دىيارىم يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 06:20 PM
ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى قايسى ساھەنى ...
ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى 1470يۈەن قىلىپ بىكىتىشىنى، بەك يۇقىرى دىيىش مۇئاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن.
چۈنكى: مال باھاسى بارغانسىرى ئۆسۆۋاتقان شارائىت ئاستىدا ۋە ھازىرقى ياللىنىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى (ياللىنىپ ئىشلىگۈچىلەرگە ) ئىنىق بىكىتىلمىگەن بولغاچقا، بەزى ھۆكۆمەت ئورونلىرىدا ياللىنىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئۇدا خىزمەت قىلىش ۋاقتى24 سائەتتىن 48 سائەتكىچە بولىدىغان ئەھۋاللار ھەممە ئورگانلاردا ئۇچرايدۇ. دەم ئىلىش ۋاقتى قىسقا ۋە يوقنىڭ ئورنىدا.
ئىشەنمىسىڭىز: ھۆكۆمەت ئورونلىرىدا ياللىنىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىش ئورنىنى، خىزمەت ۋاقتىنى كۈزىتىپ بىقىڭ!
بۇ توردا ئىلان قىلغان ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى:
ھۆكۆمەت ئورونلىرىدىكى ياللانما ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى بولىشى مۇمكىن.
سوراپ باقسام، ھازىر تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى (دوختورخانا ئىچىدىكى ) 1100 يۈەن بىرىۋىتىپتۇ. 1470 يۈەنگە ئۆسسە، ھەر ھالدا يامان ئەمەس.
ئەر - ئايال ھەر ئىككىلىسى ياللانما خىزمەت قىلسا، ھەر ئىيىغا 2940 يۈەن كىرىم قىلىدۇ. يىلىغا 35288 يۈەن كىرىم قىلىدۇ. بۇ كىرىمنى ئۇنچە ئاز دىيىشكە بولمايدۇ. بەزى كىشىلەر بۇ پۇلنىڭ يىرىنىمۇ تاپالمايدىغانلىرى ساماندەك.
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا 360 يۈەن بولغان، بۇلتۇر 760 يۈەن دەۋاتاتتى. ھازىر مال باھاسى ئۆسۆپ كىتىۋاتىدۇ. نىمە دىگەن بىلەن يامان ئەمەس تەڭشەپ بىرىپتۇ.
ئەگەر بۇ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى ھۆكۆمەت بىر تۇتاش پىلانلاپ يولغا قويمىسا، بەزى مەككار رەھبەرلەر، ئورونغا ياللانما خادىم ياللاپ ئىشلەتكەندە (ئامانلىق قوغدىغۇچى، دىجۇرنى ، تازىلىق ئىشچىسى، ۋە باشقا ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغۇچىلار ) ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى بەك تۆۋەن قىلىۋىلىش. (مەسىلەن: 300 يۈەن. 400يۈەن دەپ ) ھادىسلىرى كىلىپ چىقىدۇ- دە، ياللىنىپ ئىشلىگۈچىلەرنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى تەبىئىي ھالدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاچقا، تۇرمۇش مەسىلىسى ئىغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
شۇڭا بۇ ھۆكۆمەتنىڭ ئاشكارا ھالدا ، بىر تۇتاش ئىلان قىلىشى ياخشى بوپتۇ، تولۇق ئەمەلىيلەشسىلا بولدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-29 07:01 PM