مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6928|ئىنكاس: 50

مۇرات ناسىروفنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39371
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1937 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 04:38:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        
  مۇرات ناسىروف : 1969-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى قازاقسىتاننىڭ ئالماتا شەھرىدە بىر مۇزىكانـــت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئەسلى ئىسمى ( Murat ismailovoch Nasirov )،باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپنى قازاقسىتاندا ئوقۇغان.ئۇنىڭ ئانىسى غۇلجىدىن،دادىسى ئىسمائىل ئاكا ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ جەڭچىسى بولۇپ،1950-يىللاردا قەشقەردىن قازاقسىتانغا كۆچۈپ كەلگەن.ئىسمائىل ئاكا سەنئەتكار بولۇپ،مۇراتنىڭ ناخشىچى بولۇپ يېتىلىشىدە رولى ۋە تەسىرى ناھايتى چوڭ بۇلغان.
               
مۇرات ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن مۇسكىۋاغا بېرىپ  Gnesop مۇزىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن،1996-يىلى  ئۇنىۋېرسىتىتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۇزگەن.1991-يىلى مۇرات ناسىروف قارا دېڭىز بويىدىكى قىرىم يېرىم ئارلىدىكى يالتا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ياشلار مۇزىكا بايرىمىدا مودا مۇزىكا ساھەسى بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ رۇسىيە تەۋەسىدىكى سەنئەتخۇمار ياشلار قەلبىدىن ئۇرۇن ئىلىشقا باشلىغان.
مۇرات ناسىروفنىڭ << مەن دېمەك سەن،سەن دېمەك مەن >>،<< ئايدىڭ كېچە >>،<< مېنىڭ تارىخىم >> قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشىلىرى كىشلەرنىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن.مۇرات ناسىروف ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە << مېنىڭ تارىخىم >>،<< ئويغاتقىن مېنى >>،<< كىمدۇر بىرى ئەپۇ قىلىدۇ >>،<< بۇ ئىشلار مەن بىلەن بۇلمىغان >>،<< قالدىم يالغۇز >> قاتارلىق بەش توپلامنى نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ.ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرى كەڭ بازار تاپقان.90-يىللارنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ ئەڭ داڭ چىقارغان دەۋرى بولۇپ،ئۇنىڭ بىر قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىدە 50 مىڭ ئادەم قاتنىشىشتەك رېكورت يارىتىلغان.
                     
ئۇ ئايالى ناتالىيە خانىم بىلەن 1992-يىلى موسلىۋادىكى گېنىس مۇزىكا ئۇنىۋېرسىتىتدا تونۇشقان ھەمدە بىرگە ئوقۇغان.ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار ئارىسىدا كۈچلۈك مۇھەببەت يالقۇنلاپ.جاپا-مۇشاقەتتە بىرگە بولۇپ،ئوقۇشنى بىرلىكتە پۈتكۈزگەن. ( ھاياتلىق ) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان سۆھبەتتە بايان قىلىنىشچە ناتالىيە بىلەن مۇراتنىڭ توي قىلىشىغا دەسلەپتە مۇراتنىڭ ئالمائاتادا تۇرۇشلۇق ئاتا-ئانىسى قۇشۇلمىغان بۇلسىمۇ لىكىن ئۇلار بىلەن ناتالىيەنىڭ چۇڭقۇر مۇھابىتىنى چۈشىنىپ ئۇلارنى قۇللاش قارارىغا كەلگەن ھەمدە ناتالىيەگە ئىسلام دىنىي ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ قائىدىسى بويىچە مۇراسىم ئۆتكۇزۇش تەكلىپىنى بەرگەن.ناتالىيە بۇنىڭا قۇشۇلغان.ئۇلار ئىسلام يۇسۇندا توي قىلغان.( ناتالىيە كېيىن ئىسلام دىننى قوبۇل قىلغان ) بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ مۇراتنىڭ ئاتا-ئانىسى دىننىي ئېتقادى كۈچلۈك ئادەم بولۇپ.ئۇ ئالمائاتادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نامى بار دىننىي زات ئىدى.ئۇ ئۇغلىنىڭ ئۇيغۇر قىزىغا ئۆيلىنىشنى ئارزۇ قىلاتتى.1996-يىلى مۇرات ناسىروفنىڭ تۇنجى قىزى لىيە،2000-يىلى ئۇغلى ئاكىم تۇغۇلغان.
          sonofuighuri56olo56i56_com_1175143088_179.jpg

            مۇرات ناسىروف دادسى،ئانىسى بىلەن بىللە
ئۇ 1997-يىلى << تامبوۋغا بارماقچى بۇلغان بالا >> ناملىق ناخشىسنى يېزىپ بىر كېچىدىلا داڭلىقلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان،كېيىن مۇرات ناسىرف رۇسىيەلىك داڭلىق ناخشا چولپىنى ئاپىنا بىلەن بىللە << ئايدىڭ كېچە >> دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىكى ئۇرۇننى يەنە بىر مەرتەم يۇقۇرى كۆتۈرگەن.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ داۋاملىق موسكىۋادا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆز كۈچى ۋە تالانتىغا تاينىپ 300 مىليـون نۇپۇسلۇق مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە تەۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردە يۇقىرى شان-شۇھرەتكە ئىگە سەنئەتكارغا ئايلانغان.
موسكىۋادا نەشىر قىلىندىغان داڭلىق << نۇر >> ژورنىلىدا ئۇ تۇغۇرلۇق << زامانىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۇيغۇر سەنئەتكار >> دېگەن بىر پارچە ماقالە ئىلان قىلىنغان. ( ئۇلۇغلۇق ئاللاغا خاستۈر ).
ئۇنىڭ مۇزىكىسى بولسا ئىنتايىن رىتىملىق،ئاۋازى شۇنچىلىك يىقىملىق،ياڭراق،مۇلايىم كىشلەرگە بىر خىل راھەت بىغىشلايدۇ.مۇرات ناسىروف قەلبىمىزدە يېگانە ئوبرازى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىستېداتى ۋە تالانتىنى نامايەن قىلىپ كېلۋاتقان بىر ھۆرمەت ئىگىسى،پەخىرلىك ئۇغلانىمىز ئىدى.
مۇرات ناسىروف 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇشتۇمتۇت ئۇلۇغۋار ئارزۇ-پىلانلىرىنى ئۈمىدسىز قالدۇرۇپ بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى.37 ياشلىق مۇرات ناسىروفنىڭ ۋاپاتى پەقەت ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغىلا قايغۇ ئېلىپ كەلمەستىن،بەلكىم ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ۋە ئۇنىڭ تالانتىغا قايىل بولغان سانسىزلىغان ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ قايغۇسى ۋە ئېچىنىشىنى قۇزغىدى.
مۇرات ناسىروف ھەقىقەتەن قازاقسىتان،قىرغىزسىتان،ئۆزبېكسىتان،ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ پەخىرلىندىغان،ئەڭ قەدىرلەيدىغان تالانت ئىگىسى بولۇپ قالغانتى.




ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

Aytugh بۇ ئىنكاسنى 21-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

مەن ئۇلارغا ھېسدشلىق قىلمايمەن،بەلكىم ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئېچىنمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83322
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 06:37:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ...    ئامىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81380
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4275
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 06:44:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى ياشكەنتۇق بۇ بايقۇش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86595
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2186
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 06:48:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  «تەڭرىتاغ ئىكرانى» ژۇرنىلىنىڭ 2012.يىللىق 2.سانىدا «مۇرات ناسىرۇفنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى»توغرىسدا تەپسىلى بايانلار بار. تېما ئىگىسىگە رەھمەت، ياخشى تېما يوللاپسىز!

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتىلىك بىلەن،    يۇرۇق كۈن تۇغۇلغاي قارا كېچىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39371
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1937 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 06:58:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى با :  يىزىپ بۇلغىچە ئىشخانغا يۇلداش كىلىپ قىلىپ يۇللىنىپ كېتىپ قالدى.داۋامىنى ھازىر يۇللايمەن.

مەن ئۇلارغا ھېسدشلىق قىلمايمەن،بەلكىم ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئېچىنمەن !

تىرىشقىن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4812
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6496 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 07:02:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2012yadikar يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 06:44 PM
تېخى ياشكەنتۇق بۇ بايقۇش

قېرىندىشىم، سىزنىڭ مۇرات ناسىروفقا بولغان تونۇشىڭىز ئازمۇ قانداق؟ چاقچاق قىلدىڭىزمۇ؟نىمە ئۈچۇن ئۇنى بايقۇش دەپ قالدىڭىز؟

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.
jessurane بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 07:05:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7695
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 07:21:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  باشقىلارنىڭ  قەست قىلىشى بىلەن  بۇ دۇنيادىن كەتكەن   دەپ بىر يەردە كۆرگەندەك قىلغان.
ياتقان يېرى جەننەتتە  بولغاي!

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39371
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1937 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 07:31:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tulpar118i56olo56i56_com_120447373123.jpg
cd8be7540cefc756d009063c.jpg
داۋامى ؛   658088495550663769.jpg

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا مۇرات ناسىروفنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۆرلۈك كۆز قاراشلار ئىزچىل تۈردە ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ھەققىدە تېخى ھازىرغىچە ئېنىق يەكۈن يوق.بۇنىڭ بەلكى بىر سىر بولۇپ قېلىشى ئېھتىماللىقى زور.ھادىسە يۈز بەرگەن كۈنى موسكىۋا شەھەرلىك تېببىي مەسىللەرنى تەكشۇرۇشكە مۇناسىۋەتلىك بىر ئۇرۇن مۇراتنىڭ قېنىدىن ئىسپىرىت ماددىلىرى ۋە زەھەرلىك چىكىملىك ماددىلىرى تېپىلمىغانلىقىنى ئېلام قىلدى.نەتىجىدە ساقچىلارنىڭ مۇراتنىڭ،زەھەرلىك چىكىملىك ۋە ھاراقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى.دېگەن يەكۈنى ناتۇغرا بولۇپ چىقتى.بۇ زادى قانداق ئۆلۈم ؟ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە يۈز بەرگەن ئۆز ئەجىلىدە ئۆلۈشىمۇ ياكى باشقا بىر يۇشۇرۇن كۈچ تەرپىدىن پەيدا قىلىنغان ئۆلۈممۇ ؟ بۇ تېخىچە نەمالۇم سىر.مۇرات ناسىروف بىلەن باغلىنىشى بۇلغان بىر شىركەت  مۇرات ناسىروفنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرنى يىپ ئۈچى بىلەن تەمىنلىگەنلەگە 1 مىليۈن ياۋرو بىردىغانلىقىنى ئاشكارلىغان.
بەزىلەر ئۇنى قەسىتكە ئۇچىردى دېسە بەزىلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى،دېيىشتى.يەنە بەزىلەر ئۇ چۈشكۈنلۈك سەۋەبىدىن ھاراقنى كۆپ زىيادە كۆپ ئىچىۋالدىغان ئادەتنى يېتىلدۇرۋالغان،دېگەندەك سۆز-چۆچەكلەرنى قىلىشتى.

ئۆز ئىجادىيەتلىرىدە تىنىمسىز ھالدا ئۇيغۇرنىڭ ھىدىنى،رۇھىنى ئىزدەۋاتقان بىر روھ،بىر تالانـــت ئىگىسى ئەنە شۇنداق ھاياتقا سۇئال،سۇئالغا جاۋاپ تاپالماي ھەسىرەت ۋە ئارمان ئىچىدە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.ئۇ كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا داللىرىدىكى قەيسەر،قەھرىمان،ۋە مەدىنيەتلىك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى ئۆرۇپ ئادىتى بۇيۇنچە دەپنە قىلىندى.بىز ئۇنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز.ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تېنىچ-ئامانلىق،گۆدەك باللىرىغا گۈزەل كەلگۇسى تىلەيمىز.ئۇ كەتتى لېكىن ئۇنىڭ ۋەتەن،مىللەت دېگەن سادالىرى ۋەتەن بىلەن بىللە كەتتى.لېكىن ئۇنىڭ ئۈزۈلمەس ناخشىلىرى سىز بىز بىلەن بىللە.
مەنبە : تەڭرىتاغ ئىكرانى ژورنىلى دىن ئىلىندى.
   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   riallik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-26 07:37 PM  


مەن ئۇلارغا ھېسدشلىق قىلمايمەن،بەلكىم ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئېچىنمەن !

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 07:36:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.jpg
2.jpg
3.jpg
4.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-27 11:30 AM  


4.jpg
3.jpg
2.jpg
1.jpg
خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش