مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qaraxani

‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نى زىغىرلاش... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89341
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-12-30
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:04:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىم جاپا تارتپسىز

شۇكىرى اللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61185
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3182
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 05:31:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاتراق تۇلغا ئامراق، پارىخور پۇلغا(ئامراق).

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72820
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-1-9
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 10:01:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتوللاھى ۋە بەراكەتۇھو:
مەن بۈگۈن ‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى›› ناملىق 2 قىسىم كىتابنى سۈيۈنۈش ئىلكىدە سېتىۋالدىم؛  مىنىڭچە، ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى بولسا، ئەڭ يۈكسەك ئىلىم (توغرا ئېتىقاد)گەمۇشەررەپ بولغان،ئەقىللىق،تىرىشچان،ئاق كۆڭۈل،سەمىمىي،راستچىل... ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدا يەكۈنلىگەن ھايات ھەقىقەتلىرىنى قىسقا،ئىخچام،ھەممەيلەن چۈشىنەلەيدىغان ئاددى شەكىلدە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا‹‹بىزدىن ۋە بىزنىڭ ھاياتىمىزدىن‹ئوبدان› ئىبرەت ئالسۇن...›› دەپ سىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك ‹‹ھايات ھەقىقەتلىرى››دۇر. بۇ ‹‹ھايات ھەقىقەتلىرى›› نى  ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئوخشىمىغان ماكان ۋە ئوخشىمىغان زامانلاردا ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگۈچىلىكىگە يارىشا پايدىلىنىپ كەلدى، مۇشۇ جەرياندا ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ياشاپ ئۆتكەن قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا يەكۈنلىگەن ‹‹ھايات ھەقىقەتلىرى››نى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ‹‹ھايات ھەقىقەتلىرى›› بىلەن بىرلىكتە كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ۋە ئۆز تۇرمۇشىغا تەدبىقلىۋېلىشىنى ئۆمىد قىلىپ قالدۇرغان... ئەجداتلىرىمىز بۇ ماقال - تەمسىلدىن ئىبارەت ‹‹ ھايات ھەقىقەتلىرى››نى ھەرگىزمۇ ‹‹-ماقال-تەمسىللەرنىڭ كەڭ تارقىلىش جەريانىدىكى بەزىبىر كەمتۈكلۈكلەرنى دەپ قېرىنداشلار  ئارا بىر -بىرىڭلارنى چىشلىشىپ،غاجىشىڭلار!››دەپ قالدۇرغان ئەمەس...
مىنىڭچە، ماقال -تەمسىللەر  ھەرگىزمۇ بىرسى بۇنداق دېسە،بىرسى قوپۇپ ئۇنداق ئەمەس مۇنداق دەپ دەتالاش قىلىدىغان، پىتنىخورلار ياخشى كۆرۈپ پىتنە-ئېغۋا تارقىتىشقا ئىشلىتىدىغان سۆز-جۈملىلەر ئەمەس،بەلكى، ھەر ئادەم ئۆزىدىكى ئېتىقاد ۋە ئەخلاققا يارىشا ،ئۆزىدىكى بىلىم ۋە ساپاغا يارىشا ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ قانداق ئادەملىكىگە لايىق رەۋىشتە ئىبرەت ئېلىپ،ئۆز ھاياتىغا تەدبىقلايدىغان قىممەتلىك كۆرسەتمىلەر.
   قاراپ باقسام كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىم خېلى كۆپ بەس -مۇنازىرە قىلىپ،خېلى كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىپتۇ؛ بىزدە ‹‹ۋاقتىڭ كەتتى،بەختىڭ كەتتى›› ،‹‹ۋاقىت-ئاتقان ئوق›› ،‹‹ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت››... دىگەندەك دۇردانىلەر بار... خوش، مۇشۇ ۋاقىتتا،باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئىزدەپ،ئۆزىمۇ بىئارا م بولىدىغان،باشقىلارنىمۇ خاپا قىلىدىغان ،  يەنە كېلىپ،ئاممىۋى جامائەت سورۇنىدا (تور مۇھىتى)دا ئەيىۋىنى ئاچىدىغان بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ،ھاياتىمىزنى خۇرىتىشىمىزگە ئەرزىمدۇ؟
باشقىلارنىڭ ئەيىۋىنى ئىزدىگەنلىك،باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغانلىق شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ گۆشىنى يىگەنلىكتىن ئىبارەت سەت ئىش تۇرسا !بۇ قىممەتلىك مىراس ئۇيغۇر خەلق ماقال -تەمسىلىرى توپلىمىنى پىلانلىغانلار، تەستىقلىغانلار،باستۇرغانلار شۇنداقلا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ھەممەيلەنگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتساق،ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتساق توغرا بولىدۇ،ئەلۋەتتە.
ئاخىرىدا، مۇشۇنداق ئىسىل ئىشلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىن كەمتۈكلۈك ۋە خاتالىق ئىزدەيدىغان ئىچى قوتۇر كىشىلەرگە دەپ قويايچۇ - ‹‹سىزنىڭچە، تاپقان خاتالىقلىرىڭىز ۋە پىتنە -ئېغۋالىرىڭىز سەۋەبلىك بۇ كىتاپنى قايتا باسمىسۇنمۇ؟يە !››
بۇ زېمىندا توغرىلىق ۋە خاتالىق،ياخشىلىق ۋە يامانلىق،تولۇقلۇق ۋە كەمتۈكلۈك،ئېگىزلىك ۋە پەسلىك، ئىسسىق ۋە سوغاق،ئاچچىق ۋە تاتلىق، دوستلۇق ۋە دۈشمەنلىك...... يەنە تۈمەنلىگەن جۈپلۇقلار مەۋجۇت،چۈنكى،ھەر شەيىئى جۈپ يارىتىلغان !!!!
ئادەم قانداق بولسا شۇنداق نەرسىلەرنى ئاسان بايقايدۇ ،سىزنىڭ قەلبىڭىز خاتا بولسا خاتالىقنى ئاسان شۇنداقلا ھەمىشە بايقىۋالىسىز... قەلبىڭىز توغرا بولسا توغرىلىقنى ئاسان شۇنداقلا ھەمىشە بايقىۋالىسىز...
خوش،ئەمدى كىتاپنى ئوقۇپ بېقىڭ.
تورىلىقنى كۆپرەك بايقىدىڭىزمۇ ياكى خاتالىقنىمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89414
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-1-1
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:01:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا گەپ جۇمۇ.......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89521
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-1-3
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:35:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس يېزىشتە مىسرانىمدىكىلەرگە ھەرگىزمۇ يېتىشەلمەيدىغان ئوخشايمەن جۇمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73342
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3137
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-1-17
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 05:26:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز...ئاللا رەخمەت كىلسۇن سىزگە.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4843
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 641 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 05:42:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SALAM9 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-4 10:01 PM
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتوللاھى ۋە بەراكەتۇھو:
مەن  ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
تەكەللۇپ بىلەن قىلغان سالامىڭىزنى جاۋاپسىز قالدۇرۇشقا كۆڭلۈم يول قويمىدى،ئادەمنىڭ چوڭىدىن قورقما توڭىدىن قورق دەپ،نەسىھەت-تەربىيەت ئارىلاشقان گېپىڭىزنىڭ ئىچىدە ئاز-تولا زەردىمۇ يوق ئەمەسكەن،تىلنىڭ سۆڭىكى بولمىغان بىلەن ئۇنى ئاڭلايدىغان ئادەمنىڭ يۈرىكى بولىدۇ،مەن پۈتۈن گەپلىرىڭىزگە سۈكۈت قىلسام ئورۇنلۇق گەپ قىلغان ئوخشايمەن دەپ قالسىڭىز بولمايدۇ،مېنىڭ پىكرىمدە <<ئالتۇن>>نى <<زەرگەر>>سوقسا بوپتىكەن،ياكى ئۆزىنى زەرگەر ھېساپلىغان ئاقىل <<زەرگەر>>دەك ئىش قىلسا بوپتىكەن ،دىگەننىمۇ تەكىتلەش .بىراق سىز ئۇنى <<غەيۋەت شىكايەت>><<ئىچى قوتۇرلۇق>><<پىتنە-ئىغۋا>>غا ياتقۇزۇپ مېنىڭ ئالدىمنى توسۇپ قويۇپسىز،گېپىڭىزنىڭ زەھىرى شېكىرىنى بېسىپ كېتىپتۇ،قارىماققا مۆمىننىڭ مۆمىنگە  كۆيۈنۈپ قىلغان گېپىدەك تۇيغۇ بەرسىمۇ گەپنىڭ ئەستىرىدە كىشىنى بىئارام قىلىدىغان تىكەن بار ئىكەن،سىز سېتىۋېلىپ ئالەمچە خوشال بولغان ئىككى قىسىم كىتاپنى سېتىۋالغاندا مەنمۇ سىزدەك خوشال بولغان،مەن ئۇنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن سىزدەك پەخىرلىنىش ھېسسىياتىدا بولمىدىم، چۈنكى ئۇنىڭدا قىسمەن سەۋەنلىك بار بولغانلىغى ئۈچۈن ،ئۇنداقتا ئاشۇ كىچىككىنە سەۋەنلىكنى نىمە ئۈچۈن زىغىرلاپ يۈردۈم،چۈنكى:

      بىرىنچىدىن ئۇ بىزدە تۈزۈلگەن تۇنجى قامۇسقا كىرگۈزۈلگەنلىگى، 30پارچە كىتاپنىڭ بىرى بولغانلىغى ئۇچۈن ،ئىككىنچىدىن ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەقىل-پاراسەت جەۋھىرى بولغانلىغى ئۈچۈن،ئۇچىنچىدىن ئەسلىدە بار بولغان  تەييار نەرسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ روياپقا چىقىشىغا سەل قارالغانلىغى ئۈچۈن....ئۈچىنچىدىن توپلامنى تۈزۈشتە پايدىلىنىلغان نەقىل مەنبەلەر ئەسكەرتىپ ئۆتۈلمىگەنلىگى ئۈچۈن....يېزىشنى قاملاشتۇرالمىسا ئۇنىڭ يولى باشقا ،كۆچۈرۈشنى قاملاشتۇرالمىسا بۇنىڭغا سالاۋات قىلىشقا بولمايدۇ،مەن دەل مىللەتنىڭ مەنىۋى مىراسىغا قىلىنغان ۋارىسلىقنىڭ سان-سۈپەت قوغلاشمىغان سەمىمىيەتسىزلىكىگە <<ئىچى قوتۇرلۇق>>قىلىشقا رازى ،ئەمما پىتنە-پاسات قىلىشقا ،غەيۋەت قىلىشقا رازى ئەمەس،يوقنى بار قىلمىدىم،بارنى تېخىمۇ يوغان قىلمىدىم ياكى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمىدىم،شۇنداقلا بۇ توپلامنىڭ خاتالىقىنى، توغرىىلىقنىڭ ئۇستىگە دەسسىتىشكە ئۇرۇنمىدىم،ھەم ئۇنى ئاشۇ سەۋەنلىكى ئۈچۈن قايتا باسمىسۇن دىمىدىم ،بۇنداق خاتالىق قايتا تەكرارلانمىسۇن دىگەننى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولدۇم،بۇ بىر ئۇلۇغ ئەمگەك ،ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرۈپ  <<يامان>> تەرىپىگە كۆز يۇمۇۋالىدىغان نەرسە ئەمەس.مەنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇ بايلىقى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن .مېنىڭ سەۋەنلىكنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى كۆرمەسكە سالىدىغان كەڭ قورساقلىقىم بۇنداق ئىلمى ئەمگەك ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72820
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-1-9
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 06:38:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم:
ھۆرمەتلىك قاراخان ، سىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداش ۋە سۆيۈش شۇنداقلا ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش نىيىتىڭىزگە كۆز تەگمىگەي،ئامىن.
بىراق، يازمىڭىزدا كىشى ئىسىملىرىنى ئوچۇق تىلغا ئېلىپ، مەلۇم كىشىلىرىمىزنىڭ يۈز ئابرويى بىلەن چاخچاقلاشقانلىقىڭىز ئانچە مۇۋاپىق بولمىغاندەك ھىس قىلدىم.چۈنكى غەيۋەت قىلىش ئارقىلىق ياخشىلىقنى بەرپا قىلغىلى بولماس...
خالىسىڭىز مۇنۇ ھەدىسنى بىللە تەپەككۇر قىلايلى: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە:‹‹غەيۋەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟››،دېۋىدى.ئۇلار:‹‹ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ››،دېدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹‹قېرىندىشىڭ ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى تىلغا ئېلىشىڭ››،دېۋىدى:‹‹مېنىڭ دېگەنلىرىم قېرىندىشىمدا ھەقىقەتەن تېپىلسىچۇ؟››،دېيىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:‹‹بار نەرسىنى دېسەڭ غەيۋەت قىلغان بولىسەن.ئەگەر ئۇنىڭدا يوق نەرسىنى دېسەڭ بوھتان قىلغان بولىسەن››، دېدى. _ بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.(ياخشىلار باغچىسى 2005-يىل 9-ئاي 1-نەشرى،2007-يىل 3-ئاي 2-بېسىلىشى 646-بەت 1523-ھەدىس)
سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز راست.
لېكىن،سىز يازمىڭىزدا ئىسىم فامىلىسىنى ئوچۇق تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن شەخسلەرنىڭ ھەممىسى،يازمىڭىزنى كۆرگەندە كۆڭلى شاد -خورام بولغانمىدۇ ،ياكى ئوڭايسىزلانغانمىدۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توپلانمىنى تۈزۈپ چىققان قېرىنداشلىرىمىز ئۆز خاتالىقىدىن ياكى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن نوقتىلارنىڭ تور دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە يامرىغانلىقىدىن قانچە يۈزى چىمىلدىغاندۇ؟
مۇتلەق خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك، لېكىن خاتالىق سادىر قىلغان ئادەم ئۆز سەۋەنلىكىنىڭ كەڭ جامائەتچىلىك ئالدىدا ئاشكارە بولۇپ قېلىشىدىن قانچە نۇمۇس قىلىدۇ،ھە؟
سىز توغرىنى دېدىڭىز، بىراق كىشى ئىسىملىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، مەلۇم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە زەرەر يەتكۈزدىڭىز.
سىز :‹‹مېنىڭ سەۋەنلىكنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى كۆرمەسكە سالىدىغان كەڭ قورساقلىقىم بۇنداق ئىلمى ئەمگەك ئالدىدا ھېچنىمىگەئەرزىمەيدۇ.›› دەپسىز.
مەن دەيمەنكى، كىشىنىڭ نام - شەرىپى ھۆرمەتلىكتۇر ،لېكىن ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق رەۋىشتە مەيدانغا تارتىپ چىقساق بولىدۇ.
ئاخىردا ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق،كۈنلىرىڭىزگە شاد -خۇراملىق،ھاياتىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 356
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 01:36:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېگەنلىرىڭىزمۇ ئورۇنلۇقكەن ...ئۇ ماقال-تەمسىللەرنىڭ بەزى يەرلىرى ھەقىقەتەن خاتا بولۇپ قاپتۇ.

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38457
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 01:10:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغاي سىز

ئانىلارغا شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ :«قىز تۇغماڭلار،شەرمى ھايا تۇغۇڭلار،ئوغۇل تۇغماڭلار،غورۇر جاسارەت تۇغۇڭلار »
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش