مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4008|ئىنكاس: 67

‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نى زىغىرلاش... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2077
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 12:29:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نى زىغىرلاش...

قاراخان

                باتۇر مېھنەتكەش ،ئەقىل پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گىرە-گىرە ئوي پىكىرلىرىنى ئۆزىگە سىغدۈرۈپ كېتەلىگەن خەلق ماقال-تەمسىللىرى <<ئۇ دۇنيادا جەننەت بولسا، بۇ دۈنيادا ھېكمەت>> بار دىگۈچىلەرنىڭ دەستەك دەستۇرى ،ئىستەك ئۇچۇرى .ئۇنى تىلىمىزنىڭ قامۇسى،دىلىمىزنىڭ ۋەسىقىسى، يولىمىزنىڭ بەلگىسى دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.ئۇنىڭ قىممىتىگە ،ھىممىتىگە ئەستايىدىل باقماق ۋە ئۇنىڭغا بەقابىل ۋارىسلىق قىلماق دۈنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزىنى ئاسراش ،ساقلاشتىنمۇ مۇھىم بولسا كېرەك.
            نۆۋەتتە بىرقىسىم تىلشۇناس،ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى،تەتقىقاتچىلىرى<<ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى>>توغرسىدا،<<بۇزۇلغان ماقال-تەمسىللەر >>توغرىسىدا ئوبزور -ماقالىللىرىنى ، <<قايتا ئويلۇنۇش >> پىكىرلىرىنى ،يالغۇز ۋە بىرلىشىپ تۈزگەن ،تەرجىمە  قىلغان ماقال-تەمسىللەر توپلىمىنىى روياپقا چىقىرىپ بۇ ساھەدىكى ۋىجدانى مەسۇلىيىتىنى نامايەن قىلدى.ئەمما كاننىڭ بىخەتەرلىكى،كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سان-سۈپىتى مۇھىم بولغىنىدەك بىزنىڭ تىل كانىمىز ھەم ئۇنىڭدىن چىققان تېرمىن،ۋارىئيانت،ئىدىئىوم،تۇراقلىق بىرىكمە <<مەھسۇلات>>لىرىمىزنىڭ  سان،سۈپىتىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.يېقىندىن بېرى ھەرقايسى تور بەتلىرىدە<<دوستلار ماقال-تەمسىل ئېيتىشىپ باقامدۇق>> ياكى<<باش ھەرپ بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر >>ياكى <<داۋاملاشتۇرىدىغان ماقال-تەمسىللەر>>دىگەندەك قىزغىنلىق بىلەن يوللانغان <<تاغدىن ئىگىز،دېڭىزدىن تېرەن،يەردىن قېلىن>>ئوي -پىكىرلىك ماقال -تەمسىللەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۇرۇپتۇق.1980يىللاردا شائىر ،تىلشۇناس مۇھەممەت رېھىم تۈزگەن<<ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى >>ۋە كېيىن تۈزۈلگەن <<قوش تىللىق>> ماقال-تەمسىللەر توپلىمى نەشىر قىلىنىش بىلەن ھازىرقى ئېزىز ۋە ئابلەت ئابدۇقادىر ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان <<ماقال-تەمسىللەر>>گە شەرھى، شۇنداقلا  ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۇزگەن <<ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى>>گە ئۇلاشتۇق.
      نەتىجىدە ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى بارا-بارا تاكامۇللىشىپ <<ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى>>غا دائىر 30 كىتاپنىڭ بىر تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندى ،بۇ جەھەتتە ئاتاقلىق نەسىرشۇناس ئەخمەت ئىمىن ۋە يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەبەي قاتارلىقلار <<ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى>>نىڭ مۇكەممەل دەپ قارالغان نۇسخسىنى پىلانلاپ  <<قامۇس>>قا كىرگۈزدى، ھەم ئايرىم ئىككى قىسىملىق كىتاپچە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى.مەزكۇر كىتاپتىكى ماقال-تەمسىللەرنى يەرلىك شىۋە،تىل قائىدە ، ئادەت- پەرھىزلىرى،ئۆرۈپ-ئادەت يوسۇنلىرى،مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىگى ، مەنتىق -لوگىكا،شەكىل-قۇرۇلما، مەنا-ھېكمەت، پەلسەپىۋى قىممەت،قاپىيە،ۋەزىن،ھەم ماقال ،ھەم تەمسىل ھەم ماقال-تەمسىللىك بەدئى خۇسۇسىيەت، رولىنى جارى قىلدۇرغان ھالەتتە بىزگە سۈنۈلدى دىيىشكە رايىم بارمىدى.مەن بۇ خىل شەرەپلىك ئەمگەكنىڭ سەمەرىسىنى كۆرۈپ ماكسىم گوركىنىڭ<<بىر مىللەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىى ئۇنىڭ ماقال-تەمسىللىرىدىن بىلگىلى بولىدۇ>>دىگەن گېپىنىڭ قەدرىگە يەتكەندەك بولغان بولساممۇ  بىزنىڭ ئەقىل -پارسىتىمىزنىڭ بۇ  توپلامدا ‹.تالقان تۆكتى›› سەۋىيىسىگە يېتەلمىگنلىكىدىن ئىچىم سىقىلدى.1958-يىللاردا دراماتورگ زۇنۇن قادىر بىلەن مۇھەممەت رېھىم ئاكىنىڭ بۇ ساھەدە بىللە ئىزدىنىشى ۋە 1979-يىللاردا بۇ خىزمەتنىڭ قايتا ئىشلىنىشى بۈگۈنكى <<قامۇس>>قا كىرگۈزۈلگەن ماقال تەمسىللىرىمىز ئۈچۈن چوڭ ئاساس بولغانلىغىمۇ بۇ توپلامنىڭ نۇقسانسىز كەم كۇتىسىز ۋۇجۇتقا كېلىشىگە ئوزۇق بولالمىغانلىغىدىن تېخىمۇ ئەپسۇسلاندىم .،چۈنكى بۇ ماقال تەمسىللەرنىڭ  ماددى -مەنىۋى شارائىتى يېتەرلىك،نەقىل،مەنبەلىرى تولۇق ئەھۋالدا  ئۇنى پىلانلاپ روياپقا چىقارغانلارنىڭ قىسمەن سەۋەنلىكلىرىنى  توپلامدا چېلىقتۇرۇپ ئۇنى تورداشلارنىڭ كۆزدىن كۆچۈرۈپ بېقىشىغا سۈنغۇم كەلدى،چۈنكى ماقال-تەمسىللەرنى توپلاش،رەتلەش،قېزىش ،ئىجات قىلىش،نەشىرگە بېرىش ،ئەستايىدىل ۋارىسلىق قىلىش پەقەت ئاشۇ بىرنەچچە نەپەر چېچى ئاقارغان ئۇستاز ياكى قابىل يېتەكچىلەرنىڭ ئورۇنداشقا تېگىشلىك  ۋەزىپىسى بولماستىن ھەر بىرىمىزنىڭ روھى بۇرچى ئەلۋەتتە.
بۇ توپلام 1980يىللاردا قىسقا ،مېغىزلىق تىلى بىلەن بىر رومان سىققۇدەك مەزمۇننى يورۇتۇپ بېرەلىگەن ‹‹غىلاپسىز خەنجەر››نىڭ مۇئەللىپى ئابدۇراخمان ئەبەي ، ‹‹قەلب سادالىرى››،‹‹باھار تىنىقى ›› قاتارلىق نادىر نەسىرلەرنىڭ ئاپتورى ۋە داڭلىق تەرجىمان ئەخمەت ئىمىن ئاكىلارنىڭ پىلانلىشى <<ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى>>تەھرىر ھەيئەتلىرىنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن 2006-يىلى <<شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى >>تەرىپىدىن ئىككى قىسىم قىلىپ نەشىر قىلىنغان. مەن بۇ كىتاپنىڭ ئەرەپچە ‹.مۇكەممەل لۇغەت›› دەپ قارىلىدىغان ‹‹قامۇس››كىرگۈزۈلۈگەنلىكىگە  ئانچە قايىل بولۇپ كەتمىدىم ،چۈنكى بۇنداق قامۇسنىڭ نەشىر قىلىنىش پۇرسىتى بولىۋەرمەيدۇ، بۇنداق تەستە قولغا كەلگەن پۇرسەتكە ئانچە مۇكەممەل بولمىغان  توپلامنىڭ سەپلىنىشى مېنى تېخىمۇ ئىزتىراپقا سالدى .ماڭا خۇددى بۇ كىتاپنى ئىككى ئالىم پىلانلاپ قويۇپلا ئۆزلىرى قول سالماي باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپلا  ئىشنى تۈگەتكەندەك بىلىندى .تۆۋەندە مەن ئىككى قىسىمدىكى بىر قىسىم <<تاپ>>قا چۈشمەي قالغان ياكى ئەسلى ئېلان قىلىنغان ماقال-تەمسىللەرنىڭ ۋەزنىگە يېتەلمىگەن ئاز بىر قىسىم ماقال تەمسىللەرنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن.

‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نىڭ 1-،2-قىسمىدا مەن چېلىققان پۈچەك مەسىللەر  تۆۋەندىكىچە:  
1).<<تاغ كۆركى -تاش،
ئەل كۆركى -ياش>>-           1-قىسىم ، 12-بەتكە قارالسۇن.

      بۇ يەردىكى تاغ بىلەن ئەل ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا باغلىنىش يوق بولۇش بىلەن بىرگە ،پىكىر ئاددى، كالتە ھالەتتە دىيىلگەندەك تۇيغۇدا بولدۇم،مېنىڭچە  تاغ بىلەن ئەر (يەككە شەخس) ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك باغلىنىش بار ،مەسىلەن <<ئۆزۈڭنى تاغ چاغلىساڭ ،ئۆزگىنى شىر چاغلا >>دىگەندەك. شۇڭا بۇ ماقال-تەمسىل بۇرۇن ئېلان قىلىنغان <<تاغ زىننىتى -قورام تاش ،ئادەم زىننىتى ئۈستىۋاش>> دىگەن ۋارىئيانتنى ساقلاپ قالسا ئۈنۈمى  پەرقلىق  بولاتتى.
2).<<جايى يوقنىڭ جېنى يوق >>  1-قىسىم 13-بەت
     <<بىر قاغىنىڭ كېلىشى بىلەن قىش بولماس>>1-قىسىم 90-بەت
‹‹ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار ،›› 1-قىسىم 110-بەت

بۇ ماقالنىڭ تەڭ بۆلۈگى چۈشۈپ قالغان،سۆزمۇ ئۇزىراپ كەتكەن  ،بۇخىلدىكى ماقال-تەمسىللەرنى بىر يەرگە جەملەش،پارلاشتۇرۇش،بىر گەۋدە قىلىشقا مۈمكىن بولسىمۇ ،ئۇنىڭغىمۇ سەل قارالغان بولغاچقا كىتاپخان سەل بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ،ئۇنىڭ ئەسلىدىكى تولۇق نۇسخىسى مۇنداق:
<<ئۆيى يوقنىڭ جېنى يوق ،
ئىككى كۆزىنىڭ خۇنى يوق>>....
<<بىر قاغا كەلمەك بىلەن ،قىش بولماس،
بىر بۇلبۇل كەلمەك بىلەن باھار بولماس >>
ياكى<< بىر گۈل ئېچىلماق بىلەن باھار بولماس>>...
ھەر ئىشتىن قول ئۈزمەكنىڭ مەلۇم پەيتى بار››....

3).<<بايغا بولسا كۈندە بايرام كۈندە توي،1-قىسىم29-بەت
        كەمبەغەلگە كۈندە ئەلەم ،كۈندە ئوي>>
دىگەن ماقال -تەمسىلدىكى <<باي>><<كەمبەغەل>>سۆزى ئاچ قاپىيە شەكلىگە كېلەتتى ،بۇنىڭغىمۇ ئەقلى كۈچ سەرپ قىلىشقا سەل قارالغان.
مەسىلەن:
<<غېنىلەرگە كۈندە مەشرەپ ،كۈندە توي،
<<غېرىپلەرگە كۈندە قايغۇ ،كۈندە ئوي>>
دىيىلسە ئەستە تۇتۇش ۋە ئېغىزدا ئىپادىلەشكە يېقىن بولاتتى...

4>.<<دۈشمەن نىمە دىمەيدۇ ،
چۈشكە نىمە كىرمەيدۇ>> 1-قىسىم 39-بەت
بۇ ماقال -تەمسىل <<دۈشمەن نىمە دىمەيدۇ،
ئىت نىمە يىمەيدۇ>>
دەپ  ئېلىنسا يۇقۇرقىدىن ياخشى ئۈنۈمى بولاتتى.

5>.<<ئۆلۈك يولۋاستىن تىرىك چاشقان يامان >> 1-قىسىم 54-بەت
     بۇ تەمسىل <<ئۆلۈك ئاسلان (مۈشۈك)دىن تىرىك چاشقان يامان >>
دىيىلسە تېخىمۇ رىئال ۋە كۆڭۈلگە يېقىن بولاتتى .چۈنكى بىز مۈشۈك بىلەن چاشقاننى كۈندە دىگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمىز ،يولۋاسنى باغچىلاردا(تېلىۋىزوردا) كۆرۈپ قالمىساق ئادەتتە كۆرمەيمىز.يەنە مەسىلەن <<زامان تۈزەلمىسە ،يامان تۈزەلمەس >> دىگەن ماقال  <<جاھان تۈزەلمىسە ،يامان تۈزەلمەس>>دەپ ئۆزگەرتىپ ئېلىنىپ گەپكە ئوخشاپ قالغان.

6>. ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان تىل ئاۋارىچىلىقىغا بەزى ماقال-تەمسىللەر <<قۇربان>>لىق بەرگەن،مەسىلەن:
<<سارنىڭ مەقسىدى چۆجە يىمەكتە ئەمەس،چۇكۇلداتماقتا>>،
‹‹سېرىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس›› ،
‹‹ ياغاچنى تاشقا تاڭغىلى بولماس››
قاراپ باقايلى بۇ يەردە تىلغا زور دەرىجىدە جاپا سېلىنغان 1-قىسىم 69-بەت
ئۇنىڭ ئەسلى قىسقا ،ئىخچام ،يېقىشلىق ۋارىئانتى مۇنداق ئىدى:
<<سار چۆجىنىڭ چۇكۇلدىغىنىغا خوش>> ،
‹‹پاقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس››  .....
‹‹تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولماس ››
دىسەك ئۇقۇم دائىرىسى تارىيىپ پىكىر ئەركىن ئىپادە تاپاتتى ئەمەسمۇ؟

7>.بەزى ماقال-تەمسىللەر،ئالمىشىپ قالغان ، بۇزۇلغان ،مەسىلەن <<دۆلەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا،سۈمرۇغ كېلەر  ئېگىلىپ قېشىغا>> يەنە‹‹ئاۋۋال ئۆزۈڭگە باق ،ئاندىن ناغراڭنى قاق ››،‹‹خورىكى بارنىڭ مۇنىكى بار››،‹‹كەڭ تون توزۇماس››، 2-قىسىم 341-بەتتىمۇ بار ،1-قىسىم 77-بەت ،117-بەت، 2-قىسىم 124-بەت .بۇنىڭ يەڭگىل ھەم مۇناسىپ ۋارئانتى:
<<ئامەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا،
سۇمرۇغ كېلەر كۈندە ئۇنىڭ قېشىغا>>....
‹‹ئاۋۋال ئۆزۈڭگە باق،
ئاندىن غاڭزاڭنى قاق››،
‹‹كەڭ تون يىرتىلماس››،
‹‹خۇدۇكى بارنىڭ مۇنىكى بار›› دىيىش كېرەك .
ئەگەر بۇنى خورىكى بارنىڭ دىسەك ئۇ ھالدا بىر قىسىم خورىكى بار ئەرلەرنىڭ ‹‹مۇنۇكى›› بار بنولامدۇ؟ ، بۇ يەردە ناغرىنى ‹‹قاق››دىمەيمىز ‹‹چال›› دەيمىز ،بەلكىم بۇ ئىملا جەھەتتىكى خاتالىق بولسا كېرەك.

8>.<<ئەتمەك تەس،بۇزماق ئاسان>> مانا بۇ ماقال-تەمسىل ئۆزىنىڭ شېئىرى(قوشاق) شەكلىدىن يىتىم قالدۇرۇلغان ،1-قىسىم 89-بەت
ئۇنىڭ ئەسلىسى:
<<بۇزماق ئاسان،تۈزمەك تەس،
كۈلمەك ئاسان،ئۆلمەك تەس>>.

9> بەزى ماقال-تەمسىللەر قۇرۇق گەپتەكلا بايان قىلىنىپ بىر پۈتۈن توپلامغا نۇقسان يەتكۈزۈشكە تاس قالغان مەسىلەن:
<<تاش كىچىك بولسىمۇ،مىڭ ياڭاقنى چاقار>> ‹‹ئاشىق بولماق ئاسان،ئايرىلماق تەس››.2-قىسىم 161-بەت..بۇنى كىممۇ ماقال-تەمسىل ئورنىدا ئىشلىتىشى مۈمكىن ؟
ئەسلى <<بىر مىشكاپ ياڭاقنى ياڭاقچىلىك تاش چاقار>> ،‹‹ئاشىقلىق ئاسان ،جۇدالىق تەس ›،دىسە خوپ بولاتتى ...

10› ماقال-تەمسىللەرنىڭ تەكرارلىنىپ قېلىش ھادىسسى بىر ئەمەس بىرنەچچە قېتىم كۈرۈلۈشمۇ ئۇنىڭ ئەستايىدىل قاراپ چىقىلمىغانلىغىنىى ياكى ئۇنىڭ ‹‹قامۇس››تەركىۋىگە كىرگۈزۈش  شەرتىگە تولۇق ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.مەسىلەن
‹‹ئاپتاپنىڭ چىقىشىغا باق ،
سۇنىڭ ئېقىشىغا باق››....    74-بەت
‹‹راھمان بەرسە شەيتان قىزغىنىپتۇ›› 286-بەت
‹‹ئادەمنىڭ ھەققىنى يەر قايتۇرار››
يەنە 2-قىسىم 262-بەت ۋە 2-قىسىم 305بەتتە، 2-قىسىم2-بەت ۋە 2-قىسىم 286-بەت 2-قىسىم 288-بەتتە تەكرار يېزىلىپ قالغان .بۇ ئاپتورلارنىڭ سەۋەنلىكىمۇ  ياكى تەھررىرلەرنىڭ بىخەستەلىكىمۇ ؟
11› داۋاملاشتۇرۇشقا ،ئىجات قىلىشقا، تولۇقلاپ قويۇشقا ياكى ماسلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ماقال-تەمسىللەر ئازراق ئىش قوشۇپ قويۇشتىن مەھرۇم قالغان .مەسىلەن ‹‹ھەسەل ئالغان قاچىنىڭ يۇقى بار››،‹‹ئالدىغا بار،كەينىگە يوق،
ئاتلىققا بار پىيادىگە يوق›› ،‹‹ئايغىر تارتسا،بايتال تارتماس›› ،‹‹ئىككى ياخشى ئوتتۇرىسىدا قىل ئۈزۈلمەس››،‹‹ئەقىل بىلەن ئەدەپ بىر تۇغقان››209‹‹قوغۇن ئىچىدىن سېسىيدۇ››353-بەت،-بەت،1-قىسىم165-بەت، 1-قىسىم 136-بەت.213-بەت.
دىگەنگە ‹‹ياغ ئالغان قاپاقنىڭ دۇغى بار ››،‹‹چاققانغا بار ،گالۋاڭغا يوق››،‹.ئىچ ئات تارتسا،يانداق تارتماپتۇ››،‹‹تۆمۈر زەنجىرنى ئۈزەر ئىككى بىلمەس››،‹‹تازىلىق بىلەن تەقۋالىق بىر تۇغقان››،‹‹بېلىق بېشىدىن سېسىيدۇ››دەپ قوشۇپ قويۇلسا ماقال-تەمسىلنىڭ  ئەقىل ۋە بىلىم بېرىش  مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ ئاشاتتى....
12›. خوش ياقمىغان ياكى ئېرەن قىلمىغان، بىپەرۋا ھالەتتە يېزىلىپ قالغان ماقال-تەمسىللەرگە تېخىمۇ سۈكۈت قىلىش قىيىن.مەسىلەن:
‹‹بىلىم-ئاچچىق يىلتىزدىن ئۆسكەن مىۋە››.
‹‹بىلىملىك ئويلاپ سۆزلەر ،بىلىمسىز قايناپ سۆزلەر››151 ،
‹‹ قۇم يىغىلىپ تاش بولماس،بىلىمسىز كىشى باش بولماس››،
‹‹كېسەلنىڭ سانجىقى يامان،ئىتنىڭ قانجۇقى يامان››،
‹‹دوزاخقا ئۈگەنگەن جەننەتكە كۆنەلمەس››،

