مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5913|ئىنكاس: 113

سىزگە باشقىلار خەنزۇچە گەپ قىلىپ قالامدۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 2682
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 28468
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:13:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                       سىزگە باشقىلار  خەنزۇچە گەپ قىلىپ قالامدۇ؟

     بىرنەچچە  كۈن ئىلگىرى مەن  بىر دوستۇم بىلەن  تېلىۋىزور سېتىۋالماقچى  بولۇپ  ئاقسۇ  شەھىرى خۇانىڭ سودا  بازىرىغا باردۇق،ئائىلە ئىلىكتىر  سايمانلىرى ماگزىنىنى ئايلىنىۋېتىپ، بىر دۇكاندىكى  تېلىۋىزورغا كۆزىمىز چۈشتى، شۇنى  سودىلاشماقچى بولۇپ   بىر چەتتە  (بىزنىڭ رىسالىمىزدە يوق بىرخىل) تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يەپ ئولتۇرغان  پىركازچىك  قىز بىلەن سۆزلەشمەكچى بولدۇق.ئەپسۇس، ئىشتان پايپاقنىڭ ئۈستىگە  كۇساركۇ  كىيىۋالغان ،ساپسېرىق بۇيالغان چېچىنى  بۈدرە قىلىۋالغان ،قولىقىغا  بېشى بىلەن تەڭ دېگۈدەك  ھالقا ئېسىۋالغان ئۇ قىزنىڭ  يەنىلا قانداقتۇر بىر يەرلىرى ئۇيغۇرغا ئوخشاپ  تۇراتتى،  لېكىن يەنىلا بىر يەرلىرى ئوخشىمايتتى،        
   -"ئۇيغۇر  ئوخشايدۇ، ئۇيغۇرچە  گەپ قىلىپ باقامدۇق؟" دېدى ئاغىنەم.
  - " ياق خەنزۇكەن، خەنزۇچە گەپ قىلىپ باقايلى"  دېدىم مەنمۇ ئويلانمايلا.
  ئۇ نىمىلا بولسۇن، بىز ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇرچىلا گەپ قىلايلى،ئۆزىمىزنىڭ شەرىدىمۇ تىلدىن قىسىلىپ يۈرمەي:" دېدى ئاغىنەم.
    لېكىن ئۇقىز بىزگە  قاراپ قويۇپ تامىقىنىڭ چالىسىنى  ئالدىراش يېگىلى تۇردى،شۇ تاپتا سىرتتىن بىزدىن بىر نەچچە ياش  كىچىك كەلگۈدەك  كورىيانچە چاچ قويىۋالغان  بىر  (ئۇيغۇر)يىگىت كىرىپ ئۇنىڭغا  ئىنگىلىسچە  سالام بەرگەندىن كېيىن  ئىنتايىن ئۆلچەملىك ھالدا خەنزۇچە  بىرنەچچە ئېغىز كالدىرلىدى.ۋە  بىر تۈركۈم ماتىرياللارنى بېرىپ  قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ خەنزۇلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ سۆز ئاچتۇق.
    " چىڭۋېن، نېڭ جيې شاۋ يىشيا  جې تەي ديەنشىجىدې  گوڭنېڭ خې جياگېما؟( بۇ تېلىۋىزورنىڭ  ئىقتىدار ۋە باھاسىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەرسىزمۇ؟)"  دېدىم  ئۇ قىزغا.
     " كۆزىڭىزگە  خەنزۇدەك كۆرىنىۋاتىمەنمۇ؟  ئۇيغۇرچە سۆزلەۋىرىڭ،مەن ئۇيغۇر "دېدى ئۇ قىز.
     شۇ تاپتا  تولىمۇ ئوڭايسىزلانغاندەك  بولدۇم.
     " بولدى ئوڭايسىزلانماڭ، بۇنداق ئىشلار  دائىم بولۇپ  تۇرىدۇ، ماڭا ھەمىشە  باشقىلار شۇنداق خەنزۇچە گەپ قىلىپ  سالىدۇ، لېكىن ئېغىر ئالمايمەن " دېدى ئۇ قىزمۇ  چىچەنلىك بېلەن.
     " سىڭلىم، قارىسام خېلى ئىقتىدارىڭىز باردەك قىلىدۇ، لېكىن شۇنى ئويلىدىڭىزمۇ، باشقىلار سىزگە خەنزۇچەگەپ قىلىپ قالسا   سىز ئېغىر ئالمايدىكەنسىز، بىراق  بىر ئۇيغۇرنىڭ  يەنەبىر ئۇيغۇرغا  ئۆزىنىڭ سۈيۈملۈك ئانا تىلىنى قايرىپ  قويۇپ،باشقا تىلدا سۆزلىشىنىڭ  شۇ  سۆزلىگۈچىگە  قانچىلىك ئېغىر كېلىدىغىنىنى بىلەمسىز؟
      ئۇ قىز  سەل خىجىل  بولغاندەك  بولۇپ"  قانداق قىلىمەن ئاكا، كىچىكىمدىن خەنزۇ مەكتەپتە،ئىچكىرلەردە ئوقۇغاچقا  كىيىم كىچەكلەردە  سەل  سىڭىشىپ قالغان ئوخشايمەن: دېدى جاۋابەن
     سىڭلىم، ئەجەبا  ئوقۇغان مەكتىۋىڭىزدە ئوقۇتقۇچىلىرىڭىز  خەنزۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن خەنزۇ بول،  دەپ مەجبۇرلىمىغاندۇ؟شۇنداق مەجبۇرلىغاندىمۇ، ھەتتا نۇپۇس دەپتىرىڭىزدىكى مىللىتىڭىزنى ئۆزگەرتىۋەتسىڭىزمۇ  خۇدا ياراتقان تىنىڭىزدىكى  قېنىڭىزنى ئۆزگەرتىۋىتەلمەيسىز. تۇتىغا كەلىمە شاھادەتنى ئۆگەتسەڭ،نۇتقى ئىنسان بولۇر ئەمما ئۆزى ئىنسان بولماس  دەيدىغان گەپ  بار، ئالتۇن پوقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتسىمۇ  بەرىبىر ئالتۇن، مىللىتىڭىزنى سۆيۈڭ،قەدرىڭىزنى ساقلاڭ،ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇردەك يۈرۈڭ  دېدىم چىرايلىق تەربىيە قىلىپ.
     ئۇ  قىزمۇ  شۇنداق خىجىل  بولغاندەك قىزىرىپ كەتتى.
     " سىڭلىم، ھەممىمىز تۇرمۇش ئۈچۈن ئىشلەيمىز، سىزنىڭمۇ بۇ يەردە ئىشلىشىڭىزنىڭ  ئۆزى ئاتا ئانىڭىزغا ئېغىرىڭىزنى سالماي،ئۆز تۇرمۇشىڭىزدىن ئۆزىڭىز چىقىشىڭىز ئۈچۈن،شۇنىڭ ئۆزىمۇ  پەرزەنتنىڭ ئىنساپلىغىدىن،
بولسا شۇ ئىنسابىڭىزغا  ئۇزۇن كۆينەك بىلەن  دوپپا ياغلىقنى زىننەت قىلغان بولسىڭىز  بۇ  سودا  بازىرىغا  قىزىلگۈلدەك  ھۆسىن قوشاتتىڭىزكەن،بۇ بازارغا كېلىدىغان خېرىدارلارنىڭمۇ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر، خېلى يىراقتىن تۇنۇپ  كېلىپ، دۇكان تىجارىتىگىمۇ، مائاشىڭىزغىمۇ  پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ئىدى دېدىم. قوشۇمچە قىلىپ.
     " توغرا دېدىڭىز ئاكا، مەن بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلالماپتىمەن، ئىچكىردىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگىلىمۇ  ئۇزۇن بولمىدى، مەن  چوقۇم  تۈزىتىشكە تىرىشىمەن"  دېدى ئۇ قىزمۇ  گەپلىرىمنى چۈشەنگەندەك قىلىپ. شۇ ئەسنادا دۇكان خۇجايىنى بولغاي  بىر  يولداش  كىرىپ ئۈستىلىگە بېرىپ ئولتۇردى.
      شۇنداق  قىلىپ  بىز مۇ  خۇجايىن خەنزۇنىڭ ئالدىدا ئۇ قىزنىڭ يۈزىنى قىلغاندەك قىلىپ كۆپ باھا تالاشمايلا  3700يۈەنگە  ھېلىقى تېلىۋىزورنى سېتىۋېلىپ  چىقىپ كەتتۇق.
    "مەن تېخى ھېلىقى قىزنى  قانداق يۈرسەم نىمە كارىڭ، بېرىپ  سىڭلىڭنى باشقۇرمامسەن  دەپ  ساڭا گەپ ياندۇرۇپ،كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالىمىزمىكىن دەپ بەكلا ئەنسىرىدىم، چۈنكى خۇتۇن خەقنىڭ ھازازۇللىرىغا گەپ تەڭ كەلمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلارغىمۇ تەربىيە كار قىلىپ كەتمەس بولۇپ كەتتى،  لېكىن ئۇ قىزغا ھەقىقەتەن ياخشى تەربىيە قىلدىڭ، خۇددى  ئوقۇغۇچىلىرىڭغا كىتاب ئوقۇب بەرگەندەك، شۇڭا ئۇ قىزمۇ  سەل خىجىل  بولدى. ھىچ بولمىسا ئويلىنىش قىلىدىغۇ  دەيمەن"  دېدى ئاغىنەم.
     بىز ئۇ  بازاردىن  چىقىپ   بىر ئاز مېڭىپ   يولدا  بىر ئۇيغۇر  ئايالنىڭ  يەنە بىر ئۇزۇن چاچ قويىۋالغان ئۇيغۇر  شوپۇرغا  پەرق ئىتەلمىدىمۇ  قانداق  خەنزۇچە گەپ قىلىپ  سېلىپ ئوڭايسىزلىنىپ قالغانلىقىنى كۆردۇق.
     كېيىن   كۈزەتسەم، بۇنداق ئىشلار جەمىئەتتە  دائىم ئۇچرايدىغان  مەسىلە  بولۇپ  قاپتۇ.بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزىمۇ بىزنىڭ بىلىپ  بىلمەي ئاسلىماتسىيە  بولۇپ  كېتىۋاتقانلىقىمىزنىڭ  بىر ئىپادىسىمۇ قانداق  دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.
    خوش، قېرىندىشىم  ئۇنداقتا  سىزمۇ  مۇشۇنداق  ئەھۋالغا ئۇچراپ  باقتىڭىزمۇ؟ سىزگىمۇ بىرەر  ناتۇنۇش ئۇيغۇر قېرىندىشىڭىز  تۇرمۇش، خىزمەت، ۋە سودا - سېتىق ئىشلىرىدا تۇنۇيالماي  خەنزۇچە  گەپ قىلىپ باقتىمۇ، نىمە ئۈچۈن؟شۇ چاغلاردا  ئۈستىبېشىڭىز   ۋە  سىياقىڭىزغا  قاراپ  باقتىڭىزمۇ؟
    بۇ  ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە.

                 مەنبەئە:  ئۈزەمنىڭ  ئۇيغۇر دەپ  سوقىۋاتقان يۈرىكى         


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hekmat-uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-6 03:22 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
lawa0998 + 108 قۇرۇق گەپتىن خالى تىم.
bagu-bostan + 100 ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 208   باھا خاتىرىسى

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5509
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9684 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 04:03:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولغان!! مەن مۇشۇ كەچقۇرۇن تاكسىغا چىققاندا تولا ئۇيغۇر تاكسىچىلارغا ئۇقماي خەنزۇچە سۆزلەپ سالىمەن خەنزۇ ئوخشايدۇ دەپ....   چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن   بەك خىجىل بۇلۇپ كېتىمەن .   نېمىشقىدۇ زەن سىلىپ قارىمايمەن دەپ ..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaisar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-6 04:04 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
joda☠ + 10 ئىككمىز ئوخشاشكەنمىز .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85965
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 494
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 04:06:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسمۇ بۇنداق ئىشلار كۆپ ئۇچىرايدۇ ھازىر . ھەرھالدا ئاۋۇ قىز  نىڭ  تىللاپ كەتمىگىنىگە خوش بولدۇم .ئىشىڭىزنى قىلمامسىز ئاكا دىگەن بولسا گەپ قىلغىنى ئۈچۈن  پۇشايمان قىلىتكەن ئادەم .

[[b]color=Red]بىر كۆز بىر كۆزگە نىمىلەرنى چۈشەندۈرەلەيدۇ بىلمەيمەن ،ئەمما بىر سۆز بىر كۆزنى يىللارچە يىغلىتالايدۇ .بىركۆڭۈلنى يىللارچە ساقلىتالايدۇ...![/color][/b]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87476
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 04:14:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيلىنىشقا تىگىشلىك   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89010
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-12-23
ئاخىرقى: 2013-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 04:15:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە!!
                                ئۇيغۇرۇمنىڭ ئوغلى سەن!ئاتاڭ ،بوۋاڭ مۇسۇلمان،
                                  كىيىم - كىچەك بايرامدا ، غەيرى  دىننى دورىما ،                                 ئۇيغۇر نەسلى بولساڭ گەر ، ئۇيغۇردەك بول ئىمانلىق،
                                 تىلەپ ئالغىن جەننەتنى ، شۇ دوۋزاقنى سورىما !!!

ئۇيغۇرۇمنىڭ ئوغلى سەن!ئاتاڭ ،بوۋاڭ مۇسۇلمان،                                   كىيىم - كىچەك بايرامدا ، غەيرى  دىننى دورىما ، ...

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 950
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8370
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 764 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 04:20:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇرۇن تولا ئۇچىرىغان ئۆزۇم گەپ قىلىپ بوپ ئۆزۇم شۇنداق خىجىل بوپ كەتكەنتىم.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6016
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 04:29:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇنداق ئىشلار ئەتراپتا ھەقىقەتەن كۆپ ، ئەمما مىللىتىمىز ئىچىدە خەنزۇ چىرايراق قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ . بۇنداق قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇچراپ قالساق بىلىپ _ بىلمەي خەنزۇچە سۆزلەپ قالىمىزغۇ دەيمەن . ئەگەردە شۇ خەنزۇ چىرايراق كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز ساپ ئۇيغۇرچە كىيىنسە بەلكى ئۇنداق ئۇقۇشماسلىقلارمۇ كېلىپ چىقمايدۇ مەنچە

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1018
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7538
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 699 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 04:36:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ  مەنمۇ قايسى كۈنى ما كورلىدا بىر پىركازچىك قىزغا خەنزۇچە گەپ قىپ كىتىپ تىمە،سەت چاندۇر ۋەتتى لىكىن .ئۇقىزنىڭ چىرايى كىينىشى خەنزۇغاغىلا ئوخشايدىكەن ،ئىشقىلىپ پەرىقلەندۈرگىلى بولمىغانكىن ئاشۇندا ئۇقىۇشماسلىق بولىدىكەن،مۇشۇ يېشىمغىچە 150يۈئەنلىكتىن يۇقرى باھالىق چاپان كىيىپ باقمىغان،ئاشۇ قىز بالىنىڭ گىپىگە چىدىماي 570كويغا بىر چاپاننى ئېلىۋەتتىم!
بولسا مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بالا بولىىلې مىللىيغا خاس كىيىنسەك، مىلىي خاسلىقنى يوقاتمىساق قېرىنداشلا!

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 913
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 04:36:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن باشقىلارغا دەپ باقمىغان ئەمما باشقىلار ماڭا دېگەن ، ئۆزۈمغو منكوۋخەن ئەمەس يۈرۈش -تۇرشۇممۇ، چىراي تۇرقۇممۇ جايىدا.
بىركۈنى ئاپتۇبوستا قىستاڭچىلىقتا كەينى ئىشىكتە تۇرسام بىر ياشقاچوڭ مومىمىز ‹ راڭ يى شا خەي زا › دەيدۇ ، شۇنداق كەينىمگە قاراپ ‹ھە چۈشەمتىڭىز ، › دەپ يول بەرسەم ‹ ۋوي ئۇيغۇر مىتىڭ بالام ، خەنزۇ مىكىن دەپتىمەن › دەپ چۈشۈپ كەتتىم.
ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ مەنمۇ تېما ئىگىسى ئېيتقاندەك ، بىزدىمۇ ئاسلىماتسىيىنىش كۆرلەۋاتامدۇ نېمە ؟دەپ ئويلاپ قالدىم.

ھەربىريىڭى قەدەم ئالغىنڭدا ، باسقان قەدەملىرىڭ ئۈچۈن پۇشايمان يەيسەن.

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3935
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19711
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 04:37:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلار جىققۇ،بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە تولا ئۇچرايدۇ،ئۆتكەندە بىر سېرىق چاچ يىگىت شۇنداق سوغۇقتا ئاسما مايكا بىلەن تۇرۇپتىكەن،ئاغىينەم  يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ خەنزۇ ئوخشايدۇ دەپ ما ماز چاپان كىيۋالسىچۇ دەپ ساپتۇ،كىم بىلسۇن ئۇيغۇركەن،كىمنى ماز دەۋاتىسەن دەپ  مۇش بىلەن بىرنى قۇيۇپ ئاغىينەمنىڭ قاپىقىنى ئىششىتىپ قۇيۇپتۇ،ئامال قانچە ئاغىينەم سەۋەپسىز ئادەم تىللىغىنى ئۈچۈن تاياقنى يەپ كەچرۈم سوراپ ئاران قۇتۇلۇپتۇ..

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش