مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14699|ئىنكاس: 191

QQ دىكى يارىلانغان سۆيگۈ ( ھېكايە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12530
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8079
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 04:59:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ كۈيلەر سېنىڭ ئۆچۈن


C360_2012-12-30-14-57-33.jpg


   ھېچكىم ھېچكىمنى ئالدىيالمايدۇ ، پەقەت بىز ئۆز - ئۆزىمىزنى ئالدايمىز.. ھەئە، مەن جاراھەتتىن قورقمايدىغان ، مەغلۇبلۇققا باش ئەگمەيدىغان خۇددى سىلەرگە ئوخشاشلا .. ئېتىمنى ھاۋاغا قاراپ چاپتۇرىدىغان ، قۇيۇنغا ئەگىشىدىغان ، شامال بىلەن بەسلىشىدىغان ، جاھانغا پاتمايدىغان بىر بالا ئېدىم! نۇرغۇن قىزلارغا قانىتىنى كەرگەن ، يارىلاندۇرغان ھەم يارىلانغان يارا ئېدىم ؛ شۇ قېتىم مەن ناھايىتى ئېغىر بىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدىم ، دېرىزىدىن قاراپ تۇراتتىم ، مەيدەمنى قار دۆۋىلىرىگە ياقاتتىم ، شۇنچىلىك مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتاتتىمكى .. ئۇنى تۇنجى قېتىم شۇ ۋاقىتتا ئۇچراتقان ئېدىم...


مېنىڭ سۆيگىنىم


( ھېكايە )


ئۇنىڭ ئىسمىنى پەسىل ، قۇشلارنىڭ پەسلى ، ئۇ مېنىڭ سۆيگىنىم .
مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم QQ دا سۆزلەشكەن ۋاقتىمدا ، باشقا ئىشلارنى ئويلىغان ، ئەمما مېنىڭ سۆيگىنىم بولىدۇ دەپ ئويلىمىغان . ئۇنىڭ ئەتلەس كۆينەك كىيىپ چۈشكەن رەسىمىنى ، ئۇ ماڭا بوشلۇقىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئېيتىپ بەرگەن كۈنى كۆردۈم .
_ چىرايلىق قىزكەن ، لېكىن كۆزى سەل ئۆلۈكمۇ قانداق ؟.. ،- بۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تۇنجى تەسىراتىم . كۆزلىرى چوڭ ئېدى ، لېكىن قۇيرىقى قىيىپ قويغاندەك .. سەل قىيغاق .. ھەم ئۇخلاپ قالغاندەك ..ئىشقىلىپ ، مەن ھېچقاچان خاتالىشىپ باقمىغان ، دېمەك ئۇ ئۆلۈك كۆزلۈك قىز ، ھەرگىز خاتا باھا بەرمىدىم ، دەپ ئويلايتتىم ، لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنىمۇ ئۇنىڭ كۆزى .. ھېلىقى كېچە يىغلىغان ئېدى..  مەن ئۇ قەدەر سۈزۈك ھەم چوڭقۇر نۇرلۇق كۆزلەرنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئېدىم ، ئۇنى شەھلا كۆز دېيىش كېرەكمۇ ؟ ياق ، مەن شەھلا كۆزلەرنى كۆرگەن ، ئۇنىڭ كۆزى ھەرگىزمۇ شەھلا كۆزلەرنىڭكىدەك ئۇنداق ئېزىتقۇ ئەمەس .. ئۇ كۆز يوقلا بىر كۆز ئىشقىلىپ ، مەن كۆرگەن ئېدىم..
  كېيىن بىز ناھايىتى يېقىن ، خۇددى ياخشى كۆرۈشكەنلەردەكلا بوپ قالدۇق ؛ ھېچكىم بىز ياخشى كۆرۈشۈپ باقايلى ، دەپ ئېيتىپ باقمىغان ، بۇ ناھايىتى تەبىلا بىر ياخشى كۆرۈشكەنگە ئوخشاپ قالدى . كېيىن بىز پاراڭلاشتۇق ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۆز - ئۆزۈمدىن ناھايىتى نۇمۇس قىلدىم ، قانداق قىلىقسىز گەپلەرنى قىلغانمەن ھە ؟ ۋۇ كىچىك جىن ، ئۇنىڭ ئاۋازى ھەرگىزمۇ 21 ياشقا كىرگەن قىزنىڭ ئاۋازى ئەمەس ! ئەزبىرايى خۇدا ، بەئەينى 11 ياشلىق قىزنىڭ ئاۋازى ئىدى . دەرھال سۆزلىگۈچنى ئۈزىۋەتتىم ، ئىچىمدە ناھايىتى خاپا بولدۇم .
_ ئاكا ، نېمىشقا ئۈزىسەن ؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسەن ؟ نېمىنى خاتا قىلدىم مەن ؟ ،- ئۇ بەكلا خاپا ئېدى ، مەن ئۇنىڭغا ئۇنچىلىك پەرۋا قىپمۇ كەتمەي :
_ شۇمتەك ، ئاكاڭ بىلەن ئويناشقىنىڭما بۇ ؟ ماڭ بېرىپ ئاداشلىرىڭ بىلەن ئوينا ، 21 ياشمىش تېخى شۇمتەك ، تاياق قېپى ..
_ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئالمايدىغان بولساڭ ساڭا جىنىمنى تىكىمەن !
_ نېمەڭنى تىكسەڭمۇ ئالمايمەن شۇمتەك ، ماڭە بېرىپ شار ئوينامسەن ، تاش تەمەك ئوينامسەن ، شۇنى ئوينا!
    ئۇ تولىمۇ غۇرۇرى كۈچلۈك ، نەزىرى يۇقىرى بىر قىز ئېدى ، بەلكىم پۈتۈن ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئۇنى رەت قىلغان ئادەم مەن بولسام كېرەك ، قانچىلىك جېنىغا تەگكىنىنى ئۆزى بىلىدۇ ، بەلكىم ئاچچىقتىن بىر بۇردا بىر بۇردا بوپ كەتكەندۇ ، رەت قىلسام قىلسام ئېلىۋەرگەن ئېدى . ئاخىر بولماي سۆزلىگۈچنى قۇبۇل قىلدىم ، ئۇ ئاچچىقتا بۇغۇلغىنىدىم تىرەن تىرەن نەپەس ئالاتتى :
_ بىلىپ قوي ئاكا ، كىمىڭنى كۆزگە ئىلمايسەن ، مەن يەنە ئۈچ ئايدىن كېيىن 22 ياشقا كىرىمەن ، پالان پانى مەكتەپنىڭ پۇستانى كەسپىدە ئوقۇيمەن دەپ ساڭا دېمىدىمما ؟ سالاھىيەت كېنىشكامنى كۆرەمسەنيا ؟
    ئۇھ ، يۈرىكىمەي .. ئۇنىڭ ئاۋازى بايىقىدىن خېلىلا ياخشى چىقىۋاتاتتى ، ھەر ھالدا 22 ياشلىق قىزنىڭكىگە ئوخشىمىسىمۇ .. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنى دائىمقىدەك ئەركىلەتتىم ، تەسەللى بەردىم . تېلىفون نۇمۇرىنى ئېيتىپ بەرگىلىمۇ نىكەم ، مەن بىرمۇ قېتىم ئۇنىڭغا تېلىفون قىلىپ باققان ، ۋە ياكى ئۆزۈمنىڭ نۇمۇرىنىمۇ دەپ بەرگەنمۇ ئەمەس ئېدىم ، ئۇ مۇشۇ باھانىدە ھەممىنى يىغۇشتۇرۇپ ھارغىچە قاقشىۋالدى.
   بىر كۈنى ئۇ مەخسۇس مەن ئۆچۈن كامىرا سېتىۋالغىنىنى دېدى ، ئۇ بىر نورۇز بايرىمى كۈنى ئېدى ؛ چاچرىلىرىنى قىرىق تال ئۆرىگەن ( ئەمەليەتتە قانچە تال ئۆرىگىنىنى بىلمەيمەن ، بەلكىم يىگىرمە تال ئۆرىگەندۇ ، ھە ئۆزىنىڭ يېشىغا كەلتۈرۈپ 21 تال ئۆرىگەندۇ ، مەيلى قانچە تال ئۆرىسە، ئىشقىلىپ ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا 22 ياشقا كىردى ) ئاپپاق كوپتىسى شۇنچىلىك ياراشقان ، بېشىدا گىلەم دوپپا ، يۈزلىرى سۇس قىزىرىپ تۇرغان ناھايىتى ئوماق بىر قىز ئېدى .
   _ ھى  ھى ھى ھى ، ياخشىمۇ سەن ئوغرى چاشقان ،- ئۇنى  كۆرۈپ سۈيۈنىشىمنى ھەرگىز باسالمىدىم ، - ھەي ، بارمىقىڭنى چىشلىمە ، نېرى ئاپار.. ھەي قىز ، سەن قانچە ياش سەن زادى  ؟ نېمىشقا تىنماي بارمىقىڭنى چىشلەيسەن ؟ ،- ئۇ ھىلىدىن ھېلىغا بارمىقىنى ئېغىزىغا سۇناتتى ، بەلكىم بۇ ئۇنىڭ خىجىل بولغىنىدۇ لېكىن مەن ماڭا ئەركىلىدى دەپ چۈشەندىم . قىلىقلىرى بەئەينى ‹ قىزىل راۋاقتىكى چۈش › تىكى لىن دەييۈنىڭ ئۆزى ئېدى . ماڭا بۇ قىلىقلىرى بەك دىگۈدەك يېقىپ كەتمىدى .. ئىشقىلىپ ، نېمىلا بولسۇن ...ئەسلىدە خۇددى بىر ياۋايى بۆرىدەك ئۇنىڭ نازۇك قامىتىگە كۆزلىرىمنىڭ يېغى ئېقىپ كەتكۈچە قاراي دېگەن ، لېكىن پۈتۈن ئەسۇ يادىمنى ئۇنىڭ كوپتىسىنىڭ تۈگمىلىرى تارتىۋالدى . ئۇنىڭ تۈگمىلىرى ئاپپاق .. ياق ناۋاترەڭدە!جۇلالىنىپ تۇرغان ، خۇددى سەدەپتەكلا .. ياق ، يامغۇر تامچىلىرىغا ئوخشايتتى . گويا قايسى بىر ئۇستا ھۈنەرۋەن يامغۇر تامچىلىرىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭ كوپتىسىغا قاداپ قويغاندەكلا ...
   _ كىيمىڭ نېمانچە ئېسىل ؟
   _ ھە ؟ ،- ئۇ چۈشەنمىگەندەك قىزىرىپ تۇرىۋەردى .
   _ تۈگمەڭنى دەيمەن .. تۈگمەڭ يامغۇر تامچىلىرىغا ئوخشايدىكەن .
ئۇ تۈگمىسىنى ئويناپ ۋىلىقلاپ كۈلىۋەتتى دە ، ماڭا پۈتۈن ئىشقى بىلەن تىكىلدى ...
...
كېيىن بىز رەسمى سىرداشلارغا ئايلاندۇق ، بۇنىڭغا بىر ئايمۇ ۋاقىت كەتمىدى ، مەيلى كەتمىسە ، بىر كۆرۈپ كۆڭلىدە قالىدىغانلارمۇ بولغانغۇ ! ئۇ ماڭا تاكى ئېسىنى بىلگىنىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان جىمى ھاياتىنى ( ئەلۋەتتە قالدى قاتتىلىرىمۇ كۆپتۇ ) سۆزلەپ بولغاندەك قىلدى ، بىز خۇددى تۇنۇشقىلى بىر ئاي ئەمەس ، بەلكى ئېغى يوق ئىشتان كىيىدىغان زامانىمىزدىن تارتىپلا بىللە ئويناپ چوڭ بولغانلارغا بەكرەك ئوخشايتتۇق ، ھەم گۇمانمۇ قىلىشمايتتۇق . بۇرۇن ئۇنى پەقەتلا ياقتۇرمىغان بولساممۇ ، ھازىر ھەقىقەتەن ياقتۇرغان ئېدىم ، ئۇ بولمىسا ئىچىمنى بىر نەرسە تاتىلايتتى . ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىنى ھەرگىزمۇ يەردە قويمىغىيدىم .. دەپ تىلەپ كېتەتتىم . مەن يالغان گەپنى قۇمدەك سۆزلەپ  باققان ، ئەمما ھېچكىمنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويۇپ باقمىغان ...
   ئىچىمدە دائىم ، خۇدا سېنى ماڭا يولۇقتۇرۇپ پاناھىدا ساقلاپتۇ ، باشقا بىرىگە ، ئالدامچىغا ئۇچرىغان بولساڭ قانداقمۇ قىلار ئېدىڭ ؟ .. دەپ خىيال قىلاتتىم دە ئۇنى تېخىمۇ بەكرەك قوغدىشىم ، قەدىرلىشىم ، ئاسرىشىم كېرەكلىكىنى ھىس قىلاتتىم .
   بىر كۈنى قاملاشمىغان ئىش بولدى ، ئۇ توغرا كەلمىگەنلا بىر ۋاقىتتا ‹ دەرسىم بار › دەپ قالدى ، مەن باشتا كۆپ ئويلىمىدىم ، لېكىن بىرى تېلفون قىلىپ باق دىگەندەكلا تېلىفون قىلدىم . ئەتراپى بەكلا قىيا چىيا بولمىسىمۇ ، ئىشقىلىپ تىنچ ئەمەس ئېدى ، دەرھاللا ئىچىمگە جىن كىردى :
   _ سەن دەرستە ئەمەسكەنسەن !
   ئۇ بىر نېمە دەپ ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە يېنىدىن بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :
   _ كىمكەن ؟ ئەكىلىڭە تېلىفوننى ...
   ئۇنىڭغىچە تېلىفون قۇيۇلۇپ كەتتى ، ‹ غۇژژىدە › ئاچچىقىم كەلدى . قارا بۇنى ، مۇشۇ يېشىمدا مۇشۇ ماڭقىغا ئەخمەق بولدۇممۇ ؟!ئۇلاپلا يەنە تېلفون قىلدىم ، ئۇ ئەر يەنىلا يېنىدا .. تۈزۈك گەپلىشە گەپلەشمەي تېلىفون يەنە قويۇلۇپ كەتتى ، شۇ ۋاقىتتا غەزەپلەنگەن شىرنىڭ ئۆزىگە ئايلانغان ئېدىم ، زادى بۇ قىزلارنىڭ ئىچىدە ئوبدىنى يوقمۇ؟!! دەقىقە ئۆتمەيلا ئۇ ئۆزى تېلىفون قايتۇردى ، جان جەھلىم بىلەن ھۆكىرىدىم :
   _  ئاۋۇ يېنىڭدىكى لاتاغىلاپ كىمۇ ؟!
   _ ئاكا .. بۇ ..
   _ بېرە تېلىفوننى !! كىم ئۇ ئىتنىڭ پۇشتى ؟!.. ،_ ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقىمۇ پۇرسەت بەرمەي دىگۈدەك ھاياجانلىناتتىم ، ئازابلىناتتىم ، ئەسەبىلىشەتتىم ..
   _ ۋاي مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم يوقمۇ ! ،- ئۇمۇ جان - جەھلى بىلەن ۋاقىرىدى ،- مەن سىنىپتا ، سىنىپتا قىزلارمۇ ئوغۇللارمۇ بار ئاشۇنداق !!
   _ ساۋاقدىشىڭما ؟ ساۋاقدېشىڭنىڭ ئانىسىنىڭ ھەققى بارمىكەن ساڭا كىمدىن تېلىفون كەلگىنىنى سوراقلاشقا ؟! ۋۇ ئاناڭنى...
   ئېغىزىمدىن زەھەردەك تىللار ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىغان ھامان ئۇ ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە بولدى ، بىر مۇنچە كاسىلداشلاردىن كېيىن :‹ ئايرىلىپ كېتەيلىرا بولدى › ( بۇ ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ) دېگەن گەپنى ناھايىتى ئاسان چىقاردى .
   _ ۋاي ئايرىلساق ئايرىلدۇق ، - تېلفوننى زەردە بىلەن بېسىۋەتتىم . بېسىۋەتتىميۇ ئىچىم ئاچچىق بوپ كەتتى ، قارا، يەنە مەندىن ئۆكتەمغۇ ؟ ياكى ئەزەلدىن مۇشۇنداق قارا يۈز خۇنپەرلەر ئۆكتەم بولامدىغاندۇ ؟ ئاچچىقىم ياناي دېمەيتتى ، ئۇنىڭغا تېلىفون قىلسام بېسىۋېتىۋەردى ، بېسىۋەتكەنسېرى جەھلىم قاتاتتى ، ‹ قارا ، نېمە ھەققى بېسىۋېتىدىغان ؟› .. ئۇ ئاخىرى تېلىفوننى ئالدى :
   _ ۋاي نېمە دەيسەن ؟ ،- نېمە دېيىشىمنى ھەقىقەتەن بىلمەيتتىم ، ئۇ بەكرەك ئۆكتەم ئېدى ، نېمە دېمەكچى بولغىيتىم ؟
   _ ھېچنىمە دېمەكچى ئەمەس ، سېنى تېلىفوننى ئالسۇن دېمەكچى ..
   _ ساڭا دەيدىغان ئارتۇق گېپىم يوق ، گەپنىڭ چىرايلىقىنى بايا قىپ بولدۇم .
   ھى ھى ، شۇنداق قىلىپ مەن تاشلاندىم ، ئەل - مەھەللە بىلسە ( بىلىشىغۇ مۇمكىن ئەمەس ) نېمىدىگەن سەتچىلىك ! ئارافات نۇرى تاشلانسۇن ھە ؟!  ھەي .. قىزلار .. قىزلار نېمانچە شەيتان كېلىدىغاندۇ ؟ كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلايدىغاندۇ ؟ مەن ئۆچۈن ، مېنى خۇش قىلىش ئۆچۈن ھەر ئىشلارنىمۇ قىلىپ بەرگەن قىز ، ئەمدى بىرلا چۆرگىلەپ مېنى تاشلىماقچى .. ئۆزۈمگە بەك ئىشىنىپ كەتتىممۇ قانداق ؟ مېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ خاتا ئويلىۋالدىممۇ قانداق ؟ ياكى مەن ناھايىتى چوڭ بىلگەن ، ئەھمىيەت بەرگەن ، ئۇ مەن ئۆچۈن قىلغان ئاشۇ ئىشلار ئۇنىڭ ئۆچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس بولغىيدىمۇ ... ئۇ ماڭا ئۆزىنى بىرمۇ قېتىم مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان ، ( سۆيۈشۈش ، قۇچاغلىشىش دېگەنلەرغۇ مۇمكىن ئەمەس ) ، كەينىدە ئوغۇللار ئۆچرەت بوپ كەتسىمۇ تېخىچە ھېچكىمگە كۆڭۈل بەرمىگەن قىز دەپ تۇنۇشتۇرغان ئەمەسمىدى ؟ ياق ، تۇنۇشتۇرغانلا ئەمەس ، ئىشەندۈرگەن ئەمەسمىدى ؟! بۇ چىرايلىق ، ئەزەلدىن سۆيۈلۈپ باقمىغان لەۋلىرىنىڭ مەندەك بىر بۇزۇقلارنىڭ غەمگۈزارىغا زايە كېتىدىغىنى ھەققىدە دائىم ۋايسايدىغان ئەمەسمىدى ؟ مەن بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ، ئۆمرىنى ، بارلىقىنى ماڭا بېغىشلىغان قىز مۇشۇ شۇ ئېدى ..
   كاللام مىڭبىر خىياللار ئىچىدە چۆرگىلەيتتى ، شۇ خىياللارغا جاۋاب تېپىش ، مۇنداقچە ئېيتقاندا تاشلىۋېتىلدى دېگەن نۇمۇسلۇق بەتنامدىن قۇتۇلۇش ئۆچۈن .. ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدىم .
   _ ساۋاقدېشىممۇ بەك خىجىل بولدى ئاكا قارا، سۆيگىنىڭىزنى خاپا قىلىپ قويدۇممۇ ئەمدى دەپ ، سەن بىكارلا تىللىۋالدىڭ مېنى .. ،- ئىچىمدە دېمىقىمنى قاقساممۇ زادى چاندۇرتمىدىم .
  نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئۇ گەپنى ئەگىتىپ يۈرۈپ ھەممىنى دېدى :
   _ ئادرىسىڭنى دەپ بەر ئاكا ، نېمىشقا دەپ بەرمەيسەن ؟
   _ نېمىشقا دەپ بېرىمەن ؟ نېمە قىلىسەن ؟
   _ ساڭا خەت يازىمەن .
   _ ۋوي ، تېلىفون تۇرسا ،  QQ تۇرسا ، ساقمۇ سەن قەغەز - قەلەم كىتىرلىتىپ قەغەزگە خەت يېزىپ ؟
   _ مەن قەدىمىلىكنى ياخشى كۆرىمەن ، دە دېگەندىكىن دەپ بەر .
   _ ياق، تولا بەك يازغۇڭ كەپ كەتسە ئېلخەتكە ياز .
   ئۇ بىر مۇنچە مىتىلدىغاندىن كېيىن :
   _ ئەمسە زادى خاپا بولماسلىققا قەسەم قىل .
   _ دىگنە ھە .
   _ ئەسلىدە ..
   _ ۋاي نىمە تىلىڭنى چاينايسەن ؟ يولۋاس يۈرىكىڭ قېنى ؟
   _ ئەسلىدە .. قارا ، ھەممىسى شۇ ياتاقتىكى دەلتى قىزلارنىڭ قىلغان ئىشى ، مەن بىلەن زادىلا مۇناسىۋىتى يوق ، ئۆلگۈرلەر ، تاپىنى قىچىشقاندەك .. ئادەمگە دەللاللىق قىلىپ ..شۇ ..شۇلار تولا كۆزۈمگە كىرۋاپ .. مۇندالا .. يالغاندىن .. مېنىڭ ھاياتىمدا قىلغان ئەڭ چوڭ خاتالىقىم شۇ بالا بىلەن يۈردى دېگەن ئاتاقنى كۆتۈرگىنىم ، ئاكا ، مەن ...
   يۈرسە نېمە بولدى ، يۈرمىسە نېمە بولدى ھە ؟ ھازىر يۈرمىگەن كىم بار ؟ بوپمۇ مېنىڭ سۆيگىنىمدەك چىرايلىق قىزلارنىڭ يۈرمەسلىكى ئەقىلگە سىغامدۇ ؟ لېكىن ئۇ نېمىشقا يالغان ئېيتىدۇ ؟ نېمىشقا سۆيگىنىم بار دېمەيدۇ ؟ نېمىشقا يەنە مېنىمۇ سۆيىدۇ ؟
   _ ئۇ سېنى سۆيگەنمۇ ؟
   _ ھە ؟
   _ دېمەكچىمەن ، ئاغزىنى تېرەڭگە تەگكۈزگەنمۇ ؟
   _ ۋاي نەدىكىنى گەپنى قىلىسەن ئاكا ، مېنى شۇنچە بوش كۆردۈڭمۇ ؟ مەن ئۇنچە ئاسان خەققە ئۆزىنى تۇتقۇزىدىغان قىز ئەمەس...
   ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگۈم كەلمىسىمۇ يەنىلا ئاڭلىدىم ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇنى زادى ياخشى كۆرمەسمىش ، ئەزبىرايى خۇدا ياخشى كۆرمەسمىش ، پەقەت قولىنى تۇتۇپ باققانمىش ، ئۈزۈك سېلىپ قويغۇچە ، تېخى ئۈزۈكمۇ سېلىپ قويغان ، بىر قېتىم سۆيەي دېيىشىگە كاچىتىغا بىرنى يەپ ئىككىنچىلەپ ئۇنداق نىيەتتىمۇ بولمىغانمىش . ناھايىتى مۆمىن بەندىمىش ، شۇڭا مۆمىنلىكىنى دەپ يۈرگەنمىش ...
   مەن كۆپ گەپ قىلمىدىم ، پەقەت ئۇنىڭ ئىككىلىمىز بىلەن تەڭ ئارلىشىش پىكىرىدىن يىرگەندىم :
   _ ئاكا ، ماڭا ئىشەن ، ئۇنىڭ ماڭا قىلچە خەتىرى يوق ، ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشقىلى بىر يىلدىن ئاشتى ، ئۇنى قانداق تاشلىۋېتىمەن ئاكا ؟ بىلىسەن سېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن ، لېكىن ئۇنىمۇ تاشلىۋېتەلمەيمەن ...
   _ مەيلى ، - دېدىم مەن ، ئىپادىسىزلا ، سەن توغرا دەپ قارىساڭ شۇنداق قىل ، لېكىن ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە ماڭا دەپ تۇر ، مەن ئۆزۈم بىلىپ قالماي ، بەك سەتلىۋېتىمەن سېنى بولمىسا ..
   شۇ چاغدا ئۇنىڭ گېپىگە نېمىشقا ماقۇل دىگىنىمنى ھازىرغىچە بىلمەيمەن ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدىغان بىر يېرى بولغاچقا شۇنداق قىلغاندىمەن .
   كېيىن ئۇ ئايرىلىپ كەتتىم  دېدى ، ھەئە ، دېدىم ، لېكىن تورخانىغا بىر نەرسە يوللىغىلى كىرگىنىدە ئۇنىڭ يۈرگىنىنى تۇنجى قېتىم كۆردىم ، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمچىلا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ بېلەكلىرىدىن مەھكەم تۇتىۋېلىپ ، كامىراغا __ توغرىسىنى دېگەندە ماڭا تىكىلدى . ئاندىن كومپىيۇتېرنى بىردەم ئىلەشتۈرۈپ چىقىپ كەتتى .
  _ يوقال ،_ بۇ قېتىم ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدىم ، ماڭا نېمە بولسا راست گەپ قىلسا دەيتتىم، يالغان گەپ قىلغان ئادەمنى ئۆلگۈدەك يامان كۆرەتتىم ! ئۇ قاتتىق جىددىلەشتى ، يىغلايتتى ، يالۋۇراتتى :
   _ جېنىم ئاكا، ماڭا ئىشەن ، ئۇنىڭ كەينىمگە چۈشكىنىنى بىلمەپتىمەن ، مەن راست ئايرىلىپ كەتكەن ، - دەپ ئېسەدەيتتى ، ئۇ يىغلىسىلا ۋە ياكى يىغلاش ئالدىدا بۇرنىنىڭ ئۇچى خۇددى قىزىقچىلارنىڭكىدەك قىپقىزىل قىزىرىپ كېتەتتى ...
   _ نېمىشقا ۋاقىرمايسەن ئىت ؟ نېمىشقا قۇچاغلايدۇ سېنى ؟
   _ قۇچاغلىمىدى ئاكا ، بىلىكىمنى تۇتىۋالدى...
   _ ئوخشاشقۇ ؟! زادى نېمىشقا ؟!
   ئۇ ناھايىتى بىچارىلەرچە يىغلايتتى ، يالۋۇراتتى ، بىر دەمدىن كېيىن ئاچچىقىمنى بېسىۋالدىم . بۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىنىممۇ ياكى نېمە بىلمەيتتىم . پەقەت ئۇنى ناھايىتى كالۋالارچە مېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىدۇ ، مەن ئۆچۈن شۇ ئىشلارنى قىلدى .. دەپلا خىيال قىلاتتىم .
   كېيىن ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈگىدى ئۆتۈپ كەتتى .
   ئۇنى بارغانچە ياخشى كۆرۈشكە باشلىغان ئېدىم ، بارغانچە ياخشى كۆرەتتىم ، ئۇنىڭ  ئۆچۈن جان تىكىپ پۇل تاپاتتىم ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كۈنلەرنى ھەدىيە قىلىمەن  دەپ خىيال قىلاتتىم ، مېنىڭ پۇل تاپمىقىم ئۇنچىۋالا ئاسانمۇ ئەمەس ئېدى ، مەنمۇ ھەممە ئوقۇغۇچىلاردەكلا گاداي ئېدىم . قارا ئىشلارنى ئۇنى دەپ قىلدىم ، ئېھ ، مۇھەببەت دېگەن ھە !؟ كېيىن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمۇ كەپ قالدى ، ناھايىتى تەستە ئۇنىڭغا ئارزۇسىدىكىدەك كۆينەك ئېلىپ كىيىشى ئۆچۈن پۇل تەييارلىيالىدىم ، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خۇشلىقى ئۆچۈن پۈتۈن دۇنيانى بەرسەممۇ رازى ئېدىم ھە ! ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ناھايىتى ياخشى ئۆتۈپ كەتتى ، ئىككىمىز ئىككى يەردە بولساقمۇ ، شۇنداق خۇشال ئۆتكۈزگەن ئىدۇق . سەھەردە ئۇنىڭغا ئېغىز گارمۇنى چېلىپ بەردىم ، ئۇ مەندىن شۇنچىلىك تەسىرلەندى ، بۇنداق تەسىرلىنىشلەر بەك كۆپ ئېدى . بىز جاپا - مۇشەققەتتە بەكلا بىللە ئىدۇق ، ئۇ ھەر قېتىم ماڭا ئەڭ زور مەدەتلەرنى بېرەتتى . كۈيىنەتتى ، بىزنى نامراتلىق بويسۇندۇرالمايتتى ، ئۇنى ئۆزۈم ھەر قانچە جاپا چەكسەممۇ پۇلسىز قويمايتتىم ، ھەتتا  ئاخىرقى قېتىم پۇلسىز قالغىنىمىزدا ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 10 پارچە كىتابنى ئاچىقىپ سېتىۋەتكىنىمدە ، ياش تۆكمىدىم ، ئەمما كۆزۈمدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ قالدى ، شۇنداق بولسىمۇ خۇش ئېدىم .
قەلبىمدە سۆيگۈ بار ئېدى .
   _كاساپەت ، نېمىشقا رەسساملىقتا ئوقىمىدىم ؟نېمىدەپ مۇزىكا كەسپىنى تاللىمىدىم ؟ نېمىشقا تاللىغىنىم ئەدەبىيات ؟ كاسكى رەسساملىقتا ئوقۇغان بولسام ئېغىر ئىشلارنى قىلماس ئېدىم ، كۈندە ئون ئادەمنىڭ تېز سىزمىسىنى سىزىپ بەرسەممۇ 200 سوم كېلەتتى ... كاشكى مۇزىكا چالالىسام .. يا مەن يازغان شېئىرلارنى بازارغا تىزىپ قۇيۇپ ساتقىلى بولسىچۇ ھە ؟! ياكى بىرەرىگە تېز سۈرۈت سىزغاندەك شېر يىزىپ بەرگىلى بولسىچۇ ... ، - دەپ ۋايساپ قۇياتتىم . قاتتىقچىلىق ئادەمگە نېمە دىگۈزمەيدۇ ھە ؟!
   لېكىن ئۇ  شۇ پۇللارغا پويىزدا يىيىش ئۈچۈن قانداق ياخشى يىمەكلىكلەرنى ئالغىنىنى دىگەندە يۈرىكىم ھەقىقەتەن بەختىيارلىققا چۆمۈلگەن ئېدى .
  _ ئاكا پويىزغا چۈشۈپ بولدۇم ، لېكىن توكنى تىجەش ئۆچۈن تاقاپ قۇيۇپ تاقاپ قۇيۇپ ، ھەر ئاچقاندا ساڭا ئۇچۇر قىلىمەن .
   مەن ئۇنچە كالۋالاردىن بولمىساممۇ ، ئۇنىڭغا پۈتۈن نىيىتىم بىلەن ئىشىنەتتىم ، شۇڭا ھېچ ئارتۇقچە ئويلىمايلا ماقۇل قوزام دېدىم ، ئۇنىڭ نەس باسقۇر پويىزى ئۇدا ئۈچ كۈن ماڭدى ، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ئۇچۇرى ياكى تېلىفونى نەچچە پارچىگىمۇ يەتمەيتتى . ئىچىمدە سېسىق تونىللارنى ، خۇدانىڭ قارغىشى تەگكۈر تاغلىق يوللارنى مىڭنى تىللايتتىم .
  _ ئاكا ، مەن كۇچاغا كەلدىم ، يەنە كۆپ ئۆتمەي پويىزدىن چۈشىمىز ،- يۈرەك دېگەن نەرسە ھە .. شۇنچىلىكمۇ تۇيغۇن بولامدۇ ؟ ئۇنىڭ سۆزلىرى بىر خىل يىراق سۆزلەر ئېدى . زادى نېمىشقا شۇنداق بولدى ؟ھېچ بىلمەيتتىم .
   كېيىن ئۇ ئۇدا تېلىفوننى ئالمىدى ، جەھلىم قاتتى ، كېيىن تاقىۋالدى ، يۈرىكىمنى غالجىر ئىتلار تالىدى ، ئۇ ئاچقاندا ئەسەبى ساراڭنىڭ ئۆزى بولغان ئېدىم :
   _ زادى نېمىشقا شۇنداق قىلىسەن دىگىنە ؟
   _ ۋاي مەن ما خەقنىڭ ئۆيىدە ، تولا جىدەل قىلما بولامدۇ ؟ مېنى بەكلا ھارغۇزىۋەتتىڭ ، خوش !
   _ توختا ! گېپىڭنى ئوچۇق قىل !
   _ نېمىنى ئوچۇق قىلىدۇ نېمىنى گۇي ؟
   _ گەپنى ئوچۇق قىلىدۇ گەپنى ! سەن نېمە قىلماقچى ، ئايرىلىپ كېتەيلى بولدى !
   ئۇ زادى تارتىشمايلا ماقۇل دەۋەتسە بولمايتتى ، شۇڭا ئاز تولا قۇشقۇنغا ئولتۇردى ، لېكىن مېنىڭ جەھلىم قاتتىق قاتقان ئېدى ، شۇڭا ئۇنىڭ ماڭا قۇرغان توزىقىغا دەسسەپ ئايرىلىپ كېتىشتە چىڭ تۇردۇم .  ئۇ مېنى تاشلىۋېلتىش ئۈچۈن ئاۋۋال ماڭا ئېغىز ئاچۇرماقچى بولغان ئېدى .
   _ ماقۇل
   _ ئەمسە پۇشايمان قىلما !
   _ قىلىمەن ، سېنى سۆيىمەن ، لېكىن...
   بىز مانا مۇشۇنداق ئەخلەت سۆزلەر بىلەن ئايرىلدۇق ؛
   ئىچىم سىقىلىپ ، ئۇنىڭ QQ سىنى ئاچتىم . بۇرۇنلا بىلەتتىم ، لېكىن ئېچىپ كوچىلاپ يۈرمەيتتىم ، بۈگۈن ھەددىدىن زىيادە سىقىلىپ ئاچتىم . بىر قىزبالىچە باش رەسىم لىپىلداپ خەت كەپ كەتتى ، باشقا ۋاقىت بولسا دەرھال چۈشۈپ كېتەر ۋە ياكى ‹ ئىگىسى ئەمەس › دەپ قويار بولغىيدىم ، لېكىن بۇ قېتىم ئۇنداق قىلغۇم كەلمىدى :
   _ بېرىپ بولدۇڭمۇ ئاچا ؟
   _ ھەئە .
   ئەمدى نېمە دىيىش كېرەك ؟ ئۇنىڭ ئۆزى دائىم بىللە يۈرىدىغان بىر ياداقدىشى بىلەن ئۆز ئارا ئاچا دىيىشىدىنىنى بىلەتتىم ؛ ئۇ بۇ قىزنى ئانچە ياقتۇرمايتتى ، ماڭا سۆزلەپ بەرگەن سۆزلىرىدىن ، بۇ يېشىل كۆزلۈك پانۇس چىراينى مەنمۇ يامان كۆرۈپ قالغان ئېدىم :
   _ ئەمدى ئامال يوق ئاكا ، ياتاقتا ھەممە قىزلار دوست تارتىشىدۇ ، مەنغۇ ھەممىسى بىلەن ياخشى ئۆتۈشكە تىرىشىمەن ، لېكىن شۇنداق قىلماي ئامال يوق ، كاشكى بىلسەڭ ئېدىڭ .. بۇ قىزغۇ يامان ئەمەس ، لىكىن بىرنى قىلسا بىرنى قىلمىساڭ تېرىكىپ ، ھازىرلا چاندۇرىدۇ ، تېخى خەقلەرنى ئۇنى - بۇنى دەپ تىللىغىنى بىلەن ، مۇھەببىتى كەلگەندە ئۆزىمۇ كېچىچە ياتاققا كىرمىدى قارا ... زادى يېشىل كۆزلۈك ئادەملەرغۇ يامان ، ھى ھى
   _ ھى ھى ، بوپتۇ ، ئېھتىيات قىل ، بەك يېقىن ئۆتۈپ كەتمە بىلگەندىكىن .
   _ ۋاي نەدىكىنى ، مەن ئەزەلدىن ھېچكىمگە سىرىمنى دىمەيمەن ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى سىرىنى ماڭا ئېيتىشىدۇ ، چۈنكى خۇتۇنۇڭ بىخەتەرلىك ئىشكابىدەكلا مۇستەھكەم !
بەلكىم بۇ شۇ قىز شۇدۇ ، يا بەلكىم باشقا دوستلىرى بىلەنمۇ شۇنداق دىيىشىدىغاندۇ .. ئەلۋەتتە بۇلار مۇھىم ئەمەس . مۇھىمى بۇ قىزنىڭ ئاغزىنى قانداق ئاچۇرۇش ئېدى ، سەل دىققەت قىلمىسام چاناتتى ..
   _ ئۇف ، قانداق قىلىشىمنى زادى بىلمىدىم ، بېشىم ئەجەب قاتتى ... ،- دېدىم مەن ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن .
   _ نېمىنى دەيسەن ؟
   _ مۆمىنجاننى دەيمەن ، - دېدىم مەن ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقاندەك يۈرىكىم پوكۇلداپ ، دىمىسىمۇ ئوغۇرلۇقتەكلا بىر ئىش قىلىۋاتاتتىم . مۆمىنجان دېگەن ئۇنىڭ يۈرگىنىنىڭ ئىسمى ئېدى ..
   _ ۋوي ، يەنە نېمە بولدى ؟ پويىزغا قول تۇتۇشۇپ خۇشال چۈشۈپ كېتىۋاتقان ئەمەسمىدىڭلار ؟ يەنە ئۇرۇشۇپ قالدىڭلارما ؟
   بېشىمغا چاقماق چۈشكەندەك ، يىلاندەك ، زەھەردەك..ھەممە نېمىدەك تولغىنىپ كەتتىم ، يۈرىكىم ، سۆيگۈم ، ئىشەنچىم ، ھەممە نېمەم پاچاق پاچاق بوپ كەتكەن ئېدى ..كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ ھوشۇمنى يوقۇتۇپ قويايلا دىگەن ئېدىم . نېمىلا بولمىسۇن چىداش كېرەك ئېدى ..
   _ يا.. ياق ، ئۇرۇشۇپ قالمىدۇق ، لېكىن ئا.. ئارافاتنى بىلىسەنغۇ ، شۇ تېلىفون قىلىپ بەك خاپا سېلىۋەتتى .
   _ بوپتۇ ئاچا ، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ، بۇنچىلىك ئىشلارغا كۆڭۈل يېرىم قىلىپ نېمە كەپتۇ  ؟ ئاۋال مەكتەپ پۈتسۇن ، چېكىپ تۇرۇپ بىرىنى تاللايسەندە ..
   ئېھ، قىزلار.. بۇ قىزلار.. نېمىشقا تاۋۇز تېرىمىغان قىزلار؟ نېمىشقا ئەر تاۋۇزلار دومىلاپ چۈشىدىغان تاۋۇز تېرىمىغان ؟ چېكىپ چېكىپ تازا خىللىۋالسا ھە ؟! كومپىيۇتېرنى يۇلۇپ ئېلىپ يەرگە غەزەپ بىلەن ئۇرۇپ شۇنچىلىك قاتتىق ، ھەم ئىچىنىشلىق ھۆكىرىۋەتتىم .



داۋامى بار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-31 10:32 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12530
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8079
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 05:01:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنغا قىستۇرغان سۈرەتنى كىچىكلىتەلمىدىمغۇ ؟باشقۇرغۇچىلار ياردەم قىلغان بولساڭلار..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81658
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 05:29:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنىڭ باشلىمىسى  ئادەنى جەلىپ قىلىدىكەن...

ھەممە ئشلار كۈتكىنىڭدەك چىقىۋەرمەيدۇ

ئۈمـۈدۈم سەنـدە ئى اﷲ~!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72985
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2704
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 05:33:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساخلاپ قويۇپ كەچتە كۆرەي ...

ئۈمــــــــــــــــۈدۈم سەنـــــــــــدە ئى اﷲ~!

ئۈمـۈدۈم سەنـدە ئى اﷲ~!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72985
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2704
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 05:34:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھەممىنى يىزىپ بوپ ماڭا ئۇچۇر قىپ قويامسىز؟؟؟

ئۈمــــــــــــــــۈدۈم سەنـــــــــــدە ئى اﷲ~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81658
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 05:40:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە قاراپ تۇرۇپ ئىككى ئەركەك بىر قىز بىلن مۇھەببەتلەشكەن بارما؟؟؟؟
  توۋا~~~~~~~~~~~~~~

...

ھەممە ئشلار كۈتكىنىڭدەك چىقىۋەرمەيدۇ

.ئانا دەپ100قىتىم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18234
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7070
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 3689 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 05:56:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن .

يامان كۆزدىن خالى دەپتىمەن ، غەپلەت ئۇيقۇ ئەجەپ يامانكەن. تۇمار پۈتۈپ قۇيسامچۇ ساڭا، كۆز تەككەنگە نىمە داۋاكەن.

ئەتە يىڭى بىركۈن باشلىندۇ ،ئەت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1984
يازما سانى: 681
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8753
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 5533 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 06:10:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭمۇ كاللامدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ دىسە بىر قىز نىڭ تەڭلا ئىككى يىگىت بىلەن يۈرۈپ ئۇنىڭمۇ بۇنىڭمۇ خەۋرى بارلىقى  قىنى   ھىكايىڭىزنىڭ داۋامىنى كۆرۈپ باقايلى  !!!

دۇنيادا ئۈچ نەرسىنى تىرىسا ئۆنمەيدۇ، بىرى ئاتا بىرى ئانا بىرى قىرىنداش !
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82600
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4338
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 06:31:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88588
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 06:45:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىچۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش