نوركا پەلتۇنى بىلەمسىز؟بۇنداق دىسەم بۇ كىشى ساراڭ بوپ قالغان ئوخشايدۇ،ھازىر نوركا پەلتۇنى كىم بىلمەيدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مومكىن.راستىنى ئېيتسام مەن نوركا پەلتۇنى تۆنۈگۈن بىلدىم.
ئىدارىمىزدا بىر ئايال بار ئىدى . تۆنۈگۈن نوركا پەلتۇ كىيىپ كەپتۇ. مەن كۆرۇپ ئانچە دىققەتمۇ قىلماپتىمەن.لېكىن يۇرتۇمدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ ئىدارىمىزدكى بۇ ئايالغا بولغان دىھققىتى مېنى ئويغا سىلىپ، كومپىيۇتىرىمغا ئەل كاتىپ يومشاق دىتالىنى قاچىلاپ، كۇنۇپكا تاختىسىنى بېسىشقا مەجبۇر قىلدى.
چىگش خىياللىرىمنى نەدىن باشلىسام بولار؟ ئاۋال بۇ پەلتۇنىڭ باھاسىدىن باشلاي.تۆنۈگۈن ئۇ ئايال پەلتۇسىنى بۆلۈممۇ-بۆلۈم سازايى قىلىپ ، بىزنىڭ بۆلۈمگە كىرىپتۇ.
-ئۇكام يارشىپتۇمۇ؟ ماكانىم
-نىمۇ؟
-ھەي- خىزمەت دەپلا يۈرگەن ئادەمسزدە، پەلتۇرىم قانداق بوپتۇ.
-تاغىدىكى ئېيققىلا ئوخشاپ قاپسىز.دىدىم مەن چاخچاق قىلىپ.
دىمىسىمۇ قارىماققا ئۇ قوڭۇر ئېيققا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
-ۋايي-يەي سىز بۇنداق نەرسىنى ئەلۋەتتە بىلمەيسىزدە.يىگىرمە ئالتە مىڭ سومغا ئالدىم.
-ھە ، ئاۋازىمنىڭ قانداق چىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەي قاپتىمەن.بۇ ئايال مەندىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئىككى مىڭ يۈەن قەرىز ئالغان ئىدى.ئەمدى بىلدىم بۇ پۇلنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى.
بۇ ئايال ئىدارىمىزدا خىزمەت قابىلىيىتى جەھەتتە ئانچىمۇ كۆزگە چىلىقمايدىغان،ئىشلىرىنى ئاساسەن دىگۈدەك ماڭا قىلغۇزىدىغان،مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەن، كومپىيۇتىر ئاساسى ئاجىز،ئىدارە نەچچە قېتىم تەرىبيەلەپمۇ يېڭى تېخنىكىنى يۇختۇرالمىغان، ئۈنۋاننى ئىلىپلا ئاغىرىپ قالىدىغانلارنىڭ قاتارىدىكى كىشى ئىدى.مۇئاشىغا كەلسەك ، كۆپ ئىشلىگەن كۆپ ئالىدىغان بۈگۈنكى كۈندە ، مەندىن تۆۋەن ئالاتتى.لېكىن مائاشىنى ئايدىن-ئايغا يەتكۈزەلمەيدىغان كىشى يىگىرمە ئالتە مىڭ يۇەن خەجلەپ نوركا ئاپتۇ.مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى،باشقا ئىدارىدىكى بەزى ئاياللار تېلفون ئارقىلىق بۇ نوركا پەلتۇنىڭ باھاسىنى سۈرۈشتە قىلش بولدى. بىردەمدىلا بۇ نوركا قىزىق نوقتىغا ئايلاندى ، پالانىنىڭ سىزنىڭكىدەك ئەمەسكەن ، پوكونىنىڭ رەڭگى مانداقكەن دىگەندەك سۆزلەر ئىدارىمىزنى بىر ئالدى.مىللىتىمز ئاياللىرىنىڭ كۆڭلىدە ئەسلى نوركا مۇنداق ئالى مەرتىۋىگە ئىگە ئىكەن.
بىزنىڭ ئىدارىدە خەنزۇ يولداشلار كۆپ ، ئۇلار بۇ ئايالنىڭ نوركىسىغا كۆز قىرىنىمۇ سالمىدى.مەن بىر خەنزۇ خىزمەتتىشىمنىڭ بۇ ئىشقا بولغان كۆز قارىشىنى بىلىش مەخسىتىدە نوركىنىڭ باھاسىنى دىۋىدىم ،ئۇ بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ你们真有钱 دەپ مەسخىرە ئارلاش كۈلۈپ قويدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن يۇرتىمىزدىكى نوركا ئالغان ئاياللارنى ئۇ ئايالدىن سۇرۇشتە قىلدىم.ئۇ ئايال بىرمۇ-بىر سۆزلەپ ، ئۆزى توپلىغان ئارخىپنى ماڭا تەلتۆكۈس ئېيتىپ بەردى . مەن بۇ ئاياللارنى بىرمۇ-بىر خىيالىمغا كەلتۈردۇم. ئۇيلاپ باقسام ئۇلار ئۇنچىمۇ باي ئەمەسكەن.
بىز نەچچە ئون مىڭ كوي پۇل خەجلەپ نوركا پەلتۇ ئالغۇدەك باي ئەمەسمىز.ھەر قېتىم بالامنىڭ ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا قاتناشقىلى مەكتەپكە بارسام(بالام خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ)،ئۇيغۇر ئاتا – ئانىلارنىڭ يۈرۈش تۇرىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.پۇتلىرىدا خۈرۇم ئۆتۈك،باشلىرىدا قاما قۇلاقچا،يىغىندا كەلگەن خەنزۇ ئاتا-ئانىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ ،لىكىن بالامنىڭ دەپ بېرىشىچە،سىنىپىدا شۇ ئۇيغۇر بالىلارغا سىنىپتا ئېختىسادى ناچار دەپ ئىئانە توپلايدىغان ئىشلارمۇ بار ئىكەن. ئۆزىمىز نوركا كېيىپ بالىمىزنى تىلەمچىلىككە قويۇپتۇق-ئەمدى. بىزدىكى ھەممە ئىشتا يۆلىنىۋالىدىغان،ئىدارىدە ئازىراق پايدا بولسا ۋاستە تاللىماي تالىشىپ ئالىدىغان، ئازىراق جاپا بولسا قاچىدىغان،ئامال بولسا ئىشقا بارمايدىغان، ئۇنۋان(ياكى تەمىنات)ئىلىپلا ئاغىرىۋالىدىغان ،قىممەت باھالىق كېيىمنى نىسىگە ياكى قەرىز ئىلىپ كېيىپ سۆلەتۋازلىق قىلىدىغان ،ئاشنا ئوينايدىغان ئىشلار خۇددى نورمال ئەھۋالدەك ئۇيغۇر جەمىئىتىمىزدە ھۆكمىرانلىق قىلىۋىتىپتۇ. ھازىر ئۇنۋان ئىلىپ ئاغىرىپ قالىدىغان ئۇيغۇرلار شۇنچىلىك كۆپكى،ئۇلارنىڭ دەستىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەمىناتتىن بەھىر ئىلىشىغا شۇنچىلىك يامان تەسىر بېرىۋاتىدۇ.
ئەي ئۇيغۇر ئانىسى،سىز مىللەتنىڭ ئانىسى،سىزدىكى سۆلەتۋازلىق باشقىلارغا تەسىر قىلمىسۇن . پۇلىڭىزنى مۇئارىپغا خەجلەڭ ، ھەسسلەپ قايتۇرىۋالىسىز، پۇلىڭىزنىڭ ساياھەتكە خەجلەڭ ، كۆرۇپ كۆزىڭىز ئىچىلىدۇ،نەزەر دائىرىڭىز كېڭىيىدۇ. سۆلەتۋاز خىنىملارغا كۆز قىرىڭىزنى سالماڭ ، ئۇلار يالغۇزسىرىسۇن . پۇلىڭىزنى پەرزەنىت تەرىبيەسىگە خەجلەڭ، بالىڭىز ئاسپىرات ، دوكتۇر بولسا،شۇنىڭ ئۆزىلا ئەڭ قىممەتلىك نوركا پەلتۇ!