڭ گەپلىرىدىن شۇنداق سۈيۈندۈم. ئەمدى بۇ مەھەلىدىكى باينىمۇ ئوخشاش، كەمبىغەلنىمۇ ئوخشاش توي قىلىشقا مەجبۇرلىغان تۈزۈمنى ئاڭلاپ ئۈتىلى.
دىيارىمىز ئاتۇشتا ئۈلىمالار كۆپ. لىكىن ئۈلىمالارنىڭ بىرلىككە كىلىشى بۇلۇپمۇ چوڭ دائىردە بىرلىككە كىلىشى تەس. لىكىن بۇ مەھەللە ۋە بىرقانچە قوشنا مەھەللىدىكى ئۈلىمالار بۇ قېتىم بىرلىككە كىلىپ مۇنداق قارار چىقىرىپتۇ.
1. توي ئاددى ساددا بۇلىشى، ئىسىراپخورلۇق قىلىنماسلىقى كىرەك.
2. مېھىر ھەققى مۇۋاپىق بۇلىشى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 15000 يۇئەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك.
3. توي، نەزىرە، چىللاق، مېھمان چاقىرىشتا داسقانغا دىيارىمىزدىن چىققان مىۋىلەر تىزىلسا بۇلىدۇ.
4. ئارتۇقچە سېلىق (تويدىن بۇرۇنقى ئۇچۇرشۇش، كۈرۈشۈش، توي خىتىگە چىقىش، ئەلچىلىككە كىرىش) زور دەرىجىدە قىسقارتىلىپ بۇنىڭ ئۈچۈن سەرىپ قىلىنغان بارچە چىقىم 5000 يۈئەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك.
يۇقارقى شەرتلەر ھازىرلانمىسا قىز يىگىتكە نىكاھ ئۇقۇلمايدۇ. دىيىلگەن ئىكەن. قاراڭ بۇ بۇيىچە بولغاندا توي چىقىمى كەم دىگەندىمۇ 15000 يۇئەن تىجىلىپ قالىدۇ. ئۇنداق بولغاندا بىز ئىسىراپ بۇلۇپ كىتىۋاتقان 15000 يۇئەننى تىجەپ قالغان بۇلىمىز. بۇ پۇلنى شۇ ياشلارنىڭ تۇرمىشىدا ئىشلىتىشكە بەرسەك بۇ ئائىلە يېڭى قۇرۇلۇپلا بەخىتكە چۈممەمدۇ؟ توي ئۈچۈن قەرىز ئالغان پۇلنى قاچان قايتۇرامەن دىگەن غەم يۇقالمامدۇ؟
يەنە بىر نەچچە مەھەلىدە بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن توي قىلغۇچىلار 10000 كاپالەت پۇلى تاپشۇرىدىكەن. يۇتتىن تەيىنلەنگەن 2 كىشى توينىڭ بېشىدىن ئاخىرغىدە قارايدىكەن. دىيىلگەن ئۆلچەمدىن ئېشىق بۇلۇپ كەتكەن تويلارنىڭ كاپالەت پۇلى مەسچىت مائالىيسىگە كىرىدىكەن. قاراڭ بۇ چارىمۇ بەك ياخشى بوپتۇ. بىزدە ‹پۇلنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە، بىر ئۇچى يۈرەكتە› دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ. بەزى بۇ ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى بىلىپ بۇلالمىغان كىشىلەر پۇلنى دەپ بولسىمۇ بۇ قېلىپقا كىرىشكە مەجبۇر بولغۇدەك.
مەنچە بولغاندا يەنە ساز چېلىش، ئۆرىمە قىلىش ….. قاتارلىق ئىشلارمۇ ئىزىغا چۈشۈرۈلسە ياخشى بۇلىتى. خەر بۇممۇ بوپ قالا. تويلاردىكى ئىسراپخورلۇقنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن بېسىلغان بۇ بىر قەدەمنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان قائىدىلەرنىڭ بارلىققا كىلىشىنى، نادان خەلىقمىزنىڭ بى ئىشلارنىڭ ماھىتى ۋە ئەھمىيتىنى توغرا تۇنۇپ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدە ياخشى بولغان بىر ئىجدىمايى مۇھىت ھازىرلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
http://blog.alsihat.com/54.html | ئەلسىھەت تور خاتىرسى:مۇقىم ئۇلانما