<<دېھقانچىلىق-چىلىق-چىلىق،
بەزىدە قۇرغاقچىلىق>> 2-قىسىم  294-بەت

2-قىسىم 175-بەت
206-بەت-بەت،145-بەت ،مانا بۇلار بىر قوپال ئېيتىلغان گەپ ياكى خەۋەر جۇملىنىڭ ياۋىسىغا ئوخشاپ قاپتۇ؟ بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك؟
بىز ئەسلى نۇسخىسىغا قاراپ باقايلى
‹‹بىلىم-ئاچچىق يىلتىزدىن يېتىلگەن تاتلىق مىۋە ››،
‹‹ئەقىللىق تېپىپ سۆزلەر،نادان كۆپۈپ سۆزلەر››،
‹‹قۇم يىغىلىپ تاش بولماس،قۇل يىغىلىپ باش بولماس ››،
‹‹كېسەلنىڭ يامىنى سانجىق، ئىتنىڭ يامىنى قانجىق ››
‹‹دوزاخقا كۆنگەن كۆڭۈل بېھىشكە كۆنەلمەپتۇ››

<<دېھقانچىلىق-چىلىق-چىلىق ،بولمىسا غېرىپچىلىق >>  دەپ ئېلىنىشى  كېرەككۇ؟ چۈنكى بىلىمسىز كىشى باش بولىدىغان زامان كۆز ئالدىمىزدا تۇرسا بۇنداق خاتا گەپنى قىلىپ ئۇلارنى ئاقلىماقچىمۇ بىز؟بۇنداق سۆزلەپ نىمە كەپتۇ  تىلىمىزغا؟ فرانىس بېكونمۇ<<مىللەتنىڭ ئۇلۇغلۇغى،ئەقلى،روھىيىتى ماقاللاردىن بىلىنىدۇ>>دىگەن . بۇ توپلامنى مۇشۇ ھېكمەتنىڭ سالمىقى بويىچە  دەڭسەپ كۆرۈشكە مېنىڭ ياكى توپلامنىڭ سالاھىيىتى توشىدىغان توشمايدىغانلىغىنى  ئويلۇنۇپ قالدىم.بەلكىم مېنىڭمۇ بەزى ماقال-تەمسىللەرنى ھەزىم قىلىشتا ئاجىز كەلگەن تەرەپلىرىم باردۇر ،لېكىن بۇ توپلامدا ھەقىقەتەن مەسىلە يوق دىيەلمەيمەن.
      گەرچە بۇ توپلامغا  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ (بۆشۈكتىن چۈشۈپ تۆشۈككە كىرگۈچە ئۈگەن2-قىسىم 208-بەت جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا،جەننەت قىلىچنىڭ سايىسىدا....يىتىمنىڭ كۆڭلى خۇدانىڭ جايى... )،ئەۋلادمۇ -ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق ماقال -تەمسىللىرىنىڭ ‹‹ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى ماقال-تەمسىللەر›› نىڭ ‹‹دىۋان لۇغەت تۈرك››تىكى ماقال -تەمسىللەرنىڭ تەركىپلىرى كىرگۈزۈلگەن ،شۈنداقلا مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئەلىشىر ناۋايى
،لۇتپۇللا مۇتەللىپ،بوغدا ئابدۇللا ،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىقلارنىڭمۇ بىرقىسىم شېئىرى مىسرالىرى ،پىكىرلىرى ،ئۈزۈندىللىرى كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ يۇقۇرقىدەك پۈچەك ئامىللارغا يول قويۇلۇپ بىزنىڭ شەخسەن مېنىڭ بەلگىلىك  ئانا تىل رىشتىمغا ئۈمۈدسىزلىك  ئېلىپ كەلدى.
بۇلاردىن باشقا چۈشۈپ قالغان ماقال تەمسىللەر ،ئۆزبەك ،قازاق ،ئەزەربەيجان،رۇس،خەنزۇ خەلق ماقال-تەمسىللىرىگە ئوخشۇشۇپ قالغان ماقال تەمسىللەرمۇ ئۇچرايدۇ.
     ‹‹مۇز داۋان ئىگىز بولسىمۇ ئاسماندىن پەس››دىگەننى ‹‹ئات ئىگەردىن پەس ئەمەس›› دەپ،‹‹كىشىنىڭ ‹‹ھە-ھۇ››سىدىن ئۆزۈڭنىڭ بىر غەيرىتى ئەلا دىگەن گەپنى ‹‹كىشىدىن مەدەت تىلىگىچە ،ئۆزۈڭ بىر غەيرەت قىل ››دەپ كەسكىن ئېيتىشقا،‹‹ساختىپەزدىن قوغۇن ئالساڭ،ئۇرۇقى ساق چىقماس››دىگەندىن كۆرە‹‹ساختىپەزدىن تۇخۇم ئالساڭ ئىچىدىن سېرىقى چىقماس››دىسەك ئەتراپىمىزد تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە تۇخۇم ساتىدىغانلارنىڭ سىماىسى دەرھال كۆز ئالدىمىزغا زاھىر بولىدۇ.‹‹قول بەرگەنگە يول بەر›› دىگەننى ‹‹يول قويغانغا قول قوي ››دىسىمۇ‹‹يىقىلساڭ زوردىن يىقىل ››2-قىسىم96-بەتتىكىنى ‹‹يىقىلساڭ تۆگىدىن يىقىل ››دەپ،‹‹قارىغۇنىڭ چاپاق ئادىشى بار ››2-قىسىم 177-بەت بۇنى ‹‹قارىغۇنىڭ جىتتاق ئاشنىسى بار›› دەپ ‹‹ئىنەك قاپاق سۈزمىسە،بۇقا ئارغامچا ئۇزمەس››2-قىسىم193-بەت ئەمەس‹‹ئىنەك قاپاق سۈزمىسە بۇقا مۆرىمەس››دەپ ئالسا بولاتتى بۇنداق چالىلىق ۋە نا ئۇستۇلۇق كۆرۈلگەن ماقال-تەمسىللەر زىغىرلاپ كەلسە بىرەر يۈزچە چىقىپ قېلىشى مۈمكىن. بۇ ئىككى قىسىم كىتاپنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئەخمەت ئىمىن ئاكا ئانا تىلدا ‹‹قىلىچنى قىنىدىن ،يىلاننى ئىنىدىن ››چىقىرالايدىغان كارامەت تىل ئۇستىسى،تىل پەرۋىشكارى ئابدۇراھمان ئەبەي ئاكىمۇ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى يولباشچىمىز ئىدى ،ئۇلارنىڭ بۇ ئەمگىگى ۋە ئۇنىڭ ئەبەدىلىك قامۇسقا كىرگۈزىلىشى ‹‹ئاقنى قارا،يۈرەكنى يارا ››قىلىش بىلەن بىرگە ،ماڭا ‹‹سۆزدە كەتكۇزگەننىڭ ئەمەلىيەتتە يۈزىنى كەتكۈزگەن ››بىلەن باراۋەر بولىشىدەك ئاچچىق رىئاللىققا سۈكۈت قىلىشىمنىڭ مەن تاللاشقا تېگىشلىك يول ئەمەسلىكىدىن بىشارەت بەردى.

پايدىلانمىلار؛
1.ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ ‹‹ئەدىپ ۋە پەزىلەت›› ....
2.مۇھەممەت رېھىمنىڭ ‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››....
3.ئالىم قادىر قاتارلىقلار تۈزگەن ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە ‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال -تەمسىللەر توپلىمى..
4.توردا ئۇچراتقان بىرقىسىم يازمىلار....
5.ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ ‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››ناملىق كىتاۋى....

قوشۇمچە :
ئۆزۈم ئىجات قىلغان ماقال-تەمسىللەرنى ئاخىرىغا يوللاپ قويدۇم.
<<تائام ماي بىلەن ئوخشار،
تام لاي بىلەن توختار>>،

<<خۇيى يامان ئۆت بولۇر،
خۇلقى يامان كۆت بولۇر>>،

<<بار بولسا قامدايسەن،
يوق بولسا چامدايسەن>>،

<<مەلئۈنلار مەڭزىدە ئەڭلىك،
قۇللارغا بولماسكەن تەڭلىك>>،
.............

داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ...






2012-يىلى 25-كۆنەك.



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xahnur + 10 www.Huxal.com
tohtihan1 + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 310   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85123
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 336
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2013-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 01:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق . ماقال-تەمسىللەر ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ، ئۇنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ۋە كىينكىلەرگە توغرا يەتكۈزۈش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 01:24:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئاق بولسۇن، تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2077
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 01:30:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
salman888 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 01:24 PM
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئاق بولسۇن، تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن.

سىزنى قايتا ئۇچراتقىنىمدىن ئالەمچە خوشال بولدۇم سىز بوزقىر ئاشىقى ،سالمان 888غۇ دەيمەن،سىزگىمۇ ئەزگۈلۈك يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86595
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 01:34:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   قاراخان، ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن، ياخشى بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلۇنۇشقا دەۋەت قىلىپسىز،رەھمەت، ماقال-تەمسىللەر ئەجداتلىرىمىز ئەقىل پاراسىتنىڭ جەۋھىرى، ئۇنى كىيىنكىلەرگە ساپ يەتكۈزۈش بىزنىڭ مەجبۇرىيتىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 01:38:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 01:30 PM
سىزنى قايتا ئۇچراتقىنىمدىن ئالەمچە خوشال بولدۇم سىز  ...

‹‹ئاشىقىمنى تاپالماي،ۋەسلىگە يا يىتەلمەي ›› مۇشۇنداق يۇرىمىزغۇ تاڭ..ئانىسىنى تاپالمىغان قوزىدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2077
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 01:47:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
salman888 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 01:38 PM
‹‹ئاشىقىمنى تاپالماي،ۋەسلىگە يا يىتەلمەي ›› مۇشۇندا ...

چەك تاماكاڭنى خۇمارىڭ  ئۆرلىگەن تۇتقاندا چەك ،
چەك بۇرادەرلەر  مېنىڭدىن بىر خەۋەر ئۇققاندا چەك ،
سايرىسا كۆكلەمدە كاككۇك سەن ئۇنىڭ زوقى بىلەن،
ئەگىسەڭ ئۈركۈپ سېنىڭدىن نەگىدۇر ئۇچقاندا چەك،
بوۋىلار ئېيتۇر تاماكا دەردى بارنىڭ دوستى دەپ ،
دەردى بارلارنى ئۆزۈڭدەك ئىزلىبان تاپقاندا چەك،
ئانىسىز قالغان يىتىملار زارىگە ئەينەن مىسال،
قوزىلار قاپتالدا مەرەپ ھەر تامان چاپقاندا چەك.
كۈندە كۈتسەڭ كەلمىسەم تۈنلەر ئەلەمدە ئۆتكۈسى،
قايسى كۈن كىرسەم چۈشۈڭگە شۇندا تاڭ ئاتقاندا چەك!

......................مۇھەممەتجان راشىدىن‹‹كاككۇك گۈلى››دىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86756
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 485
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 01:51:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز.....ھارمىغايسىز قېرىندىشىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 02:09:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 01:47 PM
چەك تاماكاڭنى خۇمارىڭ  ئۆرلىگەن تۇتقاندا چەك ،
چەك بۇ ...

خەۋەر كۇتۇپ ھەركۇنى،
خىيال سۇرۇپ تۇرىمەن.
كونا دوستىن ئايرىلىپ،
پىغان چىكىپ يۈرىمەن.

ھەممە يەرنىڭ ئوت سۇيى،
پەرىقلىككەن خاقانىم.
باشقا يەردىن سۈ ئىچسەڭ،
قانمايدىكەن يۇرەگىم.

ھەممىسىگە يەرلەشتىم،
ئالدى ئۇلار قوينىغا.
يايلاپ تاقلاپ ئوينىغان،
بوزقىر دالانى سىغىندىم.

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1230
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 530 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 02:25:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي مىسرانىمدىكىلەر ئىنكاسنىمۇ قوشاق بىلەن يېزىۋىتىدىغان بوپ كېتىپتىغۇ . .

كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم ، سۇ بولايمۇ يىلتىز مۇ  !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش