مەرھۇم پەرىدە قاسىم
داڭلىق كىنو ۋە ناخشا چولپىنى پەرىدە قاسىم 1963 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . 1981- يىلدىن 1985 - يىلغىچە بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيسىنىڭ كەسپى ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن . پەرىدە قاسىم ئىلگىرى كېيىن بولۇپ « يۇرتۇمنىڭ كۈيى » ، « دوزاققا سەپەر » ، « ئەللىك سەككىز يېرىم » ، « خاربىندىكى سۇيقەسىت » ، « شىئەندىكى قىرغىنچىلىق » ، « قىزچاق، ئىت ۋە قاچقۇن » ، « ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى » ، « تىنچسىز قۇمباغ » ، « تۇرپانغا مۇھەببەت » ، « چەكسىز مۇھەببەت » ، « مۇھەببەتنىڭ پايانى يوق » ، « مۇھەببەت مەستانىلىرى » ، « سىرلىق لوپنۇر كۆلى » ، « قانلىق دېلونىڭ پاكىتى » ، « نۇرلۇق قەلبلەر » ، « ئۇلار يىراقتىن كەلگەن » ، « پاراشۇت چېچەكلىرى » ، « نۇرلۇق ئابىدىلەر » قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىنو فىلىملىرى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا باش رول ئالغان . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىش جەھەتتىكى تالانتىنى نامايان قىلىپ « تەشنالىق » ، « سۆيىمەن سىنى دۇنيا » ، « ئارزۇ » قاتارلىق لېنتىلىرىنى نەشر قىلغان . ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە باي ئېكران ئوبرازى ، لىرىكىلىق ناخشىلىرى بىلەن سانسىزلىغان قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان بۇ تالانت ئىگىسى 2000- يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قازاقىستاندا قاتناش ھادىسىدە قازا قىلدى .
مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن
ئىقتىدارلىق ناخشىچى مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن 1969ـ يىلى 10ـ ئاينىڭ 4ـ كۈنى تۇغۇلۇپ، 1991ـ يىلى 6ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ گەرچە ئاران 22 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ، ئۆمرىدە 15 يىلدىن ئارتۇق مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە نۇرغۇن ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئۆزى ئىجاد قىلىپ، خەلقىمىزگە سوۋغا قىلغان.
ئۇ 4 يېشىدىن باشلاپ ساز چېلىشنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، ئۈزلۈكسىز مەشىق قىلىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق 7 يېشىدا خوتەن ۋىلايەتلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل خوتەن ۋىلايەتلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئىشلەپ، نۇرغۇنلىغان ئېسىل ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان. ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خوتەن دىيارىنىڭ چوڭ ـ كىچىك مەيدانلىرىدا ئويۇن قويغاندىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت ـ ناھىيەلەردە ھەتتا، بىر قانچە قېتىم خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق سەھنىلەردە ئويۇن قويۇپ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرىشىغا مۇيەسسەر بولغان. شۇنداقلا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە»، «قاپقارادۇ قاشلارىڭ»، «پاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ»، «ئانا»، «ياشلىق كۈيى»، «توي ناخشىسى»، «كەلمىدىڭ»، «تەنھا»، «ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە»... قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق ئېسىل، تاللانغان، شوخ ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئۆزى ئىجاد قىلغان ۋە بىر قانچە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ۋە VCDپلاستىنكىلىرى نەشىر قىلىنغان. شۇنداقلا شۇ نادىر ناخشا ـ مۇزىكىلرىنى سەھنىلەردە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ناخشلىرى 80ـ 90ـ يىللاردا مودا بولۇپ كەلگەن. ھازىرمۇ ئۇنىڭ ناخشلىرى قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق...
ئۇ بىزدىن ناھايىتى تېزلا ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ، ناخشلىرى ھەر ۋاقىت خەلقىمىز بىلەن بىللە!
مەرھۇم مۇرات ناسىروف
مۇرات ناسىروف : 1969-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى قازاقسىتاننىڭ ئالماتا شەھرىدە بىر مۇزىكانـــت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئەسلى ئىسمى ( Murat ismailovoch Nasirov )،باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپنى قازاقسىتاندا ئوقۇغان.ئۇنىڭ ئانىسى غۇلجىدىن،دادىسى ئىسمائىل ئاكا ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ جەڭچىسى بولۇپ،1950-يىللاردا قەشقەردىن قازاقسىتانغا كۆچۈپ كەلگەن.ئىسمائىل ئاكا سەنئەتكار بولۇپ،مۇراتنىڭ ناخشىچى بولۇپ يېتىلىشىدە رولى ۋە تەسىرى ناھايتى چوڭ بۇلغان.
تولۇق تەرجىمالى بۇ ئادرىستا:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-94936-1-1.html
مەرھۇم
نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن